zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 00:49:01

بارسېلونا كوماندىسى خان مادىرىدنى مەغلۇپ قىلدى!










ئۈرۈمچى ۋاقتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت ( 10:15 ) مىنوت ئۆتكەندە ،پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىپ تۇرىۋاتقان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بىر مەيدان قىزىق نوقتىلىق مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىپ ،( 10-ئايلانما )  بارېسلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خانلىق مادرىد كوماندىسنى كۈتىۋالدى . مۇسابىقە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا باشتىن -ئاخىر بەك كەسكىن بولدى .ھەر ئىككىلا كوماندا قاتتىق تىركەشتى .



















ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابقە باشلىنىپ 19 مىنۇت بولغاندا بارسېلونا  كوماندىسىدىكى بىرازىلىيەلىك چولپان نېيمار چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە شەخسى تېخنىكىسىغا تايىنىپ بىر توپ ئۇردى .( ئىنىستا قارشى تەرەپنىڭ بىر نەچچە مۇداپىئەچىسىنى ئۈزىگە قارىتىپ تۇيۇقسىزلا نېيمارغا پاس بەرگەن ) كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 78 مىنوتقا قەدەم قويغاندا چىىلىلىق داڭلىق ھۇجۇمچى سانچېس يۇقۇرى سەۋيىلىك توپتىن بىرنى ئۇرۇپ نەتىجىنى مۇقىملاشتۇردى .( سانچېسنىڭ بۇ توپى ۋاراتار لوپېزنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىدىن ھالقىپ كىرىپ كەتتى ) ئىككى توپ كەينىدە قالغان خان مادرىد كوماندا ئەزالىرى كەينى-كەينىدىن كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ ، 90 مىنوت بولغاندا بىر توپ ئۇردى .مۇسابىقە جەريانىدا بېنزىمانىڭ يىراقتىن تەپكەن بىر توپى قاپقا تۈۋرۈكىگە تەگدى .نېيمار ھەقىقەتەن قالتىس ئوينىۋەتتى .بىراق 91 مىليۇنلۇق داڭدار ماھىر بېلنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن 61 مىنۇت مۇسابىقە ئويناپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى .شۇنداق قىلىپ 90 مىنۇتلۇق كەسكىن جەڭدىن كېيىن ، بارسېلونا 2 : 1 نەتىجە بىلەن خان مادرىدنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈچ نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى .





















Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 00:54:53

مازدەك ئىش بولدى ئەمما .......... \"\"

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 01:55:19

رونالدو ئېلىپ ماڭغان توپ





چىلىلىق داڭلىق ھۇجۇمچى سانچىس


ئۇرغان توپ





بىنزىمانىڭ ۋارىتا قاپقا تۈۋرىكىگە


تەگكەن توپى



zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 02:14:19

نىيمارنىڭ ئۇرغان توپى





رونالدونىڭ ياردەمچى پاسى بىلەن


كىرگەن توپ





بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىكى نادىر كۆرىنىشلەر





بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئائىت فىلىملەر سىنانىڭ ۋىدىئو قانىلىدىن ھەمبەھىرلەندى،سىنانىڭ ۋىدىئو قانىلىغا يوللانغان فىلىملەر ئاپتۇماتىك قۇيۇلۇپ كىتىدىغان بولغاچقا بۇ يەرگە ھەمبەھىرلىگەندىمۇ فىلىملەرنىڭ ئاپتۇماتىك قۇيۇلۇپ كىتىشىنى توسقىلى بولمىدى.شۇڭا تورداشلار مەزكۇر تىمىنى ئاچقان ۋاقىتتا ھەمبەھىرلىگەن فىلىملەرمۇ ئاپتۇماتىك قۇيۇلۇپ تورداشلارغا بىزارلىق تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگۈسى.پېقىر ئېلىپ كەلگەن بۇ قولايسىزلىقتىن كەڭ تورداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن.

iksak يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 06:30:28

يۈز كوي قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتىدە....

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 11:43:47

ئاخشامقى مۇسابىقىنى كۆرۈپ مورىنھو بىلەن ئوزىلنى ئەسلەپ قالدىم ، مادىرتنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ھەقىقەتەن چىچىڭلاڭغۇ ھالەتتە ، ئوزىلنى سىتىۋىتىپ رونالدو بىلەن ماسلاشقىدەك ئالدى بەلدىن بىرىمۇ يوق ، بىل مايمۇننى 100 مىليۇنغا ھەقىقەتەن قىممەت ئىلىۋالغانلىقىنى ھىس قىلدىم يىراقتىن ھاۋاغا ئۇرغان ئىككى توپىدىن باشقا تۈززۈكرەك توپىمۇ يوق . مورىنھومۇ باشتا كەلگەندە باساغا ئۇدا نەچچە مەيدان ئىچىنىشلىق ئۇتتۇرغان كىيىن مادىرتنى رەتلەپ نۇرغۇنلىغان چولپانلارنى يىتىشتۈرۈپ مادىرتنى خىلى مۇنتىزىم قىلىپ بۇلتۇر باساغا بوزەك بولمايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن ئەپسۇس، ئەمدى تىككەن دەرىخى مىۋە بىرەي دىگەندە ئۇ كىتىپ قالدى ، ئەنچىلوتى كىلىپلا ئوتتۇرا مەيداننى ئورۇنلاشتۇرالماي تىخىچە ئاۋارە بەلكىم ئەنچىلوتىنىڭ مادىرتنى مۇنتىزىمراق قىلىپ چىقىشىغا يەنە بىرەر يىل كىتىپ قىلىشى مۇمكىن مادىرىت ئۇنىڭغا ۋاقىت بىرىشى كىرەك .

بارسىلونادا ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە يەنىلا مۇداپىيە ئىكەن پۇيىلنىڭ ئورنىنى باسقۇدەك ئوتتۇرا مۇداپىيەچدىن بىرنى تاپمىسا ، شىددەتلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا بەرداشلىق بىرەلمەيدىكەن . نىيمار ھەقىقەتەن ساختا مال ئەمەسكەن ئالغان پۇلىغا چۇشلۇق ئوينىدى ، بەلكىم 2014 يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيە نىيمارنى يادرو قىلىپ سەپ شەكلى تۈزۈشى مۇمكىن ، نىيمار بۇنىڭ ھۈددىسىدىن مۇتلەق چىقالايدىكەن .

azizim يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 14:07:48

ئەجەپ ئوبدان بولدى \"\" \"\" \"\" \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 19:23:49

رونالدو يەنىلا ئوغال بالىدەك ئويناپ بىر پاس بېرىپ مادىرىتنىڭ يۈزىنى قايتۇرۋالدى. ئوتتۇرا مەيدان كۈچلۈك بولمىسا مۇشۇنداق بوزەك بولۇپ قالىدىغان گەپ.

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 21:51:02

خان مادرىد بىلەن بارسېلونانىڭ مۇسابىقىسىدىكى رېپىر تەنقىدكە ئۇچرىماقتا



\"\"



گۇئاردىئولا بىلەن مورىنىئو كەتكەندىن كېيىن، مارتىنو بىلەن ئانچېلوتتى ئۇلارنىڭ ئورنىغا مەشقاۋۇل بولدى، ئەمما ئىسپانىيە دېربىيسىدە يەنىلا تالاش-تارتىش توختىمىدى. 8-قېتىم ئىسپانىيە دېربىيسىغا رېپىرلىق قىلغان داڭلىق رېپىر مالېنكو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 4 قېتىم خاتا ھۆكۈم چىقاردى. «ماركا» گېزىتىنىڭ قارىشىچە بارسېلونا بېكى ماسچېرانو كىرىستىيانو رونالدونى ئىتتىرىۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئىنىقلا نۇقتا توپ ئىكەن. خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى مەشقاۋۇلى ئانچېلوتتىمۇ ئاچچىقلانغان ھالدا: «كۆپچىلىك ھەممىسى كۆردى، پەقەت باش رېپىرلا كۆرمىدى» دېگەن.



مالېنكو بۇرۇن 7 قېتىم ئىسپانىيە دېربىيسىگە رېپىرلىق قىلىپ باققان، ئالدىنقى 4 مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسى 2 مەيدان ئۇتۇپ، 2 مەيدان تەڭلەشكەن، ئەمما مورىنىئو خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا كەلگەندىن كېيىن مالېنكو رېپىرلىق قىلغان 3 مەيدان مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى تولۇق غەلىبە قىلغان. بۇنىڭ بىلەن مالېنكو بىر مەزگىل «خان مادرىدنىڭ بەخت قۇشى» دەپ نام ئالغان. مورىنىئو كەتكەندىن كېيىن بارسېلونا كوماندىسى مالېنكو رېپىرلىق قىلغان دېربىيدا قايتىدىن غەلىبە قىلدى. بىراق مالېنكونىڭ بۇ قېتىمقى رېپىرلىقى ئىسپانىيەدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ كوللىكتىپ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. «ئاس» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە: «مالېنكونىڭ خان مادرىد بېكى راموسقا بەرگەن ئىككىنچى سېرىق كارتا جازاسى ئارتۇقچە بوپ كەتكەن، پېپېنىڭ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە فابرېگاسقا قىلغان قائىدىگە خىلاپ ھەرىكىتىگە ھۆكۈم قىلمىغان. خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 2 نۇقتا توپقا ئېرىشىشى كېرەك ئىدى، يەنى ئادرېيانونىڭ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قولى بىلەن توپنى توسىۋېلىشى ۋە ماسچېرانونىڭ كىرىستىيانو رونالدونى ئىتتىرىۋېتىشى قاتارلىقلارغا رېپىر ھۆكۈم قىلمىغان» دېگەن.



\"\"



ئەڭ تالاش-تارتىش قوزغىغىنى بولسا ماسچېرانونىڭ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە كىرىستىيانونى ئىتتىرىۋېتىشى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ماسچېرانونىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى ئىنىق بولغان، ئەمما شۇنچە يېقىن ئارىلىقتا تۇرغان مالېنكو يەنىلا كىرىستىيانو رونالدونى ئورنىدىن تۇرۇشقا ئىشارەت قىلغان. تېلېۋىزىيە ئىستانسېسىدا مۇسابىقىنى چۈشەندۈرگەن بۇرۇنقى رېپىر ئولىۋېرمۇ: «بۇ ناھايىتى ئىنىق بىر نۇقتا توپ، ماسچېرانو كىرىستىيانو رونالدونى ئىتتىرىۋەتتى» دېگەن. پورتىگالىيەلىك چولپان رېپىرنىڭ ھۆكۈم قىلماسلىقى ۋە قارشى تەرەپنىڭ قائىدىسىزلىكىگە قاتتىق نارازى بولغان. سانچېس بارسېلونا كوماندىسى ئۈچۈن ئىككىنچى توپنى كىرگۈزگەندىن كېيىن ئوتتۇرا مەيدان چەمبىرىكىدە توپ باشلايدىغان ۋاقىتتا كىرىستىيانو رونالدو مالېنكوغا قاراپ: «سەن ... توخۇ يۈرەك» دېگەن، مالېنكو بۇنىڭغا قارىتا يەنە سېرىق كارتا چىقارغان.



خان مادرىد كاپىتانى راموسمۇ بۇنىڭغا قارىتا: «بەزى ئىشلارنى سىز ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز، مۇسابىقە نەتىجىسىنى رېپىر بەلگىلىۋەتتى» دېگەن. يەنە ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە بۇ مەيدان مۇسابىقىگە رېپىرلىق قىلغان مالېنكوغا نىسبەتەن ئىسپانىيە پۇتبول بىرلەشمىسى جازا ئېلان قىلغان بولۇپ، نەچچە مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلىگەن ھەمدە مەلۇم مىقداردا جەرىمانە قويغان.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 00:09:20

شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى. ئادرىئانونىڭ قولىنى كۆرمىگەن بىلەن رونالدونى ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتكىنىنى كۆرمەي قالغاندىمۇ؟

parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 19:12:07

قارىغۇ گۇي \"\"
بەت: [1]
: بارسېلونا كوماندىسى خان مادىرىدنى مەغلۇپ قىلدى!