qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 10:13:47

شېئىر دېگەن ...(ئوسمانجان ساۋۇت)


ئوسمانجان ساۋۇت



شېئىر – ھايات، ئانا، مۇھەببەت، ۋەتەن



شېئىر دېگەن ھاياتتۇر، شېئىر دېگەن مۇھەببەت،


ئوت بېرىدۇ باغرىدىن ئوتسىرىغان ئالەمگە.


شېئىر دېگەن خۇدادۇر، شېئىر دېگەن مۇھەممەد


شەيتىنىنى بوغۇزلاپ ئازاد بولغان ئادەمگە!




شېئىر دېگەن ۋەتەندۇر تىلسىم ھېسلار كۆمۈلگەن،


شېئىر دېگەن ۋىجداندۇر ئادىمىيىلىك بەلگىسى.


شېئىر دېگەن قەسەمدۇر ئار نۇمۇسقا چۆمۈلگەن،


شېئىر دېگەن گۈلتاجدۇر نەرگىسلەرنىڭ نەرگىسى.




شېئىر دېگەن ئانىدۇر ئاق چاچلىرى توزغىغان،


شېئىر دېگەن قېرىنداش، ئۈنمەيدىغان تېرىسا.


شېئىر دېگەن جاناندۇر ئاتەش ھېسلار قوزغىغان،


(تەبىئەتمۇ قېرىيدۇ، ئاشۇ ھېسلار قېرىسا.)



شېئىر دېگەن دوست –يارەن – ئېتىبارى مۇقەددەس،


شېئىر دېگەن ئىشەنچتۇر،- سۆيگۈلەرنىڭ يىلتىزى.


شېئىر دېگەن مەردلىكتۇر، ھەر كېچىكتە زەپەردەس،


شېئىر دېگەن مەملىكەت يۇلتۇزلارنىڭ يۇلتۇزى.




*



ھەر بىر مىسرا سورايدۇ باھاسىنى ھەمىشە،


چوقۇنمىدىم مۇزا* غا دەردلەرنى تارتمايمەن.


گەر چوقۇندى دېسەڭلار شۇ تەرىپلەر ئېسىمدە،


چاپىنىمنى ساتساممۇ ئەمما شېئىر ساتمايمەن!


ــــــــــــــــــــــ


ــئىزاھات: مۇزا – شېئىرىيەت ئىلاھى



1987-يىلىللىق «تارىم» 6-ساندىن.

qurwan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 11:58:43

چاپىنىمنى ساتساممۇ ئەمما شېئىر ساتمايمەن!\"\"

doctor يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 19:42:24

قەلەمنى ھەر مۇقامغا يورغىلاتتىم ،مەيلىگە قويماي،

تىرىقىىنى «تاغ»قىلىپ يازدىم ،غۇلاچىنى«بىرئىلىك»قىلدىم

تىخى «ئايغىر غۇنلاپتۇ ،-دىدىم،قۇملار چىچەكلەپتۇ..»

دىمەك ئىلھامنى يالغانىڭ چىراغىغا پىلىك قىلدىم .

يىشىم ئەللكتىن ئاشقاندا ،دىدىم ،بەس !ھەقىنى سۆزلەيمەن،

ئۆزۈمىنى زاتى مەنسۇردەك كۇلاھۇ –جەندىلىك قىلدىم .

بىلڭلار ئۇشبۇ يازمامدىن مىنىڭ ھالىمىنى ئوغلانلار ، ;

كىتەرمەن بى ئەجەل مەيلى،ئاۋامىنى خەندەلىك قىلدىم!….



روزى سايىت قەلەمى。

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 21:39:10

ھېسسىياتسىز بولۇپ كېتىۋاتىمەنمۇ تاڭ، مۇشۇ ھېسسىياتلىنىپ، قايناپ تۇرۇپ يېزىلغان خەتلەر، سۆزلەنگەن سۆزلەرنى ئاڭلىسام \"\" مۇشۇندالا بولاپ كېتىمەن...
بەت: [1]
: شېئىر دېگەن ...(ئوسمانجان ساۋۇت)