elqut_cn يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 12:11:31

غۇلجا شەھەردە 1465 نەپەر بالا پۈتۈن دۇنيادىكى 50 مىڭ نەپەر بالا بىلەن بىرگە بوۋاقلار

غۇلجا شەھەردە 1465 نەپەر بالا پۈتۈن دۇنيادىكى 50 مىڭ نەپەر بالا بىلەن بىرگە بوۋاقلار، بالىلار ساغلاملىق سېپىگە ئاتلاندى























(2013-يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ غۇلجا) بۈگۈن، 67 دۆلەتتىكى 50 مىڭدىن ئارتۇق بالا بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيا مارافونچە جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى ـــــ ھاياتلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، ھەرىكەت قوللىنىپ پۈتۈن دۇنيادا سەھىيە خادىملىرى يېتىشسىز بولۇش كرىزىسىنى ھەل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. جۇڭگو شىنجاڭدىكى غۇلجا ۋە شاڭخەيدىكى 170 نەپەر بالىمۇ بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتى.

«ھاياتلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» ــــ بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بالىلار مارافونچە كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بالىلار كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى (42.195 كىلومېتىر) نى تاماملايدۇ ھەمدە كېنىيەلىك ماھىر پاترىك ماكائۇبارتنىڭ 2 سائەت 3 مىنۇت 38 سېكۇنتلۇق دۇنيا رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش جەمئىيىتى بالىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئارقىلىق جامائەتنىڭ بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا، بولۇپمۇ، 5 ياشتىن تۆۋەن بوۋاق، گۆدەك بالىلارنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسىگە قارىتا دىققىتىنى قوزغاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

2013-يىللىق «ھاياتلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» نىڭ باش تېمىسى «ئاساسىي قاتلام سەھىيە خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش» تىن ئىبارەت. يەنى، ئاممىنى ئاساسىي قاتلامدىكى سەھىيە خادىملىرىنىڭ بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش جەھەتتە ئوينايدىغان مۇھىم رولىغا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. پۈتۈن دۇنيادا سەھىيە خىزمەتچى خادىملىرى يېتىشسىز بولۇش كرىزىسىغا قارىتا، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى سەھىيە خىزمەتچى خادىملىرىغا كەسپىي تەربىيىلىنىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرىش، ئۇلارغا مۇۋاپىق ئىش ھەققى ۋە سىجىل بولغان كەسپىي تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

2013-يىلدىكى ھاياتلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى پۈتۈن دۇنيادىكى 67 دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق بالا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ئارقىلىق مۇسابىقىنى تاماملايدۇ. جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى غۇلجا پەنجىم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن شاڭخەينىڭ مىنشىڭ رايونى پۇجياڭ ئىللىقلىق مەكتىپىدىكى 170 نەپەر ساۋاقداشتىن 5 تارماق گۇرۇپپا تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ. بالىلار بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ھەقىقىي «باش پېرسۇناژلىرى» بولىدۇ، ئۇلار تەنھەرىكەتچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تەربىيىلەشتىن ئۆتكەن رېپېر، ۋاقىت ھېسابلاش خادىمى، ئەترەت مەسئۇلى ياكى ئوپېراتورلۇق ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

10- ئاينىڭ 13- كۈنى شىنجاڭ غۇلجا شەھرى پەنجىم مەركىزى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئۇستازلاردىن 1465 نەپەر ئادەم بۇ قېتىملىق مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسى پائالىيتىگە قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 11 ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان 111 نەپەر ئوقۇغۇچى كۈچ ئۇلاپ يۇگرەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى . بۇ قېتىملىق غۇلجا شەھرى پەنجىم مەركىزى مەكتەپ ئۆتكۈزۈلگەن مارافونچە كۈچ ئۇلاپ يۈگرۈش مۇسابىقىسىنى غۇلجا شەھەرلىك پارتىكوم، ھۆكۈمەت ، پەنجىم يېزىلىق پارتىكوم، ھۆكۈمەت يىقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىدى.غۇلجا شەھەرلىك سەھىيىيە ئىدارىسى ئىدارە باشلىقى مىرزات،غۇلجا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمە رەئىسى رۇقىيە،پەنجىم يېزا يېزا باشلىقى سەيدەلىم، غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دىلشات، غۇلجا شەھەرلىك تاشقى ئىشلار ئىدارىسى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابلەت قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى.پائالىيەتتە 111نەپەر ئاۋانگىرات پىدائى ئۆسمۈر قىزىل. كۆك ، يېشىل ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ كۈچ ئۇلاپ يۈگرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.مۇسبىقە 2سائەت 8مىنۇت 16 سىكنوتتا ئاخىرلىشىپ قىزىل رەڭلىك گۇرۇپپا چىنپىيون بولسى ۋە بۇلتۇر بېيجىڭدا يارتىلغان مەملىكەت ئىچىدىكى رېكوترىتنى بۇزۇپ تاشلىدى.پائالىيەتكە غۇلجا شەھەرلىك تېلۋىزىيە ئىستانىسى، ئېلى گىزىتى ، ئېلى كەچلىك گېزىتى، غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورى قاتارلىق تاراتقۇ ۋەكىللىرى كېلىپ قاتناشتى.

بالىلارغا ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى جۇڭگو تۈرىنىڭ باش ۋەكىلى پىيا ماكرائې خانىم مۇنداق دەيدۇ: سەھىيە خادىملىرى ــــ بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ھالقىلىق كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلارغا بېرىدىغان بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى توغرىسىدىكى تەكلىپلىرى بالىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز جۇڭگودىكى بالىلارنىڭمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بالىلار ئەترەتلىرى سېپىگە قوشۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ئىشلار ئۈچۈن سادا ياڭرىتىۋاتقانلىقىنى خۇشاللىق ئىلكىدە كۆرۈپ يەتتۇق.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈرگە ھەمكارلاشقان مەكتەپلەرنىڭ مۇسابىقىنى ئاكتىپ قوللىغانلىقى ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئىشتراك قىلغانلىقىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇق. ھاياتلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بالىلارنى ئاساس قىلغان دۇنياۋى ھەرىكەت بولۇپ، بالىلارنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلىرى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىلىدۇ، شۇنداقلا سەھىيە خادىملىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىنىدۇ. جۇڭگولۇق بالىلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بالىلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئەھۋالدا بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كېتەرلىك مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلدى، بۇ كىشىگە زور مەدەت بولىدۇ.

نۆۋەتتە، بالىلارغا ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيادىكى پائالىيەتچىسى ۋە تەشەببۇسچىسى، باش نازارەتچىسى مىچېل ئانگلادې مۇنداق دەيدۇ: پۈتۈن دۇنيادىكى 5 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بالىلارنىڭ سانىنى ئازايتىشتا زور ئىلگىرىلەش بولدى، 1990-يىلدىكى 12 مىليون بالىدىن 2012-يىلى 6 مىليون 600 مىڭغا چۈشتى. ئەمما، جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ھەر بالىنىڭ تېخنىكىدا پىشقان سەھىيە خادىمىنىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالىشىغا كاپالەتلىك قىلمىغاندا، 2015-يىلى 5 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ نىسبىتىنى 2/3 تۆۋەنلىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تولىمۇ تەسكە توختايدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بالىلارغا ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى ئىزچىل تۈردە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا سەھىيە خادىملىرى يېتىشمەسلىك ھادىسىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان «‹ھەر بىرەيلەن› گە كۆڭۈل بۆلۈشتىكى سەھىيە خادىملىرى كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش» ناملىق دوكلاتتا، بالىلارغا ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەھەللە سەھىيە خادىملىرى، دوختۇرلار، سېسترالار ۋە تۇغۇت ياردەمچىلىرى بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ، ئۇلار بارلىق سەھىيە مۇلازىمەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ھالقا بولۇپ، ھەر ۋاقىت بالىلارنىڭ ھايات-ماماتىنى بەلگىلەپ تۇرىدىغان ئامىلدۇر.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) نىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئاساسىي سەھىيە مۇلازىمىتىدە ئېھتىياجلىق بولىدىغان دوختۇر، سېسترالار ۋە تۇغۇت ياردەمچىلىرى سانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نىسبىتى ھەر 10 مىڭ ئادەمگە 23 نەپەر سەھىيە خادىمى توغرا كېلىشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى، پۈتۈن دۇنيادا ھېلىھەم نەچچە ئونلىغان دۆلەتلەر بۇ ئەڭ تۆۋەن نىسبەتكىمۇ يېتىپ بولالمىدى. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونىغا جايلاشقان. سەھىيە خادىملىرىنىڭ زۆرۈر ۋە ۋاقتىدا تەمىنلەيدىغان قۇتقۇزۇش، داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالمىغانلىقى سەۋەبلىك، ھەر كۈنى بىر مۇنچە بالىلار ئۆلۈپ كېتىدۇ. 2015-يىلغا بارغاندا بوۋاقلار، بالىلار ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ۋە ئەيدىز، تۇبېركۇليوز، بەزگەكنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىكى مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيادا يەنە 3 مىليون 500 مىڭ دوختۇر، سېسترا، تۇغۇت ياردەمچىسى ۋە مەھەللە سەھىيە خادىمىنى كۆپەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.



بالىلارغا ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى توغرىسىدا

بالىلارغا ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ جۇڭگودا تۈر قانات يايدۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرقى خادىملىرىنىڭ سانى 100 نەپەردىن ئاشىدۇ، نۆۋەتتە جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خەلقئارا غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىدىن بىرىدۇر.

جۇڭگودا، بىز تۈرلەرنى بىۋاسىتە يولغا قويۇش، تەربىيىلەش، تەتقىقات، تەشۋىقات ۋە تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، چەت، يىراق، نامرات رايونلاردىكى، بولۇپمۇ نامراتلىقتا ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى بالىلارغا، شۇنداقلا شەھەردىكى كۆچمە ئاھالىلەرنىڭ بالىلىرىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ بوۋاقلىق، بالىلىق چاغلىرىدىكى ساغلاملىق، تەربىيىلىنىش ۋە تەرەققىيات، بالىلارنى قوغداش، بالىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى ياخشىلايمىز ھەم يۇقىرى كۆتۈرىمىز، شۇنىڭدەك، ئاپەتكە ئۇچرىغان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەيمىز.

2012-يىلى، بالىلارنى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى جۇڭگودا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، 800 مىڭغا يېقىن بالا ۋە 800 مىڭ نەپەر قۇرامىغا يەتكەن كىشىگە نەپ يەتكۈزدى، پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي مەبلەغ سېلىنمىسى 6 مىليون 900 مىڭ دوللارغا يەتتى.



ھاياتلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى توغرىسىدا:

«ھاياتلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» بالىلارغا ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى بالىلار مارافونچە كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بولۇپ، مارافونچە يۈگۈرۈشتىكى دۇنيا رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىش ئۇسۇلىدا پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئورتاقلىشىپ بالىلارنىڭ ياشاش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇراجىئەت قىلىدىغان، جامائەتنى ھەرىكەت قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان پائالىيەتتۇر. 2013-يىللىق «ھاياتلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، يەنى، بالىلارغا ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ «دۇنياۋى ھەرىكەت كۈنى» دە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭغا 67 دۆلەتتىن 50 مىڭدىن كۆپرەك بالا قاتنىشىدۇ. 2012-يىلى، «ھاياتلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» 2012-يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنى «دۇنيا ئاشلىق كۈنى» دە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 42 دۆلەتتىن جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق بالا قاتناشقان ئىدى.



تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەي دېسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

****************

بالىلارغا ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش جەمئىيتىنىڭ جۇڭگودىكى تۈر باشقۇرغۇچى تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز:

www.savethechildren.org.cn

بىزنىڭ يېڭى دولقۇن (شىنلاڭ) مىكرو بلوگىمىزغا كۆڭۈل بۆلگەيسىز:

@救助儿童会http://weibo.com/savethechildrenchina

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 09:30:43

تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ،
بەت: [1]
: غۇلجا شەھەردە 1465 نەپەر بالا پۈتۈن دۇنيادىكى 50 مىڭ نەپەر بالا بىلەن بىرگە بوۋاقلار