baytekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 13:45:36

خوڭمىي تېلفونى سېتىۋېلىشتىن جىددىي ياردەم سورايمەن!

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەر ئەھلى!


يېقىندا خۇاۋېي 8812 تېلفوننىڭ ئىكرانى چىقىلىپ كېتىپ تېلفون ئالدىغان بولۇپ قالدىم. كارتام جۇڭگو تېلگىرافنىڭ ئىدى، يانفون توغۇرلۇق تېمىلارنى ئۇيان ئاختۇرۇپ بۇيان ئاختۇرۇپ تولا تېلفونلارنى كۆرۈپ ئاخرى شىياۋمى شىركىتىنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى خوڭمىي تېلفونىغا كۆزۈم چۈشتى. بۇ تېلفوننىڭ باھاسىدىن كۆرە سەپلىمىسى ئىچىمنى قىزىتىۋەتتى (ئوقۇغۇچۇلۇق مەزگىلى بولغاندىكىن ئىقتىسادنىمۇ ئالدىن ئويلاشتىم ئەلۋەتتە)


بۈگۈن ئۆزۈم ئىيتىشىپ ئولتۇرۇپ ئورگان تورىغا تىزىملىتىپ كېرىپ تېلفوننى "زاكاس" قىلىدىم. "زاكاس"نى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى: ھەممە تولدۇردىغان ئورۇننى تولۇق تولدۇرۇپ "سىزنى تەبرىكلەيمىز، ئالدىن كېلىشىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى" دەپ چىققان ئىدى. ئەمما بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىسام زاكاس نومۇرى ئەۋەتىپ بەرگەننىڭ گېپىنى قىلىدۇ، مەن شۇنداق قاراپمۇ ئۇنداق نومۇرنى تاپالمىدىم....


نەق گەپ شۇكى: شۇ تېلفوننى ئالاي دېگەن، ئۇستازلار تەلىم بەرگەيسىلەر...... 22 - چىسلا يەنە تالاشتۇرۇپ سېتىش ئېلىپ بارىدىكەن. ئەگەر كەسىپ ئەھىللىرى ئېىغىر كۆرمەي ئېلىپ بېرەي دېسە 50 يۈەن ھەق بەرسەممۇ مەيلىتى.......... (ئەلۋەتتە ھازىر ئەللىك يۈەنگە نېمە كېلىدۇ دېيىشىڭلار مۇمكىن، ئامال يوق ئوقۇغۇچۇلۇق، يانچۇق سەل قۇرۇق.....توغرا چۈشىنەرسىلەر)

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 14:08:38

بولسا ئىشلىتىپ باققانلار تەسىراتىمۇ سۆزلەپ باققان بولسا.......

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 14:35:45

ھەي ئۇكام تالاشماق بەك تەس ئىكەن، مەنمۇ 3 قېتىم تالىشىپ ھېچنىمە يوق

google chrome نى ئىشلىتىڭ بۇ توغىرلىق ئايرىم توختىلاي، ھازىر قولۇم خېمىردىتى

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 15:37:43

قىزىلۋالدىغان ،قايتا قۇزغىلىدىغان كاشلىسى ئومۇميۇزلۈك مەۋجۈت،ئېكرانى ئازادە تۇيغۇ بەرمەيدىكەن.

Nexus 4 تەۋسىيە،ئەرزانراق بوسۇن دىسىڭز خۇاۋېينىڭنى ئېلىڭ ،شىيۋامىدىن ياخشى چىقىدۇ

ھاياتلىقنى قەدىرلەپ شىيمىدىن يىراق تۇرىلى  {:92:}

Naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:50:12

سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىسىڭىز جۇڭگونىڭ تېلفونلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ، سونىي، سامسۇڭنىڭمۇ ئىقتىدارى كۆپ ياخشى، باھاسى مۇۋاپىق تېلېفونلىرى بارغۇ؟

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 19:49:57

خوڭمى تېلىفۇنغا تېلگىراف كارتىسنى قوللىمايدىغۇ دەيمەن..

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 20:18:58

تالىشىمەن دەپ يۈرمەي ما يەردىنلا ئېلىڭ بولدى : http://www.xj.10086.cn/mall/product/1725505900001588.html

كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تور دۇكىنى ! ئىشەنچىلىك ! مەن ھازىرغىچە 10 ئادەمگە ئېلىپ بېرىپ بولدۇم ، ئۆزۈممۇ مۇشۇ يەردىن ئالغاننى ئىشلىتىپ يۈرۈيمەن . 888 يۈەنگە ئالىسىز ، 180 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى سوۋغا قىلىدۇ ، 12 ئايغا بۆلۈپ بېرىدۇ . شۇ شىياۋمى تورىدىن نەچچە كوي قىممەت توختايدىكەن .

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 20:35:06

\"\"

ekram8100 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 21:25:11

6- قەۋەتتىكى Abdiweliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تالىشىمەن دەپ يۈرمەي ما يەردىنلا ئېلىڭ بولدى : http://www.xj.10086.cn/mall/product/1725505900001588.html

كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تور دۇكىنى ! ئىشەنچىلىك ! مەن ھازىرغىچە 10 ئادەمگە ئېلىپ بېرىپ بولدۇم ، ئۆزۈممۇ مۇشۇ يەردىن ئالغاننى ئىشلىتىپ يۈرۈيمەن . 888 يۈەنگە ئالىسىز ، 180 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى سوۋغا قىلىدۇ ، 12 ئايغا بۆلۈپ بېرىدۇ . شۇ شىياۋمى تورىدىن نەچچە كوي قىممەت توختايدىكەن .

مەنمۇ بىر تال سىتۋالغان ئىدىم ،بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى ?قانچە كۈندە كەلدى؟ئورگان تورىدا ساتقىنى بىلەن قانداق ئوخشىمايدىغان يەرلىرى بار؟ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بىلەن خەۋەردار قىلغايسىز 007.gif

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 08:13:13

8- قەۋەتتىكى ekram8100نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى Abdiweliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تالىشىمەن دەپ يۈرمەي ما يەردىنلا ئېلىڭ بولدى : http://www.xj.10086.cn/mall/product/1725505900001588.html

كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تور دۇكىنى ! ئىشەنچىلىك ! مەن ھازىرغىچە 10 ئادەمگە ئېلىپ بېرىپ بولدۇم ، ئۆزۈممۇ مۇشۇ يەردىن ئالغاننى ئىشلىتىپ يۈرۈيمەن . 888 يۈەنگە ئالىسىز ، 180 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى سوۋغا قىلىدۇ ، 12 ئايغا بۆلۈپ بېرىدۇ . شۇ شىياۋمى تورىدىن نەچچە كوي قىممەت توختايدىكەن .

مەنمۇ بىر تال سىتۋالغان ئىدىم ،بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى ?قانچە كۈندە كەلدى؟ئورگان تورىدا ساتقىنى بىلەن قانداق ئوخشىمايدىغان يەرلىرى بار؟ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بىلەن خەۋەردار قىلغايسىز 007.gif


ئوخشىمايدىغان بىرلا يېرى بار ، شۇ تېلېفۇننىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىدە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ G3 دىگەن ماركىسى بار ، قالغان يەرلىرى ئوخشاش . مىنىڭكى 4 كۈندە كەلگەن . ئۇلار شۇ ھەممىنى سېتىپ بولغاندا بىراقلا مال سالىدىغان ئوخشايدۇ .

assabi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:15:06

ئوخشىمايدىغان يېرى،بىرلەشمىنىڭ كارتىسنى تونماسلىقى مۇمكىن،يەنە بىرلەشمىنىڭ 3ج تورنى قوللىمايدۇ.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:40:51

G700 华为 نى تاللاڭ، كامىراسىنىڭ ئەخلەت ئىكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا سەپلىمىسى يۇقۇرى، سۈپەتلىك، سۈرئىتى تېز

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 11:49:54



مەنمۇ 22 -چىسلادىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتالماي ، 29 - چىسلادىكى تالاشتۇرۇشقا كىلىشىپ قويدۇم ، كىلىشىش نۇمۇرى ئەۋەتىپ بەردى . سىزچۇ ئالالىدىڭىزمۇ ؟ بۇلىدىغان بۇلمايدىغان يەرلىرىنى دىگەچ تۇرسىڭىز .
بەت: [1]
: خوڭمىي تېلفونى سېتىۋېلىشتىن جىددىي ياردەم سورايمەن!