wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 19:32:44

بالىلار ئاۋازلىق ئەسەرلىرىنى ئىزدەيمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر ،تىنىچ ئامان تۇرۇپسىلەرمۇ ،بالام ھەر كۈنى كەچ ياتاردا چۆچەك ئاڭلىماي ياتمايدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى كەچتە چوقۇم 3نى ئاڭلايدۇ ، ناۋا كارتونلىرىدىن ھەر بىرى لېنتىدىن ئىككى ئۈچتىن كاردىن چىقىرىپ بولدى ،ھازىر بۈگۈن كەچتە نېمە ئېيتارمەن دەپ ئويلايدىغان بولدۇم ،شۇڭا دوسىلاردىن بالىلار ئاۋازلىق ئەسەرلىرىنى بىلىدىغانلارنىڭ تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمۈت ق ىلىمەن ،يەنە بىر گە ،بىز كىچىك چاغلاردا "بوۋام ئېيىتقان چۆچەكلەر،قىزىم ئېيىتقان ناخشىلار "دەپ بىر لېنتا چىققان ئىدى ،شۇنى توردىن تاپقىلى بولارمۇ ،بىلىدىغانلارنىڭ ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 19:35:39

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بىز ئەي بالام بلوگىدا چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەن ئىدۇق، يۇيۇلۇپ كېتىپتۇ،مەن قايتا يوللاپ بېرەي.


http://yunpan.cn/QbpTyPAsdsQeN (访问密码:040b)

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 20:08:25

@melek رەھمەت سىزگە، تېخى قايسى كۈنى مۇشۇنى تاپساق بولاتتى، دېيشىكەن \"\"

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 20:08:45

شۇ باھانىدە مەنمۇ تۈشۈرىۋالدىم.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 20:26:11

سىزگە بەك بەك رەھمەت ئېيتىمەن . \"\"

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 20:45:37

بەلەن ساقلاپ قويسىلا تاپقانلىرى، پات كۈندە سىلىدىنلا سورايمەن مەنمۇ. ئوغۇزغا چۆچەك توشىماي، ھازىر ئۇ بىزگە ئۆزى توقۇغاننى ئوقۇپ بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ.  {:92:}

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 21:02:34

كۆپ رەھمەت سىزگە مەنمۇ چۈشۈرۈۋالدىم

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 21:08:17

مەنمۇ چۈشۈرىۋالدىم

saray يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 21:55:42

مەنمۇ چۈشۈرىۋالدىم،رەھمەت

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 22:30:56

بالىڭىزغا لىنتا قويۇپ بەرمەي ئامالنىڭ بېرىچە ئۆزىڭىز ئوقۇپ،بولسا توقۇپ بېرىڭ.

mussabay يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 22:48:02

ساقلاپ قوياي،كىيىن تاپالماي قالماي،رەھمەت سىلەرگە~

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 22:55:38

ماشىنامدا داۋاملىق ئاڭلايدىغان بالىلار چۆچەكلىرى بار ئىدى ، شۇ بەك سۈزۈك بەك ياخشى ئىدى ، 87.5 قانالمۇ ئىسىمدە قالماپتۇ ، ئۇ چۆچەكنى بالامدىن بەكراق مەن ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتىم راس !



ئاۋازلىق ياخشى يۇقىرى سۈپەتلىك بالىلار ئاۋازلىق ئەسەر چۆچەك پىلاستىنكىسى چىقارساق سېتىۋالارسىلەرمۇ ؟

el-hal يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 23:21:44

كۆپ رەھمەت ، مەنمۇ چۈشىرىۋالدىم .

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 07:13:13

رەھمەت سىزگە مېنىڭ بالاممۇ كۈندە چۆچەك ئاڭلىمىسا ئۇخلىمايدىغان بولىۋالغان،چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 10:35:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە تور رادىئو تورىدىكى «توردىكى رادىئو» سەھىپىسىدىمۇ چۆچەك ئاڭلىتىدۇ، ئازراقلا تېخنىكا ئىشلەتسىڭىز چۈشۈرىۋالغىلى بولىدۇ.

http://www.uycnr.com/wqhg/xslb/

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 14:02:02

11- قەۋەتتىكى arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماشىنامدا داۋاملىق ئاڭلايدىغان بالىلار چۆچەكلىرى بار ئىدى ، شۇ بەك سۈزۈك بەك ياخشى ئىدى ، 87.5 قانالمۇ ئىسىمدە قالماپتۇ ، ئۇ چۆچەكنى بالامدىن بەكراق مەن ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتىم راس !



ئاۋازلىق ياخشى يۇقىرى سۈپەتلىك بالىلار ئاۋازلىق ئەسەر چۆچەك پىلاستىنكىسى چىقارساق سېتىۋالارسىلەرمۇ ؟



ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە شاھزادە بىلەن مەلىكە، پادىچى تاز بىلەن باينىڭ قىزى دېگەندەك چۆچەكلەر كۆپ ئىكەن،ئەقىل پاراسەتكە ئۈندەيدىغانلىرىنى تاللاپ قىلساڭلار سېتىۋالىدىغانلار چوقۇم كۆپ چىقىدۇ.




ماۋۇ ناۋال ھەدەم تۈزگەن ئىسلامى بالىلار چۆچەكلىرى چۈشۈرۋالغايسىلەر


http://pan.baidu.com/s/1h5to5


密码:iepy



مەخپى نۇمۇر سېلىپ قويمىسام ئۇلانما ئادىرىسنى ئۆچۈرۋىتىدىكەن شۇڭا توغرا چۈشەنگەيسىلەر

justone يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 10:31:25

بالىلار ئۈچۈن ئىسلامىي چۆچەكلەر ،بالىلار ئۈچۈن ئىسلامىي ھېكايىلەر ۋە باشقا بالىلار ئەسەرلىرى مەنزىل ئېلكىتاب تورىدىن چۈشۈرىۋېلىڭ،رەسىملىك،رەسىمزى،يانفون نۇسخىلىرى تەمىنلەنگەن:



http://book.menzil.biz/category/%D8%A8%D8%A7%D8%B4%D9%82%D8%A7-%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%84%DB%95%D8%B1/%D8%A8%D8%A7%D9%84%D9%89%D9%84%D8%A7%D8%B1-%D8%A6%DB%95%D8%B3%DB%95%D8%B1%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89










justone يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 10:42:26

باغ ئىگىلىرىنىڭ ھېكايىسى















ئۆزلەشتۈرگۈچى: مونا سالاما





بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن،بىر مېھرىبان موماي نەۋرىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئىكەن.بۇ بالىلار مومىسىغا بەكمۇ ئامراق ئىكەن.چۈنكى مومىسى بەكمۇ ياخشى، قولى ئوچۇق ۋە سېخىي بولۇپ،ئۇ ھەمىشە ئۇلارغا تاتلىق-تۈرۈملەرنى ئەكىلىپ بېرىدىكەن،شۇنداقلا قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدىكەن.



بالىلار شۇ تاپتىمۇ يەنە مومىسىغا ئەركىلەپ،يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ:



- ئوبدان موما،بىزگە ھېكايە ئېيتىپ بېرىڭچۇ!



-شۇنداق،سىزنىڭ قىزىقارلىق ھېكايىلىرىڭىزنى ئەجەپمۇ ئاڭلىغۇمىز كەپ كەتتى، تاتلىق موما!



بالىلار بەس-بەس بىلەن قۇشقاچلاردەك چۇلدۇرلاپ مومىسىغا تەلمۈرۈشۈپتۇ.



موماي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ شۇنداق دەپتۇ:



  - ھېكايە ئېيتىپ بېرەمدىم! نېمىشقا بولمىغۇدەك ئوماقلىرىم،بىراق بۇ قېتىمقى ھېكايە بۇرۇنقىلىرىغا ئوخشىمايدۇ. مەن سىلەرگە ھەقىقىي يۈز بەرگەن بىر ھېكايىنى ئېيتىپ بەرمەكچىمەن،ھەم بۇ ھېكايە قۇرئان كەرىمدىكى سۈرە قەلەمدە بايان قىلىنغان بىر قىسسە.



شۇنداق قىلىپ موماي يېقىملىق،يۇمشاق ئاۋازى بىلەن ئاستاغىنە بۇ ھېكايىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ.



بۇرۇن باي ۋە تەقۋادار بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن.ئۇنىڭ مېۋىلىك دەرەخلەر بىلەن لىق تولغان بىر بېغى بار ئىكەن.ئۇ كىشى باغنى ناھايىتى ياخشى باشقۇرىدىكەن،باغدىن ئېلىنغان مەھسۇلاتنىڭ بىر قىسمىنى باغنىڭ چىقىمىغا ئىشلىتىدىكەن،يەنە بىر قىسمىنى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىر يىللىق ئوزۇقلىقى ئۈچۈن ئېلىپ قالىدىكەن،ئېشىپ قالغان قىسىمىنى مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىپ، باغدىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى پېقىر-موھتاجلارغا ئادا قىلىپ تۇرىدىكەن.





ئاللاھ بۇ تەقۋادار كىشىنىڭ بۇ ئەمەللىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن.ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن،بۇ باغ ھەر پەسىلدە بەكمۇ مول ھوسۇل بېرىدىكەن.شۈبھىسىزكى،كىمىكى ئاللاھ يولىدا بىر نەرسە سەرپ قىلىدىكەن،ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئەنە شۇنداق دۇنيا-ئاخىرەتتە ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرىدىكەن.



بۇ كىشىنىڭ نۇرغۇن ئوغۇللىرى بولۇپ،ئۇنىڭدەك تەقۋادار ئەمەس ئىكەن.كۈنلەر ئۆتۈپ بۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ.باغقا ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋارسلىق قىپتۇ.ئۇلار ئۆزئارا:





-ئاتىمىز ئەخمەق ئادەم ئىدى،ئۇ باغدىن ئېلىنغان مەھسۇلاتنىڭ بىر قىسمىنى كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىۋېتەتتى،ئەگەر بىز ئۇ گادايلارغا بېرىدىغان سەدىقىنى بەرمىسەك،ئۆزىمىز باغدىن چىققان مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولغان بولاتتۇق.-دېيىشىپتۇ.



شۇنداق قىلىپ ئۇلار باغنىڭ مېۋىلىرى پىشىپ،مەھسۇلات يىغىدىغان چاغدا،كەمبەغەللەرگە باغنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن نېسىۋە بېرىشنى توختىتىشنى قارار قىلىشىپتۇ،ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلىپ:مېلىمىز ئاز،جان سانىمىز كۆپ،ئاتىمىزدەك قىلساق،بىزگە باغنىڭ مەھسۇلاتلىرى يەتمەيدۇ.-دېيشىپتۇ-دە،كەمبەغەللەرنى ھەققىدىن مەھرۇم قالدۇرماقچى بولۇشۇپتۇ.



ئۇنداقتا باغنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يىغقان چاغدا ئۇ كەمبەغەللەر بۇرۇنقىدەك نېسىۋىلىرىنى ئالغىلى كەلسە نېمە دېيىش كېرەك؟بۇ ئوغۇللار ئەنە شۇ ھالدا يۈز-ئابرويىنىڭ تۆكۈلىشىدىن ئەندىشە قىلىشىپتۇ.ھالبۇكى،ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشتىن ئەنسىرىمەپتۇ.



شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن بىرى كەمبەغەللەر ۋە سائىللارنىڭ بىلىپ قالماسلىقى، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرىلا ئېلىۋېلىش،ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى سەدىقە بەرمەسلىك ئۈچۈن باغنىڭ مېۋىلىرىنى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئۈزۈۋېلىش تەكلىپىنى بېرىپتۇ،باشقىلار ئۇنىڭ بۇ ئاقىلانە تەكلىپىنى ماختىشىپ،چوقۇم شۇنداق قىلىشقا قەسەم قىلىشىپتۇ.لېكىن ئۇلار قەسەم قىلىشقان بىلەن،ئىنشائاللاھ-ئاللاھ خالىسا شۇنداق قىلىمىز،دېيىشنى ئۇنتۇپتۇ.ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قىلچىمۇ ئەندىشە قىلمىغانلىقتىن،بۇ كەمبەغەللەر باغنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزىۋالغانلىقىنى ئۇقماي قېلىشى ئۈچۈن ۋە ئۇلارغا مېۋىدىن ھېچنەرسە بەرمەسلىك ئۈچۈن سەھەردىلا مېۋىلەرنى ئۈزۈپ،مەھسۇلاتنى جىممىدىلا يىغىشتۇرىۋالماقچى بولۇشۇپتۇ.



بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى تۈزۈشىۋاتقان چاغدا، ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىرلىقىدىن ئىبارەت ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قېلىپتۇ.ئاللاھ بىلىدۇكى،ئۇنىڭ قۇدرىتى يەتمەيدىغان ھېچبىرنەرسە يوق،ھەرقانچە مۇكەممەل پىلان بولسىمۇ،ئاللاھنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلەلمەيدۇ،ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى بېسىپ چۈشۈشكە ۋە ئۇنى توختىتىشقا ھېچكىممۇ قادىر ئەمەس،سۇبھاناللاھ!



شۇنداق قىلىپ بۇ ئوغۇللار سەھەر ئويغىنىپ پىشقان مېۋىلەرنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن،ئۇخلاشقا باشلاپتۇ.



ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇلار ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ،تۈن كېچە بولغان مەھەلدە، ئۇلارنىڭ بېغىغا ئوت كېتىپ،باغدىكى جىمى نەرسە كۆيۈپ كېتىپتۇ،كۆيگەن باغ گويا كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىغا ئوخشاش قاپقارا بولۇپ قاپتۇ.



ھېلىقى ئوغۇللار بولسا ئەتىگەندىلا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ،باغدىكى مېۋىلەرنى ئۈزۈۋېلىشقا بېرىش ئۈچۈن بىر-بىرىنى چاقىرىشىپتۇ.ئۇلار باغقا كېتىۋېتىپ،سۆزلىرىنى ھېكىم ئاڭلاپ قالمىسۇن دەپ ئۆزئارا؟؟؟؟؟ئاۋازدا پىچىرلىشىپ بىر-بىرىگە:بۈگۈن بىرمۇ پېقىرنىڭ باغقا كىرىشىگە ئىمكان بەرمەڭلار،دېيىشىپتۇ.



شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئوي-پىلانلىرىدىن تامامەن باشقىچە بىر ئىشنى ئىرادە قىلغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ھالدا باغقا قاراپ مېڭىپتۇ.ئۇلار كۆيۈپ كەتكەن باغقا يېتىپ كەلگىنىدە چۆچۈش ۋە ھەيرانلىقتىن گاڭگىراپلا قاپتۇ.



-ياق،بۇ بىزنىڭ بېغىمىز ئەمەس!



- بىز ئۆزىمىزنىڭ بېغىغا بارىدىغان يولدىن ئېزىپ قېلىپتۇق،بەلكى بىز چوقۇم چۈش كۆرىۋاتىمىز!



- بىرەيلەن چوقۇم بىزگە كۆرىۋاتقانلىرىمىزنىڭ راست ئەمەسلىكىنى دەپ بېرىدۇ،-دېيىشىپتۇ ئۇلار ھەسرەت-نادامەت بىلەن.



شۇنداق! ئۇلارنىڭ بېغى ئەسلىدە ھەقىقەتەن گۈزەل،چىرايلىق ۋە تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن تولغان بەكمۇ كاتتا باغ ئىكەن.بۇ يەردە ھېچكىمنىڭ بېغى گۈزەللىكتە ئۇلارنىڭ بېغىغا تەڭ كېلەلمەيتتىكەن. ھالبۇكى ئۇ باغ ھازىر ھېچ نەرسىدىن پايدىلانغىلى بولمايدىغان قاپقارا ۋە قۇرۇق ھالەتكە كېلىپ قالغان ئىكەن.



موماي شۇ پەيتتە ئېغىر بىر تىنىۋېلىپ:



-شۈبھىسىزكى،سىلەرگە ئايان قەدىرلىك بالىلىرىم،ئۇلار ھەرگىزمۇ چۈش كۆرگىنى يوق،چۈنكى ئۇ ئوت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولۇپ،ئۇ ھەرقاچان خالىغىنىنى قىلىشقا قادىر،-دەپتۇ ۋە ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.



بىرقانچە مىنۇت ئويلىنىشتىن كېيىن ئۇلار كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن بۇ باغنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بېغى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ،ياق،ئەكسىچە بۇ باغ بىزنىڭ بېغىمىزنىڭ دەل ئۆزى شۇ،لېكىن بىز باغدىن ئالىدىغان نېسىۋىمىزدىن قۇرۇق قېلىپتۇ،دېيىشىپتۇ.



ئۇلار بۇ ئىشتىن بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەندەك ۋە ئاچچىق ساۋاققا ئىگە بولغاندەك بولۇشۇپتۇ،قىلغانلىرىغا قاتتىق ئۆكۈنۈپ،پۇشايمان قىلىشىپتۇ.ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ،ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ ۋە گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىشىپ،ئىككىنچىلەپ بۇنداق گۇناھ-خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمەسلىكنى دېيىشىپتۇ.



-سۆزۈمگە ئوبدان قۇلاق سېلىڭلار،بالىلىرىم،- دەپتۇ موماي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:



ئاللاھ بىزنىڭ گەرچە كىچىككىنە نېمەتكە ئېرىشسەكمۇ ئۇنىڭدىن باشقىلارنى تەڭ بەھرىمەن قىلىشىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ.بىز ھازىر ناھايىتىمۇ كەمدىن-كەم ئاچ قېلىشىمىز مۈمكىن،لېكىن بۇرۇنقى زامانلاردا نۇرغۇن كىشىلەر ھەركۈنى ئاچ قالاتتى.بىز ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان مال-مۈلۈكلىرىمىزدىن موھتاجلارنى سېىخىيلىق بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشىمىز كېرەك.بىز مال-مۈلكىمىزدىن ئازراق سەرپ قىلغانغا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالمايمىز،بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىمىز،ئىنشائاللاھ.



مەنبە:

http://book.menzil.biz/2013/08/24/3299.html






justone يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 10:46:29

كەپسىز ئېيىقچاق









كەڭ بىر ئورمانلىقتا ئوماق بىر ئېيىقچاق ياشايدىكەن.ئۇ شۇنچىلىك شوخ-كەپسىز ئىكەنكى،تىنىم تاپماي ئويناپ-سەكرەپلا يۈرىدىكەن.بىر كۈنى كەپسىز ئېيىقچاق ئاشۇنداق ئويناپ يۈرۈپ قورسىقى بەكمۇ ئېچىپ كېتىپتۇ.ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ قارىسا ئاپىسى يوقكەن،ئۆيىدىن يەيدىغان ھېچنەرسە تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ قورسىقىنى تۇتقىنىچە ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىشقا باشلاپتۇ.ۋايجان ! ئاپام قاچان قايتىپ كېلەر؟ئەجەپمۇ قورسىقىم ئېچىپ كەتتىغۇ...دەپ تىتىلداشقا باشلاپتۇ ۋە ئاپىسىنى ئىزدەپ ئورمانلىققا ئىچكىرىلەپ كىرىپتۇ.ئۇ شۇنداق مېڭىپ كېتىۋېتىپ بۇرنىغا بىردىنلا ھەسەل ھىدى پۇراپتۇ.ۋاھ ! بۇ پۇراق قەيەردىن كېلىۋاتقاندۇ؟ تاتلىق ھەسەلنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن ۋە ھىدىدىن مەست بولغان ئېيىقچاقنىڭ خۇشاللىقتىن كۆزلىرى چاقناپ كېتىپتۇ.ئۇ تۇمشۇغىنى ئۇشلاپ پۇراپ،پۇراپ...يۈرۈپ ئاخىر ھەسەل ھىدىنىڭ ئالدى تەرەپتىكى يوغان بىر دەرەختىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپتۇ.نۇرغۇن چۈمۈلىلەرمۇ شۇ ھەسەللەرنى يېيىش ئۈچۈن ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ يۈرگەن بولۇپ،دەرەخ غوللىرىدا تولا مېڭىپ كىچىك يوللارنى ھاسىل قىلىۋەتكەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن قورسىقىنىڭ ئاچلىقىغا ۋە ھەسەلنىڭ مېزىلىك ھىدىغا چىدىمىغان ئېيىقچاق ئاستا دەرەخ شاخلىرىغا ئېسىلىپتۇ، تەلىيىگە ھەرە كۆنىكىدە بىرمۇ ھەرە يوق ۋاقتى ئىكەن. ئېيقچاقنىڭ ساپسېرىق ھەسەللەرنى كۆرۈپ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ،ئاغزىغا سېرىق سۇلار كەپ كېتىپتۇ ۋە ئاچكۆزلۈك بىلەن ئوچۇملاپ ئېلىپ ھەسەل يېيىشكە باشلاپتۇ...بىردەمدىن كېيىن ئېيقچاق كەينى تەرىپىدىن غوڭ-غوڭ،غوڭ-غوڭ،غوڭ-غوڭ...قىلغان ئاۋازلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ ،كەينىگە شۇنداق ئۆرۈلۈپ قاراپ بىر توپ ھەرىلەرنىڭ بۇ دەرەخكە قاراپ ئۇچۇپ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ- دە، كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتىپتۇ ! ئاپلا،چاتاق بولدى! ھەرىلەر قايتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ، تېز قاچاي !



ئېيىقچاق شۇنداق دەپلا دەرەختىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۆلە-تىرىلىشىگە قارىماي قېچىپتۇ.ھەرىلەر بولسا ئىز بېسىپ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يېتىشىپتۇ ۋە ئۇنى چېقىشقا باشلاپتۇ.ئۇ قېچىپتۇ،قېچىپتۇ،ھەرىلەرمۇ توختىماي قوغلاپ ئۇنى چېقىپ راسا ئەدىبىنى بېرىپتۇ.كەپسىز ئېيىقچاق ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي،يا ھەرىلەردىن قۇتۇلالماي دەريا تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ ۋە ئۆزىنى دەرياغا ئېتىپتۇ.ھەرىلەر بولسا قىرغاقتا غوڭۇلداشقان پېتى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپتۇ. ھەرە ئاپا ئېيىقچاققا قاراپ:



-ھەي ئېيىقچاق،سەن نېمە دېگەن ئەدەپسىز بالا ھە؟ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە رۇخسەتسىزلا كىرىپ،ئۆي ئىگىسىدىن سورىمايلا ھەسەل يېگەننى ئاز دېگەندەك،يەنە ئۆيىمىزنى بۇزۇپ،قالايماقان قىلىۋېتىپسەن.ساڭا ساۋاق بولسۇن دەپ ئازراق ئەدەپلەپ قويدۇق.بۇندىن كېيىن بۇنداق يامان ئادەتلىرىڭنى تۈزەتكىن،بۇ مۇسۇلمان بالىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس،ئەگەر يەنە مۇشۇنداق ئىش قىلساڭ سېنى ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيمەن-دەپتۇ.



كەپسىز ئېيىقچاق ئۇششۇقلۇق بىلەن:



-ۋاي-ۋۇي! ئازراق ھەسىلىڭلارنى يەپ قويغانغا نېمە بولاتتى،ئۇنىڭغىمۇ شۇنچە ئاچچىقلاش كېتەمدۇ؟سىلەرمۇ راسا چېقىپ،مېنى قوغلاپ ئۆچۈڭلارنى ئېلىۋالدىڭلارغۇ ئەنە ! بەك رەھىمسىزكەنسىلەر-دەپتۇ.



ئېيقچاقنىڭ بۇنداق ئۆكتەملىكىدىن خاپا بولغان ھەرە ئاپىنىڭ ئەمدى راسلا ئاچچىقى كەپتۇ.



-نېمە؟سەن تېخى خاتالىقىڭنى تونۇپ،بىزدىن كەچۈرۈم سورىماقتا يوق،ئاشۇنداق يولسىزلىق قىلامسەن؟كىچىك بالىمۇ چوڭلارغا شۇنداق بىھۆرمەتلىك قىلامدۇ؟مەن سېنى ھەسەل يېگىنىڭ ئۈچۈن ئەمەس،مۇشۇنداق ناچار ئادەتلىرىنى تۈزىتىۋالسۇن،ئۆزگەرتسۇن،دەپ تەنبىھ بېرىپ قوياي دېگەنتىم.سەن تېخىچە خاتالىقىڭنى بىلمەپسەن.بالىلىرىم،كېلىڭلار ئۇنى قايتا بىر ئەدەپلەپ قويۇڭلار !



شۇنىڭ بىلەن ھەرىلەر يەنە غوڭۇلداپ كېلىپ ئېيىقچاققا ئېتىلىپتۇ،ئېيىقچاق يەنە دەرھال سۇغا چۆكۈۋاپتۇ،ئۇ سۇندىن بېشىنى چىقارسىلا ھەرىلەر يەنە ئۇنى چېقىش ئۈچۈن ئېتىلىپ،ئۇنىڭغا ئارام بەرمەپتۇ.ئېيىقچاق بەكمۇ ھالىدىن كېتىپتۇ.ئۇنىڭغا قاراپ سۇدىكى بېلىقلار،پاقىلار خوپ بولدى،خوپ بولدى...دېيىشىپ، مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشۈپتۇ.قۇشلار ئەتراپىدا ئۇچۇپ:



بار ئىكەن بىر ئېيىقچاق



ھەسەل يەپتۇ ئوغۇرلاپ.



ئۇنى راسا چېقىپتۇ،



ھەرىچاقلار ئاچچىقلاپ.



كەپسىز ئېيىق قېچىپتۇ،



ئورمانلىقتىن چىقىپتۇ.



قاچىدىغان يېرى يوق



سۇ ئىچىگە مۆكۈپتۇ.



ھەي-ھەي كەپسىز ئېيقچاق،



سەن ھەسەلگە تويدۇڭمۇ؟



خاتا ئىشنى قىپ قويۇپ،



جازايىڭنى تارتتىڭمۇ؟









دەپ شېئىر ئوقۇپ،كۈلۈشۈپ ئۇنى تېرىكتۈرۈپتۇ.



ھەرە ئاپا ئۇنىڭ بىچارە ھالىغا قاراپ:



-بالىلىرىم،بولدى يۈرۈڭلار ئۆيگە قايتىپ كېتەيلى،ئېيىقچاق ئەمدى يەنە مۇشۇنداق يامان ئىش قىلىدىغان بولسا ئۇنى تېخىمۇ قاتتىق ئەدەپلەپ قويىمىز-دەپ كۆزىنى قىسىپ قويۇپ،بالىلىرىنى باشلاپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ.



خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئەمدى راستلا كېتىپ قالغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغان ئېيىقچاق سۇدىن چىقىپتۇ.ھەم چارچاپ،ھەم ھەرە چېقىۋالغان يەرلىرى قاتتىق ئاغرىغان،قورقۇپ كەتكەن ئېيىقچاق پۈتۈن بەدىنى ھۆل،سۇ ئېقىپ تۇرغان ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ.ئۇنى ئىزدەپ ھېچيەردىن تاپالماي تىتىلداپ تۇرغان ئېيىق ئاپا بالىسىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىپتۇ.ئاپىسىنى كۆرگەن ئېيىقچاق ھۆڭرەپ يىغلاپ،ئۆينى بېشىغا كىيىپتۇ. ھەرىلەر مېنى چېقىپ بوزەك قىلدى،دەپ چېقىشتۇرۇپتۇ.



-راستمۇ؟ ھەرىلەر نېمىشقا سېنى چاقىدۇ بالام؟نېمە ئىش بولدى؟-دەپتۇ ئېيىق ئاپا بالىسىغا قاراپ ئىچى ئاغرىغان ھالدا،-بىرەر ئەسكى ئىش قىلىپ ئۇلارنى رەنجىتىپقۇ قويمىغانسەن ھە بالام؟



-مەن قانداق ئەسكى ئىش قىلاتتىم!-دەپتۇ ئېيىقچاق ئاچچىقلاپ-سىز بىلمەمسىز ئاپا ھەرىلەرنىڭ قانداق يولسىزلىقىنى؟چېقىيۋېرىدۇ ئۇلار چاققۇسى كەلسە ئاشۇنداق !



-ھە مۇنداق دېگىن،ئەمىسە مەن بېرىپ ئۇلاردىن سوراپ باقايچۇ،نېمىشقا مېنىڭ ئوماق بالامنى بۇنداق بوزەك قىلىشىدۇ ئۇلار.



-ۋاي،ياق-ياق ئاپا،بولدى بارمايلا قويۇڭ،بىكار سىزنىمۇ چاقمىسۇن يەنە ئۇ ئەسكىلەر-دەپتۇ ئېيىقچاق ئاپىسىنىڭ قولىدىن تۇتۇۋېلىپ.



-ياق بالام،مەن چوقۇم ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇنداق يولسىزلىق قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سوراپ بېقىشىم كېرەك.سېنى بوزەك قىلسا ئىچىم ئاغرىمامدۇ مېنىڭ !



-سورىسىڭىزمۇ بەرىبىر ياخشى گەپ قىلمايدۇ ئۇلار.



-نېمىشقا بالام؟ھە،قارىغاندا بۇيەردە ئازراق مەسىلە بارغا ئوخشايدۇ،ياكى مەن بېرىپ سوراپ باقاي ياكى سەن ماڭا نېمە ئىش بولغىنىنى ئۆزۈڭ دەپ بېرىسەن-دەپتۇ ئېيىق ئاپا-چۈنكى ئۇ بالىسىنىڭ كەپسىزلىكىنى بىلگەچكە باشتىنلا بالىسىنىڭ بىكارلا بوزەك قىلىنمىغىنىنى كۆڭلى پەملەپ يەتكەنىكەن.



-ھېچ،ھېچ ئىش يوق دېدىمغۇ-ئەمدى ئېيىقچاق ھودۇقۇشقا باشلاپتۇ.



-راست گەپ قىل بالام،يالغان گەپ قىلساڭ مەن ياقتۇرمايمەن،ھەممە بىزار بولىدۇ بۇنداق بالىدىن.



شۇنىڭ بىلەن ئېيىقچاق دۇدۇقلاپ تۇرۇپ بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.ئېيىق ئاپا يۈزبەرگەن ۋەقەنى ئاڭلاپ ھەم بالىسىغا خاپا بوپتۇ ھەم ئۇنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن جازالانغان قىزىق جەريانلارنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ.



-ھا،ھا،ھا...بالام،قىلغان خاتا ئىشىڭ ئۈچۈن شۇ ھامانلا جازاسىنى تارتىپسەن مانا.ساڭا ھېچ ئۇۋال قىلىنغان يېرى يوقكەن.پەيغەمبىرىمىز«ئاللاھ ئوغرىغا مەرھەمەت قىلمىغاي!‹بۇخارى›»دېگەن بىر ھەدىسىدە.ئوغرىلىقنىڭ جازاسى بەك قاتتىقتۇر بالام،ئۇ كەچۈرىلىدىغان ئىش ئەمەس.ئاللاھمۇ،پەيغەمبەرمۇ خاپا بولىدۇ بۇنداق يامان قىلىقتىن.سەن ئۆز قىلمىشىڭ ئۈچۈن تېگىشلىك جازانى تارتىپسەن.ئەمدى بۇنداق يامان ئىش قىلمىغىن بالام، سەن بۇقەدەر بىر ئەدەپسىزلىك،گۇناھ ئىشنى قىلساڭ ۋە مېنى ھەمدە ئۆزۈڭنى ئاشۇنداق ئۇياتقا قالدۇرساڭ توغرا بولامدۇ؟خەق ئاڭلىسا مېنى بالىسىنى ياخشى تەربىيەلىمەپتۇ،دەپ ئەيىپلەشمەمدۇ؟مەن مۇشۇنداق ئۈگەتكەنمىدىم ساڭا؟



ئېيىقچاق ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ خىجىل بولۇپ،قىلغان ئىشى ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلىپتۇ.ئەمدى بۇنداق يامان ئىشنى قىلمايمەن، شۇ بەك قورسىقىم ئېچىپ كېتىپ كەتكەنتى،شۇنداق ئىشنى قىلىپ ساپتىمەن،ئەمدى خاتالىقىمنى تونۇدۇم جنىم ئاپا،مېنى كەچۈرۈڭ-دەپ ئاپىسىغا يالۋۇرۇپتۇ.



ئېيىق ئاپا بالىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:



-قورسىقىڭ ھەرقانچە ئېچىپ كەتسىمۇ باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى سورىماي يېيىشىڭ،يەنە كېلىپ ئۆيىگە رۇخسەتسىز كىرىپ يېيىشىڭ دۇرۇس بولامدۇ بالام؟بۇ بەك يامان كۆرۈلىدىغان ئىش ھەم خەقنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش دېگەن توغرا ئەمەس.سېنىڭ خاتالىقىڭنى تونۇغىنىڭ ياخشى بولدى،يۈر ئەمدى مەن بىلەن بىللە بېرىپ بوغۇن ئاپاشتىن كەچۈرۈم سورىغىن،سەن يەۋالغان ھەسەل ئۈچۈن مەن بايا سېتىۋالغان ھەسەلنى ئۇلارغا تۆلەپ بېرەيلى-دەپتۇ.ئېيىقچاق ماقۇل ئاپا دەپ يۇۋاشلىق بىلەن گەپ ئاڭلاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر قۇتا ھەسەلنى ئېلىپ ھەرىلەرنىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ.ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىشىكنى چېكىپتۇ ،ھەرە ئاپا ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ ئېيىقچاق بىلەن ئاپىسىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ،چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپتۇ ۋە خۇشاللىق بىلەن:



-ئەسسالامۇئەلەيكۇم- دەپ سالام قىلىپ ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئاپتۇ . ئېيىقچاق بولسا بوغۇن ئاپىنى كۆرۈپ قورقۇمسىراپ ئاستا ئاپىسىنىڭ كەينىگە مۆكۈپتۇ.ئېيىق ئاپا بوغۇن خانىمنىڭ سالىمىغا‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ› دەپ چىرايلىق جاۋاپ قايتۇرۇپ،ئۇنىڭدىن ھال-ئەھۋال سوراپتۇ ۋە خىجىلچىلىق ئىچىدە بالىسىنىڭ بۈگۈنكى ئىشى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ،بىر قۇتا ھەسەلنى بوغۇن خانىمغا سۇنۇپتۇ.



-ۋاي بۇ نېمە قىلغىنىڭىز ئېيىق ئاچا،-دەپتۇ بوغۇن خانىم ئوڭايسىزلانغان ھالدا-مەن بۇ كىچىك كەپسىزنى يەنە داۋاملىق بۇنداق يامان ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىيۋەرمىسۇن،خاتالىقىنى تونۇپ،ئۆزگەرسۇن دەپلا ئازراق تەنبىھ بېرىپ قويغان.بىر ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىزنىڭ مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.قىلغىنىم ھەرگىزمۇ بالىڭىزنى جازالاپ،ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس.ئەگەر بۇندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەسەل يېگۈسى كەلسە،يېنىمغا كېلىپ تارتىنماي سورىسىلا بولىدۇ،بىزدە ھەسەل دېگەن كۆپقۇ؟مۇھىمى ئۇنىڭ خاتالىقىنى تونۇشى.سىز ئېلىپ كەلگەن بۇ بىر قۇتا ھەسەلنى ئېيىقچاق يېسۇن،يەنە بىر قۇتا ھەسەل سوۋغا قىلاي بۇ كەپسىزگە،مېنىڭ ئۇنى جازالىغىنىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىنىم بولسۇن.ئوغۇرلۇقچە يېگەن ھەسىلىمۇ ھەسەل بولمىدى بۈگۈن ئۇنىڭغا-دەپتۇ بوغۇن ئاپا كۈلگىنىچە.شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا يەنە بىر چوڭ قۇتا ھەسەلنى ئېلىپ چىقىپ سوۋغات قىپتۇ.



كىچىك ئېيىقچاق بوغۇن ئاپىنىڭ بۇنداق كەڭ قورساق،مېھرىبانلىقىدىن بەكمۇ تەسىرلىنىپتۇ ۋە:



-كەچۈرۈڭ بوغۇن ئاپا،مەن خاتا قىپتىمەن،ئەمدى ئۇنداق يامان ئىشلارنى قىلمايمەن-دەپ خاتالىقىنى ئېتراپ قىلىپتۇ.



شۇنداق قىلىپ ئېيىقچاق ئاپىسى بىلەن ئىككى قۇتا ھەسەلنى ئېلىپ،خۇشال-خورام ھالدا ئۆيىگە قايتىپتۇ.ئاپىسى يولدا كېتىۋېتىپ ئۇنىڭدىن:



- قارا بالام،سەن خەقنىڭ ھەسىلىنى ئوغۇرلاپ يەپ،كىشىنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلىۋىدىڭ،باشقىلارغىمۇ،ئۆزۈڭگىمۇ ئاۋارىچىلىق ۋە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىپ بەردىڭ.خاتالىقىڭنى تونۇغاندا بولسا ساڭا ئاللاھ ئەجرىڭسىزلا نېمەت بەردى.شۈكۈر قىلىش ۋە ياخشى بولۇشنىڭ مۇكاپاتى ياخشىمىكەن ياكى يامانلىق قىلغاننىڭ مۇكاپاتى ياخشىمىكەن؟-دەپ سوراپتۇ.



كەپسىز ئېيىقچاق ئاپىسىنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاپ قايىل بولغىنىچە بېشىنى لىڭشىتىپتۇ ۋە خىجىل بولۇپ،تىلىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇنداق يامان ئادەتلىرىنى ۋە ئەدەپسىزلىك،كەپسىزلىكلىرىنى تۈزىتىپ،بارا-بارا ھەممەيلەن ياخشى كۆرىدىغان ،ماختىشىدىغان ياخشى بالا بولۇپ كېتىپتۇ.





مەنبە:        http://book.menzil.biz/2013/08/24/3303.html





http://book.menzil.biz/category/%d8%a8%d8%a7%d8%b4%d9%82%d8%a7-%d8%aa%db%88%d8%b1%d9%84%db%95%d8%b1/%d8%a8%d8%a7%d9%84%d9%89%d9%84%d8%a7%d8%b1-%d8%a6%db%95%d8%b3%db%95%d8%b1%d9%84%d9%89%d8%b1%d9%89

choice يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 16:19:35

رەھمەت مەلەك، شۇ باھانىدا مەنمۇ چۈشۈرىۋالدىم
بەت: [1]
: بالىلار ئاۋازلىق ئەسەرلىرىنى ئىزدەيمەن