tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 11:01:52

قۇۋۋەتلەر ھەققىدە


بەشىنچى باب قۇۋۋەتلەر ھەققىدە

بۇ باب ئۈچ پەسىلگە بۆلۈنىدۇ.

جانلىقلارنىڭ قۇۋۋەتلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بار بولۇپ،قۇۋۋەت بىلەن ھەرىكەتنى بىر-بىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشىنىش كېرەك، چۈنكى ھەرىكەت قۇۋۋەتتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەزالارنىڭ ھەرىكىتى ئۈچ خىل بولىدۇ. قۇۋۋەتلەرمۇ تەبىئى قۇۋۋەت، ھايۋانى(ھاياتلىق) قۇۋۋەت ۋە نەپسانى قۇۋۋەتتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. ھەر قايسى قۇۋۋەتلەرنىڭ ئورنى بىر ئەزاغا خاس بولۇپ، قۇۋۋەت ۋەھەرىكەت شۇ ئەزادىن پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەزالار رەئىس ئەزا دېيىلىدۇ.


1- پەسىل تەبىئى قۇۋۋەت


تەبىئى قۇۋۋەت ئىككى خىل بولىدۇ. بىرىنچىسى غىزادىن پەيدا بولىدىغان قۇۋۋەت بولۇپ ، بەدەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇقلىنىپ، بەدەن ھەرىكىتى مۇشۇ قۇۋۋەتتىن پەيدا بولىدۇ. بۇ قۇۋۋەتنىڭ ئورنى جىگەردىدۇر.

ئىككىنچىسى مەنى سۇيۇقلۇقىدىن ئاساسى ئۇرۇقنى ئاجرىتىپ ئالىدىغان قۇۋۋەت بولۇپ ئورنى ئۇرۇق بېزىدە بولىدۇ. ھەر ئىككى خىل قۇۋۋەتنىڭ تۇمۇرلىرىنىڭ يىلتىزى جىگەردىن ئۈنۈپ چىقىدۇ ھەمدە بۇ ئىككى قۇۋۋەت :تارتىش قۇۋۋىتى،تۇتۇش قۇۋۋىتى،ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى،ھەيدىگۈچى قۇۋۋەت، ئۆستۈرگۈچى قۇۋۋەت،ئوزۇقلاندۇرغۇچى قۇۋۋەتتىن ئىبارەت بىر قانچە خىل بولىدۇ، بۇ قۇۋۋەتلەرنىڭ بەزىسى تارتقۇچى قۇۋۋەت،بەزىسى تارتىلغۇچى قۇۋۋەت بولىدۇ.


ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتىنىڭ خىزمىتي بىر قانچە خىل بولۇپ ، بەزىدە تۇتۇش قۇۋۋىتىدىكى (ساقلانغان)نەرسىنى ھەزىم قىلىدۇ،بەزىدە ئارتۇق ماددىلارنى پىشۇرۇپ ئۇزۇقلۇققا ئايلاندۇرىدۇ،بەزىدە ئارتۇق ماددىلارنى بەدەن سىرتىغاچىقىشقا لايىقلاشتۇرىدۇ، ھەممە قۇۋۋەتلەرنىڭ ئاشقازانغا بارىدىغان يولى بار بولۇپ، ھەر ئەزا ئۆز نېسىۋىسىنى تارتىپ ئالىدۇ ۋە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش كۈچى(قۇۋۋىتى)يېيىلگەن غىزالارنى كەيلۇس(غىزانىڭ بوتقىسىمان ھالىتى)قا ئايلاندۇرىدۇ.

جىگەر شۇ كەيلۇسنى قانغا ئايلاندۇرۇپ ، بارلىق ئەزالارغا ئەۋەتىدۇ، ئەزالار ئۆزىگە كېرەكلىك قاننى ئېلىپ قالىدۇ، تۇتۇش قۇۋۋىتى ئۇنى توختىتىپ تۇرىدۇ،ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى ئۇنى كەيمۇس(غىزانىڭ كەيلۇستىن كېيىنكى پىشقان شىرىسىمان سۇيۇقلۇق ھالىتى)قا ئايلاندۇرىدۇ،ئۇزۇقلاندۇرۇش قۇۋۋىتى ئۇ(كەيمۇس)نى بەدەن رەڭگىگە كىرگۈزىدۇ، ئۆستۈرگۈچى قۇۋۋەت ئۇنى قۇبۇل قىلىپ شۇ ئەزاغا يەتكۈزىدۇ.


2- پەسىل ھاياتلىق قۇۋۋىتى


پۈتۈن ئەزالاردا ھاياتلىق قۇۋۋىتى(بۇ قۇۋۋىتى ھايۋانى دەپ ئاتىلىدىغان قۇۋۋەت بولۇپ،ھاياتلىق قۇۋۋىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ سەۋەبىدىن ھېس(سېزىم) ۋە ھەرىكەت ھەمدە بۇ قۇۋۋەتنىڭ سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدەندە بولسا روھ پەيدا بولىدۇ. روھ ۋە ھاياتلىق قۇۋۋىتى قاننىڭ بۇخاراتى(ھورسىمان قىسمى)دىن ۋە خىلىتلارنىڭ ئۇچۇچان قىسمىدىن ھاسىل بولىدۇ،ئەزالار شۇخىلىتلارنىڭ جەۋھىرىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن بىلىش كېرەككى ، ماددىنىڭ ۋە خىلىتلارنىڭ لەتىف(يۇمشاق ۋە يەڭگىل)لىرىدىن جىگەردە قان ؛ قاننىڭ لەتىفلىرىدىن يۈرەكتە روھ پەيدا بولىدۇ. بۇ روھ ئارقىلىق يۈرەكتە دەرھال ھاياتلىق قۇۋۋىتى ھاسىل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئەزالار نەپسانى قۇۋۋەتكە لايىق بولىدۇ. ئەگەر بىر ئەزادىن نەپسانى قۇۋۋەت يوقىلىپ ،ھاياتلىق قۇۋۋىتى قېلىپ قالسا ، ئۇ ئەزانى تىرىك دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدەك پالەچ ئەزالارنىڭ سەزگۈ ھەرىكىتى يوقالسىمۇ ، لېكىن تىرىك ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ،چىرىمەيدۇ. ئۆلۈك ئەزالارنىڭ ھاياتلىق قۇۋۋىتى يوقىلىپ كەتكەنلىكتىن تىز چىرىيدۇ. ئەگەر پالەچلەنگەن ئەزادىن پالەچ ئىللەتلىرى يوقالسا ئۇ ئەزادا يەنە سېزىم ۋەھەرىكەت پەيدا بولىدۇ.


دانا تېۋىپلار ‹‹ تاكى روھ ھەر بىر ئەزانىڭ مىزاجىنى ھاسىل قىلمىغۇچە ،ھېسسى ھەرىكەتكە لايىق بولالمايدۇ›› دەپ كۆرسەتكەن. ئەزالاردا ئاشۇھالەتنى ۋە ئەزانىڭ مىزاجىنى پەيدا قىلماي تۇرۇپ، كۈچلۈك نەپسانى قۇۋۋەت پەيدا بولمايدۇ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ھەرىكىتى ئەزادا ئاشكارا بولمايدۇ . شۇنىڭدەك كۆرۈش ،ئاڭلاش،تېتىش،پۇراش سېزىش سېزىم قۇۋۋەتلىرى پەيدا بولمايدۇ. روھى ھايۋانى( قۇۋۋەتلەر ئچكە بۆلۈنگەندەك روھمۇ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ)ۋە ھاياتلىق قۇۋۋىتى مېڭىدىن قۇلاق،بۇرۇن ۋە تىلنىڭ تۇمۇرلىرى يەتكۈزۈش بىلەن نەپسانى قۇۋۋەتنىڭ يەتكەنلىرى ھەممە ئەزالاردا پەيدا بولىدۇ. ھاياتلىق قۇۋۋىتى ئۇنىڭدا مەۋجۇت بولمىغۇچە ،روھ ئۆزىنىڭ خاس مىزاجى بىلەن نەپسانى قۇۋۋەتكە لايىق بولمايدۇ.


3- نەپسانى قۇۋۋەت


نەپسانى قۇۋۋەت تاشقى سەزگۈ قۇۋۋەت(كۈچ) ۋە ئىچكى سەزگۈ قۇۋۋەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.


تاشقى سەزگۈلەر بولسا – كۆرۈش،ئاڭلاش،پۇراش،تېتىش،تۇتۇپ سېزىشتىن ئىبارەت بەش خىل بولىدۇ.

ئىچكى سەزگۈلەرمۇ بەش بولۇپ:-ئورتاق ھېس قىلىش، خىيال قىلىش،تەپەككۇر قىلىش،گۇمان قىلىش،ئەستە ساقلاشتىن ئىبارەت .

(بۇ قۇۋۋەتلەرنىڭ شەرھىسىنى ئەلقانۇن فىتتىب ياكى شەرھى ئەسبابلاردىن كۆرۈش مۇمكىن).


بىلىش كېرەككى، بەزى ئەزانىڭ ھەرىكىتى بىر نەچچە قۇۋۋەت بىلەن يەنە بەزى ئەزانىڭ ھەرىكىتى بىرلا قۇۋۋەت بىلەن تامام بولىدۇ. بىر بىرىگە ئوخشايدىغان ئەزالار ھەر قايسىىسى ئۆزىگە لايىق غىزانى سۈمۈرۈۋالىدۇ. مەسىلەن :سۆڭەك قۇرۇق سۇغۇق ئۇزۇقلۇقنى، گۆش ھۆل ئىسسىق ئۇزۇقلۇقنى تارتىدۇ. ئۆت ، بۆرەك ۋە تالنىڭ ھەرىكىتى قاننى ئۆزىگە تارتىش بىلەن تەڭ ئۆزىگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. بۇلار شۇ ئەزانىڭ تەبىئى قۇۋۋىتى بىلەن بولىدۇ. ئۇششاق تۇمۇرلارنىڭ، ئۈچەينىڭ، دوۋساقىنڭ ئارتۇق چىقىرىندىلارنى ھەيدەپ چىقىرىش قۇۋۋىتى ئىختىيارى بولىدۇ. ئاشقازان،بالىياتقۇ ،قىزىلئۆڭگەچ ئۆز خىزمىتىنى ئىككى قۇۋۋەت بىلەن تامام قىلىدۇ. ئەمما، ئاشقازاننىڭ خىزمىتى ھېسسى قۇۋۋەت بىلەن بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، ھەر قانداق غىزا قورساق ئاچ ۋاقىتتا يېيىلسە ،ئاشقازان ئۇنى ئىشتىھا بىلەن تارتىدۇ. توقلۇق ۋاقتىدا يېيىلگەن غىزا ئۇنداق بولمايدۇ، چۈنكى ئاشقازان تولغاندا ھېس ئېغىر بولىدۇ. ئۇنىڭ قايتۇرۇش قۇۋۋىتى ھەرىكەتكە كېلىدۇ. با؛ىياتقۇنىڭ ئەھۋالىمۇ ئاشقازانغا ئوخشاش بولۇپ، ھەر قاچان ئۇنىڭغا ھېس قوشۇلسا تارتىش قۇۋۋىتى ھەرىكەتكە كېلىدۇ. قىزىلئۆڭگەچنىڭ خىزمىتى ئىككى قۇۋۋەت بىلەن بولۇشقا دەلىل شۇكى، ھەر قانداق بىر دورىنىڭ تەمى يامان بولسا، دورىغا خېلىلا ئادەتلەنگەن بىر كىشى خېلى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،دورىنى ئۆز ئىختىيارى يېسىمۇ،تارتىش قۇۋۋىتى ئۇنى مۇشەققەتتە تارتىدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن يىرگىنىپ قەي قىلىدۇ. ئىسسىقلىق يېمەكلىكلەر تارتىش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدۇ،قۇيۇق ماددىلارنى سۇيۇقلاندۇرىدۇ. سۇغۇقلۇق بولسا تۇتۇشقۇۋۋىتىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە سۇيۇق ماددىلارنى قۇيۇقلاندۇرۇپ، تۇتۇش قۇۋۋىتى(ئۆلچىمى)غا يەتكەندە توختايدۇ.


بەزى تېۋىپلارنىڭ قارىشىچە ، ئاشقازان ئاشقازان بوشلۇقىدا تۇرىدىغان كەيلۇستىن ئۇزۇقلىنىدۇ. بۇ سۆز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى كەيلۇس ئاشقازاندىن جىگەرگە كىرمىگىچە قان بولمايدۇ. ئەگەر خام كەيلۇس ئاشقازانغا ئۇزۇق بولسا ،مىزاج دۇرۇس بولمايدۇ. مىزاج دۇرۇس بولمىسا غىزانى ھەزىم قىلالمايدۇ. ئاشقازاننىڭ تارتىدىغان،توختىتىدىغان،ھەزىم قىلىدىغان ۋە قايتۇرىدىغان قۇۋۋەتلىرىنىڭ ھەر قايسىسى ئىككى خىل بولىدۇ. تارتقۇچى قۇۋۋەت غىزانى ئېغىزدىن قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئۇنىڭدىن پۈتۈن ئەزاغا تارتىدۇ،ئاندىن كېيىن بەدەنگە لايىقلىرىنى جىگەرنىڭ شاخچىلىرىدىن تارتىپ باشقا تۇمۇرلارغا يەتكۈزىدۇ. بەزى تېۋىپلارنىڭ سۇيۇق تاماق ئاشقازاندا توختىماي تىز چىقىپ كېتىدۇ دەپ قارىشى خاتادۇر.  تۇتۇپ تۇرۇش قۇۋۋىتىنىڭ رولى توختىتىشتۇر. مەليى تاماق قۇيۇق بولسۇن ،سۇيۇق بولسۇن ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ ،ئاندىن كېيىن ھەيدەش قۇۋۋىتى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.


دەستۇرۇلئىلاج ناملىق كىتاب،قۇۋۋەتلەر بايانىدىن ئېلىندى.


http://www.4tadu.com

yusran يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 18:57:33

جىگەر قان تازىلايدۇ دەپ ئاڭلاپ ھەمدە سائەت 9 دىن باشلاپ 11 غىچە زەھەر تازىلايدۇ دەپ ئاڭلاپ  





شۇڭا 9 دىن بۇرۇن ئۇخلاپ توخۇ بوپ كەتتىم



باشقا نەرسىگە مەسئۇل بولالمىساقمۇ ئاللاھ بەرگەن بەدەن ۋە ئەقىلنى ئاسراشقا ئىشقىلىپ كۈچ چىقىرىمەن مەن



دۆت قېرىپ قېلىشتىن قوققاشقىمىكىن

ihlimpaxahan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 19:31:44

تادۇ بەگ ،سىز دوختۇرما ؟تولۇق ئوتتۇرا بىئۇلىگىيىسىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ قانداق تېۋىپلىق قىلىۋاتقانسىز ،ئەگەر شۇنداق بولسا سىز يامان خەتەرلىك تېۋىپكەنسىز .

جىگەرنىڭ قان ئىشلەپ چىقارغىنىنى قاچان ئاڭلىغان ؟ئادەم بەدىندىكى ئۈچەينى سىز پەقەت بىنا ئۆينىڭ ئەۋرەز يولىغىلا ئوخشىتىدىغان ئوخشىمامسىز ؟

ئوزۇقلۇق قاندقسىگە بىۋاستە ئاشقازاندىن جىگەرگە بارىدۇ ؟قايسى يول بارماقچى ؟جىگەر بىۋاستىلا قان ئىشلەپ چىقارسا ئۇنداقتا ئىشلەپ چىقارغىنى پۈتۈنلەي پاكىز قان بولامدۇ ؟ئەگەر پاكىز قان بولماي قالسا مەينەتلىرى نەگە كېتىدۇ ؟قارىغاندا سىز ئادەم بەدىنىنىڭ ئىنچىكە ئۈچەي يوللىرىنى كۆزگە ئىلمايدىكەنسىز......

بەك كۆپ سۇئال قويىۋېتەي دەپتىم،لىكىن سىز بۇ سۇئاللىرىمغا جاۋاب بىرەلمەيسىز .

ئادەم بەدىنىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىش تېۋىپلىق ئۈچۈن ھەممىدىن زۆرۈردۇر.

kaqkun يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 20:02:07

يەل توغرىسىدا بايانلىرىڭىزنى بىر ئاڭلىساق دەيمەن.

fayrat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 20:49:05

قارسام مۇنبەردە تىبابەتتىن خەۋىرى بار قېرىنداشلار بار ئىكەن مەندە بەزى بىنورمال ئەھۋال بار ئىدى سۆزلەپ باقسام ، ياردەم قىلىپ قانداق قىلىشىم توغۇرلۇق مەسلىھەت بەرسەڭلار؛

ئەر، بۇيىل 26ياش، كەسپىم ئاشپەز.ئىككى يىلدەك بولدى ئۇيقۇم تازا ياخشى ئەمەس،بەزى كۈنلىرى ئۇخلاۋاتقاندا چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كېتىمەن ،ئاخشىمى خېلى بالدۇرلا ئۇيقۇم كېلىدۇ لىكىن بەك يىنىك ئۇخلايمەن ئازراقلا ئاۋاز بولسا ئويغۇنۇپ كېتىمەن ئويغۇنۇپ كەتسەملا قايتا ئۇخلىيالمايمەن،كۆپ چۈش كۆرىمەن لىكىن نىمىلەرنى كۆر گەنلكىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.  ئىلگىرى غەرىپ تىبابىتى ،جوڭگۇ تىبابىتى ۋە ئۇيغۇر تىبابىتى بۇيچە ئازتولا داۋالانغان بىر ئاز پايدىسىمۇ بولدى لىكىن يەنىلا كۈن ئاتلاپ ئاشۇنداق ئەھۋاللار بولىدۇ.  بەزى تىۋىپلار نېرۋا ئاجىزلىق دەپ دىئاگۇنۇز قويدى،بەزىلىرى بۆرەكنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كېتىپ سەۋدا خىلىتى بەدەننى چىرماپ كېتىپتۇ دەپ دىئاگۇنۇز قويدى ،ھەممىسىنىڭ دورىسىنى يەپ باقتىم (ھەرئىككىسىدىن ئايرىم ئايرىم بىر ئاي ئەتراپىدا) باشتا تەسىر قىلغاندەك بولدى لىكىن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى تەسىر قىلمىدى.ئۇيقۇسىز بىركېچىنى ئۆتكۈزمەك يەنى ئۇيقۇسى كەلسىمۇ نېرۋىسى تىنىچلانماي ئۇخلىيالماي بىركېچىنى ئۆتكۈزۈش بەك جاننى قىينايدىكەن ! قانداق قىلسام بۇ كېسەلدىن قۇتۇلالايمەن يول كۆرسەتكەن بولساڭلار!

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 18:53:43

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 18:54:13

6- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى bariberنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

(جىگەر شۇ كەيلۇسنى قانغا ئايلاندۇرۇپ ، بارلىق ئەزالارغا ئەۋەتىدۇ،) .........tadubeg،مەن جىگەرنى قان ئىسكىلاتى دەپ يۈرىمەن،قان ئىشلەيدىغىنى يىلىك دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،ئېغىر كۆرمەي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟



بىلگىنىمچە چۈشەندۈرۈپ باقاي : يىگەن تائاملىرىمىز ئاشقازاندا ھەزىم بولۇپ(بۇ بىرىنچى ھەزىم) بۇنىڭدىن كىرەكسىز قىسمى ئۈچەيگە ،كېرەكلىك بولغان بوتقىدەك قىسمى ئاشقازاندىن جىگەرگە تۇتاشقان تۇمۇر بىلەن جىگەرگە كېلىدۇ. بۇ كەيلۇس دېيىلىدۇ . بۇ جىگەردە يەنە پىششىقلىنىپ ئىككىنچى قېتىم ھەزىم بولىدۇ ۋە رەڭگى قان رەڭگىگە لايىقلىشىدۇ،بۇ كەيمۇس دېيىلىدۇ. بۇ ھەزىمنىڭ قالدۇقلىرى ئۈچەيگە ، ئىشلەنگەن قىسمىدىن تۆت خىلىت ھاسىل بولۇپ ھەر قايسى ئەزالارغا بارىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ھەزىملەر بار ،يىلىك بەلكى تۆتىنچى ھەزىمگە تەۋە بولسا ۋە قاننىڭ زۈرۈر تەركىبلىرىنى تەڭشەپ بەرسە كېرەك.
يىلىك ھەققىدە بۇنىڭدىن جىق بىلمەيدىكەنمەن.
@bilgejan بۇ ھەقتە بىلگىنىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، بىلىۋالساق بوپتىكەن.



تادۇبەگ،سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىز ئادەم مېتابولىزىمىنى ئاستىن-ئۈستۈنلا قىلىۋەتتىغۇ.ۋوۋ

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 19:00:23

4- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى yollughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىۋىپلاردىن سوراپ باقسام، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۈچەي قىسقا بولۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل بولىشى يىتەرسىز بولسا قۇۋۋەت تولۇقلاشنىڭ باشقا ئامالى بارمۇ ؟



بۇ يەردە ئېنىق بولمىغان مەسىلە بار ئوخشايدۇ، ئۇزۇقلۇقنىڭ يىتەرلىك قۇبۇل بولماسلىقى ئۈچەينىڭ سەۋەبىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ ؟ مۇشۇنى قايتا تەپسىلىيرەك ئوتتۇرىغا قۇيۇپ بېقىڭە....
چۈنكى ئۇزۇقلۇقنىڭ يىتەرلىك قوبۇل بولۇشى ئاشقازان ۋە جىگەر(يەنى بۇ ئەزالارنىڭ خىزمىتىنىڭ نورمال بولۇشى) گە باغلىق بولىدۇ

تادۇبەگ،ئاشقازان ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.سۇ،ئىسپىرىت،ئاز بىر قىسىم شېكەر ۋە ئاقسىلدىن باشقىنى سۈمۈرمەيدۇ.ئاشقازان سۈمۈرەلەيدىغان ئۇزۇقلۇق يەنى ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك كۆپ ئۇزۇقلۇق ماددىنى ئاشقازان سۈمۈرەلمەيدۇ.يۇقىردىكى ئىنكاسچىمىز ئېيىتقاندەك كىچىك ئۈچەي سۈمۈرىدۇ.ئوپراتسىيە ياكى تۇغما سەۋەبلىك كىچىك ئۈچەي قىسقا بولسا ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 19:09:35

26- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

25- قەۋەتتىكى ihlimpaxahanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سەل ساقلاپ تۇرۇڭلار .بىلگەجاننىڭ جىگەر بىلەن ئاشقازان ئوتتۇرسىدىكى تومۇر توغۇرسىدىكى ۋە قاننىڭ جىگەردە قان رەڭگىگە كىرىدۇ دىگەن جاۋابى توغۇرسىدا جاۋاب يېزىۋاتىمەن .

بىلگەجان ،ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا مۇشۇ ئىككى نۇقتىغا بەرگەن جاۋابىڭىز توغۇرسىدا تۈزىتىش كىرگۈزۋېلىڭ ،بولمىسا پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغىنىڭىزدا تازا ياخشى بولماي قالىدۇ.

==============


ياخشى بولمايدىغان ھىچ يېرى يوق، قېرىندىشىم. مەن ئەزەلدىن ھەممىنى بىلىمەن دىمىدىم، مېنىڭ راستىنلا خاتا بولسۇن سىزنىڭكىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن. ئەمما بۇ نۇقتىدا ئېيتقانلىرىمنى ئامرىكا ئالىي مەكتەپ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «سېلىشتۇرما ئاناتومىيە ۋە فىزىئولوگىيە» دەرىسىنى بەرگەن ۋاقتىمدا خېلى ئوبدان سۆزلىگەنمەن، توغرا ئىكەنلىكىدىن گۇمانىم يوق. مەن قاننىڭ رەڭگى جىگەردە ئۆزگىرىشى مۇمكى دېدىم، شۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشىنىۋالغايسىز، قان رەڭگىگە جىگەردە كىرىدۇ، دىمىدىم. قېنى مەرھەممەت قىلىڭ، بۇنىڭ خاپا بولغۇدەك ياكى ئاچچىقلانغۇدەك، ۋە ياكى يۈزى تۆكۈلگۈدەك يېرى يوق. شۇنداق بولسىمۇ، مەندە تۆكۈلگۈدەك ئۇنچىۋالا «چوڭ» يۈزمۇ يوق. شۇڭا، تارتىنماي تەلىم بەرگەيسىز، قۇلىقىم سىزدە.



胆红素 نى كۆزدە تۇتىۋاتقان ئوخشىمامسىز؟

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 19:14:46

جىگەر ئادەم ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلە چېغىدا ۋە بوۋاق ۋاقتىدا قان ئىشلەپچىقىرىدۇ.چوڭ بولغانچە بۇ ئىقتىداردىن قالىدۇ.ئاندىن قاننى يىلىك ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ.شۇڭا 白血病 دەك كېسەللەرنىڭ جىگىرىنى ئەمەس يىلىكىنى ئالماشتۇرۇپ داۋالايمىز.

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 19:21:57

جۇڭيى تىبابىتى،ئۇيغۇر تىبابىتى،زاڭزۇ تىبابىتى ۋە غەرىب تىبابىتى ئارىسىدا پەرق چوڭ بولسىمۇ،ئادەم ئاناتومىيىسى،مىتابولىزىمى ۋە فىزولوگىيىسى ئوخشاش بولىدۇ.ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالانغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا يىگەن نەرسىڭىز جىگەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ جىگەردە ھەزىم بولۇپ يۈرمەيدۇ.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 16:03:01

تىۋىپلاردىن سوراپ باقسام، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۈچەي قىسقا بولۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل بولىشى يىتەرسىز بولسا قۇۋۋەت تولۇقلاشنىڭ باشقا ئامالى بارمۇ ؟

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 16:05:42

قۇۋەت ھەزىم قىلىشتا دەپ بىرگەپنى ئوقۇغان يادىمغا كىلىپ قالدى ،توغرىمىدۇ

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 17:26:37

(جىگەر شۇ كەيلۇسنى قانغا ئايلاندۇرۇپ ، بارلىق ئەزالارغا ئەۋەتىدۇ،) .........tadubeg،مەن جىگەرنى قان ئىسكىلاتى دەپ يۈرىمەن،قان ئىشلەيدىغىنى يىلىك دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،ئېغىر كۆرمەي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 18:06:14

1- قەۋەتتىكى yollughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىۋىپلاردىن سوراپ باقسام، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۈچەي قىسقا بولۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل بولىشى يىتەرسىز بولسا قۇۋۋەت تولۇقلاشنىڭ باشقا ئامالى بارمۇ ؟



بۇ يەردە ئېنىق بولمىغان مەسىلە بار ئوخشايدۇ، ئۇزۇقلۇقنىڭ يىتەرلىك قۇبۇل بولماسلىقى ئۈچەينىڭ سەۋەبىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ ؟ مۇشۇنى قايتا تەپسىلىيرەك ئوتتۇرىغا قۇيۇپ بېقىڭە....
چۈنكى ئۇزۇقلۇقنىڭ يىتەرلىك قوبۇل بولۇشى ئاشقازان ۋە جىگەر(يەنى بۇ ئەزالارنىڭ خىزمىتىنىڭ نورمال بولۇشى) گە باغلىق بولىدۇ

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 18:07:04

2- قەۋەتتىكى umut33نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قۇۋەت ھەزىم قىلىشتا دەپ بىرگەپنى ئوقۇغان يادىمغا كىلىپ قالدى ،توغرىمىدۇ



توغرا

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 18:25:03

3- قەۋەتتىكى bariberنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

(جىگەر شۇ كەيلۇسنى قانغا ئايلاندۇرۇپ ، بارلىق ئەزالارغا ئەۋەتىدۇ،) .........tadubeg،مەن جىگەرنى قان ئىسكىلاتى دەپ يۈرىمەن،قان ئىشلەيدىغىنى يىلىك دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،ئېغىر كۆرمەي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟



بىلگىنىمچە چۈشەندۈرۈپ باقاي : يىگەن تائاملىرىمىز ئاشقازاندا ھەزىم بولۇپ(بۇ بىرىنچى ھەزىم) بۇنىڭدىن كىرەكسىز قىسمى ئۈچەيگە ،كېرەكلىك بولغان بوتقىدەك قىسمى ئاشقازاندىن جىگەرگە تۇتاشقان تۇمۇر بىلەن جىگەرگە كېلىدۇ. بۇ كەيلۇس دېيىلىدۇ . بۇ جىگەردە يەنە پىششىقلىنىپ ئىككىنچى قېتىم ھەزىم بولىدۇ ۋە رەڭگى قان رەڭگىگە لايىقلىشىدۇ،بۇ كەيمۇس دېيىلىدۇ. بۇ ھەزىمنىڭ قالدۇقلىرى ئۈچەيگە ، ئىشلەنگەن قىسمىدىن تۆت خىلىت ھاسىل بولۇپ ھەر قايسى ئەزالارغا بارىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ھەزىملەر بار ،يىلىك بەلكى تۆتىنچى ھەزىمگە تەۋە بولسا ۋە قاننىڭ زۈرۈر تەركىبلىرىنى تەڭشەپ بەرسە كېرەك.
يىلىك ھەققىدە بۇنىڭدىن جىق بىلمەيدىكەنمەن.
@bilgejan بۇ ھەقتە بىلگىنىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، بىلىۋالساق بوپتىكەن.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 18:45:00

6- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى bariberنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

(جىگەر شۇ كەيلۇسنى قانغا ئايلاندۇرۇپ ، بارلىق ئەزالارغا ئەۋەتىدۇ،) .........tadubeg،مەن جىگەرنى قان ئىسكىلاتى دەپ يۈرىمەن،قان ئىشلەيدىغىنى يىلىك دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،ئېغىر كۆرمەي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟



بىلگىنىمچە چۈشەندۈرۈپ باقاي : يىگەن تائاملىرىمىز ئاشقازاندا ھەزىم بولۇپ(بۇ بىرىنچى ھەزىم) بۇنىڭدىن كىرەكسىز قىسمى ئۈچەيگە ،كېرەكلىك بولغان بوتقىدەك قىسمى ئاشقازاندىن جىگەرگە تۇتاشقان تۇمۇر بىلەن جىگەرگە كېلىدۇ. بۇ كەيلۇس دېيىلىدۇ . بۇ جىگەردە يەنە پىششىقلىنىپ ئىككىنچى قېتىم ھەزىم بولىدۇ ۋە رەڭگى قان رەڭگىگە لايىقلىشىدۇ،بۇ كەيمۇس دېيىلىدۇ. بۇ ھەزىمنىڭ قالدۇقلىرى ئۈچەيگە ، ئىشلەنگەن قىسمىدىن تۆت خىلىت ھاسىل بولۇپ ھەر قايسى ئەزالارغا بارىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ھەزىملەر بار ،يىلىك بەلكى تۆتىنچى ھەزىمگە تەۋە بولسا ۋە قاننىڭ زۈرۈر تەركىبلىرىنى تەڭشەپ بەرسە كېرەك. يىلىك ھەققىدە بۇنىڭدىن جىق بىلمەيدىكەنمەن. @bilgejan بۇ ھەقتە بىلگىنىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، بىلىۋالساق بوپتىكەن.

رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 18:48:37

جىگەر قاننى تازىلايدۇ، زەھەرلىك ۋە ئاشقازان-ئۈچەيدىن سۈمۈرۈلگەن ماددىلار قان ئارقىلىق ئاۋۋال جىگەرگە كىلىدۇ، جىگەر كىرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، لازىملىقلىرىنىلا قاندا ساقلاپ قىلىپ ئاندىن يۈرەككە ماڭدۇرىدۇ، ئاندىن ئوزۇقلۇقلار پۈتۈن ئەزالارغا تارقىلىدۇ. جىگەر ھىچنىمىنى قانغا ئايلاندۇرمايدۇ، يىلىك قان ئىشلەپچىقىرىدۇ. ۋاقتىم قىس بوپقىلىپ جىددىيلا يازدىم ماۋۇ ئىنكاسنى، سۇئاللار بولسا قالدۇرساڭلار، كەچتە (ماڭا ھازىر ئەتىگەن) جاۋاپ يازىمەن.

ihlimpaxahan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 21:36:41

بەدىنىڭىزنىڭ ئاق قان دانچىسى ئېشىپ كېتىپتۇ ،ياز كەلسە تۇرپاننىڭ قۇمىغا 10 كۇن كۆمۈلۈپ كېلىڭ،ياز كىرگىچە كۈندە 5 كىلومېتىر تەرلەر تۆكۈلۈپ تۇرغىچە يۈگۈرۈڭ.5 كۈنگە قالماي ئوڭشۇلۇپ كېتىسىز .بۇنداق ئەھۋالدا دورا يىگەنگە ئوڭشالمايدۇ.ئاستى بەدىنىڭىزگە قېلىن كىيىنىڭ ،تىزىڭىزنىڭ ئاستىنى ئىسسىقلىق دورىغا چىلاپ بېرىڭ .چۈنكى بۇ ئەتراپتا يىلىك بار بولغاچقا يىلىكنىڭ قىزىل قان دانچىسىنى ئىشلىشىگە ياردىمى بولىدۇ.

يەنە بىرسىگە كاللىڭىزدىن يۇقارقى ئىنكاسىڭىزدا دىگەندەك خىياللىرىڭىزنى چىقىرۋېتىڭ .مەن چوقۇم ياتساملا ئۇخلايمەن ،چۈش كۆرمەيمەن ...دىگەندەك خىياللارنى قىلىڭ .
بەت: [1] 2 3
: قۇۋۋەتلەر ھەققىدە