zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 09:52:58

قەشقەر قاغىلىق ناھىيسىدە 4.9بال يەرتەۋرىدى



جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى تورىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 1دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى(شەرقى ئۇزۇنلۇق  گىرادۇس36.9،شىمالى كەڭلىك گرادۇس 77.5)جايىدا 4.9بال يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 10كلومىتىر.خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما،قاراقاش قاتارلىق جايلىرىدىمۇ كۈچلۈك يەر تەۋرەش سېزىمى بولغان.



مەنبەسى"http://news.ceic.ac.cn/CD20131021034509.html

function يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 10:15:36

شىمالى كەڭلىك، شەرقى ئۇزۇنلۇق دەيمىز.

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 10:18:03

ئۈرۈمچىدىمۇ تەۋرىگەن، تۈنۈگۈن.

qurwan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 11:57:38

ئاللاھ قېرىنداشلارنى ئامان قىلسۇن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 13:49:22

ئاللاھ قېرىنداشلىرىمىزنى ئامان قىلغاي!

ئايالىم قاغىلىقچى ئىدى، تۇققانلىرى ھەممىسى شۇ يەردە، سەل ئەنسىرەپ قالدىم. خەۋەرنى سەل رەتلەپ نۇر تورىغىمۇ يوللاپ قويدۇم. تېما ئىگىسى كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز.

kumlukbalisi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 14:52:37

ئاللاھ بىزنى ئامان قىلسۇن..يېقىندىن بۇيان رايۇنىمىزدا يەر كۆپ تەۋرەۋاتىدۇ.
بەت: [1]
: قەشقەر قاغىلىق ناھىيسىدە 4.9بال يەرتەۋرىدى