Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 01:16:37

(باچكا) 32 بىتلىق Win8 نى 64 بىتلىق Win8.1 گە كۆتىرىش

32 بىتلىق Win8 نى 64 بىتلىق Win8.1 گە كۆتىرىش


(ئىزدىنىش مۇنبىرى- باچكا)



«كاش.......!» قىلغان ئاۋاز بىلەن، كونا كومپيۇتېرىمنىڭ توك مەنبەسى كۆيۈپتۇ.  چۇۋۇپ، بىخەتەر سىمنى ئالماشتۇرۇپ توك چاتسام يەنە «كاش...!». يېڭى توك مەنبە ساندۇقى سېتىۋېلىشنى ئويلاشمىدىم. شۇنداق قىلىپ، كومپيۇتېرىمنى يېڭىلاش ئارزۇيۇمغا تېزلا يېتىپ، ئەسلىدىكى Windows8 ھەقىقىي نەشىر ئاچقۇچى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان يېڭى ساندۇق ئېكرانغا چېتىلدى.


دۇكاندا ئۇنىڭغا 64 بىتلىق كۆزنەك 7 نى قاچىلاتتىم، ئەسلى بۇ بىر توغرا تاللاش ئىكەنتۇق..



شۇنىڭ بىلەن ئىككى ۋەزىپە چۈشتى: بىرى، ئاچقۇچنى يېڭى كومپيۇتېرغا قايتا ئاكىتىپلاش؛ يەنە بىرى، 32 بىتلىق سىستېما بىلەن خوشلىشىپ، 64 بىتلىق Windows 8.1 ئىشلىتىش.



ئەسلى، بۇ ئىشنىڭ قەدەم باسقۇچى توغرا بولسا، ئاددىي ۋە تېزلا (ئىككى كۈندە) تۈگەيدىغان ئىشكەنتۇق، يەنى:


1- قەدەم. 64 بىتلىق Win 7 دە تۇرۇپ، خەت ساندۇقنى ئېچىپ، چۈشۈرۈشنى بېسىپ، كونا كومپيۇتېرغا ئىشلەتكەن ئاچقۇچ بىلەن، Win 8 نى چۈشۈرۈپ قاچىلاش، بۇنىڭدا ئاپتوماتىك ھالدا 64 بىتلىق Win 8 چۈشۈپ قاچىلىنىدۇ. ئەمما ئاچقۇچ يېڭى كومپيۇتېرغا ئاكىتىپلانمايدۇ. ئەگەر، ئەسلى قاچىلىغىنىڭىز Win8 نىڭ 64 بىتلىق نەشىرى بولسا، 3- قەدەمدىن باشلاڭ.


Windows 7 دە تۇرۇپ، مىكروسوفت ئورگان بېتىدىكى 8 ۋە 8.1 نى چۈشۈرىدىغان ئىككى ئۇلانمىدىن، بىۋاستە 8.1 نى بېسىپ، چۈشۈرۈش پروگراممىسىغا 8 نىڭ ئاچقۇچىنى كىرگۈزسەك تونۇمايدىكەن. باشقىلارنىڭ بېشىغا قانداق كەلدى بىلمىدىم.



2- قەدەم. سىستېما خاسلىقى كۆزنىكىدىن،  ئاكتىپلاش ئۇلانمىسىنى چېكىپ، مۇلازىمەتكە تېلېفۇن قىلىش. ئېكراندا تۇنجى نومۇر 800 دىن باشلانغان، ئۇنىڭغا ئۇرسىڭىز قۇرۇق نومۇر چىقىدۇ، سىز 800 نى 400 گە ئۆزگەرتىپ، كېيىنكى خانىسىنى ئۆز ئەينى بېسىپ، مۇلازىمەتكە ئۇلاپ، قاتتىق دېتال بۇزۇلغانلىق بىلەن ئاچقۇچنى قايتا ئاكىتىپلىماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئېيتىسىز. قارشى تەرەپ 9 خانىلىق نومۇرنى سورايدۇ، ئاندىن «قانچە كومپيۇتېرغا ئىشلىتىسىز؟» سۇئالىغا «بىرلا كومپيۇتېرغا ئىشلىتىمەن، بۇرۇنقىسىنى ئىشلەتمەيمەن» جاۋابىنى بېرىپ، قارشى تەرەپ سىزگە دەپ بېرىدىغان 9 خانە نومۇرنى خاتىرلەيسىز. ئۇنى ئاكتىپلاش كۆزنىكىگە كىرگۈزىسىز- دە، تامام، پۈتۈنلەي يېڭى قاتتىق دېتال بۇرۇنقى ئاچقۇچتا يېڭىدىن ئاكتىپلىنىدۇ. بۇ جەرياندا دىققەت قىلىدىغان ئىش: سىز خەنچىگە راۋان بولسىڭىز بولىدۇ؛ خاتىرە دەپتەرنى ئېچىپ، ئۇلار دەپ بېرىدىغان 9 گۇرۇپپا ساننى كۇنۇپكىدا ئۇرۇپ كىرگۈزۈڭ، قول تېز بولسا قەغەزگە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن مەن يەنىلا كۇنۇپكىدا خاتىرە دەپتەر ئەپىگە خاتىرلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.



3- قەدەم. win8  نى يېڭىلاش. ئەگەر تېخى يېڭىلانمىغان بولسا، ئەپ دۇكىندا Windows 8.1 گە يېڭىلاش ئۇچۇرى چىقمايدۇ!



4- قەدەم. ئەپ دۇكىنىنى ئېچىش. باش بەتتىلا، Windows 8.1  گە ھەقسىز يېڭىلاش بېتى كۆرۈنىدۇ. چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ. چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتوماتىك قايتا قوزغىلىشتىن بۇرۇن 10 نەچچە مىنۇت ۋاقىت بېرىپ، ساقلايدىغان نەرسە بار- يوقلىقىنى بىر تەرەپ قىلىشنى سورايدىكەن. قاچىلاش جەريانمۇ نەچچە سائەت ۋاقىتنى يەيدىكەن.  قاچىلاپ تۈگەيدىغان چاغدا، خەت ساندۇقىغا تىزىملىتىش باسقۇچى قانداق بولدىكىن، بىرەر سائەتكە يېقىن تىزىملاش ھالىتىدە تۇرۇپ ۋاقىت يىدى. «ھازىرقى ھېساۋات نامىنى ئىشلىتىش» كۇنۇپكىسى كۆرۈنگەندە بېسىپ داۋاملاشتۇردۇم. دەل ھازىر قاچىلاش تامام بولدى. Win+Pause كۇنۇپكىسى بىلەن، سىستېما خاسلىقىنى تەكشۈردۈم. «Windows 8.1 كەسپىي نۇسخىسى، 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمسى، x64 رامكىسىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ» ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ، جەزىملەش تامام بولدى، يەنى،  64 بىتلىق Windows 8.1 نى قاچىلاش تامام.



.....


لېكىن، بۇرۇن 32 بىتلىق Windows 7 دە تۇرۇپ چۈشۈرۈپ ياسىغان قاچىلاش دېسكىامغا ئارزۇغا ئاساسەنلا ئىشىنىپ كېتىش سەۋەبىدىن، يەنى، قاچىلاش دېسكىسىنىڭ 64 بىتلىق ئەمەسلىكىنى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن، يېڭى كومپيۇتېرغا، 64 بىتلىق Windows 7  تا تۇرۇپ قاچىلىغان Windows 8 سىستېمام 32 بىتلىق بولۇپ قالسا بولىدۇ.. «پەندىيات!...».  بۇنىڭ بىلەن، 64 بىتلىق Windows 8.1 گە ئېرىشىش مۇمكىن بولمىدى.



قولۇمدىكى64 بىتلىق Windwos7 قاچىلاش دېسكامدا كاشىلا باركەن، يەنى كومپيۇتېر قوزغاتقاندا، ئاۋال «FATAL ERROR....Press Any Key...» ئۇچۇرى چىقىدۇ، خالىغان كۇنۇپكا چەكسەم ئاندىن قوزغىلىدۇ، ئۇنىڭدا Windows 8 نى چۈشۈرۈپ بولغاندا، «خاتالىق كۆرۈلۈپ»، iso ياكى  usb ياساش مۇمكىن بولمىدى. ... ئەگەر،  32 بىتلىق ساق Windows7 قاچىلاش دېسكامنى ئىشلەتسەم، پىلان مەڭگۈ ئورۇنلانمايدۇ، يەنى، Windows 8.1 نىڭ 64 بىتلىقىغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيمەن.  بۇ جەرياندا ئىسراپ بولغان ۋاقىتنىڭ كۆپلۈكىنى دەيمۇ.. قىزىل بايراقتىن يەنە سېتىۋېلىپ كەلگەن ئىككى Windows7  دېسكىسىمۇ نورمال قاچىلانمىدى... توردىن چۈشۈرگەن ئىككى Windows 7 ISO نى بارماق دېسكىغا ئۇيۇپ (مەخسۇس قۇرالدا ياسىلىدۇ) قاچىلىساممۇ، قاچىلاش داۋاملاشمىدى.. ئىسراپ كېچىلەر...


ئاخىر، شۇ نورمال قاچىلانمىغان سىستېما بار بارماق دېسكدىكى Ghost پروگراممىسى بىلەن Windows7.gho نى يەشكەندىن كېيىن، كومپيۇتېر قوزغالغاندا «FATAL ERROR..» چىقمىدى. ئۇف.. ئاخىر ئىشلار يۈرۈشۈپ، «64 بىتلىق Win7 دە تۇرۇپ 64 بىتلىق Win8 نى قاچىلاش، يېڭىلاش، 64 بىتلىق Win8 دە تۇرۇپ 64 بىتلىق Win8.1 نى قاچىلاش» ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى.



.....


64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن، 32 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرسەك، مەسىلەن، سىز 4 گېگا بايىتتىن چوڭ سىغىمدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلەتكەن بولسىڭىز، 32 بىتلىق سىستېمىدا، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ 4GB دىن ئاشقان قىسىمى تامغا سىزىلغان ئىشكاپقا ئوخشاش ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ، ئەگەر قاتتىق دېتال 64 خانىلىق بولسىلا، چوقۇم 64 خانىلىق سىستېما قاچىلاپ ئىشلىتىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن، مەيلى سىزنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىڭىز 2GB بولغان تەقدىردىمۇ.. چۈنكى، 64 بىتلىقنىڭ ئارتۇقچىلىقى يالغۇز ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىش بىلەنلا تۈگەپ قالمايدۇ.. غول يولدا 32 رەت ماڭغانغا قارىغاندا، 64 رەت ماڭسا، كومپيۇتېرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى بىر ھەسسسىگە يېقىن ئاشقان بولىدۇ..


ئىزدىنىش مۇنبىرى- باچكا.

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 03:11:57

مەن Win8 نى سېتىۋالغاندا ئەسلىدىكى سېستىمام خەنچە بولغانلىقى ئۈچۈن 8 نىڭمۇ خەنچە نەشىرى چۈشۈرۈلۈپتۇ (چۈشۈرگەندە تىل تاللىغىنى بولسا مەن كۆرمەي قالدىممۇ يا). ئەگەر ئىنگىلىزچە 32 لىك 8 سېستىمىسى بولسا قايتا قاچىلاپ ۋە ئاكتىپلاپ، ئاندىن 8.1 گە يېڭىلىۋالاي دەپ ئويلىغان (سېستىمىنىغۇ ئۇيغۇرچىگە تەڭشەپ ئىشلىتىمەن، ئەمما ئانچە - مۇنچە چاسا خەتلەر چىقىۋېلىپ كىشىنى بىئارام قىلىپ قويىدىكەن). 8 نىڭ ئىنگىلىزچە نەشىرىنى تەمىنلىيەلەسىزمۇ؟

piqakqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 08:15:24

مەن تېخى قاچىلمىدىم 8 نى..





ھە ئاۋۇ بىر تېما بولىدغان ، باللانىڭ ئۇيغۇرچە ساۋادنى چىقىرىش توغۇرلۇق ، تاپالمايۋاتىمەن ئەمدى ....

kariz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 09:05:59

ھە، باچكا تەجىرىبىلىرىڭنى سۆزلەپ تۇر. 2008-يىلى گوستلاپ بەرگەن win XPنى ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېىۋاتىمەن. بىر بۇيرۇق بىلەن ماڭا كېرەكلىك بولغان بارلىق دېتاللار رېتى بىلەن 15مىنۇتتا قاچىلىنىدۇ. ۋاقىت ئىسراپچىلىقى يوق... Win8 گە كۆچىدىغان چاغدا ساڭا مۇراجەت قىلىمەن.

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 10:47:13

@baqka قاتتىق دىتال 64خانىلىق بولسا دىگەن

گەپتىكى قاتتىق دىتال نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ قاتتىق دېسكىنىمۇ؟ ئىچكى ساقلىغۇچ؟

64خانىلىق دىگەنچۇ قەيەردىن پەرقلەندۈرىمىز

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 10:54:54

مەن پات ئارىدا دۇچ كېلىدىغان ئىشلار، ساقلاپ قويۇپ تۇراي \"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 11:34:52

كۆك كەپتەر ئىنىمنىڭ يارىدىمىدە كۆزنەك8دىن 3 يۈرۈش  سېتىۋىلىپ، 32 ۋە 64لىكلىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچلىرىنى توردىن  چۈشۈرۈپ نۇرتەخسىگە ئويىۋالغان ئىدىم، سەپلىمىسى تۆۋەنرەك كومپيۇتېرغا قاچىلاش ئۈچۈن 64لىكنى ئويغان دىسكانى سالسام، كومپيۇتېرىمغا 64لىكنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىق ئۇچۇرى چىقتى، 32لىكنى سالسام نورمال قاچىلىدى، ھەپتىدىن كېيىن سۆرىيەلمەي ئىنجىقلىغىلى تۇردى. يېڭىدىن خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋىلىشقا توغرا كەلدى، ئۇنىڭغا ئاۋۇ كومپيۇتېر سۆرىيەلمىگەن سېستىمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ئىستىكىدە، ئالدى بىلەن يېڭى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى كونا ئۇسۇلۇم بويىچە رايۇنلارغا ئايرىدىم، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆزنەك8نىڭ 32لىكىنى قاچىلاشنى ياكى  64لىكىنى قاچىلاشنى بىكىتەلمەي، تەۋەككۇل قىلىپ، 64لىكى ئويالغان نۇردىسكىنى پۈتۈنلەي ئاق ھالەتتىكى كومپيۇتېرنىڭ نۇردىسكا قوزغاتقۇچىسىغا سېلىپ قاچىلاشقا باشلىدىم،  ئاچقۇچ  كۆزنىكىگە كونا كومپيۇتېرغا قاچىلىغاندىكى پىچىرلارنى كىرگۈزسەم نورمال قاچىلاپ كەتتى، تولۇق قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئاكىتىپلاشتا توردارشلارنىڭ  http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=55027 دىكى يارىدىمى بىلەن تېلېفۇن ئارقىلىق ئاكىتىپلىۋالدىم، تىل جەھەتتە بىرئاز قىيىنچىلىق تارتتىم،  قايسى سانلارنى سورىغانلىقىنى باشتا بىلەلمىدىم، تېلېفۇننى ئالغان يولداش خىلى سەۋىرچانكەن،  ئونىڭ سورىغان سىپىرلىرىنى تېپىپ بىر-بىرلەپ دەپ بەردىم، كېيىن ئۇ يولداش بىرگۇرۇپا سانلارنى دەپ بەردى، ئارىلىقتا بىر كاتەكتىكى ساندا خاتالىق كۆرۈلىۋىدى، مەلۇم قىلسام شۇ كاتەكتىكى رەقەملەرنى قايتا دەپ بەردى، تولۇق كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى(رەھمىتىمنى ئېيتىپ تېلېفۇننى قويىۋەتتىم)، ئەمما ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بۇيرىقىنى بەرسەم، ئىجرا بولمىدى، بۇرۇن چۈشۈرىۋالغان تىل يامىقىنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋالدىم. ئۇيغۇرچىغا شۇنداق كۆنۈپلا كەتتىم، ئوففىس 2010نىڭ بۇيرۇق ئىقتىدارلىرىنى تاپالماي، كوچانىڭ سوپىنى ياخشى دېگەندەك، ئوففىس 2003نىمۇ قاچىلاپ، ئۇيغۇرچە  كىرگۈزگۈچكە ئۇيغۇرچىنى ئەرەپچىنىڭ قولتىقىغا كىرگۈزۈپ ئىشلىتىۋاتىمەن، مۇشۇ ئىزدىنىشقا ئىنكاس يازغاندا نۇر بەلگىنىڭ پات-پات ئۇيەر-بۇيەرگە چاچراپ كېتىپ، باشقا يەرلەردىكى سۆزلەرنى بۇزىۋىتىدىغان خۇيىنى ھېساپقا ئالمىغاندا بۇ كۆزنەك 8نىڭ ئۇيغۇرچىسىدا ھىچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىدى.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 19:01:58

مېنىڭ كومپىيۇتېرىم 64 بىتلىق ئىدى، سەپلىمىسى خېلىلا يۇقىرى ، ۋىندوۋس8 نىڭ كەسپى نۇسخىسىنى 248 يۈەنگە سېتىۋېلىپ ، قاچىلىغاندا 32 بىتلىق نۇسخسىنى قاچىلاپ ئاكتىپلىۋالغان .

2 كۈن ئاۋال ۋىندوۋس  ئەپ دۇكىنىدىن يېڭىلاپ Windows 8.1 گە يېڭىلىۋالغان ، ئەسلىدىكى سېستىما ئاكتىپلانغان ھالەتتە بولغاچ ، يېڭىلانغان 8.1 سوراپمۇ يۈرمەيلا ئاكتىپلانغان ھالەتتە قاچىلىنىپتۇ .



64 بىتلىك سېستىما ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزنى كۆرۈپ ، مېنىڭمۇ 64 بىتكە ئۆزگەرتكۈم كېلىۋاتىدۇ ،  مۇشۇ 32 لىك 8.1 دە تۇرۇپ 64 لىك 8.1 گە يېڭىلاشنىڭ ئامالى بارمۇ ؟ ، يازمىڭىزنى ئوقىسامغۇ يوقتەك قىلامدۇ نىمە،  64 بىتكە ئۆزگەرتمەكچى بولسام قانداق قىلسام بولىدۇ ؟



ماۋۇ 8.1 دىن 8 گە يېنىۋالماقچى بولساق يانغىلى بولامدۇ ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 19:58:14

4- قەۋەتتىكى jahanzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@baqka قاتتىق دىتال 64خانىلىق بولسا دىگەن

گەپتىكى قاتتىق دىتال نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ قاتتىق دېسكىنىمۇ؟ ئىچكى ساقلىغۇچ؟

64خانىلىق دىگەنچۇ قەيەردىن پەرقلەندۈرىمىز

مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ خانە كەڭلىكى، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچتىكى ۋاقىتلىق ساقلىغۇچنىڭ ھەر بىر قېتىمدا ساقلىيالايدىغان ۋە بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. ( بۇ يەردىكى بىر قېتىم بولسا CPU نىڭ ھەر بىر تەۋرىنىش قېتىمى.)


1980- يىل ئەتىراپىدا، شەخىسلەر كومپيۇتېرى 16 خانىلىق (بىت) تىن 32 خانىلىققا كۆتىرىلگەن، 2001- يىلى Intel 64 خانىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى چىقارغان، AMD  بولسا ئىككى يىل كېيىن چىقارغان. (بۇنىڭدىن كومپيۇتېرچىلارنىڭ نېمىشقا Intel CPU تاللايدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.)



64 خانىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ ئادرىس ئىزدەش ئىقتىدارىغا ئىگە. 64 خانىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۈچۈن، ئوخشاشلا 64 خانىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى لازىم بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 64 خانىلىق سۇپا ئۈستىدە، 64 خانىلىق ئەپلەرنى ئىشلىتىش، ئىچكى ساقلىغۇچ يېتەرلىك چوڭ بولغان ئەھۋالدا، خىزمەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يوقىرى كۆتىرىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچقا بولغان تەلىپىمۇ يوقىرىلايدۇ.


64 خانىلىق مۇلازىمېتىر قاتتىق دېتالى ھازىرچە 512 گېگا ئىچكى ساقىلىغۇچ قوللايدۇ دەپتۇ. نەزەرىيە جەھەتتە، 64 خانىلىق سىستېما 16 ئېكىسا بايىتلىق ئىچكى ساقلىغۇچ قوللىيالايدىكەن.


مىكروسوفت Win8 دە 32 بىت ۋە 64 بىتلىق نەشىرىنى چىقارغان. ئېيتىلىشچە، Windows 9 نى چىقارغاندا، پەقەت 64 ۋە 128 بىتلىق نەشىرىنى چىقىرارمىش.


Intel ۋە AMD ئىشلەپچىقىرىۋاتقان مۇلازىمېتىر ۋە شەخىسلەر كومپيۇتېرى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن باشقا، ھازىر كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئاساسلىق ئىشلىتىلىۋاتقان  تۈۋەن قۇۋۋەتلىك ARM بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭمۇ 64 بىتلىقى ئىشلىتىلگەن ئەقىللىق تېلېفۇن قاتارلىق مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىنىپ بولدى. مەسىلەن، iPhone5s.


PC بىر تەرەپ قىلغۇچلىرى بىلەن ARM بىر تەرەپ قىلغۇچلىرى، كۆپ ۋەزىپە بىجىرىش، يۈك كۆتىرىشچانلىق جەھەتتە چوڭ پەرققە ئىگە. لېكىن ئۇلار 64 خانىلىق بولسىلا، بىرلىك ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئۇچۇر مىقدارى 32 خانىلىقنىڭكىدىن بىر ھەسسە يوقىرى بولىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 20:09:12

3- قەۋەتتىكى karizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھە، باچكا تەجىرىبىلىرىڭنى سۆزلەپ تۇر. 2008-يىلى گوستلاپ بەرگەن win XPنى ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېىۋاتىمەن. بىر بۇيرۇق بىلەن ماڭا كېرەكلىك بولغان بارلىق دېتاللار رېتى بىلەن 15مىنۇتتا قاچىلىنىدۇ. ۋاقىت ئىسراپچىلىقى يوق... Win8 گە كۆچىدىغان چاغدا ساڭا مۇراجەت قىلىمەن.

چاتاق يوق، سىزگە بىر قوللۇق مۇلازىمەت قىلىمەنغۇ..

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 20:56:30

ئىككى ئاي ئىلگىرى،بۇرۇن بار بولغان بىر كومپىيوتىرىمنىڭ ئىككى ج ب لىق ئىچكى ساقلىغۇچىنى 8ج ب غا كۆتۆرۆپ ،64 لىق سېستىما قاچىلىغان،يەنە 64لىق ئۈچ ئۆلچەملىك يومشاق دىتالدا،ئۇخشاش بىر سىناق ھۈجىتىنى ھاسىللىدىم.32لىكتە 4مىنوت 10سىكوتتا ھاسىلانغان رەسىم،64 لىكتە 2مىنۇت 50سىكوتقا ھاسىلىدى.يەنە 64لىك سېستىما CPU خىزمەت ئۈنۈمىنى تەخمىنەن 30% ئاشۇرالىدى.(رەسىم ھاسىللاشتا CPU ئادەتتە 100% تۇلۇق ئىشلەيدۇ)،2008-يىلى چىققان بۇ CPU ئەسلى يىتەرلىك ئىچكى ساقلىغۇچ بولسا ئىككىنچى ئەۋلات i5 بىلەن تەڭلىشەيدىكەن .نەچچە يىل بۇ كومپىيوتىرنى 32 لىك سېستىمىدا ئىشلەتكىنىمگە ئەپسۇسلىنىپ كەتتىم.ئەمەلىيەتتە ،ئۈچ ئۆلچەم يومشاق دىتال ساھەسىدە (Autodesk)،ئالاھىدە ئۈنۈم كىرىشتۈرۈش دىتاللىرى،كىرشتۈرۈش دىتاللىرى ساھەلىرىدە ئاساسەن 32 لىك نۇسخىسىنى ئىشلەشتىن توختىدى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 22:00:44

7- قەۋەتتىكى mohsinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



64 بىتلىك سېستىما ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزنى كۆرۈپ ، مېنىڭمۇ 64 بىتكە ئۆزگەرتكۈم كېلىۋاتىدۇ ، مۇشۇ 32 لىك 8.1 دە تۇرۇپ 64 لىك 8.1 گە يېڭىلاشنىڭ ئامالى بارمۇ ؟ ، يازمىڭىزنى ئوقىسامغۇ يوقتەك قىلامدۇ نىمە، 64 بىتكە ئۆزگەرتمەكچى بولسام قانداق قىلسام بولىدۇ ؟



ماۋۇ 8.1 دىن 8 گە يېنىۋالماقچى بولساق يانغىلى بولامدۇ ؟

1. دوستلار ئاساسەن توردىن سېتىۋېلىپ، توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغان، بۇ تۈردىكىلەرگە 32 بىتلىق Win8 دە تۇرۇپ 64 بىت قاچىلاش مەنچە مۇمكىن ئەمەس. پەقەت DVD دېسكىسىنى قوشۇپ سېتىۋالالىغانلارلا 32 ۋە 64 نى تاللاپ تۇرۇپ قاچىلىيالايدىغان ئوخشايدۇ.


2. بۇنى مەن سىناپ باقمىدىم، توردىمۇ تۈزۈك ماتېرىيال يوقكەن. بەلكىم 8 نى ئۈچۈرۈپ 7 گە قايتىدىغان ماقالىلەرنىڭ ياردىمى تىگەر..

gullug يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 22:51:27

باچكا مەن سىزدىن بىر سوئال سورىغان بولسام:  ئەستايىدىل جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز: سىز باچكا يەپ باققانمۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 21:10:30

12- قەۋەتتىكى gullugنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باچكا مەن سىزدىن بىر سوئال سورىغان بولسام: ئەستايىدىل جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز: سىز باچكا يەپ باققانمۇ؟

باچكا يەپ باقمىغان، كەپتەر شورپىسى ئىچىپ باققان. تارماق سۇئاللىرىڭىز بارمۇ؟ :)

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 09:34:02

8- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى jahanzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@baqka قاتتىق دىتال 64خانىلىق بولسا دىگەن

گەپتىكى قاتتىق دىتال نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ قاتتىق دېسكىنىمۇ؟ ئىچكى ساقلىغۇچ؟

64خانىلىق دىگەنچۇ قەيەردىن پەرقلەندۈرىمىز

مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ خانە كەڭلىكى، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچتىكى ۋاقىتلىق ساقلىغۇچنىڭ ھەر بىر قېتىمدا ساقلىيالايدىغان ۋە بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. ( بۇ يەردىكى بىر قېتىم بولسا CPU نىڭ ھەر بىر تەۋرىنىش قېتىمى.)


1980- يىل ئەتىراپىدا، شەخىسلەر كومپيۇتېرى 16 خانىلىق (بىت) تىن 32 خانىلىققا كۆتىرىلگەن، 2001- يىلى Intel 64 خانىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى چىقارغان، AMD  بولسا ئىككى يىل كېيىن چىقارغان. (بۇنىڭدىن كومپيۇتېرچىلارنىڭ نېمىشقا Intel CPU تاللايدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.)



64 خانىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ ئادرىس ئىزدەش ئىقتىدارىغا ئىگە. 64 خانىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۈچۈن، ئوخشاشلا 64 خانىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى لازىم بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 64 خانىلىق سۇپا ئۈستىدە، 64 خانىلىق ئەپلەرنى ئىشلىتىش، ئىچكى ساقلىغۇچ يېتەرلىك چوڭ بولغان ئەھۋالدا، خىزمەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يوقىرى كۆتىرىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچقا بولغان تەلىپىمۇ يوقىرىلايدۇ.


64 خانىلىق مۇلازىمېتىر قاتتىق دېتالى ھازىرچە 512 گېگا ئىچكى ساقىلىغۇچ قوللايدۇ دەپتۇ. نەزەرىيە جەھەتتە، 64 خانىلىق سىستېما 16 ئېكىسا بايىتلىق ئىچكى ساقلىغۇچ قوللىيالايدىكەن.


مىكروسوفت Win8 دە 32 بىت ۋە 64 بىتلىق نەشىرىنى چىقارغان. ئېيتىلىشچە، Windows 9 نى چىقارغاندا، پەقەت 64 ۋە 128 بىتلىق نەشىرىنى چىقىرارمىش.


Intel ۋە AMD ئىشلەپچىقىرىۋاتقان مۇلازىمېتىر ۋە شەخىسلەر كومپيۇتېرى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن باشقا، ھازىر كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئاساسلىق ئىشلىتىلىۋاتقان  تۈۋەن قۇۋۋەتلىك ARM بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭمۇ 64 بىتلىقى ئىشلىتىلگەن ئەقىللىق تېلېفۇن قاتارلىق مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىنىپ بولدى. مەسىلەن، iPhone5s.


PC بىر تەرەپ قىلغۇچلىرى بىلەن ARM بىر تەرەپ قىلغۇچلىرى، كۆپ ۋەزىپە بىجىرىش، يۈك كۆتىرىشچانلىق جەھەتتە چوڭ پەرققە ئىگە. لېكىن ئۇلار 64 خانىلىق بولسىلا، بىرلىك ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئۇچۇر مىقدارى 32 خانىلىقنىڭكىدىن بىر ھەسسە يوقىرى بولىدۇ.


رەھمەت باچكا ئاكا ، شۇنداق تەپسىلىي يېزىپسىز  ،  بەك مەمنۇن بولدۇم     نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنۋالدىم




yulhun يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 13:06:53

7- قەۋەتتىكى mohsinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ كومپىيۇتېرىم 64 بىتلىق ئىدى، سەپلىمىسى خېلىلا يۇقىرى ، ۋىندوۋس8 نىڭ كەسپى نۇسخىسىنى 248 يۈەنگە سېتىۋېلىپ ، قاچىلىغاندا 32 بىتلىق نۇسخسىنى قاچىلاپ ئاكتىپلىۋالغان .

2 كۈن ئاۋال ۋىندوۋس ئەپ دۇكىنىدىن يېڭىلاپ Windows 8.1 گە يېڭىلىۋالغان ، ئەسلىدىكى سېستىما ئاكتىپلانغان ھالەتتە بولغاچ ، يېڭىلانغان 8.1 سوراپمۇ يۈرمەيلا ئاكتىپلانغان ھالەتتە قاچىلىنىپتۇ .



64 بىتلىك سېستىما ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزنى كۆرۈپ ، مېنىڭمۇ 64 بىتكە ئۆزگەرتكۈم كېلىۋاتىدۇ ، مۇشۇ 32 لىك 8.1 دە تۇرۇپ 64 لىك 8.1 گە يېڭىلاشنىڭ ئامالى بارمۇ ؟ ، يازمىڭىزنى ئوقىسامغۇ يوقتەك قىلامدۇ نىمە، 64 بىتكە ئۆزگەرتمەكچى بولسام قانداق قىلسام بولىدۇ ؟



ماۋۇ 8.1 دىن 8 گە يېنىۋالماقچى بولساق يانغىلى بولامدۇ ؟

مانداق قىلىڭ.ئاۋال مانى چۇشۇرۇڭ  http://dx2.xiazaiba.com/Soft/W/Win8USB_1.0.23.12_XiaZaiBa.zip


ئاندىن 32 بىتلىك ياكى 64 بىتلىك 8.1 چۇشۇرۇڭ.ئورنى


32 بىتلىك  http://pan.baidu.com/s/1qtv07


64 بىتلىك http://pan.baidu.com/s/1h5RDH


چۇشۇرۇپ  بولغاندىن كىيىن ئاۋۇ win8 usb دىگەن دىتالنى ئىچىڭ.


\"\"


بارماق دىسكىنى سالسىڭىز تۇنۇيدۇ.ئاندىن search iso نى بىسىپ چۇشۇرۇگەن 32 ياكى 64 بىتلىك 8.1 كورسۇتۇپ بىرىىڭ،ئاندىن بارماق دىسكىدىكى مۇھىم ھوججەتلەرنى  باشقا يەرگە زاپاسلاپ createدىگەن كۇنۇپكىنى بىسىڭ.


شۇنىڭ بىلەن بىردەمدىن كىيىن بارماق دىسكىدا قوزغۇلىدىغان سىستىما پۇتىدۇ.(ئارلىقتا قىتىپ قالغاندەك ئەھۋال كورۇلىدۇ نورمال ئەھۋال.) شۇنىڭ بىلەن سىستىما قاچىلاشنى باشلايمىز.


كومپىيوتورنى قايتا قوزغۇتۇپ f8بىسىپ تۇرساق (ھازىر كوپ ئاساسى تاختا f8دە قوزغۇلۇشنى تاللىغىلى بۇلىدۇ)


چىققان كوزنەكتىن بارماق دىسىكىنى تاللايمىز.شۇنىڭ بىلەن قاچىلاشنى باشلىدى.


\"\"


رەسىمدەك ئاستىدىكىنى تاللاپ،ئاندىن


\"\"


رەسىمدەك چىققاندا 8.1 نى قاچىلايدىغان ئورۇننى كورسۇتۇپ بىرىڭ.ئادەتتە ئەڭ ئۇستىدىكى دىسكا بەلگىسى شۇ.ئاندىن يۇقىرى دىگەننى تاللاپ (ئاستىدىكى 高级)ئۇنىڭ ئىچىدىن بۇرۇنقى سىستىمىنى فورماتلاڭ.格式化دەپ بار شۇنى تاللاپ فورماتلاپ ئاندىن كىيىنكى قەدەمنى تاللىسڭىز بۇلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن يىڭى بولغان 8.1 نى قاچىلاش تۇگەيدۇ.


ھەم بارماق دىسكىغا بىر سىستىمىنى قاچىلۋالىسىز.4gلىق بارماق دىسكا بولسا بۇلىدۇ.












ئەگەر كومپىيوتورنىڭ قاتتىق دىسكىسىدا باشقا رايۇندا مۇھىم ھوججەت بولمىسا ،يۇيىۋەتسىمۇ بۇلىدىغان بولسا ياكى dvdياكى بارماق دىسكىغا كۇچۇرۇپ قۇيۇپ قاتتىق دىسكىنىڭ خارەكتىرىنى gptقىلىپ تاللىسىڭىز كومپىيوتورنىڭ قوزغۇلۇش ۋە سىستىما قوللاش ۋە بىخەتەرلىكى يۇقىرى بۇلىدۇ،ئەلۋەتتە بۇنىڭغا چۇقۇم ئاساسى تاختا efiنى ياكى uefiنى قوللايدىغان بۇلىشى كىرەك.شۇنىڭدا قاتتىق دىسكىنى ھازىرقى mbrدىن بىراقلا gptغا ئۆزگىرەيدۇ.


بارماق دىسكىدا قوزغۇلىدىغان قىلىپ تاللاپ بۇلۇپ،بارماق دىسكىغا ماۋۇ ھوججەتلەرنى كوچۇرۇپ قۇيۇڭ،


http://pan.baidu.com/s/124B2W


1 ھوججەتدان  ۋە 2 ھوججەت كۇچۇرۇلىدۇ. غول مۇندەرجىگە.


ئاندىن winpeبار ئوپتىك دىسكا بولسا ئۇنىڭ ئىچىدە DiskGenius专业版 بولسا شۇنى ئىچىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن  رەسىمدەك تاللاپ gptغا ئايلاندۇرۇڭ


\"\"


رەسىمدىكىسىدە ئايلاندۇرۇپ بولغاچقا تاللاش بەلگىسى يانمىغان. بۇنى تاللاپ ساقلاپ ئايلاندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن كوك ئىكران بۇلىدۇ،قايتا قوزغۇتۇپ del نى بىسىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن قوزغۇلۇش تەرتىپىدە uefiدەپ بولسا شۇنى تاللاپ،ئاندىن ساقلاپ قوزغۇتۇپ بارماق دىسكا بىلەن سىستىما قاچىلسىڭىز بۇلىدۇ قالغان يىرى ئوخشاش.


mohsin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 01:00:12

ئەگەر كومپىيوتورنىڭ قاتتىق دىسكىسىدا باشقا رايۇندا مۇھىم ھوججەت بولمىسا ،يۇيىۋەتسىمۇ بۇلىدىغان بولسا ياكى dvdياكى بارماق دىسكىغا كۇچۇرۇپ قۇيۇپ قاتتىق دىسكىنىڭ خارەكتىرىنى gptقىلىپ تاللىسىڭىز كومپىيوتورنىڭ قوزغۇلۇش ۋە سىستىما قوللاش ۋە بىخەتەرلىكى يۇقىرى بۇلىدۇ،ئەلۋەتتە بۇنىڭغا چۇقۇم ئاساسى تاختا efiنى ياكى uefiنى قوللايدىغان بۇلىشى كىرەك.شۇنىڭدا قاتتىق دىسكىنى ھازىرقى mbrدىن بىراقلا gptغا ئۆزگىرەيدۇ.


................................................



بۇنداق ئۆزگەرتكەننىڭ نىمە پايدىسى با ؟

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 18:29:54

win8.1نىڭ ئۇيغۇرتىل بولىقى ئىلان قىلىنمىدىمۇ؟

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 20:25:55

16- قەۋەتتىكى mohsinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر كومپىيوتورنىڭ قاتتىق دىسكىسىدا باشقا رايۇندا مۇھىم ھوججەت بولمىسا ،يۇيىۋەتسىمۇ بۇلىدىغان بولسا ياكى dvdياكى بارماق دىسكىغا كۇچۇرۇپ قۇيۇپ قاتتىق دىسكىنىڭ خارەكتىرىنى gptقىلىپ تاللىسىڭىز كومپىيوتورنىڭ قوزغۇلۇش ۋە سىستىما قوللاش ۋە بىخەتەرلىكى يۇقىرى بۇلىدۇ،ئەلۋەتتە بۇنىڭغا چۇقۇم ئاساسى تاختا efiنى ياكى uefiنى قوللايدىغان بۇلىشى كىرەك.شۇنىڭدا قاتتىق دىسكىنى ھازىرقى mbrدىن بىراقلا gptغا ئۆزگىرەيدۇ.


................................................



بۇنداق ئۆزگەرتكەننىڭ نىمە پايدىسى با ؟



كومپىيوتورنىڭ قوزغۇلۇش سۇرئىتى تىز بۇلىدۇ،ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئاشىدۇ،يۇيۇلغان ھوججەتلەرنى قايتۇرۇش ئاسان بۇلىدۇ،كوپ سىستىما قاچىلغىلى بۇلىدۇ، ئاسان rawبۇلۇپ قالمايدۇ ياكى فورماتلا دىسكا رايۇننى ئاچالمىدىم دىمەيدۇ.
بەت: [1]
: (باچكا) 32 بىتلىق Win8 نى 64 بىتلىق Win8.1 گە كۆتىرىش