يېڭى MV «ئاچىل»، «خەۋەر يوق» ئەنۋەر ئابدۇگۈل ئورۇنلىشىدا
ئىدىقۇت ۋادىسىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، يۈرىكى ئاتەش زېمىندىن ھارارەت ئالغان ئەنۋەر ئابدۇگۈل شىنجاڭغا تونۇلغان قابىل ئادۋوكات، شۇنداقلا تونۇلغان ناخشىچى. ئۇ كۆپ يىللاردىن بېرى ئادالەتنى ياقىلاپ، قانۇن ۋاستىسى ئارقىلىق مىسكىن كۆڭۈللەرگە مېھرى – مۇھەببەت يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، مەردانە ساخاۋەتلىك ئىش - پائالىيەتلىرى، لىرىك ناخشىلىرى بىلەنمۇ ئەلگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە. ئەنۋەر ئابدۇگۈل بۇ قېتىممۇ سەنئەت ۋاستىسى بىلەن خەلققە بولغان سۆيگۈسىنى، مېھرى – مۇھەببەتلىك قەلبىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن 2013 – يىل 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھوزۇرىغا بىر مەيدان سەنئەت كېچلىكى تەييارلىدى.
ئەنۋەر ئابدۇگۈل نەچچە يىل تەييارلىق قىلغان بۇ كېچىلىكنىڭ ناخشىلىرى پەلسەپەۋىيلىك ۋە بەدئىي پاساھەتكە تۇيۇنغان. يېڭى، جەلىبكار، مېلودىيەسى ئۆزگىچە بولۇپ، ئەنۋەر ئابدۇگۈلنىڭ لېرىك، مۇڭلۇق، ياڭراق ئاۋازى سىزگە چوقۇم يۇقىرى بەدئىي زوق ئاتا قىلىدۇ.
كېچىلىكىمىزگە دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رېژىسسور نىجات نىياز خوجا رېژىسسورلۇق قىلىدۇ، ئاتاغلىق ناخشا چولپانلىرىمىزدىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، سەمى ئوسمان، ئىبراھىم قۇربان، ئىسكەندەر سەمەت، مۇرات مۇختەر، پەرغانە ئالىم، ئەكبەر ئەبەيدۇللا، ئەخمەتجان ئابدۇگۈل، ئەنۋەر رېقىپ، سادىقجان ساتتار، ئىتوت چولپانلىرىمىزدىن گۈلجامال مەتنىياز، ئىمام ياسىن، ئابدۇكېرىم ئابلىمىت، ئامىنە ئابلا، ئاتاغلىق رىياسەتىچىلىرىمىزدىن ئابدۇكېرىم ئابلىمىت، ماھىرە ئابدۇغېنى، ئىسھاق سۇلايمان، زۇلپىيە رېشىت قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ.
ئورنى: شىنجاڭ خەلق سارىيى (سەككىز قەۋەت ئۇدۇلىدا)
ۋاقتى: 2013 – يىل 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:00 دا
بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن كېلىپ بېلەت تەكشۈرتۈپ بولۇڭ، كېچىكىپ قالماڭ!
نىجات نىياز خوجا قانداقسىگە رېژىسسور بولۇپ قالغاندۇ؟ مەن ھەۋەسكار تۇرۇپمۇ بۇنىڭدىن نوچى ئىشلەپ باققان، كىرىشتۈرۈپ باققان.
باشقىسىنى دېمەي تۇراي، ئۆلمەس، جەڭگىۋار ناخشا «ئاچىل»غا ئىشلەنگەن، كىرىشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈڭ. بۇمۇ قول ئۇچىدا قىلىدىغان نەرسىمۇ؟
سەنئەتچىدىنغۇ بىلىم-ساپا دېگەنلەرنى كۈتكىلى بولمايدۇ، بەدىئىي دىتى بولمىسا تېخىمۇ چاتاقكىنا؟!
ئوپىراتورلۇق، مونتاژلىق، رېژىسسورلۇقنىمۇ قىلالايدىغان ئادەم قىلغۇلۇقكەن.

نىجات نىيازغا يېقىنراقلار ئېيتىپ قويۇڭلار، بۇ ساھەدە ئاساسەن ماددىي شارائىتى تولۇق بولغاندىكىن، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىز قىلالمايۋاتقان نەرسىلەرنى ياخشىراق قىلسۇن. ھەر ئىككىسىلا خەنلەرنىڭ MV سىگە ئوخشاپ قاپتۇ، خەنچە پۇراق!