nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 16:17:54

كىرىستىيانو رونالدو رېپىرنى «توخۇ يۈرەك» دەپ تىللىدى





ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 10- ئايلانمىسىدىكى ئىسپانىيە دېربىيسىدە يېڭى ئامىللار كۆپەيدى. يەنى، ئىككى داڭلىق كوماندىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى. بېل بىلەن نېيماردىن ئىبارەت ئىككى داڭلىق چولپان بۇ يىل يازدا كوماندىغا قوشۇلغاندىن سىرت، ھەر ئىككى كوماندا يەنە مەشقاۋۇل ئالماشتۇرغان ئىدى. خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى 91 مىليون ياۋروغا بېلنى سېتىۋالدى، ھەمدە يەنە بىر قانچە ياش ماھىرنى سېتىۋالدى، ئەمما بۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرەلمىدى. خان مادرىد كوماندىسى نوكەمپۇدا بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىككىنچى مەيدان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.







بۇ مەيدان مۇسابىقە داۋاملىشىپ 71 مىنۇت بولغاندا كىرىستىيانو رونالدو بارسېلونا كوماندىسىنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا بۆسۈپ كىرگەندە بارسېلونا بېكى ماسچېرانو تەرىپىدىن ئىتتىرىپ يېقىتىۋېتىلدى. بۇ ئېنىقلا بىر نۇقتا توپ بولسىمۇ، ئەمما باش رېپىر بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلمىدى. كىرىستىيانو رونالدو بۇنىڭغا ناھايىتى قاتتىق نارازى بولغان بولۇپ، رېپىرنىڭ بۇ ھۆكۈمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇ ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەن، ھەمدە بارسېلونا كوماندىسى چەكلەنگەن رايونى ئىچىدە بېشىنى تۇتقان پېتى تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قاتتىق ۋارقىراپ كەتكەن. خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بۇ نۇقتا توپقا ئېرىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە يەنە بىر توپ كەتكۈزىۋەتكەن. ئىككىنچى توپنى كەتكۈزىۋەتكەندىن كېيىن ئوتتۇرا مەيداندا توپ باشلايدىغان ۋاقىتتا كىرىستىيانو رونالدو يەنىلا چەكلەنگەن رايوننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ رېپىرغا نارازىلىق بىلدۈرگەن، ئۇ: «بۇ ئېنىقلا نۇقتا توپ، سەن بىر توخۇ يۈرەككەنسەن» دېگەن. رېپىر بۇ ۋاقىتتا كىرىستىيانو رونالدوغا بىر سېرىق كارتا جازاسى بەرگەن. كىرىستىيانو رونالدو ئامالسىز ھالدا بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ قالغان.


ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتتا كىرىستىيانو رونالدو بىر قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ بىر ھالقىلىق پاس تاشلاپ بېرىپ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ يۈزىنى ئازراق بولسىمۇ قايتۇرىۋالغان.



مەنبە: چىكىڭ






tagdirm يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 21:00:25

مۇسابىقە نەتىجىسى مەيلى نىمىلا دىگەن بىلەن كەتتى تۈگىدى ئۆزگەرمەيدۇ . قازىنىڭ سەۋەنلىكى ئېغىر بولسىمۇ ئامال يوق .

لىكىن كوماندا قۇرۇلمىسى ئويناش شەكلى قاتارلىقلاردا ئەنچىلودى يەنە دىھقەت قىلمىسا بىرنابۇدىكى ئاقسۆڭەك مەستانىلەر ئۇنىڭغا يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن . ئىنىق بولغان بىر ھۇجۇم يۆللىنىشى يوق ، ئالدى مەيدان شۇنداق چىچىلاڭغۇ ، ئۆزلىرىنىڭ نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلەلمەي قىلىدىغان قىلىق تاپالماي كىتىۋاتقاندەكلا ھازىر .

بۇ مۇسابىقىدىمۇ مارتىنو مىسسىنى كونا ئورنى بولغان يان يولغا سۈرۈپ تىكوغا دەسسىتىۋەتتى . مۇداپىيە ئورنىدىن يان قاناتقا چىققان ، يارلىنىش ، پەسىل بىشىدىكى بەدىن ھەم ماسلىشى مەشىقىنىمۇ قىلىپ باقمىغان كەلگەندىن بىرى تولۇق بىر مەيدان مۇسابىقە ئويناپ باقمىغان بىيىلنى تاق سىنتىر قىلىپ ئىشلىتىپ ، ئازاد ئارقا بەل قىلىپ پېپېنى ئەمەس راموسنى ئالدىغا سۈرۈپ ئىككى ئادەمنىڭ كوماندىدىكى رولىنى يوقلام قىلدى .



ئارقا مەيداننىڭ ئىپادىسى ھەرھالدا يامان ئەمەس بولىۋاتىدۇ لىكىن ئالدى مەيداننى يەنە رەتلەپ بولالمىسا تورىندىن نۇمۇسلۇق نەتىجە بىلەن قايتىپ كېلىشىگە كۆزۈم يىتىدۇ .

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 09:18:35

كۆپ سانلىققا ئاز سانلىق تەڭ كىلەلمەيدۇ ، ناھەقچىلىقنى پەيدا قىلغانلار ناھەقچىلىق يوق دەپ ئويلايدۇ .

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 09:26:15

مۇشۇنداقراق ئاداشكەن بۇ زادى ، شۇڭا مۇشۇ ئاداشنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆرگۈم تازا كەپ كەتمەيدۇ ، بىر يېرىدىن ئاقسا ، شۇنىڭغا چۇشلۇق يا ئالاھىدە يېرىمۇ يوق ، پۇتبول ساھەسىدىن چىقىپ كىنو ئىشلىسە بولىدۇ بۇ يىتىم \"\"

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 11:36:43

راسىت بولسا بەلەن دەپتۇ...ئۇنچىلىك ئاچچىقى بولمىسا بولماس.
بەت: [1]
: كىرىستىيانو رونالدو رېپىرنى «توخۇ يۈرەك» دەپ تىللىدى