2013 يىللىق قۇربان ھېيت سەنئەت كېچىلىكى
تەكرار يوللاشتا نېمە سەۋەپ بار؟http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=55419
كۆرمىگەن سەۋەب بار راس كۆرمەپتىمەن بۇ تېمىنىمۇشۇنداق نازارەت قىلىپ تۇرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز...
شىرئەلى ئەلتېكىن ئوقۇغان مۇقامنىڭ بىر يېرىدە «يارغا ئىمان كەلتۈرمىشىم» دېگەن مىسرا بار، مۇقامنىڭ ئاھاڭىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئادەم جىق، مۇقام تېكىستلىرىدىكى تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئادەم يوق-تە بىزدە... كەلپىننىڭ مەشرىپى يارىدى
4- قەۋەتتىكى erturkنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىرئەلى ئەلتېكىن ئوقۇغان مۇقامنىڭ بىر يېرىدە «يارغا ئىمان كەلتۈرمىشىم» دېگەن مىسرا بار، مۇقامنىڭ ئاھاڭىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئادەم جىق، مۇقام تېكىستلىرىدىكى تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئادەم يوق-تە بىزدە...
مەنمۇ تۇنجى ئاڭلىغاندىلا شۇ يەرگە دىققەت قىلغان . بىراق بۇ تېكىست دەل ئەينى زاماندىكى تەسەۋۋۇپ ئىدىيسىنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرىدە مەيدانغا كەلەەن بولغاچقا ئەمدى تەتقىق قىلىپ تەنقىدلەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقمىكىن دەپ ئويلىدىم مەن كۆرۈپ باقمىدىم.بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ دۇم تاراڭ-تاراڭ بىلەن سەل خۇشى يوق.ئاڭلىسام يىلدىن-يىلغا قىزىل چىقىۋېتىپتىمىش.
4- قەۋەتتىكى erturkنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىرئەلى ئەلتېكىن ئوقۇغان مۇقامنىڭ بىر يېرىدە «يارغا ئىمان كەلتۈرمىشىم» دېگەن مىسرا بار، مۇقامنىڭ ئاھاڭىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئادەم جىق، مۇقام تېكىستلىرىدىكى تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئادەم يوق-تە بىزدە...
ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئالقىشلىنىپ تارقىلىپ يۈرگەن مۇنداق جۈملىلەر بار :
ئاشىقلىق خۇددى ناماز ئوقۇغانغا ئوخشاش بولۇپ ، نىيەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن باشقا يەرگە قارىماسلىقتۇر .
شۇنداق بىر يارنى سۆيگىنكى ، ئۇ سېنى خۇددى رامىزاندا روزىدار ئىپتارلىققا ئىنتىزار بولغاندەك ساقلىيالىسۇن ... دېگەندەك
بۇ جۈملىلەرنىڭ بەزىبىر ئاشىق مەشۇقلارنى ھاياجانغا سېلىپ بىر بىرىگە يوللىشىپ يۈرۈشى ، نەدىكى بىر ئەپسانىۋى ئىشقىي مۇھەببىتىنى مۇقەددەس ئىبادىتىمىزگە سېلىشتۇرۇپ ،ئالقىشلىنىپ تارقىلىپ يۈرۈشى ئادەمنى تولىمۇ غەش قىلىدۇ .
مۇقام جاھاندا تاڭنىڭ ساباسى،جاھانغا جانكى قالۇن ساداسى.
ھېچ تەڭ كىلەلمەس بۇلبۇل ناۋاسى،
جاھاندا يوقكى بۇنىڭ باھاسى.
بۇ شېئىرنى قىدىرخان يەركەندى يازغان دىيىلىدىكەن. لېكىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن يازغان يىپەك يولىدىكى تۇققۇز ھېكمەت دىگەن كىتاپتىغۇ دەيمەن بۇ شېئىرنى قىدىرخاننىڭ يازمىغانلىقىنى يېزىپتىكەن. بۇ شېئىر زادى قىدىرخاننىڭ يازغان شېئىرىمىدۇ؟
5- قەۋەتتىكى erturkنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كەلپىننىڭ مەشرىپى يارىدى
زاماىىۋى چالغۇلار بىلەن ئورۇنلاپتىكەن ماڭىمۇ بەك ياقتى. 106 مىنۇتلۇق يېرىدىن ئاڭلاپ بېقىڭلار.
9- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇقام جاھاندا تاڭنىڭ ساباسى،
جاھانغا جانكى قالۇن ساداسى.
ھېچ تەڭ كىلەلمەس بۇلبۇل ناۋاسى،
جاھاندا يوقكى بۇنىڭ باھاسى.
بۇ شېئىرنى قىدىرخان يەركەندى يازغان دىيىلىدىكەن. لېكىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن يازغان يىپەك يولىدىكى تۇققۇز ھېكمەت دىگەن كىتاپتىغۇ دەيمەن بۇ شېئىرنى قىدىرخاننىڭ يازمىغانلىقىنى يېزىپتىكەن. بۇ شېئىر زادى قىدىرخاننىڭ يازغان شېئىرىمىدۇ؟
يالقۇن روزىنىڭ سالچىلار رومانىغا يېزىلغان ئوبزورىدىمۇ مۇشۇ ئىش تىلغا ئېلىنىپتۇ. يەنى، بۇ شېئىرنى نەقىل قىلىش سەۋىيەسىزلىك. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ شېئرنى قىدىرخان يەركەندى يازمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ ئۆتكەن. ھالا بۇ كۈندىمۇ بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالماي نەقىل ئالغىنى بولماپتۇ، دەپ تەنقىدلەپتۇ. يەنە ھەسەلدىن قىل خىللاش باشلاندىما ئەپەندىلەر؟
يارغا ئىمان كەلتۈرمىشىم دىگەن بۇ مىسرا سىموۋۇللۇق ئوخشىتىش تۇرسا
ئەدەبىياتنى قايتا ئوقۇمدۇق يا ؟
سىياسىغا ئوخشاشلا دىنمۇ پوقتىن - سۈيدۈككىچە ھەممە نەرسىگە ئارىلىشىۋالسا شۇ نەرسىلەرنىڭ تۇز - تەمى بۇزۇلىدىغىنى راست ئوخشايدۇ....
دىنى تەلۋىلىك دىگىنىمۇ مۇشۇنداق ئوخشايدۇ ئۈستىدىكى يولداشنى تۈرمىگە سۇلاپ كاللىسنى سەگىتىپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرمەن، قەستەن ئۇرۇش چىقارماقچى بۇھەپتىلىك سىياسېي ئۈگۈنۈش قىلىدىغان ۋاقىتمۇ كەپ قالغان، بۇفىلىمنى كۆرۈپ سىياسېي نەزىرىيە سەۋىيەمنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۇرىۋالاي. چىشىڭلىغا ئېلناشسا چىشلىۋالغاچ ماڭىدىكەنسىلەردە، كۆنگەن يامان زادى.
6- قەۋەتتىكى togrulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4- قەۋەتتىكى erturkنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىرئەلى ئەلتېكىن ئوقۇغان مۇقامنىڭ بىر يېرىدە «يارغا ئىمان كەلتۈرمىشىم» دېگەن مىسرا بار، مۇقامنىڭ ئاھاڭىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئادەم جىق، مۇقام تېكىستلىرىدىكى تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئادەم يوق-تە بىزدە...
مەنمۇ تۇنجى ئاڭلىغاندىلا شۇ يەرگە دىققەت قىلغان . بىراق بۇ تېكىست دەل ئەينى زاماندىكى تەسەۋۋۇپ ئىدىيسىنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرىدە مەيدانغا كەلەەن بولغاچقا ئەمدى تەتقىق قىلىپ تەنقىدلەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقمىكىن دەپ ئويلىدىم
تەتقىقاتنىڭ مەخسىتى تەنقىتلەش بولۇپ قالسا ماۋنىڭ شىيۇجىڭ جۇيىغا قارشى پىپەن تەتقىقاتىغا ئوخشاپ قالىدۇ!
بەت:
[1]
2