jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 10:45:48

مۇنبەردىكى يازمىلارنى ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىگە مۇنداق يوللايمىز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى


ئۈندىدار مودا بولىۋاتقانغا خېلى بولۇپ قالدى ، ئۇنىڭدىكى دوستلۇق چەمبىرىكى ھازىر كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان ئاساسلىق "دوسكا" سى بولۇپ قالدى ،  ياخشى يازمىلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش روھى بويىچە ئىزدىنىش مۇنبىرىمىزدىكى ئۆزىمىزگە يارىغان يازمىلارنى دوستلۇق چەمبىرىكىگە چىقىرىش ئېھتىياجى ھامان تۇغۇلغۇسى ۋە تۇغۇلىۋاتىدۇ ، شۇڭا مۇشۇ ئىشقا يولۇققانلارغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن مۇنبەردىشىمىز      ciao2013  ئوتتۇرىغان قويغان ئەپچىل چارىدىن ئورتاق بەھىرلەنمەكچىمىز ...  



ئەسلى تېما :


http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=55293



ciao2013


ئىزدىنىشتىكى ماقالىلەرنى قانداق قىلغاندا ۋىچەت (ۋېيشىن) دا دوستلۇق چەمبىرىكىگە يوللىغۇلى بولىدۇ دەپ باش قاتۇراتتىم . ئىزدىنىشمۇ نۇر تورىدەك دوستلۇق چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللايدىغان قىلىپ قويسا دەپ ئۈمىد قىلاتتىم . مەن مۇنداق بىر ئاددى ئۇسۇلدا بۇ ماقالىنى دوستلۇق چەمبىرىكىگە يوللىۋالدىم .

يەنە bbs.izdinix.com دىگەن خەتنى ۋىچەت تىكى دوستلۇق چەمبىرىكىگە چىقاردىم . ئاندىن بۇنى چېكىپ ئاچتىم ، ئاچسام بۇ بىر ھەمبەھىرلىگىلى بولىدىغان كۆزنەك بولۇپ چىقتى . قارىسام ئىزدىنىش تورىنىڭ مۇنبەر باش بېتى ئىكەن . مەزكۇر بەتتىن قەيسەر مىجىتنىڭ بۇ ماقالىسىنى تاللاپ ئاچتىم  . شۇنىڭ بىلەن ئوڭ تەرەپ يۇقۇرى بۈرجەكتىكى ئايلانما ئىستىرىلكىنى بېسىپ بۇ تېمىنى ۋىچەت تىكى دوستلۇق چەمبىرىكىمگە يوللىۋالدىم .




توردىشىمىز ciao2013 نىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ، قېنى ھەممىمىز سىناپ كۆرەيلى .


muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:02:13

بۇ تورداش دىگەن ئۇسۇلنىڭ ئىلھامىدا مېنىڭ ئۆگىنىۋالغىنىم مۇنداق:



m.izdinix.com ئاۋال ماۋۇ ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ يانفۇن نۇسخىسىنى پاراڭلىشىش كۆزنىكىدە خالىغان بىر دوستۇمغا يوللايمەن.

ئاندىن پاراڭ خاتىرىىسىدىن m.izdinix.com مۇشۇنى چەكسەملا، مۇنبەرنىڭ يانفۇن نۇسخىسى ئۈندىدار ئىچىدە ئېچىلىدۇ.

ئاخىرىدا خالىغان يازمىلارنى دوستلار چەمبىرىكىدە ھەمبەھىرلەيمەن.



بۇ مېنىڭچە تېخىمۇ قولايكەن، بەت يۈزىنى كۆرۈشمۇ ئەپلىك، ئېقىمنىمۇ تېجەيدۇ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:06:53

ماۋۇ ئۇندىدارنىڭ تور نۇسخسى:



wx.qq.com



مۇشۇ بەتنى ئېچىپ ئېكراندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىقلا تور نۇسخسىغا تىزىملاتقىلى بولىدۇ. خىزمەت ۋە باشقا جىقراق پاراڭ قىلىش زۆرۈرىيتى تۇغۇلغاندا بۇمۇ بەك ئەسقاتىدىكەن.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:06:57

بۇمۇ بولىدىكەن ، كۆپ رەھمەت بۇرادەر

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:15:41

بولىدىغان ئۇسۇللاركەن ،  مەن بىلگەجان بىلەن سۆھبەتنى ھەمبەھىر قىلىپ قويدۇم .

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:44:59

مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىناپ بىر تېمامنى چىقىرىۋالدىم  {:92:}  ھەجەپ پىچەت بولدى دىسە \"\"

doctor يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:31:27

ciao2013 。 muzdala كەكۆپ رەخمەت ئىزدىنىشنى بەك تەستە ئاچاتتىم تېلفۇن نۇسخىسى بەكلە راھەتكە ئىنكاس يېزىشمۇ بەكلا شۇنداق قۇلاي جەۋلان بايغىمۇ رەخمەت 。

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 13:09:05

ھورمەتلىك باشقۇرغۇچىلار ، ياخشىمۇسىلەر، جاپا چەكتىڭلار، رەھمەت.

كەچۇرۇڭلار ، مۇناسىۋەتسىز پاراڭ قىلىپ قويىدىغان بولدۇم.

مەن ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ھازىرغا قەدەر 5 پارچە يازما ، 7پارچە ئىنكاس يوللاپتىمەن. بىراق ، نەچچە كۇندىن بۇيان ، يازما يوللاش مەشغۇلات سېستىمىسدا مەسلە كۇرۇلدىمۇ ياكى مەن چەكلەندىممۇ يازما يوللانمايۋاتىدۇ، مۇمكىن بولسا سەۋەبىنى چۇشەندۇرۇپ قويساڭلار.

تەشەككۇر بىلەن : مۇھاكىمە

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 13:31:35

ھېچكىمنى چەكلىگىنىمىز يوق ، بۇنىڭدا بىر نەچچە خىل سەۋەب بولۇشى مۇمكىن

1. ئىزدىنىش مۇلازىمېتىرىنىڭ زىيارەت سانى يۇقىرى چەككە يەتكەن ، قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋاقتىدا يوللىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

2. يۇقارقى سەۋەبكە قوشۇلۇپ ئۆزىڭىزنىڭ تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەن ۋاقىتتا يوللىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن .

3. يۇقارقى ئىككى سەۋەبنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا ، يېقىندىن مۇلازىمېتىردا كۆرىلىۋاتقان بەزى نورمالسىزلىقلار(ئالدىنقى كۈنلەردىكى ئاستىلاپ كېتىش__›تاقىلىپ قېلىش) سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن

خۇلاسىلىگەندە : مېنىڭ بايقىشىمچە يۇقارقىدەك نورمالسىزلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى يۇقارقى ئۈچىنجى تۈر دەپ قارايمەن ، چۈنكى ، بىر نەچچە كۈنلەر بولۇپ قالدى ، تېما يېزىپ بولغاندىن كېيىن (بولۇپمۇ باش بەتتىكى يېڭى تېما يېزىش دىگەن يەردە تۇرۇپ يېڭى تېما يازغاندىن كېيىن) تاپشۇرۇش كونۇپكىسىنى باسقاندا مۇلازىمېتىر خاتالىقى كۆرۈلۈپ ھەممە نەرسە يوقايدىكەن ، بۇنىڭدىن ئىزدىنىش ئەپەندىنىڭمۇ خەۋىرى بار بولۇشى مۇمكىن ، ئىشىنىمەنكى بۇ خاتالىقمۇ پات ئارىدا يوقايدۇ .



سەمىڭىزگە سېلىپ قويىدىغىنىم ،

1.تېمىنى يېزىپ بولۇپ باشقا يەرگە (ھېچبولمىسا ئىچكى ساقلىغۇچقا) قاچىلۋېلىپ تۇرۇپ ئاندىن يوللاڭ ، بۇنىڭدا يۇقارقىدەك كاشىلا كۆرۈلگەندە يوقاپ كەتكەن ئىلھاملىرىڭىزنىڭ دەردىنى بىزدىن ئېلىپ ئىنكاستا تىللاپ يۈرمەڭ يەنە \"\"

2. ئۆزىڭىز يازماقچى بولغان مەزمۇننىڭ قايسى سەھىپىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بېكىتىپ باش بەتتىن ئاشۇ سەھىپىگە ماس كېلىدىغان تۈرنى تاللاپ ئېچىپ شۇ يەردىكى يېڭى تېما يېزىش كونۇپكىسىنى ئىشلىتىڭ ، بايقىشىمچە يۇقارقى كاشىلا باش بەتتىكى يېڭى تېما يېزىش دىگەن كونۇپكىدا كۆپ كۆرۈلدىكەن.

3. چاتاق ئوڭشالغىچە يۇقارقىلارنى قىلىپ تۇرۇڭ ، خوش بۇرادەر  {:90:}

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 13:37:16

ئۈندىدار دىگەن تەرجىمىگە ئەجەپ كۈنەلمىدىم.. بىر قېتىم ئاڭلىسام بىر قېتىم بىئارام بولىمەن.

ihlimpaxahan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 13:58:32

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سورىۋالسام:

بۇ قېتىملىق دېكتۇر رىياسەتچىلەرنى تاللاش مۇساپىقىسىنىڭ ئاساسىي ناخشىسى يەنى ئادىلە سىدىق ئېيتقان ناخشا كىمدە بار ؟بەك يېقىملىق ئاڭلانغانتى ،چالا-بۇلا ئاڭلاپ قالدىم .بولسا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار ،بار دەپ قولۇڭلارنى كۆتۈرسەڭلەر ئالاقىلىشىش ئادىرىسىمنى تاشلايمەن.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 13:58:56

مۇشۇ تېمىدا سىلەر دىگەن ئۇسۇل بىلەن ئىزدىنىش مۇنبىرىنى ۋېيشىندە تۇرۇپ ئاچتىم . ئېچىلدى ، تېمىلارمۇ كۆرۈندى ، دوسلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلىمەكچى بولغان تېمىنى تاللاپ ھەمبەھىرلىسەم نورمال يوللاندى ، ئەمما دوسلار چەمبىرىكىگە ئۆزەم ھەمبەھىرلىگەن تېمىنى ئۆزەم ئېچىپ باقسام ئۇ تېما ئېچىلماي ئىزدىنىشنىڭ مۇنبەر بېتى ئېچىلىۋاتىدۇ ،  يەنى ھەمبەھىرلىگەندە دوسلار چەمبىرىدە شۇ بىز ھەمبەھىرلىگەن تېمىنىڭ ئىسمى توغرا كۆرۈنىدىكەن ، ئەمما چېكىپ ئاچساق ئۇ تېما ئېچىلماستىن مۇنبەر باش بېتى ئېچىلىدىكەن .
بۇ خىل ئۇسۇلدا تېما ھەمبەھرلىگەنلەر ، ئۆزۈڭلار ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭلار ، سېلەردە نورمالمۇ يا ،  مەن ئايفۇندا سىنىسام مۇشۇنداق ...

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 14:16:21

\"\"

RGB يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 14:59:06

ۋاپادارىمنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىن مىزدىنىشنىڭ يانفون نۇسخىسى ئېچىلغىنىنى كۆرۈپ تۇنجى ئىنكاس يېزىشىم، ئەمدى ياخشى بولدى

RGB يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 15:01:56

12- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
c.poco.cn/mypoco/myphoto/20131022/16/5565648920131022160044037.png\"
border=\"0\">

مۇشۇ تېمىنىڭ ئۆزىنى دوستلا چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلىدىم ، ئاندىن ئۈندىداردا تۇرۇپ شۇ ھەمبەھىرنى چەكسەم مۇشۇ تېما ئېچىلدى ، مېنىڭكىدە نورمالغۇ ، ئالما

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 21:31:35

muzdala @ نىڭ ئۇسۇلىنى قوللاندىم،مۇۋاپپىقىيەتلىك بولدى.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 21:38:47

مېنىڭ تەجرىبەم سىلەرگە بىر مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرسە ھېچگەپ ئەمەس

تېما ئىگىسى دېگەندەك bbs.izdinix.com قىلىپ قىلسام بولمىغانتى. ئالدىغا //:http نى قوشۇپ قىلسام بولدى. \"\"
بەت: [1]
: مۇنبەردىكى يازمىلارنى ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىگە مۇنداق يوللايمىز