nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 21:58:59

يۈننەندە يەرنى مەجبۇرىي سېتىۋىلىش سەۋەبىدىن بىر قىسىم پۇقرا ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئ

يۈننەندە يەرنى مەجبۇرىي سېتىۋىلىش سەۋەبىدىن بىر قىسىم پۇقرا ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئۇرۇپ چاقتى، ناھىيە رەھبىرى بارماق بېسىپ يەرنى مەجبۇرىي ساتماسلىققا ۋەدە بەردى.








يۈننەن جىنىڭدا پۇقرالار بىلەن ساقچى تەرەپ تىركەشمەكتە







پۇقرالار مۇناسىۋەتلىك ۋەدىنامىنى كۆرسەتمەكتە




22- ئۆكتەبىر، يۈننەن ئۆلكىسى جىنىڭ ناھىيىسىدە توپلىشىپ ۋەقە چىقىرىش ئەھۋالى يۈز بەردى. ھۆكۆمەت تەرەپنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 22- ئۆكتەبىر چۈشتىن كىيىن شۇ ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى قانۇن بويىچە جى چېڭ بازىرىغا ئىككى گۇماندارنى چاقىرتىپ كەلگەندىن كىيىن، 200 پۇقرا توپلىشىپ چىقارغان ۋەقەدە 30 دىن كۆپرەك ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئۇرۇپ چېقىلغان، 26 نەپەر خەلق ساقچىسى ۋە بىر نەپەر ياردەمچى ساقچى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.

ساقچى تەرەپ چاقىرتىپ كەلگەن ئالاقىدار ۋاڭ چۈن يۈن ۋە شۇ يەرلىك پۇقرالار شىن جىڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا ۋەقە يەنى مەجبۇرىي سېتىۋالغانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان. شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 6 دە، چاقىرتىلغان ئىككى ئادەم قويۇپ بىرىلگەن.

تۆنۈگۈن سائەت 5 تە، يۈننەن ئۆلكىسى جىنىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دىيىشىچە، 22- ئۆكتەبىر سائەت 13 تىن 30 دا، جىنىڭ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قانۇنغا خىلاپ سولاپ قويۇش ۋە قەستەن يارىلاندۇرۇش گۇمانى بىلەن ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قانۇن بويىچە چاقىرتىپ كەلگەن.

سائەت 14 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە جى چېڭ بازار گۇاڭ جى كەنتىدىن 200 پۇقرا يىغىلىپ شۇ كەنتنىڭ نىيۇ گۇاڭ يولى يول ئېغىزىدىن ئۆتكەن ھۆكۈمەت ماشىنىسى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى توسۇپ، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 11 ئادەم ۋە ئۈچ ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى مەجبۇرىي تۇتۇپ قالغان.

سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا، كۈن مىڭ شەھىرى، جىنىڭ ناھىيىسى نۇرغۇن ساقچىلارنى نەق مەيدانغا ۋەقەنى كونترول قىلىشقا ئەۋەتكەن، ساقچىلار پۇقرالارنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان ھەمدە ۋەقەدە 30 دىن كۆپرەك ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئۇرۇپ چېقىلىپ، 26 نەپەر خەلق ساقچىسى ۋە بىر نەپەر ياردەمچى ساقچى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان. ئارىسىدىكى ئۈچ نەپەت ساقچىنىڭ يارىسى ئېغىر بولۇپ، ئىككى خادىمنى جىددىي داۋالاش ئارقىلىق ئەھۋالى ئاساسەن تۇراقلىق بولغان، يەنە بىر خادىمنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا ئىكەن.

قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى

خەۋەر مەنبەسى: چىكىڭ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 22:50:25

باجنى تۆلىگىلى ئۇنىماي نىمىشقا ۋەقە چىقىرىدىغاندۇ بۇ ھۆكۈمەتسىزلەر، پارتىيە ئوتقا كىرىسەن دىسە ئوتقا كىرىش، سۇغا كىرىسەن دىسە سۇغا كىرىشنىڭ لازىملىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 22:55:02

نەچچە كۈندىن كىيىن بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بىرىشى يەرلىكتىكى مەلۇم كىشىلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى،ج ج خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزنەسىھەت قىلسا ئاڭلىماي قالايمىقانچىلىق تىرىغانلىقىدەك بايانلار تور يۈزىنى قاپلايدۇ.خەۋەردىمۇ مانچە ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى تىلغا ئاپتۇيۇ لىكىن قانچە پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى قانچىسىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى تىلغا ئالماپتۇ.مۇشۇ خەنلەرگە ھەيران قالىمەن،كالىدەكلا ياشايدۇ دىسە.توۋا.شۇڭىمۇ كومپارتىيەنىڭ يىشى يۈزگە،كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى يىڭى جۇڭگونىڭ يىشىمۇ يەتمىشكە يىقىنلىشاي دەپ قالدى.مۇشۇ خەقلەر ئىككى ئىغىز جانلىق مۆرىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن شۇڭا بۇ دۆلەتتە پۇقرالار ئىشەككە كالىغا ئوخشاپ قالغاچ نەدىكى بىر نىمىلەر ئەمەلدار بولىۋىلىپ خەلىقنى شۈلۈپ يەۋاتىدۇ.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 00:15:06

2-قەۋەتتىن ئورۇن تەگكىنىگە خوش بولاپ پوداقچىلىقنى باشلاپ كېتىپتۇ -ھە بىرەيلەن. \"\"

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 00:24:06

4- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2-قەۋەتتىن ئورۇن تەگكىنىگە خوش بولاپ پوداقچىلىقنى باشلاپ كېتىپتۇ -ھە بىرەيلەن. \"\"

شۇنداق. پوداقچىلىق-بوداقچىلىق دىگەننى باشلىۋەتتىم قايلىسىلا،  قانداق، پىكىر يوقتۇ؟

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 11:49:23

ناۋادا بۇ ۋەقە شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بولسا ئاۋۇ قالايمىقانچىلىق چىقارغانلارغا ئاللىقاچان تېرورچى قالپىقى كىيگۈزۈلۈپ ، بارار جايى تەييار ئىدى ...

  ھەممىدىن مۇھىمى ئاۋۇ 200 نەچچە ئادەمنىڭ بېشى بىر يەرگە كەپتۇ ئەمەسمۇ ، شۇڭا دېمۇكىراتىيەنىڭ تەمىنى دېكتاتۇرا ھوقۇقى بېرىلگەنلەرگە تېتىتىپ قويغان گەپ . ئەممە ئاۋۇ تېمىدىن يەنىلا دەپسەندە قىلىنغان دېمۇكىراتىيەنىڭ نالىسى چىقىپ تۇرۇپتۇ ...

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 11:55:47


2- قەۋەتتىكى qarabegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باجنى تۆلىگىلى ئۇنىماي نىمىشقا ۋەقە چىقىرىدىغاندۇ بۇ ھۆكۈمەتسىزلەر، پارتىيە ئوتقا كىرىسەن دىسە ئوتقا كىرىش، سۇغا كىرىسەن دىسە سۇغا كىرىشنىڭ لازىملىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟



  ھەي ... سىز بىلەن مەن ئەمەستە ھەممە ئادەم .. ئوتقا كىرسەم كۆيىمەن ، سۇغا كىرسەم  چۆكىمەن ، ئۇنىڭدىن مەنمۇ ئادەم بولغاندىن كېيىن ياشاپ باقمايمەنمۇ دەپ باققان گەپ  ...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 12:10:06

بىزنىڭ ئۆيلەرنى كىلىپ چاقىسەن، ئورنىغا پۇل بىرىمىز دەپلا توختامغا قول قويدۇرۇۋالغىنى، زىمىنىزمىنى مەجبۇرىي سىتىۋالغانلىققا تەۋە ئەمەسمۇ؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 13:02:40

10- قەۋەتتىكى udun007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزنىڭ ئۆيلەرنى كىلىپ چاقىسەن، ئورنىغا پۇل بىرىمىز دەپلا توختامغا قول قويدۇرۇۋالغىنى، زىمىنىزمىنى مەجبۇرىي سىتىۋالغانلىققا تەۋە ئەمەسمۇ؟

سىزنىڭكى ئۆزىڭىز ئۆي-زېمىن شىركەتلىرىگە يالۋۇرۇپ، ئۆيۈمنى ئالساڭ بولاتتى دەپ ئىختىيارىڭىز بىلەن ساتقانغا تەۋە بولىدۇ.

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 20:45:52

يېقىندىن يارقى پۇقرالارنىڭ خورىكى ئۆسۈپ كېتىۋاتىدۇغۇ. \"\"

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 21:52:48

جۇڭگودا ئىجتىمائى مەسلىلەر بۇنىڭدىن كىيىن چىقىدۇ ... ئەمدى نۇرغۇنلىغان خەلىق كومپارتىيەنىڭ ئۆزىنىڭ يۈزىنى ئۆزى قەستەن ئۇرۇپ ئىششىتىۋېلىپ « مەن سېمىز » دىگىنىگە ئىشەنمەيدۇ .

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 10:26:48

كىمە ۋە دېڭىز ...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 13:12:37

11- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى udun007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزنىڭ ئۆيلەرنى كىلىپ چاقىسەن، ئورنىغا پۇل بىرىمىز دەپلا توختامغا قول قويدۇرۇۋالغىنى، زىمىنىزمىنى مەجبۇرىي سىتىۋالغانلىققا تەۋە ئەمەسمۇ؟


سىزنىڭكى ئۆزىڭىز ئۆي-زېمىن شىركەتلىرىگە يالۋۇرۇپ، ئۆيۈمنى ئالساڭ بولاتتى دەپ ئىختىيارىڭىز بىلەن ساتقانغا تەۋە بولىدۇ.

.......................................................................


كىنايە گەپپ قىلغان بولسىڭىز مەن  توغرا چۈشىنەي، ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق. ئىزدىنىش مۇنبىرى ئەزالىرىنىڭ  پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى ئالاھىدىراق، مەن قول قويماي تۇرالمايمەن.


مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ يۈننەندە يۈز بەرگەن توپلىشىپ جىدەل چىقىرىش ۋەقەسىدىن ئالغان تەىسراتىنىڭ ئىجابىي پىكىرلەرگە تولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئاخىرىدا: بۆلۆنگەننى بۆرە يەر دەپتىكەن كونىلار. شۇڭا ئۇيۇشۇش كىرەك.




bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 18:23:15

ئەسلىدە يۈننەن تېرورچىلارنىڭ ئۇۋىسىكەن ئەمەسمۇ.
بەت: [1]
: يۈننەندە يەرنى مەجبۇرىي سېتىۋىلىش سەۋەبىدىن بىر قىسىم پۇقرا ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئ