muhakima يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 18:38:18

مۇھاكىمە:ئەگەر يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ئارتۇق تىزلىك بايقالسا

مۇھاكىمە:ئەگەر يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ئارتۇق تىزلىك بايقالسا



يېقىندىن بۇيان تورلىرىمىزدا يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ئارتۇق تىزلىك بايقالسا قانداق ئىشلارنىڭ يۇز بىرىدىغانلىغى توغرىسىدا دولەت ئىچى سىرتىدىكى ئالىملىرىمىز ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مۇنازىرە قىزىپ ، ھەرخىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى ، بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال.

ئەسلىدە بۇ تىمىنى يازماي بىۋاستە مايۇرجاننىڭhttp://bbs.bagdax.cn/thread-20651-1-1.html تىمىسىغا ئىنكاس شەكىلىدە قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويسام بۇلاتتى ، بىراق ، تورداشلارنىڭ پىكىرى بىلەن بىر قىسىم قاراشلىرىم ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق بولغانلىقتىن ئايرىم مۇنازىرە قىلىشنىڭ زۇرۇرىيىتى بار دىگەن خىيالغا كەلگەچكە ئالىملىرىمىز ۋە تورداشلارنىڭ تەلىمىنى قۇبۇل قىلىش مەقسىتىدە مەزكۇر تىمىنى يوللاش ئويلاشتىم.

تەخمىنەن سىكۇنىتىغا 300مىڭ كىلومىتىر بولغان يۇرۇقلۇق تىزلىكى  قىممىتى كونكىرىتراغى ۋە توغرىراغى ۋاكۇئۇمدىكى يۇرۇقلۇق تىزلىكى  قىممتى (تۇۋەندىمۇ ئوخشاش)ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلىمىدىكى بىر چەك قىممەت ، ئەگەر بۇ قىممەتتىن ئارتۇق تىزلىكى بايقالسا ، تۇۋەندىكى ئەھۋال يۇز بىرىشى مۇمكىن.

1. لورىنتىس ئالماشتۇرۇشى قىسمى ئالماشتۇرۇشقا ئايلىنىدۇ. مەن بۇرۇن مىسرانىم  ، كايىنات ۋە كۇچا  قاتارلىق تورلاردا يازغان فىزىكىنىڭ ئىككى ئۇلتىشى

http://www.kuqa.cn/bbs/forum.php ... 07&fromuid=2835 ۋە فىزىكا دۈچ كەلگەن ئىككى خىرىس

http://www.kuqa.cn/bbs/forum.php ... 06&fromuid=2835 دىگەن تىمىدا بىر قىسىم پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم.  

كوپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك لورىنتىس ئالماشتۇرۇشى شارائىتىدىلا ھازىرقى زامان  فىزىكىسى قۇرۇلىدۇ ، لورىنتىس ئالماشتۇرۇشى تۇۋەن تىزلىك  ، تۇۋەن تارتىشىش كۇچى مۇھىتىدا كىلاسىك ئالماشتۇرۇش يەنى گالىلى ئالماشتۇرۇشىغا قايتىدۇ ، مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا كىلاسىك فىزىكىنىڭ قۇرۇلۇش ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولغان گالىلى ئالماشتۇرۇشى لورېنتىس ئالماشتۇرۇشىنىڭ قىسمى ئالماشتۇرۇشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

يەنە بىر نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ۋاكۇئۇمدىكى يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئوزگەرمەسلىك پىرىنسىپى لورېنتىس ئالماشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم بىر ئاساسى دەپ قاراشقا بۇلىدۇ.  ئەگەر يۇرۇقلۇقنىڭ تىزلىكىدىن ھەقىقى مەنىدىكى يۇقۇرى تىزلىك بايقالسا ياكى ئىسپاتلانسا ئۇھالدا لورېنتىس ئالماشتۇرۇشىنى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان يەنە بىر خىل ئالماشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك، يىڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئالماشتۇرۇش يۇرۇقلۇق تىزلىكى ياكى شىۋازچىلىد ھورىزۇنىدىن كۇرۇش دائىرىسىگە ئوتكەندە ئەلۋەتتە لورىنتېس ئالماشتۇرۇشنى قانائەتلەندۇرۇشى ، تۇۋەن تىزلىك ، تۇۋەن ئېغىرلىق كۇچى شارائىتىدا بولسا گالىلىي ئالماشتۇرۇشى بۇلۇپ ئىپادىلىنىشى كېرەك.

يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ئارتۇق تىزلىك لورىنتىس ئالماشتۇرۇشىنىڭ گۇركارى ئەمەس ، بەلكى ، لورېنتىس ئالماشتۇرۇشىنىڭ ھازىرقى فىزىكىدىكى مۇنۇپۇللۇق ئورنىنى ئاخىرلاشتۇغۇچى بۇلىدۇ.

2. كۇۋانىت فىزىكىسىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھازىرقى زامان فىزىكىسى ئېغىر  سىناققا دۇچ كىلىدۇ.  ئالى مەكتەپ فىزىكىسىنى ئۇقۇغانلار (مەن بۇيەردە ئەسكەرتىمەنكى مەن ئالى مەكتەپتە فىزىكا كەسپىدە ئۇقۇمىغان) غا مەلۇمكى ھازىرقى زامان فىزىكىسىدىكى زەرەت ، ماسسا ، سىپىن ، پىلانىك تۇراقلىقى ، نازۇك تۇزۇلۇش تۇراقلىقى .........قاتارلىق موتلەق كوپ قىسىم  ئۇقۇملار تىگى -تەكتىدىن ئالغاندا يۇرۇقلۇق تىزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىدۇ . ئەگەر يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقۇرى تىزلىك بايقالسا  ئۇھالدا مۇقەرەر ھالدا ھازىرقى زامان فىزىكىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملار ۋە تەڭلىمىلەرنى قايتا ئويلىنىشقا توغرا كىلىشى مۇمكىن، بۇ - ناھايىتى ئېنىقكى كۇۋانىت فىزىكىسىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھازىرقى زامان فىزىكىسى ئۇچۇن ئېغىر  سىناق بۇلۇشى مۇمكىن!

3. تېرمۇدىنامىكا قانۇنلىرى ئوزگەرتىلىپ يىزىلىشى مۇمكىن. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى ھازىرقى نەزەرىيەلەرگە ئاساسلانغاندا ، مەيلى مىخانىكىلىق ھەرىكەت ياكى ئىلىكتېر-ماگنېتلىق ھەرىكەت ۋە ياكى ئىسسىقلىق ھەرىكىتى بولسۇن ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ چەك تىزلىكى دەل يۇرقلۇق تىزلىكىدۇر، ئەگەر يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ئارتۇق تىزلىك بايقالسا ئۇھالدا تېرمۇدىنامىكا قانۇنلىرىمۇ پەۋقۇلئاددە شارائىتقا ماس كىلىدىغان ھەم ھازىرقىنىمۇ قانائەتلەندۇرەلەيدىغان ھالەتتە يىزىىلىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالماسلىقى تەبئىلىك بۇلۇشى مۇمكىن.

4. كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى ۋە ئۇنى ئاساس قىلغان ھازىرقى زامان كوسمۇلۇگىيىسى ‹‹ئاپەت››كە ئېغىر ئۇچرىشى مۇمكىن . ئېينىشتىيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسىدىكى مېترىك تىنزورلار ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە ھالدا يۇرۇقلۇق تىزلىكىنى شەرت قىلىدۇ ، ئېنىقكى بۇ شەرت ئاغدۇرۇلسا  ، يىڭى ئەھۋالغا ئاساسەن ئېينىشتىيىن تەڭلىمىلىرىنى كېڭەيتىپ يىزىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇيەردە قىستۇرۇپ ئۇتۇشكە تىگىشلىكى شۇكى قارا ئۇڭكۇر تېرمۇدىنامىكىسىمۇ يۇقۇرىدىكى بۇلەكلەردە ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدەك ،تېرمۇدىنامىكا قانۇنلىرىنىڭ ئوزگىرىشىگە ماس ھالدا ئىسلاھاتقا يۇزلىنىشى مۇمكىن.

ئالەمنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى نەزەرىيەلەرمۇ يۇقۇرىدىكى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ‹‹كېڭىيىش›› كە ئۇچرايدۇ.

5.كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ۋە قىلىپلاشقان مەيدان نەزەرىيەلىرى  جۇملىدىن ئولتىرا يىپ نەزەرىيلىىرى كۇچلۇك ‹‹تەسىر›› گە ئۇچرايدۇ.

ھازىرقى كوپ قىسىم كۇچنى بىرلىككە كەلتۇرۇش نەزەرىيەلىرى كۇچلەرنى يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىكى  فۇتۇن قاتارلىق مەيدان كۇۋانتى  ياكى قېلىپلاشقان مەيدان زەررىچىلىرى يەتكۇزىدۇ دەپ قارايدۇ ، ئېنىقكى بۇ نەزەرىيەلەر روشەن ‹‹تەسىر››گە ئۇچىرىسا يەنە كۇۋانىت ئارىلىقتىن ھالقىغان تەسىر توغرىسىدىكى نەزەرىيەلەر قوللاشقا ئىرىشىشى مۇمكىن.

........................................

يۇرۇقلۇق تىزلىكى بىر چەك قىممەت ، ئەمما بۇقىممەتتە تارىختا ئوزگىرىش بولغانمۇ ؟ نىمە ئۇچۇن يۇقۇرىدىكى قىممەتنى ئېلىش كېرەك ؟ ئۇنىڭ ئارتۇق تىزلىك بارمۇ ؟...دىگەندەك مەسلىلەر  تېخى ئېنىق جاۋاپقا ئىگە بولغىنى يوق ، ئىشنىمىزكى ياش ئەۋلاتلىرىمىز بۇنىڭ جاۋابىغا ئىرىشىش ئۇچۇن بۇشاشماي ئىزدىنىپ ، نى-نى ئىشلارنى قىلالايدۇ.

كوپچىلىككە رەھمەت.

سىلەرگە سالامەتلىك ، بەخت ، ئۇتۇق ، خوشاللىق تىلىگۇچى ۋە ھورمەت بىلدۇرگۇچى: مۇھاكىمە.

2013.10.22 كۇچا

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 02:53:05

ئەجىرىڭىزگە رەھمەت!  لېكىن، يازمىڭىزدا ئىملا خاتالىقى خېلى بارئىكەن. خاتالىق ھەممىمىزدە بار، شۇنداقتىمۇ ئامال بار ئەستايىدىل بولۇشقا تېرىشايلى...


ئەيىپكە بۇيرىمىسىڭىز ئاۋال تېمىدىكى ئىملا ۋە مەنتىقىلىق خاتالىقنى توغرىلاپ قويسام:


ئەگەر يورۇقلۇقيۇرۇقلۇق» ئەمەس) تېزلىكىدىنتىزلىكىدىن» ئەمەس) يۇقىرى(«ئارتۇق» ئەمەس) تېزلىك(«تىزلىك» ئەمەس) بايقالسا...


......................................


نېمە ئۈچۈن يورۇقلۇق تېزلىكى ۋاكۇمدا تۇراقلىق ئەڭ چوڭ قىممەت c  نى ئالىدۇ؟ ئۇنىڭدىن يۇقىرى تېزلىك مەۋجۇتمۇ ئەجىبا؟ ... دېگەن سۇئاللار ھەقىقەتەنمۇ پەلسەپىۋى نوختىدىن قىزىقارلىق سۇئاللار...  سىز دېگەندەك، ئەگەر  c  دىن يۇقىرى تېزلىك بار دەپ پەرەز قىلساق ئۇ ھالدا شۈبھىسىز يېڭى بىر نەزىرىيە سېستىمىسى بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ...



تۆۋەندىكىسى مەن ئىلگىرى مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىشقا يازغان (بۇ ئۇلانمىدىكى) تېمىدىن بىر ئابزاس:


............................


يورۇقلۇق تېزلىكى بىر تۇراقلىق مىقتار بولۇپ، يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ تېزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ.  ئېنىشتېيىن 1905- يىلى ئاتالمىش «ئېسىر» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىشلەنگەن مەشھور«مايكېلسون-مورلېي» تەجىرنىسىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن  شۇنداق يەكۈن چىقاردى:  ئاتالمىش « ئېسىر» مەۋجۇت ئەمەس، يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى مەنبەنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا چەكلىك بىر تۇراقلىق قىممەتنى ئالىدۇ. كىيىن ئېنىشتىيىن مۇشۇ ئاساستا ئۆزىنىڭ ئىككى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىككى پەرەز ئېنىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان «تارمەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نىڭ ئىككى پىرىنسىپى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇلار:



1) فىزىكا قانۇنلىرى بارلىق ئېنىرتسىيلىك سېستىمىلاردا ئوخشاس؛

2) يورۇقلۇق تېزلىكى بارلىق ئېنىرتسىيلىك سېستىمىلاردا ئوخشاش.




...................................


غەلىتە ھەدىسە:


entanglement  (يەنى چىرمىشىپ قالغان ھالەت) دىگەن بىر سىرلىق ھادىسە بار.  يەنى چىرمىشىپ قالغان ئىككى ئېلىكترون ئالەمنىڭ ئىككى چېتىدا بولسۇن. ئەگەر ئۇلار سپىن يۇقىرى ۋە سىپىن تۆۋەن ھالەتتە چىرمىشىپ قالغان ھالەتتە يارىتىلغان دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ ھالدا بىر تال ئېلىكتروننىڭ سىپىنى تۆۋەندىن يۇقىرغا ئۆزگەرگەن شۇ ئاندا ئالەمنىڭ يەنە بىر چېتىدىكى يەنە بىر ئېلىكترون دەرھال سپىن يۇقىرى ھالەتتىن سىپىن تۆۋەن ھالەتكە ئۆزگۈرىدۇ...شۇنداق بولغاندا «سپىن ھالىتى» دىن ئىبارەت بۇ ئۇچۇر «ۋاقىت سەرپ قىلماي» ئالەمنىڭ بىر چېتىدىن بىر چېتىگە كەتتى دېگەن گەپ... مۇشۇنىڭغا قاراپ بۇ ئۇچۇرنىڭ «تېزلىكى» چەكسىز دېيىشكە بولامدۇ؟! بۇ بىز دەۋاتقان ئاتالمىش «تېزلىك» چۈشەنچىسىگە چۈشمەيدىغان باشقا بىر ئۇقۇم.  شۇنداقلا، يورۇقلۇق تېزلىكىمۇ بىز بىۋاستە ھېس قىلىدىغان ماكرو دۇنيادىكى «تېزلىك» چۈشەنچىسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.


.................................


مېنىڭ پەرىزىم:


پەرىزىم شۇكى، نۇر زەرىچىللىرى بولغان فوتونلار پۈتۈن كائىنات «بوشلۇقى»غا تولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىللىرى «پارتىلاپ» ياكى «سوقۇشۇپ» ماددا ئاساسىغا ئايلىنىدۇ؛ بەزىللىرى ئۆز ھالىتىنى ساقلاپ ماددىلارنى باغلاپ تۇتۇپ تۇرۇش، كۈچ توشۇش، ۋاستە بولۇش،... قاتارلىق رولىنى ئوينايدۇ. مۇشۇ ئاساستا ھاسىل بولغان زەرىچىلەر يەنە ئۆز-ئارا تەسىرلىشىپ، مۇئەييەن شەرت-شارائىتلاردا يېڭى زەرىچىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بەزىللىرى ماددا تۈزگۈچى «فېرمىيونلار» بولسا، بەزىللىرى ماددا تۈزۈشكە قاتناشمايدىغان، لېكىن فوتونلارغا ئوخشاش ئۇچۇر توشۇش رولىنى ئوينايدىغان «بوزۇنلار»غا ئايلىنىپ تۇرىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، بىزدەۋاتقان «تېزلىك» بولسا مۇشۇ ئايلىنىش ۋە تەسىرلىشىش جەرىيانلىرىدىن ئىبارەت. نۇر پۈتۈن كائىناتتىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھالىتى دېسەك، مۇشۇ تەسىرلىشىشلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىمۇ مۇشۇ تېزلىكتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ دېگەن گەپ...


ئەسلەتمە: « چوڭ پارتىلاش نەزىرىيەسى» ---  بىر تال غەيرى نوختا  پارتىلاپ ھازىرقى ئالەمنى شەكىللەندۈرگەن...


غەيرىي نوختا زادى نىمە؟؟؟ بىر تال نۇر توپى «پارتىلاپ» دېسەكچۇ؟...


يۇقارقىلار ئىلمىي بولمىغان،  خىيالەن ، مەلۇم دەرجىدىكى بىلىم ئاساسىدىكى تەسەۋۇرغا تايانغان كۆز قاراش خالاس!





Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 02:55:23



«ئېنىشتېيىننى ئاغدۇرۇش» ھەققىدە



مېنىڭ كۆز قارىشىم:



يورۇقلۇق تېزلىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش فىزىكىدىكى تەجىربە، ماتېماتىكا ( لوگېكا)، پاكىت(يەنى, ئېنگىلىزچىدىكى fact) قاتارلىقلار بىرلەشكەن, باش-ئاخىرى ماسلاشقان فىزىكىلىق پىرىنسىپلار پۈتۈن فىزىكىلىق دۇنيانىڭ بىر قانۇنىيتى، يەنى ئاددىيسى خۇدا شۇنداق قانۇنىيەت تۇرغۇزغان دەمدۇق؟... ئىزدەنگۈچى ۋە ئالىملارنىڭ قىلىدىغېنى قانداقتۇر «بەرپا قىلىش، يارىتىش» ئەمەس ياراتقۇچى شۇنداق تۇرغۇزغان قانۇننى كەشىپ قىلىشتىن ئىبارەت...



ئۇلانمىدىكى تېمىدا يازغېنىمدەك ئاتوم بومبىسىدىن ئىبارەت بىر پاكىتنىڭ ئۆزىلا ئېنىشتېيىننىڭ ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا باش -ئاخىرى جىپسىلاشقان بۇ نەزىرىيە سېستىمىسى ئىچىدە سىز ئوتتۇرىغا قويغاندك كۋانت مېخانىكىسى قاتارلىقلارمۇ تۇرۇپتۇ... ھالبۇكى، ھازىرقى زامان پەن- تېخنىكىلىرىنى نەزەرىيۋى ئاساس بىلەن تەمىنلەۋاتقانلار دەل مۇشۇلاردىن ئىبارەت. ئەگەر خاتالىق بولغان بولسا قوللىنىشلىرى بولمىغان بولاتتى، شۇڭا ئېنىشتېيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيسىدىن ئاتالمىش «يوچۇق» ۋە «خاتالىق» ئىزدەپ ئاغدۇرىۋېتىش پوزىتسىيسىدە بولۇش مېنىڭچە نامۇۋاپىق ئىزدىنىش پوزىتسىيسى. ھەقىقەتەنمۇ نەزەرىيە فىزىكىسىدا ئىزدىنىلىۋاتقان تالاي چوڭ-كىچىك تېمىلار بار. بۇلار قانداقتۇر ئالدىنقىسىنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرىۋېتىش ۋە رەت قىلىش ئەمەس مۇشۇ باش ئاخىرى جىپسىلاشقان بىر پۈتۈن نەزەرىيە سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ پۈتۈنلەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت. فىزىكىنى خۇددى توختىماي سېلىنىۋاتقان بىر بىناغا ئوخشاتساق بولىدۇ. بۇ بىنادىن ھەم پايدىلىنىۋېرىمىز، ھەم توختىماي سالىمىز، رىمۇنت قىلىمىز، يېڭىلايمىز ۋە ئېگىزلىتىمىز دېگەندەك...



يۇقارقى گەپلىرىم ھەرگىز سىزگە ياكى مەلۇم كىشىلەرگە قارىتا دېگەن گەپ بولماستىن، ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمگىلا دېگەن كۆز قاراش پىكىرىمدىن ئىبارەت.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 15:09:14

@ Bilig@  ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن !

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 18:47:09

مېنىڭچە ئاغدۇرۇلۇشى كېرەك.
بەت: [1]
: مۇھاكىمە:ئەگەر يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ئارتۇق تىزلىك بايقالسا