namalum يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 11:33:07

خىزمەت يوقمۇ ياكى ساپامۇ؟

خىزمەت يوقمۇ ياكى ساپامۇ؟

تۇردى لېتىپ

خىزمەت دېگەن تۇرمۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ياشاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئاتا-ئانا، دوست يارەنلەرنىڭ ياردىمىدىن مۇستەسنا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، مۇستەققىل ياشاشنىڭ مۇقەررەر شەرتى. خىزمىتى بار بولۇش تاپاۋىتى بار، يەيدىغان ئىچىدىغىنى، كىيىدىغىنى ۋە تۇرىدىغان جايى باردېگەنلىك بىلەن باراۋەر.

يېشى سەكسەنگە ئۇلاشقان، بىر ئۆمۈر خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن ئائىلە قۇرۇپ پەرزەنتلىك بولمىغان بىر ياپونىيەلىك تونۇشۇم بار ئىدى. ھەر يىلى شىئەنگە كېلىپ 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا بىر ئاي تۇرۇپ دەم ئېلىش قىلاتتى. بىر كۈنى تاماق ئۈستىدە ئۇنىڭ مېڭىش تۇرۇش- ھەرىكىتىنىڭ خېلىلا قولاشماي قېلىۋاتقان بولسىمۇ جىددى خىزمەت چىقىپ قېلىپ ھەر دائىم چاقىرتىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئېسىدىن چىقارمايۋاتقانلىقى كۆرگەن مەن، نېمە دەپ دەم ئېلىشقا چىقىپلا كەتمەيدىغانلىقىنى سورىشىم بىلەن ئۇ كىشى كۆزۈمگە قاراپ «ئەگەر مېنىڭ مۇشۇ خىزمىتىم بولمايدىغان بولسا، مەن يەۋاتقان مۇشۇ تاماق نەدە تۇرۇپتۇ؟» دەپ كىنايىلىك جاۋاب بەرگەن ئىدى. باشقىلارنىڭ ياردەم قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ پىشقەدەم ياپونىيەلىك قوللىرى تىتىرىگەن، ھەرىكىتى قولايسىزلاشقان، 4 سائەت ئايرۇپىلاندا ئۇلتۇرۇشمۇ تەسلەشكەن مۇشۇ يېشىدا يەنىلا خىزمەتنى قولدىن بەرمىگەن ئىدى. يېنىدىكى خىزمەت تېلېفونى سايراپ، تېز كېلىش تەلەپ قىلىنسا مەيلى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر شەرتسىز خىزمەت ئورنىغا قايتاتتى.

ياپونىيەلىكلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن يېشى خىزمەت قورامىغا يەتكەنلا بولسا قىلىدىغانغا خىزمەت بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم. مەيلى ئۇ خىزمەت قانچىكى ئاددىي، ياكى قانچىكى مۇشكۈل بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، خىزمەت، شۇ خىزمەت ئىگىسىنى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بىردىن بىر قورال.

خىزمەت تېپىش ياشاش شارائىتى ھازىرلاش بىلەن باراۋەر. بالىلىق، ياشلىق مەزگىلىدە مەيلى قانداقلىكى ئالەمشۇمۇل ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولمىسۇن، مەلۇم خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلگەندىلا ياشاشنىڭ، ئۆزىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنىڭ بىردىن-بىر شەرتى ھازىرلانغان بولىدۇ. مېنڭ ئۇنداق ئىقتىدارىم بار، مۇنداق ئىقتىدارىم بار دەپ خىزمەتنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىشىنى كۈتۈش سېپى ئۆزىدىن ئەخمەقلىق.

جەمئىيەتكە يېڭىلا قەدەم قويغان، ئۆزەمدە بەش خىل تىل بىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئېلېكتىر كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان نەتىجەم بولغان چاغلىرىمدا خىزمەت تاللاش يۈزىسىدىن بىر مەزگىل خىزمەتسىز ئۆتكەن ۋاقتىم بولغان. خىزمەتتىن ئېچىرقاپ كەتكەن مەن، كەسپىمگە ۋە تىل ئالاھىدىلىكىمگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تېپىش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا بارغان ئىدىم. تۈنجى قېتىملىق ئوڭۇشلۇق خىزمەت ئورنىغا ئېرىشكەن ۋاقتىمدا دەسلپكى ئۇچرىشىشتا ئۆزەمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىم، تاماقلىنىش شارائىتىمنىڭ باشقا خىزمەتچىلەرنىڭكى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان ئىدىم. كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشىش بەدىلىگە بىر ئاي مۇسۇلمانچە ئەمەس تاماق ئۈستىلىدە گاڭپەن دۈملەيدىغان قازاندىن ئۆزەمنىڭ خاس قاچامغا گاڭپەننى ئۇسۇپ ئېلىپ، ئۈستىگە ئاچچىقسۇ ۋە لازا تەككۈزۈپلا تەخسىدىكى قورۇمىلارغا چوكا سوزماي يېيىشكە مەجبۇر بولغانمەن. مۇددەت بىر ئايغا توشقاندىن كېيىن مېنى خىزمەتكە قوبۇللىغانلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا نائىل بولۇپ، مېنىڭ تاماقلىنىش ئادىتىم ئۈستىدە تەپسىلى سۈرۈشتۈرۈشلەر بولۇنغان ۋە ماڭا ئايرىم قازان- قۇمۇچ تەييارلىنىپ، توخۇنى ئۆزەم سويۇپ بېرىدىغان، گۆشنى ئۆزەم دەم ئېلىش كۈنلىرى سېتىۋېلىپ كېلىدىغان پۇلىنى ئاشپەز بېرىدىغان ۋە كۈنلىكى ئۈچ ۋاق تامىقىمنى ئاشپەز مېنىڭ تەلىۋىم بويىچە ئايرىم قازان، ئايرىم قوراللاردا باشقىلارنىڭكىگە قىلچە ئارىلاشتۇرماسلىق شەرتىدە ئېتىپ بېرىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن ئىدى.

ئەگەر يېڭىدىن خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن ۋاقتىمدا ئۆزەمنىڭ تاماقلىنىش شارائىتىم ئۈستىدە ئۆز تەلىۋىمنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بولسام بۇ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىم ئېنىق ئىدى. ئۇلار بىر ئايلىق كۈزىتىش جەريانىدا مېنىڭ ھەقىقەتەن قابىلىيەتلىك ياخشى خىزمەتچى بولۇپ چىقىدىغانلىقىمنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن مېنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمغا نەزىرىنى ئاغدۇرغان ۋە مېنىڭ تەلىپىم بويىچە ئورۇشلاشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

شۇ ئورۇندا ئىشلەپ بىر يىلدىن ئاشقاندىن كېيىن ھەر قېتىملىق ئىختىساسلىقلار بازىرىغا خىزمەتچى قوبۇللاشقا بارىدىغان چاغدا مەيلى قايسى بۆلۈمگە بولمىسۇن، مەن بىلەن ئالاقىسى بولسۇن بولمىسۇن مېنى بىرگە ئېلىۋالىدىغان ھالەت شەكىللەندى. خىزمەت ئىزدۈگۈچىلەر ئادەم دېڭىزى ھاسىل قىلغان مۇشۇ قىستاڭچىلىقتا ھەر بىر خىزمەت ئىزدىگۈچى بىلەن قىسقا پاراڭلىشىپ دەسلەپكى باھانى بېكىتىش مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەنگەن ئىدى.

خىزمەت تېپىش دېگەن ھاياتلىق يولى تېپىش بىلەن باراۋەر، ئۇ خۇددى چۆلدە ئۇسسۇزلۇقتا ھالى قالمىغان يولۇچىنىڭ سۇغا تەشنا بولغىنىدەك تەشنالىق جەريان بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ياراتساڭ ئىشلەيمەن، ياراتمىساڭ تۇرقۇم شۇ ماڭىمۇ ئامال يوق دەيدىغان بېخۇتلۇق ئىچىدىكى تاللاش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. بىر ئۆلۈش خىزمەت قىلىپ قېلىش پۇرسىتىنى بايقىغان ھامان يۈز ئۆلۈش تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بەدىلىگە ئەشۇ خىزمەتكە ئېرىشىشنى كۆزلەش كېرەك. بولمايدىكەن جەمئىيەتتە پۇت تېرەپ تۇرۇشقا ئامال يوق، ھەتتا نورمال ياشاشقىمۇ ئىلاج يوق، كوچا بىكار تەلەپلىرى سېپىگە قوشۇلۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.

خىزمەت ئىزدەش تولىمۇ مۈشكۈل، قىلچىلىك بىخەستىلىك قىلىشقا بولمايدىغان مۇرەككەپ بىر جەريان. بىر ئادەمنىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق خىزمەتنى قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدىغان ھەممىگە قادىر ئونۋېرىسال ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ياخشى بايقىغان ئاساستا ئۆزىنىڭ كەسپى، ئىشتىن سىرت ئۆگەنگەنلىرى ۋە ئۆزىدە ئەزەلدىن بار بولغان ئارتۇقچىلىرىنى ياخشى رەتلەپ چىقىپ، شۇنىڭغا مۇمكىن قەدەر ماس كېلىدىغان خىزمەت ئورنىغا ئۆزىنىڭ خىزمەتكە ئېرىشىش ئارزۇسىنى سۇنغاندا خىزمەت تېپىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.

دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ باشقا بىر ئادەم بىلەن ئىقتىدار، ئالاھىدىلىك جەھەتلەردە ئوپ-ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىكى بولغىنى ئۈچۈن ھەممىلا ئادەمگە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت تېپىلىدۇ. خىزمەت تېپىشتا مەن باشقىلارغا ئوخشاش ئەمەس مېنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان مۇنداق ئالاھىدىلىكلىرىم بار دېگەننى كۆپرەك ئويلاشقان تۈزۈك. شۇڭا خىزمەت تېپىشتا مېنىڭ پۇت- قولۇم تۈزۈك، بەش ئەزايىم تولۇق، باشقىلار قىلالىغان ئىشلارنى مەنمۇ قىلالايمەن دېيىش روشەنكى خىزمەتسىز قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەكسىچە مەن باشقىلار قىلالىغاننى مەنمۇ قىلالايدىغان بولۇشقا تىرىشقاندىن باشقا مېنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكىرىم بولغاچقا مەن يەنە مۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمەن دېيىش خىزمەت تېپىشىڭىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ئەتراپلىق دەڭسەپ، ئېرىشمەكچى بولغان خىزمەت ئورنىنىڭ ئاساسلىق تەلىپى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە، ئۆز-ئۆزىگە ئالدىن ئالا باھا بېرىپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرۇش ماتېرىيالىنى تۈزۈش دەل يۇقىرىقىلارنى ھازىرلاشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلىق دەۋردىكى بىلىم ئېلىش باسقۇچىدا يەنە مەلۇم ۋاقىت ۋە زېھىن چىقىرىپ خۇددى كۈندىلىك خاتىرە يازغانغا ئوخشاش ئۆزىگە ئۆزى باھا بېرىپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىشى، پۇرسەتلا بولسا ئۆزىنىڭ تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالىنى تۈزۈپ چىقىپ بىر قىسىم خىزمەت ئورۇنلىرىغا خىزمەت ئىلتىماسى سۇنۇپ بېقىشى كېرەك. گەرچە كۆپ ھاللاردا كەسپى تېخى تاماملانمىغان، جەمئىيەتتىكى خىزمەت ئېھتىياجىدىن خەۋەرسىز قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى قوبۇللاشقا ئېرىشەلمىگەن تەغدىردىمۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشنىڭ تەييارلىق باسقۇچىنى بېسىشقا تەجرىبە توپلىغان بولىدۇ. خىزمەت تېپىشتىكى ئۆز ماتېرىيالىنى كۆرسىتىپ باشقىلارنىڭ قوبۇللىشىغا ئېرىشىش ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بىلەن ئوخشاش، خىزمەت تېپىشتىكى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش بولسا ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بەرگەن بىلەن ئوخشاش. بۇنداق ھەل قىلغۇچ ئىمتاھانلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈنمۇ ئالدىن پۇختا، ئەتراپلىق، تەكرار تەييارلىق قىلماي بولمايدۇ. يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشتىكى كەسىپ ماس كەلمەسلىك، شارائىت يار بەرمەسلىك قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىم رەت قىلىنىش دەل ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىق ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىقىدەك چېنىقىش پۇرسىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن نۇرغۇن ئىقتىدارلىق ياشلار يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشتە غەلبە قىلالمىغاننى ئاز دەپ، روھى جەھەتتىن زەربە ھېس قىلىپ، يەنىمۇ ئىزدىنىپ قايتا خىزمەت ئىزدەش راھىدىن يانىدۇ-دە باشقىلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى كۈتۈپ يېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نەتىجىدە نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىل ساقلاپمۇ تۇراقلىق خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمەي جەمئىيەتتىن زارلىنىپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ تەغدىرى روشەنكى خاراپلىققا يۈزلىنىپ جەمئىيەتكە يۈك ھەتتا بالايى-ئاپەت بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەكسىچە ھەر قېتىملىق يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش پۇرسىتىنىڭ بولغىنىنى جەمئىيەتنى چۈشۈنۈپ بېقىش، ئۆزنى يەنىمۇ پۇختىلاش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت دەپ بىلىشى كېرەك ئىدى. شۇنداقلا يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش پۇرسىتىنى مۇمكىن قەدەر قەدىرلىشى كېرەككى، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ئارىغا ئادەم سېلىش، ئارقا ئىشىك قىلىشقا ئورۇنۇش، سىرتتىن تىڭتىڭلاپ كۆرۈشلەرنىڭ ھەممىسى شۇ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشنىڭ پۇرسىتىنى يوققا چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ھەر بىر خىزمەت ئورنىنى خۇددى ئۆزىگە سېلىنغان بىر قېتىملىق بويۇنتۇرۇقتەك ھېس قىلىپ، ئۆزىنى قوغداش تىپىدىكى مۇئامىلە ۋە گەپ ئۈستىدە ئۆزى ئۈستىدە توختالماستىن كەلگۈسى خىزمەتنىڭ سالمىقى، خىزمەت ۋاقتى، تەمىناتلار ئۈستىدە تولا سوئال سوراشلار خىزمەت ئىزدۈگۈچىنىڭ خىزمەتسىز قېلىشىغا ئاساسلىق سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. ھەقىقىي، مەلۇم بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ئادەمدە شۇ خىزمەتنى مەن قىلىپ باقسام دېيەلەيدىغان جۈرئەت بولۇشى كېرەككى باشقىلار ماڭا شۇ خىزمەتنى قىلغۇزماقچى دەيدىغان ئوي بولماسلىقى كېرەك. كېيىنكى تەغدىرىگە بېرىپ چېتىدىلىدىغان ھەل قىلغۇچ ئىشقا قورقماي جۈرئەت قىلغۇدەك جاسارەت بولمىغان، ئۆز ئارزۇسى ۋە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئىتى بولمىغان ياكى مۇستەققىل يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە پېتىنالمىغان خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلىشى تۈپتىن مۇمكىن ئەمەس.

خىزمەت دېمەك شۇ خىزمەتكە ئېرىشكۈچىنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل بولغانىكەن، خىزمەت پۇرسىتى قەدىرلەش جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈچۈن ئورتاق مەجبۇرىيەت. مەيلى ئۇ خىزمەت سىزگە لايىق كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن، ھەتتا سىزگە لازىم بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئەشۇ خىزمەت ئورنى ئېھتىياجىنىڭ بولغانلىقىلا قەدىرلەشكە تېگىشلىك مۇھىم پۇرسەت. ئادەملەر خىزمەت- ئەمگەك قىلىش ئارقىلىقلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. جەمئىيەتمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىقلا تەرەققىي قىلىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن خىزمەت تېپىش پەقەت يېڭىدىن جەمئىيەتكە چىققانلارنىڭلا ئىشى ئەمەس، پەقەت ئەقلىي ھۇشى جايىدا، مەلۇم ھەرىكەت ئىقتىدارى بار ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ داۋاملىق ئويلايدىغان ئىشى بولۇشى كېرەك. خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان 80 ياشلىق بوۋايغا ئوخشاش مىدىراش مۈمكىنلىكى بولسىلا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىكى، باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشقا ئورۇنماسلىقى كېرەك. شۇڭا ھەرقانداق ئادەم داۋاملىق ئۆز خىزمەت ئورنى بولۇشىنى چوڭ بىلىشى، خىزمەت ئورنى يوقلار تېخىمۇ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىشى، شۇنداقلا خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى قەدىرلىشى كېرەك.

شۇنداقلا ھەرقانداق بىر ياش ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئاممىۋىي مۇناسىۋەت قىلىشتىمۇ ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ تۇرۇشى، ئۆز-ئۆزىگە باھا بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئۆزىنىڭ ئارخىپ ماتېرىيالىنى رەتلەپ يېزىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

america يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 20:36:24

35- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

31- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@bilgejan

ئالىي مەلۇماتلىق كىشى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن يۇقىرىدىكى پىكىرىڭىز ئانچە مۇۋاپىق بولماي قالغانلىقىنى دوستانە ھالدا سەمىڭىزگە سالىمەن، ئەدەبىياتقا قىزىقامسىز؟ ماتېماتىكىغىچۇ؟ تارىخ، جۇغراپىيىگىچۇ؟ كارخانا باشقۇرۇش، ئەمگەك كۈچى بايلىقى كەسپىمۇ بىر ئىلىم، نەزەرىيىۋى قۇرۇق گەپ دەپ كەمسىتسەك توغرا بولمايدۇ.

بۇ ماقالە ئىدارە- ئورۇنلارغا ماس كەلمىسە، شىركەت- كارخانا ئورۇنلىرىغا تەدبىقلايلى، ئىش تاپالمايۋاتقانلارغا ماس كەلمىسە خىزمەت ئورنىدىكىلەرگە تەدبىقلايلى. ھەر ھالدا ئۇيغۇرغا تىرىشىشقا، ساپانى ئۆستۈرۈشكە زادىلا ھاجەت قالمىغانمۇ ئەمەستۇ. ھېچقايسىمىز بۇ يەردە دەرسلىك كىتاپ يېزىۋاتمايمىز، دىتىمىزغا ياقماي قالغان بىرەر

جۈملە سۆز ئۈچۈن ھەممىنى ئىنكار قىلساقمۇ قاملاشمايدۇ.

==============

ماۋۇ گىپىڭىز ئوغامغا تەگدى ھەم ئېتراز بىلدۈرىمەن. بۇ ماقالە قانداق قىلىپ ئەمدى بىر ئىلىمغا ۋەكىل بوپقالدى؟ مەن قانداق قىلىپ بىر ئىلىمنى قۇرۇق نەزەرىيە دەپ كەمسىتىپ قالدىم؟ كىشىگە بۇنداق قاملاشمىغان ئېغىر گۇناھلارنى يۈكلىگىلى ئارانلار تۇرمىساڭلاركەن. بۇ ماقالىدە تىرىشىپ ئىشلە دەپتۇ، توغرا، تېرىشىپ ئىشلەش كىرەك. ساپا بولسا خىزمەت بولىدۇ، دىمەكچىكەن، ناتايىن. خىزمەتنى شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپتۇكى، 80 ياشقىچە خىزمەت ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلى توي قىلمىغان ئادەمنى مىسال قىپتۇ، بۇ قايىل قىلارلىق ئاساسمۇ؟ كۆپىنچە تورداشلار دىگەندەك بۇ ماقالە بىر ئىلمىي ماقالە ئەمەس، يەنى كىلىپ قانداق ماقالە بولسۇن، مەركىزى ئىددىيىسى ھازىرقى جەمئىيىتىمىزگە ماس كەلمەيدىكەن. شۇڭا، بۇ ماقالىنى ياقتۇرمىدىم دىسەم ئەمدى ئالىي مەلۇماتلىق ئەمەسكەن دەپ قارسىڭىز، سىز شۇنداق ئويلاۋىرىڭ. پەندى-نەسېھەت دىگەننىمۇ قايىل قىلغۇدەك راۋرۇس قىلسا، ئۈنۈمى بولىدۇ. ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدىغان شۇئارلار ھەممە يەردە ساماندەك تۇرۇپتۇ... سىز بىلەن بۇ توغرىدا قايتا مۇنازىرلەشكۈم يوق، ئەڭ ياخشىسى بولدى قىلىڭ، توختاپ قالايلى، قالدىسىنى ھەر كىم ئۆز خىيالى بويىچە ئويلىسۇن. سىز قانداق ئويلىسىڭىزمۇ بۇنداق ئەرزىمەس ماقالە ئۈچۈن سىزنى باھالىمايمەن، لىكىن سىزنىڭ مېنى باھالىغۇڭىز داۋاملىق شۇنداق قىلسىڭىز بولىۋىرىدۇ. بەلكىم مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئالىي مەلۇماتلىق شەرتىگە توشماسلىقىم مۇمكىن، بۇنىڭ ئەلۋەتتە كارايىتى چاغلىق. ئامان بولغايسىز.

دىلرۇبانىڭ بىر چىرايلىق ئىنكاسىغا قايتۇرۇلغان بۇ ئىنكاسقا ئەپسۇسلاندىم. بىلگەجانغا سەل قاتتىقراق گەپ قىلاي دېسە بۇ بالا ئامېرىكىدا ئوقۇپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغان بىر مۇنەۋۋەر ياش، گەپ قىلماي ئۆتكۈزىۋېتەي دېسە بىر يەرلىرىدىن ساپاسىزلىقى تۆكۈلۈپ تۇرغان...

دوستۇمىز تۇردىما بالا خاڭرۇقلىرىنى چىقىرىپ سەتلىۋەتكۈدەك ھالەتتىكى ئادەم ئەمەس، ئىزدىنىشتا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەڭ كونا ئەزالىرىمىزنىڭ بىرى، جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىسىمۇ ، ئەخلاق-پەزىلىتىمۇ يېتىشكەن بىر ياش، باشقىلارنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن سەل ئېھتىيات بىلەن گەپ قىلايلى، كېيىن سىز چۈشۈرىۋەتكەن شۇ ئادەمنىڭ ئېلىۋەتكەن تىرنىقىدەكمۇ بولالمايدىغىنىڭىزنى ھىس قىلىپ قالىسىز...

ihlimpaxahan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 20:52:57

36- قەۋەتتىكى americaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھېلىمۇگەپلىرىڭىز يېنىك بولماپتۇ،بىر كىشى بىر كىشىنىڭ ماقالىسىنى ياقتۇرمىسا شۇنى مۇشۇنداق سەتلىۋېتىش كىرەكمۇ ؟بۇ يەردە ھېچكىم ھېچكىمدەك بولالمايدۇ ،بىلگەجاننىڭ قىلغان ئىشنى دوستىڭىز تۇردىقىلالىشى ناتايىن ،دوستىڭىز تۇردىنىڭ قىلغان ئىشىنى بىلگەجان تېخى قىلىپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن .شۇڭا كىم زادى كىمنىڭ تىرنىقىچىلىكمۇ ئەمەسلىكىنى بۇ مۋھۇم دۇنيادىكى سىز بىزلەر بېكىتەلمەيمىز ،بۇنى پەقەت ۋاقىت بەلگىلەيدۇ .دوستىڭىز تۇردى ئىزدىنىشنىڭ كونا ئەزاسى بولغانلقى ئۈچۈنلابىلگەجاندەك يېڭى ئەزالار چوقۇم ئۇ نىمە دىسەھەق راست دەپ تۇرىشى كىرەكمۇ ؟ماقالىگە قارىتا ھەر كىمنىڭ كۆزقارىشى ئوخشىمايدۇ ،بەزىلەر ئومۇمىيلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ ماس كەلمەيدۇ دىسە يەنە بەزىلەر نىسپىيلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ مەلۇم ساھەگە قاراتساق بولىدۇ دىدى خالاس،نىسپىيلىق بىلەن ئومۇمىيلىقنى چوقۇم بىرلىككە كەلتۈرۈپ پىكىر قىلىپ ماقالىنىڭ ئىديىسىنى ئاپتۇرپىكىر قىلغاندەك چۈشىنىشىڭ كىرەك دىيىشپىكىر مۇستەبىتلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

america يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 21:15:33

بىر كىشى بىر كىشىنىڭ ماقالىسىنى ياقتۇرمىغانلىقى سەۋەپلىك «بۇنداق ئەرزىمەس ماقالە»...«ئەخلەت» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ، بىر چىرايلىق ئوڭلۇق ئىنكاسقا تەتۈرلۈك قىلىپ ساپاسىز ئىنكاس قايتۇرسا ھەم كىچىك تۇرۇپ چوڭنى ھۆرمەتلىمىسە ياساپ قويىدىغان ئىزدىنىش بۇ.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 11:57:23

تۇردى لېتىپ ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ كونا ئەزاسى ، بەزى تېمىلارنىڭ ئاختۇرۇپ بېقىپ يوللاڭ ...

ئەلگەك ياكى ئۆتكەمىدە قانداق نەرسىنىڭ ئايرىلىپ چىقىشىنى شۇ ئەلگەك ياكى ئۆتكەمىنىڭ ئۆلچىمى بېكىتىدۇ ، ئىمتاھانلاردىكى مىللەت چەكلىمىسنى كۆرگەن ئادەم ھەممىنى ھىس قىلالايدۇ ....

....

قوڭنى قىسقان بىر ھۇنەر قىسقان يەردىن گۇل ئۇنەر دەپتىكەن . ئۆزەڭنى بىسىۋال دەيدۇ كۆڭلۇمدىكىقورقۇنۇچ .......

mamattoxti يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 12:28:20

بىر جەمىيەتتىكى ھەممە ئادەم تۇردى لىىتىپتەك نوچى بولمايدۇ(بەرقىنىڭ ئۇنى كۈيلەپ يازغان ماقالىسىدىن ھىس قىلىشىمچە بۇ ئادەم بوش ئەمەس) يۇقىرىدىكى بۇ ماقالىنى ئومۇمى جەھەتتىن رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائى سىياسىۋى ئەھۋالىنى ئويلاشماي يېزىلغان نەمۇنىلىك بىر ئەخلەت دىسەك بولىدۇ!جەمىيەتتە ھەممە ئادەم يۇقىرى ساپالق بولۇپ كېتىپ تېخنىلىق مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللېنىو كېتىشى ناتايىن ھەم مۇمكىن ئەمەس!يەنە بىرسى كېسىپ ئىيتاايمەنكى نۆۋەتتە ھېلىغۇبىر تۇردى لېتىپكەن يەھۇدىلارنىڭ سەرخىللىرىنى ئەكەلسەكمۇ ئەھۋالنىڭ قانداقلىقى ھەمەيلەنگە ئايان !

،ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇردى لىتىپ ئويلىنىپ كۆرۈشى كىرەككى ئۇنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش سىسىتىمىلىرى تەرەققى قىلىپ دۇنياۋى سەۋىيەدە بولدى دىگەندىمۇ ئۇيغۇر ئاشخانىلرىدىن سېرىت ھىچكىم ئاساسەن ئۇنىڭ خىرىدارلىقىنى قىلىپ بامىدى ھەم قىلىشى ناتايىن دەپ پەرەز قىلىمەن ! مانا بۇ ئومۇمى جەھەتتىن گگپنىڭ ساپادا ئەمەس بەلكى خىزمەتنىڭ يوقلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ! ساپا بارمۇ يوقمۇ مەسىلسىگە كەلسەكتۇردى لېتىپتەك دۇنيانىڭ ئىلىكتىرون تېخنىكىسىنىڭ ئالدىدا مىڭىۋاتقان ياپۇنلارنى قايىل قىلغان ئادەمنىڭمۇ ناۋادا ئۆزى ئايرىمئىگىلىك تىكلىمىگەن ئەھۋالدا مائاش شارائىتى ياخشى دۆلەت ئىگىدارچىلىقدىكى كارخانىدىن خىزمەت تاپالىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس!ئالدى بىلەن ساپالىقلار خىزمەت تاپمايۋاتقاندا خىزمەت يوقمۇ ساپامۇ دىگەن گەپنى بۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇش پىيادە ئادەمنى ماشىنىغا ئولتۇرۇۋالغان ئادەمگە يىتىشكۈدەك ساپارىڭ يوقكەن دەپ ئەيىپلەيدىغان نامەرىتلىك ھىساپلىنىدۇ!

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 14:01:29

بىر دوستۇم ، ھازىر ئامرىكا ئەلباشى ئوباما ئۇيغۇر بۇلۇپ ، مۇشۇ رايۇندا خىزمەت قىلماقچى بولسا ، ئوقۇتقۇچىلىقتىن باشقىغا يارىمايدۇ دېگەندەك قىلىۋاتقان. \"\"

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 14:07:40

ساپا ، ئىقتىدارمۇ مۇھىم ئورۇندا ... ئوسۇرغاققا ئارپا نىنى باھانە دېگەندەك ... بىر يەردە قەدرى بولمىسا يەنە بىر يەرگە بارغۇلۇق ... زارلاپ ئولتۇرى بەرمەي ...

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 16:29:04

شىنجاڭدا يولداشلار بىلەن بىلىم ئىقتىدارى ساپاسى تەڭلىشىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ يۇشۇرۇن قابىلىيىتىنى قېزىپ جارىي قىلدۇرۇپ، قىممەت يارىتىدىغان خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يولداشلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا قانداقراق؟ شۇنى شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ باقسا بولىدۇ، باش تىما يازغۇچىسى. ئاندىن ئويلشىدىغان باشقىچە ئىشلارنىمۇ بايقىشى مۇمكىن،

function يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 19:28:42

كىرمەيلا تېما كۆرۈۋاتقانتىم، ما تېمىنى كۆرۈپ ناچارنى بېسىش ئۈچۈن كىردىم.

mamattoxti يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 21:20:15

بەزى قەلەم ئىگىلىرىدە مەسىلنىڭ ماھىيىتىگە كۆزىنى يۇمۇۋىلىپ ھەممە مەسىلىنى بىزنىڭ ھورۇنلۇقىمىزغا دۆڭگەشكە ئۇرۇنۇش خاھىشى تولىمۇ كۈچلۈككەن

karizqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 22:17:02

بۇمۇ بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى تەجىربىلىرى ئاساسىدا يېزىلغان بەلكىم خىزمەت ئىزدەۋاتقانلارغا ياردىمى تىگىشى ۋە ياكى بىر ئۈمىت ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.بۇنى ئەخلەت ئۇنى ئەخلەت دېمەيلى ئىختىلاپ قىلىشمايلى ،ھەممىمىزنىڭ مەخسىدى بىرغۇ بىر ئادەم بولسىمۇ ئارزۇسىغا يەتسۇن دەيمىز ،شۇڭا باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغوق سۇ سەپمەيلى ،بەلكىم قېرىندىشىمىز شېنجىندا ياتاق تاماق ھەل قىلىنغان بىر قانچە خىزمەت پۇرسەتلىرىنى خىزمەت ئىزدەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا يارىتىپ بېرىۋاتقاندۇ.شەخسەن مەنمۇ ئۈرۈمچىدىكى بىر شېركەتكە يىلدا 4-5 كىچە ئادەم تۇنۇشتۇرۇپ بېرىمەن ،ئاشۇ ماڭنۇر قىلغاننى بىز قىلىمىز تىتىۋېتىمىز يىرتىيمىز دىگەن ھەر چېنىققان ھەربىي ،سىتۇدېنىتلار ئاسپىرانىتلار كىرىپ دەسلەپكى 1 ھەپتىلىك سىناق (ئامبار تازلىقى)دىن ئۆتەلمەي مەن ئىشخانىدا ئولتۇرۇشقا ماس كېلىمەن دەپ يېنىپ چىقىدۇ.بولمىسا مەن ئاتايىن تاپىلاپ ئەۋەتىمەن بىر ھەپتە سىناق ياكى ئىشلەپ بىر ئايدىن كىيىنكى بىر ھەپتە سىناق ئالىدۇ چىداپ ئىشلە دەيمەن ،قەسەمنى ياغدۇرۇپ مەندىن ئادىرىسنى تېلفۇن نۇمۇرىنى ئېلىپ كېتەمدۇ ،نەتىجىدە سىناق مەزگىلىدىن ئۆتەلمەيۋاتقان توۋۋا ،بولمىسا 4000 يۈەن ياتاق تاماق ھەل قىلىنىدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 06:56:59

خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدىن توي قىلماي بىر ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەن، كەسىپكە بولغان ئىشتىياقى تۈپەيلى بالىسىنى چۈشۈرىۋىتىپ داۋاملىق ئوقۇپ نەتىجە قازانغان (بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئۇچۇر) دىگەندەك گەپلەرنى ماختاش تەلەپپۇزىدا تىلغا ئالغاننى كۆرسەم{:106:}مۇشۇنداق ھېسسىياتقا كىلىمەن...

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 08:56:23

8- قەۋەتتىكى karizqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇمۇ بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى تەجىربىلىرى ئاساسىدا يېزىلغان بەلكىم خىزمەت ئىزدەۋاتقانلارغا ياردىمى تىگىشى ۋە ياكى بىر ئۈمىت ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.بۇنى ئەخلەت ئۇنى ئەخلەت دېمەيلى ئىختىلاپ قىلىشمايلى ،ھەممىمىزنىڭ مەخسىدى بىرغۇ بىر ئادەم بولسىمۇ ئارزۇسىغا يەتسۇن دەيمىز ،شۇڭا باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغوق سۇ سەپمەيلى ،بەلكىم قېرىندىشىمىز شېنجىندا ياتاق تاماق ھەل قىلىنغان بىر قانچە خىزمەت پۇرسەتلىرىنى خىزمەت ئىزدەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا يارىتىپ بېرىۋاتقاندۇ.شەخسەن مەنمۇ ئۈرۈمچىدىكى بىر شېركەتكە يىلدا 4-5 كىچە ئادەم تۇنۇشتۇرۇپ بېرىمەن ،ئاشۇ ماڭنۇر قىلغاننى بىز قىلىمىز تىتىۋېتىمىز يىرتىيمىز دىگەن ھەر چېنىققان ھەربىي ،سىتۇدېنىتلار ئاسپىرانىتلار كىرىپ دەسلەپكى 1 ھەپتىلىك سىناق (ئامبار تازلىقى)دىن ئۆتەلمەي مەن ئىشخانىدا ئولتۇرۇشقا ماس كېلىمەن دەپ يېنىپ چىقىدۇ.بولمىسا مەن ئاتايىن تاپىلاپ ئەۋەتىمەن بىر ھەپتە سىناق ياكى ئىشلەپ بىر ئايدىن كىيىنكى بىر ھەپتە سىناق ئالىدۇ چىداپ ئىشلە دەيمەن ،قەسەمنى ياغدۇرۇپ مەندىن ئادىرىسنى تېلفۇن نۇمۇرىنى ئېلىپ كېتەمدۇ ،نەتىجىدە سىناق مەزگىلىدىن ئۆتەلمەيۋاتقان توۋۋا ،بولمىسا 4000 يۈەن ياتاق تاماق ھەل قىلىنىدۇ.

سىناقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن شۇ ماڭنۇردىن 2ھەسسە جاپا تارتىشىڭىز كېرەك ، شۇنداق بولغاندا< شىڭ >نى ئالىسىز ،بۇتېخى خاۋ ئەمەس، ئۇنىڭغا تېخىمۇ بەك كۈچەيسىز، نورمال ئىشلىسىڭىز بۇشىڭ بوپ قالىسىز .

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 09:35:47

باشقا يەردە قانداقكى تاڭ، ئەمما دىيارىمىزدا خىزمەتكە ساپا كېتىدۇ دېسە، دېيىلگەن ساپا ئادەم ئولتۇرىدىغان لۆمۈلدەپ تۇرىدىغان ساپانى كۆرسەتسە كېرەك.

...چى، ...چى ، ... چى بولۇش ساپا دېيىلسە ئۇ باشقا گەپ.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 09:51:00

8- قەۋەتتىكى karizqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇمۇ بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى تەجىربىلىرى ئاساسىدا يېزىلغان بەلكىم خىزمەت ئىزدەۋاتقانلارغا ياردىمى تىگىشى ۋە ياكى بىر ئۈمىت ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.بۇنى ئەخلەت ئۇنى ئەخلەت دېمەيلى ئىختىلاپ قىلىشمايلى ،ھەممىمىزنىڭ مەخسىدى بىرغۇ بىر ئادەم بولسىمۇ ئارزۇسىغا يەتسۇن دەيمىز ،شۇڭا باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغوق سۇ سەپمەيلى ،بەلكىم قېرىندىشىمىز شېنجىندا ياتاق تاماق ھەل قىلىنغان بىر قانچە خىزمەت پۇرسەتلىرىنى خىزمەت ئىزدەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا يارىتىپ بېرىۋاتقاندۇ.شەخسەن مەنمۇ ئۈرۈمچىدىكى بىر شېركەتكە يىلدا 4-5 كىچە ئادەم تۇنۇشتۇرۇپ بېرىمەن ،ئاشۇ ماڭنۇر قىلغاننى بىز قىلىمىز تىتىۋېتىمىز يىرتىيمىز دىگەن ھەر چېنىققان ھەربىي ،سىتۇدېنىتلار ئاسپىرانىتلار كىرىپ دەسلەپكى 1 ھەپتىلىك سىناق (ئامبار تازلىقى)دىن ئۆتەلمەي مەن ئىشخانىدا ئولتۇرۇشقا ماس كېلىمەن دەپ يېنىپ چىقىدۇ.بولمىسا مەن ئاتايىن تاپىلاپ ئەۋەتىمەن بىر ھەپتە سىناق ياكى ئىشلەپ بىر ئايدىن كىيىنكى بىر ھەپتە سىناق ئالىدۇ چىداپ ئىشلە دەيمەن ،قەسەمنى ياغدۇرۇپ مەندىن ئادىرىسنى تېلفۇن نۇمۇرىنى ئېلىپ كېتەمدۇ ،نەتىجىدە سىناق مەزگىلىدىن ئۆتەلمەيۋاتقان توۋۋا ،بولمىسا 4000 يۈەن ياتاق تاماق ھەل قىلىنىدۇ.

ئېىسل ئىنكاس ، بۇلار ئېنىقلا لەتىفكامنىڭ ئۆگىنىش ۋە خىزمەت تەجىربىلىرىدىن ئېلىنغان تەجىربىلەركەنغۇ ،ئۇيغۇرلار ھورۇنلۇقىدىن خىزمەتكە ئورۇنلىشالمايدۇ دىگەندەك مەنانى ھىس قىلالمىدىم ، ساپانى ئۆستۈرۈش كېرەك دىگەن ئۇقۇمنى\"مەسىلىنىڭ ماھىيىتى بىلەن كارى يوق ، ھەممە گۇنانى ئۇيغۇرغا قويدى\" دەپ چۈشىنۋالساق قاملاشماس ، ئالدراپ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى يوققا چىقارمايلى بۇرادەرلەر...

ئەمىسە مەسىلىنىڭ ماھىيىتى نىمە؟؟؟بۇنىڭغا قارىتا قانداق قىلساق توغرا بولىدۇ ؟ مۇشۇلارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ ئاندىن باشقىلارنىڭكىنى ئىنكار قىلساقمۇ ئۈلگۈرىمىز .

ئەلۋەتتە ، رايونلارنىڭ خىزمەت ئورۇنلىشىش ، خىزمەت تېپىش ئىشلىرى ئوخشىمايدۇ ، يۇقارقى يازمىمۇ ھەممە كىشىگە ، ھەممە ئۇيغۇرغا ماس كېلىپ كېتىشى ناتايىن ، شۇنداقتىمۇ نەتىجە قازانغان بىر كىشىنىڭ تەجىربە-يەكۈنلىرى ئىچىدىن مېغىزىنى ئايرىۋېلىپ شاكىلىنى چىقىرۋەتسەك بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرگە پايدىلىق بىر تەجىربە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .

ئىنكار قىلىش ھەمىشە قوبۇل قىلىشقا قارىغاندا ئىتتىك ۋە ئوڭاي، لېكىن ھەمىشە خاتا بولۇپ قالىدۇ ، سوغۇققانلىق ئەسكى ئىش ئەمەس.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 10:13:03

خىزمەت يوق دەپلا ساپانى چەتكە قېقىشقا، ساپاغىلا ئېسىلىۋېىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ!

لېكىن، ماۋۇ ماقالىغا ئەلادىن بىرسى كەتتى~~~~

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 11:22:59

بۇ پىكىر ئادىل خىزمەتكە چىقىش پۇرسىتى بار يەردە توغرا بۇلىدۇ ، مىنىڭ يېنىمدا كومپىيۇتىرنى ئاران ئىشلىتىدىغان ، ھاتتا فامىلىسىنىمۇ كومپيىۇتىرىرغا كىرگۈزەلمەي بىز پىنيىننى دەپ بەرسەك ئاران كىرگۈزدىغان ئىختىساس ئىگىسى بۇلۇپ نەچچە مىڭ كىلومىتىرنىڭ نېرىسىدىن تەكلىپ قىلىنغاندىن نەچچىسى بار .

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 15:27:12

بىر ئوبدان ماقالىنى ما باللا باشقا يەرگە بۇرىۋالدى دېسە !

mamattoxti يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 15:46:24

15- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر ئوبدان ماقالىنى ما باللا باشقا يەرگە بۇرىۋالدى دېسە !

ھازىر قايسى ۋاقىت؟ بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بولىدۇ دىگەن تۈكى يوق گەپلەرنىڭ دەۋرى ئۆتتى!

چەتئەلدە بولىدىغان بولساھىچكىمنىڭبۇنداق ماقالە يېزىشىنىڭ ھاجىتى يوق بولۇشى مۇمكىنچۈنكى ئۇلار بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بولىدۇ دەيدىغان نەسىھەتچىئادەمگە ئىھتياجلىق بولمىغان مائارىپتا يېتىلگەن. دىمەك ئاپتۇرنىڭ بۇ يازمىسى ئۇيغۇر ياشلار ئۈچۈن كۆيۈنگەن روھى ھالەتتەيېزىلغانبولۇشى مۇمكىن ئەمما رايۇنىمىزنىڭ ئەھۋالىنى نەزەرگە ئالمايسۇئال سۈپىتىدە قويۇلغان ماۋزۇ ئاسانلا   ئىنتايىن ناباپ ۋە خاتا مەنا بېرىپ قويغان !ماقالە مەزمۇنىدىنمۇ چوشقىدىن بەتتەر ھالغا چۈشسىمۇ سەۋەپنى ئۆزىنى ئىزدەيدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنقىلابى روھپۇراپ تۇرىدۇ!

بەت: [1] 2 3
: خىزمەت يوقمۇ ياكى ساپامۇ؟