arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 15:30:11

يانفوندا پروگرامما تۈزەش

ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئەقلىفونلارنى تونۇشتۇرۇپ يۈرمىسەممۇ كۆپچىلىككە قانداق ئىقتىدارى بارلىقى ياخشى تونۇشلۇق. كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇس سەپلەنسە خاتىرە كومپىيوتىرلاردىن كۆپ پەرقى يوق دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ھازىرقى يانفونلار سۈرئەت ۋە ساقلاش سېغىمى جەھەتتە 10 يىل ئالدىدىكى كومپىيوتىرلاردىن ئېشىپ كەتتى.


پروگرامما تىلىنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن، كۆپلەپ ئەمەلى مەشىق زۆرۈر بولىدۇ. تۆۋەندە ئاندروئىد سېستىمىلىق يانفونلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن پروگرامما تۈزەش ئەپلىرىدىن ئىككىنى تونۇشتۇرىمەن.



C4android بۇ ئەپ بىلەن يانفون موھىتىدا C تىلى ۋە C++ ئارقىلىق پروگرامما تۈزگىلى بولىدۇ ھەمدە ئايرىم ئىجرا بولالايدىغان apk ھۆججىتىنى چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ ئەپنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى TCC نى بىللە قاچىلايدۇ. ناۋادا GCCغا ئېھتىياجلىق بولساق، ئايرىم چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز.


تۆۋەندىكىسى بۇ ئەپنىڭ ھەر خىل ھالەت رەسىملىرى:






تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن export  ئىقتىدارى بىلەن بېۋاستە apk ھۆججىتى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.




AIDE بۇ ئەپ بىلەن يانفون موھىتىدا جاۋا تىلى بىلەن پروگرامما تۈزگىلى بولىدۇ ھەمدە ئايرىم ئىجرا بولىدىغان Apk ھۆججىتىنى چىقارغىلى بولىدۇ. eclipse دا تۈزۈلگەن پروگراممىنى بېۋاستە ئىجرا قىلالايدۇ ھەم Apk ھۆججىتىنى ھاسىل قىلالايدۇ. ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرى 2.1.4  xml كۆرۈنمە يۈز ھۆججىتىنى ئىجرا بولغاندىكى ھالەتتە بېۋاستە تەھرىرلەش، ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.


تۆۋەندىكىسى بۇ ئەپنىڭ ھەر خىل ھالەت رەسىملىرى:






تۆۋەندىكى رەسىمدە پروگرامما ئىجرا بولۇپ توخۇ توشقان 48 تېپىشمىقىنىڭ جاۋابىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پروگرامما eclipse دا يېڭى project قۇرغاندا ئاپتوماتىك ھاسىل بولىدىغان قۇرۇلمىدىن پايدىلىنىپ، يانفوندا AIDE ئارقىلىق تېپىشماق ھېساپلاش بۆلىكى قوشۇلۇپ يېزىلدى.





يۇقۇرقى ئىككى ئەپ بىلەن تېلفوندا بېمالال پروگرامما تۈزەلەيمىز، ئىجرا قىلىپ نەتىجىسىنى كۆرەلەيمىز. apk ھۆججىتى ھالىتىدە باشقا تېلفونلارغا يوللاپ بېرەلەيمىز. تېلفوندا پروگرامما تۈزگەندىكى بىر يېتەرسىزلىك شۇكى كۇنۇپكا تاختىسى بولمىغاچقا كىرگۈزۈش سۈرئېتى ناھايىتى ئاستا. يەنە بىرى ئىكرانى كىچىك تېلفونلارغا تازا ماس كەلمەيدۇ. ئۆزەم ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلغىنىم ئىكران 5 ديومدىن كىچىك بولۇپ قالسا، قولايسىزلىق كۆپ بولىدىكەن.



بۇ ئىككى ئەپكە يانداشتۇرۇپ، Hacker"s keyboard دىگەن كىرگۈزگۈچنى قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، تەڭشەپ كومپيوتىر كۇنۇپكا تاختىسىغا ئوخشاش ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدۇ. كود يېزىش سۈرئېتىمىزنى كۆرىنەرلىك تىزلىتەلەيدۇ.


تۆۋەندىكىسى بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ھالەت رەسىمى:





تۆۋەندىكىسى eclipse تىن پايدىلىنىپ ئۆزەم تۈزىۋالغان پروگراممىنىڭ كۆرۈنۈش يۈزى، ئىجرا قىلغاندا ھەم خاتالىق تۈزەتكەن ۋاقتىمدا يانفوندا AIDE دىن پايدىلاندىم:




پروگرامما تىلى ئۈگۈنىشنى يېڭى باشلىغانلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلەلىشى مۇمكىن. بۇ ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جۇڭگۇ تور بېكەتلىرىدە ئوغرى نەشىرى بار. googleplay ئەپ بازىرىدا قانۇنلۇق نەشىرى سېتىلىدۇ. بۇ ئىككى ئەپنىڭ باھاسى قوشۇپ ھېساپلىساق ئاران 30 دوللار. لىكىن دىيارىمىزدا سېتىۋېلىش قولايسىز ئىكەن. جۇڭگۇنىڭ خەلق پۇلىنى بېۋاستە چىقىم قىلغىلى بولمايدىكەن.

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 20:47:39

AIDEبىلەن تونۇشقىلى خىلى ۋاقىت بولۇپ قالدى،مېنىڭ ھىس قىلغىنىم پروگىرامما ئاساسى كودىنى يېزىش قولاي بولسىمۇ(ۋقىت،شارائىتنىڭ چەكلىمىسگە ئۇچىرىمايدۇ)،بىراق پروگىراممىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى لاھىيەلەشتە بىر ئاز قولايسىزدەك ھىس قىلدىم،سىزگە كۆپ تەشەككۈر،بىلدىغانلىرىڭىزنى باشقىلاردىن ئايىماپسىز،بىراق مەن شۇ توغرىسىدا تېما يېزىشىنى ئويلىغان بولساممۇ بۈگۈنگە قەدەر ھورۇنلۇق قىلىپ كەلگەنىدىم. \"\"

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 10:14:54

مەن يۇقۇرىدىكى تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز سوئالدىن بىرنى سورىسام ، بىلىدىغانلار ئۇچۇر بەرسەڭلار .

ئادەتتە « ئىزدىنىش » قا ئىنكاس يازسام خەت نورمال چىقىدۇ ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى نەقىل ئېلىپ ئىنكاس يازسام باشقىلارنىڭ ئىنكاسىمۇ ، ئۆزۈمنىڭ خەت شەكلىممۇ باشقىچە بىر شەكىلدە چىقىدۇ ، بۇنى قانداق ئوڭشىغىلى بولىدۇ ؟

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 10:52:14

بەك ياخشى تېما بوپتۇ !

ئاۋۇ قورالمۇ بەلەنكەن ، تېما ئىگىسى كۆپتىن كۆپ رەھمەت جۇمۇ \"\"

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:00:31


2- قەۋەتتىكى koygandengizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن يۇقۇرىدىكى تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز سوئالدىن بىرنى سورىسام ، بىلىدىغانلار ئۇچۇر بەرسەڭلار .

ئادەتتە « ئىزدىنىش » قا ئىنكاس يازسام خەت نورمال چىقىدۇ ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى نەقىل ئېلىپ ئىنكاس يازسام باشقىلارنىڭ ئىنكاسىمۇ ، ئۆزۈمنىڭ خەت شەكلىممۇ باشقىچە بىر شەكىلدە چىقىدۇ ، بۇنى قانداق ئوڭشىغىلى بولىدۇ ؟




تور كۆرگۈشتە مەسىلە بار.مەن بۇرۇن دائىم 360نىڭ تور كۈرگۈچىسىنى ئىشلىتىدىغان.بۇنىڭدا تېما يازسا ،ياكى نەقىل ئالسا ئۆمۈچۈك پۇتىدەك خەت كۆرىنپ ئۇقىغىلى يازغىلى بولمايدىغان،يېقىدا تۇساتتىنلا سېستىمىنىڭ ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچىدە بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يوقلىقىنى بايقىدىم.ھەممە نۇرمال،شۇڭا مۇنبەرگە چىقسام ،سېستىما ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىدىغان بولدۇم،سىزمۇ سىناپ بېقىڭ!!!




koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:43:06

4- قەۋەتتىكى talmasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


2- قەۋەتتىكى koygandengizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن يۇقۇرىدىكى تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز سوئالدىن بىرنى سورىسام ، بىلىدىغانلار ئۇچۇر بەرسەڭلار .

ئادەتتە « ئىزدىنىش » قا ئىنكاس يازسام خەت نورمال چىقىدۇ ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى نەقىل ئېلىپ ئىنكاس يازسام باشقىلارنىڭ ئىنكاسىمۇ ، ئۆزۈمنىڭ خەت شەكلىممۇ باشقىچە بىر شەكىلدە چىقىدۇ ، بۇنى قانداق ئوڭشىغىلى بولىدۇ ؟




تور كۆرگۈشتە مەسىلە بار.مەن بۇرۇن دائىم 360نىڭ تور كۈرگۈچىسىنى ئىشلىتىدىغان.بۇنىڭدا تېما يازسا ،ياكى نەقىل ئالسا ئۆمۈچۈك پۇتىدەك خەت كۆرىنپ ئۇقىغىلى يازغىلى بولمايدىغان،يېقىدا تۇساتتىنلا سېستىمىنىڭ ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچىدە بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يوقلىقىنى بايقىدىم.ھەممە نۇرمال،شۇڭا مۇنبەرگە چىقسام ،سېستىما ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىدىغان بولدۇم،سىزمۇ سىناپ بېقىڭ!!!


   قانداق ئىشلىتىمەن ؟







talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:06:07

مۇنداق ئىشلىتىسىز

ئۈستەل يۈزىدىن،ياكى باشلاش تىزىملىكىدىن Internet Explorerدىگەن خىتى بار نەرسىنى تاپىسىز .ئاندىن تىز سۈرەتتە ئىككىنى چىكىسىز،ياكى مائوس ئۇڭ تەرەپنى چىكىپ ئىچىش دىگەننى چەكسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.ئاندىن تور ئادرىسى كىرگۈزىدىغان يەرگە www.izdinix.com كىرگۈزىسىز!!!  {:92:}   {:92:}  



كومپىيوتىر سېستىما خەنزۇچە بولسا،،

桌面-Internet Explorer。、ئۈستەلدە يوق بولسا ماۋۇ يەردە چۇقۇم بار 开始菜单-Internet Explorer。

浏览器-تور كۆرگۈچ دەپ خاتا دەپ سالدىممۇ نىمە؟  {:107:}   {:107:}

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:49:27

قىشتا دەم ئالغان چاغدا، ئاندروئىد سېستىمىغا پروگرامما تۈزەش ھەققىدە ئايرىم تېما تەييارلاشنى ئويلىشىۋاتىمەن. لىكىن قوساقتا ئۇماچ ئاز، ئۆزەمنىڭ بىلگەن ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا تاشلاي دەپ ئويلىدىم. مۇكەممەل ئۈگەنگىنىم c تىلى ئىدى. جاۋانى راۋان ئىشلىتەلمەيمەن.

پروگرامما تىلى ئۈگۈنۈش بەك تەس ئىشمۇ ئەمەس. خالىغان بىر تىلنى تۇتۇپ ئۈگەنسە، باشقا كومپىيوتىر تىللىرىنىمۇ ئوڭاي ئۈگۈنۈپ كەتكىلى بولىدۇ.

بىر دوستۇمنىڭ ئايالى دوختۇر، ئۇلار بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، سانلىق ئۇچۇرلارنى ھېساپلىغۇچ بىلەن ھېساپلاپ بەك جاپا تارتىپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن ماتىماتىكىلىق

ھېساپلاش فورمىلاسىنى يوللاپ بەردى. vb بىلەن بىر ھېساپلىغۇچ ياساپ ئەۋەرتىپ بەرسەم خوش بوپ كەتكەن، ئاۋارچىلىق ئازايدى دەپ.

بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىشىمدىكى مەخسەت، تەكرار ئوخشاش بولغان بەزى ھېساپلاشلارنى پروگرامما قىلىپ تۈزۈپ ئىشلەتسەك خىزمەت بېسىمى يەڭگىللەيدۇ.

كومپيوتىر تىلىدىن خالىغان بىرىنى ئۈگىنىپ قويساق، ئايرىم يۇمشاق دىتال تۈزمىسەكمۇ، ھېچ بولمىغاندا excel دا فورمىلا تۈزۈپ ھېساپلاش سۈرئېتىمىزنى تىزلىتەلەيمىز. خاتالىقنى ئازايتالايمىز.

تېمامغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ھەر بىرىڭلارغا رەھمەت.



بۇ تېما پايدىلىق دەپ ھېس قىلغان بولساڭلار، ئاپتورى پالانى دەپ ئەسكەرتىپ يۈرمەستىن، خالىغانچە تارقاتساڭلار بولىدۇ. مەن رەنجىمەيمەن. \"\"

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 19:22:42

ئېسىل تېما  \"\"

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 19:33:27

پروگراممىلارنىڭ قاپىيىسى ئوبدان چىقىپتۇ.  {:92:}
بەت: [1]
: يانفوندا پروگرامما تۈزەش