zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 16:11:35

يوۋكۇ تورىنى چۇشىنەمسىز؟





يوۋكۇ تور بىكىتىنىڭ


بىكەت لوگوسى



يوۋكۇ تورى - ئىلىمىزدىكى باشلامچى فىلىم بەھىرلىنىش تور بېكىتى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز تور فىلىملىرى ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق ماركا. يوۋكۇ تورى "بازار چاققاننىڭ" ئىددىيىسىنى ئۆزىگە يىتەكچى قىلىپ،"تارقىلىشى تىز، ئىزدەپ تېپىش تىز" بولۇشتىن ئىبارەت مەھسۇلات ئالاھىدىلىكىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، كەڭ ئابونتىلارنىڭ ئىھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ كەلدى.

ئامىرىكا ۋاقتى 2010 - يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى، يوۋكۇ نېۋيورۇكتا رەسمىي ھالدا پايچېكىنى بازارغا سالدى.2012- يىلى3- ئاينىڭ 12- كۈنى يوۋكۇ پايچېكى چەكلىك شىركىتى ۋە تۇدوۋ پايچېكى چەكلىك شىركېتى رەسمىي ھالدا بىرلىشىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇندىن باشلاپ ئىككى چوڭ فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى رەسمىي ھالدا بىرلەشتۈرلۈپ، شىركەت نامى "يوۋكۇ - تۇدوۋ پايچېكى شىركېتى" دەپ ئاتالدى.




يوۇكۇ تور بىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى


ۋە CEOگويوڭچىياڭ



يوۋكۇ ئەڭ ئىلغار، ئەڭ كاتتا تاۋار لۇشىيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئېلانلىرى بىلەن تور دۇنياسىنىڭ ئاتامانى بولۇپ قالدى. بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئابونىتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغىغان بولسىمۇ بىراق، ئۇلارنىڭ يوۋكۇغا بولغان مەھلىيالىقىنى سۇسلاشتۇرالمىدى. يوۋكۇ تورى باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئالاھىدە كۈچەپ، مىدىيا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تارقىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇدى. ئۇلار ئابونىتلارنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى يەكۈنلەپ، دەۋېرگە ماس قەدەم بىلەن تور فىلىم مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە تېخىمۇ يۈكسەكلىككە باشلاپ ماڭدى. ئۇندىن باشقا، يوۋكۇ ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر رادىئو - تېلىۋىزىيە قوش تەستىقىدىن ئۆتكەن فىلىم بەھىرلىنىش تورى بولۇپ قالدى.يوۋكۇدا نۇغۇنلىغان فىلىملەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئىجادىيەت ھوقۇقى قوغلىدىلىشقا كاپالەتلىك قىلىندى.





يوۋكۇ ئېنتىرنىت ، تىلىۋېزىيە، ئالاقە تورىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ تورنى بىرلەشتۈرۈش» نى ئەمەلىيەت نىشانى قىلىپ، ھازىرغىچە بۇ ئۈچ ساھەنى ئاساسەن قاپلاپ بولدى. كىنو - فىلىم، ئۇنۋېرسال - سەنئەت، ئاخبارات-ئۇچۇر دىن ئىبارەت ئۇچ چوڭ مەزمۇننى چۆرىدىگەن ئاساستا، فىلىم ئىشلەش، قويۇش، تارقىتىش قەدەم باسقۇچلىرىنى جانلىق ماسلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي بىر «تور مىدىيا تارقىتىش ۋاستىسى» گە ئايلاندى. كىنو - فىلىم ساھەسىگىلا ئەمەس پۈتكۈل مىدىيا ساھەسىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.





كەلگۈسى تەرەققىيات جەريانىدا يوۋكۇ تورىنىڭ ھەمكارلىق ئىستىراتىگىيسى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە بولىدۇ. «پۈتكۈل دۇنيا يوۋكۇنى كۆرىۋاتىدۇ» شۇئارى، يوۋكنىڭ كىشىلەرنى يىڭى بىرخىل ئېنتىرنىت تۇرمۇشىغا باشلاپ كىرمەكچى بولغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. يوۋكۇنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ھازىرقى ئىجرائىيە ئەمەلدارى گۇ يوڭ جىياڭ«بىز ئابونىتلارغا ھازىرلاپ بەرمەكچى بولغىنىمىز مىكرو فىلىم يەرمەنكىسى، ئېسىل فىلىم ئامبىرى،شۇنداقلا ئىجادىيەت، ئالماشتۇرۇش، تەۋسىيە، بەھىرلىنىش سۇپىسىدىن ئىبارەت، يوۋكۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ، دۇنيادىن تەڭ بەھىر ئالىدۇ.» دەيدۇ.





يوۋكۇ تورىغا يوللانغان يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى


فىلىمنىڭ كەسمە يۈزى



يوۋكۇ تورىنىڭ تەدىرىجى تەرەققىيات جەريانى



2005 - يىلى 11 - ئايدا،ئەسلدىكى سوخو(搜狐) ئىزدەش تورىنىڭ ئىجرائىيەت ئەمەلدارى ۋە دەسلەپكى يۈرۈشتۈرگۈچىسى گۇ يوڭ جىياڭ(古永锵) خېي تور - تېخنىكا شىركېتى(合一网络技术有限公司) نى قۇردى.3 مىليون ئامرىكا دوللىرىلىق مەبلەخ بىلەن جوڭگو يىڭى دەۋىر «تور ئىزدەش ماتورى» سودا پۇرسېتىنى چىڭ تۇتماقچى بولدى.

2006- يىلى 3- ئايدا،خېيى شىركېتى ئىزدەش ماتورىغا سالماقچى بولغان مەبلېخىنى يوۋكۇ تورىغا سېلىشنى قارار قىلدى.

2006 - يىلى 12- ئايدا،خېيى شىركېتى يوۋكۇ تورىنىڭ سېناق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ۋە «ئابونىتلار فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى» دەپ ئىزاھات بەردى. گۇ يوڭ جىياڭ باش ئىجرائىيە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

2006- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى،يوۋكۇ 12 مىليون ئامرىكا دوللار مەبلەخ توپلاشنى تاماملىدى.

2006- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى، يوۋكۇ تورى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

2007 يىلى، يوۋكۇ تورى «ھەممە جايدا سېن ئالغۇچى بار» دېگەننى تەشۋېق قىلىپ، ھەرقانداق ئادەمنى ئۆز خاھىشى بويىچە سېن(فىلىم) ئىشلەپ يوللاشقا رىغبەتلەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تەلۋىلەرچە فىلىم يوللاش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.يىڭىچە سۈرەتلىك فىلىم مەدەنىيىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. يوۋكۇ تورى كۆپ قېتىملىق كۈچ ئۇلاش، يىتەكلەش، شارائىت بىلەن تەمىنلەش نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ مول بولغان فىلىم مەنبەسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  2007- يىلى 5- ئاينىڭ 16 -كۈنى يوۋكۇ شېڭدا گورۇھى بىلەن ئىستىراتىگىيلىك ھەمكارلىق كىلىشىمى ئېمزالىدى. يوۋكۇ شېڭدا گوروھىنىڭ سېن ئويۇنلىرىنى قوللايدىغان بىردىنبىر ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلاندى.

2007- يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا، يوۋكۇ تورى جوڭگودىكى ئەڭ چوڭ قوللىنىشچان تور دېتاللىرى شىركېتى - شۇنلېي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى.

2007- يىلى 6- ئايدا، يوۋكۇ جوڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى - بەيدۇ بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى.

2007- يىلى 7- ئايدا، جوڭگو ئېنتىرنىت تورى جەمئىيىتى 2007 - يىللىق نادىر تور بەتلەرنى ئىلان قىلدى. نەتىجىدە يوۋكۇ تورى ئابونىتلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن، ئوخشاش ساھەدىكى تور بىكەتلەرنىڭ سەركىسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.






2007- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى، يوۋكۇ «2007 -يىللىق red herring ئاسىيادىكى يۇشۇرۇن كۈچى ئەڭ چوڭ تور تېخنىكا شىركەتلىرى» تىزىملىكىگە كىردى. تۇنجى بولۇپ بۇ شەرەپكە ئىرىشكەن فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسىغا ئايلاندى.

2007- يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، يوۋكۇ بىلەن سوگو ئىزدەش ماتورى ھەمكارلىق ئورناتتى. ئىككى تەرەپ تور فىلىملىرى ساھەسىدە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئورتاقلىق ھاسىل قىلدى، ئۇلار بىرلىكتە جوڭگو تور فىلىملىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەھەسسە قوشتى .

2007- يىلى 11- ئاينىڭ 21- كۈنى، يوۋكۇ تورى ئومۇمىي سوممىسى 25مىليون ئامرىكا دوللىرى بولغان، ئۈچىنچى قېتىملىق ئايلانما مەبلەخكە ئىگە بولدى.بۇ قېتىمقى مەبلەخنىڭ ئاساسلىق قىسمى بايىن كاپىتال گوروھى(Bain Capital) گە قاراشلىق Brookside Capital LLC ۋە باشقا Sutter Hill Ventures、Farallon Capital قاتارلىق كاپىتال شىركەتلىرىدىن كەلدى. بۇ قېتىمقى ئايلانما مەبلەخ ئاساسەن يوۋكۇ توررىنىڭ ئىستىمال بازىرى ۋە كەسىپ تۈرلىرىنى كىڭەيتىش، تېخىمۇ ئەۋزەل قوللىنىشلارنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن سېلىندى.

2007 - يىلى 12- ئايدا، داڭلىق تەكشۈرۈش پونكىتى نېرسېن شىركېتى يوۋكۇ فىلىملىرى كۈندىلىك كۆرۈلۈش قېتىم سانى (vv)نىڭ 100 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى، كۈندىلىك مۇستەقىل زىيارەت سانى (uv)نىڭ 12 مىليون 200 مىڭ قېتىمغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  2007- يىلى ئالدىنقى يىرىمىدا، يوۋكۇ ئەنئەنىۋېي كىنو - فىلىم ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلار «ئىجادىيەت» نامىدا، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك يىڭىلىقلارنى، قىززىق نوقتىغا ئايلانغان ھادىسىلەرنى فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى ۋە جەمئىيەتنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى. شۇنداقلا ناھايىتى تىزلىك بىلەن، داڭلىق ماركا سۈپىتىدە تونۇلىشقا باشلىدى. CCTV نىڭ «جەمئىيەت خاتىرلىرى» (《社会记录》) پروگىراممىسىدا يوۋكۇ تورنىڭ ئىجادىي فىلىملىرىنى بىۋاستە ئىشلىتىشى بۇنىڭ بىر مىسالى.

  2007 - يىلى11- ئايدا، يوۋكۇ تورى فىلىم يوللاش ئىقتىدارىنى كۈچەيىتش ئۈچۈن ،G دىن ئارتما يوللاش (“超G上传”) ئىقتىدارىنى ئىچىۋەتتى. تۇنجى بولۇپ، سېغىمى 1GB دىن يۇقىرى بولغان سېن ھۆججەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق يوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىلگىرىكى 200MB لىق چەكلىمىگە خاتىمە بەردى.

2008~2012

2009- يىلى 6- ئايدا، يوۋكۇ «2010 -يىللىق شاڭخەي يەرمەنكىسى» نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى سالاھىتىگە ئىرىشتى.

2010 - يىلى 12- ئاينىڭ 8 - كۈنى، يوۋكۇ نېۋيورۇك پايچېكى بازىرىدا پايچېكىنى بازارغا سالدى.

2011-يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى، يوۋكۇ «جوڭگو ئېنتىېرنىت داڭلىق ماركىلىرىنىڭ رېقابەت كۈچى تېزىملىكى» دە، بەيدۇ، تېڭشۇن، ئەلى بابا، سىنا تورلىرى بىلەن بىرلىكتە«5 پالۋان»(5 winners)شەرىپىگە ئىرىشتى.

2011 - يىلى 5- ئاينىڭ 16-كۈنى، يوۋكۇ مەخسۇس فىلىم ئىزدەش ماتورى «سوۋكۇ» (搜库) نى ئىشقا كىرىشتۈرۇپ، ئابونىتلارنىڭ فىلىملەرنى ئىزدەپ كۆرۈشىگە قولايلىق تۇغدۇردى.

2011- يىلى 6- ئاينىڭ 2- كۈنى، يوۋكۇ بىلەن دېسنى شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ كىڭەيتىلدى. يوۋكۇ تورى دېسنىنىڭ توردا كىنو تارقىتىش ھوقۇقدارىغا ئايلاندى.

2011- يىلى 7-ئاينىڭ 15- كۈنى، يوۋكۇ «نادىر ئىجادىيەت، ئىلغار فىلىملەرنى مەبلەخ بىلەن تەمىنلەش » پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 150 يۈرۈش ئاۋات فىلىم، ۋە 50 يۈرۈش مەخسۇس فىلىمنىڭ ئىجادىيەت ھوقۇقىنى سىتېۋىلىپ، ئەڭ چوڭ فىلىم سودىگىرىگە ئايلاندى.

2012- يىلى8- ئاينىڭ 20 كۈنى. شىياڭگاڭدا يوۋكۇنىڭ تۇدوۋ نى سېتىۋلىشىغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىلەت تاشلاپ ئىپادە بىلدۈرۈلدى، شۇندىن باشلاپ تۇدوۋ تورى يوۋكۇ بايرىقى ئاستىدىكى پۈتۈن كاپىتاللىق شىركەتكە ئايلاندى. يوۋكۇ شىركىتىنىڭ نامى «يوۋكۇ تۇدوۋ شىركېتى» گە ئۆزگەرتىلدى.

2013- يىلى 4- ئاينىڭ 10 كۈنى، يوۋكۇنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى تەڭشەلدى. ۋېي مىڭ (魏明) يوۋكۇنىڭ باش ئىجرائىيەتلىكىنى، ياڭ ۋېي دوڭ (杨伟东) تۇدوۇۋنىڭ باش ئىجرائىيەتلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يوۋكۇ گورۇھىنىڭ باش دېرىكتورى، ئۇزاق مۇددەتلىك باشقۇرغۇچىسى گۇ يوڭ جىياڭ غا دوكىلات قىلىندى.





گويۇڭچىياڭ



ھازىرقى داڭدار يوۋكۇنى دەسلەپتە ئىپتىدايى ھالەتتىن بەرپا قىلغان كىشىنى كۆپىنچىمىز بىلمەسلىكىمىز مومكىن. ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەنمۇ مۇنداقلا تونۇشۇپ ئۆتەيلى:

ئىسمى: گۇ يوڭ چىياڭ (古永锵)

1966 - يىلى شىياڭگاڭدا تۇغۇلغان.

1989- يىلى ئامرىكا كالفورنىيە ئۇنۋېرىستىتى بىركېلىي تارماق مەكتېپىدە تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرۈپ، داڭلىق خەلقارا ئاخبارات كەسپىگە كىرگەن.

1992- يىلى سىنەفورد ئۇنۋېرىستىتىغا كىرىپ، MBA ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.

1993- يىلى باۋجىيې شېركىتىنىڭ شىياڭگاڭ ئورنىدا ئىشقا چۈشكەن.

1994- يىلى فۇگۇو مەبلەخ سېلىش گورۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى بولۇپ، ئاساسلىقى، مىدىيا، كۆڭۈل ئېچىش سانائىتى مەبلەخ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.

1999- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە سوگۇ بىرلەشمىسىگە قېتىلىپ، مۇئاۋىن يۇقىرى ئەمەلدارى، مۇۋەپپەق مالىيە مەسئۇلى، مۇۋەپپەق باشقۇرغۇچىسى بولغان.

2006- يىلى فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى يوۋكۇنى قۇرغان.






يوۋكۇ ھەققىدە تورداشلار نىمە دەيدۇ؟



گەرچە مەزكۇر داڭدار تور بېكىتى يۇقارقىدەك شەرەپلەرنى قۇچقان بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇن كەمچىلىكلەرنى ساقلىغان. خەلقارالىق نادىر تور سۇپىسى بولۇشتىن يەنە ئازراق يىراقتا


1. يوۋكۇ تورىنىڭ ئېلانلىرى كۈنسىرى ئۇزىراۋاتىدۇ، ئوخشاش ساھەدىكى باشقا فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىلىرى بۇ جەھەتتىن يوۋكۇغا خىرىس ئېلىپ كىلىدۇ.

2. يوۋكۇدا سىياسەتۋازلىق كۈچلۈك. يەنى دۇنياغا داڭلىق فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى يوتۇبى بىلەن سىلىشتۇرغاندا يوۋكۇدا فىلىملەرنى تەستىقلاش ئاۋارىچىىلىك. كىچىككىنە ۋەزىيەتكە چىتىلىدىغان سېن بولسا (بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇر ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرىق دۆلەتلىرىنىڭ) تەستىقلىماي قويىدۇ. بەزىدە تەستىقلاپ بولغاندىن كىيىن، قورقۇپ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.

3. فىلىم پاخاللىقى ئىغىر، قالايمىقان سېنلار قاپلاپ كەتكەن، سۈزۈكلىكى ناچار.

4. خەلقاراغا يۈزلەنگەن فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا دۆلەت تىللىرىدا كۆرۈنمە يۈزى يوق، جۈملىدىن 56 مىللەتلىك چوڭ دۆلەتنىڭ خەنسوچىدىن باشقا مىللەت يېزىقىدا ئابونىت مۇلازېمىتى يوق.


5.


6.


...........



مەنبەسى:تەشنا بىلوگى،بەيدۇ قامۇسى

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 22:59:38

ئۆيىمىزنىڭ يېنىدا بىر ماي قاچىلاش پونكىتى بار، شەخسىي، مېيى ناچار، جۇڭگو نېفىتى ياكى نېفىت خىمىيەسى دېگەن چوڭ ماي قاچىلاش پونكىتىغا بېرىشقا ۋاقىت يوق ئالدىراش چاغلاردا ناچار ماي بولسىمۇ قاچىلاپ سالىمىز. لېكىن بۇلار ئامالنىڭ يوقلۇقى، ھەرگىزمۇ ئۇ ماي قاچىلاش پونكىتىنى ياقتۇرغانلىقىمىز ئەمەس.


يوكۇنىڭ زىيارەتچىلىرىمۇ ئوخشاش، youtube نى تاقاپ بازارنى ئوڭچە بەردى. youtube ئوچۇق چاغلاردا «ئاچام چىچىپ ئولتۇرغاندا قوڭىنى رەسىمگە تارتىۋالدىم...» دېگەندەك سىنلىرى بىلەن ئادەم جەلىپ قىلىشقا ئورۇنغان تور بېكەت ئىكەنلىكىنى كونا تورداشلار بىلىدۇ.


لېكىن، قانداقلا بولمىسۇن تەرەققىي قىلدى، بۇنىڭغا قايىل بولماي بولمايدۇ.


ئەمما ئۇيغۇرلار چىقارغان ناخشىدىن باشقا نەرسىلەر (قانۇنلۇق بولسىمۇ) بىر كۈندىلا ئۆچۈرۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ... بۇرۇنمۇ مېنىڭ ھېساباتىم بار ئىدى. كېيىن ئۆچ بولدۇم. بەيدۇدا ئورتاقلاشقان ماتېرىياللىرىمنىڭ ھەممىسى دۇرۇس نەرسىلەر ئىدى، ھەممىنى ئۆچۈرۈپتۇ.... بۇنداق بەزى مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان، ئادىللىق يوق، ناچار، يۇندىپۇرۇش، كۆچۈرمىكەش، ئەخلەت تور بەتلەر ھەققىدە ئىجابىي گەپ قىلىنسا، قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدۇ.

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 17:34:04

قاچانمۇ سىياسەتلەر ياخشىلىنىپ،بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزنىڭ فىلىم ھەمبەھىرلەش تورى بارلىققا كىلەر؟

ئۇيغۇلارنىڭ كىنو كۆرۈش قىزغىنلىقىنى ئۇيلاشقاندا بۇ بەك چوڭ بازا ھىساپلىنىدۇ، ھەي ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا بۇلغانغا يەتمەيدۇ دە

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 19:03:20

ئەگەر Youtube جوڭگودا چەكلەنمىگەن بولسا يۇكۇنىڭ بۇنداق تەرەققى قىلىشى ناتايىن ئىدى.

YUWAX0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 19:24:13

يۇكودىن ئۇيغۇرلارمۇ ئوبدان پايدىلىنىۋاتىدۇ



غولجا چاخچاق سورۇنلىرى

http://v.youku.com/v_show/id_XNTE4OTk1MDU2.html \"\" arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 08:42:43

بەيدۇ گوگېلنى چەكلەپ دادا بولدى .

يوۋكۇ يوۋتۇب نى چەكلەپ ئانا بولدى .


nasin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 09:01:13

يۇكۇنىڭ كەلگۈسىگە بىر نىمە دىمەك يەنىلا تەس. بەيدۇنىڭ Iqiyi، سوخۇ فىلىم، QQ فىلىم تورى دىگەندەك ئارقا تېرىكى ئىنتايىن كۈچلۈك رەقىبلىرى بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا يۇكۇنىڭ بىرىنجى ئورۇننى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ قالالىشى تەس بولىشى مومكىن.

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 09:01:15

قىپقىزىللا يېزىلغان ماقالىكەنغۇ بۇ؟

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 09:11:37

« سۆزلەشكىلى ئادەم تېپىلمىسا ئۆچكىنىڭ ئىسىمى ئابدۇراخمان » بولىدۇ شۇ ...


koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 09:14:44


5- قەۋەتتىكى arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەيدۇ گوگېلنى چەكلەپ دادا بولدى .

يوۋكۇ يوۋتۇب نى چەكلەپ ئانا بولدى .


بۇ ئىپادىلەش جايىغا چۈشۈپتۇ ...


بىرسىنىڭ قولىغا قورالنى تۇتقۇزۇپ ، بىرسىنىڭ قولىدا تۆمۇرنىڭ سۇنىقى يوق ، ئاخىرىدا ھەر ئىككى كىشىدىن \" قانچە دۈشمەن ئۆلتۈردۈڭ ؟ \" دەپ سورىغاندەك ...






elikaram يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 09:47:56

بوزەكنى بوزەك قىلمىساڭ قىيامەتتە سورىقى بار دىگەندەك ئىشلار بۇ.ياشاش موھىتىمىزنىڭ تارىيىپ كىتىۋاتقانلىقى ھەممىلا جايدا ئانگايان بولىۋاتىدۇ.

format يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 10:22:20

يۇتۇبى ئېچىلسىمۇ ئوخشاش ، جۇڭگودا يەنە شۇ يوۋكۇ تۇدوۋلار بازار تاپىدۇ ، چۈنكى يوۋكۇ خەنزۇچە خەتنى يۇتۇبىدىن ياخشىراق تونۇيدۇ ، گوگۇل جۇڭگودا ئېچىلدۇ ئەمما جاھان يەنىلا بەيدۇنىڭ ، ئامازونمۇ جۇڭگودا ئېچىلىدۇ جاھان يەنىلا تاۋباۋنىڭ . سەۋەبى باشقىمۇ ئەمەس شۇ ئۇلار خەنزۇچە خەتنى چەتئەل شىركەتلىرىدىن ياخشىراق تۇنۇيدۇ ، جۇڭگولۇقلارنىڭ پىسخىكىسىنى چەتئەللىكلەردىن ياخشىراق بىلىدۇ

format يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 10:31:11

مەبلەغ ۋە تېخنكا جەھەتتە ئۇيغۇرچە توربېكەتلەردىن ئۈستۈن بولغان ياشىن شىركىتىمۇ مىليۇندىن ئوشۇق مەبلەغ سېلىپ 30 دەك ئۇيغۇر پىروگگىراممىر ۋە تەھرىرلەش خادىمىنى يىغىپ ئەپ كېلىپ توغراق تور بېكىتىنى قۇردى ، ئەمما ئۇ توغراق تور بېكىتىگە 1 يىل بولاي دىگەن بولسىمۇ يەنە شۇ توپا بېسىپ ياتىدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ياشىن شىركىتىدىكىلەر ئۇيغۇرچە خەتنى ئەلكۈيى ، مىسرانىمدىكىلەردەك ياخشى تونىمايدۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسىنى ياخشى بىلمەيدۇ

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 12:53:22

بىرىنچىدىن، بۇ بېكەتنىڭ چەتئەللەردە ئېچىلىش سۈرئىتى بەك ئاستا.

ئىككىنچىدىن (ئەڭ مۇھىمى)، تور بەت بەك بېزەڭ. بىرەر سىننى كۆرۈش ئۈچۈن، چوقۇم 30 سىكۇنتلۇق ئېلاننى كۆرۈپ تۈگىتىش كېرەك. جۇڭگودىكى ئابونتلار ھېلىمۇ كۆپ سەۋىرچانكەن. بۇنداق بېزەڭلىك دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە يوق. ئېلاننى، سىننىڭ ئاستىغا قىستۇرسىمۇ بولىدۇ. شۇڭلاشقا سىننىمۇ كۆرمەيلا ئۆچۈرىۋېتىمەن.

ئۈچىنچىدىن بۇ يەتمىگەندەك، تور بەت بەك چاچى-پاچى ۋە ھەممە يېرى ئېلان بىلەن توشۇپ كەتكەن.

تېخنىكىلىق ئىقتىدارلىرى يۇتۇبنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ. ئەگەر يۇتۇب جۇڭگودا ئېچىلغان بولسا، بۇ توربەت بۇرۇنلا تاقىلىپ كېتەتتى.

ئىسمىنىڭ ئۆزىلام كۆچۈرمىكەشلىكنىڭ يارقىن نامايەندىسى.



بەيدۇ:

ئىزدەش ئىقتىدارى گۇگىلنىڭكىدىن كۆپلا تۆۋەن. خەنزۇچە بولمىغان ئۇچۇرلارنى خاتا تېپىپ بېرىدۇ تېخى. بۇمۇ سىياسەتنىڭ چاپىنىدا تەرلەپ، كۈچلەنگەن بىر تور بەت. گۇگل نورمال ئېچىلغان بولسا، گۇگىلنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى، باشقا قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىنىڭ ئالدىدا، بۇ توربەت بۇنچىلىك بولالماتتى.

بەيدۇ بەيكې: ۋىكىپىدىيەنىڭ خەنزۇچىسى.
بەت: [1]
: يوۋكۇ تورىنى چۇشىنەمسىز؟