xahrulla55 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 14:03:12

ئامېرىكا فىلىمىدە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تىلغا ئېلىندى[كۆچۈرۈلمە]

تۆنۈگۈن كەچتىن باشلاپ، ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىكىدە مۇنداق بىر پارچە سۆرەت ۋە خەتلەر مودا بولۇشقا باشلىدى. سۆرەتتە بىر ئايال «شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا، تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتتا تەييارلىق ئوقۇغانتىم» دەۋاتقانىدى. دوستلار چەمبىرىكىدىكى سۆرەت ئۈستىدە مۇنداق چۈشەندۈرۈش بار ئىدى: «ئەسلىدە تىببىي ئۇنىۋېرسىتېت شۇنچىلىك داڭلىقكەن، ‹يېشىل ئوقيالىق پالۋان› (绿箭侠) 2-بۆلۈم 3-قىسىمىنىڭ 3 مىنۇت 41 سىكونتلۇق يىرى، ھەرگىزمۇ ياسالغان سۆرەت ئەمەس» دېيىلگەن ئىدى. كىشىلەر بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، ‹يېشىل ئوقيالىق پالۋان› فىلىمىنى ئىزدەپ تېپىپ كۆردى.



 

 فىلىم ئامېرىكىنىڭ مودا بولۇۋاتقان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، 2-بۆلۈمنىڭ 3-قىسىمى تۆنۈگۈن كەچتە يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان. فىلىمدە ئايال باش پېرسوناژ بىر جەسەتنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، ئەر باش پېرسوناژ يېنىغا كېلىپ:



  - «قارىغاندا بۇ ئىشنى ئىلگىرى قىلىپ بېقىپتىكەنسىز ھە» دېگەندە، ئايال ئۇنىڭغا:



  -«شىنجاڭدىكى چېغىمدا، تىببىي ئونىۋېرسىتېتتا تەييارلىق ئوقۇغانتىم»، دەپ جاۋاپ بەرگەن.



  ئەر ئۇنىڭغا ياندۇرۇپلا: -«سىز راستىنلا كۆپ ئىقتىدارلىق ئايالكەنسىز» دەيدۇ.




 

 بۇ فىلىم يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى فىلىم بولۇپ، فىلىمدىن قارىغاندا، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادا ناھايىتى داڭلىق تىببىي بىلىم يۇرتى دېگەن مەنىلەر چىقىپ تۇرىدۇ. كىشىلەر بەس-بەستە بۇ بۆلەكنى كۆرگەندىن كېيىن، يۇقىرىدىكى سۆرەت ۋە خەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا يوللاشقا باشلىدى.



 

 چەتئەل تاراتقۇ ۋە كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىرىدىكى فىلىم ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىدا شىنجاڭ ئاساسەن تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان بولۇپ، ھەتتا دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن مەدەنىيەت بۇيۇملىرىدىمۇ كەمدىن كەم تىلغا ئېلىنغان. 2008-يىلى ئىشلەنگەن «ئاياللار ئەسكى ئەمەس» (女人不坏) ناملىق فىلىمنىڭ باشلىنىشىدا شىنجاڭ ئاشخانىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان، دۆلەت ئىچىدە مودا بولغان «مۇھەببەت تۇرالغۇلىرى» (爱情公寓) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا 2 جايدا شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك قىستۇرما بار. بىراق يۇقىرىدا ئېيتىلغان «يېشىل ئوقيالىق پالۋان» فىلىمىدىكىدەك ئىجابىي جەھەتتىن يۇقىرى باھا بىلەن تىلغا ئېلىنىپ باققان يوقتا يەرلىك. يېقىندا «دۇنياغا نەزەر» (Vista 看天下) ژورنىلى «ئەتراپىمىزدىكى شىنجاڭلىقلار» دېگەن تېمىدا بەت ئاجرىتىپ، مەخسۇس تېما چىقاردى. دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ژورنالنىڭ بىر ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننى بۇنداق كۆلەمدە ئىجابىي جەھەتتىن مەخسۇس تونۇشتۇرۇشى كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. بەزى تەھلىكلەردە مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭنىڭ بۇنداق ئىجابىي تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە چەتئەلنىڭ مۇدا بولۇۋاتقان تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە قىستۇرۇلۇشى، شەكسىزكى شىنجاڭنىڭ سىرتتىكى بىلىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە مەلۇم دەرىجىدە ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، دېيىلدى.






temsilci يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 15:08:18

شىياۋدۇڭ دادىسىنى دەپ لىيەنيۈ ئارىلىغا كېلىدۇ،بۇ ئارال جۇڭگوغا تەۋە،شىياۋدۇڭنىڭ دادىسىمۇ ئىلگىرى ھەربىي ئەمەلدار بولغان،مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ ئارالغا پالانغان،قىزى شىياۋدۇڭ نىمىشقا باشقا جايدا ئوقۇماي شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرستىتىدا ئوقۇيدۇ؟ياكى ئۇنىڭ يۇرتىمۇ شىنجاڭمۇ؟...

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 15:24:24

http://www.sazzim.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=16&id=115



ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى ئىشلىگەندەك قىلغان

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 15:27:31

شىنجاڭ ئامرىكىنىڭ تىلۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ئانچە مۇنچە ئۇچراپ قالىدۇ، مەسلەن 24 سائەت دىگەن كىنودا جەك باۋىرنى جوڭگۇ كونسۇلخانىسىنىڭ ئادەملىرى تۇتىۋىلىپ شىنجاڭدىكى تۇرمىدا قىينايدىغۇ.

مەن ماۋۇ تىلۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم، لىكىن شىنجاڭنى تىلغا ئالغان بولسا ئۇنىڭ چوقۇم بىرلا سەۋەبى بار، يەنى رۇسىيەگە ئائىت كىنولاردا سىبىريىگە پالىنىش، سىبىرىيەدىكى گۇلاختا، تۈرمىدە جازالىنىش بىرسىنىڭ قىيىن شارائىتتا ياشىغانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ بەلگىسى بولۇپ تەسۋىرلەنگەنگە ئوخشاش جۇڭگۇغا ئائىت كىنولاردىكى بىرەرسىنىڭ شىنجاڭغا پالىنىشمۇ ئۇنىڭ قاتتىق جاپالارنى تارتقىننى ئىپادە قىلىدۇ.

bilimhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 15:40:18

ھەقىقەتەن شۇنداقكەن

Back in XinJiang, I was pre-med

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 17:35:43

24 سائەتتە جوڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى كونسۇلى جېك باۋرنىڭ فىدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكى دوستىنى تۇتىۋىلىپ جېكنىڭ ئىز دىرىكى ئۈچۈن ئۇنى قىينىغاندا ئۇ جاۋاپ بەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كونسۇل بىز سېنى جوڭگونىڭ روسىيەگە يىقىن شىنجاڭ دىگەن يېرىگە پالىۋىتىمىز سەن ئۇ يەردىن ھەرگىز قېچىپ كىلەلمەيسەن دىسە قورقۇپ كېتىپ ھەممىنى ئىقرار قىلىۋىتىدۇ.

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 17:44:49

مەنبەسىنى ئەسكەتمىگەن ماقالىكەن بۇ .خەلىق تورىدا كۆرگەنتىم بۇنى. \"\"

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 18:37:59

-«شىنجاڭدىكى چېغىمدا، تىببىي ئونىۋېرسىتېتتا تەييارلىق ئوقۇغانتىم»، دەپ جاۋاپ بەرگەن. Back in XinJiang, I was pre-med

====================

ئەمدى ماۋۇ يالغان خەۋەرنى ئىزدىنىشقا يوللىغان گەپمۇ؟ ئېنگىلىزچىنى سويىدىغانلار بار يەرگە بۇنى يوللاشتىن ئېھتىيات قىلىش كىرەك ئىدى. بۇ پۈتۈنلەي يالغان خەۋەر.



توغرا تەرجىمىسى:

مەن شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا، بىر «دەسلەپكى مىدىتسىنا كەسپى (مىدىتسىنا يۆنىلىشىدىكى بىئولوگىيە تولۇق كۇرس كەسپى)» ئوقۇغۇچىسى ئىدىم.



چۈشەنچە:

بۇ يەردىكى pre-med دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچىسى يوق چۈنكى بۇنداق ئۇقۇم جۇڭگودا ياكى شىنجاڭدا تىپىلمايدۇ، شۇڭا مەن ۋاقتىنچە دەسلەپكى مىدىتسنا ياكى مىدىتسىناغا تەييارلىق تولۇق كۇرس كەسپى دەپ ئاتىدىم.

pre-med دىگەن نىمە؟

بۇ دىگەنلىك ئامرىكا مەكتەپلىرىدە مىدىتسىنا كەسپىگە تولۇق ئوتتۇرىدىن بىۋاستە ئېمتىھان بىرىپ ئۆتكىلى بولمايدۇ، ئاۋۋال (pre-med (pre-medicine دەپ ئاتىلىدىغان بىئولوگىيەنىڭ مەلۇم كەسپىلىرىدە 4 يىل تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خۇددى ئاسپىرانىتلىق ئېمتىھانىغا ئوخشاش ئېمتىھان بىرىپ ئەڭ ياخشى ئوقۇغان بەك ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئاندىن مىدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇيالايدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا مىدىتسىنا ئۇنۋانى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بىلەن باراۋەر بولۇپ، مىدىتسىنا ئۇنۋانىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتىن باشلاپ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 يىل، دوختۇرلۇق كېنىشكىسى بار دوختۇرغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 يىل كېتىدۇ. دىمەك بۇ يەردىكى pre-med دىگەن سۆزگە ماس كىلىدىغان كەسىپ بىر بولسا تىببىي ئۇنىۋىرستتىنىڭ باكلاۋۇرلۇق كەسپى ياكى بىئولوگىيە باكلاۋۇرلۇق كەسپىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئامرىكا مىدىتسىنا مەكتەپلىرىگە كىرىش شۇنداق قېيىن، نۇرغۇن جەھەتتىن شەرتلىرى قاتتىق بولغاچقا، جۇڭگودىكى مىدىتسىنا ئۇنىۋىرستىتلىرى پۈتۈنلەي ئامرىكىغا ئوخشىمايدۇ ۋە بېيجىڭ، شاڭخەي مىدىتسىنا ئۇنىۋىرىستىتلىرىدەك جۇڭگودا نامى بار تىببىي ئۇنىۋىرىستىتلارمۇ ئازراقمۇ داڭلىق ھېسابلانمايدۇ.



خۇلاسە:

سۆزلىگۈچى شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا، pre-med ئوقۇغان دەۋاتىدۇ. دىمەڭ شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋىرستىتىنىڭ ئىسىمى پەقەت تىلغا ئېلىنىمىغان. گەرچە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋىرستىتى يامان ئەمەس مەكتەپ بولسىمۇ، ئەپسۇسكى ئۇنىڭ داڭلىق بولۇش بولماسلىقى بۇ فىلىم بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز.


forever يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 20:57:27

مەنمۇ كۆرىۋاتقان بۇ كىنونى راستىنلا شىنجاڭنى تىلغا ئالىدىكەن!

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 21:02:02

Yyets نىڭ تەرجىمىسى ھەقىچان، لېكىن بۇنى خاتالىق دەپ يۈرسەكمۇ توغرا ئەمەس، ئادەتتە فىلىم مەزمۇنىنى تىز ھەم توغرا يورۇتۇش ئۈچۈن سەل پەل يەرلىكلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكى دىئالوگدا دۇنيانىڭ قايسى يېرىدىكى ئۇنۋان بولسا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن بەرىبىر.

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 21:07:49

(爱情公寓) دىكى شىنجاڭنى،ئۇيغۇرلارنى مازلاشتۇرۇپ....

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 21:46:55

قايسى قىسىملىرىدا مازلاشتۇرىدۇ؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 00:07:30

2-بولۇمى چىقىپ بوپتۇدە.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 00:18:23

9- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

Yyets نىڭ تەرجىمىسى ھەقىچان، لېكىن بۇنى خاتالىق دەپ يۈرسەكمۇ توغرا ئەمەس، ئادەتتە فىلىم مەزمۇنىنى تىز ھەم توغرا يورۇتۇش ئۈچۈن سەل پەل يەرلىكلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكى دىئالوگدا دۇنيانىڭ قايسى يېرىدىكى ئۇنۋان بولسا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن بەرىبىر.


===================


بۇ يەردە مەن ئۇنۋاننىڭ گىپىنى قىلماقچى ئەمەس، بەلكى ماۋۇ تىمىدا دىيىلگەن ئىش پەقەت بولمىغان دىمەكچى. بۇ فىلىم ئېنگىلىز تىلىدا ئىشلەنگەن، مۇتلەق كۆپ كۆرۈرمەنلىرى ئېنگىلىز تىلىدا كۆرىدۇ ۋە بۇنىڭدىن تىمىنىڭ ماۋزۇسى ۋە ئاپتۇرنىڭ تەكىتلىگىنىدەك شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋىرستىتى تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى دەپ قويماقچىمەن، خالاس. مۇشۇنداق تايىنى يوق ئىشلارغىمۇ يالغان ھاياجانلىنىپ يۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى پەقەت يوق.


 بۇ فىلىم يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى فىلىم بولۇپ، فىلىمدىن قارىغاندا، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادا ناھايىتى داڭلىق تىببىي بىلىم يۇرتى دېگەن مەنىلەر چىقىپ تۇرىدۇ.


======


ماۋۇ گەپكە كۈلىۋەتتىم.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 00:33:03

بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس...


مەن يەنە بىر نەچچە داڭلىق كىنونى بىلىمەن «ئۇيغۇر» تىلغا ئېلىنغان.


---------


ئاندىن بۇ فىلىمنىڭ يا خەنسوچىسى يوق، «يېشىل ئوقيالىق پالۋان» دېمەي، مېنىڭچە «ئوقيا» دەۋەرگەن تۈزۈك.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 10:38:13

ھەجەپ بىر لاۋزا تېمىكىنا ماۋۇ ..................

fireuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 11:56:16

مومىيا 3تە تۇرپان تىلغا ئىلىنىدۇۋە 5سىكونتلوقچە بىر بۈلەكتە تورپان مۇنارى بىلەن يالقۇنتاغ كۆرىنىدۇ.ھوللىۋود فىلىملىرىدە تورپاننىڭ كۆرىنىشى شۇ بېرىنچى قىتىممىكىن.

fireuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:01:43

爱情公寓دە بىرىنچى بۈلۈمدە بىر ياپونلۇق خەنزوچىنى ماڭا ئۇخشاش چاناپلا 4-توندا سۆزلىسە «سىز ئۇيغۇرمۇ؟»دەپ سورايدۇ.ئۈچىنچى بۈلۈمدە بىر كاۋاپچى ئۆزىنى مەمەت دەپ چىقىدۇ.نىمە دەيسەن ئاداش دەيدىغان يەرلىرى بەك قىزىق.ئو كىنوغا مەن بەك ئامراق بولغاچقىمۇ ئانچە ماز قىلغاندەك بېلىنمىدى.{:90:}

shakira يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:12:43

مەمەت دىگەن كاۋاپچىنىڭ نېمىلەرنى كاۋاپ قىلىپ ساتقانلىقىغا دېققەت قىلدىڭىزمۇ؟ئۇ تېلۋىزىيە تىياتىرىغا مەنمۇ ئامراق ئىدىم بولمىسا.

peleck يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 12:49:36

سۈرەتكە ئىلىنىشنى تىلغا ئالساق ،لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا دىگەن كىنو قەشقەردە سۈرەتكە ئىلىنغانغۇ،ئافغانىستاندىكى ئىشلار تەسۋىرلەنسىمۇ،
بەت: [1] 2
: ئامېرىكا فىلىمىدە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تىلغا ئېلىندى[كۆچۈرۈلمە]