مەمەتجان ئەبەي قايتىپ كەلدى!!!!!
«ھې-ھې»بىلەن«ھۆ-ھۆ»نى ،
قوشۇۋاپسىز ناخشىغا .
يىغلامسىز يا بىلمىدۇق ،
شۇ ناخشىلار ئىشقىدا.
مۇھەببەتتىن قاتۇرۇپ،
گۈل-دەستىلەر تىزىۋاپسىز .
ياپياش تۇرۇپ مەمەتجان،
ھەجەپ ساقال قويىۋاپسىز ؟....
ئەينى ۋاقىتتا "مۇھەببەت"كىلەرمۇ""پۇشايمان"قاتارلىق بىر قىسىم ناخشىللىرى بىلەن خەلقىمىزگە ھەم ياش ناخشا ھەۋەسكارلىرىغا تۇنۇلغان ناخشىچى مەمەتجان ئەبەي بىر قانچە يىللىق جىمجىتلىقتىن كىيىن يەنە ناخشا ساھەسىگە قايتىپ كەلدى.بايا توربەت كۆرۈپ ئولتۇرۇپ مەمەتجان ئەبەينىڭ ياش ناخشىچى "ئادىلجان مەمتىمىن 2013.يىللىق ئىجادىيەت سەنئەت كىچىلكى"دە ئېيىتقان ئىككى ناخشىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم،ناخشىلارنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ مەمەتجاننىڭ ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىدا سەل ئۆزگىرىش ۋە ئىلگىرلەش باردەك ھىس قىلدىم.قېنى مەمەتجاننىڭ بۇ ناخشىنى بىرلىكتە ئاڭلاپ باقايلى.
1.ناخشىسى؛خالىدەم
2.ناخشىسى:سەن بولساڭ بولدى
مەنبەسى:يوۋكۇ تورى.
ناخشىنى بەلەن ئېيتىدۇ بۇ ئادەم. مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ بۇ تېمىنى تەرجىمە فىلىم تورىغا يوللاپ قويدۇم جۇمۇ.23- قەۋەتتىكى xatmenنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
19- قەۋەتتىكى uyghurjan0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ بۇرادەرنىڭ بۇرۇن ئېيتقان تىترەك ناخشىللىرى ھەممىسى دىگۈدەك تۈرۈكچە ناخشىلاركەن ، ئابدۇللا ، مۆمۈنجان ،
يەنە بىرى- يەنە بىرلىرىنىڭ ناخشىللىرى پىقەت ياخمايدۇ دېسە ماڭا.
مۇشۇ ياش ناخشىچىلاردىن ھەسەنجان تۇرسۇن ( ئاخۋاي ) نىڭ ناخشىللىرىدىن بىرخىل ھوزۇر ھىس قىلىمەن ،
بىلىشىمچە ئاخۋاينىڭ بىرمۇ پىسپاس ناخشىسى يوق ھەم قەقىقى ناخشىچى دەپ قارايمەن . بىر يىلدا بىرتال
ناخشا ئېيتسىمۇ مەيلى ، ناخشىچىللىرمىز بۇ دەۋىرنىڭ دۇمباقچىللىرىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك .
ئۇزۇن ئىشتاننىڭ تۆپىگە كۇسار كىيدىغان ساراڭلار ئاڭلايدىغان ناخشىلارنى ئېيتىدىغانلاردىن شۇنداق بىزارمەن .
يەنە بىرى باشقىلارنىڭ ناخشىللىرىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ يۈرۋاتقان نۇمۇسسىز ناخشىچىلار توختاپ قالسا بولىتى ،
باشقىلارنىڭكىنى ئوغۇرلىماي ئۆزلىرى ئىجادىيەت قىلسا شۇنداق ياخشى ئاھاڭ تىكىستلىنى ، ئەگەر ئۇنداق
قىلالمىسا قوڭنى قىسىپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ نەچچە مىڭ ناخشىمىزبار شۇلاردىن ئاۋازىغا چۈشكىننى ئوقۇسا
بولاتتى .
قاسى ھەسەنجانئۇ بىرە ناخشىسىنىڭ ئادرىسىنى يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن .
مەن ئادەتتە خەلىققە يارىغان ناخشىنى ئاڭلايمەن .
ھەسەنجان تۇرسۇن ، نۇرمەممەت تۇرسننىڭ سەنەۋەر تۇرسۇننىڭ ئىنىسى ، ساتا چالىدىغىنى شۇ ناخشىچى كاساپەت ئوقۇپلام قويدۇ دەڭا . بۇ بالىنىڭ ئونبەش ياش ۋاختىدىكى ناخشىللىرىنى ئاڭلىسىڭىز تېخى ، شۇ كىچىكلام چوڭ سورۇنلاردا ناخشا ئېيتىپ ئاۋاز پەردىسى يىرتىلىپ كىتىپتىكەن . سۈننى ئاۋاز پەردىسىمۇ ئەيتاۋۇر بىر خىل داۋالاپتىكەن بولمىسا قانچە ياخشى ئوقاتتىكىن ناخشىنى . ئاساسەن دىگۈدەك مىللى مۇزىكىلارغا ئوقۇيدۇ ناخشىنى ياختۇراسىزمۇ ، خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ ، كۆپ ساندىكى باللا ئۆزىمىزنىڭ مۇزىكىللىرىغا ئوقۇلغان ناخشىلارنى ياختۇرمايدىكەن . پەقىر ئۆزەمنى دىسەم تاراڭ-تۇرۇڭ دەھشەت شاۋقۇنلۇق مۇزىكىلاردا بىئاراملىق ھىس قىلىمەن . بولسا ئاخۋاينىڭ ناخشىللىرىنى تولۇق ئاڭلاپ بېقىڭ ، ئىۋەتىشنى ئۇخمايمەن بولمىسا كىچىك چاغلىردىكى سۈرەتلىك نەخ مەيدان ناخشىللىرى باتى .
ئىسىل ئىسىل ، ھەجەپ يوقاپ كەتتى دەپ قالغانتىم ، ئىسىل ناخشىللىرى بىلەن قايتىپ كەپتۇ . مۇشۇ مەمەتجاننىڭ ساقىلى مىنىڭكىگە بەك ئوخشايدۇ زادى .22 ياشقا ئەمدى كىرگەن بولساممۇ يامان بومبا ساقال چىقىپ كەتتى دىسە .

قايتىپ كەلدى دىسە ،بىرەر ناخشا پىلاستىنكىسى چىقانمىكىن دەپ كىرسەم .. ئاۋازى بەك مۇڭ چىقىدىغان بولاپ كېتىپتىغۇ ..قالتىس ..رەخمەت قىرىندىشىم ..
بىر ئەلا كەتتى ..
نەگە كېتىپتىكەن؟ بالىغۇ بۇ ساقاللىق ئاداش...مۇشۇنىڭ شۇ مۇھەببەت دىگەن ناخشىسى بىلەن ئەۋج ئېلىپ كەتكەنتى ھىندىستان، ئۆزبەكلەرنىڭ كۆرۈنۈشلېرىگە ناخشا كېرىشتۈرۈش، ھازىرغىچە ئوڭشالمايۋاتىدۇ... «2.ناخشىسى:سەن بولساڭ بولدى» نىڭ ئوتتۇرسىدا ( 2:59 سېكۇنىتلۇق يېرىدا )چالغان سازنىڭ ئىسمى نېمە؟ نەي ئەمەستۇ؟ بالىمان دىگەن ساز شۇدۇ. ئۇسلۇبى ئانچە ئۆزگەرمىگەندەك، مەن يەنىلا ئابدۇللا ئابدۇرەھىمنىڭ ئاۋازىنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن. ئاۋازىغا ئامراق مەن ،بۇ ئاداشنىڭ ، بىرخىل مۇڭ
ناخشىنى ياخشى ئىيتىدۇ ...



ماھىر زەين دەك سەمى يۈسۈف تەك ناخشا ئېيتىدىغانلا چىقارمۇ زادى ئۇيغۇرلىدىن ....‹؟ ھېلقى ئاۋازىنى (جوڭدۇڭ)قىپ ناخشا ئېيتىدغان بالا شۇمۇ بۇ

