komsha يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 05:33:20

ئىستىخبارات ۋە تېرور ئويۇنلىرى



ئىستىخبارات _
特工 (ياكى ئېنگىلىزچىدىكى Secret Intelligence) مەنىسىدە ئىكەنلىكى
ھەققىدە «جاسۇسلۇقنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى» ناملىق ماتىرىيالدا ئېنىقلىما بېرىلگەن
ئىدى. «جاسۇسلۇق» دېمەسلىكىمىزنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ماتىرىيالدا دېيىلگەن بولۇپ،
جاسۇسلۇق — ئىستىخبارات خىزمىتى ئىچىدىكى بىر تۈردىنلا ئىبارەت.


بۇ مەۋزۇ ئاستىدا بەزى
پىشقەدەم ئىستىخبارات خادىملىرى تەرىپىدىن يېزىلغان كىتاپلاردىن ئېلىنغان
ئۈزۈندىلەرنى قىزىققۇچىلارنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچىمەن. چۈنكى ئىستىخبارات ھەققىدە
مەلۇم ساۋات بولماي تۇرۇپ، بۈگۈنكى دۇنيا سەھنىسىدە ئوينۇلۇۋاتقان سىياسىي
ئويۇنلارنىڭ ماھىيىتىنى چۈشۈنۈش مۈمكىن ئەمەس. بارلىق سىياسىي ئويۇنلارنىڭ پەردە
ئارقىسىدا ئىستىخبارات خىزمىتىنىڭ بولۇدۇغانلىقى، «تېرور» ئويۇنلىرىمۇ ئەمەلىيەتتە
بىر تۈرلۈك ئىستىخبارات ئويۇنى ئىكەنلىكى، ھەتتا زەھەرلىك چېكىملىك
ئەتكەسچىلىكلىرىدىمۇ ئىستىخباراتنىڭ قولى بولۇدۇغانلىقى بەزىلەرگە ئايان بولسىمۇ،
كۆپچۈلۈك ئۈچۈن يوچۇن بولۇشى چوقۇم.


تۆۋەندىكى ئۈزۈندىلەردە
باش ئاخىرىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى سەۋەپلىك، ئېنىقسىزلىشىپ قالغان مەزمۇنلار ئۈچۈن
تەرىپىمىزدىن ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. بۇنداق ئېنىقلىمىلارنى ئوتتۇرا تىرناق ئىچىگە
ئالىمەن. دېمەك، ئوتتۇرا تىرناق ئىچىدىكى تېكستلەر قەلىمىمىزگە ئائىتتۇر.
مەزمۇنلارنىڭ چۈشۈنۈلۈشى تەكشى بولماسلىقى مۈمكىن. چۈنكى، بەزىلەردە ئەسلىدىن ئاز-تولا
ئىستىخبارات ساۋادى بار، بەزىلەردە ھىچ يوق. شۇڭا ئېنىقسىزلىقلار ئۈچۈن ئىنكاس
ئورنىدا سوئاللار سورالسا، جاۋاپلارنىمۇ ئىنكاس سەھىپىسىدە ئورتاقلىشىش ئارقىلىق،
مۈجىمەللىكلەرگە ئېنىقلىق كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.


****


بۇرۇنقى دەۋرلەردە
ئاخبارات توپلاش (ئىستىخباراتنىڭ) ئاساسىي خىزمىتى بولغان بولسا، زامانىمىزدا بۇ
ئورگاننىڭ رەسمىي پائالىيەت مەيدانى توپلۇم (جەمىيەت) ئىنژىنېرلىقى دەپ ئاتالغان توپلۇمنى
يۆنلەندۈرۈش ھالىتىگە ئۆزگەردى. ئاخبارات توپلاش بولسا مەخپىي پائالىيەت بولۇشتىن
قالدى، ئوتتۇرىدا كېزىپ يۈرگەن ئوچۇق ئۇچۇرلارنى باھالاش بۇ ئىشنىڭ ئاساسىي
گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىشقا باشلىدى. مەسىلە، خەۋەرلەرنىڭ يېتەرلىك بولۇش بولماسلىقى
ئەمەس، بۇنىڭ توغرا ھالدا باھالىنىشىدۇر. ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ھىچقانداق نەرسىنى
يوشۇرغىلى بولمايدۇ. ئەڭ مەخپىي قارارلارمۇ مۇتلەق رەۋىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەي
قالمايدىغان بولغاچقا، بۇ ئەمەلىيلىشىشلەرنى توغرا باھالاپ چىقالىغاندا، ئېلىنغان
قارارلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى يەشكىلى بولۇدۇ. ئىستىخبارات — بۇ ئورگاننىڭ
تەركىۋىدىكى كەسپدارلارنىڭ چېچەنلىكى ۋە بىلىم سەۋىيىسىگە باغلىق ھالغا كەلدى.



بىر دۆلەتتە باشقۇرغۇچى
ھەرقاچان يەككەدۇر ۋە بۇ كۆپ ھاللاردا تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئۆزى بولۇشى ناتايىن. سىياسىي
ھاكىمىيەت ئۇلارنىڭ ۋاسىيلىقىدا بولۇپ، باشقۇرغۇچىدەك كۆرۈنگەن كىشىلەردىن تەركىپ
تاپىدۇ. بىر دۆلەتتە (ئەسلى) باشقۇرغۇچى كۈچنى ئېنىقلاش تەس. چۈنكى خېلى كۆپ
دۆلەتتە بۇ كۈچ شۇ دۆلەتنىڭ ئىچىدە بولۇشىمۇ ناتايىن. دۇنيادىكى ئىككى يۈز
ئەتراپىدىكى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىۋاتقانلىقى ۋە
ئىجراغا قويۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىش پەقەتلا گۆدەكلىك بولۇدۇ.



بۇ يەردە ئىككى
ئوخشىمىغان نۇقتىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋالماق كېرەك. ھەر دۆلەت قارار چىقىرىشتا
شەرتلەرنى نەزەردە تۇتۇشقا مەجبۇر ۋە بۇ سەۋەپتىن خالىغىنىنى قىلالمايدۇ. بۇ ئەڭ
كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ شۇنداق. بۇنداق بىر ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا قارار قىلغۇچى
كۈچ شۈبھىسىزكى، دۆلەتنىڭ ئىچىدە بولغان بولۇدۇ. ئەمما يەنە خېلى كۆپ ئەھۋاللاردا
بۇ شەرتلەرنى ھىساپقا ئېلىشنىڭمۇ چېگرىسىدىن چىقىپ، توغرىدىن توغرا باشقىلارنىڭ
خاھىشلىرىنى ئەينەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش سەۋىيىسىگىچە چۈشۈپ قالۇدۇ. بۇ ئىككى خىل
ھالەتنى بىر بىرىدىن ئايرىش تەس بولسىمۇ، مۈمكىنسىزمۇ ئەمەس.



ئەگەر دۇنيادا ئەلقائىدە
دەيدىغان بىر تەشكىلات بولسا ۋە
CIA ئۇنىڭغا تاقابىل كېلەلمەيۋاتقان بولسا، دېمەك
ئامېرىكا يېمىرىلىش باسقۇچىغا كىرىپ قالغان بولۇدۇ؛ باشقا بىر مەخپىي ئورگان ئۇنى
ئۇچىنى تاپقىلى بولمايدىغان چىگىش يىپ توپى بىلەن ئويناشقا مەھكۇم قىلغان بولۇدۇ.
ئەمما، مەن
CIA نىڭ بىر ئادىمىنىڭمۇ بۇ تەشكىلاتنى تۇتۇش كويىدا
ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن.



... مەسىلەن، غەرپتىكى
ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى بىر سولچى، بىر ئوڭچى، بىر فاشست، بىر كوممۇنىست تەشكىلاتقا
سىڭىپ كىرىدۇ، ئۇنى قوللۇنۇدۇ. سولچىنى ئوڭچىغا، كوممۇنىستنى فاشىستقا ئۆلتۈرگۈزۈدۇ،
ئۆلتۈرگۈچىلەر بولسا ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغىنىغا ئىشىنىدۇ. بۇ
ئىشلار مانا مۇشۇنداق بارىدۇ. قوللۇنۇلغان ئادەملەر بۇنى ئەسلا سېزەلمەيدۇ ۋە
ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكىنىمۇ بىلەلمەيدۇ.



دۇنيادىكى چوڭ
ئىستىخبارات ئورگانلىرى تېرورچى تەشكىلاتلارنى [قورال سۈپىتىدە] قوللۇنۇدۇ. ھەر
دۆلەتنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى تېرورچى تەشكىلاتلارنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ،
قۇرۇلمىنى كونترول قىلىدۇ، بىر تۈركۈم ئادەملەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ئەمما ئىشىغا
ياراۋاتقان مۇددەتتە تەشكىلاتنى يوقاتمايدۇ.



دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر
يېرىدە بىر تالاي تېرور ھەركەتلىرى كۆرۈلۈۋاتقان بولسا، بۇنىڭ ئارقىسىدا بىر
ئىستىخبارات ئويۇنى باردۇر. ئەكسىچە بولغاندا بىر مەنتىقسىزلىق بىلەن يۈزمۇ-يۈز
بولغان بولۇمىز. مەخپىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن يوغان-يوغان پۇل خەجلىگەن كەسپلەشكەن
كۈچلەر بىر ئۇچۇم تومپاينىڭ قارشىسىدا يېڭىلگەن بولۇدۇ. بۇنداق بىر ھالنى قوبۇل
قىلسىڭىز ئۇ ھالدا دېيىشىڭىز مۈمكىنكى«شۇنداق، تېرور سىستېمنىڭ تېشىدا ۋە بۇ يەردە
ئىستىخبارات ئورگىنى يوق». ئەمما شۇنىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇسىز: بۇ ئىش
ئۈچۈن تەربىييىلەنگەن، باش قاتۇرغان، ھاياتى چېچەنلىك ئويۇنلىرى بىلەن ئۆتكەن،
پۈتۈن دۇنيانىڭ كەسپ ئەھلىللىرى بىر قانچە ئادەم قۇرغان تەشكىلاتلار تەرىپىدىن
مەغلۇپ بولۇۋاتىدۇ.



ئەمما مەن دەيمەنكى،
تېرورچى تەشكىلاتلار مەۋجۇت بولغان ھەر يەردە ئىستىخبارات پائالىيىتى بار.



ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ
تېرورچى تەشكىلاتلارغا قانداق ئىھتىياجى بولار؟ دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىشكە توغرا
كېلىدۇ.تېرورچى تەشكىلات دېيىلىدىغانلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئۈچ تۈرلۈك بولۇدۇ:
بىرى، مەلۇم كىشىلەرنى يوقاتماقنى مەخسەت قىلىدۇ.چۈنكى بۇ مەلۇم كىشىلەرنىڭ
مەۋجۇتلۇقى ئۇلارنىڭ سىياسىتى ئۈچۈن توسالغۇدۇر. بۇ جەھەتتىن ئۇلارنىڭ يوقۇتۇلۇشى
شەرت. بۇلار ئۈچۈن كېننېدى ۋە گەندىنى مىسال قىلىشقا بولۇدۇ.


ئىككىنچى تۈردىكى
تېرورلۇق ئىشى، مەلۇم كىشىلەر ئارقىلىق توپلۇمغا سىگنال بېرىشتۇر.يەنى،
ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ شەخسەن ئۆزى نىشان ئەمەس. پەقەت ئۇنىڭ كىملىكى ۋە شەخسىيىتى
سەۋەبىدىن سۈيقەستكە قۇربان قىلىنىشى — ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمدەك — پەقەت خەلقارا
تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇدۇغان خاراكتېردا بولغىنىدا ئەھمىيەتلىكتۇر. [بىرىنچى دۇنيا
ئۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان ئاۋسترىيە شاھزادىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئوخشاش] ئەكسىچە
كىملىكى ۋە شەخسىيىتىگە قارالمىسىمۇ بولۇدۇ. تۇرغان ئورنى ئىتىبارى بىلەن سۈيقەست
پىلانىنىڭ بەك كۆپ مەخسەتكە خىزمەت قىلغان قىلمىغانلىقىغا قارىلىدۇ. نىشانلانغىنى
بىر سىياسىي مەساجدۇر. يەنى، ئاممىنى بەلگىلىك تەرەپلەرگە قاراتماق، يەتمەك
ئىستەلگەن نىشان ھەققىدە كىشىلەرنىڭ زېھىنلىرىنى يۆنلەندۈرمەكتۇر.


مەسىلەن، نىشان شۇنداق تاللىنىدۇ:
بىر نەپەر ئاتاتۈركچى تېپىڭ!... ئىسىم كېيىن بەلگىلەنسىمۇ بولۇدۇ. تەشكىلات بۇنى
ئۆزى تاللىسىمۇ بولۇدۇ. يوقۇرىدىن بېرىلگەن بۇيرۇق ھەرقانداق بىر كىشى بىلەن
ئالاقىدار بولماسلىقىمۇ مۈمكىن. پىلان ئىجرا قىلىنىدۇ ۋە تاللانغان كىشى بىر تەرەپ
قىلىنىدۇ. جامائەت پىكرى ۋە سىياسىي مىخانىزىم ئىستەلگەن يۆنۈلۈشكە
يۆنلەندۈرۈلۈدۇ.


[بۇنىڭدا ئاتا تۈركچىلەر
دىندارلار جامائىتىنى قارىلىماقچى بولغىنىدا ئۆزلىرى تونۇلغان ئاتاتۈركچىدىن بىرنى
قۇبانلىق قىلىپ، ئاندىن بۇنىڭ گۇناھىنى دىندارلارغا يۈكلەپ، قانۇنىي ۋاسىتىلار
ئارقىلىق ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇدۇغان كوزېر قىلىشلىرى مۈمكىن؛ ياكى باشقا بىر
جامائە ئاتا تۈركچىلەرنى يامانلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قولى بىلەن ئۆز جامائىتى
ئىچىدىكى بىرىنى ئۆلتۈرگۈزۈشلىرىمۇ مۈمكىن]


ئۈچىنچى خىل ھەركەت
ئاممىغا قارىتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى ھەركەتلەردە ھىچبىر شەكىلدە كىملەرنىڭ قۇربانلىق
قىنىشى موھىم ئەمەس. بارىسىز، ئىنسانلار توپلاشقان يەرلىرىدە ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرۇسىز.
بىرمۇنچە ئىنسان ئۆلۈدۇ؛ سولچىسىمۇ، ئوڭچىسىمۇ، دىدارىمۇ بار،... ھەممىسىگە زىيان
يەتكۈزىسىز. بۇ ئاممە ئارىسىدا قورقۇنچ پەيدا قىلماق ئۈچۈن، خەلقنى بەلگىلىك بىر
نىشانغا قاراپ ھەيدىمەك ئۈچۈن قىلىنىدۇ. [ئاممە ئارىسىدا قورقۇنۇچ پەيدا قىلماق
ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن بەزىدە دورىدەكلا لازىم بولۇدۇ. مەسىلەن: دۆلەت
ئىچىدە ھاكىمىيەتتىكىلەرگە قارشى ئۆكتىچىلەر ئەدەپ كەتسە، مانا شۇنداق ئومۇمىي بىر
خەۋپ سىگنالى بېرىلىپ، ئۇلارنى دۆلەت ھاكىمىيىتى ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، خەتەردىن
ئۆتۈۋېلىش ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ قارار ئېلىشى قولغا كەلتۈرۈلۈدۇ. بۇنىڭ بىلەن خەلق
يەككە شەخس سۈپىتىدە ئامان قېلىشقا كۆزى يەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ
ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشنى ئۆز ئەقىللىرى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. ئۆكتىچىلىك تۇتۇملىرىنى
ۋاقتىنچە بولسىمۇ قويۇپ تۇرۇدۇ]



مەسىلەن، قوشماق
بىنالارغا تارىخىي بىر ھۇجۇم بولۇپ ئۆتتى. ئامېرىكا خەلقىنى، دۇنيا مىقياسىدا كەڭ
كۆلەملىك بىر ھەركەتكە كۆندۈرەلمەسلىكىڭىز مۈمكىن ئىدى. خەلق ئۆزلىرىگە قارشى
دۈشمەنلىك پائالىيىتىنى دەھشەتلىك بىر شەكىلدە كۆرگەندىن كېيىن، — بەلكىم بەك
بۇرۇندىن پىلانلانغان — ئوپېراتسىيەلەرنى ئېلىپ بېرىشلىرى ئۈچۈن دەستەك بېرىشتى.
باشقا تۈرلۈك دېسەك: «رازىلىق يارىتىلدى».



دەيلىكى، جۇڭگۇ بۈگۈن
بەك چوڭ بىر كۈچ بولۇپ، تەڭپۇڭلۇققا تەسىر كۆرسۈتۈشكە باشلىدى. ئەمما بۇ ھالدا
ئامېرىكا ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى شۇنداق تەسىرگە ئۇچرىتار ۋە باشقۇرۇدۇكى، بىردىنلا
ئىچكىي مەسىلىلىرى بىلەن ھەپىلەشمەكتىن، دۇنيا بىلەن ھەپىلەشكۈدەك ھالى قالماس.


مەسىلەن، جڭگۇ بىر
مىليارت نوپۇسى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىنسان كۈچى سانىلىدۇ. بۇ قەدەر غولغۇن
بولغان يەردە نېمە ئۈچۈن تېرور تەشكىلاتى يوق؟ جۇڭگۇنىڭ [ئۇيغۇرلار رايونى] دەك
ئاچ بېقىنى [ئاجىز ھالقىسى]، كونترول ئاستىدىكى ئىقتىسادى بار. تەڭپۇڭلۇقنىڭ
تېشىدا ھەركەت قىلىشقا ئۇرۇنغان ھامان، ھەپىلىشىشكە مەجبۇر بولۇدۇغان مەسىلىلىرى
تېخىمۇ يوغۇناپ كېتىدۇ. جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ تۇرقاقلىرىنى ئامېرىكا قولدا تۇتماقتا،
خالىغان ۋاقىتتا قىسالايدۇ.



دەل تەتۈر خىيال بىلەن
جۇڭگۇ-رۇسىيە ئارىسىدا مۇقابىل ۋە ئورتاق مۇناسىۋەت بارلىقىنى پەرەز قىلىشىدۇ.
ئەمەلىيەتتە شاڭخەي ئاڭلاشمىسىنىڭ ھىچقانداق مەنىسى يوق. رۇسىيە بۇشقا ياردەم
قىلىش ئۈچۈن بەزى-بەزىدە ئاسىيادا بىر تەھدىت مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرسۈتۈش
مەخسىدىدە بىرمۇنچە كۆرەك كۆرسۈتۈدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ
بۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ: «قاراڭ، قارشىمىزدا چوڭ كۈچلەر بار، بىزگە قارشى
بىرلەشمەكتە. قورال سانائىتىگە مەبلەخ سېلىشىمىز كېرەك. بولمىسا تەھدىت ئاسىتىدا
سىز، ئەي ئامېرىكا خەلقى!» دەيدۇ ۋە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈدۇ. رۇسىيە ھەربىي جەھەتتىن
پات-پات ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىشقا مەجبۇر. بۇ بۇش ئۈچۈن قوللاش دېمەكتۇر. بۇشمۇ
بۇ قوللاشتىن پايدىلىنىپ، قورال سانائىتىگە مەبلەخ سالۇدۇ، مۇداپىئە چىقىمىنى
ئارتتۇرۇدۇ.



ئىنسانلارنى بىر نەرسىگە
ئىشەندۈرمەك ياكى بىر ھەركەتكە ماقۇل قىلماق ئۈچۈن يا نەسىھەت قىلىنىدۇ، يا
نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلۈدۇ. ئەگەر يېتەرلىك كۈچىڭىز بولسا مەجبۇر
قىلىشڭىزمۇ مۈمكىن. شۇغۇنىسى بۇ تازا تەسىرلىك بولمايدۇ. نەسىھەتمۇ ئۇ قۇلاقتىن
كىرىپ بۇ قۇلاقتىن چىقىپ كېتىدۇ، زورلانغاندىن ئادەملەر قاچىدۇ.


ئەڭ تەسىرى بولۇدۇغىنى
ئىنسانلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشقا ئۆزلىرىنى قارار بەرگۈزۈشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن
مۇۋاپىق شەرتلەرنى ھازىرلايسىز، قارشىڭىزدىكى سىزنىڭ تەلىپىڭىز بويىچە ھەركەت
قىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئۆزەم قارار قىلدىم دەپ ئويلىغاچقا ھەركىتىنى قەتئىيلىك ۋە
جاھىللىق بىلەن داۋام قىلىدۇ.



... شۇ كۈنلەردە
ئىراننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر «سۈننى – شىئە توقۇنۇشى» يارىتىلماق ئىستەنمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ تا باشتىن بېرى سىياسىتى — ئىسلام دۇنياسىنى بىر پۈتۈن ھالدا
قارشىسىغا ئالماق ئورنىغا، ئۆز ئارىسىدا توقۇنۇشتۇرماقتۇر. ئۆز كۈچىنى
ئىشلەتمەستىن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاساسلىق توقۇنۇش نۇقتىلىرىنى غىدىقلاش ئارقىلىق،
قارشىسىدىكى كۈچنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ چوتىنى سوقماقتا.




jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 10:09:42

1. يازمىڭىزنىڭ پايدىلىنىش مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن بولسىڭىز



2. ئۇنداقتا ، 911 ۋەقەسى مەلۇم ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ پىلانلىشى ۋە تالىبانلاردىن پايدىلىنىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان دىسەك توغرا بولامدۇ؟



3. دۇنيادا ئىستىخباراتسىز تېررورلۇق مەۋجۇت ئەمەس دىمەكچىمۇ سىز؟

gullug يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 10:22:44

بۇ يازمىغا مەنمۇ ئەلا دەپ باھا بېرىپ باقاي \"\"

ئوقۇپ چۈشىنىپ قالساقلا بولغۇدەك سوئال سوراشقا بولمايدىكەن...



\"\"

gullug يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 10:27:11

ھەقىقەتەن بەك ئېسىل يازما بوپتۇ. مەزمۇن ۋە ئۇيغۇر تىل ئىپادىلەش جەھەتتە \"\"   رەھمەت!

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:47:04

داۋاملىق يازايلى مىساللاردىن جىقراپ ئېلىپ دىگەندەك. خېلى تاماشا(entertaining) يازما بولغىدەك.



لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن قوشماق بىنالارنى پارتىلىۋېتىش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىش پىلانىنىڭ خەلق «رازىلىقى»غا ئېرىشكەنلىگى پەقەتلا بىر گەپلاا خالاس، سۈيىقەستلىك نەزىريىسىگە ئىشىنىدىغانلار ياكى شۇنى ئۈمىت قىلىدىغانلار ھەرقانداق نەرسىدىن سۈيىقەستنىڭ پۇرىقىنى تاپىدۇ ياكى يارىتىدۇ.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:00:45

ئىستىخبارات، بۇ يېڭى ياسالغان سۆزمۇ ياكى بۇرۇندىن بامىتتى؟

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:23:52

مۇشۇ «ئىستىخبارات» دېگەن سۆز «كۇرتلار ۋادىسى» فىلىمىدا بەك جىق تىلغا ئېلىنىدۇ.



تېمىغا ئەلا!

akbarr يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:40:43

تىمىڭىزغا بىر ئەلا كەتتى قىرىندىشىم،رەھمەت ئەمگىكىڭىزگە!!!

nasin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:53:24

مەزمۇنىغا قاراپ 2003-يىلى يېزىلغان تىما ئوخشايدۇ دەپ قارىسام 2013 دەپ تۇرىدۇيا  {:92:}

gullug يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 13:55:44

«خەلقنىڭ رازىلىقى»بىلەن ئىش قىلىش دېگەنگە بەك قوشۇلىمەن. «ئارگو» ئېسىمگە كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشتا بەك ئۇستا ئويۇنلار ئوينالمايدۇ. خۇددى 911دەك كىشىلەرنىڭ ئىشەنمەسلىكىگە خېلى چوڭ دەلىللەر قالدۇرىلىدۇ.  لېكىن ئادەملەر ئالدىنىشقا بەك خۇشتار بولغاچقا ئويۇن قويغۇچىنىڭ مەقسىدى بويىچە ماڭىدۇ. «ئەمدى مېنى كۆردۈڭ »(now you see me)دېگەن فىلىمنى كۆرۈپ قويۇڭلار.  شۇڭا  ئويۇننىڭ مەقسىتى ۋە قائىدىسى بار. توغرا خاتالىقى بىزنىڭ بۇ ئويۇندىكى تۇتقان ئورنىمىز ۋە پوزىتسىيەمىزگە باغلىق.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 14:05:59

True ھەممە ئويۇننىڭ قائىدىسى بار، بۇنى بېكىتكۈچىلەر لېكىن ئويۇننىڭ تەرەققىياتىدا كېلىپ چىقىدىغان ھەيرانقالدۇرغىلارنىڭ ھەممىسىنىلا كونتۇرۇل قىلىپ ياكى ئالدىن كۆرۈپ بولالمايدۇ. لېكىن سىز بەكلا سۈيىقەستكە ئىشەنگەچكە مۇشۇنداق دەپ تۇرىۋېلىۋاتىسىز ھەممىسىنى غايىۋى بىر توپلار كونتۇرۇل قىلىپ تۇرىدۇ دەپ. Wake up, man. @gullug \"\"

yatwash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 14:44:15

بۇ ماقالىنىڭ تىلىدا تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ گرامماتېكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى بەك ئېغىر. مۇشۇنداق يازمىلارنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتېكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە راۋان قىلغىلى بولماسمۇ؟ مەزمۇنىنى ئايرىۋېتىپ، تىلىغا باھا بېرىشكە توغرا كەلسە، مەن بۇ ماقالىنى ناچار باھالايمەن.

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 15:03:29

بىر مۇشىتلاش كىنوسىدا دەيدىغان.

بۇ ئويۇننىڭ بىرلا قائىدىسى بار ئۇ بولسىمۇ ھېچقانداق قائىدىسى يوق دەيدىغان.  {:92:}

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 16:31:22

سىياسى ئويۇنلارنى ئويۇن ئىچىگە ئېلىپ ئوينالغۇچىلار بىلمەي ئۆتۈپ كىتىدىكەنمىز

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 16:37:17

بەزى ئىشلارنى بەكلا تەبئى بولغاندەك ھېس قىلدىكەنمىز ،ھەممە سەۋەپلىرىمۇ تولۇق ،

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 16:50:00

ئەلانى باستىم. تېما دىققىتىمنى مەلۇم جەھەتتىن يېڭى نۇقتىغا قارىتالىدى.

bayram يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 17:00:08

ماقالىدە بوش تىلغا ئېلىنىپتۇ. ھازىر ئوبامامۇ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.مەنچە بۇ ماقالە ۋاقىت جەھەتتىن كىيىن يىزىلىپ قالدىمۇ قانداق؟ ئىشلار ئادەمنىڭ رايىغا باقماي يۈز بېرىۋېرىدۇ. پەقەت كىشلەر پىلان قىلىدۇ ۋە پەرەز قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە يۈز بېرىشى بولسا يەنە باشقا ئىش.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 08:11:02

قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بىر ئاز دىققەت قىلىپ ئوقۇساڭلار بۇ سوئاللارنىڭ ئەڭ ئاز ئۈچتەن ئىككىسى سورالمايتى.

باشتا دېگىنىمدەك، بۇ بىر ماقالە ئەمەس، بۇ شۇ ناملىق كىتاپتىن ئۈزۈپ ئېلىنغان ئۈزۈندىلەر. شۇڭا بۇ ماقالە دېگەندەك ئاتاش ماڭا غەلىتە تۇيۇلدى، كۆرمەمسىلەر؟ ھىس قىلمامسىلەر؟

بۇشنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى توغرا، كىتاپمۇ شۇ زاماننىڭ كىتابى بولغاچقا شۇنداق. ئۇنى ئوباماغا ئۆزگەرتىپ قويمايمەن-دە.

بۇ مېنىڭ كۆز قاراشلىرىم ئەمەس، ئاشۇ كىتاپنىڭ ئاپتورىنىڭ قاراشلىرى، مۇلاھىزىلىرى، ئەقلىي يەكۈنلىرى.

911 توغرىسىدا ئەگەر yutubeنى ئاچالىسىڭىز ئىزدەپ باقسىڭىز بۇ ھەقتىكى نۇرغۇن ۋىدىئولارنى تاپالايسىز. قۇرۇلۇش مۇتىخەسىسلىرى، ئۇچۇش مۇتىخەسىسلىرى، پارتلىتىش مۇتىخەسىسلىرىنىڭ تەھلىللىرى بار. 911 ھەققىدە مەخسۇس توربەتلەرمۇ ئېچىلىپ، تاقىلىپ تۇرغان، ئىشنىڭ يېڭى ۋاقتىدا، ئەمما ھازىر قانداق؟ ماڭا قاراڭغۇ. ئۇ ھەقتىمۇ ئىزدىنىپ باقارسىز. بۇندىن باشقا ئەگەر ئېنگىلىزچىڭىز ياخشى بولسا kadirmisiroglu.comناملىق بەتتە ئاشۇ ۋەقەدە ئامېرىكىنىڭ مىللىي قەھرىمانى ئاتىقىنى ئالغان ۋىليام ... نىڭ تۈركىيەدە ئاشۇ ۋەقە بولغان كۈنى كۆرگەنلىرىنى ھىكايە قىلغان بىر ۋىدىئو بار، ئۇنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولۇدۇ.

«سۈيقەستلىك نەزىرىيىسىگە ئىشەنمەيدىغان» قېرىندىشىم، كۈچەنمەڭ، ئۆزىڭىز ئىشەنگەنگە ئىشىنىپ قېلىۋەرسىڭىز بولۇدۇ. ھىچكىم سىزنى ئىشىنىشكە زورلىمىدى. قۇتقۇزۇۋالغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغانلىقىغىمۇ، ياپونلارنىڭ (ئۇرۇش دەۋرىدىكى) «شەرقىي ئاسىيانى ئورتاق گۈللەندۈرۈش\" دېگىنىگىمۇ ئىشەنسىڭىز بولۇدۇ. سىياسىي دېگەننىڭ نېمىلىنى مەركەزنىڭ ھۆججەتلىرىدىن، خەلق گېزىتىنىڭ باشباقالىلىرىدىن ئوبدان ئۈگۈنەلەيسىز.

مەن بۇنى بەزى ئەقلى بارلارنىڭ تەپەككۈرىگە ئىلھام بولسىكەن دەپلا يوللۇدۇم. ئاسماندىكى ئاينى كۆرۈپ، ئاي يۈزلۈك يارىنى ئېسىگە ئالسۇن دەپ.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 09:43:43

«سۈيقەستلىك نەزىرىيىسىگە ئىشەنمەيدىغان» قېرىندىشىم، كۈچەنمەڭ، ئۆزىڭىز ئىشەنگەنگە ئىشىنىپ قېلىۋەرسىڭىز بولۇدۇ. ھىچكىم سىزنى ئىشىنىشكە زورلىمىدى. قۇتقۇزۇۋالغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغانلىقىغىمۇ، ياپونلارنىڭ (ئۇرۇش دەۋرىدىكى) «شەرقىي ئاسىيانى ئورتاق گۈللەندۈرۈش\" دېگىنىگىمۇ ئىشەنسىڭىز بولۇدۇ. سىياسىي دېگەننىڭ نېمىلىنى مەركەزنىڭ ھۆججەتلىرىدىن، خەلق گېزىتىنىڭ باشباقالىلىرىدىن ئوبدان ئۈگۈنەلەيسىز.

--------------



بۇ گەپ ماڭا قارىتىلىپتۇ قارىغاندا. ئەپەندىم مېنىڭ بۇ يازمىڭىزدىكى نەرسىلەرگە گۇمانى قاراشتا بولۇشۇم چوقۇم مەركەزنىڭ قىزىل ھۆججەتلىرىگە بولغان ساداقىتىم تۈپەيلىدىنلا بولۇشۇم كېرەكما؟\"\" ئۇچۇر بەك يېڭىلىنىپ كەتتى ھازىرسىز تېخى ھىس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە، خەلق گېزىتىدىن باشقا ماقالىلارنىمۇ كۆرەلەيمىز خالىساقلا. \"\" ھەم مەن سۈيىقەست نەزىيەسى توغرىسىدىكى گېپىمنى گۈللۈگ ئەپەندىگە قاراتقان بۇ ئەپەندىنىڭ ھەممە نىمىگە سۈيىقەست يوشۇرۇنغان دىگەن كۆزقارىشى ماڭا ئېنىق بولغاچ. شۇڭا توغرا چۈشەنگەيسىز.

--

لېكىن داۋاملىق يېزىۋېرىڭ ماڭا ئىنكاس يېزىپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماي. سىزنىڭ توغرا ئىملايىڭىز، يازما تەرتىپىنىڭ ياخشى ئورۇنلىشىشى، ئىشلەتكەن يوقۇرى سۈپەتلىك، چىرايلىق سۆز ئىبارىلەر ماڭا ياقىدۇ. خېلى يوقۇرى سەۋىيەدە.



youtubeتىن يەنە مايكول مور ئىسىملىك رىجىسسورنىڭ دوكۇمېنتارىي خاراكتىرلىق فىلىمى«Fahrenheit 9/11 » نىمۇ ئىزدەپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مايكول مور بۇ توغرىسىدا خېلى دەلىل ئىسپاتلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلىگەن. بەلكى يوۋكۇ تورلىرىدا بولۇشىمۇ مۈمكىن. خەنزۇچە 华氏911 دەيدۇ.

huqush يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 12:20:45

خەتكۈچ

غ ئو زۇلپىقارنىڭ ئۇسلۇبىكەن بۇ ئەسەر
بەت: [1] 2
: ئىستىخبارات ۋە تېرور ئويۇنلىرى