kolteken يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 20:40:01

ئۇيغۇر ماشىنا تورى ھەۋەسكارلارغا قايتا سۇنۇلدى

ئەسسىلەممۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ..

بىز شەرەپ بىلەن شۇنى ئۇقتۇرىمىزكى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئۇيغۇرلاردىكى ھەقىقىي ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى تورى بۈگۈن بارلىقا كەلدى ھەمدە  كەڭ ئۇيغۇر ، قازاق ، ئۆزبىك ، قىرغىز ... قاتارلىق كۆپلىگەن تۈركىي قېرىنداشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى ... http://uycar.com



بۇ بەتنى ياساشكا ھەر قايسى جەھەتلەردىن زور كۈچ كەتتى ، بىز ئىمكان بار ھەرقايسى جەھەتتىن كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ياخشى قىلىشقا تىرىشتۇق ،ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنى ئىشلەتتۇق ھەم كۆپ مەبلەغ ، كۆپ زىھنىي كۈچ كەتتى  ، شۇنداقتىممۇ ئاز - تۇلا كەمچىلىكلەردىن خالى بۇلالمىدۇق ئەمما كەمچىلىكنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشكە تىرىشتۇق  ،  يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلار جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ ، بارا - بارا تۇلۇقلاپ ، ئىلغارلاشتۇرۇپ ماڭىمىز ، ئارلىقتا ئىككى ئاي تاقىلپ تۇردى  بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇق لىكىن  بۇ جەرياندا بىز سىلەرنى تولىمۇ سېغىندۇق ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇردۇق ...ئەسلىدىكى  مۇنبەر ئەزارلىرىنىڭ بارىلىق ئۇچۇرلىرى ساقلىنىپ قېلىندى . بۇررۇنقى ئەزالار ئەسلىدىكى تىزىملاتقان ئىسمىڭلار بىلەن تۇسالغۇسىز مەشخۇلات قىلالايسىلار ..تېخى تىزىملاتمىغان ئەزالارنىڭ تىزدىن تىزىملىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز .



ئۇيغۇر ماشىنا تورى باش بەت ، ماشىنا ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى ،نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى ، يېڭى ئاپتوموبىل توپلىمى ، ئاپتوموبىل تىپى بېتى ، يېڭى ئاپتوموبىل  خەۋەرلىرى ، ئاپتوموبىل دۇنياسى  خەۋەرلىرى ، ئېتىبار پائالىيەتلەر ، ماي باھاسى ، قاتناش خەۋەرلىرى ، ئاپتوموبىل  مۇسابىقىلىرى ، شوپۇرلۇق سىنلىق فىلىملىرى ،ئاپتوموبىل ماھارەت فىلىملىرى ،  ئاپتوموبىل رەسىملىرى  قاتارلىق چوڭ تۈرلەر بۇيىچە مۇنبەردىكى 20 نەچچە  سەھىپە قۇشۇمچە يۈرۈشتۈرىلىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ  ،بۇ تېخى باشلانمىسى  قالغان تۈرلەر ئېھتىياجغا ئاساسەن تىز سۈرئەتتە تۇلۇقلىنىپ ماڭىدۇ . ( بۇ ھەقتە ھەر ۋاقىت تەكلىپ - پىكىرلەرنى قۇبۇل قىلىمىز ) ..

ئاخىرىدا ئازراق ئېلان قىستۇرۇپ قۇياي توغرا چۈشەنگەيسىلەر

توربىكىتىمىز يەنە  ھەرقايسى شېركەتلەر ، شەخىسلەر ، مەركەزلەر ھەمدە رادىئو - تىلىۋىزىيە ، تور بىكەتلەر ھەرقايسى جەھەتلەردىن بىلەن ھەقسىز ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىشنى خالايدۇ .

تور بىكىتمىزنىڭ يېڭىدىن ئېچىلغانلىقى  مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان ھەمكارلىقىدا ئالدىن ئېلان بەرگۈچى 5 خېرىدارغا باھادا 20 پىرسەنتتىن 30 پىرسەنتكىچە ئېتىبار بىرىلىدۇ  ، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ .





بىكەت مەسئولى تەلئەتجان ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى يانفۇن :  QQ:747270154    ،  13999021321



مەزكۇر خەۋەرنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەرقايسى تارقىتىش ۋاستىلىرىدا ، ئۇچۇرلىرىدا ، تور، كىيۇ كىيۇ  توپلىردا ، ئۈندىداردا كەڭ تۈردە تارقىتىپ قۇيشىنى ئۈمۈت قىلىمىز ..



ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇر ماشىنا ھەۋەسكارلىرى تورى http://uycar.com

keyum007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 21:22:49

\"\" \"\"

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 09:00:07

ماشىنا تورىنىڭ بەت كۆرۈنۈشى ئېسىل چىقىپتۇ، مەزمۇنى كەسپىي ۋە رەڭدار ئىكەن. بىزگە ئوخشاش يېڭى شوپۇرلارغا ئەسقاتىدىغان پاراڭلار كۆپكەن. ھارمىغايسلەر ئەزىزلەر! \"\"

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 09:44:48

فىلىم ئىسمى : دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى







http://www.sazzim.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=15&id=182




kolteken يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 10:02:19

ئىزدىنىشتا ئاپتوموبىلغا قىزىقىدىغانلار كۆپتىيا ؟ ئەجىبا ماشىنا تورى كەم - كۇتسىز بوپتىما ؟  {:107:}

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 21:30:45

نىمە بولدى كۆرۈپ باقاي دىسام ئېچىلمايدا؟

kolteken يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 19:30:48

5- قەۋەتتىكى amanpahriنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمە بولدى كۆرۈپ باقاي دىسام ئېچىلمايدا؟

نورماللاشتى ، يېڭىلىقتا خاتالىقلاردىن خالىيبولى بولماق تەسكەن ...

kvkkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-26 10:29:56

ياخشى بوپتۇ،تېخىمۇ تىرىشىڭلار
بەت: [1]
: ئۇيغۇر ماشىنا تورى ھەۋەسكارلارغا قايتا سۇنۇلدى