پۇتبول چولپىنىمىز بارى يېقىندا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى
پۇتبول چولپىنى بارى قىز دوستى
شەرىپە بىلەن بىللە
چىمبۇلاق تورى تەنتەربىيە دۇنياسى قانىلى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ ماھىرى، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى، چىمپىيون تەنتەربىيە كىيىملىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى، پۇتبولچىمىز بارى مۇھەممەتئېلى يېقىندا يەنى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر مەزگىل قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان قىز دوستى شەرىپە بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن.
پۇتبول چولپىنى بارى قىز دوستى
شەرىپە بىلەن بىللە
بارىنىڭ مەستانىلىرى شۇنداقلا دوست-بۇرادەرلىرى ئۇنىڭ توي ئىشىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن سۆيۈندى ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن بەخت تىلىدى.
قوچاقتەكلا قىزكەن، مۇبارەك بولسۇن بارى قارى ! ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە پات ئارىدا «بارى خاتۇنى بىلەن بازار ئايلاندى، بارىنىڭ ئايالى ھامىلدارمۇ؟، بارى مەيدانغا كۆك رەڭلىك كۇسار كىيىپ كىردى، بارىنىڭ قېيىن ئانىسىنىڭ كىملىكىگە قىزىقامسىز، بارىنىڭ قېيىن ئاكىسى بارى بىلەن تاماق يىدى» دىگەندەك تېمىلارنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىدىن قىلچىلىك گۇمانلانمايدىغان بولدۇم. خەقنىڭ شۇنداق گەپلىرى چىقىپ زولاپ ئاڭلاپ يۈرگەندىن ئۆزىمىزنىڭ چىقسا چىقمامدۇ
بۇنىڭ مەنچە بەك چوڭ يامىنى يوق
مىللىتىمىزنىڭ بەدەن سۈپەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە ياخشى نەمۇنىلىك ئاتا-ئانا بولغۇسى بۇ بىر جۈپلەر (بەدەن سۈپەت ساپاسىلىغىلا دېدىم جۇمۇ، پىرىنسىپقا كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگەي) بىزنىڭ مۇشۇنداق داڭلىق كىشىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنى ۋە ئۇلۇغ ئىسلام دىنىمىزنى تەشۋىق قىلىدىغان كىيىنسە ۋە قوغدىسا رولى چوڭ بۇلاتتى... بەختلىك بولۇڭلار بىر جۈپلەر... بىزنىڭ مۇشۇنداق داڭلىق كىشىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنى ۋە ئۇلۇغ ئىسلام دىنىمىزنى تەشۋىق قىلىدىغان كىيىنسە ۋە قوغدىسا رولى چوڭ بۇلاتتى...
مېنىڭچە بارى ئەمدى داڭلىق بولۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىگى، داڭلىق بولۇشتىن ئاددىي بولسىمۇ ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ تېخىمۇ تەسلىگىنى بىلدى ھەم بىلگۈسى. كىيىمنى قانداق كىيىش گويا ئاشۇ «داڭق»قا كۆڭۈل بۆلگەندەك ئىش. ئادەمنىڭ ئېتىقادى ئاساسلىقى كىيىمدە ئەمەس، ئەلقاتارى، ئاساسى ئېقىمدا زامانغا لايىق كىيىنىپ قەلبىدىكى ئېتىقادىنى پاكىز رەۋىشتە ئېلىپ بارسا بولىۋېرىدۇ. بەخىتلىك بولسۇن بارى قارى.... دىگەنلىرىڭىز كەلمىسۇن باپكار. {:136:} {:107:} نەچچە يىل ئاۋال بىرجۈپ ياش ئۆزگىچە توي مۇراسىمى قىلىپ توردا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. شۇ يادىمغا كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ داڭلىق چولپىنى دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن بىرلەشملەر قاتارىدىكى جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى دەرىجە ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئويناۋاتقان جىياڭسۇ شۇنتىيەن كوماندىسىدا مەيدانغا چىقىدىغان زاپاس ئەزالار قاتارىدىمۇ نۇرغۇن ئەھۋاللاردا ئىسمى يوق ، مىنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى دەپ ئاتىۋەتسەك ، جۇڭگۇدىكى بەدەن ساپاسى پۇتبولغا ئەڭ ماس كىلىدىغان مىللەت قانداق بولۇپ كەتتى دىگەن گەپ كاللامدىن پىرقىراپ كەتمەيدۇ . دەسمايىسىنى نامايان قىلىدىغان زامان بوپتۇ بۇ.
6- قەۋەتتىكى americaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئادەمنىڭ ئېتىقادى ئاساسلىقى كىيىمدە ئەمەس، ئەلقاتارى، ئاساسى ئېقىمدا زامانغا لايىق كىيىنىپ قەلبىدىكى ئېتىقادىنى پاكىز رەۋىشتە ئېلىپ بارسا بولىۋېرىدۇ.
بولمايدىغان ئىشنى بولىدىغان قىلماڭ ،قىرىندىشىم. ماركىسىزىم ئىدىيسىدىكىلەر ئاففانىستاانغا بارسىمۇ بۇرۇت -ساقال قويماسلىقى ،ھىجاب ياغلىق ئارتماسلىقى كىرەك، ...يەنە مىسال ئالسام ئاخىرىنى چۈشىرەلمەي قالىسىز. نىيەت ئەلا، ئەمما ئەمەل بىرىنجى.
10- قەۋەتتىكى esyankar75نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ داڭلىق چولپىنى دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن بىرلەشملەر قاتارىدىكى جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى دەرىجە ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئويناۋاتقان جىياڭسۇ شۇنتىيەن كوماندىسىدا مەيدانغا چىقىدىغان زاپاس ئەزالار قاتارىدىمۇ نۇرغۇن ئەھۋاللاردا ئىسمى يوق ، مىنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى دەپ ئاتىۋەتسەك ، جۇڭگۇدىكى بەدەن ساپاسى پۇتبولغا ئەڭ ماس كىلىدىغان مىللەت قانداق بولۇپ كەتتى دىگەن گەپ كاللامدىن پىرقىراپ كەتمەيدۇ .
بىزدە شۇنداق داڭلىق، ئەل سۆيگەن، ئاتاقلىق... دېگەن سۆزلەر بەكلا ئەرزان ئەمەسمۇ.
بىر- ئىككى توك توك ناخشا ئېيىتقانمۇ ئەل سۆيگەن داڭدار، بىر ئىككى ماقالە چىقارغان، كىتاب نەشىر قىلدۇرغانمۇ داڭلىق...
بىر نېمە دىگەننىڭ ئۆزىگە يارىشا ئېتى، سۈپىتى، ئېتىبارى بولسا بولاتتى...
تىللاپمۇ، ئۇرۇپمۇ، قاغاپمۇ، جەمىيەتشۇناستەك قاقشاپ ماقالە يېزىپمۇ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان رېئاللىق ئەلقاتارى، زامانغا لايىق دېگىنىم شۇ. ئەلقاتارى دېگەندە كېيىن قېلىشتا تۇرمايدىغان، ئېشىپ كەتكىنىنى تاسقايدىغان، نورمالنى قوبۇل قىلىدىغان بىر ئىقتىدار بار. نىيەتنىڭ ئەلالىقىنى بىلگەن ئىكەنسىز، ئەمەلنىڭ ئەلقاتارى بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىشىڭىز كېرەكقۇ دەيمەن. ھىلىمۇ ياخشى مۇشۇ جەميەتشۇناس بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا نەگە ئۈسسۈيدىغانسىلە . ئەمەلنىڭ ئەلقاتارى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمىدىم، ئەگەر يالىڭاچلىق ئەلقاتارى بولسا ئەمەلنى يالاڭاچلىققا، يۆگەشلىك ئەلقاتارى بولسا ئەمەلنى يۆگەشلىككە يۈزلەندۈرەمدۇق؟ توينىڭ ئالدىدا ئون كۈن تويدىن كېيىن ئون كۈن.... چوشقا سەمرىپ كېتىشتىن،ئادەم نام چىقىرىشتىن.
ئاياللار سېمىزلىكتىن،
ئەرلەر نامراتلىقتىن .
قورقىدۇ دېسە ، نېمە دېگىنىدۇ دەيتتىم. ئاستا-ئاستا چۈشىنىپ قېلىۋاتىمەن... بارىغا مۇبارەك بولسۇن! مۇشۇ كەمدە توي قىلىش پەقەت« بايلىقىنى كۆز -كۆز» قىلىدىغان بىر شەكل بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا ئادىىي بىر سۈننەت تويدىمۇ ماۋۇ« كورىيەنىڭ رەختى، ماۋۇ تۈركىيەنىڭ پەردىسى، ماۋۇ.......... » دېگەندەك ئابرۇي تالىشىدىغان ئىشلار كۆپۈيۈپ قاپتۇ.
ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيتىدە « پالانى ئاتاقلىق سەنئەتكار» دەپ ئاتاپ ئاندىن سەھنىگە تەكلىپ قىلىدىكەن، ئەجابا شۇ ئارتىستلارغا شۇ نامنى خەلق بېرەمدۇ ياكى شەخىسمۇ؟ ئاتاقلىق، داڭلىق، مەشھۇر قاتارلىق ناملار بەك ئەرزان ئوخشىمامدا. ئالى مەكتەپتە بەش، ئالتە يىل ئوقۇپ ئاندىن يۇقىرلاپ ئوقۇسا مەكتەپ دۆلەت ئېتراپ قىلىدىغان «دوكتۇر» ئۇنۋانىنى بېردىكەن. ھەي مۇشۇ ناما .................