malchi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:27:28

بۈگۈن كەچتىكى ئەسىر جىڭى(بارسىلونا-مادىرىد)


بۈگۈن كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 22:00 دە پۇتبۇل دۇنياسىدىكى قىززىق نوقتا بولۋاتقان باسىلونا كۇلۇبى بىلەن مادىرىد كۇلۇبى ئوتتىرىسد بىر مەيدان ئىس تۈتەكسىز جەڭ ئىلىپ بىرىلماقچى،بۇ يالغۇز پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ،كاتولونلار بىلەن ئىسپانلار ئوتتىرسىدىكى ئەركىنلىك جىڭى ،سىياسى جەڭ،


مىسسى-رونالدۇ،نىمار-بىيل،ۋە كومادىنى بۇ پەسىل يىڭىدىن قولغا ئالغان ئىككى تىرنىر ئوتتىرىسىدىكى جەڭ.


ئىككى تەرەپنىڭ 22 كىشلىك چوڭ تىزىملىكى:


بارسا:


ۋاراتار : بالدىس ، پىنتو

بىك : مونتويا ، پىكې ، پۇيول ، ماسچېرانو ، بارتىرا ، ئادىرىيانو ، ئالۋىس

ئوتتۇرا مەيدان : فابرىگاس ، ئىنېستا ، بۇسكىس ، سوڭ ، خاۋى ، سېرجى روبېرتو

ھۇجۇمچى : پېدرو ، سانچېس ، مېسسى ، نېيمار ، تېللو


مادىرىد:


ۋارتار : كاسىللاس ، خېسۇس ، دىئېگو لوپېز

بېك : ۋارانې ، پې پې ، راموس ، مارسېلو ، كونتىروۋ ، كارۋاخال ، ئاربىلوئا ، ناچو

ئوتتۇرا مەيدان : ھېدرا، بېل ، كاسېمىرو ، مودرىچ ، دىمارىيا ، ئېسكو ، ئىللارامېندى،  

ھوجۇمچى : رونالدو ، بېنزىما ، خېسې ، موراتا




كۆرۈش ئادىرسى:


تېلۋۇزۇردىن كۆرگۈچىلەر خوتۇن باللىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ 21:50 مىنۇت ئۆتكەندە cctv5 نى ئاچقاي


توردىن كۆرگۈچىلەر:http://www.zhibo8.cc/zhibo/zuqiu/2013/1027basailuonavshuangjiamadeli.htm


qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 13:04:17

ھۇررا مادرىتتتتتت  \"\"

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 13:05:26

بارسىلونا ھۇجۇمچىسى نېيمار يېقىندا ئۈزىنىڭ خانلىق مادرېد تۈمۈر بىكى پېي پالىۋاننىڭ مۇداپىيە قىلىش ئۇسلۇبىنى تەتقىق قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى شۇنداقلا ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇررۇشنى بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ بارسىلونا ئۈچۈن بىرىنجى قېتىم دېربىغا قاتنىشىش ئالدىىدا تۇرغان بىرازىلىيەلىك ھۇجۇمچى نېيمار ئۈزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ۋە دۇچ كىلىۋاتقان بېسىمىنى ھىس قىلدى . ئەگەر ئويلىمىغان ئەھۋال يۈز بەرمىسىلا خانلىق مادرېد تۈمۈر بىكى پېي پېي نېيمارغا ‹‹غەمخورلۇق قىلىش ›› مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ . بۇنىڭغا قارىتا نېيمار ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ .

ئىسپانىيە تاراتقۇسى ‹‹دۇنيا تەنتەربىيە گىزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا نېيمار بىرازىلىيە بىلەن پورتىگالىيەنىڭ مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن بىرازىلىيە پۇتبول بىرلەشمىسى ئەۋەتكەن ماتىرىيالنى تاپشۇرىۋالغان . ئۇ ماتىرىيال بولسا خانلىق مادرېد مۇداپىيەچىسى پېي پالىۋاننىڭ مۇداپىيە قىلغان نادىر كۈرۈنىشلىرىنىڭ سىن لىنتىسى ئىكەن . نېيمار مۇنداق دىدى: ‹‹ مەن دۆلەت كۇماندىسىدىكى ۋاقتىمدىلا پېي پېينىڭ ھەر تۈرلۈك ماتىرياللىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ مۇداپىيە قىلىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ باققان ، ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىمەن . مەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ قەستەن قىلغان ئېغىۋاگەرچىلى سەۋەبىدىن كەيپىياتىمنى كونتىرول قىلالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالمايمەن ، كۇماندىنىڭ مەنپەتى ھەممىدىن ئۈستۈن ، ھەرگىزمۇ ھاچچىق بىلەن ئىش قىلىشقا بولمايدۇ . بىرازىلىيە پۇتبول بىرلەشمىسى ماڭا بىر تال پېي پېينىڭ سىن لىنتىسىنى ۋە تىياگو سىلۋانىڭ سىن لىنتىسىنى ئەۋەتكەن ئىدى . شۇڭا بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز ئېغۋاگەرچىلىك قىلىش ئەمەس . بۇ سىن نۇسخىسىنى كۈرۈشتىكى مەخسەت مىنى قوغداش ئۈچۈن بۇلۇپلا قالماي بارىلىق سەپداشلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن .  ›› .

بارسىلوناغا قۇشۇلغاندىن بۇيان نېيمار ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ھەرقايسى كۇلۇپلارنى مۇھىم بولغان مۇداپىيە قىلىش ئوبىكتىغا ئايلاندى . ئۇ ھازىرغا قەدەر 8 مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 32 قېتىم قائىدىگە خىلاپ ھەركەتكە ئۇچۇرىدى .



مەنبەسى: پۇتبول كۇلۇبى مۇنبىرىhttp://bbs.putbol.cn/thread-38795-1-1.html

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 13:14:26

بۈگۈن كەچ سائەت 22:00 دە، بارلىق پۇتبول مەستانىلىرىنى تەقەززا قىلىۋاتقان بارسېلونا كوماندىسى بىلەن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا مۇنداق 6 قىزىق نۇقتا توپ مەستانىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.



2009-2010-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن بۇيان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بۇ ئىككى كوماندا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولسا مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ رىقابىتى بولدى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدىمۇ يەنىلا ئوخشاش. ھەممىگە مەلۇمكى ھەر ئىككى كوماندىدا مەيلى توپچى ياكى مەشقاۋۇل تەرەپتىن بولسۇن چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئەمما بىردىنبىر ئۆزگەرمىگىنى يەنىلا مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ كوماندىدىكى ئىپادىسى. بىرلەشمىدىكى 9 ئايلانمىدىن كېيىن ئۇلار ھەر ئىككىلىسى 8 دىن توپ كىرگۈزدى، ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى، مېسسىنىڭ يېقىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى. بىرلەشمە مۇسابىقىدىن باشقا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدىمۇ كىرىستىيانو رونالدو ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن ئاللىقاچان 7 توپ كىرگۈزۈپ بولدى، مېسسى گەرچە پەقەت بىر ئايلانمىغىلا قاتناشقان بولسىمۇ ئەمما ئۇمۇ 4 توپ كىرگۈزۈپ بولدى. ئەمدىلىكتە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى چولپان تۇرۇشلۇق كوماندا مۇسابىقىلىشىدىغان بولغاچقا توپ مەستانىلىرى يەنە قانداق سەرخىل كۆرىنىشلەرنى كۆرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.



ئىككىنچى قىزىق نۇقتا: ئىلگىرى بارسېلونا كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىپادىسى ئانچە كۆرىنەرلىك بولمىغان، باشتىكى 10 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ پەقەت 2 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، كوماندا مەغلۇپ بولغاندىن باشقا يەنە مېسسى بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۇ سەل پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ئەمما 2011-2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى مېھمان مەيداندا توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن نوكەمپۇدا توپ كىرگۈزۈش ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى ئاسان بوپ كەتتى. ئىلگىرى كىيىن بوپ ئۇ ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، شاھلىق لوڭقىسى ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ بۇ 3 مۇسابىقە تۈرىنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇدا 6 مەيدان مۇسابىقىدە 8 توپ كىرگۈزگەن، بۇنىڭ بىلەن مېسسىنىڭ ئۇدا 5 مەيدان مېھمان مەيداندا توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزىۋەتكەن. ئەگەر بۇ قېتىم توپ كىرگۈزۈپ ئۇدا توپ كىرگۈزۈش قېتىم سانىنى 7 مەيدانغا ئۇزارتالىسا، گەرچە مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ كىرىستىيانو رونالدو يەنىلا نوكەمپۇدىن مەردانە ھالدا چىقىپ كېتەلەيدۇ.



ئۈچىنچى قىزىق نۇقتا: ئىسپانىيە جېڭىگە ناتۇنۇش بولغان چولپانلارنىڭ رىقابىتى، يەنى بېل بىلەن نېيمارنىڭ رىقابىتى بولۇپ، بۇ ئىككى چولپان بۇ يىل يازدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 91 مىليون ياۋرو ۋە 57 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش ھەققى بىلەن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ۋە بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلدى. ھازىرقى ئىپادىسىدىن قارىغاندا نېيمارنىڭ ئىپادىسى بىرقەدەر ياخشى بولىۋاتقان بولۇپ، ئاللىقاچان بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، ئۇنىڭ مېسسى بىلەن بولغان ماسلىشىشىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى. ئەمما بېل يارىلىنىش سەۋەبلىك نۇرغۇن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالمىغان بولۇپ، باھاسىغا مۇناسىپ كېلىدىغان ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ باقمىدى، ھەمدە كىرىستىيانو رونالدو بىلەن بولغان ماسلىشىشىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس.



تۆتىنچى قىزىق نۇقتا: بارسېلونا كوماندىسىنىڭ يېڭى مەشقاۋۇلى مارتىنونىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئارگېنتىنالىق مەشقاۋۇل ئەڭ دەسلەپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان، ھەتتا بەزى كىشىلەر ئۇنى مېسسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە تايىنىپلا بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولدى دەپ قارىغان، ئەمما بىرلەشمىدە ئۇدا 8 مەيدان غەلىبە قىلىپ كوماندىنىڭ ئەڭ ياخشى باشلىنىش رېكورتىنى ياراتقانلىقى ئۈچۈن بۇ گۇمانلارمۇ يوق بولدى. 9-ئايلانمىدا ئۇلار ئوساسۇنا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئۇدا 9 مەيدان غەلىبە قىلىشتەك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ياخشى باشلىنىش نەتىجىسىگە تەڭلىشەلمىدى. 10-ئايلانما مۇسابىقە ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم مۇسابىقىدۇر.



بەشىنچى قىزىق نۇقتا: خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ يېڭى مەشقاۋۇلى ئانچېلوتتىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قانداق نەتىجە ئېلىشى بولۇپ، خان مادرىدنىڭ ئالدىنقى مەشقاۋۇلى مورىنىئو گەرچە كېيىنكى ۋاقىتلاردا بارسېلونا كوماندىسىنى قاقشىتىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما دەسلىپىدە تۇنجى قېتىم تۇتىشىشتا 0-5 نەتىجە بىلەن بارسېلونا كوماندىسىغا ئۇتتۇرىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋاقىتتا مورىنىئو ئۆزىنىڭ مۇداپىيەنى ئاساس قىلغان تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ بارسېلونا بىلەن مۇسابىقىلەشكەن شۇنىڭ بىلەن ناھايىتى ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان. بۇ قېتىم ئانچېلوتتى بۇنى ناھايىتى ياخشى ئانالىز قىلىپ مۇسابىقىگە قوماندانلىق قىلمىسا بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە قېلىشى مۇمكىن.



ئالتىنچى قىزىق نۇقتا: رېپىر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق رول ئالغۇچى بولۇپ قالامدۇ-يوق؟ بۇ ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسىدە رېپىرنىڭ ھۆكۈمى ۋە قىزىل كارتىلار ئۆتكەن بىر نەچچە مۇسابىقە پەسلىدىكى تالاش-تارتىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان بولۇپ، قىزىل كارتا مۇسابىقىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئەھۋاللار مەۋجۇت بولغان. ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى 2010-2011-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا خان مادرىد ئۆز مەيدانىدا بارسېلونا كوماندىسىنى كۈتىۋالغان، بۇ مۇسابىقىدە خان مادرىد بېكى پېپې نىڭ ئالۋېسقا بولغان ھەرىكىتى ناھايىتى چوڭ بوپ كەتكەنلىكتىن بىراقلا قىزىل كارتا بىلەن جازالىنىپ مەيداندىن چۈشۈرىۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئىككى كوماندىنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا چوڭ پەرق كۆرۈلگەن، خان مادرىد ئۇتتۇرىۋەتكەن، مۇسابىقىدىن كېيىن مەشقاۋۇل مورىنىئو ۋە مادرىد تاراتقۇلىرى رېپىرنىڭ بۇ ھۆكۈمىگە ناھايىتى نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ رېپىر ئەينى ۋاقىتتا ئالۋېسنىڭ يالغان يېقىلىشىغا ئالدىنىپ قالغان. مورىنىئونىڭ خان مادرىدتىن ئايرىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ ئىككى كوماندىنىڭ زىددىيىتى سەل پەسەيدى، ئەمما ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇسابىقىنىڭ مۇھىملىقى يەنىلا ئۆزگەرگىنى يوق. رېپىر ئوخشاشلا چوڭ بېسىمغا ئۇچرايدۇ، بەلكىم بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئويلاپ باقمىغان ھەرقانداق ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن.



ئەسكەرتىش: ئۆزۈم مۇسابىقە كۆرۈشكە قىزىققان بىلەن بۇنچىلىك تەھلىل قىلالىغۇدەك سەۋىيەدە ئەمەس، شۇڭا قىزىققۇچىلار كۆرۈپ باقسۇن دەپ ئىنكاس شەكىلدە چاپلاپ قويدۇم. تۈزۈمگە خىلاپ بولسا باشقۇرغۇچىلار ئۆچۈرۋەتكەيسىلەر....

مەنبەسى: پۇتبول كۇلۇبى مۇنبىرى http://bbs.putbol.cn/thread-38813-1-1.html

75urumqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 13:57:06

نوكەمپۇدا بىرنابودىنمۇ ئىشەنچىلىك بۇلۇپ قالغان،مورىنيۇ زامانىسىدا. ئوزىل يۇق ئوتتور مەيدان سەل قالايمىقان،ئالونسومۇ چوڭ تېزىملىكتە يۇقكەن.لېكىن بارسېلونانىڭ ئوتتۇر مەيدان ئېسىل لېكىن مۇداپىيە.پېك دىن باشقىللىرى ئىشەنچىسىز. بىلنىڭ ئۇ تېزلىكىگە ،بارسېلونانىڭ مۇداپىيەچىلىرى ھەي تاڭ. مادرىت ئالغا.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 17:50:03

بۈگۈن كەچ بېل ئۆزىنى بىر ئىسپاتلاپ قويسا بولاتتى. نەچچە ۋاقتىن يارلىنىپ ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. ئىككى كۇلۇب توپچىلېرىنىڭ ئۇمومى باھاسى بىر مىليارد 200 مىليونغا يىقىنلىشىدۇ. ناھايتى قىزىغان بىر مەيدان مۇسابىقە بولىشى ئىنىق.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 18:15:14

بۇ قىتىمىقى دىربى نۇرغۇ توپ مەستانلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشى ئىنىق، لىكىن مۇسابىقنىڭ قىززىش قىزىماسلىقى كۆرگەندىن كىيىن بىلەلەيمىز، دۇنيا لوڭقىسنىڭ ھەل قىلىغۇچ مۇسابىقىسىمۇ ئادەمنى ئۈمۈدسىزلەندۇرۇپ قويدىغان ۋاقتى بۇلۇدۇ،

لىكىن بۇ ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى ئاساسەن قىززىپ كىلىۋاتىدۇ،  بۇلۇپمۇ مورنىخو بىلەن گودىئولا بار ۋاقتىكى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىسى بەك قىزىزىغان،



لىكىن ماڭغا ئەڭ تەسىر قىلغان ئەسىر دىربىيىسى، 2004-2005-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىكى خانلىق مادىرىت ساھىپخانا بارسلونى 2گە قارشى 4 يەڭگەن ۋاقتى،  زىداننى ، ئوۋىن، رونالدو، رائول، رونالدىنخو، ئەيتىئو ئالتە چولپان بىردىن توپ ئۇرغان،  گەپ كىرگەن توپنىڭ سانىدا ئەمەس ، مۇسابىقە رىتىمى بەك تىز، خەتەرلىك توپلار بەك كۆپ، ئادەمنى ھاياجانغا سالدىغان كۆرنۈشلەر بەك كۆپ ئىدى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 18:36:29

بۇداقى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى ئېھتىمال بۇ يىلقى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشى مۇمكىن.

75urumqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 21:41:33

6- قەۋەتتىكى elxat421نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ قىتىمىقى دىربى نۇرغۇ توپ مەستانلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشى ئىنىق، لىكىن مۇسابىقنىڭ قىززىش قىزىماسلىقى كۆرگەندىن كىيىن بىلەلەيمىز، دۇنيا لوڭقىسنىڭ ھەل قىلىغۇچ مۇسابىقىسىمۇ ئادەمنى ئۈمۈدسىزلەندۇرۇپ قويدىغان ۋاقتى بۇلۇدۇ،

لىكىن بۇ ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى ئاساسەن قىززىپ كىلىۋاتىدۇ، بۇلۇپمۇ مورنىخو بىلەن گودىئولا بار ۋاقتىكى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىسى بەك قىزىزىغان،



لىكىن ماڭغا ئەڭ تەسىر قىلغان ئەسىر دىربىيىسى، 2004-2005-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىكى خانلىق مادىرىت ساھىپخانا بارسلونى 2گە قارشى 4 يەڭگەن ۋاقتى، زىداننى ، ئوۋىن، رونالدو، رائول، رونالدىنخو، ئەيتىئو ئالتە چولپان بىردىن توپ ئۇرغان، گەپ كىرگەن توپنىڭ سانىدا ئەمەس ، مۇسابىقە رىتىمى بەك تىز، خەتەرلىك توپلار بەك كۆپ، ئادەمنى ھاياجانغا سالدىغان كۆرنۈشلەر بەك كۆپ ئىدى.


75urumqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 21:43:35

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاشۇ مۇسابىقىنىڭ فىلەشنى تاپقىلى بولارمۇ

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 21:49:44

زادى قانچىدە باشلايدۇ؟

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 22:02:30

10- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

زادى قانچىدە باشلايدۇ؟



ھازىرمۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا،شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 22.00دە،بېيجىڭ ۋاقتى 00.00دە باشلىنىدۇ،مۇسابىقە باشلىنىشقا يەنە 4 مىنۇت قالدى.ھەممىمىزمۇسابىقە نەقمەيدانىغا قايتىپ كىلەيلى!


http://live.video.sina.com.cn/room/xj


http://www.zhibo8.cc/zhibo/zuqiu/2013/1027basailuonavshuangjiamadeli.htm


kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 22:02:32

10- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

زادى قانچىدە باشلايدۇ؟



ھازىر سائەت 10 بىلەن باشلاندى مانا.

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 22:09:58

بارسىلىئونا ئۇتۇپ قويامدۇ؟ ھەممىسى مىسسىدەكلا ئويناۋاتىدۇ ئئ……ن

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 22:14:30

تۇنجى سېرىق كارتا بىرىلدى 7مىنۇت38 سېكۇنتتا

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 22:17:14

رامۇس نېيمارنىڭ گېلىغا سالدى...سېرىق كارتا \"\"

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 22:18:03

بۇ رونالدۇ قىزىرىپلا يۈرەمدۇ. ھاكاۋۇر ئاداشتەك تۇرىدۇ. \"\"

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 22:19:37

18 مىنۇتتا بىر توپ سولىدى. بارسىلونا... \"\" \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 22:21:29

نېيمار \"\"

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 22:22:17

18مىنۇت16سېكۇنىت بولغاندانېيمار بىرتوپ ئۇرۇپ نەتىنجە 0:1 بولدى....چاتاق
بەت: [1] 2 3 4
: بۈگۈن كەچتىكى ئەسىر جىڭى(بارسىلونا-مادىرىد)