muhakima يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 16:07:10

مۇھاكىمە:سىپىننىڭ سىرى



سىپىن(ئۆزلۈك ئايلىنىش)نىڭ سىرى



مەن كائىناتتىكى ئۇمۇمىيۇزلۇك تارقالغان ھەرىكەتلەر



http://www.kuqa.cn/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=14281&fromuid=2835 دېگەن تىمىدا ئايلانما ھەرىكەتنىڭ كائىناتتا ئۇمۇمىيۇزلۇك تارقالغان ھەرىكەتلەرنىڭ بىرخىلى ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىسقىچە توختالغان ئىدىم.



ئۇز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان يەرشارىدىن تارتىپ چەكسىز ئالەمگىچە ئايلانما ھەرىكەت ماكرو دونياغا كەڭ تارقالغان ، ماكرو دۇنيادا شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى ئايلانما ھەرىكەتكە قاتناشمايدىغان بىرمۇ جىسىم يوق !



ئايلانما ھەرىكەتنىڭ بىر تۇرى ئوز ئوقىدا ئايلىنىشتىن ئىبارەت ،بىزنىڭ سۆيۈملۈك بۇ سۇ شارىمىزمۇ سوتكىدا بىر قېتىم ئۇز ئوقىدا ئايلىنىپ كېچە بىلەن كۈندۈزنى شەكىللەندۇرۇپ جانلىقلارنىڭ جۈملىدىن بىزنىڭ ياقىلىشىمىز ۋە تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن مۇھىم بىر ئامىل ۋە شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن.



بىز كىلاسىك ڧىزىكىدىن كۇۋانت ڧىزىكىسىغا ئۆتكەندە ياكى ماكرو دۇنيادىن مىكرو دۇنياغا كىرگەندە ئۇز ئوقىدا ئايلىنىشقا ئوخشاپ كىتىدىغان ئەمما ئۇنىڭدىن تۇپ جەھەتتىن پەرقلىنىدىغان سىپىندىن ئىبارەت ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر يىڭى ڧىزىكىلىق مىقدار بىلەن ئۇچرىشىمىز.



بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت مىقدارىنىڭ بىر قىسىم خارەكتىرى بىلەن سىپىن ھەرىكەت مىقدارىنىڭ بىر قىسىم خارەكتىرىنى سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى كوپ ئوخشاشلىق بار بولۇپ مۇشۇ نوقتىدىن ئالغاندا سىپىن بىلەن ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش قىسمەن (ماھىيەتلىك ئەمەس) ئوخشاشلىققا ئىگە،شۇنداقلا كونكىرىت زەررىچىلەرگە نىسبەتەن پەيدا بۇلۇشتىن تارتىپ يوقالغۇچە باشتىن ئاخىر ھەمرا بولۇپ ئۇتىدۇ ، شۇڭا ئەسلى ئېنگىلىزچىدىن كىرگەن سىپىن ئۇقۇمىنى ئۆزلۈك ئايلىنىش دەپ ئۇيغۇرچە ئېلىش تەكلىۋىنى بىرىمىز.



ئۆزلۈك ئايلىنىش(سىپىن) – مىكرو دونياغا ماسسا ، زەرەت قاتارلىق ئۇقۇملارغا ئوخشاش زەررىچىلەرنى تۇرگە ئايرىش ، پەرقلەندۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا قەتئى بولمايدىغان ھەرىكەت جەھەتتىكى ڧىزىكىلىق مىقدار، شۇنداقلا خاراكتېر تۇراقلىقى.



ئوزلۈك ئايلىنىشنى ئەڭ بۇرۇن 1927 –يىللار ئەتىراپىدا كىرونىگ(ئېلان قىلمىغان)، ئولىنبىك بىلەن گۇئۇدىسمىتلار ئىشقارى مېتال ئاتوملىرىنىڭ نازۇك سىپېكتىر تۈزۇلىشىنى تەتقىق قىلىش جەرىيانىدا بىر ئېنېرگىيە دەرىجىسىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك تۈزۈلۈشكە ئىگىلىكىگە ئاساسەن ئىلىكتىرۇندا خۇددى يەرشارىنى ئۆز ئوقىدا ئايلانغانغا ئوخشاش ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ھادىسىسى مەۋجۇت ، بىر ئېنېرگىيە دەرىجىسىدىكى ئىلىكتىرون پەقەت ئىككى يۈنىلىشتە ئايلىنىدۇ ،بۇ خىل ئايلىنىش ئېلېكترۇن ماگنىت مومېنتىنى ھاسىل قىلىدۇ شۇڭا قوش قەۋەتلىك نازۇك تۇزۇلۇش سىپىكتىرىنى شەكىللەندۇرىدۇ دەپ قاراپ ئوتتۇرىغا قويغان، كېيىن دىراك نىسبىيلىك (كەسكىن قىلىپ ئيتقاندا تار مەنىلىك نىسپىيىلىك نەزەرىيىسى خارەكتىرلىك) كۇۋانتمېخانىكىسىنى تىكلەش جەرىيانىدىمۇ ئوزلۈك ئايلىنىشنى نەزەرگە ئېلىپ تەڭلىمىسىگە كىرگۈزگەن.



كېيىن ئالىملار يالغۇز ئىلىكتىروننىڭلا ئەمەس بارلىق زەررىچىلەرنىڭ ئوز خارەكتىرلىك تۇراقلىق مىقدار –ئۆزلۈك ئايلىنىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ تەجرىبىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزگەن. مەسىلەن ئىلىكتىرون ياكى پىروتۇنلار ھەتتا زەرەتسىز نېيترونلار دەستىسى كۇچلۇك بولغان تۇراقلىق ماگنىت مەيدانىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئىككى دەستىگە بۇلۇنىدۇ.



ئۆزلۈك ئايلىنىشمۇ باشقا مىكرو دۇنيادىكى باشقا نۇرغۇن مىقدارلارغا ئوخشاش كۇۋانتلىشىدىغان بۇلۇپ ، زەررىچىلەر ئوزلۈك ئايلىنىش كۇبانىت سانى پىلانىت تۇراقلىقىنىڭ پۈتۈن سان ھەسىسى بولغان زەررىچىلەر (مەسىلەن ڧۇتۇن ، مىزۇن ۋە يېقىندا بايقالغان ھىگگىس زەررىچىسى قاتارلىقلار) بوزىيۇنلار (بوزې-ئېينىشتىيىن سىتاتېستىكىسىغا بويسۇنىدىغان زەررىچلەر)ۋە پىلانىك تۇراقلىقىنىڭ يېرىم ساننىڭ تاقسان ھەسىسى بولغان زەررىچىلەر (مەسلەن ئىلىكتىرون ، مۇسىبەت ئىلىكتىرون ..قاتارلىق لىپتۇنلار ، پىروتۇن ، نىيترون قاتارلىق بارونلار قاتارلىقلار) ڧىرمىئۇنلار(ڧىرمى-ئېينىشتىيىن سىتاتېستىكىسىغا بويسۇنىدىغان زەررىچلەر) دەپ ئىككى چوڭ تۇرگە بۇلۇنىدۇ،ڧىرمىئۇنلار پائۇلى سىغىشماسلىق پىرىنسىپىنى قانائەتلەندۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئىسسىقلىق تەقسىمات ڧونكىتسيىسىمۇ شۇنىڭغا ئاساسەن تېرمودىنامىكا ئايرىم – ئايرىم تەتقىق قىلىنىدۇ.



ئوزلۈك ئايلىنىشنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىلىرى شۇكى ئوزلۈك ئايلىنىش ماگنىت مومېنىتى ۋە ھەرىكەت مىقدارى مومېنىتى.... قاتارلىقلار بولۇپ ، يېقىنقى يىللار مابەينىدە مەخسۇس ئوزلۈك ئايلىنىشنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق پەن- ئۆزلۈك ئايلىنىش ئىلىكتىرون تەربىيىسى قاتارلىق پەنلەر شەكىللەندى ، ئوزلۈك ئايلىنىش ۋە ئۇنىڭغا دائىر ھادىسىلەر ئۇستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان خېلى كوپ ساندىكى ئالىملارمۇ نوبېل ڧىزىكا مۇكاپاتىغا نائىل بولدى.



خوش ، ئۆزلۈك ئايلىنىش شۇنداق مۇھىم ئىكەن ، ئۇ زادى نېمە؟ئۇ قانداق شەكىللىنىدۇ؟



ھازىرغا قەدەر بۇھەقتە كۆپلىگەن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ ، ئىزاھاتلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بولسىمۇ ، بىراق ، ئۆزلۈك – ئايلىنىشنىڭ ھەقىقى ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىش مىخاينىزىمى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتمەكتە!


ھۆرمەت بىلەن :مۇھاكىمە



2013.10.29 كۇچار







muhakima يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 18:03:33

يەتتىنچى قۇردىكى ‹‹ياقىلىشىمىز ۋە تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن مۇھىم بىر ئامىل ۋە شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن›› دىگەن جۇملە بۇلىكىدىكى بىرىنچى سۆز ياقىلىشىمىز دىگەننى يارىتىلىشىمىز ياكى ياشىشىمىز دىگەنگە ئالماشتۇرۇپ قۇيۇشىڭلارنى ئۇتۇنىمەن . رەھمەت.

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 19:03:26

ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت،بۇ تىمىڭىزنى چۈشىنەلمىگەن بولساممۇ تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم. \"\"
بەت: [1]
: مۇھاكىمە:سىپىننىڭ سىرى