تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Georg Cantor
تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Georg Cantor
تاشپولات روزى
كانتور (Georg Cantor) بولسا رۇسىيەنىڭ پەتەرسبۇرگ رايونىدا، 1845-يىلى
3-ئاينىڭ 3-كۈنى يەھۇدىي سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ توپلام
نەزەرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. 1867-يىلى ئۇ گېرمانىيەگە كۆچۈپ بېرىپ زۈرىچ ۋە
بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ماتېماتىكا، فىزىكا ھەم پەلسەپە ئۆگىنىپ،
1868-يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا سانلار تېئورېمىسى توغرىلىق ماقالە يېزىپ
دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. كانتور ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ھاللە
ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكتور ھەم 1879-يىلىدىن 1905-يىلىغىچە مۇشۇ
ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ قېرىغاندا كېسەل تۇرمۇشىنى
ئۆتكۈزۈپ 1918-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى روھى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا
بەختكە قارشى ۋاپات بولىدۇ.
كانتورنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى پۈتۈن سانلار نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن بولسىمۇ،
ئۇ تېرگونىمېتىريەلىك قاتارنىڭ بىردىن بىرلىكىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق
توپلام نەزەرىيىسىنى قۇرۇپ، 1874-يىلى بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭغا قويۇقلۇق
چۈشەنچىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ھالقىغان سانلارنىڭ ئالگېبرالىق سانلاردىمۇ
كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ نەتىجە شۇ دەۋردىكى ماتېماتىكا ساھەسىنى
زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ كۆپلىگەن كىشىلەر قاتتىق قارشىلىق قىلىدۇ. بولۇپمۇ
ماتېماتىك Kronecker نىڭ قارشىلىقى كانتورنىڭ يۈرىكىنى قاتتىق مۇجۇغان
بولسىمۇ ماتېماتىك Dedekind ھەم Mittag-Leffler ئۇنى قوللايدۇ. (ھازىرمۇ
كانتورنىڭ بۇ يەكۈنلىرىنى چۈشىنەلمەي ئەخمەقلەرچە گەپ ئاتىدىغانلارمۇ بىزدە
بار). ئۇ ئېھتىماللىق نەزەرىيە تارىخىدىمۇ، نەزەرىيىنىڭ باشقىلار
تەرىپىدىن قوبۇل قىلمىغانلىق دەۋرىنىڭمۇ بولغانلىقىنى ئويلاپ،
“ماتېماتىكىنىڭ ئەسلى خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ ئەركىنلىكىدە” دەيدۇ. توپلامنىڭ
قويۇقلۇق چۈشەنچىسىدىن باشقا تەرتىپ شەكلى، ھالقىغان تەرتىپ سان قاتارلىق
چۈشەنچە ھەم ئاساسى ئارقىمۇ-ئارقىلىقلار ئارقىلىق سانلار نەزەرىيىسىنىڭ
ئاساسىغىمۇ ئالاھىدە تۆھپە قوشىدۇ. ئۇ يەنە ئېۋكلىد بوشلۇقىنىڭ ئومۇمى
نۇقتا توپلامنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يىغىلما نۇقتا، ئوچۇق توپلام
قاتارلىق چۈشەنچىلەرگە ئېنىقلىما بېرىپ، ئۆلچەم نەزەرىيىسىنىڭ
تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ھەرقانداق نۇقتا توپلام نەزەرىيىسىدىكى
ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ توپولوگىيە بوشلۇق نەزەرىيىسىنىڭ يولىنى ئېچىپ
بېرىدۇ. ھارمىغايسىز تاشپولاتكا

مۇشۇ يەھۇدىلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىنىڭ زىينىغا ئۇچرىغان بىزگە ئوخشاش.
قانداق بولۇپ دۆلەت قۇرۇپ قالدى ؟
ھەراست مۇشۇ يەھۇدىلارنىڭ مۇزىكىنى دىمەي تۇراي (داڭلىق مۇزىكانتلىرى بار)،ناخشا ئۇسۇلدا بىز دەك
تەرەققى قىلالمىغانمىكى دەيمەن . لىكىن كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇرۋالدى گېئومېتىرىيە بىلەن سىتىرىئومېتىرىيىگە بەك قىزىقاتتىم. ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈش دېتالىنى ئىشلەشتە بەك ئەسقاتقان ئىدى.
1- قەۋەتتىكى jewlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھارمىغايسىز تاشپولاتكا![]()
رەھمەت جەۋلان ئۇكام! سىلەرنىڭ ئەجرىڭلارغا كۆپ رەھمەت!
بۇگۇنكى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ ھەممىسى توپلام تىلى بىلەن يىزىلغان.
كانتورنىڭ توپلام نەزەرىيىسىگە قوشقان تۆھپىسى چوڭ بولغاچقا ، ماتېماتىكىغا قوشقان تۆھپىسىنىمۇ چوڭ نانىماي ئامالىمىز يوق.
ھازىرقى زامان پەن -تېخنىكىسىنىڭ تىلى ماتېماتىكا، ماتېماتىكىنىڭ تىلى توپلام.
يازمىڭىزغا تەشەككۇر !
بەت:
[1]