nurahun يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 08:46:56

تور بېكەت قۇرۇش خىيالى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


گەپنى ئۇدۇللا قىلاي، مائارىپقا ئائىت ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مۇكەممەلرەك بىر تور بېكەت قۇرۇپ چىقىش پىلانى بار ئىدى. مۇشۇ ھەقتە دىيىشىپ باقساق. رەخمەت!


مەقسىت: پۇل تېپىش(ئارتۇق ۋىژدانى گەپلەر ھاجەتسىز)


پىلانلانغان مەبلەغ: پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن 50-60مىڭغىچە، پۈتۈپ چىققاندىن كېيىنكى يىللىق ماڭدۇرۇش، ئاسراش سېلىنمىسى 10مىڭ ئەتراپىدا.


مەزمۇنى: مائارىپ بايلىقىغا ئائىت ئۇچۇر، سىندەرس...(بەزى مەزمۇنلارنى يوشرۇن قالدى)


مەبلەغ سېلىش سەۋەبى: دىيارىمىزدا بۇ ساھەدە بوشلۇق بىر قەدەر چوڭ...


يۈرۈشمەسلىك ئېھتىماللىقى: مۇشۇ ساھەدىكى خەنزۇچە بېكەتلەر بىر قەدەر مول ۋە سىستېمىلىق بولۇپ، ئومۇمەن بۇ ھەقتە ئېھتىياجى بارلار مۇشۇ بېكەتلەردىن پايدىلىنىشى مۇمكىن. بېكەت نامىنى ۋە ئىقتىدارىنى تونۇتۇش.


بۇ ھەقتىكى كەسپى سۇئاللار:


1. مۇشۇ تۈردىكى بېكەتنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن (بىر قەدەر مۇكەممەل ۋە بىر يىل سىرىتقا ئېچىۋتىلمەي تەييارلىق قىلىنىدۇ دەپ ئويلىغاندا) پىلانلىغان مەبلەغ يىتەمدۇ؟


2.  مەبلەغنى قايتۇرۋالالماسلىق ۋە ۋاقىت ئىسراپ بولۇش ئېتىمالى قانچىلىك؟


ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ دەۋىرەي، بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزمەيدىغان، زىيادە ھاياجانلىق پىكىر قىلىدىغانلار كونۇپكا ئۇپراتمىساڭلار.




يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

arislan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 11:49:44

نېمە دىسەم بولار ؟ بۇ پىلانىڭىز ئاقىدۇ ھەم ئاقمايدۇ. گەپ سىزنىڭ ياساتقان پروگىراممىڭىزنىڭ كارامىتى، ئىشلىگە دەرسلىكىڭىزنىڭ كارامىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوللاش قوللىماسلىقى ۋە قانچىلىك يېڭىلىق يارىتالايدىغانلىقىڭىزغا باغلىق. بىزدە بوشلۇق بەك كۆپ... ئەمما قاملاشتۇرالايدىغانلار بەك بەك ئاز. يامان يىرى سىز تېخنىكا مەسىلىسىنى پۇلغا تايىنىپ ھەل قىلىپ بولالمايسىز... پۇلغا قىلىپ بەرگەنلەرمۇ ھەر قانچە كۆڭۈل بۆلگەن تەقدىردىمۇ پروگىراممىڭىزنى كۈندىن كۈنگە بېيىتىپ بىرەلمەيدۇ. تۈرلۈك ئېھتىماللىقلارنى ئويلىشىپ بىرەلمەيدۇ... شۇڭا ئىشەنچىڭىز راۋۇس بولسا قىلىڭ، بولمىسا قوڭنى غىت قىسىپ پۇل تاپىدىغان باشقا ئىشلارنى قىلىڭ. مەقسەت پۇل تېپىش بولغاندىكىن.

kokqux يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:03:39

---------------------------

shakira يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:16:38

باشقىچە يېڭىلىق يارىتىپ باقامسىزكىن-يا؟زىيان تارتىپ قالىدىغاندەك تۇرىسىز.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:16:56

مەندە دەھشەت ئىستىقبالى بار پىلاندىن بىرسى بار ... مەبلەغ سالىدىغان چوڭ شىركەتلەر بولسا قارشى ئالىمەن.

پىلاننى سىتىۋالماقچى بولغانلارغا 50000 يۈەنگە ساتىمەن ... ( تۈرنىڭ 2 يىللىق پىلانى ) ...

ئۈستىدىكى چاخ - چاخ پاراڭ ئەمەس ...

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:22:21

http://www.uyedu.com

بۇ تور مەكتىپى يېڭى ئىچىلغان ۋاقتىدا تۇنجى قەدەمنى خاتا بېسىپ قويغان. دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلارغا تەلەپنى چىڭ قويماي ...

سۆزلىگەن دەرسلىكلىرىنى ئاڭلاپ باقسىڭىز بىلىسىز ...

مۇشۇ شەكىلدىكى مائارىپ تورى قۇرسىڭىز بولىدۇ . لېكىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشتا قىينىلىپ قالىسىز ...

ھەممە تۈرگە كۈچىمەي باشتا خىزمەت ئىھتىياجى يۇقىرى ، تور دەرسلىكى ئارقىلىق تەربىيلەشكىمۇ بولىدىغان 3 چوڭ تۈر بويىچە قىلىپ باقسىڭىز بولغۇدەك ...

ئوقۇتقۇچىلارغا بەك كۈچەڭ ...

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:28:26

مەبلەغنى قايتۇرۋالالماسلىق ۋە ۋاقىت ئىسراپ بولۇش ئېتىمالى %85 تىن يۇقىرى.

ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە كەسپى، تېخنىكا، مائارىپ تور بېتى قۇرۇپ چىقىمدىن ئارتۇق پۇل تېپىپ كىرىم قىلىپ باققانلار يوق دېيەرلىك. پۇل تاپتى دېسە توردىن بىر نەرسە ئىزدەشنى بىلمەيدىغانلاردىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان ئۇلىنىش تور بەتلىرى پۇل تېپىۋاتامدىكى. نىسبەتەن ساپالىق ئادەملەر كىرىدۇ دەپ قارىغان ماۋۇ ئىزدىنىش تور بېتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ قانچىلىك چىقىم قىلدى، قانچىلىك كىرىم قىلدى دەردىنى قۇرغۇچى ئۆزى بىلىدۇ. مېنىڭچە چىقىمنىڭ ئالدىدا كىرىم ھېچقانچە ئەمەس.

ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ ھەر زامان، خالىغان باھانە بىلەن تاقىلىپ قېلىش خەۋىپى بەك يۇقىرى.

alif يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:32:03

مەنمۇ قۇرۇپ ماڭدۇرۋاتىمەن. لېكىن پۈتۈن مەبلەغ ئۆزۈم چىقىرىش بىلەن. ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى بولغان بولسام، مەكتەپتە ماتېرىيال يېغىپ ئۇنى تورغار چىقارغان، تۈرلۈك سىن ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىگەن بولارئىدىم. بىراق ئۆزۈم قۇرغان توربەت مائارىپ تورى، يەنە كېلىپ ئۆزۈم يالغۇز باشقۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. مەن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئەمەس، شۇ سەۋەبلىك تازا كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىيات يوق. قوللاپ بېردىغانلار بولسا تەڭ تەرەققىي قىلساق دېگەن ئۈمىددە مەن.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:36:31

مەبلەغنى قايتۇرۋالالماسلىق ۋە ۋاقىت ئىسراپ بولۇش ئېتىمالى %85 تىن يۇقىرى.



تەييارلىقنى پۇختا قىلسا ، ئىش قىلغۇچى بىلىملىك ، ساپالىق كىشى بولسا 1 -2 يىلدا پايدا ئىلىشقا قاراپ ماڭىدۇ ، بەلكىم ئۇنىڭدىن بالدۇر ...

Nurahun يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:43:22

ئالىپ، مەنمۇ بۇ تۈردىكى تور بەتتىن كىرىم قىلالمايدىغاندەك تۇيغۇدا، لېكىن نىمە ئۈچۈن بازار شۇنچە چوڭ ساھەدە پايدا ئالغىلى بولمايدۇ؟ شەخسى تور بېـتى بارلار پىكرمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساق؟

گۇدلاك، پىنھان، زىلتارلار پىكرىنى بايان قىلىپ باقسا...

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:50:56

تېلفۇندا ئىنكاس يېزىپ قولايسىز بولغاچقا ھېلى ئۆيگە بېرىپ يېزىلدىغان ئىنكاس ئۈچۈن بۇ ئورۇننى ئەپ قوياي .

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:55:32

sazhumar@

تور بېتىڭىزگە كىردىم.

تۇنجى تەسىرات: تور بېتىڭىزنىڭ ئىسمى بەك ياخشى، كومپىيۇتېر بىلەن ىەنزۇ تىلىنى ئاساس قىلغاندەك تۇرىسىز.

تولىقلىنىۋىتىپتۇ، ئەگەر ھەمكارلىشىشنى خالىسىڭىز مەن بىلەن ئەلاقىلىشىڭ. (ئەۋزەللىكىم، مەن مۇشۇ ساھەدە ۋە مۇشۇ ساھەدە داۋاملىق ئىش قىلماقچى). رەخمەت. qq:328604082

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:57:26

alif@

سىزنىڭ قايسى تور بېكىتى؟

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 13:02:13

13- قەۋەتتىكى nurahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

sazhumar@

تور بېتىڭىزگە كىردىم.

تۇنجى تەسىرات: تور بېتىڭىزنىڭ ئىسمى بەك ياخشى، كومپىيۇتېر بىلەن ىەنزۇ تىلىنى ئاساس قىلغاندەك تۇرىسىز.

تولىقلىنىۋىتىپتۇ، ئەگەر ھەمكارلىشىشنى خالىسىڭىز مەن بىلەن ئەلاقىلىشىڭ. (ئەۋزەللىكىم، مەن مۇشۇ ساھەدە ۋە مۇشۇ ساھەدە داۋاملىق ئىش قىلماقچى). رەخمەت. qq:328604082



رەھمەت ... sjcdesign   设计城企业服务中心   نىڭ تور نامى ... ھازىر ئوقۇش ئالدىراس بولغاچقا بەتنى تاقاپ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي بلوگ بېتىنى يوللاپ قويدۇم ...

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 13:04:06

مۇشۇ دۆلەتتە بۇ ساھەدە «قاتىل ئىشلار»نى قىلىۋاتقان (بەزىلىرى گورۇھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن تېخى) ئونغا يېقىن تور بېكەتلەر بار ئىدى، ئادرىسىنى سەل تۇرۇپ يوللاپ قوياي. مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەر پايدىلىنىپ قېلىڭلار.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 13:08:24

مەن قېيىنچىلىقلارنى دەپ باقاي.

1. ياراملىق ئوقۇتقۇچىلارنى تاپماق تەسرەك، يارايدىغانلىرى ئاز ھەققە دەرس سۆزلىمەيدۇ، چۈنكى دەرسلىك سۆزلەش خېلى ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان ئىش.

2. خەققە دەرس سېتىپ پايدا ئېلىش تەس، پۇل ئالىمەن دېگەندىن كېينلا، نۇرغۇن ئادەمنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ، تور بېكەت تونۇلغاندىن كېيىن ئېلان بىلەن كىرىم قىلىش مۇمكىن، لېكىن ھازىر بىزدە ناخشا-مۇزىكا تور بەتلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە تونۇلۇشى تەسكە توختاۋاتىدۇ. مەزمۇننى قارارلىق يېڭىلايدىغان مۇقىم خىزمەتچى ۋە ئۈزلۈكسىز كامىدا ئىككى يىللىق ئېلان سېلىنمىسى بولىشى كېرەك، بۇنىڭا مەبلەغ سەل جىقراق كېتىدۇ.

3. مەبلەغ سالدۇقمۇ دەيلى، ئازدۇر كۆپتۇر تەرەققى قىلىپ ئېغىزغا چىققاندىن كېيىن، ئارلىشىدىغان تارماقلار كۆپىيىپ قالىدۇ. بولۇپمۇ توردا سىن ۋە ئاۋاز تاقىتىدىغان تور بەتلەر ئاڭلاپ باقمىغان ئىجازەتنامىلەرنىڭ يوقلۇق سەۋەبلىك چەكلىمىگە ئۇچىرايدۇ.



يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنى بۆسۈپ ئۆتۇپ راۋرۇس بىر تور بېكەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىمەن دىسە، تېمىدا دىيىلگەن سېلىنما يەتمەيدۇ.



بۇ يەردە ئۆزۈمنىڭ بىر ئارزۇسىنى دەۋالاي، ئېلىمنىڭمۇ زاكىتى بولىدۇ. تىرىشىپ تىرمىشىپ ئازدۇر كۆپتۇر بىرنىمە ئۆگىنىپتۇق، ئەگەر بىرەر پۇلدار ھېچقانداق پايدىنى كۆزلىمەي، بىر تور بەتنىڭ ھەر يىللىق يىللىق چىقىمىنى كۆتۈرۈپ بەرسە، مەن مەخسۇس كومپيۇتېر دەرسلىرى سۆزلەپ تارقىتىشقا رازى، ھىچقانداق ھەق ئالمايمەن. پۇل چىقارغۇچى تور بەتنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كىتەرلىك چىقىمنى ئۆز ئۈستىگە ئالسىلا، بارلىق تېخنىكىنى مەن ئۆزۈم چىقىرىمەن.

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 13:16:37

زاكىتىنى ماڭا ئايرىۋىتە ئاداش، مەن كەسپى دەرىجىدە ئېلىم ئالمىغىلى بىر يىل بولاي دېدى. \"\"

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 13:27:38

ilimpen.biz

...

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 13:30:56

11- قەۋەتتىكى Nurahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالىپ، مەنمۇ بۇ تۈردىكى تور بەتتىن كىرىم قىلالمايدىغاندەك تۇيغۇدا، لېكىن نىمە ئۈچۈن بازار شۇنچە چوڭ ساھەدە پايدا ئالغىلى بولمايدۇ؟ شەخسى تور بېـتى بارلار پىكرمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساق؟

گۇدلاك، پىنھان، زىلتارلار پىكرىنى بايان قىلىپ باقسا...



مەن دەيدىغاننى گۇدلاك دەپتۇ.


سىز باشئەگىمنى قۇرغان تۇرسۇنجان شۇمۇ، شۇ بۇرادەر مۇشۇ ئىسىمدا ئىزدىنىشقا كىرگەندەك قىلىۋاتاتتى.


بەت: [1] 2 3
: تور بېكەت قۇرۇش خىيالى