tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 13:30:04

پارول يۇمۇرلىرى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم……


تۇتتى،تۇتتى، يەنە تۇتتى ما كىسەل.


ئەمدى ھەرگىز يازمايمەن دەيمەن، يەنە يېزىپ كىتىمەن…… قانداق قىلسام بولار؟   داۋاسى بارمىدۇ؟


ماۋۇ مىنىڭ جىيەنىم مانداق بىر ئوينى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇشۇ ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتتىكى ھايۋاناتلار بىۋاستە پاراڭلىشالىغان بولسا، ئىنسانلار ئۇلارنىڭ تىلنى تولۇق چۈشەنگەن بولسا، جىق ئىشلار ئاسان بولۇپ كىتەتتى……


مەسىلەن: 1. گۈزەل يۇرت غۇلجىنىڭ ئىشچان، جاپاكەش يېزا ئاياللىرى سەھەردە كالا ساغقىلى چىقتى،   سىيىر:


-ھۇي ئايشىمىدە، يەنە كەلدىڭىزمۇ، خويمارا، مۇشۇنداق ئەتتىگەندە يوقلاپ كەلسىڭىز خويمۇ ئوبدان ھە، ۋۇييەي ئاستا، ئاغرىتىۋەتتىڭىز. مەن دەيمەن ئايشىمدە، مۇشۇ سۈتنى سېغىپ ئېلىپ، ئاندىن يەنە قاينىتىپ ئاندىن سىنچاي دەملەپ، ئۆيىڭىزدىكىلەر ئەتكەن چاي قىلىپ ئاۋارە بولىدىكەنسىز. ئۇنىڭدىن كۆرە ھە، ماڭا ماۋۇ كىچىدە قارا چاي بىلەن تۇز يىگۈزۋىتىپ، ئەتتىگەندە ئەتكەن چاي سېغىۋالسىڭىز بولمامدۇ ھۇ ھۇ ھۇ ھۇ!!! ۋۇي ئاستا، توشتىمۇ چىلەك؟


2.ئەزىزانە قەشقەرنىڭ يېزىسىدا سەھەر بولغاندا   خوراز چىللىدى:


- قوپاڭلا!!! قوپاڭلا خانلار، قوپاڭلا جانلا، تاڭ ئاتتىغۇ! غوجام بەك تۇراممايمىزغۇ؟ يۆلەپ قويايما؟! ماڭ قايلاڭلا~~ئاخشام ياتمايسىلە لىڭشىپ، سەدە قوپمايسىلە غىڭشىپ …… شۇنداما~~بولاڭلا، چىيىڭلىنى ئىچىڭلا……مەن بېرىپ پۈۋلەپ بېرەيما؟؟؟


3.قەدىمىي يۇرت كۇچادا بىر دېھقان ئىشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ، تۇققىنىنىڭ ئۆيىدىن چىقتى. يولدا ئىشەك سۆز باشلاپ قالدى:


-ماڭ قارىسىلا، بۇ تۇققانلىرىدا باغۇ زادى مېھىر يوق جۇمۇسىلا. پۇل بېرىپتۇ دەپ شۇنچە يەلۋەسىلە قاراپمۇ قويمىدى جۇمۇسىلا... دېھقان ئىشەكنى قامچىلىدى.


-ئۇرسىلا، كۈچلىرى ماڭىلا يەتكەندىكىن ھە، مەن يامان گەپ قىممىدىم سىلىگە، ياخشى بوسۇن دىدىم. بوممىسا سىلى بىي مىنىڭ تۇققىنىممۇ ئەمەس……   
4.ئۈزۈم ماكانى تۇرپاننىڭ ھويلىلىرىدا بىر كۈنلۈك تۇرۇش باشلاندى. ھويلىدا بېقىلىۋاتقان ئۆچكە پاراڭ باشلىدى:


-ئۈكەەەەەەم، ئايناقمۇ چۈپەيلىشىپ كەتمەڭلارا، يەم خەشەكنى قورقماي سەپ باقمامسەن ھە، ئۈزەڭ يەلەمىسەڭ يە، ھەي پوخۋاشلار، گە قىۋاتىمەن سەنلەرگە. ئايلا، سەن بولساڭمۇ قاراقويسىنا ماڭا……


5.قوغۇن ماكانى قۇمۇلنىڭ يېزىلىرىدا بىر ئادەم قويلىرىنى قوتانغا ھەيدەپ كىردى، قوتاننىڭ كىرىش تەرىپىدە قويلار سۆز باشلىدى:


-قېنى، ئۆزلەدىن كەلسۇن


- قېنى ئۆزلەدىن كەلسۇن


-ئاۋۇ ئىككىڭلار، مېڭىپ باقسىلاكى……
-ئارقامدىكىلەر، سۈزمىسەڭلا بولۇرمۇ مىنى……
-ماۋۇ قويچى ئەجەپ ئۇرەلەۋەردىغۇ چىۋىقنى، ئىلدام ئىلدام ماڭغايسىڭىزلەر……


6. خوتەننىڭ گۈزەل باغلىرىدا، بىر يىگىت بىر قىز بىلەن دىدارلاشتى، گۈزەل باغنىڭ ئىچىدىكى بۇلبۇل يىگىتكە قاراپ سۆز باشلىدى:


- تاتە ۋوي قولاڭنى ئەدەپسىز، ما قىز بالىنى خىجىل قىپ قويداڭيا، مىينغا ئۆتكىنە. ئونوم ئونوم ئانىڭ تۇمشۇقىنىڭ سوزۇلغىننى، ۋاي خۇدايىم ئۇياتسىز بولدى قىلىشە ئەمدى، ئادەم كەلدى ئەينا……


ئۇف،بۇ مەزمۇننى كىچىك بالا ئويلاپ چىققان، زادى بىر ياز دەپ بىشىمنى قوچۇۋىدى، شۇڭا مانداق يېزىپ باقتىم قاملاشسا قاملاشمىسا. پىكرىڭلار بولسا، ئىشىك تۈۋىدە پىكىر ساندۇقى بار، شۇنىڭغا قالدۇرۇڭلار! بەرىبىر كۆرمەيمەن……
پارول مەنۇ پارول مەن……


ـــــــــــ داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 14:01:59

ئەسسالامۇئەلەيكۇم……
قانداق ئەھۋالىڭلار بالىلار…
مانى چوقۇم تولۇق كۆرۈڭلار
مەۋلۇد ئىبراھىمغا ھۇجۇم!!
پارول
ئۇنىمۇ دىدۇق,بۇنىمۇ دىدۇق،مەن دەيمەن
ماۋۇ بىزنىڭ107.4تىكى سۆيۈملۈك ئاكىمىز مەۋلۇد ئىبراھىمنى بىردەم بوزەك قىلامدۇق……خوپ بولدى،مەن گەپ قىلسام ،جاۋاپ قايتۇرمىغاندىكىن……ئەرز قىلسا،قانداق قىلارمەن……
ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق دېكتور،رىياسەتچى،ماۋۇ شادلىق سىزگە ھەمراھ پىروگراممىسى بىلەن تۈن تىۋىشلىرىنىڭ رىياسەتچىسى مەۋلۇد ئىبراھىم ھازىر ھەممىگە تونۇشلۇق داڭلىق شەخىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى،شۇنىڭ سەۋەبىدىن ماۋۇ بىزنىڭ مۇخبىرلار ئەل رايىنى سىناش ئۈچۈن ،جەمئىيەتكە باشچىلاپ چۆكۈپ،خەلقنىڭ مەۋلۇد ئىبراھىمغا بولغان كۆز قارىشىنى ئىگەللىدى……
1.چوڭلار
مۇخبىرنىڭ سوئالى:
سىلەر رىياسەتچى مەۋلۇد ئىبراھىمنى تونۇمسىلەر؟ سىلەرچە ئۇ قانداقراق ئادەم؟
بوۋاي A:كىمۇ مەۋلۇد ئىبراھىم دىگەن؟ تۇرسۇنئاي ئىبراھىمنىڭ ئىنىسىما؟
بوۋاي B:ھە،مەن بىلىمەن،مۇشۇ دەنشىلەردە چىقىدىغان بالا،مىنىڭ قۇلىقم ئېغىر دەڭە،شۇڭا ئۇ بالىنى دەنشىگە سېغىز چايناپلا چىقامدىكىن دەپ قالىدىكەنمەن……
مومايA:ۋاي ،مەن تازا بىلىمەن،بىزنىڭ ئالدىمىزدىلا چوڭ بولغان بالا ئۇ،شۇنداق ياخشى گەپلەرنى قىلىدۇ،شۇ گەپ قىلغاندا بىشىنى تولا مىدىراتقاچقا،بىچارە بالامنىڭ چوققىسىدا چاچ قالمىدى دە……
بوۋايC:ھەي موماي،سىنىڭ دەۋاتقىنىڭ ئاۋۇ شىنجاڭ خەۋەرلىرىدىكى غالىپ نىيازدۇ؟
مومايئB:ۋاي ياق،شۇ مەۋلۇدنى دەۋاتىدۇ ،رادىئودا گەپ قىلىدىغان،بىردەم يۇمۇر دەپ،بىردەم تەربىيە قىلىدىغان……ياخشى بالا ئۆزى،
بوۋايD:ھېسامنى بەك دورايدۇ كاساپەت،خە خە خە خە
موماي C:ئاستا كۈلسىلە بوۋاي،چىشلىرى تۆكۈلۈپ كەتمىسۇن،ھېلىمۇ چاشلىرى چۈشۈپ،مەۋلۇدقا ئوخشاپ قالدىلا……
بوۋا مومىلىرىمىز نىمداق ئوماق!!
2.ئوتتۇرا ياشلىقلار
مۇخبىرنىڭ سوئالى:
سىلەر مەۋلۇد ئىبراھىمنى تونامسىلەر؟ ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟
ئەرA:يولداش مەۋلۇد ئىبراھ خىزمەتكە ئاكتىپ……كەسىپكە پۇختا……ھە……تۇرمۇشتا مەسئۇلىيەتچان،بالىلارغا مېھرىبان……ئۆزى تىرىشچان ياخشى كادىر،بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى
ئەرB:ئاللا،مەۋلۇد ئىبراھىم ئوقۇتقۇچى ئەمەس،باسما زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسدۇ؟مىنىڭ بىلىشىمچە
ئايالA:يوق گەپ قىلماڭلاا،مەۋلۇدجان رادىئو تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى،پىروگراممىلىرى بەك ياخشى،مەن بەك ياقتۇرىمەن،بولۇپمۇ سەھەردە بېرىدىغان ساغلاملىق مەسلىھەتچىسى پىروگراممىدىكى مەمەتجان دوختۇرنىڭ ئاۋازى يېقىملىق،مەۋلۇد ئىبراھىم ئۆسمۈرلەرگە مسئۇل
ئايالB:ئۇندا ئەمەس،سىز خاتا تۇتىۋاپسىز،مەۋلۇد يۇمۇر سۆزلەيدىغان،مەسلىھەت بېرىدىغان پىروگراممىدا،بولۇپمۇ ئاۋۇ مەسلىھەت بېرىدىغان پروگراممىسى بەك ياخشى،مەۋلۇدجان ئۆزىمۇ بىلىملىك،باشقىلارنى ئۇنى بۇنى دەپلا قايىل قىلىۋىتىدۇ……
ئەرC:كاساپەت ھېسامكامنى بەك دورايدۇ دە،خەخەخەخەخە
3.ياشلار……
مۇخبىرنىڭ سوئالى
سىلەر مەۋلۇد ئىبراھىمنى بىلەمسىلەر؟سىلەرچە مەۋلۇد ئىبراھىم قانداق ئادەم
70يىلدىن كىيىنكىلەر:مەۋلۇد ئاغىنەم نوچى جۇمۇ،يامان قىززىق گەپ قىلىدۇ،ئاڭلاپ قۇلاقلىرىم كۆيەپ كېتىدۇ،مەن ئاۋۇ قاتناش بىلىملىرىنى سۆزلىگىنىنى بەك ياقتۇرىمەن……
80يىلدىن كىيىنكىلەر:مەۋلۇدكامنىڭ پىروگراممىسى بەك نوچى،يۇمۇرلىرى قىززىق،كۈلدۈرۈپ ئۈچەينى ئۈزىدۇ،نەچچە ئاغىنەم ئۈچەي ئۇلاش ئوپىراتسسيىگە چۈشتى،تولا كۈلۈپ،تىككەن يەرلىرى تولا يېرىلىپ……مۇشۇ تېلىفونى ئۇلانمايدۇ……بولسا،مەۋلۇدكام بىزگە ئۇرۇپ تېلىفوننى،“يۇمۇر بارمىتى”دەپ سورىغان بولسا،نوچى بولىتى
90يىلدىن كېيىنكىلەر:مىنىڭچە مەۋلۇدنىڭ ئاۋازى ئابلاجاننىڭكىدەك نوچى ئەمەسمىكەن،ئۇ قايسى ناخشىنى ئېيتقان؟
4.قوشنىلار……
سىلەرچە مەۋلۇد ئىبراھىم قانداق قوشنا
ئۇدۇل قوشنا:بۇ رىن شى تا؟
ئاستىنقى قوشنا:مەۋلۇدكام ئۆزى نوچى ئادەم،بىراق مۇشۇ ئۆيىدىن تاقىراق تاقىراق ئاۋاز تۈگىمەيدۇ…بىر بولسا مەۋلۇدكام تىتا ئۇسسۇلى مەشىق قىلىدۇ،بىر بولسا ئۆيىدە ئات چاپتۇرىدۇ،
ئۈستۈنكى قوشنا:مەۋلۇدجان بەك ئېسىل ئادەم،قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ،سالام سائىتى جايىدا،مۇشۇ مەۋلۇدجان بويى ئىگىز بولغاچقا،بىشى تۇرۇسقا تىگىپ تۇرامدىكىن،دۇڭ دۇڭ قىلغان ئاۋاز بەك چىقىدۇ……
يان بىنا قوشنا:مەۋلۇدجان بەك مېھرىبان ئادەم،ئايالىغا بەك كۆيىنىدۇ،قاچانلا قارىسام دېرىزىدىن،ئالدىدا پەرتۇق،قولىدا ساپلىق……گاژ گاژ لا قىپ……
كەينى بىنانىڭ يىنىدىكى ئىمارەتنىڭ ئارقىدىكى كورپۇس تۆتىنچى قەۋەتتىكى قوشنا:تانىمايمىن،ئوسۇ مەلۈد دەگەن ئادەم كىم بىلمىيمىن،
5.ساۋاقداشلار……
مۇخبىرنىڭ سوئالى:
سىلەرچە ساۋاقدىشىڭلار قانداقراق ئوقۇغۇچى ئىدى
باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ساۋاقداش:ماۋۇ كالپۇك بىلەن پۇچۇق چىشنى كۆردىڭىزما؟ شۇ مەۋلۇد كىچىك ۋاقتىدا ئوچۇق پىشانىسى بىلەن قوياپلا ئاشۇ……
باشلانغۇچ مەكتەپ مالىمى:ۋاي بەك ئەلاچى،بەك گەپ ئاڭلايدىغان بالىتى،بىراق دەرس ۋاقتىدا بەك جىق گەپ قىلىتى،مانا رىياسەتچى بوپتۇ……
ئوتتۇرا مەكتەپ ساۋاقدىشى:كۆچۈرىتى،شۇنداق،بەك كۆچۈرىتى،تاپشۇرۇق،ئىمتىھان دىگەنلەردە ئاشۇ پىشانىسىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ كۆچىرىتى……ۋاي ھەتتا تەنتەربىتە ئىمتىھاندىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش يۈگۈرۈپ كۆچىرىتى……
ئوتتۇرا مەكتەپ مالىم:ھە،ساۋاقداش مەۋلۇد دەرستە ئەلا،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپچان،ئىمتىزامچان،تەرتىپلىك،سەۋاقداشلىرىغا ياردەم قىلىدىغان،ياخشى ئىش،ياخش پائالىيەتلىرى كۆپ،ئالتۇن تىپىۋالمىسىمۇ كۆز قىرىنى سالمايدىغان،چىچى ئاز بالىتى……
ئالىي مەكتەپ ساۋاقداش:ئوقۇيتتى،تىرىشاتتى،مەكتەپتىكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشاتتى،ئەتتىگىنى ئۇخلاپ،كەچلىرى قىز ساۋاقداشلار بىلەن شىندا خۇڭخۇ دا بەدەن چىنىقتۇراتتى ۋايت
ئالىي مەكتەپ مۇئەللىم:كىمۇ ئۇ؟ ئوقۇغۇچىلىق نۇمۇرى قايسى؟كۆچۈرۈپ تۇتۇلغان يېرى بارمىتى؟ تاڭ ئۇنداق بولسا،كىمكىن مەۋلۇد دىگەن بالا……
6.جەمئىيەت ھەر ساھە……
مۇخبىرنىڭ سوئالى
مەۋلۇد ئىبراھىمغا قانداق قارايسىلەر؟
ساتىراش:ھە،ئۇ بالا چاچ ياساتقاندا ،بىردەمدىلا ياساپ بولغاچقا،جىق پاراڭلاشمايمىز،ئادەتتە ما شەھەردە پارول دەپ يەنە بىر تاز گۇي بار،مەن ئىككىسىنىڭ بىشىنى يېىقىن چاپلاپ تۇرۇپ،ۋىژلا قىلىمەن،پۈتتى دىگەن گەپ……
شوپۇر:ئامما لېكىن مەۋلۇدكام بولغاچقا،يولدا زېرىكمەيمىز ھە،ئالامەت نوچى ئادەم……پىروگراممىسى بەك نوچى
دوختۇر:مۇشۇ پىروگرۈمما ۋاقتىنى سەل كەينىگە سۈرسە،بىز ئىشتىن چۈشكىچە تۈگەپ بولىدىكەن،بەك قىززىق،ياخشى رىياسەتچى
كۆچمە تىلگراف:بىزنى ماختايدۇ ماختايدۇ،ھارمايدۇ،ئېسىل،نوچى
ئۇف،بولدى،يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسى ئويدۇرما،مەۋلۇدكامغا ھۆرمىتىمنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن،ئۇنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىقىدىن،ئۇنىڭ ئالاھىدە ئۇسلۇبىدىن سۆيۈنگەنلىكم ئۈچۈن،چاقچاق قىپ قويدۇم،
يەنە يۇرتلۇقۇم بولغاچقا ۋايت!
رەمجىمەڭلار،ئەگەر مەۋلۇدجان ئۆزى كۆرسىمۇ قەتئىي خاپا بولمىسۇن،ئەرز قىلمىسۇن،دەپ قوياڭلار
ەڭ ئاۋۋال مۇشۇ رادىئو ئۇزۇلدىكىلەر گە ئالىي ئېھتىرام،ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەجرىگە رەھمەت،ئۇلار ھەممىدىن بۇرۇن ئىشقا چىقىدۇ،ھەممىنى ئۇخلىتىپ بولۇپ،ئىشتىن چۈشىدۇ……دەم ئېلىش دىگەن ئۇقۇم يوق ئۇلاردا،بىز ھېيت ،بايرام ئوينىساق،ئۇلار چوقۇملا ئىشلەيدۇ،شۇڭا ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت(ماۋۇ رادىئو ئاڭلىمايدىغانلار ئىلەشتۈرمەڭلار ھە)
پارول

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 14:03:35

ئەسسالامۇئەلەيكۇم……
ئەمدى قايتىپ كىلەيلى……
مەۋلۇدجاننى زاڭلىق قىلىپ بولدۇق، ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى كۆردۈڭلار……
ئەمدى نىم قىلىمىز……
ئۇنى بۇنى دەپ باقىلى ……
پارول
ئەڭ ئاۋۋال ماۋۇ شەھەرلىكلەردە ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان مەجبۇرلاش كىسىلنى چۈشەندۈرۈپ قوياي ،مىسال ئېلىپ……
بەلكىم ئۆزىنى مەجبۇرلاش كىسىلى دىگەننى كۆپىڭلار بىلمەيسىلەر،ئۇمانداق كىسەل……
بىر تازلىقنى سۆيندىغان،تۇرمۇشنى سۆيىدىغان بىر ئادەم،تۇرمۇشنىڭ بىسىمىدىن قاتىل بولۇپ كېتىپتۇ،ئۇ كۆزىگە بىرسىنى ئۆيىگە كىرىپ ،پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈپ تاشلاپتۇ،يەر پۈتۈنلەي ئۆلگۈچىنىڭ قېنى بىلەن بويىلىپتۇ……
ئۇ ئادەم قان ئىزىنى يوقىتىش ئۈزۈن ،لاتا ئەكىرىپ پوللاردىكى قان ئىزىنى سۈرتۈپتۇ،پاكىز سۈرتىۋىتىپ قارىسا،سۈرتۈلگەن يەر بىلەن باشقا يەرلەر ئىنىق پەرق بولۇپ قالغان……شۇنىڭ بىلەن لاتىنى يۇيۇپ ،سىقىپ ئەكىرىپ باشقا يەرلەرنىمۇ سۈرتۈشكە باشلاپتۇ……
ئۇ سۈرتۈپ،سۈرتۈپ ھۇجرا ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ قارىسا،كىيىم كىچەكلەر قالايمىقان،رەتسىز تۇرغان،شۇنىڭ بىلەن كىيىم كىچەكلەرنى رەتلىك قاتلاپ،ئەسكى تۈسكىلەرنى بىرخالتىغا سېلىپ،ئاشخانىغا ئۆيگە تاشلىۋىتەي دەپ كىرسە،ئاشخانىدا شۇنداق جىق يۇيۇلمىغان قاچا قۇمۇچلار……ئوچاق بىېشى مايلىشىپ كەتكەن……
شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەڭنى تۈرۈپ،قاچا قۇچىلارنى پاكپاكىز يۇيۇپ،رەتلەپ جايىغا قويۇپ،ماي يوقىتىش سۇيۇقلىقى بىلەن قازان.ئوچاق باشلىرىنى يۇيۇپپارقىرىتىۋىتىپتۇ،ئۇ دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۋىتەي ،دەپ قارىسا دەرىزىلەر بەك مەينەت……
ئۇ ئاشۇ كونا كىيملەرنى كىيىل،داسقا سۇ ئېلىپ،پاراشوكنى تازا سېلىپ دېرىزىلەرنى بىر سۈرتۈپ كېتىپتۇ……
ئاڭغىچە ،قوشنىلار ئۆيدىكى تاراق تۇرۇقنى ئاڭلاپ،ساقچىغا مەلۇم قىلىپتۇ،ساقچىلار ئىشىكنى تىپىپ ئېچىپ،قارىسا،يەردە بىر جەسەت ياتقان،ئۆيلەر پاكپاكىز تازلانغان،ئاشخانا ئۆي ۋال ۋال قىلىپ تۇرغان،تازلىق ئۆيىدە يۈزىگە پايپاق تارتقان،قاپقاراكىيىم كىيگەن جىنايەتچى كىرئالغۇدا پەردىلەرنى يۇيىۋاتقان ھالەتتە كۆرۈپتۇ……
مانا مۇشۇ ئۆزىنى مەجبۇرلاش كېسىلى بولىدۇ،ۋاقتىدا داۋالىمىسا،مۇشۇنداق ئۆزىنى ھاردۇرۋالىدىغان گەپ……
بەزى بىر ھاماقەت ئادەملەرنىڭ ئالامەت تەلىيى باردە……
بىر يامان بىلىمسىز بىرسى ساقچى باشلىقى بولۇپ قاپتۇ،دەل شۇ ۋاقىتتا دەريا بويىدىن بىر جەسەت بايقىلىپتۇ،ساقچى باشلىقى بىرىنچى بولۇپ نەق مەيدانغا بېرىپ،ئەنزە تەكشۈرۈپتۇ……
ساقچى باشلىقى جەسەتنى بىرەر قۇر تەكشۈرىۋەتكەندىن كېيىن ،باشقىلارغا قاراپ ئانالىزنى باشلاپتۇ:
-جەسەتنى تەكشۈرۈشتىن شۇنى بىلدىمكىن،بۇ ئادەمنىڭ جىنى چىقىپ ئۆلگەن!
كۆپچىلىك خوشامەت يۈزىدىن چاۋاك چەپتۇ،باشلىق جانلىنىپتۇ:
-كىسىپ ئېيتىمەنكىن،بۇ ئادەمنى چاقىرساڭلار،ھەرگىز،ھە دىمەيدۇ ھازىر!
ئالقىش ياڭراپتۇ
-مەن شۇنى بايقىدىمكىن،بۇ ئادەم ئەسلى تىرىك ئىكەنتۇق!
ئالقىش سادالىرى تېخىمۇ قاتتىق ياڭراپتۇ
-باياتىن ئۇنىڭ كۆز،ئېغىزلىرىغا قاراپ باقتىم،كۆزلىرىنىڭ قارچۇقى جايىدا،چىشلىرى جايىدا،دىمەك ئۇ ئەسلىدە بىر ئادەم!
پەستىكىلەر ئىسقىرتىپ،چېرقىرىشىپ كەتتى
-بىرەر يىپ ئۇچى بايقىدىڭىزمۇ باشلىق-دىدى بىر ياش ساقچى
-مايكىسىنىڭ ئاۋۇ تىتىلىپ كەتكەن يەرلىرىگە قارىمانسەن!ھارغۇچە يىپ ئۇچى تۇرمامدۇ!!
پەستىكىلەر چېرقىراپ ساراڭ بولايلى دىدى……
ساقچى باشلىقى ھاياجانلاندى:
-بۇ دىلو مۇنداق،جىنايەتچى بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ ئۆلتۈرگەن،شۇڭا بۇ ئادەمنىڭ جىنى چىقىپ ئۆلگەن،ئۇنىڭ تىنىقى توختىغاچقا ،بىزگە گەپ قىلالمايدۇ!!
دەل شۇ چاغدا ئىككى ئاق خالات كىيگەن دوختۇر كېلىپ ۋارقىرىدى:
-ھەي ھەممىڭ ماڭا قايتىشە بالنىستقا،دورا يەيدىغان ۋاقتىڭ بولدى……پارول ،سالە باۋئەننىڭ چاپىنى بىلەن شەپكىسىنى،مەينەت قىلىۋىتىسەن،يەنە دوراڭنى يىمەپسەندە!!
ھېكايە تۈگىدى……
ئەمدى ئۆزىمىزگە كىلەيلى……
بىر سوئالىم بار ئىدى:
بۈگۈن كوچىدا دەھشەت بىر چىرالىق قىز بالىنى كۆرۈپ قالدىم،بەكلا چىرايلىق،شۇ قىزنىڭ كەينىدىنلا ئىز بېسىپ مېڭىپ كەلدىم،كۆزۈمنى چىمچىقلاتماي،كۆزۈمنى ئۈزمەي شۇ قىزنىڭ چاچلىرىغا،بەللىرىگە قاراپلا تۇردۇم……
سورىماقچى بولغىنىم:
بىر نەرسىگە بەك تىكىلىپ قاراپ تۇرسا،كۆزگە زىيانلىق دەيدۇ،راستمىدۇ؟
بىر ئاغىنەم بار ئىدى،فوتۇ ئاپىراتتا بەدىئىي سۈرەت تارتىشقا ئامراق،شۇ بىر كۈنى كەينىمگە كىرىۋالدى:
-سىنىڭ دۈمبەڭنى بىر پارچە سۈرەت تارتىۋالسام،چىرايىڭنى چىقارمايمەن خاتىرجەم بول!
مەن،ماقۇل بولۇپ،مايكامنى سېلىپ تۇرۇپ بەردىم،ئۇ دۈمبە تەرىپىمنى بىر مۇنچە تارتتى،تارتىپ بولۇپ:
-نەتىجىسىنىكىين كۆرىسەن،چوقۇم رازى بولىسەن……-دىدى.
كىيىن ئۇقسام،ئۇ مىنىڭ دۈمبەمنىڭ رەسىمنى كومپىيوتىردا ئازراق ئۆگەرتىش قېلىپ،ئاندىن قاتتىقراق قەغەزگە 彩色打印قىلىپ……
بالىسىنىڭ كىتاپ دەپتەرلىرىنى تاشلاپ بېرىپتۇ……
ئان……مىنىڭ تېرەم ئاشۇنداق سرىق ما؟؟
مەن ئۆزەمنىڭ بىلوگىغا :
مەن بەك سېمىز،شۇڭا بىشىمنى كۆتىرىپ يۈرەلمەيمەن
دەپ يېزىپ قويغانتىم……
ئىنكاسلار كەينى كەينىدىن كەپ كەپتى ئامما لېكىن……
-سېمىز بولسا نىم بوپتۇ،سېمىزلا مۇشۇنداق بىشىنى تۆۋەن قىپ ياشاش كېرەكما؟ مەيدەڭنى چىڭ تۇت،بىشىڭنى كۆتەر،باشقىلارنى شۇنى بىلسۇنكىن،سەن سېمىزلا بوپ قالماي،……يەنە بەك سەت!!
خەپ……
-سېمىز،سەت بولساڭنىم بوپتۇ،سېمىزھەم سەتلەر مۇشۇنداق بىشىنى تۆۋەن قىپ ياشاش كېرەكما؟ مەيدەڭنى چىڭ تۇت،بىشىڭنى ،باشقىلارنى شۇنى بىلسۇنكىن،سەن سېمىزل،سەت بوپ قالماي،……يەنە بەك پاكار!!
خەپ……
-سېمىز،سەت ،پاكار بولسا نىم بوپتۇ،سېمىز،پاكارھەم سەتلەرمۇشۇنداق بىشىنى تۆۋەن قىپ ياشاش كېرەكما؟ مەيدەڭنى چىڭ تۇت،بىشىڭنى كۆتەر،باشقىلارنى شۇنى بىلسۇنكىن،سەن سېمىز،پاكار،سەتلا بوپ قالماي،……يەنە بەك تاز!!
خەپ……
-سېمىز ،پاكار،سەت ،تازبولسا نىم بوپتۇ،سېمىز،پاكار،سەت تازلارمۇشۇنداق بىشىنى تۆۋەن قىپ ياشاش كېرەكما؟ مەيدەڭنى چىڭ تۇت،بىشىڭنى كۆتەر،پۇت قولاڭنى رۇستلا ،باشقىلارنى شۇنى بىلسۇنكىن،سەن سېمىز،پاكار،سەت تازلا بوپ قالماي،……يەنە بەك پۇت قولۇڭ ئىنچىكە ئۆمۈچۈككىلا ئوخشايسەن!!
خەپ……
دۇنيادا ئەڭ ئازاپلىق ئىش مىنىڭچە توي بولىۋاتقان يىگىتنىڭ ئىچى سۈرۈپ،قورسىقى ئاغرىپ قېلىشىغۇ دەيمەن……
بۇنىڭدىن ئارتۇق ئازاپ ئىش بولمىسا كېرەك!
ياق،بۇنىڭدىن بىئارام بىر ئىش بار……
قايسى ئىش؟
توي قىزنىڭمۇ قوشۇلۇپ،ئىچى سۈرۈپ،قورسىقى بەك ئاغرىپ كەتسە……توي تانسىسىنى ئىككىلىسى ئىگىلىپ تۇرۇپ ئويناپ كىتەرمۇ؟
ئۇف……ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،ماۋۇ راست ئىش ئىكەن……
ۋاي نىم دىسەڭلار دەڭلار،ئىشقىلىپ ،يېڭى گەپ يوق،ساپلا كونا ئىشلار……
رەنجىسەڭلارمۇ،مەن يەنىلا پارول!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 15:01:12

ھا ھا ، زەنلەپ قۇيامدۇق

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 15:05:53

بۇ يەردە ئىنكاس قالدۇرۇپقويىدىغان گەپئەمدى{:92:}

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 15:20:44

ۋۇييەي ئاستا، ئاغرىتىۋەتتىڭىز. ۋۇي ئاستا، توشتىمۇ چىلەك؟ كۈلۈپ يېتىپ قالدىم مانى ئۇقۇپ.

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 15:33:56

تادۇبەگ سەل ھاياجانغا كەپقالدىمۇ نىمە؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 15:39:18

بۇ پارول دېگەن بۇرادىرىمىزنىڭ يۇمۇرلىرى \"\"

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 17:25:08

ئۇنداقتا پارول ئۆزى قىنى؟

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 17:36:49

پارول سالامغا چىقىپ كەتكەن چېغى، قېياتسىنىڭ ئۆيىگە.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 17:47:25

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

پارول ھېلىقى كورلىلىق قىز بىلەن توي قىلغان، يەنە بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى ھەربىي ئىشلارنى ۋە خەۋەرلەرنى چۈشەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئۇستا بالا شۇما؟

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 18:32:39

قىزىق پارىڭى دېسە بولغۇدەك.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 21:55:56

بىرىنچىسىگە بەك كۈلۈپتىمەن\"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 18:33:21

مانداق بىر ئىش يۈز بەردى…… بىر پالچى يولدا بىر بالىنى چاقىردى: -كەلسىلە ئۇكام،بىر پال سېپ بېرەي……ھەرقانداق نەرسىنى توپتوغرا ھېساپلاپ بېرىمەن،توپتوغرا چىقىرىپ بېرىمەن…… بالا: -ھەر قانداقنى توغرا چىقىرالامسىز؟ پالچى: -ھەرقانداقنى توپتوغرا چىقىرالايمەن!! بالا سومكىسىدىن بىر ۋاراق قەغەز چىقىرىپ،: -152687X5586641X56874268= نىڭ جاۋابى قانچە؟ پالچى:ئان…… تەرجىمە قىلغۇچى:شىەغاايڭىڭەڭەڭەڭەۇاىىكنوقوققشستسقەك

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 10:20:11

بۇ پارول دىگەن ئاشۇ ئۆيگە باغلاپ تۇتۇپ ئىككى قات كۆپىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ، يانتۇ يېتىپ يۇمۇرىنى ئاڭلايدىغان ئاداشكەن مانا !

kaltapam يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 12:14:37

بەك قىززىق يۇمۇرلاركەن بۇلار

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 20:04:14

قالغىنى قېنى. مەن كۆرمىگەنلېرىمۇ باركەن.

zaghra يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 01:11:25

ئەينى چاغدا سەلكىننى قىززىتىمەن دەپ ئۆزىمۇ كاۋاب بوپ قالغان بۇ پارول. پەيدا بولاۋاتىتى يوقاپ كەتتى. ئوچۇق خەۋىرىنى تۆت تادۇ يەنى سەلكىندىكى ئالىپتىكىن بىلەرمىكىن؟




مىسرانىمدىكى تىمىكەن دىمىسەڭلار تىمىللىرىنى يوللاپ باقاي. باشتا قايسى مۇنبەرگە يوللىنىشى مۇھىم ئەمەس مۇھىمى كۈلدۈرەلىسە بولدى



مىنىڭ قارىشىم



يەنە كىلىپ يۇمۇرنىڭ مەنبەسىنى بەك سۈرۈشتۈرۈپمۇ كەتمەيدۇ ئۇ پاناق. يىقىن دوستۇم تۇرسا. لىكىن مىنى ئۇنتۇپ قالدى. مەن ئۇنتىمىغاندىكىن يىقىن دوستۇم دىيىشكە 51 پىرسەنت ھوقوقۇم بار.

zaghra يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 01:14:45

قىزىل بۆك (پارول خەلق چۆچەكلىرى)




ھۇ ھاھاھاھاھا مەن يەنە كەلدىم....ئازراقلا كۆنىۋالساقلا ، ھەددىمىزدىن قان بېسىمدەكلا ئاشىمىزدە...يەنە شۇ سەلكىندىكى كونا مىجەز بويىچە، بىي دەم بىر بالىلار ھېكايسى يازمامدۇق... ئىچىڭلارنى يەنە بىر پۇشىراي... كۆنەپ قاپتۇق ئەمدى شۇ...



ئەمسە باشلامدۇق.....



قىزىل بۆك



بۇرۇننىڭ بۇرۇنىىسدا ،بىر گۈزەل ئورمانلىقتا ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ياشايدىكەن،ئۇيەردە شۇنداق بىر ئوماق قىز بار بولۇپ،ئۇدائىم ئۇچىشىغا ياپيىشىل چاپان،ئىشتان،پايپاق،ئاياق كىۋىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ،كىشلەر بىكار بىكاردىنلا ئۇنى ئەركىلىتىپ\"قىزىل بۆك \"دەپ چاقىرىدىكەن،ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق چاقىرىۋەرگەچكە،كىچىك ئوماق قىزبالىمۇ ئامال يوق بېشىغا چوڭ كېلىپ قالسىمۇ،ئاپىسىنىڭ قىزىل بۆكىنى كىيىپ يۈرىدىغان بولۇپ قاپتۇ..(ھەي پاناق،يوق گەپ قىلماي،بولە داۋامىنى دە....)



بۈگۈن ئاجايىپ بىر چىرايلىق كۈن بولغان ئىدى،ھاۋا ئوپئوچۇق بولۇپ،قويۇق بۇلۇتلار ھەممە يەرنى قاپلىغانىدى (پارول پاناق،چىشىمىزغا تەگمە..)،ھى ھى ، قىزىل بۆكنىڭ ئاپىسى قىزىنى ئويغاتتى:

-قىزىل بۆك،ھەي قىزىل بۆك،ھۇيت قىزىل بۆك..توختاڭلا..بۇ مىنىڭ قىزىم تۇرسا \"قىزىم \"دەپلا چاقىرسام بولمىدىمۇ،توۋا..مەنمۇ ئەخمەق..قىزىم..ھەي قىزىم.

-ئىڭ~~~~ نىمە بولدى ئاپا-قىزىل بۆك كۆزىنى ئاچالمىغان ھالدا

-قوپىڭە قىزىم..قۇياش نەيزە بويى ئۆرلىدى،ئەمدى ئويغىنىڭ..

-ئۆيدە نەيزە بولمىسا،قانداق ئۆلچىدىڭىز ئاپا..-قىزىل بۆك كۆزىنى ئاران ئېچىپ..

-ئوھوش ئىچىمنى پۇشۇرماي قوپە ئاچا....باش پېرسوناژئىكەن دەپ سىزلەپ قويسام نىمانداق قىلىدۇ ماۋۇ گەزلىمە قۇرۇت..قوپە..تۇرە ئورنۇڭدىن...

ئاپىسى قاتتىق رەنجىگەن ھالدا ،يوتقان كۆرپىنى سىلكىپ،قىزىنى ئويغىتىۋەتتى...

-تۇرىڭە ھە...يۈز كۆزىڭىزنى يۇيۇپ،چىيىڭىزنى ئىچىپ بولۇپ،ماڭا بىر ياردەم قىلڭ

-نىمە ئىش ئاپا،ئەتتىگەندىلا تېرىكىپ قاپسىزغۇ،-قىزىل بۆك كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ

-بولىڭە ھە..ئاۋۋال يۈزلىرىڭىزنى سۇدا يۇيۇڭ،ئاندىن تاماق بىلەن غىزالىنىپ بولۇپ،چوڭ ئاپىڭىزغا تاماق ئاپىرىپ بېرىڭ.ئاڭلىسام مېنى تاماق ئېتىدۇ دەپ،نەچچە ئاي بوپتۇ بىرنىمە يىمىگىلى...دۈمبىسى مەيدىسىگە چاپلىشىپ قالمىسۇن ئۇ قېرىنىڭ-ئايال قېيىنئانىسىغا شۇنداق ئۆچ ئىدى..

-ھو ھو ھو...چوڭ ئاپامنى كۆرۈپ كېلىدىغان بولدۇم...قېنى ئاۋۇ يۈزۈمنى يۇيىدىغان تاماقلار، يۇيۇپ بولۇپ سۇنى ئىچىۋىتەي...

-بولە خېنىم نايناقشىماي..چىيىڭنى ئىچە...



ئالاھەزەل بىرەر سائەت ئۆتۈپ،قىزىل بۆك غىزالىنىپ بولدى،ئاپىسى تەييار قىلغان تاماقلارنى چىرايلىق قىلىپ سېۋەتكە سېلىپ بەردى..

-ھوي ئاپا،بۇ نىمە تاماقلار، چوڭلار دىگەن مانداق پولو ،پىتىر مانتا،لەغمەن،گۆشنان دىگەندەك قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى يىسە ئاندىن ساغلام بولمامدۇ-دىدى قىزىل بۆك ئاپىسىغا قاراپ تۇرۇپ

-ھوي قىزىم،ئۇ سىز دىگەن جاپاكەش،ئىشچان،باتۇر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تائاملىرى بولۇپ،تەمى ياخشى ،قۇۋۋەتلىك،يىيىشلىك بولۇپ.ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ،بىراق بىز چەتئەللىك تۇرساق،شۇڭا بىر مانداق كالباسا،تۇرۇپ قالغان بولكا،سوغۇق سۈت،ئادەم يىمەيدىغان قېيزا دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن يوقلايمىز چوڭلارنى...

-بىراق سىز باياتىندىن بېرى ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋاتىسىز،نىمىشقا تاماقلىرىنى ئىتەلمەيسىز..-قىزىل بۆك ھەيران بولۇپ-قاراڭ مەنمۇ بىر مۇنچە ئۇيغۇرچە سۆزلىۋەتتىم..

-ۋوي بۇ دىگەن ماۋۇ ئاپتور باشقىلارنى ئۇقسۇن دەپ قەستەن بىزنى سۆزلەتكىنى..بولىڭە چاققان..ھېلى باكا...

-مانا ....مانا....-قىزىل بۆك ئوقتەك چىقىپ كەتتى..

ئايال ۋارقىرىدى:

-ھەي ئاپتور...ماۋۇ ھېكايىنىڭ ئاپتورى ..قېنى سىز..

-ھە مانا-دىدى ئاپتور

-ئاۋۇ بىرنىمىنى ماۋۇ جاڭگالدا چاقماق سوقۇپ ئۆلىدىغان قىلىپ يېزىڭە.ھەجەپ چىشىمغا تەگدى.

-قىزىل بۆك ئۆلۈپ قالسا،ھېكايە تۈگىمەمدۇ...مەن قانداق پۇل تاپىمەن..-ئاپتور رەنجىگەن ئاھاڭدا سۆزلىدى

-كارىم يوق..ئىشقىلىپ چاقماق سوقامدۇ،توك سوقامدۇ،ماشىنا سوقامدۇ كارىم يوق..ئىشقىلىپ كۆزدىن يوقىتىڭ..-ئايال چاچلىرىنى تارىغاچ ئاپتورغا بۇيرۇق قىلدى../

-ۋۇ رەزىل ئايال،قارانىيەت،سىنى ھېكايىدە جىق تۇرغۇزسام بولمىغۇدەك،ئاۋۋال سىنى يوقىتىۋىتەي..چىقە ماۋۇ ھېكايىدىن..

-نىمە؟؟؟-ئايال ئېچىنىشلىق نالە قىلدى-ئەمدى ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا مەن يوقما...ياق`~~ ياق~~~

ئاپتور ئايالنى ھېكايىدىن چىقىرىۋەتتى...



ئىككىنچى كۆرۈنۈش



ئەلۋەتتە،ھەرقانداق ئەتتىرگۈلنىڭ بىر تىكىنى بولغاندەك،ياخشى ئەرنىڭ بىرلا ئايالى بولغىنىدەك،بۇ كۆڭۈللۈك ھېكايىنىڭمۇ بىر قورقۇنۇچلۇق پىرسوناژى بار ئەلۋەتتە. ئۇ بولسىمۇ مۇشۇ ئورماننىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە،ياشايدىغان،رەزىل،قانخور،تويماس،ئەسكى،رەھمىسىز،سەت،قورقۇنۇچلۇق،بەدبەشرە..

-ئاغزىڭنى يۇم-بۆرە ئاپتورغا قاراپ ۋارقىرىدى-نىمە گەپ قىلمىسام تىللاۋىرىسەن،ئۆزۈڭ سەلبىي پىرسوناژ قىلىپ يارىتىپ، ئۇنداق تىللاۋەرسەڭ،ئالمايمەنە ۋا بۇرولنى، ئەۋۇ پىل كېلىپ رول ئالسۇن...كۆتە قاسقىنىڭنى..

-ھى ھى چاقچاق قىلىپ قويدۇم-دىدى ئاپتور كۈلۈپ تۇرۇپ-بولە ،نۆۋەت ساڭا كەلدى..



شۇنداق،بۇ ئورماندا شۇنداق بىر بۆرە ياشايتتى..

-ھاي ھاي كۆپچىلىك ،مەن مۇشۇ ھېكايىدىكى ئەڭ چوڭ سەلبىي پىرسوناژ بۆرە بولىمەن،ھەرگىزمۇ ئاۋۇ ئاپتور دىگەندەك،ئۇنداق ئەمەس،ئەمەلىيەتتە مەن بىر ھېسىياتقا باي،شېئىر يېزىشقا ھەۋەسكار،ناخشا ئېيتىشقا ئۇستا ،تىنىم ساغلام،بويۇم ئىگىز،ناچار ئادىتىم يوق،چەكمەيمەن، ئىچمەيمەن. ئەگەر قىزىققۇچىلار بولسا ،تىلىفون نۇمۇرۇم،،،،..

-ئىم ئىم~~-ئاپتور گىلىنى قىرىپ قويدى-بولامىكىن..

بۆرە ھى ھى ھى دەپ ھېجىيىپ قويدى..



قىزىل بۆك مومىسىغا تاماق ئاپىرىپ بەرگىلى يولدا كېتىۋاتقاندا چاغدا،دەل بۇ يىرتقۇچ بۆرە ئورمانلىقتا ئوزۇق ئىزدەپ يۈرەتتى..

-ئاھ.. كەڭ تەبىئەت ..سەن نىمىدىگەن گۈزەل..سىنىڭ قوينۇڭدا ئۆسكەن بارلىق مەۋجۇدات ساڭا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايدۇ،سىنىڭ گۈزەل باغلىرىڭ،ھەيۋەت تاغلىرىڭ،زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلىرىڭ،ئوتقاشتەك باغرىڭ...ئادەمگە گۈزەل ئىستتىك زوق بېغىشلايدۇ..مەن نىمە ئۈچۈن بۆرە بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغان..كىپىنەك بوپ قالسام،گۈلدىن گۈلگە قونسام...شادلانسام،كۈلسەم..مەندەك مۇشۇنداق رومانتىك جانلىقنى نىمە دەپ بۆرە قىلىپ يارىتىپ قويغانسەن...ئاھ...

\"ئىم ئىم~~ نايناقشىما،سەن شېكىسپىر ئەمەس،بۆرە لاۋزا گۇي..\"

-ئوۋ راسست. مۇشۇ كەڭ تەبىئەتنى ھوزۇرلۇنۇپ ،كۆڭلۈمنى تازا بىر خوش قىلايچۇ-بۆرىنىڭ قورسىقى غورۇلداپ كەتتى-ئاھ..يەنە قورساق ئاچتى،يەنە شۇ توشقان ،قوي تۇتۇپ يەمدىم..مۇشۇ ئېسىل ،ئالىي تىرناقلىرىم بىلەن ئاشۇ ھاڭۋاقتى ھايۋانلارنى يەيمەن دەپ شالۋاقلىرىمنى ئېقىتىشتىن نۇمۇس قىلىمەن..مۇشۇ ئېسىلزادىلەرگە خاس چىرايىم بىلەن ئاشۇلارنىڭ قىغ پۇرايدىغان يۇڭلىرىغا مىلىنىپ،قاشتىشىدەك چىشلىرىم بىلەن ئۇلارنىڭ سامان پۇرايدىغان گۆشلىرىنى يىسەم....ھۆ~~~~~~~

بۆرىنىڭ قورسىقى يەنە بېر قېتىم قاتتىق غورۇلدىدى

-پاھ ماۋۇ قورساق يەنە ئاچتى..ئاپتور..مېنى مانداق قورسىقى ئاچمايدىغان بۆرە قىلىپ تەسۋىرلىسەڭ بولمامدۇ..

-بولە جىق گەپ قىلماي-ئاپتورنىڭ ئاچچىقى كەلدى.-نىمانداق نايناق،تاۋى نازۇك نىمە بۇ.ھېلى باكا ئىشەك قىلىپ تەسۋىرلىۋىتىمەن جۇمۇ..

-ھوي ياق ياق...بولدى..ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن..

بۆرىنىڭ قورسىقى بۇ قېتىم قاتتىق غۇرولداپ كەتتى.

-كاساپەت بولمدى،بىرەر ئوزۇق ئىزدەپ يىمىسەم..نىمە يىسەم بولا...تۈنۈگۈن قوي يىگەن،ئۇنىڭ ئالدىنقى كۈنى پادىچىدىن تاياق يىگەن..ئەتتىگەن بىر توشقان يەۋالدىم...نىمە يىسەم بولا..

بۆرە مۇشۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرغاندا،ئوماق قىزىل بۆك بالىلار ناخشىسىنى ئېيتىپ، ئۆتۈپ قالدى.بۆرىنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى..

-ۋاھ..~~~!!! كىچىك قىزچاق ئىكەنغۇ...مانا غىزا دىگەن...ۋاھ ۋاھ كەمپۈت كەمپۈت...مانا مەن كەلدىم....

دەل شۇچاغدا ھاۋادا كۈچلۈك مۇزىكا ياڭرىدى،،،،.....



\"بۆرىجان ان ان ان ان ان ان ان ان ان\"



بۆرە قىزىل بۆكنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپلا چىقىپ ناخشىسىنى باشلىۋەتتى...



ئۇچراشتۇق بۈگۈن مانا،قىزىل گۈللەر ئارا،ئاپىرىپ قويايمۇ سىزنى

يول بويى بىللە ماڭغاچ،ھەمدە پاراڭ سالغاچ، چايناپ يەۋىتەيمۇ سىزنى

سىز كۆڭلۈمدىن بىخەۋەر،سېلىپ قويۇڭ نەزەر،ئېيتسام سۆزۈم تۈگىمەس.....

مەھكەم يىپىشىپ سىزگە،كانيىڭىزدىن چىشلەشكە،باھانەم جىق تۈگىمەس....



سىزدىن ئەنسىرەپلا يۈرىمەن...

(قىزىل بۆك) نىمىشقا؟؟

باشقا ھايۋانلار يەپ قويامدىكى دەپ..

(قىزىل بۆك) ۋاي مىڭىڭە..

سىزنى ئەمدى چايناپ يۇتىمەن..

(قىزىل بۆك)راستما؟؟

ھەرگىز رەھىم قىلىپ يۈرمەيمەن..

(قىزىل بۆك)ۋەدە بېرىڭ..



ۋەدە بېرەي،چوقۇملا سىزنى چايناپ چايناپ يۇتىۋىتىمەن...



ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق جانانىم..مېنى شەيدا قىلىۋالدىڭىز...~~

ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق جانانىم،مەھلىياقىلىۋالدىڭىز..

ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق جانانىم مىنى شەيدا قىلىۋالدىڭىز...

ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق جانانىم.......ما...



مۇزىكا شاپلا قىلىپ توختىدى..بۆرە قىزغا قاراپ رەھىمسىزلەرچە تىكىلىپ تۇراتتى،قىزىل بۆك بولسا سەبىيلەرچە كۈلۈپ تۇراتتى....

ئارىدىن بىرھازا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن،قىزىل بۆك بارلىق كۈچى بىلەن بۆرىگە قاراپ ئېتىلدى..

-ھو~~~~ ئىشەك!!!!!

ئەندىكىپ كەتكەن بۆرە قىزىل بۆكنى يىراققا ئىتتىرىۋەتتى..

-ھوي خانقىز،سىز قايسى ئىشەكنىڭ گەپ قىلغىنىنى كۆرگەن..

قىزىل بىر ئاز ئويلىنىۋىلىپ،يەنە بۆرىنىڭ قۇچاقلىماقچى بولۇپ ئېتىلدى:

-ھو~~~گەپ قىلالايدىغان ئىشەك!!!!

بۆرە غەزەپ بىلەن قىزىل بۆكنى يەنە ئىتتىرىۋەتتى،،

-كۆزىڭىز تورلىشىپ قالغانمۇ سىزنىڭ...نەرىم ئىشەك مېنىڭ..مەن دىگەن بۆرە!!يىرتقۇچ بۆرە~~!!!!!(ئاۋاز شۇنداق ياڭراق،ئەكس سادالىق چىقتى)

قىزىل بۆك يەنە بىر دەم تۇرىۋىلىپ،يەنە بۆرىنى قۇچاقلىماقچى بولدى:

-ئۆزىنى بۆرە دەۋالغان ئىشەك!!!!!



بۆرە قاتتىق سىلكىپ،قىزىل بۆكنى يىقىتىۋەتتى..

-يوقال!!! ۋۇ بۆرە كۆرۈپ باقمىغان ئالۋاستى...مەن دىگەن ئورمانلىقتىكى ئەڭ ياۋۇز بۆرە...ئىشەك ئورمانلىقتا نىمە قىلىدۇ...سىلەر ئىنسانلار ئۇنى مىنىڭ دۆت قىلىۋەتكەن تۇرساڭلار،ئورمانلىققا كىرىپ قالسا،ئاللىبۇرۇن ئۆلمەمدۇ..ئىشەك قانداقمۇ مەندەك ئېسىلزادە،چىرايلىق،كېلىشكەن ،بۆرە بىلەن بەسلىشەلىسۇن....

قىزىل ئورنىدىن تۇرۇپ ،كىيىملىرى قېقىپ تۈزەشتۇردى

-مەيلى كىم بولسىڭىز،ئىككىمىز دوست بولايلىچۇ،سىز ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتىدىكەنسىز...

بۆرە ئېرىپ يۇمشاپلا كەتتى:

-ھى ھى ھى ھ ئۇغۇ راست،سىزنىڭ دوست بولغىڭىز بارمۇ؟

-بەكمۇ دوست بولغۇم بار...سىز بەك تالانتلىق ئىكەنسىز،ئىشەك..ھوي ياق..بۆرە ئەپەندى...

-ئوبدان گەپ ئوبدان گەپ..سىزنەگە ماڭدىڭىز ئاپئاق قىز...ئۆزىڭىز يالغۇز ماڭسىڭىز قورقمامسىز..

-مەن مومامغا تاماق ئاپىرىپ بەرگىلى كېتىپ بارغان...نىمىدىن قورقىمەن

-بۆرىدىنچۇ..بۇ ئورمانلىقتا بەك ياۋۇز بۆرە بار جۇمۇڭ..ئېھتىيات قىلىڭ..

-ماقۇل..-قىزىل بۆك بۆرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ-بولمىسا ماڭا ھەمرا بولىڭە..مېنى ھېچكىم بوزەك قىلالمايدۇ..

-چاتاق يوق...مۇمىڭىزغا قانداق تاماقلارنى ئىلىۋالدىڭىز....مۇماينىڭ ئۆيى قەيەردە-بۆرە باشقىچە پىلان سوقۇشقا باشلىدىئ

قىزىل بۆك سېۋەتنى ئېچىپ،تاماقلارنى چىقىرىپ بۆرىگە كۆرسەتتى،بۆرە ھېيلە ئىشلىتىشكە باشلىدى:

-قىزچاق ،بۇلار بەك ئاددىي بولۇپ قاپتۇ،ماۋۇ ئورمانلىقتا ياخشى يىمەكلىكلەر بەك كۆپ..بىز بىللە تېرىپ كىلەيلى...بولۇپمۇ..

قىزىل بەك خوش بولۇپ كەتكەچكە ،سەكرەپ كەتتى:

-سىز بەك ياخشى ئىكەنسىز،،مەن ھازىرلا تېرىپ كىلەي..

قىزىل بۆك ئورمانلىققا قاراپ يۈگۈردىدە،بىردەمدىلا بىرنەرسە كۆتۈرۈپ كەلدى..

-مانا،ماۋۇنى تېرىپ كەلدىم..

-نىمە بۇ؟؟-بۆرىنىڭ كۆزى چەكچەيدى..

-كالا تېزىكى!!!!

بۆرىنىڭ بېشىدىن سۇ ئېقىپ كەتتى...

-خانقىز،چوڭ ئاپىڭىز تېزەك يەمدا؟؟؟؟

قىزىل بۆك خاتالىقىنى ھېس قىلىپ ،يەنە ئورمانلىققا قاراپ يۈگۈردى،بىردەمدىلا قايتىپ كەلدى

-مانا ماۋۇ بولامدۇ..

-بۇ دىگەن تەشۋىقات قەغىزى..

..

-ماۋىچۇ؟

-ئاھ خۇدا،بۇ دىگەن كونا ساپما كەش..

...

-ماۋۇچۇئ؟

-ھۆ~~~~

.....

-ماۋۇچۇ

-توۋا..بۇ ئىنسانلار مۇھىتنى نىمانداق بۇلغىۋەتكەن...بۇ دىگەن گىلەمدىن چىققان قىل...ھەي كالۋا قىز..مانداق موگو،ئالۇچا،گىلاس دىگەنلەرنى تەرمەمسىز....بولىڭە ،ئاۋۇ ئىچكىرى كىرسىڭىز كۆرەلەيسىز..



قىزىل بۆك ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى..بۆرە ھېجىيپ تۇرۇپ،ئۇنىڭ چاپانلىرىنى كىيدىدە،ئۇنىڭ مۇمىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردى..ئادرىسىنى باياتىن بىلىۋالغان....ئۇ شۇنداق ئىلدام يۈگۈردىكى، پۇتى بىلەن ئىككى قولى شۇنداق ماسلىشىۋاتاتتى...

بۆرە تۇيۇقسىز توختىۋالدى:

-توۋا..مەن دىگەن بۆرە تۇرسام،تۆت پۇتلاپ يۈگۈرسەملا بولمىدىمۇ،كاللام نىمە بولغان،تېخى ئىنسانلاردەك مارافونچە يۈگۈرۈپ كېتىپتىمەن...ھۇ ھۇ ھۇ ھۇ ھۇ..

بۆرە قىزىل بۆكنىڭ مۇمىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ،ئۇچىۋەتتى.....



ئۈچىنچى كۆرۈنۈش



بۆرە قىزىل بۆكنىڭ چاپانلىرىنى كىيىپ ،مۇماينىڭ ئىشكىنى چەكتى.

تاك تاك تاك

ئىشىك ئېچىلمىدى

تاڭ تاڭ تاڭ

ئىشىك يەنە ئىچىلمىدى

دۇڭ دۇڭ دۇڭ

ئىچىلمىدى،

جاڭ جاڭ جاڭ

.....

-ھەي ئاپتور..نىمانداق ئىشكىنى ئاچقۇزمايسەن،،.ئادەمنى توڭلىتىپ ..-بۆرە نالە قىلدى

-ماڭەۋە ،سەن نەدە ئادەم..سەن دىگەن بۆرە..مانداق ئۈچلا چەكسەڭ كىم ئاچاتتى..جىقراق چىكىپ باقمامسەن ئىشىك دىگەننى...-ئاپتور رەنجىپ تۇرۇپ بۆرىگە رەددىيە بەردى

بۆرە ئىشىكنى قايتىدىن چەكتى

تاك تاك تاك تاك

ئىشىك غىچ قىلىپ ئىچىلدى.بۆرە ئۆيدە ئاستا دەسسەپ كىردى..ئۆينىڭ ئىچى شۇنداق پاكىز تازلانغان،شۇنداق رەتلىك ئىدى..

-ئۆيگە كىرگەن كىم-بىر مۇلايىم ئاۋاز كارىۋات تەرەپتىن كەلدى

-مەن~~~~~~-بۆرە قويدەك مەرەپ سالدى.

-ھوي..قويما سەن.

-ۋوي ياق چوڭ ئاپا، بۇ مەن،قىزىل بۆرە..ۋوي ياق..قىزىل بۆك..

-كىلە ساقام،يىنىمغا كىلە..كۆزلىرىم ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى،يېقىنراق كىلە..

بۆرە موماينىڭ كارىۋىتىنىڭ يىنىغا كېلىپ ئولتۇردى..

-پاھ پاھ .ئاۋاز لىرىڭ توملىشىپ،تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ،ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىتىرىتىدىغان بوپتۇ جۇمۇ،ئادەمگە بىرخىل جەڭگىۋار روھنى ئەسلىتىدۇ..

موماينىڭ تەسىۋىرىنى ئاڭلاپ،ماختانچاق بۆرە ئۆزىنى تۇتالماي قالدى:

-توغرا ھاھاھاھا توغرا..ئېسىل تەسۋىر بولدى..يەنە يەنە.

-ھوي قىزىم ..تېخى قويۇق ساقال قويۇۋاپسەن..ئادەمگە بىرخىل قوپاللىق ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان بەدىئيلىكنى ئەسلىتىدۇ..

-ئېسىل !!! ئېسىل!!!!!يەنە ھە ،،يەنە..

-پاھ قارىغىنە چىشلىرىڭغا،قىلىچتەك تۇرىدۇ،ئادەمگە بىرخىل قەدىمىي باتۇرلارنىڭ جەڭلەردە .ئۆز مۇھەببىتىنى قوغداش ئۈچۈن ،ياۋغا قاراتقان ياراقلىرىنى ھېس قىلىدۇرىدۇ..

-راھەت!!!بەك راھەت!!! ياخشى..يەنە ..يەنە...ھو ھاھاھاھاھا

-قارا پۇت قوللىرىڭغا،،تاپانلىرىڭ قېلىن،تىرناقلىرىڭ ئۇزۇن...كونىلىقتىن ئۇرغۇپ چىققان يېپيېىڭى ھېسىيات..

-راھەت~~~!!ھاھاھاھ بەك راھەت..موماي..تەسىۋىرگە ئۇستىكەنسىز..يەنە..

-تىللىرىڭ،كۆزلىرىڭ قىپقىزىل قىزىم..ئادەمگە ئوتقاش مۇھەببىتىنى ئەسلىتىپ،ياشلىق جىلۋىسى ھەدىيە قىلىدۇ

-يارايسىز!!!ھو ھاھاھاھاھا..ۋاي قېرى...سىزلا مېنى چۈشىنىدىكەنسىز جۇمۇ..راھەت!!بەك راھەت!!!

بۆرە تەرىنى بۇزدى:

-بىراق ..سىزنى يىمىسەم بولمايدۇ..ئاۋۇ نەۋرىڭىز كېلىپ قالسا،پارىڭىمىزنى بۇزۇپ قويىدۇ...

بۆرە ھاپلا قىلىپ، موماينى پۈتۈن يۇتىۋەتتى...موماي بۆرىنىڭ قورسىقىغا تۇرۇپمۇ گەپ قىلىشىنى توختاتمىدى:

-ھوي چىراقنى ئۆچىرىۋەتتىڭلارغۇ..پاھ بۇ سىنىڭ قورسىقىڭ ئىكەندە،،قارىغىنا ئۇچەيلىرىڭگە،شۇنچىلىك توم،شۇنچىلىك ئۇزۇن،ئادەمگە ھەقىقىي يات ئەل مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدۇرىدۇ..ئاۇۋ يۈرەك...



بۆرە موماينىڭ مەدھىيەلىرىگە مەس بولۇپ،قىزىل بۆكنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى،...ئالاھەزەل ئىككى سائەتتىن كېيىن،ئۈچ تاغار موگۇ،ئىككى تاغار گىلاس ،بۆلجۈرگەننى سۆرەپ قىزىل بۆك كىرىپ كەلدى..

-مۇما مەن كەلدىم،سىزگە بىرمۇنچە نەرسە ئېلىپ كەلدىم...

بۆرە موماينىڭ ئاۋزىنى دوراپ گەپ قىلىشقا باشلىدى:

-كىلە قوزام كىلە،كۆزۈم ياخشى كۆرەلمەيدۇ،يىنىمدا ئولتۇر..سىنى كۆرۈپ قېنىۋالاي

-ۋوي موما-قىزىل بۆك ھەيران بولۇپ-كۆزلىرىڭ قىزىرىپ كېتىپتىغۇ..

-جىنىم ساقام ،سىنى سېغىنىپ بولمامدۇ..

-ۋوي موما،پۈتۈن بەدىنىڭ پارقىراق تۈك بولۇپ كېتىپتىغۇ؟؟

-جىنىم ساقام،سىنى سېغىنىپ بولمامدۇ...

-ھوي موما،پۇت قوللىرىڭنىڭ تىرناقلىرى نىمانداق ئۇزۇن؟؟

-ھوي ساقام،سىنى سېغىنىپ بولمامدۇ..

-ھوي موما.تاملارنىڭ ھاكلىرى ئۇۋۇلۇپ چۈشۈپ كېتىپتىغۇ..

-جىنىم ساقام،سىنى سېغىنىپ بولمامدۇ..

-ھوي موما...

-بولدى بەس...تولا سوئال سوراۋەرمەي،يەيدىغان نەرسىلەرنى چىقارمامسەن..-بۆرەى ،ئاپتور ھەمدە بۆرىنىڭ قورسىقىدىكى موماي ئۈچەيلەن تەڭلا ۋارقىرىۋەتتى...

قىزىل بۆك قورقۇپ كېتىپ،ئەكەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۆرىگە بەردى...بۆرە قورسىقى ئىسىلىپ قالغۇچە يەۋالغاچقا،ئۇيقۇغا كەتتى..

قىزىل بۆك بۇ مۇمىسىنىڭ بېشىدا قاراپ،بەكمۇ زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ،\"ھوي راست،مومامنىڭ قورسىقىنى بىر ئېچىپ كۆرۈپ باقايچۇ\"دەپ شۇنداق كېسىۋىدى .ھەقىقىي مۇمىسى تاقلاپ چىقتى:

-ئۇھ ئەمدى توك كەلدى،،ھەجەپ ئىچىم سىقىلغان

-مۇما،بىردەمدىلا بايىقى ھەيۋەتلىك ھالىتىڭىزنى يوقىتىپ قويدىڭىزغۇ،يەنىلا شۇ تېرە يارىشىپتىكەن سىزگە-دىدى قىزىل بۆك.

-قىزىم،بۇياۋۇز بۆرە بىزنى يەۋىتىدىغان ئوخشايدۇ،ئۇنى بىر بابلايلى-موماي شۇنداق دىدىدە،بىر تاغار تاشنى بۆرىنىڭ قورسىقىغا قاچىلاپ،قايتىدىن تىكىپ قويدى،ئۇلار ئۆيدىن ئاستا قېچىپ چىقىپ كەتتى.



ئۇزۇنلارندىن كېيىن بۆرە ئويغىنىپ،قورسىقىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلپ:

-پاھ پاھ ئۇيقۇچىلىقتا ،ماۋۇ ئىككى لاۋزىنى يەپ قويۇپتىمەندە...بۇمۇ بوپتۇ.ئويغاق بولغان بولسام،كۆڭلۈم ئاينىپ چىدىيالماس بولغانتىم...ئەجەپ ئۇسساپ كەتتىم..بىرچاڭ سۇ ئىچەي..

بۆرە قۇدۇق بىشىغا كېلىپ ئەمدى سۇئىچمەكچى بولىۋىدى،قورسىقىدىكى تاشلار ئالدىغا سۈرۈلۈپ،موللاق ئېتىپ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى..

بۆرە قۇدۇق ئىچىگە چۈشۈش جەريانىدا قاتتىق ۋارقىرىدى:

-ئاپتور...ۋۇ ئالدامچى..مېنى سەلبىي پىرسوناژ بولساڭ،بەك نوچى بولىدۇ دىگەنىدىڭ،بۇ نىمىسى ئەمدى.....!!!!!!

ئاپتورنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى..شۇنداق قىلىپ بۇ گۈزەل ئورمانلىقتىن بىر زىيانداش يوق بولدى،كىشىلەر ۋە جانۋارلار خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە بولدى...





ۋاھ ۋاھ ئەجەپمۇ ئۇزۇن بوپ كەتتى ھە...زېرىكمەي ئوقۇڭلار.ئەگەر تولۇق ئوقۇپ مۇشۇيەرگە كەلگەن دوستلار بولسا..سىلەرگە رەھمەت..ئەمدى چىشىڭلارغا تەگمەيمەن..قېنى تەنقىدچىلەر...ئالغا!!!!!



ھى ھى ھى سەت بولدى...ھۆرمەت بىلەن پارولدىن

zaghra يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 01:16:24


سىز بەختلىكمۇ؟ (سەھرايى تارىمنىڭ خاتىرىسىدىن ئوغۇرلاپ كەلگەن)




ئىم ~~ ئىم~~~ئۆھۈ~~ئۆھۈ~~

(ۋاي ۋاي ۋاي ..ماۋۇ كوت كوت پاناق يەنە كەپتىغۇ...ھە نىمە دەيسەن)

ھى ھى ...شۇ بىر ھېكايە باتى..

(ئاڭلىمايمىز...بىز ھازىر رادىئودا مەۋلۈت ئىبراھىمنىڭ پىروگراممىسىنى ئاڭلاۋاتىمىز..)

ھى ھى مۇشۇ ئازراقلا...جىق ئەمەس..بىركۈنى مۇشۇ پارول..

(غىققىدە جىنى چىقىپ كېتىپ ئۆلۈپتۇما....ھۇ ھاھاھاھاھاھا)

ۋاھ ۋاھ مەن ئۆلسەم،ياندىشىپ يېتىپ،قوشنا جەسەت بولماقچىمىدىڭ،ھىڭ...

(چاقچاق ھە...دىگىنە..مەۋلۈد كامنىڭمۇ پىروگراممىسى تۈگىدى..ھە گەپ قىلە..ھە...دىگىنە ساقام...



شۇ شۇ...يەنە مەن...كۆنىۋالدۇق دەڭلا...بىزىرىپلا تۇرىمەندە...ھېلىقى پۇلى يوق مۈشۈك ئامراق نەرسىدەك....

بۇداقسى ئۆزگىچە...قايسى كۈنى ماۋۇ سەھرايى تارىم دىگەن ئاغىنىمىز بىرنەچچىمىزنى تاماققاچاقىرغان.ھەممەيلەن ئالدى ئىشكتىن كىردى...مەن دېرىزىدىن يامىشىپ،ئۇنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىرىۋالدىم...شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىسىنى ئوغۇرلاپ ئوقۇپ دىمەيسىلەر...ھاھاھاھا.. مەكتەپتىكى مۇھەببەتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى يادلاپ...باشقىلار پەستە لەغمەن يىگەندە، مەن ئۇنىڭ خاتىرىسىنى ئوقۇدۇم، باشقىلار لەغمەن يەپ بولۇپ ،ئۇنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىرىپ خاتىرە ئوقۇۋاتقاندا،ئوغۇرلۇقچە لەغمەن يىدىم....

(ۋاھ نىمە دىمەكچى سەن..پاناق...ھېلى باكا بىر نى سېلىپ قۇلىقىڭنى پاناق قىلىۋەتمەي...)

ۋىيەي قوپال نىمە بۇ....ئەمدى شۇ خاتىرىسىدىن ئوقۇپ بېرەي ھە...بەك قىززىق...



ئەمسە ،باشلامدۇق.. ئوماق ئوماق ئوماق..

(بېشىڭنى يەيدىغان سەت پاناق..بولە ..)



سەھرايى تارىم ....\"سىز بەختلىكمۇ\"



ئەلۋەتتە ھەممىڭىلار بىلىسىلەر،ئالدىنقى يىلى ماۋۇ مەركىزىي تىلىۋىزىيە ئىستانسسى تۆۋەنگە چۈشۈپ،خەلق ئەھۋالىنى ئىگەللىگەچ،بارلىق خەلق ئاممىسىدىن \"سىز بەختلىكمۇ؟ بەخت دىگەن نىمە\"دىگەن سوئالنى سوراش پائالىيتى قىلدى...شۇ روھنىڭ تۈرتكسى ئاساسسدا بىزنىڭ ئاۋۇ سەھرايى تارىم دەيدىغان بىر قېرىندىشىمىزمۇ بىزنىڭ مىسران خاندانلىقىدا شۇنداق بىر سوئال سوراش پائالىيىتى ئىلىپ باردى...ئۇ بىر مىكروفون،ئىككى تېلكامىرا،ئۈچ ياردەمچى،ئىككى پارچە نان،ئۈچ بوتۇلكا سۇبىلەنلا،بۇ قېتىملىق ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى...



مانا بۈگۈن مىسراننىڭ بازار كۈنى ئىدى..بازاردىكى سودا ئىلىشىملار دەھشەت قىززىق داۋاملىشىۋاتاتتى...

سەھرايى تارىم ئىشنى باشلىۋەتتى...



ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر مىۋە سېتىۋاتقان بالىنىڭ يېنىغا باردى:

-ئۇكام سىز بەختلىكمۇ؟

-ھە ؟؟؟؟؟

-ئۇكام ،سىز بەختلىكمۇ؟

-ياق ئاكا، ئەمدى مەن ئۇنداق قىلمايمەن..

-ھوي ئۇكام.مەن سىزندىن \"سىز بەختلىكمۇ\"دەپ سورىدىم

-ئەمدى ئىللا بىللا ئۇنداق قىلمايمەن...

-بۇ قانداق گەپ ئەمدى..

-بايا بەك ئۇسساپ كېتىپ، بىر تال ئالمىنى يەپ قويغان ..ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن..

-ھوي ياق، سىز خاتا چۈشىنىپ قاپسىز..مەن پەقەت خەلق رايىنى سىناش زىيارىتى ئېلىپ بېرىۋاتىمەن...شۇڭا قورقماي جاۋاپ بېرىڭ. سىز بەختلكمۇ

-مەنما....مەن بەختلىك..

-ياخشى..سىز بەختنى قانداق چۈشىنىسىز..

-ھى ھى ..مۇشۇ ئالمىنىڭ باھاسى ماينىڭ باھاسىدەك توختىماي ئۆسكەن بولسا،،ئ..

-ھاھاھاھا..ئوبدان.. ئۇنداقتا سىزمۇ ئالمىلىرىڭىزغا 90 97دەپ نومۇرقويۇپ ساتىدىكەنسىز دە..ھاھا رەھمەت...



سەھرايى تارىم ئىككىنچى زىيارەتنى باشلىدى...

مايلامچى يىگىت

-يىگىت سىز بەختلىكمۇ..

-توۋا دەڭە ئاكا...

-توۋا...يىگىت سىز بەختلىكمۇ

-يەنە بىر توۋا دەڭە...

-توۋا...يىگىت سىز بەختلىكمۇ..

-ئۈچىنچى قېتىم..

-بولدى قىلە ئاداش-سەھرايى تارىم تاس قالدى چاندۇرغىلى.- ھى ھى ..قېنى سوئالغا جاۋاپ بېرىڭ..

-كۈندە بېشىنى كۆتۈرمەي ئاياق مايلايدىغان ئادەم قانداقمۇ بەختلىك بولسۇن...

-ئۇنداق دىمەڭ يىگىت..سىزمۇ ھالال ئەمگىكىڭىز بىلەن پۇل تېپىپ خەجلەۋاتىسىز...دىمەك سىز بەختلىك..

-ھە مەيلى بوپتۇ...مېنى دىدى دەپ يېزىپ قويىڭە دەپتىرىڭىزگە..

- سىز بەختىنى قانداق چۈشىنىسىز..

-مۇشۇ بىرەر سېھىرگەر كېلىپ. ئادەملەرنى سەكسەنپۇتقا ئايلاندۇرۇپ قويسا..بىر ئادەمدە سەكسەن پۇت،دىمەك سەكسەن جۈپ ئاياق،بىرجۈپ ئاياغ ئىككى سومدىن بولسا،،....ۋاھ ۋاھ...بىر ئادەم 160سوم دىگەن گەپ...10ئادەم 1600سوم...ئۈچ يىل قالمايلا ھېلىقى ئەمرىكىلىق گىل بەيتىس دەك لا بوپ كېتەتتىم دە..

-ھاھاھاھا بىراق ئۇنچىلىك جىق ئاياقنى ئىككى قول بىلەن قانداق مايلاپ بولىسىز...

-سېھىرگەر گە دەپ مېنى سەكسەن قول قىلىپ قوي دىمەمدىم..

-ھاھاھاھاھا..ياخشى..سىزگە بەخت تىلەيمەن،،



پىركازچىك قىز..

-قىزچاق، سىز بەختلىكمۇ..

-نىمە دەۋاتىسىز.. مىنىڭ ئېرىم بار جۇمۇ،،

-ھو ياق..خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز..مەن خەلق رايى سىناش پائالىيتى قىلىۋاتقان..

-ھۇيت..ھەجەپ مىنىڭ رايىمنى سىنىغۇڭىز كېپ قاپتىغۇ....

-ھەممە ئادەمدىن سوراپ،ئىستاتېسكا قىلىدىغان گەپ...

-سىز مايەردە مېنى ئىستاتېسكا قىلسىڭىز، يولدىشىم ئۆيدە \"يات ئەرلەرگە گەپ قىلدىڭ\" دەپ مېنى كونا دوسكا قىلىۋەتسە ھە ئۇرۇپ....

-ھوي خاتا چۈشەنمەڭ..مەن پەقەت سىزدىن تۇرمۇشتا ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېس قىلامسىز دىگەن مەنىدە سورىغان..

-ھىڭ...قاسساپقا تەگكەن ئايالنىڭ بەختى ئېچلىمىش..كۈندۈزى گۆش ،كېچىشى مۇش يەيدىغان بەختلىك ئايالمەن،،

-ھاھاھاھا گەپكە ئۇستا ئىكەنسىز...بەختكە قانداق قارايسىز...

-بولسا..بىزنىڭ ئەرنىڭ مۇشتلىرىنى پاختا كەمپۈتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان بولسا، تەگكەن يەر ئاغرىمايتتى...كۈندە مۇشت سېغىنىپ ياشىمامتىم.. ھۇ ھۇ ھۇ ھۇ.،....قالغان يېرىدە ھەممسىدىن رازى...

-ھاھاھ بولىدۇ..سىزگە بەخت تىلەيمەن



يىپ ئىگىرىۋاتقان موماي

-موما سىز بەختلىكمۇ..

-قانداق دەيسىز بالام..

-سىز ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېس قىلامسىز..-سەھرايى تارىم سورىدى

-شۇنداققۇ ھېس قىلاي دىگەن،،بىراق...

-ئۇنداق بولسا،بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بارما...

-نىمىسىنى دەيسىز..مۇشۇ ئۆيدىكى ئۇچ گۇينىڭ ئىشى بولمامدۇ...دادىسى بالدۇر كېتىپ قالغان دىسىلە،..قېنى ئولتۇرسىلا بالام ..ھە..ماۋۇ ئورۇندۇقتا ھە...كىچىكىنىڭ تويىنى قىلسام،چوڭى ئاجرىشىپ تەيياربولدى دىسىلە..ئۇنىڭ تويىنى قىلسام،ئوتتۇرانچىسى ئاجرىشىپ سەتلەشتى..ئۇنى بىر ئەپلەشتۈرسەم. ماۋۇ كىچىكى خوتۇنىنى قويىۋىتىپ،ھېجىيپلا ئولتۇرىدۇ...ئۇنى ئەمدى ئوڭلىسام.چوڭ ئوتتۇرانچى ئىككىسلى يەنە ئاجرىشىپ..شۇ ۋەجىدىن نەۋرىلىرىممۇ رەڭگارەڭ بولۇپ كەتتى...بىر دادىنىڭ يەتتە سەككىز خىل چىرايدىكى بالىلىرى دىسىلە...

-ھاھاھاھاھا..بۇ ئۈچ ئوغلىڭىز سىزنى بەك ئارامىدا قويماپتۇ دە..

-شۇ مۇشۇ ئۈچ ئاقنانچى تۇرمۇشىنى ئوڭشىغانلا بولسا...مەن موماي ئەلۋەتتە بەختلىك ھېس قىلاتتىمدە ئۆزۈمنى،..

-خۇدايىم دىگىنىڭىزگە يەتكۈزسۈن موما...سىزگە بەخت تىلەيمەن..



سەھرايى تارىم ئاشخانا ئالدىدىكى كۈتكۈچىدىن سورىدى..

-سىز بەختلىكمۇ؟

-ئاكا ئىچكىرگە مەرھەمەت..

-ياق..مەن سىزدىن سىز بەخـتلىكمۇ دەپ سورىدىم...

-ئاكا ئىچكىرگە مەرھەمەت

-ئۇكام، مەن سىزدىن سوئال سورىدىم

-ئاكا ئىچكىرگە مەرھەمەت

-ئاۋۋال سوئالىمغا جاۋاپ بېرىڭچۇ...سىز بەختلىكمۇ

-ئاكا ئىچكىرگە مەرھەمەت

سەھرايى سىنچىلاپ قارىۋىتىپ،پىشانىسىگە پاق بىر نى قويدى

-كاساپەت...ماشىنا ئادەم ئىكەنغۇ.....



سەھرايى تارىم بازاردىكى يەنە بىر نەچچە ئادەملەردىن سورىدى..ھەممەيلەن ئوخشىمىغان جاۋاپلار بىلەن ئۇنى يولغا سالدى...مەسىلەن تۆمۈرچى \"ماڭە!!!\" دەپ، سەيپۇڭ \"كىتە\"دەپ...مال دوختۇرى \"تاخە!!!\"دەپ دىگەندەك...ئۇ مەھەللىلەرگە بېرىپ سوئال سوراشنى باشلىدى..



يېشى خىلى چوڭ بىر بوۋاي

-بوۋا سىز بەختلىكمۇ؟

-ياق بالام..مەن خوتەنلىك

-ھاھاھا بوۋا..مەن سىزدىن بەختلىكمۇ دەپ سورىدىم..

-ۋوي بالام..مەن دىدىمغۇ..مەن خوتەنلىك!!!

-ھاھاھاھا قۇلىقى ئاڭلىمايدىكەندە...سىزنى ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېس قىلامسىز..

-ھە ئە بالام..ئۆزۈمنى مۇشۇيەرلىك دەپ ھېس قىلىمەن..

-بوۋا!!!!! سىز بەختلىكمۇ.!!!!؟!؟؟!!؟!؟؟!

-ھەئە....مۇنداق دىسلە بالام...بەختلىك بالام...بەختلىك...شۇ دادامنى خاپىلا قىلمىسام. قالغىنى بەختلىك...

-ھە؟؟؟بوۋا نەچچىگە كىردىڭىز..

-90ياشقا....

-نىمە؟؟؟دادىڭىزچۇ؟نىمە دەپ خاپا قىلسىز دادىڭىزنى...

ھويلىدىن تېخىمۇ چوڭ كۆرۈنىدىغان،بىراق تىمەن بىر بوۋاي چىقىپ:

-كىم ئۇنى دادامنىڭ ھاسىسسىنى ئوغۇرلاپ ئىشلەتسۇن دەپتۇ...مۇشۇلا گەپ ئاڭلىسىغۇ...بۇ ئۆيدىكلەر ھەممىمىز شۇنداق بەختلىك..

سەھرايى تارىم ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى...



ياش بىر چوكان..

-قىزچاق...سىز بەختلىكمۇ

-ھوي...بۇنى سوراپ قالدىڭىز..-قىزچاق دەرھال ئۈستى بېشىنى بىر تۈزىۋالدى...

-ھە..شۇ...خەلق رايى سىناۋاتقان....سىز بەختلىكمۇ

-ھە...ئۇھەي...ھەجەپ بىر....بىزنىڭ بەختلىك بولۇشىمىز سىزدەك كېلىشكەن يىگىتلەردىكى گەپقۇ..

-ھوي ياق ياق...ئۇنداق گەپ ئەمەس...مەن پەقەت سىزدىن سىز بەختلىكمۇ دەپ سورىدىم

-ئەمدى شۇ...تويلۇقنى جىق ئەكىرسىڭىز چوڭ بەختلىك...ئاز ئەكىرسىڭىز..ئانچە مۇنچە بەختلىك...

-ياق ياق...ئۇنداق گەپ ئەمەس،،،....مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم...

-بولدى...چوڭلار ئەتە كىرسۇن،..ئۆي ئاۋۇ يۇقارقى مەھەللىدە...ئۆيدىكىلەرگە دەپ قوياي..تەييارلىق قىلسۇن...سىز نەچچە ئادەمنى كىرگۈزىسىز،،

-نىمىگە؟

-ئەلچىلىككە بولمامدۇ.؟؟ نىمە؟؟ ئەجابا سىز قېچىپ توي قىلايلى دىمەكچىما؟

-ۋوي ياق....مېنىڭ..

-ۋىيەي ..ئەجەپ بىر ..خىجىل قىلىپ...

قىزچاق يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى....سەھرايى تارىم داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى..



سەھرايى تارىم بىر چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلماقچى بولۇپ،جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق ساھەسىدىكى ئادەملەرنى زىيارەت قىلماقچى بولدى...قاراڭغۇ تەرىپىنىمۇ بىلىپ باقماقچى بولدى..



سەھرايى تارىم قاتتىق مۇشتلىشىۋاتقان ئىككى ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىغىلا كىردى

-ھوي ھوي ..بىردەم بولدى قىلىڭلار..

-كاللاڭنى يېرىۋىتىمەن..-بىرسى يەنە بىرىسگە مۇشت ئېتىۋاتاتتى..

-تېىلڭىنى كېسىۋالىمەن.-يەنە بىرسىمۇ بوش كەلمەيتتى

-ھو ي ھوي..ۋوججون...ھوي...سىلەر بەختلىكمۇ.

-قارنىڭنى يارىمەن،،

-قېنىڭىنى ئىچىمەن.

-ئاۋۋال جاۋاپ بېرىڭلار...سىلەربەختلىك...بەختلىكمۇ..ۋوييەي بېشىم..جاۋاپ بېرىڭلار..ھويجان...

-ئاشۇنىڭ قارنىنى يارسام،بەختلىك بولىمەن...

-سىنىڭ جىنىڭنى ئالسام مەنمۇ شۇ..

-ۋاھ ۋاھ ...ھوي...سىلەر بەختكە قانداق قارايسىلەر،،

ئوتتۇرىسىغا كىرىپ بەك ئىچى پۇشقان ئىككەيلەن.. مانا مانداق قارايمىز دەپ سەھرايى تارىمنى ئۇرۇپ قوغلىۋەتتى...



سەھرايى تارىم ئويۇن ئويناۋاتقان كىچىك بالىلاردىن سورىدى.،

-بالىلار ..سىلەر بەختلىكمۇ

-بە...........خىت...........لىك-ھەممەيلەن تەڭلا جاۋاپ

-پاھ بەك ياخشىغۇ...قانداق سىگە بەختلىك ھېس قىلىسىلەر..

-تاپشۇرۇقنى جىق بېرىدىغان مۇئەللىمنىڭ بۈگۈن قورسىقى ئاغرىپ مەكتەپكە كەلمىگەن،شۇڭا تاپشۇرۇق يوق،شۇڭا بىز بەك بەختلىك،بولسا، ھەممە مۇئەللىم كۈندە...

-ھەي ھەي ئۇنداق دىمەڭلا...ئۇنداق دىمەڭلا...

سەھرايى تارىم دەرھال يولغا كېتىۋالدى..



ناھايىتى ئىتتىك كېتىۋاتقان بىرئادەمگە قوغلاپ يېتىشىۋالدى..

-ئاكا،سىز بەختلىكمۇ

-ئوھۇي ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي

-ئاكا،سىز بەختلكىمۇ

-ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي...

-ئاكا،قانداق قىلغاندا بەختلىك بولالايمەن دەپ قارايسىز...

-ۋاي ۋاي ئەجەپ گىپىڭ جىق بالىكەنسەن..ئاممىۋىي ھاجەتخانا تاپالىساملا،ئەڭ بەختلىك ھېس قىلىمەن ئۆزۈمنى،،،

ئۇ ئادەم زۇۋ لا قىلىپ يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى..



سەھرايى تارىم قىمارۋازلارنىڭ سورىنىغا كىردى

-سىلەر بەختلىكمۇ

-بىر قول تىكسەڭ دەپ بېرىمىز...

-ھە ماقۇل...مەن چوڭغا تىكەي..

شۇنداق قۇتىنى ئېچىۋىدى..كىچىك چىقىپ قالدى..

-ۋھ ھاھاھاھاھا سىنىڭدەك ئەخمەقتىن يەنە ئونى ياكى مڭى بولغان بولسا ،بىزدەك بەختلىك ئادەم يوق جۇمۇ...



......................

سەھرايى تارىم ھەرخىل ھەرقىسىم ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدىن مۇشۇ سوئالنى سوراپ چىقىتى..ھاراقكەش \"يەنە بىر رومكا بولغان بولسا..ئاشۇ بەخت \"دەپ جاۋاپ بەردى..يانچۇقچى\"ھەممە ئادەمنىڭ يانچۇقى ئاستى تار،ئاغزى تەرىپى كەڭ بولسا\"دەپ جاۋاپ بەردى..جىنايەتچىلەر\"تۈرمە دىگەن بەشيۇلتۇزلۇق بولغان بولسا..\"،ئالدامچىلار\"ھەممە ئادەم ئەخمەق بولغان بولسا\"....قويمىچىلار\"ھەممە ئادەم ئۇنتۇغاق بولغان بولسا\"....ئىشقىلىپ ھەرخىل ھەرياڭزا سوئاللار ئۇنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇردى..



ئۇ ئاخىرىدا بىر بىلىملىك،ئوقۇمۇشلۇق،چوڭ سۈپەت بىر زىيالىدىن سوردى

-سىز بەختلىكمۇ

-شۇنداق .مەن بەك بەختلىك..

-بەختكە قانداق قارايسىز..

-خاتىرجەم تۇرمۇش،ئىناق ئائىلە،خوشال خورام كەيپىيات،ئىناق جەمئىيەت، ئىجىل قېرىنداشلار،ۋاپادار بالىلار، كۆيۈمچان دوست بۇرادەر لەر ..مانا مۇشۇلار مېنى بەختلىك ھېس قىلدۇرغان ئامىللار

-سىز گە ئاپىرىن!!!!



شۇنىڭ بىلەن سەھرايى تارىم ئۆزىنىڭ يەكۈن سۆزىنى خاتىرىگە يازدى



مەيلى باي مەيلى گاداي،مەيلى قىز مەيلى ئوغۇل،،مەيلى قېرى مەيلى ياش،مەيلى ئىگىز مەيلى پاكار..ئىشقىلىپ ھەرقانداق ئادەمنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئوخشاش بولمايدىكەن،ئىنتىلىدىغان بەخت نىشانى ئوخشاشمايدىكەن.

توغرا،بەخت دىگەن نەرسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ،تۇتقىلى بولمايدۇ،تۇتۇپ قالغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ،مىنىڭچە بەخت شۇ ئادەمنىڭ شۇۋاقىت،شۇزامان،شۇ مەزگىلدىكى قانائەت تېىپش،ئۆز ھاجىتى،ئۆز موھتىجىغا ھەل قىلىشى يولى ياكى ھەل قىلىش ئۇسۇلى تاپقاندىكى روھى ھالىتى ھەم خوشاللىق تۇيغۇسى ھېسابلىنىدىكەن.

مەسىلەن ،ئاچ قالغاندا،بىر پارچە نان ،ئۇسسىغاندا بىريۇتۇم سۇ،چارچىغاندا كىچىك بىر ئورۇن،ئۇيقۇسى كەلگەندە ياتقىلى بولىدىغان جاي...مانا مۇشۇلار شۇ مۇھىتتا ئادەمگە بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدىكەن...

ئادەم ئۈچۈن بەخت شۇنچىلىك قىممەتلىك، ھەم قەدىرلىك،بەختنى زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ،شۇنداقلا باشىقىلار يارىتىپ بەرمەيدۇ،پەقەت ئىنسان ئۆز ئىقتىدارى ھەم ئۆزى قابىلىيىتىگە تايىنىپ،ئۆزىگە لايىق،ماس كېلىدىغان بەختكە ،ئىنىق ئېيتقاندا بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدىكەن،كىشلەرنىڭ بەختكە بولغان كۆز قارىشى ئوخشاش بولمايدىكەن، قانائەتچان ئادەمنىڭ بەختكە بولغان تونۇشى ئاددىي بىراق ناھايىتى سۆيۈملۈك،گۈزەل،راھەت،پاكىز بولىدىكەن،ئاچكۆز ئادەمنىڭ بەختكە بولغان تونۇشى بولسا،ئەگىر توقاي،يامانلىققا تولغان،چىكى يوق،تەلىپى يۇقىرى،رەزىل بولىدىكەن،بۈگۈنكى مۇشۇ پائالىيتىمدىن بىلىۋالدىم :

خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئاددىي ،بىراق ئۇلۇغۋار ئىكەن،بەختكە بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس،بىراق ئېرىشكەن بەخت تۇيغۇسى بەكمۇ ئالىيجاناپ ئىكەن!!!!



ۋاھ ۋاھ مانا بۇ سەھرايى تارىمنىڭ خاتىرىسىدىن ئوغۇرلىۋالغان نەرسىلەر...

(ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىپتۇ..بىراق...سەن سەل ئۆزگەرتىۋەتتىڭمۇ قانداق)

ھۇ ھۇ ھۇ ئۆزگەرتمىسەم..پارول پاناق بولاتتىممۇ ھاھاھاھا

(مانا سەن پاناققا..مانا)

ھوي بولدى...ئۇرما..ۋايجان..ۋاي بىقىنىم...ۋاي بىشىم..ۋاي بىشىم...ۋاي بىشىم..

\"بېىشىڭىز ئاغرىسىا،ۋاي بېشىمنى ئىچىڭ\"



شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق پارول ھېكايسى تۈگىدى...ئىچىڭلارنى بەك پۇشىرىۋەتكەن بولسام.كەچۈرۈڭلار..يارىغان بولسا...ئىنكاس يېزىپ،پۇل ئەۋەتىپ،ناۋبەيجىن،ئارمان دىگەنلەرنى سوۋغا قىلىڭلار، ھاھاھاھا ئەگەر مۇشۇيەرگىچە ئوقۇغان دوستلار بولسا..سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت



ھۆرمەت بىلەن پارول!!!

بەت: [1] 2
: پارول يۇمۇرلىرى