zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 09:30:54

جۇڭگۇدىكى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بازار باشقۇرغۇچى(چىڭگۈەن)لار



قانداق قىلغاندا بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ جۇڭگو جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، بىر تەرەپتە بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلغانلىقىغا بولغان تاپا-تەنىلەر؛ يەنە بىر تەرەپتە بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ بېسىمى، ھەممىسىلا ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەپ، ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقىنى بايان قىلىشىدۇ.






ئۇششاق تىجارەتچىنىڭ ئايالى بازار باشقۇرغۇچى بىلەن تىركەشمەكتە: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجىن. ئۈستى-بېشى قان يۇقى بولۇپ كەتكەن تاۋۇز ساتىدىغان ئۇششاق تىجارەتچى بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ ماشىنىسى ئالدىدا ئولتۇرۋالدى، ئۇنىڭ سول قولىغا ئاسما ئېسىلغان بولۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بىلەن كۆرۈشمىسە دوختۇرخانىغا بارمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ۋارقىراپ-جارقىرىدى. ئايالى بىر بازار باشقۇرغۇچىنىڭ كىيمىگە چىڭ ئېسىلىۋالغان بولۇپ، ساقچىخانىدىكىلەر ئۇنى ئېلىپ كەتمەكچى بولسىمۇ قولىنى قويىۋەتمىدى. لوخۇ رايونىدىكى ئۇششاق تىجارەتچى بازار باشقۇرغۇچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى، بۇ ئىشتىن كېيىن ئىككى تەرەپ يامغۇردا ئىككى سائەت تىركەشتى، ئۇلارنى ئورىۋالغان ئامما ئارىسىدىكى ئۇششاق تىجارەتچىگە مەدەت بەرگەن ئۇششاق تىجارەتچى تەرەپدارى شەھەر ئاھالىسىنى ساقچىخانىدىكىلەر ئېلىپ كەتتى.





ئۇششاق تىجارەتچى بازار باشقۇرغۇچىنىڭ پۇتىغا ئېسىلىۋالدى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، «ئۇششاق تىجارەتچى بازار باشقۇرغۇچىنىڭ پۇتىغا ئېسىلىۋالدى» دىگەن تېمىدىكى بىر پارچە رەسىم توردا شىددەت بىلەن تارقىلىپ كەتتى، ئۇششاق تىجارەتچى لۇ شۆيۈەننىڭ دېگىنى بويىچە، ئۇنىڭ بۇ قېتىم پۇتىغا ئېسىلىۋىلىشىدىكى سەۋەب بۇنىڭدىن بۇرۇن يايما يايغانلىقى ئۈچۈن بازار باشقۇرغۇچىلار ئۇنىڭ تارازىسىنى مۇسادىرە قىلغان ھەم ئۇنى قاتتىق ئۇرغان. شەنشى چىڭگۇ ناھىيىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ ئىشقا قارىتا ئىنكاس قايتۇرغاندا ئادەم ئۇرغانلىق قىلمىشىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ ئۇششاق تىجارەتچىنى «كۆپ قېتىم قانۇنسىز ھالدا يايما يايدى» دېدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم «پاچاققا ئېسىلىپ» يالۋۇرىشى ئەمەسكەن.




«ئۇششاق تىجارەتچى بازار باشقۇرغۇچىنىڭ جان يېرىنى كۈچەپ مىجىۋەتتى»: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، گۇاڭجۇ دۇنشەن ئېغىزىدا نۇرغۇن كىشىلەر بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ فورمىسىنى كىيگەن ئەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. توقۇنۇش ئەۋجىگە چىققاندا، بازار باشقۇرغۇچىنىڭ چاپىنى سېلىۋىلىندى، شۇنداقلا ئۇنىڭ گېلىنى سىقىپ، جان يېرىنى مىجىۋەتتى.






بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەترەت باشلىقى قانۇنسىز قىلمىشلارنى توسىغاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، خۇبىي يىڭشەن بازار باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەترەت باشلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا كەينى تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ باش قىسمى قاتتىق يارىلاندى. نۆۋەتتە بۇ ئەترەت باشلىقىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ئېلان قىلىندى، قاتىلمۇ قولغا ئېلىندى.







كۆز ئىشارىسى بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ۋۇچاڭدىكى بازار باشقۇرغۇچىلار ئىجاد قىلغان «سۈكۈتتە تىزىلىپ تۇرۇش ئۇسۇلى» بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى تۇنجى قېتىم ئىجرا قىلىندى. ئۇلار مۇشۇنداق دۇكاننىڭ ئالدىدا ھەيۋەتلىك تىزىلىپ تۇرسا، يايمىچىلار ئۆزلىكىدىن يايمىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ كېتىپ قالىدىكەن.






خاڭجۇدا كېنىشكىسى يوق ئىتلارغا قاتتىق زەربە بېرىلدى: 2005-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، خاڭجۇ بازار باشقۇرغۇچىلىرى كېنىشكىسى يوق ئەرمەك ئىتلارنى قاتتىق تەكشۈردى. رەسىمدىكىسى، بازار باشقۇرغۇچىلار كىنىشكىسى يوق ئەرمەك ئىتتىن بىرنى تېپىۋالدى، ئىتنىڭ ئىگىسى ئىتىغا قىيالماي يىغلىماقتا.




بازار باشقۇرغۇچىلار ئۇششاق يايمىچى بوۋاينى ئۇرغانلىقتىن، ئەتراپنى نۇرغۇن كىشىلەر ئورىۋىلىشتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى كۆۋرۈك ئاستىدا يايما يايغان بوۋاينى بازار باشقۇرغۇچىلار ئۇرغانلىقى ئۈچۈن، نەچچە يۈزلىگەن ئامما ئۇلارنىڭ ماشىنىسىنى توسىۋىلىپ، ماشىنا ئىچىگە يوشۇرىنىۋالغان بازار باشقۇرغۇچىنىڭ ماشىنىدىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلدى.















..............



مەنبەسى:ۋاڭيى تور بىكىتى خەۋەر قانىلى

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 11:39:39

بىر توپ لۈكچەكلەر

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 12:28:25

خەنزۇ يولداشلارنىڭ گېپى بويىچە ئېيىقاندا «دىياۋيۈ ئارىلىنى تارتىۋېلىشقا بازار باشقۇرغۇچىلارنى ئەۋەتىش كېرەك، ئۇلار بىردەمدىلا ھەل قىلىدۇ»

huqush يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 12:33:04

ھازىر يۈك ماشنىلىرىنى توسۇپ جەرىمانە دەپ بۇلاپ خېلا ھاللىنىپ قاپتۇ ئۇ پىتلىقلار

Bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 12:33:18

نۇرغۇن ئادەم يايما ئېچىش، بىلەن تۇرمۇشىنى قامداۋاتىدۇ.

مۇنداق ھەجۋىي رەسىملەرمۇ نۇرغۇنكەن توردا


\"\"

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 16:20:35

ئۇلار توغرىسىدا گەپ قىلماي. قورساق كۆپىدۇ.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 16:52:33

ھاۋ ھاۋ ھاۋ

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 18:48:01

ئۆتكەندە قارىسام موزدوز قېرى سومكىسىغا يوغان قىڭراقتىن بىرنى سېلىۋاپتۇ ، نىمىگە سېلىۋالدىڭ ھازىر جاھان خېلى تېنچلىنىپ قالدىغۇ دىسەم مۇشۇ بازار باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئېيتىشىپ قالغاننىڭ گېپىنى قىلدى. ئەمەلىيەتتە بازار باشقۇرغۇچىلارنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇششاق تىجارەتچىلەرمۇ يول ئىگەللەپ، قانونسىز يايما ئىچىدىغان، تارازىدا كەم بېرىدىغان ئىشلار ئۇموميۈزلۈك...بۇنداق ئاندا ساندا جىدەل بىلەن چەكتىن ئاشقان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى تەبىئى. لېكىن بۇ يەردە خېلى تېنچ بۇنداق جىدەللەر تېزلا بىر تەرەپ بوپكېتىدۇ.

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 20:21:19

قەشقەردىكى يېڭى تەرەققىيات رايۇنلىرغا يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىنىشنى توسۇدىغانلىرى بەك نومۇسسىز

كىم ئۇلار بىلەن ئالاقىسى بولۇپ كۆپرەك پۇل بەرسە ئاشكارا مەخپىيەت ھالەتتە خاتىرجەم نەچچە قەۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى سالالايدۇ،ئەمما باشقىلار بولسا بىر توخۇ كاتىكىنىمۇ خاتىرجەم سالالمايدۇ،ھۆكۈمەتمۇ مۇشۇنداق كىشىلەرگە ۋەزىپە تاپشۇرۇپ خاتا قىلغانلىقىنى بىلمەي ئۆتەمدىغاندۇ دەيمەن؟

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 11:26:33

ئىمان، ئىنساپ يوق يەردە، بۇ ئىشلارغا ئامال يوق!

kaltapam يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 12:52:26

8- قەۋەتتىكى bardamنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قەشقەردىكى يېڭى تەرەققىيات رايۇنلىرغا يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىنىشنى توسۇدىغانلىرى بەك نومۇسسىز

كىم ئۇلار بىلەن ئالاقىسى بولۇپ كۆپرەك پۇل بەرسە ئاشكارا مەخپىيەت ھالەتتە خاتىرجەم نەچچە قەۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى سالالايدۇ،ئەمما باشقىلار بولسا بىر توخۇ كاتىكىنىمۇ خاتىرجەم سالالمايدۇ،ھۆكۈمەتمۇ مۇشۇنداق كىشىلەرگە ۋەزىپە تاپشۇرۇپ خاتا قىلغانلىقىنى بىلمەي ئۆتەمدىغاندۇ دەيمەن؟


راس دەيسىز،مىنىڭ ئۆيۈممۇ تەرەققىيات رايۇنى قىزىل سىزىق ئىچىگە كىرگەن ئاۋات يولى بۇيىدا ئىدى،بۇلاردىن قورقۇپ ھاجەتخانىمۇ سالالمايۋاتىمىز.

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 22:30:21

بەزى يول بويىغا يايما يېيىۋېلىپ ، يولنى ماڭغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويغانلارغا بەزىدە مۇشۇلار بولمىسىمۇ بولمايدۇ .
بەت: [1]
: جۇڭگۇدىكى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بازار باشقۇرغۇچى(چىڭگۈەن)لار