قەدىمقى مىس چەينەك توغرىسىدا ياردەم!
قەدىمقى مىس چەينەك توغرىسىدا ياردەم!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تورداشلار:
ئۆيىمىزدە مۇنداق بىر مىس چەينەك بار ئىدى. 



چەينەكنىڭ ئاستىدا ‹چيەنلۇڭ زامانىسىدا ياسالغان› دېگەن خەت ئويۇقلۇق ئىكەن.
بۇ چەينەكنىڭ ئۇزۇنلىقى 11CM،
چەينەك ئېغىزىنىڭ 4.5CM،
چەينەكنىڭ ئاستىنىڭ ئۇزۇنلىقى 4CM .
مۇشۇ چەينەكنىڭ راست شۇ زاماندا ياسالغان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىپ باقاي دېگەن.
ئۈرۈمچىدە ئاسارە-ئەتىقە بۇيۇملارنى باھالاش ئورنى بارمىدۇ؟ ئىزدىنىشتا بۇ جەھەتتە بىلىمى بارلار بولسا، ئازراق خەۋەر بەرگەن بولساڭلار!




ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام




ئۇزۇنلىقى دەپ نەرىنى كۆزدە تۇتتىڭىز؟ 11سانتىمېتىر دىگىنىڭىز ئېگىزلىكىمۇ؟ ئاستىنىڭ ئۇزۇنلىقى دىگىنىڭىز دىئامېتىرى شۇنداقمۇ؟
2- قەۋەتتىكى bendoraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
ئۇزۇنلىقى دەپ نەرىنى كۆزدە تۇتتىڭىز؟ 11سانتىمېتىر دىگىنىڭىز ئېگىزلىكىمۇ؟ ئاستىنىڭ ئۇزۇنلىقى دىگىنىڭىز دىئامېتىرى شۇنداقمۇ؟
چەينەكنىڭ جوغۇسىنىڭ ئۇچىدىن تۇتقۇچىگىچە 11 سانتىمېتىر بۇ چەينەك راست شۇ دەۋردە ياسالغان بولسىمۇ ،بەك قىممىتى يوقمىكىن تاڭ، ئاسارە-ئەتىقە بازىرىدا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇچ بۇيۇملاردىن كۆرە ساپال قاچا-قۇچىلار بەكرەك بازارلىقتەك .
ئاۋۇ چەينەكنى قۇم قەغەزدە سۈرتۈپ باقتىڭىزمۇ راست {:92:} نىجاتكارىم خىزمەتلىرىگە تەييارمەن دەپ دىۋىدىن بىرسى چىقىپ قالسا كۆرۈڭ

4- قەۋەتتىكى arginakunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مانا چىيەنلوڭخانننىڭ زامانىسىدىمۇ شىنجاڭنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنىڭ تولۇق ئىسپاتى![]()
تولا قۇتراتقۇلۇق گەپ قىلماڭ!!!! بىرسى ئايرىلدىغان يېرى دىمىگەنكىن غ غا ت نى قوشۇپ جىم ئولتۇرسىلا. راسلا ئىچىدىن دىۋە چىقسا مۇشۇنداق دىۋىسى بار چەينەكتىن يۈزنى كەلتۈر دېسە بولغىدەك

بىر چاغلاردا مېنىڭ قولۇمغىمۇ بەش تال كۈمۈش تەڭگە چۈشۇپ قالغان،كەينىدە ئۇيغۇرچە يېزىق خەنزۇچە يېزىق بار ئىكەنتۇق،بەيدۇلاپ يۈرۈپ راستنىڭ بىر تېلىنىڭ ئەللىك مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ دەھشەت خوش بولغان كېيىن قارىسام توغرا ئەمەس،چۈشەندۈرۈشتە قۇيغان تەڭگىلەر نەقشنىمۇ قولدا ئويغان دەپتۇ،ھەقىقىيسىدە گۈللىرى بىر قەدەر قوپال ئۇيۇلۇپتىكەن،ئىنچىكلەپ قارىسام مېنىڭكى بەش تەڭگەم بىر قېلىپتا قۇيۇلغانكەن،سىزمۇ نەقىشلىرى بولسا ،قول ھۈنەر سىپتا قوپاللىقىغا دىققەت قىلىپ بېقىڭ،،مەن ئۆزۈملا ئايرىپتىكەنمەن شۇ ئۇسۇلدا cctv نىڭ بىر پىرگىراممسى بۇلدىغان مەخسۇس مۇشۇنداق ئاسارە ئەتىقىنى باھالاش تۇغىرسىدا ، مۇتەخەسىسلەر دەۋرى قاچان ، قىممىتى قانچىلىك ، ساختىمۇ ئەمەسمۇ دىگەندەكلەرنى چۈشەندۇرىدۇ ، سىز شۇ پىرگىراممىنى كۈرۈپ بېقىڭ . ئۇ پىروگراممىنىغۇ كۆرۈپ تۇرىمەن. رەھمەت سىلەرگە. چەينىكىڭىزنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سوراپ كۆرۈڭ.ئەگەر يېقىنقى ۋاقىت ئىچىدە ئاسارە-ئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلىغۇچى ياكى ساتقۇچىلاردىن سېتىۋالغان بولسا ساختا.
11- قەۋەتتىكى ulukjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چەينىكىڭىزنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سوراپ كۆرۈڭ.ئەگەر يېقىنقى ۋاقىت ئىچىدە ئاسارە-ئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلىغۇچى ياكى ساتقۇچىلاردىن سېتىۋالغان بولسا ساختا.
چوڭ دادام جۇۋىغا ئوراپ ساقلاپ يۈرگەن چەينەك ئىكەنتۇق. بەلكىم چوڭ دادامغىمۇ دادىسىدىن قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداق بولسا ئىشەنچىلىك ،تەجىربىلىك كىشىگە كۆرسىتىپ باھالىتىپ باقسىڭىز بولغۇدەك. بۈگۈن بىر چىقىپ باقساق بوپتىكەن، مەن خېلى بىلىمەن بۇ ئىشنىڭ ئېپىنى، سېتىۋىتىپ خەجلەپ كەتسەك... خەجلەپ كەتسەك!!!! {:92:} {:92:} {:92:}
9- قەۋەتتىكى kurax007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
cctv نىڭ بىر پىرگىراممسى بۇلدىغان مەخسۇس مۇشۇنداق ئاسارە ئەتىقىنى باھالاش تۇغىرسىدا ، مۇتەخەسىسلەر دەۋرى قاچان ، قىممىتى قانچىلىك ، ساختىمۇ ئەمەسمۇ دىگەندەكلەرنى چۈشەندۇرىدۇ ، سىز شۇ پىرگىراممىنى كۈرۈپ بېقىڭ .
مۇشۇ پىروگرامما گۇرۇپپىسى ھازىر دەل كۇچاردا يېقىندا كۇچادا نەق مەيدان باھالاش پىروگراممىس قىلىدۇ دەپ ئاڭلىغاتىم تېخى تۆنۈگۈن.
14- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۈگۈن بىر چىقىپ باقساق بوپتىكەن، مەن خېلى بىلىمەن بۇ ئىشنىڭ ئېپىنى، سېتىۋىتىپ خەجلەپ كەتسەك... خەجلەپ كەتسەك!!!!![]()
![]()
![]()
88-يىلىغۇ دەيمەن،بىر ئاغىنەم ئۆيگە كەپتىكەن،،يوغانلا بىر ئۈزۈكنى كۆتۈرۈپ ، مانى تېپىۋالدىم ،ئالتۇندەك تۇرىدۇ،دوڭكۆۋرۈككە ئاپىرىپ باقساق دەپ ،ماقۇل دەپ دوڭكۆۋرۈككە بېرىپ بىر زەرگەرخانىغا ئەكىرىپ ما ئۈزۈكنى ساتماقچىدۇق دىسەك ،تارازىسىغا سېلىپ بېقىپ \" ئۇكام ئوغرىلىغان ئۈزۈك ئەمەستۇ \" دىگەنتى ئاغىنەم قىپ-قىزىللا \"ئاپام سېتىپ پۇلنى ئەكەل \" دىگەنلا دىدى ،شۇنىڭ بىلەن زەرگەر ئۇستام \" ئەمىسى 480 سوم بېرەيمۇ \" دىگەنتى موخۇركا ئوراۋاتقان مەن تىترەپ كېتىپ موخۇركامنى تۆكۈۋەتكەن،شۇ يىللىرى 480 سوم دىگەن ھازىرقى قانچە پۇل ئويلاپ بېقىڭلار



16- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
14- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۈگۈن بىر چىقىپ باقساق بوپتىكەن، مەن خېلى بىلىمەن بۇ ئىشنىڭ ئېپىنى، سېتىۋىتىپ خەجلەپ كەتسەك... خەجلەپ كەتسەك!!!!![]()
![]()
![]()
88-يىلىغۇ دەيمەن،بىر ئاغىنەم ئۆيگە كەپتىكەن،،يوغانلا بىر ئۈزۈكنى كۆتۈرۈپ ، مانى تېپىۋالدىم ،ئالتۇندەك تۇرىدۇ،دوڭكۆۋرۈككە ئاپىرىپ باقساق دەپ ،ماقۇل دەپ دوڭكۆۋرۈككە بېرىپ بىر زەرگەرخانىغا ئەكىرىپ ما ئۈزۈكنى ساتماقچىدۇق دىسەك ،تارازىسىغا سېلىپ بېقىپ \" ئۇكام ئوغرىلىغان ئۈزۈك ئەمەستۇ \" دىگەنتى ئاغىنەم قىپ-قىزىللا \"ئاپام سېتىپ پۇلنى ئەكەل \" دىگەنلا دىدى ،شۇنىڭ بىلەن زەرگەر ئۇستام \" ئەمىسى 480 سوم بېرەيمۇ \" دىگەنتى موخۇركا ئوراۋاتقان مەن تىترەپ كېتىپ موخۇركامنى تۆكۈۋەتكەن،شۇ يىللىرى 480 سوم دىگەن ھازىرقى قانچە پۇل ئويلاپ بېقىڭلارشۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىمىز خەجلەپ كەتتۇقا خەجلەپ كەتتۇق
لېكىن خەجلەپ يېرىمى تۈگىمەي تۇرۇپ يۈتتۈرۈپ قويدۇم دەپ خەجلىگىلى ئۇنىمىدى ئا گۇي
![]()
ئاپام يۈتتۈرۈپ قويغان ئۈزۈك ئەمەستۇ، مەن تۆت ياشقا كىرگەندە بىر ئۈزۈكىنى يۇتتۈرۈپ قويۇپتىكەنىمىش

بەت:
[1]
2