MEHZUN يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 14:49:40

ئىمام زۇفەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى

ئىمام زۇفەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى

ئىمامنىياز ئابدۇقادىر


(جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى 2013-يىللىق 1- ساندا ئېلان قىلىنغان)




بسم الله الرحمن الرحيم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)




زۇفەر ئىبنى ھۇزەيل ئىبنى قەيس ئەلكۇفى ھەنەفىي مەزھىپى فىقھەشۇناسى ۋە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ غوللۇق شاگىرتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ھىجرىيە 110–يىلى(مىلادىيە 728-يىلى) ئىراقتا تۇغۇلغان. ئۇ قەدىمىي ئەرەب نەسلىدىن بولۇپ، سۆز ۋە بايان قىلىشتىكى ئالاھىدە ئىقتىدارى بىلەن مەشھۇر بولغان ئېسىل نەسەبلىك تەمىم قەبىلىسىدىن ئىدى. ”زۇفەر“ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، بۇ سۆز بەزىدە ”يۈرەكلىك ئادەم“ دېگەن مەنىدە كېلىدۇ، بەزىدە سېخىي ئادەملەرنى سۈپەتلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. زۇفەرنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئۈچۈن غەم قىلىپ جاپا چېكىشى ھاجەتسىز بولغاچقا، ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىلىم ئۆگىنىش يولىغا ماڭغان. ئىمام زۇفەر دادىسى بىلەن بىللە ئىسپاھانغا بېرىپ، شۇ يەردە يەرلىشىپ قالغان. ئۇ ئىسفاھاندا ياشاش داۋامىدا ئىلىم ئۆگىنىش ئىرادىسىنى ئازراقمۇ بوشىتىپ قويمىغان. ئۇ ئۇلىمالاردىن ۋە مەشھۇر ھەدىسشۇناسلاردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ ھەدىس يادلاش جەھەتتە باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك دەرىجىدە كامالەتكە يەتكەن. ئۇ قۇرئان كەرىمنى كىچىك ۋاقتىدىلا يادلىغان بولۇپ، قۇرئان كەرىمنىڭ بەرىكىتىدىن ئىلىم ئۆگىنىشكە تېخىمۇ ھېرىسمەن بولغان. ھەدىس سورۇنلىرىغا كۆپلەپ قاتنىشىپ، شۇ زاماننىڭ پەزىلەتلىك ئالىملىرىدىن ھەدىس ئۆگەنگەن. ئەئمەش نامى بىلەن مەشھۇر بولغان كۇفەلىك موھەددىس سۇلايمان ئىبنى مىھران، يەھيا ئىبنى سەئىد ئەنسارى، سەئىد ئىبنى ئەبى ئەرۇبە، ئىسمائىل ئىبنى ئەبى خالىد، مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاق، ئەييۇب سىجىستانى قاتارلىق ئالىملار زۇفەر ئىبنى ھۇزەيلنىڭ ھەدىس ئۇستازلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئىمام زۇفەر ھەدىس ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەندىن كېيىن، تەرەپ–تەرەپتىن تالىبۇلئىلىملەر ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ ئۇنىڭدىن ئىلىم تەھسىل قىلىشقا ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئەبۇ نۇئەيم ئەل ئىسفىھانى، ھەسسان ئىبنى ئىبراھىم، ئەكسەم ئىبنى مۇھەممەد قاتارلىق مەشھۇر ئۇلىمالارمۇ ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. يۈكسەكلىك بابىغا يەتكەن  مۇھەددىس ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك، ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ، خالىد ئىبنى ھارىس قاتارلىق كاتتا ئالىملارمۇ ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنىڭغا شاگىرت بولغان ھەمدە ئۇنىڭ ئىلىم سورۇنلىرىغا قاتناشقان.

ئىمام زۇفەر ئىقتىدارلىق مۇھەددىس بولۇپ، ھەدىس پەنلىرىنى تولۇق ئىگىلىگەن. بۇ ھەقتە ئەبۇ نۇئەيم مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۆگەنگەن ھەدىسلىرىم توغرىسىدا يەنە زۇفەردىن تەلىم ئالاتتىم. ئۇ ماڭا ئۆگەنگەن ھەدىسلىرىمنىڭ ناسىخ ياكى مەنسۇخ ئىكەنلىكىنى ئايرىپ بېرەتتى(ئۇ ۋاقىتلاردا ھەدىسلەر تېخى توپلىنىپ يېزىلمىغان ئىدى). ئۇنىڭ ئىلمىي قۇۋۋىتى، ھەدىس پەنلىرىنى بىلىش سەۋىيەسى ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ، زەئىپلىرىنى ئايرىيالىغۇدەك دەرىجىدە كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، ئۇ ھەدىسشۇناس ئەبۇ نوئەيمگە ”ھەدىسلىرىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن، مەن ئۇنىڭ سەھىھ، زەئىپلىرىنى ئايرىپ بېرەي“ دېگەن.

ئۇ ئىسفاھاندىن كۇفەگە قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا، كۇفەدىكى ئىلىم سورۇنلىرى جانلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ يېڭىدىن ئىلىم ئەھلى سانىلىدىغان كاتتا ئىماملار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، ئۇلارنىڭ ئىلىم سورۇنلىرىغا قاتنىشىپ، يېڭى–يېڭى ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىشقا باشلىغان، كېيىن ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بۇ ۋاقىتتا، ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە ئىراقتىكى فىقھەشۇناسلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ھېسابلىناتتى، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى ھەممە جايغا تارالغان ئىدى. ئۇ، ئەبۇ ھەنىفەدىن قەتئىي ئايرىلماي، ئۇنىڭدىن ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەدىسشۇناسلىقتىن فىقھەشۇناسلىققا ئۆتۈپ، فىقھەشۇناسلىق ئىلمى بىلەن تونۇلۇشقا باشلىغان. ھەتتا بۇ توغرىسىدا كىشىلەر مۇنداق دېيىشكەن: ئۇنىڭ ھەدىسشۇناسلىق ئىلمىنى فىقھەشۇناسلىق ئىلمى بېسىپ چۈشىدۇ. ئەبۇ جەئفەر تاھاۋىي ئىمام زۇفەرنىڭ ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئىلىم سورۇنىغا قاتنىشىشىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: كۆپلىگەن فىقھىي مەسىلىلەر ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ھەدىسشۇناس قېرىنداشلىرىنى بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ ھالسىرىتىپ قويغانىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى بۇ مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلغان ئىدى. ئۇ ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قېشىغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەبۇ ھەنىفەدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشكەن. بۇ ئىمام زۇفەرنىڭ فىقھە ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىپ قېلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئەبۇ ھەنىفەنىڭ يېنىدا 20 يىل ئەتراپىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇ جەريانىدا ئۇ، ئۇستازىنىڭ تىرەن ئەقلى، توغرا پىكىرلىرىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇستازىغا چىن قەلبىدىن قايىل بولغان ۋە ئۇنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەپ، ياخشى كۆرگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدىغان ھەم ھەقىقىي ھۆرمەتلەشكە لايىق زات ئىدى. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرى ئىلىم-ھېكمەت، تەپەككۇر، چۈشەنچە جەھەتتە يۈكسەك ئىقتىدار ھازىرلىغان كىشىلەردىن ئىدى. ئۇلار ئۇستازىغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى سەۋەبلىك ئۇستازى ھايات ۋاقتىدا ئۆز ئالدىغا ئىلىم سورۇنى ئۇيۇشتۇرمىغان ئىدى. گەرچە ئۇلار ئۇستازىنىڭ ئىلىم سورۇنلىرىدىن ئايرىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئورنىنى بىلىشكە خەتىب بەغدادىي زىكىر قىلغان بىر ۋەقە كۇپايە قىلاتتى. مەشھۇر مۇھەددىس ۋەكىئ ئىبنى جەرراھنىڭ ئىلىم سورۇنىدىكى بىر ئادەم ”ئەبۇ ھەنىفە خاتالاشتى“ دېگەندە، ۋەكئ مۇنداق دېگەن: ”ئەبۇ ھەنىفە قانداقمۇ خاتالاشسۇن؟! ئۇنىڭ ئەتراپىدا قىياس ۋە ئىجتىھاتتا پىشىپ يېتىلگەن ئەبۇ يۈسۈف، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن، زۇفەر ئىبنى ھۇزەيلدەك كاتتا ئىلىم ئەھلىلىرى تۇرسا“.

زۇفەرنىڭ توي مۇراسىمىدا زۇفەر نىكاھنى ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئوقۇپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن. شۇنىڭ بىلەن نىكاھنى ئەبۇ ھەنىفە ئوقۇغان ھەمدە مۇنداق دېگەن: ”زۇفەر مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ كاتتا ئىماملىرى ئىچىدىكى بىر ئىمام. ئۇ شەرەپتە، نەسەب جەھەتتە، ئىلىم بابىدا ئۇلارنىڭ كاتتىسى ھېسابلىنىدۇ“. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ بۇ ئەقىللىق شاگىرتىنى قانچىلىك ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بۇ شاگىرتىنى بۇ قەدەر ھۆرمەت قىلىشىنىڭ سەۋەبى، زۇفەرنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەنگەن ئەقىل-پاراسەت، يىراقنى كۆرەرلىك، ئىلىمگە بولغان تەشنالىق، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىش، ئەخلاقتىكى گۈزەللىك، دىندىكى تەقۋالىق ۋە ئەمەلدىكى خالىسلىق بولغان بولۇشى مۇمكىن.

زۇفەر ئۇستازى ئەبۇ ھەنىفەنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا رەددىيە بىرىپ، ئۇستازى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: سىلەر ئەبۇ ھەنىفەنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىگە چىنپۈتمەڭلار، قۇلاق سالماڭلار. چۈنكى، ئۇستازىم ئەبۇ ھەنىفە قۇرئان كەرىمدىن ياكى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىدىن ۋە ياكى ساھابىلارنىڭ سۆزلىرىدىن ھۆكۈم ئالىدۇ. بۇلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان ياكى سۆزلەنمىگەن مەسىلىلەرنى شۇلارغا قىياس قىلىدۇ. ئۇ ئۇستازىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى كەڭ تارقىتىش ئۈچۈن بەسرەگە بېرىپ، شۇ يەردە خىزمەت قىلغان. ئۇ ئىگىلىگەن ئىلىم ھېكمەتلىرى، چوڭقۇر چۈشەنچىسى، كەڭ قورساقلىقى، يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن ئەستايىدىل خىزمەت قىلىپ، بەسرەنىڭ يېگانە ئۇستازى بولۇپ قالغان.

ئەبۇ ھەنىفە ھىجرىيەنىڭ 150–يىلى(مىلادىيە 767–يىلى) ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شاگىرتلىرى مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق زۇفەر ئىبنى ھۇزەيلنى ئۇنىڭ ئورنىغا ئورۇنباسار قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنى ئۇستاز قىلدى. بۇ ئورۇنغا ئىلىم ۋە پەزىلەت جەھەتتە شۇنىڭغا لايىق كىشى تەيىنلىنىشى شەرت بولۇپ، ئەگەر بۇ ئورۇنغا لايىق بولمىغان كىشىلەر بۇ ئورۇننى زورلۇق كۈچى بىلەن ئىگىلىۋالسا، ئۇستازلىق ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايتتى. چۈنكى ئۇستازلىق ئورنىغا ئىنتايىن مۇھىم مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى ئۇستاز ئىلىم ھېكمەتتە كامالەتكە يەتكەن كاتتا زات بولغاچقا، ئۇنىڭ تەربىيەسىدە نۇرغۇن كاتتا ئۇلىمالار يېتىشىپ چىققان ئىدى. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ھەممىسى زۇفەر ئىبنى ھۇزەيلنىڭ ئۇستازىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ھەسەن ئىبنى زىياد مۇنداق دەيدۇ: ”زۇفەر ئىبنى ھۇزەيل ئۇستازىمىزنىڭ نەزەرىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شاگىرتلىرىنىڭ بىرى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى ھىمايە قىلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇستاز ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئورۇنباسارى بولۇشقا زۇفەر ئىبنى ھۇزەيل ئەڭ مۇۋاپىق ئىدى“. دەرۋەقە، ئۇ بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئادا قىلغان. ئۇنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىش سورۇنىمۇ ئۇلىمالار، تالىبۇلئىلىملەر بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ دەرس سۆزلەش ماھارىتى، مەسىلىلەرنى كەم–كۈتىسىز ئوتتۇرىغا قويۇشى، دەلىل–ئسپاتلارنى ئىخچام، چۈشىنىشلىك بايان قىلىشى ئىلىم ئەھلىنى جەلپ قىلغانىدى. خالىد ئىبنى سۇبەيھ زۇفەرنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىش سورۇنىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: ”مەن ئۇستاز ئەبۇ ھەنىفەدىن ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ماڭغانىدىم. ئويلىمىغان يەردىن يولدا ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن كۇفەنىڭ ئىلىم سورۇنلىرىغا كىرسەم ئادەملەرنىڭ ھەممىسى زۇفەر ئىبنى ھۇزەيلگە يېپىشىپ، ئۇنىڭدىن ئىلىم تەھسىل قىلىۋېتىپتۇ“. ئۇنىڭ ئىلىم سورۇنىغا ھەدىسشۇناس ۋەكىئ ئىبنى جەرراھمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: ”مەن ئىلگىرى قاتناشقان ئىلىم سورۇنلىرىنىڭ ھېچقايسىسىدىن زۇفەرنىڭ ئىلىم سورۇنىدىن نەپ ئالغاندەك نەپ ئالالمىغان ئىدىم“. ئۇنىڭدىن: ”نېمە ئۈچۈن دائىم زۇفەرنىڭ ئىلىم سورۇنىغىلا بارىسىز“ دەپ سورالغاندا، ئۇ: ”ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ، ئارىمىزدىن كەتكۈچە بىزنى ئالداپ، ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرمىدىڭلار. ئەمدى يەنە زۇفەردىنمۇ يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇ ئارىمىزدىن كەتكۈچە بىزنى ئۇنىڭ ئىلمىدىن پايدىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلماقچىمۇسىلەر؟“ دېگەن. ۋەكىئنىڭ زۇفەرگە بولغان ھەيرانلىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”بىزگە سېنى ئۇستازىمىزنىڭ ئورنىدا ئورۇنباسار بولغۇدەك دەرىجىدە يېتىشتۈرۈپ بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن“.

ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ بۈيۈك فىقھەشۇناسى ئىبنى ئابىدىن فىقھەشۇناسلارنى يەتتە دەرىجىگە بۆلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچى دەرىجىدىكىلىرى شەرىئەت مەسىلىلىرىدە قۇرئان، ھەدىستىن بىۋاسىتە ھۆكۈم چىقىرالايدىغان، مەيلى ئىجتىھات ئۇسۇللىرىدا بولسۇن ياكى ئومۇمىي ئۇسۇللاردىن چىقىرىلىدىغان كىچىك مەسىلىلەردە بولسۇن بىرەر كىشىنىڭ ئىدىيەسىگە ئەگەشمەيدىغان، ئۆز ئالدىغا ئىجتىھات قىلالايدىغان مۇجتەھىدلەر بولۇپ، ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە، مالىك ئىبنى ئەنەس، شافىئى، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئەۋزائى مۇشۇ دەرىجىدىكى مۇجتەھىدلەردىندۇر.

ئىككىنچى دەرىجىدىكىلىرى مەزھەپ ئىچىدىكى مۇجتەھىدلەر قوشۇنى بولۇپ، ئۇلار: ئەبۇ يۈسۈف، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانى ۋە ئىمام زۇفەر قاتارلىقلار، شۇنداقلا ئۇستازلىرى بېكىتىپ بەرگەن قائىدىگە ئاساسلىنىپ ئىجتىھات قىلىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. بىر قىسىم ھۆكۈملەردە گەرچە ئۇلار بىلەن ئۇستازلىرى ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى يۈز بەرسىمۇ، لېكىن مېتود جەھەتتە ئۇلار ئۇستازلىرىنىڭ ئىدىيەسىگە ئەگەشمىچىلىك قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇلۇغ ئالىم مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە يۇقىرىقى سۆزگە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”يۇقىرىقى باھاغا قايتا قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، ئىمام ئەبۇ يۈسۈف، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ۋە زۇفەر ئىبنى ھوزەيل قاتارلىق ئالىملار مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغانلار قاتارىدا سانىلىدۇ. ئۇلار ئەزەلدىن ئۇستازىنىڭ ئىدىيەسىگە ئەگەشمىچىلىك قىلغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەبۇ ھەنىفەدىن دەرس ئاڭلاپ، ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى ئۇلارنىڭ پىكىردە مۇستەقىل، ئىجتىھات قىلىشتا ئەركىن مۇجتەھىدلەر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. ئەبۇ يۈسۈف، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن، زۇفەر ئىبنى ھوزەيل قاتارلىقلارنى ئۇلارنىڭ ئۇستازى ئەبۇ ھەنىفە ۋە شۇ قاتاردا سانىلىدىغان ئاز بىر قىسىم ئىماملارغا ئوخشاش مۇستەقىل مۇجتەھىد دەپ ئاتاش ئەڭ توغرا ھەم ئىنسابلىق قاراش بولىدۇ“.

يۇقىرىقى بايانغا ئاساسلانغاندا، زۇفەر ئىبنى ھوزەيلنى مەزھەپ ئىچىدىكى ئەگەشمە موجتەھىد ئەمەس، مۇستەقىل ئىجتىھات قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇجتەھىد دەپ قاراشقا بولىدۇ.

زۇفەر ئىبنى ھۇزەيلنىڭ ئىجتىھاتتىكى ئورنى ئەگەشمىچىلىك بولماستىن، بەلكى دەلىل–پاكىت، ئەقىل–پاراسەت ئارقىلىق ئىجتىھات قىلىش دەرىجىسى ئىدى. ئۇ قىياس ئۇستىسى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئەبۇ ھەنىفەنىڭ باشقا شاگىرتلىرى تېخى يېتىشەلمىگەن ئىدى. زۇفەر ئۇستازى ئەبۇ ھەنىفە بىلەن دەسلەپ مېتودتا بىرلەشكەن. ھۆكۈم چىقىرىشتىكى مېتودى ئەڭ باشتا قۇرئان كەرىم، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى، ساھابىلارنىڭ سۆزلىرى ئىدى. يۇقىرىقى مەنبەلەردىن پاكىت تېپىلمىغاندا قىياس ۋە ئىستىھسان(مەنپەئەت ئومۇمىيلىقى)دىن ئىبارەت ئەقىل بۇلىقىغا تايانغان. ئۇ، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”بىز ئەسەر(قۇرئان، ھەدىس، ساھابىلارنىڭ سۆزلىرى) تېپىلمىغاندا ئەقىلگە تايىنىمىز، ئەگەر بىزگە ئەسەر يەتسە، چوقۇم ئەسەرگە تايىنىمىز“.

زۇفەر مەسىلىلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىق قىلىدىغان، پىكرى تىرەن، ئوچۇق، پاكىتلارنىڭ سىرتقى قىياپىتىگىلا ئېسىلىۋالماستىن، ئۇنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىغىچە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇنىڭدىكى يوشۇرۇن مەنالارنى سۈزۈپ چىقىدىغان زات ئىدى. ئۇ قىياس بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشتا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، ئۇستازى ئەبۇ ھەنىفەمۇ ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىغا ھەيران قالغان ھەم ئۇنىڭغا قايىل بولغان. شۇنداقلا شاگىرتلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ قىياسىنى ئەڭ كۆپ قوللانغان. ئۇنىڭ قىياس بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشىغا ئەڭ كۆپ تايانغان. ئۇنىڭ قابىلىيەتلىك شاگىرتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇمۇ ئۇستازىغا ئوخشاشلا ھۆكۈم چىقىرىشتا قىياسقا تايىنىش بىلەن مەشھۇر بولغان.

ئۇنىڭ قىياسنى كۆپ قوللىنىشى بىلەن فىقھەنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىغان ۋە فىقھەنىڭ چېتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ گۈللەنگەن بىر فىقھە بايلىقى بارلىققا كەلگەن.

ئۇنىڭ ئىجتىھاتتىكى مېتودى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىتسىز مەسىلىلەرنىڭ ھۆكمىنى پاكىتلىق مەسىلىلەرگە سېلىشتۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىش بولغان. ئۇ بىر مەسىلىگە قارىتا بىر ھۆكۈم تېپىش بىلەنلا توختاپ قالماي، يەنە تەخمىنى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخى يۈز بەرمىگەن مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئىجتىھات قىلغان. فىقھە تەخمىنىگە كەڭ يول ئاچقان ئۇستازى ئەبۇ ھەنىفەنىڭ يولىنى تۇتقان. ئۇ بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى ئۆزى قىياس قىلغان بىر نەچچە مەسىلىگە يۆتكىگەن ھەم بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىللەت ئومۇملىشىپ، تەخمىنەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوخشاشمىغان مەسىلىلەرنىڭمۇ ئىللىتى بولۇش مۇمكىنچىلىكى يارىتىلغان. ئۇنىڭ قىياسنى قوللىنىشىغا ئالاھىدە ئەقلىي ئىقتىدارى بىلەن شەرىئەتنىڭ دەلىللىرىنى چۈشىنىشتىكى چوڭقۇرلۇقى ئالاھىدە رول ئوينىغان. ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى مېتودتا ۋە تارماق مەسىلىلەردە ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئىماملىرىغا ئوخشىمايدىغان فەقىھتىكى خاسلىقىنى يېتىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ھەنەفىي مەزھىپى بىلەن ئوخشاشمايدىغان تەرەپلىرى ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ باشقا مەزھەپلەر بىلەن بولغان ئوخشاشماسلىقلىرىدىن ئاز بولمىغان، ئەلۋەتتە.

زۇفەرنىڭ بىلىمى چوڭقۇر، قىياس قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ساۋاقداشلىرى بولغان ئەبۇ يۈسۈف بىلەن ئىمام مۇھەممەدلەردەك يازما ئەسەر قالدۇرالمىغان. ئۇستازى ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ھايات مەزگىلى ۋە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ ئۇنىڭ دەرس سۆزلەش، پەتىۋا بېرىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشى بەلكى ئۇنىڭ يازما ئەسەر قالدۇرالماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر سەۋەب، ئۇنىڭ قىسقا ھاياتىمۇ ئۇنىڭ يازما ئەسەر قالدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ ئۇستازى ئەبۇ ھەنىفە قازا قىلىپ سەككىز يىلدىن كېيىنلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان.

شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ فىقھە قاراشلىرى ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ كۆپلىگەن قورال كىتابلىرىدا يېزىپ قالدۇرۇلغان. مەسىلەن: سەرەخسىنىڭ «ئەلمەبسوت»، كاسانىنىڭ «بەدائىئوس سەنائىئ»، بەزدەۋىينىڭ «كەشفول ئەسرار»، دوبوسنىڭ «تەئسىسۇن نەزەر» ناملىق كىتابلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئوخشاشمىغان كۆزقاراشلارنى بايان قىلىدىغان كىتابلار.

زۇفەر ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ نامىدىن ئوخشاشمىغان بابلاردا 17 مەسىلىگە پەتىۋا بەرگەن.

ئىمام زۇفەر كاتتا فىقھەشۇناسلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇستازى ھايات چېغىدا ۋە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىنمۇ ھەنەفىي فىقھەسىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغ خىزمەتلەرنى قىلغان. كۆپىنچە مەسىلىلەردە ئۇستازى ۋە ساۋاقداشلىرىغا ئوخشىمايدىغان كۆزقاراش ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان زور فىقھە بايلىقنى قالدۇرۇپ كەتكەن.

ئۇنىڭ بىلەن زامانداش ئۇلىمالارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ ئەقىلدارى، فىقھە ئىلمىنىڭ كانى، ئىلىم بىلەن ئەمەلنى ئورتاقلاشتۇرغان ئالىم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

فەزل ئىبنى دۇكەين مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇستازىمىز ئىمام ئەبۇ ھەنىفە دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن زۇفەرنى ئۇستاز تۇتتۇم، چۈنكى ئۇ ئۇستازىمىز فىقھەنى ياخشى بىلىدىغان تەقۋادار كىشى ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن ياخشى بىلىم ئىگىلىگەن ئىدىم“.

ئۇ بەسرەگە بارغاندا، بەسرە ئۇلىمالىرى ئۇنىڭ فىقھە سەۋىيەسىنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېيىشكەن: ”بىز فىقھەدە زۇفەردەك يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن كىشىنى كۆرۈپ باقمىغان. ئۇ بىز كۆرگەن فىقھە ئالىملىرى ئىچىدىكى ئەڭ كاتتىسى ئىكەن“.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ھەققىدە ئىمام شافىئى مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزنى قالدۇرغان: ”فىقھە ئىلمىنى چۈشەنمەكچى بولغان ئادەم ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنى ئۇستاز تۇتۇش كېرەك. چۈنكى فىقھە ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەبۇ ھەنىفەدىن تەلىم ئالغان. شۇ سەۋەبلىك ھەنەفىي فىقھەسى زۇفەر ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كەڭ تارقالغان“.

زۇفەر بەسرەدە تۇرۇش جەريانىدا دەرس ئۆگىتىشنى توختىتىپ قويمىدى. بۇ ياراملىق ئۇستازدىن بىلىم ئېلىش ئىستىكىدە كېلىدىغان بىلىم ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئۇ دەرس ئۆگىتىش ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشتىن باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بولمىدى. ئۇ قازىلىققا تەكلىپ قىلىنغاندىمۇ بۇ ئەمەلنى چىرايلىقچە رەت قىلدى، چۈنكى ئۇ ھوقۇق-مەنپەئەتكە قىزىقمايتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە دەرس سورۇنلىرى ئۇنىڭغا ھەقىقىي ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئاتا قىلاتتى. ئۇنىڭ ئىلىم سورۇنلىرىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دىللىرى يورۇپ، چېھرىدە كۈلكە تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىپ، مەمنۇنىيەت بىلەن قايتىشاتتى، ئۇنىڭدىن ئىلىم ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا ئىلىمگە بولغان ھۆرمەت بىلەن يۈزلەنگەن ئىدى. ئۇ 48 ياشقا كىرگەن قىرانلىق دەۋرىدە ھىجرىيەنىڭ 158-يىلى(مىلادىيە 775-يىلى) شەئبان ئېيىدا ۋاپات بولغان. ئاللاھ بۇ ئالىمىمىزغا رەھمەت قىلسۇن!


ئاپتور:
خوتەن شەھىرى ناۋاغ مەسچىت ھەيئىتى؛



تەھرىرلىگۈچى: مەھزۇن

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yusran يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 09:05:02

ئەرەپچىنى قانداق كىرگۈزگەندۇ دەپلا ئەقلىم لال بولۇپ قالدى.

yaruq يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 14:57:18

2- قەۋەتتىكى yusranنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەرەپچىنى قانداق كىرگۈزگەندۇ دەپلا ئەقلىم لال بولۇپ قالدى.

كونۇپكا تاختىسىدىن بىردىن-بىردىن بېسىپ كىرگۈزگەندۇ. \"\"\"\"
بەت: [1]
: ئىمام زۇفەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى