atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 20:33:07

windows8.1نى قاچىلاپ باقتىڭلارمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر windows8.1 ئېلان قىلىنىپتۇ.ئەينى ۋاقىتتا مەن windows8نىڭ ھالال نەشىرىدىن تۆتنى سېتىۋالغان.يەنە ئۈچى تېخىچە زاپاس تۇرۇپتۇ.يېڭى نۇسخىسى چىققاندىن كېيىن شۇنى قاچىلاپ كۆرۈپ باقاي دەپ مايكروسوفىتنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدىن چۈشۈرەي دېسەم يەنە شۇ چۈشۈرۈش پىروگىراممىسى بىلەن چۈشۈرىدىغان ئىشكەن.چۈشۈرۈش پىروگىراممىسىنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلسام مەھسۇلات ئاچقۇچىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سېستىمامغا ئىشلەتكەن ئاچقۇچنى كىرگۈزسەم ئىناۋەتسىز دېدى.ئىشلىتىپ بولغىنى بولمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ پىچەتنى بۇزمىغان ئاچقۇچلارنى كىرگۈزسەممۇ يەنە ئىناۋەتسىز دەيدۇ.كۇنۇپكا تاختامدا مەسلە بولسا كېرەك دەپ ئۆزى تەمىنلىگەن مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسىدا كىرگۈزسەممۇ يەنە ئوخشاش.


قايسىڭلار يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقتىڭلار؟تەسىراتىڭلارنى سۆزلىگەچ مېنىڭ مەسىلەمنى ھەل قىلىشىپ بەرسەڭلار قانداق؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 22:07:16

8.1 نىڭ چۈشۈرۈش پىروگراممىسىغا 8 نىڭ ئاچقۇچىنى كىرگۈزۈپ نېمە قىلاتتىڭىز دەيمەن بۇرادەر، تونۇمايدىكەن. شۇڭا، 7 دە تۇرۇپ بىراقلا 8.1 نى قاچىلىۋېلىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىڭ (ئەگەر ئەھۋال شۇنداق بولسا)..


8 دە تۇرۇپ، ئاۋال 8 نى يېڭىلاپ، ئاندىن دۇكانغا كىرسىڭىز، 8.1 گە يېڭىلاش دەپ يوغان چىقىدۇ، شۇ يەردىن يېڭىلاڭ.

adip يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 22:21:53

باچكا تەپسىيلىرەك دەڭچۇ ؟ مەنمۇ مۇشۇ بانىدا يېڭىلىۋالاي  {:107:}

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 22:54:56

ماڭا 8.1 نەشىرىنى يېڭىلىۋىلىش ھەققىدە چۈشۈرۈش ئادىرىسى بىلەن ئېلخەت كەپتىكەن، ئادىرس بويىچە چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقتىم، ئەسلىدىكى8.0 - نەشىرى كومپيۇتېرمدا ئۇيغۇرچىلىشىپ بولغان ئىدى، 8.1 گە يېڭىلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇرۇشنىڭ يامىقى چۈشكىلى ئۇنىمىدى، 8.0 نەشىرىنىڭ يامىقىنى قاچىلىسام تېخى ئۇنىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى باشقا ئىلغارراق كومپيۇتېرغا يۆتكەپ باشقىدىن قاچىلاپ، دوستلارنىڭ تەلىمى بويىچە تېلېاۇن بىلەن ئاكىتىپلاپ، ئەسلىدىكى نەشىرى 8.0 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 23:33:34

http://www.qutyar.net/mb/thread-7581-1-1.html

مەن مانا مۇنداق قاچىلىدىم. 8 نىڭ ئاچقۇچى 8.1 گىمۇ نورمال ئىشلەيدكەن. كۆرۈپ بېقىڭ.

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 23:39:32

بىۋاستە دۇكاندىن چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم

دۇكانغا كىرۋىدىملا 8.1 بىرگە كۈتۈرۋېلىڭ ئشلىرىڭىزنى قىلغاچ كۆتۈرسىز دەخلى قىلمايمىز دېۋىدى

چۈشۈرۈشنى بېسىپ قويۇپ مۇسابىقەمنى كۆرۈۋېرىپتىمەن. بىر مەيدان مۇسابىقە تۈگىگىچە چۈشۈپ 8.1گە تەڭشەيدىكەن

مەن تېخى ئوففىس، فوتوشوپلارنى قايتا قاچىلايدىغان بولدۇمدە دەپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قايتا قوزغىتىشنى بېسۋېتىدىم نەچچە قوزغىلىپ 15مېنۇتتەك تەڭشەشتىن كىيىن ئېچىلدى قارىسام دىتاللىرىم، غ دېسكىدىكى ھۆججەتلىرىم ئۆزپىتى شۇ خەنزۇچە بولۇپ قالدى، باشلاش كونۇپكىسى قايتىپ كەپتۇ رەڭلىرى تېخىمۇ چىرايلىق بوپ كىتىپتۇ

يامان يېرى سكاي جېرايىۋ بىلەن كىردىغان بولۇپ قالدى مىكروسوفىت ھېسابات نۇمۇرى بىلەن كىردىغان ئىشكەن، كۆپ ئادەم ئىشلىتىدىغان ئائىلە كوملىرىغا سەل ئەپسىزكەن (مۇۋاپىق ئۇسۇللار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار)

ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تېخى ئېلان قىلىنماپتۇ

ئالىم مۇئەللىممۇ كۈندە يېڭىلانمىلارنى يېڭىلاپ تىل بولىقىنى ساقلاۋېتىپتۇ بىلوگىدا دىيىشىچە

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 02:31:26

windows media center دىگەن گۇينى قۇشاپ سالغانلار دات پەندىيات دەيدىغان ئىشمۇ نىمە ؟!

ئەسلىدىكى ئاچقۇچ نۇمۇرى windows media center نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىغا ئۆزگىرىپ قالسا، قانداق قىلساق بۇلار ؟!



تەجرىبىسى بار قېرىنداشلار بىر جاۋاپ بېرىڭلار ماۋۇ تىمىغا

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 08:38:33

ۋىندوۋس ئەپ دۇكىنىدىن بىۋاستە قاچىلىدىم،ئاۋارىچىلىقمۇ يوقكەن ئۆزى چۈشۈرۈپ ئۆزى قاچىلاپ دېگەندەك،شۇ چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۈچۈن بىر مۇنچە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپتىمەن.ئۇيغۇرچە سېستىمام يوقاپ كەتكەندىن باشقا ھېچقانچە يېڭىلىق تۇيۇلمىدىغۇ ماڭا باشقا

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 09:21:39

مەن كۆنەلمەي يەنە 7 گە چۈشىۋالدىم

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 11:35:23

مەن 8نى قاچىلىيالماي سەل ئاۋارە بولغان، لېكىن 8.1سىناق نەشىرى ۋە رەسمىي نەشىرىنى قىينالمايلار يېڭىلىۋالدىم، ئەپ دۇكىنىدىن چۈشۈرۈش سەل ۋاقىت ئالىدىكەن، چۈشتە چۈشۈرۈشنى باشلاپ قويۇپ، ئىشتىن چۈشكەندە كەلسەم چۈشۈپ بوپتىكەن بىردەمدىلا قاچىلىنىپ بولدى، 8.0ۋە 8.1سىناق نەشىرىدىكىگە قارىغاندا خېلى ياخشىلىنىش بوپتۇ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ تېزىراق چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.....

ئاۋۋال 8.0نى قاچىلاپ ئاندىن 8.1گە يېڭىلىشىڭىزنى ئۆمۈد قىلىمەن....

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 15:15:16

مەن 2- ئايدا ۋىن 8 نىڭ ئەسلى نۇسخىسنى ئېلىپ قاچىلغان ھەم ئاكتىپلاپ ھىازىرغىچە نۇرمال ئىشلىتۋاتقان ئىدىم . ئەمدى 8.1 گە يېڭىلاي دىسەم ئەپ بازىردىمۇ كۇرۇنمىدى 8.1 ،  چۇشۇرەلمىدىم ،  ئەمدى قارسام ئەسىلدىكى 8 نىڭ نۇمۇرىنىمۇ تۇنمايۋاتىدۇ خاتا دەپ ، بىلدىغانلار بولسا بىر ئەقىل كۆرسەتسەڭلارچۇ؟

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 16:30:27

1- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8.1 نىڭ چۈشۈرۈش پىروگراممىسىغا 8 نىڭ ئاچقۇچىنى كىرگۈزۈپ نېمە قىلاتتىڭىز دەيمەن بۇرادەر، تونۇمايدىكەن. شۇڭا، 7 دە تۇرۇپ بىراقلا 8.1 نى قاچىلىۋېلىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىڭ (ئەگەر ئەھۋال شۇنداق بولسا)..


8 دە تۇرۇپ، ئاۋال 8 نى يېڭىلاپ، ئاندىن دۇكانغا كىرسىڭىز، 8.1 گە يېڭىلاش دەپ يوغان چىقىدۇ، شۇ يەردىن يېڭىلاڭ.





دېگىنىڭىز توغرىكەن بۇرادەر،بارلىق ياماقلىرىنى يېڭىلاپ ياماپ بولغاندىن كېيىن ئەپ بازىرىنى ئاچسام ئاندىن چىقتى 8.1نى يېڭىلاش دېگەن يېرى.


nawkeranبۇرادەر سىزنىڭ مەسلىڭىزمۇ مېنىڭكىگە ئوخشايدىكەن.

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 15:53:45

مەن 2- ئايدا ۋىن 8 نىڭ ئەسلى نۇسخىسنى ئېلىپ قاچىلغان ھەم ئاكتىپلاپ ھىازىرغىچە نۇرمال ئىشلىتۋاتقان ئىدىم . ئەمدى 8.1 گە يېڭىلاي دىسەم ئەپ بازىردىمۇ كۇرۇنمىدى 8.1 ، چۇشۇرەلمىدىم ، ئەمدى قارسام ئەسىلدىكى 8 نىڭ نۇمۇرىنىمۇ تۇنمايۋاتىدۇ ، ئۇندىن كىيىن ماۋۇ تىمدا دىيىلگىندەك ئىككى كۇندىن بىرى ۋىن 8 نىڭ بارلىق يېڭىلاشقا تىگىشلىك يەرلىرنى يېڭىلاپ قىلدىم ، يەنىلا ئەسىلدىكى 8 نىڭ نۇمۇرىنىمۇ تۇنمايۋاتىدۇ خاتا دەپ ، بىلدىغانلار بولسا بىر ئەقىل كۆرسەتسەڭلارچۇ؟

Surxan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 19:39:58

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

بىر دوستۇمغا ھەقىقىي نەشىردىكى win8ئاچقۇچى كېرەك بولۇپ قالغان ئىدى، قولىڭىزدىكى ئاچقۇچتىن بىرەرنى سېتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 09:05:09

14- قەۋەتتىكى Surxanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

بىر دوستۇمغا ھەقىقىي نەشىردىكى win8ئاچقۇچى كېرەك بولۇپ قالغان ئىدى، قولىڭىزدىكى ئاچقۇچتىن بىرەرنى سېتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟




ماقۇل،ئەينى ۋاقىتتا ئەرزان بولغاندىن كېين لازىم بوپ قالا دەپ ئارتۇق ئېلىۋالغان.ئشلىتىپ باقمىدىم.سېتىپ بەرسەم بولىدۇ.مۇنبەرنىڭ ئۇچۇر ئەۋەتىدىغان يېرىدىن تېلفۇن نومۇرىڭىزنى ياكى كىي كىيۇ نومىرىڭىزنى ئەۋەتىڭ.

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 16:02:27

win8.1نى ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم.يېقىندىن بېرى ئەپ دۇكىنى ئېچىلمايدۇ.بۇ قانداق مەسىلە.خاتالىق ئۇچۇرى تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:





yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 17:47:17

ئاكتىپلاپ قۇيۇلغان ئوغرى نەشرىدىكى گوست نۇسخىسىنى قاچىلىغانتىم،مەندە ئاكتىپلاش نۇمۇرى بار،ئۈزۈمنىڭ ئاكتىپلاش نۇمرىدا قايتا ئاكتىپلاپ ئىشلەتسەم بۇلاتتى.قانداق قىلىمەن.

PolatAlemdar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 22:05:51

چۈشۈرۈش پىروگىراممىسىغا 8.1 كۈرۈپ بېقىش نەشرىنىڭ نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ، سېستىمىنى چۈشۈرۈپ،
قاچىلاش جەريانىدىمۇ شۇ نۇمۇر بىلەن قاچىلاپ، ئاخىرىدا 8 نىڭ ھەقىقى نۇمۇرى بىلەن ئاكتىپلىساق بۇلىدۇ.

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 22:55:27

8.1 نى ئىشلەتسىڭىز كومپىيوتېرنىڭ ھەقىقى پەيزىنى سۈرىسىز.
بەت: [1]
: windows8.1نى قاچىلاپ باقتىڭلارمۇ؟