arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 08:55:40

ئۇزۇن تەرجىمە - كىنو دىگەن نىمە

تونۇشتۇرۇش : كىنو بولسا ئاۋاز، سۈرەت سەنئىتى بولۇپ، كۆز ۋە قۇلاقتىن ئىبارەت ئىككى ئەزا كىنونى كۆرۈپلا بىۋاسىتە ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدۇ. كىشىلەرنىڭ كىنوخانىدا ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، كىنو ئاۋازىنى ھوزۇرلىنىپ ئاڭلاش. كىنو ئاۋازسىز كىنودىن ئاۋازلىق كىنوغا تەرەققىي قىلدى، بۇمۇ كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئۈنۈمى ۋە ئاۋازغا بولغان ئېھتىياجى شۇنداقلا سۈرەتكە ئېلىش سەنئىتىدىن باشقا ئىپادىلەش شەكىللىرىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىدىن بولغان .

كىنو مۇزىكىسى :

كىنو مۇزىكىسى كىنونىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، كىنونى ئىزاھلىغۇچى بەلباغ، بىر ياخشى ئىشلەنگەن كىنونىڭ مۇزىكىسى بىر پۈتۈن كىنودا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئادەتتە بىر كىنودا بىر مۇنچە مۇزىكىلار ماسلاشقان ھالدا كىنونىڭ ئىپادىلەشكە ئېھتىياجلىق بولغان مەزمۇننى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرىدۇ .




5.1 ئاۋاز تېخنىكىسى بولسا Dolby 5.1ئاۋاز يولى 5.1 ئاۋاز يولى 5 كاناي ۋە 1 دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن ياڭراتقۇ ئارقىلىق بىر خىل بەدەن يېنىدىن ئاۋاز چىقىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان مۇزىكا قويۇش شەكلى، Dolby شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرۈنمە چاستوتا بولغاندىلا ئاندىن بۇ ئاۋاز يولىنى قوللانغىلى بولىدۇ.

( بۇ 5.1 ئاۋاز تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن فىلىملەرنى 5 كاناي ۋە 1 دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن ياڭراتقۇدا ئارقىلىق ھىس قىلالايسىز ، فىلىم كۆرگەندە فىلىمدىكى مۇھىت ئاۋزى ، تىۋىش ، ئادەم ئاۋازى ھەممىسى ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ ، بۇ خىلدىكى فىلىملەرنى كۆرگەن چېغىڭىزدا ھەقىقەتەن ئادەمگە بەلەن تۇيغۇ ئاتا قىلىدىغىنىنى ھىس قىلىسىز )




كۆكنۇر (Blu-ray) ياكى كۆكنۇر دىسكىسى (Blu-ray Disc قىسقارتىلىپ BD دەپ يېزىلىدۇ) دولقۇن ئۇزۇنلۇقى بىر قەدەر قىسقا بولغان (nm 405 )كۆك رەڭلىك لازىر نۇر ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇيدۇ ۋە يازىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنىڭغا كۆكنۇر تېخنىكىسى دەپ نام بېرىلگەن. ئەنئەنىۋىDVD دا ئوپتىك باش، قىزىل رەڭلىك لازىر نۇرى (دولقۇن ئۇزۇنلۇقى nm 650) چىقىرىش ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇيدۇ ۋە يازىدۇ. ئادەتتە دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قانچە قىسقا بولغان لازىر نۇرىنىڭ بىرلىك يۈزدە خاتىرىلىيەلەيدىغان ياكى ئوقۇيالايدىغان ئۇچۇرلىرى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇڭلاشقا كۆكنۇر، ئوپتىك دىسكىنىڭ ساقلاش سىغىمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. ئوپتىك ساقلاش مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆكنۇر تېخنىكىسى ئۇلارنى سەكرەش خاراكتېرلىك تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى. بىر يەككە قەۋەتلىك كۆكنۇر ئوپتىك دىسكىسىنىڭ سىغىمى 25 ياكى GB 22 بولۇپ، قويۇلۇش ۋاقتى 4 سائەتكە يېتىدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىمنى ئويغىلى بولىدۇ.قوش قەۋەتلىك ئوخشاش بىر دىسكىنىڭ سىغىمى 46 ياكى GB54غا يېتىدىغان بولۇپ، قويۇلۇش ۋاقتى 8 سائەتكە يېتىدىغان، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنونى ئويغىلى بولىدۇ.

   Blu-Ray Disk كۆكنۇر دىسكىسى بولۇپ، DVDنىڭ كېيىنكى بىر ئەۋلات ئۆلچەملىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تېخنىكىنى ئاۋۋال قوللانغان شىركەتلەر Soney، Toshibaدىن ئىبارەت. Soney، Panasonic، Philips قاتارلىق شىركەتلەرنى تەرەققىيات يادروسى قىلغان بۇ دىسكا يەنە ئاۋانگارت، Hitachi، Samsung، LG قاتارلىق گىگانت شىركەتلەرنىڭ زور دەرىجىدىكى قوللىشىغا ئېرىشتى. ساقلاش پىرىنسىپىئوقۇر ئارقىلىق خاتىرىلەش شەكلى بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئوقور ئارقىلىق خاتىرىلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىراق تېخىمۇ ئىلغار بولغان تىترىتىش ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى ساقلاش سىغىمىنى زور دەرىجىدە چوڭايتىش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ سىغىمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان GB100غا يەتتى. ئەنئەنىۋى CD ياكى DVD ساقلاش شەكىللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا،BD ئوپتىك دىسكىسىنىڭنۇر قايتۇرۇشچانلىقى ۋە ساقلاش سىغىمى روشەن ھالدا تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ سىغىم جەھەتتىكى ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشىدىكى مۇھىم ھالقا.

DVDنىڭ تەسۋىر ئېنىقلىق دەرىجىسى 720×576 (PAL ئۆلچىمى) ياكى 720×480 (NTSC ئۆلچىمى) بولۇپ، ھەربىر تەسۋىرنىڭ ئۈنۈملۈك پىكسېل سانى 350مىڭغا يېتىدۇ؛ BD دىسكىسى قويۇلغان ۋاقىتتىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى 1920×1080بولۇپ، ئۈنۈملۈك پىكسېل سانى 2 مىليۇن 70 مىڭغا يېتىدۇ، DVDنىڭ بەش ھەسسىسىگە باراۋەر.

BD تەسۋىرىنىڭ رەڭ تويۇنۇشچانلىقى ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسى DVDنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. قايتىلىنىش ئىقتىدارى DVD نىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولۇپ، تەسۋىرلەر ناھايىتى تەپسىلىي، خۇددى راستتەكلا تەسىر بېرىدۇ. مەسىلەن، تەسۋىردىكى ئارىلىقى يېقىن بولغان 5 نۇقتىنى ئەگەر BD ئارقىلىق كۆرگەندە ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، DVD ئارقىلىق كۆرگەندە چوڭ قارا داغ بولۇپ كۆرۈنىدۇ.




كۆكنۇر بولسا ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ئىلغار چوڭ سىغىملىقتىكى ئوپتىك دىسكا شەكلى بولۇپ، كۆكنۇر قويغۇچ بولغاندىلا ئاندىن قويغىلى بولىدۇ. كۆكنۇر ئوپتىك دىسكىسىنىڭ سىغىمى ئادەتتە 25-50Gغا يېتىدۇ، بۇنداق چوڭ سىغىم يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنولارنى ساقلاش ئۈچۈن زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا كۆكنۇر كىنولىرىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى P 1080 غا يېتىدۇ.

يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنو پەقەت ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان كىنولا ئەمەس، بەلكى بىرخىل كونكرېت كۆرۈنمە چاستوتا شەكلى. مەسىلەن، 480p، 720p، 1080p(p 1080 نۆۋەتتىكى تېلېۋىزىيە قوللىيالايدىغان ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىق شەكلى). يەنە بىر تەرەپتىن سىز 46 سۇڭلۇق ياكى 52 سوڭلۇق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېۋىزور سېتىۋېلىپلا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنونى كۆرەلمەيسىز، تېلېۋىزور پەقەت يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنو كۆرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ھازىرلايدۇ، بىراق سىزدە يەنە باشقا ئەسلىھەلەر بولغاندىلا ئاندىن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنو، تېلېۋىزىيەلەرنى كۆرەلەيسىز، ئەگەر سىز ئالاھىدە زاپچاسلارنى ئىشلەتمىسىڭىز، سىزنىڭ تېلېۋىزورىڭىزنىڭ بۇرۇنقى كونا تىپتىكى تېلىۋېزورلار بىلەن پەرقى قالماسلىقى مۇمكىن. بىراق كۆكنۇر ئوپتىك ماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سەزگۈسىنىڭ كەلگۈسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.




MOVـــــــــ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنو مۇقەددىمىسىنىڭ ئالدىنقى تاللىشى يەنى QuickTime فىلىم شەكلى، ئۇApple شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان بىر خىل ئاۋاز چاستۇتا، كۆرۈنمە چاستوتىدىكى ھۆججەت شەكلى، ئۇ دائىم كۆپ ئۇچرايدىغان رەقەملىك كۆپ ۋاسىتىلىق تىپىنى مەسىلەن، ئاۋاز چاستوتا، كۆرۈنمە چاستوتىنى ساقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.QuickTime (*.mov) نى «ساقلاش تىپى» قىلىپ تاللىغاندا، ھەرىكەتلىك سۈرئەت.mov ھۆججىتى قىلىپ ساقلانغان بولىدۇ. MOV شەكلى دائىم يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنولارنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئىشلىتىلىدۇ، بۇ شەكىلدە 1080Pدىن ئىبارەت يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئۆلچەمگە يەتكىلى بولىدۇ.مىسال ئالساق:

terminatorsalvation-tlr1_h1080p.mov - 终结者 4 高清预告片 (ئاخىرلاشتۇرغۇچى 4 يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مۇقەددىمىسى)




MP4ــــــ بۇ ئادەمنى ئازراق قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ، بەزى كىنولار MP4 شەكلىدە بولۇپ، بۇ مۇشۇ كىنوداMPEG-4 كۆرۈنمە چاستوتا پىرىسلاش كودى ئىشلىتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ،بىراق كونكرېتى قايسى خىل كود شەكلى ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس، ئادەتتە DIVX ياكى XVID كود شەكلى قوللىنىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا بۇ كىشىنى «ئىچەي دېسەم سېسىق ئېشىم، تۆكەي دېسەم ئېسىت ئېشىم » دېگەن ھېسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدىغان فىلىم شەكلى. ئادەتتە ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان يۆتكىلىشچان ئەسلىھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ. كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىشى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ .







AVI ـــــــ گەرچە كونا شەكىل بولسىمۇ يەنىلا كۈچىدىن قالمىغان AVI نىڭ ئىنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Audio Video Interleaved، يەنى ئاۋاز چاستوتىسى، كۆرۈنمە چاستوتا گىرەلەشكەن شەكىل، ئۇ ئاۋاز ۋە تەسۋىرنى ماس ھالدا گۇرۇپپىلاپ بىرلەشتۈرۈلگەن ھۆججەت شەكلى. ئۇ كۆرۈنمە چاستوتا ھۈججىتىگە نىسبەتەن بىر تۈرلۈك بۇزۇپ پىرىسلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان، بىراق يۇقىرى دەرىجىدە پىرىسلىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا ھەرقايسى تەرەپلەردىكى سۈپىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى يەنىلا ئىنتايىن كەڭ.




1080Pــــــــــ1080P بولسا، ئامېرىكا كىنو، تېلېۋىزىيە ئېنژىنىرلار جەمئىيىتى بەلگىلىگەن ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەقەملىك تېلېۋىزىيە شەكىل ئۆلچىمى بولۇپ، ئۈنۈملۈك كۆرسىتىش شەكلى بولسا: 1920×1080، پىكسېل سانى 2 مىليۇن 73 مىڭ 600. 1080P ئېلىپ كەلگەن يۇقىرى سۈپەتتىكى سۈرەتلەر ئىستېمالچىلارغا ھەقىقىي ئائىلىۋى كىنوخانىدىكى ئاڭلاش، كۆرۈش سەزگۈسىنى ئاتا قىلدى، ئۇ باشقا بارلىق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكىشەكىللەر بىلەن پۈتۈنلەي سىغىشالايدىغان بولغاچقا، ئاممىبابلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، كەلگەسىدىكى ئون نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە بۇ مەھسۇلاتلار مودىدىن قالمايدۇ. ئىلگىرلىمە تىپتىكى مەھسۇلاتقا تەۋە. 1080P فىلىملىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، 1080P مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى بارغانسېرى ئېنىق گەۋدىلىنىشكە باشلىدى .




AC3ــــــــ كۆپ ئۇچرايدىغان فىلىم، ئاۋاز چاستوتا شەكلى .




BD بولسا BLUE DISK نىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇيغۇرچىدا «كۆكنۇر فىلىم دىسكىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، يەنى كۆكنۇر فىلىم دىسكىسىغا ئويۇلغان كۆرۈنمە چاستۇتا، ئاۋاز چاستوتا ھۆججەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، تەسۋىرلەرنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. كۆكنۇر كەلگۈسىدىكى ساقلاش ۋە ماتېرىيال بىر تەرەپ قىلىش يۈزلىنىشى بولۇپ قالىدۇ .




سازىم تورى توردىن رەتلەپ تەرجىمە قىلدى ، ئىزدىنىش ئەھلىگە سۇندى .

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 09:04:04

Chrome دىگەن ئاداشتا نورمالراق كۆرىنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويساق بولاتتى بۇ ئىزدىنىشنى ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 10:43:12

كۆك نۇر قويغۇچتا كىنو كۆرسە بەك سۈزۈك، بىر كىنونىڭ نەچچە خىل تىل- يېزىقتىكى ئاۋاز- خېتىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۈشكە بولىدىغان يېرىمۇ نوچى، بۇغۇ DVD دىمۇ بار، لېكىن ئاران 2~3 تىلدا، لېكىن BD نىڭ سەككىز- ئون خىلغا يېتىدۇ.

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 10:53:40

ئىزدىنىش ماشتا چىقىۋالىدۇ دائىم. ئاندىن خاپا بولماي، ئىشۇ كۆرۈنمە چاستوتا دېگەن گەپنى ئىشلەتمىسەڭلاچۇ.


\"\"


باچكا، نەچچە تىل بىلىسىلە؟

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 10:55:18

كىنوخانىدىن 3Dكىنو كۆرىشتىن زىرىككەنتىم.سەۋبى كۆزئەينەكلىرى مەينەتلىشىپ ياكى بوزۇلۇپ ،قۇيۇش ئاپراتلىرىنىڭ چىرىقىنىڭ كونىرىشى ، يۇرۇتشنىڭ يىتەرلىك بولماسلىق سەۋەبلىك ياكى بىر ھۇزۇرلىنىپ كۆرگىلى بولمايتتى.ئەلۋەتتە ھەممىسى ئەمەس ،5 قېتىمنىڭ 2-3قېتىمى مۇشۇنداق، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا (پۇلات بۆرىنى)كۆرگەن،كومپىيوتىردا كۆرگەن بولساممۇ ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىپ كۆرەتتىم ئېھتىمال. پۈتۈن كىنونىڭ يېرىمىغا يېقىن ۋاقىتتا كۆزئەينەكنى ئېلۋىتىپ كۆرىتىپمەن.



ئەمدى تەۋىسيەم.مۇبادا سىز تېلىۋىزۇر سېتىۋالماقچى بولسىڭىز.ئىككىلەنمەي 3Dئىقتىدارى بارىنى سېتىۋىلىڭ !!!!كۆپ قىسىم ئادەملەر 3Dكىنونى كىنۇخانىدا كۆرمەمدۇ ،ئۈيدىكىسىدە قانچىلىك ئۈنۈم بىلەن كۆرگىلى بۇلاتتى دەپ 3Dئىقتىدارى بارىنى ئالمايدىكەن.مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق ئۇيلاتتىم.ئەمەلىيەتتە تېلىۋىزۇرنىڭمۇ يامان ئەمەسكەن،گەرچە سىترولىقى ئۆلچەملىك كىنوخانىلارنىڭكىگە يەتمىسىمۇ (بۇ دىگەن سىترۇلۇق كۆرۈش ئۈنۈمىنىڭ ئالدىغا تىپىش دەرىجىسى،يەنە يوپورماقلار ئۇچۇۋاتقان كۆرنىش بولسا ئۆلچەملىك كىنوخانىدىكى،ئولچەملىك ئۈسكۈنىلەردە خۇددى يېنىڭىزدا ئۇچۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ،قۇلۇڭىزبىلەن تۇتۇپ باققىڭىز كىلىدۇ،ئەمما تېلىۋىزۇردا بۇئىقتىدار رۇشەن ئەمەسكەن ،ئېھتىمال 42 دىئوملىقتا كۆرگەچكە شۇنداقمىكىن دەپ ئويلىدىم،ئەمما كىسىپ ئېتىمەنكى پۈتۈن بىر كىنودا بونداق كۆرىنىش 5%لىك ئۇرۈننىمۇ ئىگەللىمەيدۇ ) ،ئەمما سۈزۈكلىكى ،كۆرىنىشنىڭ قاتلاملىقى،كىنوخانىدىن قىلىشمايدىكەن.توردىن چۈشۈرگەن كىنونى قاتتىق دىسكا ئارقىلىقلا قۇيغىلى بولدىكەن (ئەلۋەتتە تېلىۋىزۇرنىڭ USB ئېغىزى بارمۇ-يوق دىققەت قىلىڭ!)


talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 11:01:20

كۆك نۇر قۇيغۇچنىڭ نۇرماللىرى قانچە پۇل بولۋاتىدۇ ھازىر ،بىر كۆكنۇر كىنو دىسكىسى تەخمىنەن قانچە پۇل ؟

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 13:39:40

5- قەۋەتتىكى talmasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۆك نۇر قۇيغۇچنىڭ نۇرماللىرى قانچە پۇل بولۋاتىدۇ ھازىر ،بىر كۆكنۇر كىنو دىسكىسى تەخمىنەن قانچە پۇل ؟


تور ۋە بازاردىن سېتىۋالسىڭىز ، 500 يۈەندىن 2000 يۈەنگەىچە تاللاپ سېتىۋالالايسىز ، 3T, 5 T سىغىمدىكى قاتتىق دىسكىنى قوللايدىغان كۆكنۇر قويغۇچلار ، ئالاھىدە ئىقتىدارلىق قويغۇچلار توردا خېلى بار ، پىلاستىنكىنىڭ باھاسى ، 20 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە سېتىۋالغىلى بولىدۇ .

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 00:00:13

Arqinنىڭ تېمىسىدىن نەقىل




1080Pــــــــــ1080P بولسا، ئامېرىكا كىنو، تېلېۋىزىيە ئېنژىنىرلار جەمئىيىتى بەلگىلىگەن ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەقەملىك تېلېۋىزىيە شەكىل ئۆلچىمى بولۇپ،



ھازىر يەنە يېڭىدىن 4K ئىنىقلىقىدىكى كىنولار بارلىققا كىلىۋاتىدۇ. 4Kدىگەن 1080P نىڭ 4ھەسسىىسىگە توغراكىلىدۇ. يەنى رازمىرى 4096×2160بولۇپ ئەڭ يۇقىرى دىسە مۇشۇنى دىسە بولىدۇ ھازىر.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 08:38:49

بۇ يازمىدا ئۇقۇملار ئىگىز-پەس، تاغدىن -باغقا ئاتلاپ كېتىش دىگەندەك مەسلىلەر ساقلىنىپتۇ ،ئەمما يازمىغاندىن يازغان ياخشى يازغاندىكىن ئەستايىدىل يازغان ياخشى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 08:45:48

5- قەۋەتتىكى talmasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۆك نۇر قۇيغۇچنىڭ نۇرماللىرى قانچە پۇل بولۋاتىدۇ ھازىر ،بىر كۆكنۇر كىنو دىسكىسى تەخمىنەن قانچە پۇل ؟

بۇرۇنقىدىن بەكلا ئەرزانلاپتۇ، تاۋباۋ باھاسىغا ئاساسلانغاندا، سونىي كۆك نۇر قويغۇچنىڭ پەقەت قويىدىغىنى arqin دېگەندەك 500 ئەتىراپىدا، 3 دىلىقى 900 ئەتىراپىدا تۇرىدۇ، بۇرۇنقىدىن 1000 يۈەن چۈشۈپ بولغان چىراي، مەن 3 د لىقىنى قىممەتلىكىدىن ئالالمىغان. كۈچلۈك تەۋسىيەم، ھازىر ئالسىڭىز بىراقلا 3 دىلىقىنى ئېلىڭ،. تېلىۋىزورنىڭ 3 دىلىقىنى ئېلىپ قالسىڭىز،3 د كىنولارنى كۆرگەندە راست دەپتىكەن دەيسىز.


سونىي كۆك نۇر قويغۇچنىڭ تەڭشەش ئېكرانىغا كىرگەندە، توردا كىنو كۆرۈشكە تىزىملىتىڭ دەپ يېرى بار، كومپيۇتېردا شۇنىڭدا كۆرسەتكەن بېكەت ۋە نومۇر بىلەن تىزىملىتىپ قويسىڭىز، سونىي ئۆزىنىڭ قويغۇچلىرى ۋە 3 د ئېكرانلىرى ئۈچۈن تەمىنلىگەن كىنوخانىسىدىن خەۋەر، ھەقسىز قانىلىدا كىنو كۆرەلەيسىز، . سوني قويغۇچنى تور سىم بىلەن يول ئايرىغۇچقا چېتىپ قويىسىز. مېنىڭ قانداق بولغان ھازىر ئۇ تور قانىلى ئېچىلماس بولۇپ قاپتۇ، قايتا ئاكتىپلايدىغان ئىشى بارمىكىن يا.



بۇرۇن، كۆكنۇر دېسكىنىڭ باھاسى ھەر گېگاسىغا بىر يۈەندىن توغرا كېلەتتى. يەنى 25 گېگالىقى 25 يۈەن، 50، 100 لىكىمۇ شۇنداق دېگەندەك. ئالدىنقى كۈنى بەرگەن باھاسىنى ھېساپلاپ كۆرسەم، ھەر بىرسى 17 يۈەندىن توغرا كەپتۇ، كونا خېرىدار باھاسى دەيدۇ، ئالدىۋەتمىگەن بولسىلا، ئورنى ئاق قۇۋۇق تىياتىرخانىنىڭ بېقىنىدا. يىل ئىلگىرى، قىزىلبايراقتىن 15 يۈەندىن ئۈچنى ئالسام ئىككىسى چىقمىدى، قىزىل بايراقتىن ئالماسلىقنى، ئاق قۇۋۇق يېنىدىكىسىدىن ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 08:52:20

(توۋا باشقۇرغۇچىلار، ماۋۇ IP رىم مېنى بېيجىڭدا دەيدۇ، بۇ قىپ- قىزىل يالغان.)

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 09:14:48

ھازىر ئەرزانلاپتۇ ،ئەمسە بارا -بارا بىز قۇبۇل قىلالايدىغان ئىستىمال سەۋيىسىگە يىقىنلاشقۇدەك.



ئەلەي-بەلەي 1080P تېلۋىزىيەنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى،4Kياكى2K لار كىنونىڭ ئۆلچەم بىرلىكى.بۇ يەردە رازمىر پەرقى بۇلۇپلا قالماي 1080P لىك2Kغا قارغاندا ،رەڭ تۇنۇنۇش دەرىجىسى،سۈزەكلىكى،قارا-ئاقلىق پەرقى يەنىلا زۇر

دەرىجىدە تۈۋەن.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 11:41:08

كۆرۈنمە چاستوتا   \"\"

مۇشۇنداق دەپ ئومۇملاشتۇرغان ش ج ت ۋ نىڭ تەرجىمان ۋە تەھرىرلىرىگە مىڭ لەنەت ...

音频 ئاۋاز قانىلى . ئاۋاز يولى .....

视频 سۇرەت ياكى رەسىم قانىلى . سۇرەت ياكى رەسىم يولى . سىن قانىلى . سىن يولى ....

AV دېگەن شۇ رەسىم ۋە ئاۋاز دېگەن گەپ ...



ئا يەردە 频 دېگەن خەت频率 دېگەن مەنىدە ئەمەس بەلكى 频道 دېگەن مەنىدە كېلىدۇ ....

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 22:12:50

8- قەۋەتتىكى tvmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ يازمىدا ئۇقۇملار ئىگىز-پەس، تاغدىن -باغقا ئاتلاپ كېتىش دىگەندەك مەسلىلەر ساقلىنىپتۇ ،ئەمما يازمىغاندىن يازغان ياخشى يازغاندىكىن ئەستايىدىل يازغان ياخشى.

رەتسىز چىقىپ قالغىنىغا مەن ئىقرار سازىم كومغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى ماتىلاپ ئىزدەپ يۈرۈپ تەرجىمە قىلدۇرغان .. (سەت خىجىل بوپ كەتكەن چىراي ئىپادىسى)
بەت: [1]
: ئۇزۇن تەرجىمە - كىنو دىگەن نىمە