History يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 14:43:18

تارىختىكى بۈگۈن10-ئاينىڭ 26-كۈنى

  1997-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئەينى چاغدىكى رەئىس جياڭ زېمىن ئامېرىكىغا زىيارەتكە بارغان. بۇ جۇڭگو رەھبىرىنىڭ 12 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا زىيارەتكە كېلىشى. زىيارەتتە، رەئىس جياڭ زېمىن سابىق زۇڭتۇڭ كلىنتون بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان دۇنيا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان. «جۇڭگو ئامېرىكا بىرلەشمە باياناتى» نى ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى نىشانىنى بەلگىلىگەن ھەمدە 21-ئەسىردىكى ئىجابىي ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتنى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1996-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشى بىلەن، 1996-يىلىدىكى ئاتلانتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى جېۋېلنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن. ئاتلانتا ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، ئولىمپىك باغچىسىدا 7-ئاينىڭ 27-كۈنى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم قازا قىلغان، 10نەچچە ئادەم يارىلانغان. 33 ياشلىق جېۋېل شۇ ۋاقىتتا باغچىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، ئەڭ ئاۋۋال بومبا قاچىلانغان سومكىنى بايقىغان ۋە ساقچىغا مەلۇم قىلغان، بىراق ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىپ بولغۇچە بومبا پارتلاپ كەتكەن. باشتا قەھرىمان ئاتالغان جېۋېل ئاخىرىدا گۇماندار دەپ تۇتۇلغان. 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاۋسترىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، فىرانسىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت تەرىپىدىن بۆلۈنۈۋېلىنغان. 1955-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، فىرانسىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت ئاۋسترىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن ۋىيېننادا «مۇستەقىل ۋە دېموكراتىك ئاۋسترىيە قۇرۇش شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، ئاۋسترىيەنىڭ قايتىدىن مۇستەقىل بولۇشى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بېكىتكەن. 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، بۇ تۆت دۆلەت ئاۋسترىيەدىن چېكىنگەن. ئەتىسى، ئاۋسترىيەنىڭ مىللىي پارلامېنتى ئاۋسترىيەنىڭ مەڭگۈ بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەر قانداق ھەربىي ئىشلارغا قاتناشمايدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاۋسترىيەدە ھەربىي بازا قۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ تۆت دۆلەتمۇ شۇ كۈنى ئاۋسترىيەنىڭ بىتەرەپلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 1951-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، 77 ياشلىق چېرچىل يەنە ھاكىمىيەت باشقۇرغان. ۋىنستون چېرچېل ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى ئەنگلىيە سايلىمىدا پارلامېنتىغا بولغان كونتروللۇقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، بۇيرۇققا بىنائەن يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللىگەن. ۋەزىرلىك ئورنى-ئۇنىڭغا نىسبەتەن غەلىبە شۇنداقلا بىر خىرىس بولغان. چېرچېل دەل ئەنگلىيەنىڭ تاشقى سودىدىكى تەتۈر پەرقى بارغانسېرى ئېشىپ، ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كەلگەندە ۋەزىر بولغان. شۇڭا ئۇ ۋەكىللىك قىلغان كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى چوقۇم دۇنيانىڭ فوندستېرلىڭغا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك ئىدى. 1947-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، ئامېرىكىنىڭ سابىق 1-خانىمى ھىلارى ئىلىنوي شتاتىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1969-يىلى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان. 1973-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇۋاتقان چېغىدا، كلىنتون بىلەن تونۇشقان. ئىككىسى 1975-يىلى 10-ئايدا توي قىلغان. 1993-يىلى كلىنتون بىلەن بىللە ئاق سارايغا كەلگەن. ھىلارى ئامېرىكا تارىخىدىكى 1-خانىملار ئىچىدە مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرىسى ھېسابلىنىدۇ. ئاق سارايدىكى سەككىز يىل جەريانىدا، ھىلارى سىياسىي ئىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىسلاھاتىغا مەسئۇل بولغان. 2000-يىلى 2-ئايدا، ھىلارى نيۇ-يورك شتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، تارىختىكى تۇنجى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى كۆزلىگەن 1-خانىم بولۇپ قالغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 2008-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىدا، دېموكراتلار پارتىيىسىگە ۋەكىل بولۇپ، سايلامغا قاتناشقان، بىراق يېڭىلىپ قالغان. ئوباما زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ھىلارىنى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىلىقىغا تەيىنلىگەن.

keyser01 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 15:19:24

{:107:}

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 21:47:00

1. مانچىنچى يىلى مانداق بولغان

2. مانچىنچى يىلى مانداق بولغان

3.مانچىنچى يىلى.........

...........

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 22:05:01

\"\"
بەت: [1]
: تارىختىكى بۈگۈن10-ئاينىڭ 26-كۈنى