مەن ياقتۇردىغان ناخشا ھەم سۆرەتلەر
مەنمۇ بۇ ناخشىنى شۇ قەدەر ياقتۇرىمەن،خۇددى بىراۋلار مەن ئۈچۈن ئېيتىۋاتقاندەكلا بىلىنىدۇ.
فىلىمگە كىرىشتۈرۈلگەن مەنزىرە،ھېندىستاندىكى تاج ماھال مەقبەرىسى.
بۇ مەقبەرنىڭ ئاجايىپ رىۋايىتى بار،ئەكبەر شاھ ئۆزىدىن بالدۈر كەتكەن خانىشى ئۈچۈن بۇ مەقبەرىنى بىنا قىلدۇرغان،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ قەبرە ئۈچۈن 22 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىنىپ 17-ئەسىردىكى دۇنيا مىمارچىلىقىنىڭ جەۋھەرلىرى مۇجەسسەم قىلىنغانكەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە،ئەكبەر شاھ بۇ مەقبەرنى لايھەلىگەن باش ئىنژىنىرنىڭ ئايالىنى كۆز ئالدىدا قەتلى قىلىپ،ئۇنىڭ ئايرىلىش،ھېجران ئازاۋىنى بىۋاستە تېتىپ تۇرۇپ بۇ ئىجادىيەتنى چىن چىقىرىشىغا تۈرۈتكە بولغان،نىمە دىگەن قەبىھلىك-ھە!
ئارىدىن 400 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ ئىمارەت گۈزەللىكىنى يوقاتماي ئەنە ئاشۇنداق قەد كۆتۈرۈپ تۈرۈپتۇ.
ئۆمرۈمدە بىر قېتىم بولسىمۇ بېرىپ ئون كۈن تۇرۇپ، سەھەرلىك قوياشنىڭ لاتاپىتىنى ،كەچلىك شەپەقنىڭ تولغۇنۇشلىرىنى تاماشا قىلغۇم بار،بىراق بۇ جاي ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا توغرا كېلىدىكەن،بېرىش ئۈچۈن ئارلىقتىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىقتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىكەن،ئۇ ئورمانلىقتا ياۋايىي قەبىلىلەر بارمىش.
ماڭا نىسبەتەن جاندىن كەچمىگۈچە، جانانغا يىتەلمەس دىگەندەك بىر ئىش بولىدىغان ئوخشايدۇ،شۇنداق بولسىمۇ بىر سىناپ باققۇم بار،ھازىر شۇنىڭ يولىنى قىلىۋاتىمەن.
گوگىلنىڭغۇ دەيمەن؟ مۇشۇنداق قەدىمى ئىمارەتلەرنى زىيارەت قىلدىغان يۇمشاق دىتالى بولدىغان ،تاپالىسىڭىز بېرىشتىن بۇرۇن زىيارەت قىلىپ كورۇپ تۇرسىڭىزمۇ ئەرزىيدۇ. كورىيەلىك بەرگەن دىسكا بىلەن ئەلئىھرامنى زىيارەت قىلغان ئىدىم بىر چاغلاردا

1- قەۋەتتىكى bardamنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گوگىلنىڭغۇ دەيمەن؟ مۇشۇنداق قەدىمى ئىمارەتلەرنى زىيارەت قىلدىغان يۇمشاق دىتالى بولدىغان ،تاپالىسىڭىز بېرىشتىن بۇرۇن زىيارەت قىلىپ كورۇپ تۇرسىڭىزمۇ ئەرزىيدۇ. كورىيەلىك بەرگەن دىسكا بىلەن ئەلئىھرامنى زىيارەت قىلغان ئىدىم بىر چاغلاردا![]()
دىتالنىڭ ئىسمىنى يوللاپ قويسىڭىز،
مېنىڭمۇ شەھلا ھەدەمگە ئوخشاش ھىندىستاننىڭ مۇھىتىنى بىر ھېس قىلىپ بېقىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. ھىندى ئاياللىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىلنىڭياقى ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان مىللىي كىيىملىرى ماڭا بەك يارايدۇ. بولۇپمۇ قىزلىرى كىيىۋالىدىغان ئۇزۇن كوپتىلار. xahla91@ چىقۋاتقىنى قايسى ناخشا...؟
شەھلا خېنىم، بۇ يەرنى كۆرۈش ئۈچۈن ھىندىستانغا بارىدىغان ئىش بولسا سۈن ۋۇكۇڭ بىلەن جۇباجيې لارنى ئېلىۋالسىلا، ئىپتىدائىي قەبىلىلەردىن ئۆتكەندە ئەسقاتىدۇ، ھازىرقى چامادانلارنىڭ غالتىكى بولغاندىكىن شا راھىپ كېرەك بولماس ئەمدى.....
ئارزۇلىرىغا يەتكەيلا....
لېكىن ھېلىقى «پۇراق»تىن كېيىن تا ھازىرغىچە كۆڭلۈم ئېلىشىپلا تۇرىدۇ مۇشۇ ئىزدىنىشقا كىرسەم....
‹‹بۇگۇن يەنە سېنى كۆرمىدىم››دېگەن مىسرالىرى بىلەن باشلانغان مۇڭ ھەقىقەتەنمۇ يۆرەكنى ئىزىدىكەن.
5- قەۋەتتىكى yasinjanaksنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
xahla91@ چىقۋاتقىنى قايسى ناخشا...؟
«خالىماسمەن »دىگەن ناخشا.