NASA ھاۋاسىز كائىنات جىسىمىغا قونۇش ماشىنىسىنى سىناق قىلدى
NASA ھاۋاسىز كائىنات جىسىمىغا قونۇش ماشىنىسىنى سىناق قىلدى
بىلىمخۇمار
2013-10-24
ناسا بىلەن ئامېرىكىدىكى جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى (جوھنس ھوپكىنس ئۇنىۋەرسىتي) بىرلىكتە ھاۋاسىز كائىنات جىسىملىرىغا قۇنالايدىغان بىر كىچىك تىپلىق ئادەمسىز ئالەم ئۇچقۇرى ياساۋاتقان بولۇپ، 2013-يىلى 25-ئوكتەبىر كۈنى ئۇلار ئاشۇنداق ئۇچقۇرىدىن بىرىنى 45 مېتىر ئىگىزلىككە ئۇچۇرۇپ سىناق قىلدى. بۇ ئالەم ئۇچقۇرى كەلگۈسىدە ئاي، يەر شارىغا يېقىن بولغان ئاستېرويد (كائىنات ئۇچار تاشلىرى) ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھاۋاسىز كائىنات جىسىملىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۈچ پۇتلۇق ئالەم ئۇچقۇرىغا «قۇدرەتلىك بۈركۈت» (مىغتي ئەئاگلە) دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىزلىكى 1.2 مېتىر، دىيامېتىرى 2.5 مېتىر، ئېغىرلىقى 320 كىلوگرام كېلىدۇ. ئۇ يەڭى كومپيۇتەر تەخنىكىسى بىلەن قوراللانغان «ئەقىللىق ماشىنا» بولۇپ، 90 پىرسەنتلىك ھېدروگىن پېروكسىد (ھيدروگەن پەروخىدە) نى يېقىلغۇ قىلىپ ئىشلىتىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا «قۇدرەتلىك بۈركۈت» نى سىناق قىلىپ ئۇچۇرغاندىكى نەق مەيدان كۆرۈنىشىنىڭ سىنالغۇ فىلىمى بار ئىكەن:
http://www.nasa.gov/mission_pages/lunarquest/robotic/13-069.html
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
http://www.nasa.gov/mission_pages/lunarquest/robotic/#.Umvf6_mTxCA
http://www.nasa.gov/mission_pages/lunarquest/robotic/13-069.html
http://www.nasa.gov/centers/marshall/about/work/technology/lander_120830.html#.Umvfp_mTxCB
http://www.nasa.gov/centers/marshall/about/star/star120822.html#lander
رەسىملەر:

http://www.nasa.gov/images/content/677406main_Light_Tower_1_617x763_516-387.jpg

ئېغىر چۈشەنچە تەلەپ قىلىمەن؟
4- قەۋەتتىكى elikaramنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋاكۇئومدا قانداق ھەركەت قىلىدۇ؟تايىنىش نوختىسى بولمىغان جىسىم قانداقمۇ تۇرالايدۇ؟
ئېغىر چۈشەنچە تەلەپ قىلىمەن؟
ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىسىنى ياخشى ئوقۇڭ،
5- قەۋەتتىكى Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4- قەۋەتتىكى elikaramنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋاكۇئومدا قانداق ھەركەت قىلىدۇ؟تايىنىش نوختىسى بولمىغان جىسىم قانداقمۇ تۇرالايدۇ؟
ئېغىر چۈشەنچە تەلەپ قىلىمەن؟
ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىسىنى ياخشى ئوقۇڭ،
شۇ فىزىكىنى چاينىۋەتكەن بولمىسا؟
2- قەۋەتتىكى kanjebaturنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەركىن سىدىقكا ،ھازىر بىز توردىن ئايغا قونغان رەسىملەرنى ئىزدىسەك شۇنداق سۇزۇك رەڭلىك رەسىملەر چىقىدۇ،مەن بىر ئامرىكىنڭ ئايغاقونغان چاغداتارتىلغان سىننى كۆرگەن،ئۇنىڭدىكى سۇرەتلەررەڭسىز،خۇددى رەڭسىزتىلۋىزوردىكى كۆرۇنۇشلەرگە ئوخشايدۇ.ھازىر توردىن تاپقان رەسىملەر كومپىيوتىردا ئىشلەنگە سۇرەتلەرمۇ قانداق؟يا ئەينى ۋاقىتتىكى ئاپپاراتلار شۇنداق رەكلىك تاتالايدىغان بولغىيمىتى؟
مېنىڭ بىلىشىمچە 1969-يىلى ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە رەڭلىك فىلم ئىشلەش تېخنىكىسى ئاللىقاچان يولغا قويۇلۇپ بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كۆپلىگەن ناسا ئالەم ئۇچقۇرلىرى ئاينىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ بولدى. ھازىر ئاينى ئايلىنىپ، ئاينىڭ ماگنېت مەيدانىنى ئۆلچەۋاتقان ئالەم ئۇچقۇرىدىن ئىككىسى بار. شۇڭلاشقا ئاينىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرۈنىشلىرىنى رەسىمگە ئېلىش ھازىر بىر ئادەتتىكى ئىش.
7- قەۋەتتىكى bilimxumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئامىستىرلاڭنىڭ ئايدا چۇشكەن رەسىملىرى.
8- قەۋەتتىكى kanjebaturنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن تورلارنى ھازىر ئىزدەپ كۆردۈم. ئۇ رەسىملەر راس ئىكەن.
بەت:
[1]