qutyar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 16:12:54

خاتا بىسىلغان يۈز يۇەنلىك پۇل

نەچچە ئايلارنىڭ ئالدىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك 1.دوختۇرخانىدا بالامنى داۋالىتىش جەريانىدا ئاپتۇماتىك پۇل ئىلىش ماشىنىسىدىن 2005-يىلدىن باشلاپ بىسىلىپ تارقىتىلغان قىزىل يۈز يۇەنلىك پۇلنىڭ خاتا بىسىلغىنىدىن بىرسى چىقىپ قالدى . بۇ خاتا بىسلغان پۇلنىڭ بىسىلغان ۋاقتى 1999-يىلى دەپ يىزىلغان ،ئۇنىڭدىن باشقا بەلگە ،سان ،خەت بولۇپ جەمئى 5ئورۇندا نورمال 100يۇەنلىك پۇلغا ئوخشىمايدىغان خاتالىقلار سادىر بولغان . توردىن تەكشۈرۈپ باقسام بۇ خىل پۇللار خېلى بار ئوخشايدۇ ، بانكىدىكىلەر بۇ پۇلنى ساختا ئەمەس دىدى .


ئاراڭلاردا مۇشۇنداق پۇلنى ساقلاۋاتقانلار بارمۇ ؟ بۇ پۇلنى ئىلىپ ساقلاپ قويۇش كىرەكمۇ ياكى خەجلىۋىتىش كىرەكمۇ؟ ناۋادا بۇنى يىغىپ ساقلايدىغانلارغا بەرسە پۇلغا يارامدۇ ؟




arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 17:02:33

ئوبدان ساقلاڭ ، لىكىن ساچقانلارغا بۇ ئالاھىدە پۇل دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ !

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 17:30:29

بەك ھۇشياركەنسىز ...

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 19:01:34



  ساقلىسىڭىز ئاسارە- ئەتىقىگە ئايلىنامىكىن .

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 19:03:50

سېلىشتۇرۇپ باقتىم باشقا پەرىقلەرمۇ باركەن !

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 19:36:32

ھازىر بەيدۇدىن ئىزلەپ كۆرۈپ باقتىم، سىزدىكى بۇ يۈز سوم خاتا بېسىلغان پۇل ئەمەسكەن. 1999-يىلى بېسىلغان پۇل ئىكەن.



2004-يىلىدىكى 99 يىل نۇسخىسىدىكى 100 سومنىڭ بازار باھاسى 105 سوم ئىكەن.



قالغىنىنى توردىن ئىزلەپ كۆرۈپ بېقىڭ. خاتا بېسىلغان 99-يىل نۇسخىسىدىكى 100 سومنىڭ باھاسىنى بىر بېكەتتە 280 مىڭ سوم دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.



ئىشقىلىپ ساقلاپ قويسىڭىز، بىر كۈنلىرى باھاسى ئۆسۈپ قېلىشى مۇمكىن. \"\"

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 21:32:59

ئەخلەت تېمىلار ئۈزلۈكسىز تەۋەللۇت بولىۋاتىدىغۇ.ئىزدىنىشقا نېمە بولدى؟

ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ياكى چ چ بوشلىقىغا ياكى باشقا پىس-پاس بەتلەرگە يوللىسىمۇ بولىدۇ بۇنى.

ماۋۇ تېمىنىڭ ئۈستىدە جەۋھەر دىگەن قىزىل خەتنى كۆرۈپ قالسام ICUغا كىرىپ قالىمەن جۇمۇ.

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 22:11:12

6- قەۋەتتىكى ulukjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەخلەت تېمىلار ئۈزلۈكسىز تەۋەللۇت بولىۋاتىدىغۇ.ئىزدىنىشقا نېمە بولدى؟

ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ياكى چ چ بوشلىقىغا ياكى باشقا پىس-پاس بەتلەرگە يوللىسىمۇ بولىدۇ بۇنى.

ماۋۇ تېمىنىڭ ئۈستىدە جەۋھەر دىگەن قىزىل خەتنى كۆرۈپ قالسام ICUغا كىرىپ قالىمەن جۇمۇ.

خاپا بولماڭ ،مەن ىىزدىنىشقا ەزا بولغان 10يىلدىن بىرى سىز دىگەندەك باشقا پىس پاس بەتلەرگە ەزا بولۇپ باقمىدىم,ھەم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ەزا بولۇش نىيىتىم يوق,شۇڭا باشقا بەتلەرگە يوللاپ يۈرمىدىم, ناۋادا شۇ سەۋەپلىك ىىزدىنىشنى ەخلەت قىلغان بولسام سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن。 تىلفۇندا ھەمزىنى چىقىرالمىدىم,توغرا چۈشەنگەيسىلەر。

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 22:12:06

راستىنلا خاتا بېسىلغان پۇل بولسا مەن 10ھەسسى بۇيچە سېتۋالاي.كوت كوت:   642608743

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 22:25:06

6- قەۋەتتىكى ulukjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەخلەت تېمىلار ئۈزلۈكسىز تەۋەللۇت بولىۋاتىدىغۇ.ئىزدىنىشقا نېمە بولدى؟

ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ياكى چ چ بوشلىقىغا ياكى باشقا پىس-پاس بەتلەرگە يوللىسىمۇ بولىدۇ بۇنى.

ماۋۇ تېمىنىڭ ئۈستىدە جەۋھەر دىگەن قىزىل خەتنى كۆرۈپ قالسام ICUغا كىرىپ قالىمەن جۇمۇ.


تىزىملاتقىنىغا 5كۈن بولغان ماۋۇ بالىغا نىمە بولغاندۇ ئەمدى. ئىزدىنىش ئۈلۈكجاننىڭ بولسا ئىش بار ئىكەن. ئاڭلاپ قويغۇلۇق.كۆرۈپ قويغۇلۇق.


كۈندە پولو يەۋەرسە ئېغىر كەلگەندەك.بۇنداق تېمىمۇ زىيان قىلماس



ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 22:57:11

تىزىملاتقىلى بەش كۈن بولغىنى پەقەت شۇ تىزىملاتقىلى بەش كۈن بولغانلىقىنىلا بىلدۈرىدۇ.ئىزدىنىشقا پەيدا بولۇپ قالغىلى بەش كۈن بولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.ئىزدىنىش مەلۇم بىر شەخسكە تەۋە بولىدىغان ئىش بولسا چۇقۇم شۇ قۇرغۇچىنىڭ بولىدۇ.ئۆلۈكجان،تىرىكجانلارنىڭ ئەمەس.تىزىملاتقىنىمغا بەش كۈن بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 08:22:35

تېما بىر يەردە قالىدىغان بولدى يەنە، ھېچ بىر ئىزدىنىشقا مۇخالىپ تېما ئەمەسكەنتۇق بولمىسا.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 09:09:21

ھازىردىن باشلاپ بەك دىققەت قىلاي جۇمۇ



چاي-پايلاردا چۈشكەن پۇللارغا ھاھا

tvman يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 09:23:44

13- قەۋەتتىكى yusranنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھازىردىن باشلاپ بەك دىققەت قىلاي جۇمۇ



چاي-پايلاردا چۈشكەن پۇللارغا ھاھا



چاي -پايلاردا چۈشكەن پۇلغا دەڭ،


چايدا چۈشكەن پۇل يانچۇققا كىرگەن بىلەن پايدا چۈشكەن پۇل يانچۇقتىن چىكىتىدۇ جۇمۇ\"\"

yusran يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 09:34:42

ھاھا نېمە دەيدىغاندۇ ما تۈمەن دېگەن بالا

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 09:52:10

پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس، بولۇپمۇ ئۇ ئانچە كۆپ بولمىغان چاغدا. \"\"

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 10:10:02

قولغا چۈشكەن پۇللارغا قاراپ باققۇلۇقكەن جۇمۇ ، ماۋۇ تېمىنى يوللىغۇچى خېلى زىرەككەن . مەن بازارنىڭ ئالدىدىكى پۇل سېتىۋالىدىغانلاردىن سوراپ باقمىسام ، خاتا بېسىلغان پۇلنى قانداق ئالىدىكىن.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 10:12:24

ئاپامدا باكەن ئۇنداق پۇل 1999-يىلى بېسىلغان پۇل



ئەمما قىزىقارلىق يېرى شۇنداق يېڭىكەن

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 10:16:41

يۈتتۈرۋەتمەي ساقلاڭ، نەۋرىڭىزگە قالدۇرسىڭىز تېخى ياخشى.
بەت: [1] 2
: خاتا بىسىلغان يۈز يۇەنلىك پۇل