irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 08:21:05

ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار ئۈستىدە مۇلاھىزە

ئادالەت ئابلىمىت


ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى بولغان تىل ـ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىنسانلار تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. تىلنىڭ تەرەققىياتى ئۆزىنىڭ ئاساسىي تەركىبى بولغان تىل تاۋۇشى، لۇغەت تەركىبى ۋە گىرامماتىكىدىن تەركىب تاپىدۇ. ۋەھالەنكى، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇر تەرەققىياتىغا نىسبەتەن، تىلنىڭ لۇغەت تەركىبى ئەڭ سەزگۈر ۋە ئىنكاسچان كېلىدۇ. تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىشىدە جەمئىيەت ۋە ئىنسانلار تەپەككۇر تەرەققىياتى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى شەيئى، يېڭى ئۇقۇملارنى ئىپادىلىگۈچى يېڭى سۆز- ئىبارىلەرنىڭ ئۈزۈكسىز بارلىققا كېلىپ لۇغەت تەركىبىنىڭ بېيىپ بېرىشى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىشى تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىنى ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى بىلەن چېتىلىدىغان يېڭى سۆز ۋە يېڭى ئىبارىلەر بىلەن تولۇقلاپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ھەرخىل ئاتالغۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. چۈنكى ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن–تېخنىكىسى ھەردەقىقە ئۆز يېڭىلىقلىرى بىلەن ھەربىر كىشىنى نەپەسلەندۈرمەي قالمايدۇ، بۇنىڭ ئاددىي مىسالى يېزىلاردىكى «سۇلياۋ يوپۇق» ئاتالغۇسىدىن چوڭ شەھەرلەردىكى KTV ئاتالغۇسىغىچە، ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزدىكى DVD، VCD ئاتالغۇلىرىغىچە ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقانداق بىر شەيئى ئۆزىگە خاس تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئىگە بولغىنىدەك، تىلىمۇ ئۆزىگە خاس تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئىگە. شۇڭا، تىلىمىزنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاتالغۇ ياساش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش، تىلىمىزنى ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن-تېخنىكىسىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۇنى دەۋر بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەربىر تىل ساھىبى ئۈچۈن باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت. شۇڭا، ھەربىرىمىز ئانا تىلىمىزغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، تىلىمىزنى ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز لازىم.

«ئاتالغۇ» دېگەنلىك ـ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۇقۇملارنىڭ تىلدا ئىسىم قويۇلۇپ ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاتالغۇشۇناسلىق ـ ئاتالغۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم. بۇ ئىلىم غەربتە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىق خىزمىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن باشلانغان①. ئەسىرلەر مابەينىدە ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىغا ئالەمچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاتالغۇشۇناسلىقمۇ ئىستىخىيەلىك ۋە ئىستىخىيەسىز ھالدا تەتقىق قىلىندى. ئۇيغۇر تىلىغا رۇس تىلىدىن «تېرمىن» (ئاتالغۇ) دېگەن سۆز كىرگەن، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە راۋاج تاپقان «تېرمىنولوگىيە» (ئاتالغۇشۇناسلىق) تونۇشتۇرۇلمىغان. شۇ سەۋەبلىك مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ ئاتالغۇلار رۇسچىدىن ۋە رۇسچە ئارقىلىق باشقا ياۋروپا تىللىرىدىن تۈرلەر، كەسىپلەر ۋە پەنلەر بويىچە تەتقىقاتسىز ئۆزلەشكەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار ھەققىدىكى تەتقىقات ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن باشلاندى. گەرچە «ئاتالغۇشۇناسلىق» دېگەن نام ئاستىدا بولمىسىمۇ، ئاتالغۇشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە مەنسۇپ بولغان ئاتالغۇ ياسىغۇچى قوشۇمچىلار، يېڭى ئاتالغۇلارنى ئىپادە قىلىش يوللىرى، ئاتالغۇلارنى قانداق تەرجىمە قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئىزچىل تەتقىق قىلىنماقتا. ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىيات، مەتبۇئات ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا يېڭىدىن پەيدا بولغان سۆز-ئاتالغۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى تەتقىق قىلىنماقتا. شىنجاڭ مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز-ئاتالغۇلارنى ياساش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇر تىلىدىكى يېڭى سۆز-ئاتالغۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ كەلدى. ھەر قايسى ئاخبارات ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرى تىل-يېزىق كومىتېتى تەستىقلاپ، بېكىتىپ ئېلان قىلغان ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىدۇ.

كىشىلەر ئاتالغۇلارنى مەقسەتلىك ئىجاد قىلىدۇ ۋە ياسايدۇ، كىشى ئىسىملىرى كىشىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلارمۇ ئۇقۇمنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، ئاتالغۇ ـ ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بەلگە. مەسىلەن، ئىنگلىز تىللىق مىللەتلەر ئىشلىتىۋاتقان TELEPHONE دېگەن ئاتالغۇنى ياساشتا كىشىلەر دەسلەپتە مۇشۇ ئاتالغۇ كۆرسەتكەن شەيئىنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ، «يىراق» دېگەن مەنىدىكىTELE  دېگەن سۆز بىلەن، «ئاۋاز» دېگەن مەنىدىكى PHONE دېگەن سۆزدىن پايدىلىنىپ «يىراق ئارىلىقتىن (ئېلېكتىر دولقۇنلىرى ئارقىلىق) كەلگەن ئاۋاز» دېگەن مەنىدىكى TELEPHONE ئاتالغۇسىنى ياسىغان، مانا بۇ ئاتالغۇ ئىنگلىز تىلى ئانا تىلى بولغان كىشىلەر ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى ياسالغان چۈشىنىشلىك ئاتالغۇ. ئاتالغۇنىڭ سۆز مەنىسى ئۆزى كۆرسەتكەن شەيئىنىڭ رولىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان. ھازىرقى زامان تۈركىيە تۈركچىسىدىكى BiLGESAYAR دېگەن سۆز، بىلىم مەنىسىدىكى BiLGE دېگەن سۆز بىلەن سانار دېگەن مەنىدىكى SAYAR دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن. مانا بۇ سۆزمۇ تۈركلەر ئۈچۈن تولىمۇ چۈشىنىشلىك ئاتالغۇ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئاتالغۇنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى ئالاقىدىكى مەلۇم خىل ئېھتىياجنى قامداش، ئىشلەتكەن كىشىلەرگە چۈشىنىشلىك بولۇشتۇر.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار ئاساسەن 1930-يىلى «تاشكەنت شەرق ھەقىقىتى نەشرىياتى» نەشر قىلغان كىتابلار ئارقىلىق رايونىمىزدا ئومۇملاشقان②. مەزكۇر كىتابلاردىكى رۇسچە ئاتالغۇلار 50-يىللاردا ئىنقىلابىيلىقنىڭ، ئىلغارلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كەڭ ئومۇملاشقان، ھەتتا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا رۇسچە ئاتالغۇلار ئومۇملاشتۇرۇلغان. 1960-يىللاردا، ئۇيغۇر تىلىدىكى رۇسچە ئاتالغۇلار خەنزۇچىغا ئالماشتۇرۇلغان ۋە 80-يىللاردا يەنە رۇسچىغا قايتۇرۇلغان. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاتالغۇلار چەت تىللاردىكى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ياكى ئۇدۇل ـ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى بويىچە ئېلىنىۋاتىدۇ. خۇددى ئىنگلىز تىلىدا COMPUTER، خەنزۇ تىلىدا 电脑، تۈركچىدە BiLGESAYAR دەپ ئاتىلىۋاتقان شەيئىنى ئىنگلىزچىدىكى ئوقۇلۇشى بويىچە «كومپيۇتېر» دەپ ئىشلىتىۋاتقىنىمىزغا ئوخشاش ياكى خەنزۇ تىلىدىكى 助听器 دېگەن ئاتالغۇنى «ئاڭلاشنى كۈچەيتىش ئەسۋابى» دېگەنگە ئوخشاش. ئىنگلىزچىدە TELEPHONE دېگەن سۆز «يىراقتىن كەلگەن ئاۋاز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەنگىلا بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىمۇ مۇشۇ مەنىنى بىلدۈرۈشى ناتايىن ھەم قەتئىي ئۇنداق مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، «تېلېفون» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ھېچقانداق لېكسىكىلىق مەنىسى يوق، «كومپيۇتېر» دېگەن سۆزمۇ ئوخشاش. بىز نېمە ئۈچۈن تۇرمۇشىمىزدا شۇنچە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرگە قەدەر چەت تىلنىڭ تاۋۇشلىرىنى سۆرەپ كىرىپ يەنە چەت تىلىدىن مەنە ئىزدەپ يۈرىمىز، چۈنكى ئاتالغۇشۇناسلىق ساھەسىدە قوبۇل قىلىش خاھىشى بەك ئېغىر. ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقىدا ئۇقۇمنىڭ لوگىكىلىق مەنىسى بىلەن شۇ ئۇقۇملارنىڭ تىلدىكى ئىپادىسى بولغان ئاتالغۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنمىغان. بۇ جەھەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە مۈجمەللىك مەۋجۇت. ئۇقۇم لوگىكىغا ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. ۋەھالەنكى، ئاتالغۇغا ئۇنداق تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئاتالغۇ پەقەت ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بەلگە. ئاتالغۇنىڭ ئۇقۇمنى تولۇقى بىلەن ماھىيەتلىك ئىپادىلەپ بېرەلىشى ناتايىن. ھازىر ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقىدا دەل ئاتالغۇنىڭ لوگىكىلىق مەنىسى بىلەن لېكسىكىلىق مەنىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان ھادىسە مەۋجۇت. مەسىلەن، بىر قىسىم ماقالىلەردە «ئۈچ بۇرجەك قەرز» دېگەن ئاتالغۇ تەھلىل قىلىنىپ «قەرزنىڭمۇ بۇرجىكى بولامدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلدى، «ئۇچار تەخسە» دېگەن سۆزنى مازاق قىلىپ خۇراپىي سۆزلەرنى ئىشلەتمەيلى، «ئۇچار گىلەمگە ئوخشاپ قالدى» دېيىلىپ، «تەخسىمۇ ئۇچامدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلدى، يەنە بىر قىسىم ماقالىلەردە چەتتىن كىرگەن ئاتالغۇلارغا تىلىمىزدىن سۆز ياساش تەكلىپى بىلەن «تېلېۋىزور»نىڭ ئورنىغا «جاھاننەما» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلسا «جاھاننەما» سۆزىنىڭ رىۋايەتلەردىكى رولى سۆزلىنىپ، مەنىسىدىن پۇتاق تېپىلىپ، بۇ ماقالىلەرگە زەربە بېرىلىپ يەنىلا چەتتىن كىرگىنىنى توغرا تېپىشتى. ئەگەر بۇ خىل لوگىكا بويىچە مۇئامىلە قىلىدىغان بولساق، نۇرغۇنلىغان ئاتالغۇلارغا قايتىدىن ئىسىم قويۇشقا توغرا كېلىدۇ، ھەتتا كىشىلەرمۇ ئۆز ئىسىملىرىنىڭ مەنىسىنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ (ئېنىقكى، ئۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس). يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرمۇ باركى، ئۇيغۇر ئاتالغۇ تەتقىقاتىدا «ئاتالغۇ ئىپادىلىگەن لوگىكىلىق ئۇقۇم بىلەن ئاتالغۇ ئۈستمۇئۈست چۈشۈشى كېرەك، يەنى ئاتالغۇ ئۇقۇمغا تەڭ» دەيدىغان ساددا چۈشەنچە مەۋجۇت. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىشىلەر سۆزلەرنىڭ چەت تىلدىكى مەنىسىگە كۈچىنىڭ بارىچە ئېسىلىۋېلىپ، قوبۇل قىلىشقا بەك خۇشتار بولۇشماقتا. بۇ سەۋەبلىك ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۈگۈنكى زامان پەن-تېخنىكىسى ۋە ئىلىم-پەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاتالغۇلار ئاساسەن دېگۈدەك چەت ئەلچە. چەت ئەلچە ئاتالغۇلارنىڭ يېنىغا خەنزۇچىسىنى ياكى ئەسلىي تىلدىكىنى ئەسكەرتىپ يېزىپ قويمىسا، ئاتالغۇنىڭ نېمە شەيئىگە مۇناسىۋەتلىكلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ (بۇنداق قىلىشمۇ گېزىت-ژۇرناللاردا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى). تىلىمىزدا بار دېيىلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى خەنزۇچىسىز ياكى چەت تىلىسىز چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسەك، بۇنى قانداقمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت بايلىقىنى بېيىتتى، ئۇيغۇر تىلىغا تۆھپە قوشتى دېگىلى بولسۇن؟! بۇلار خەلق ئارىسىدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتا ھەرگىزمۇ ئىجابىي رول ئوينىمايدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەبىئىي پەنلەردىكى نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولىشىنىمۇ ئاتالغۇلارنىڭ چەت ئەلچە، چۈشىنىكسىز بولۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەنىسى يېنىغا ئىزاھلانمىسا چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان بۇ خىل ئاتالغۇلارنى بىز ئاتالغۇ ئەمەس، ئەڭ ياخشىسى «تاۋۇشلار دۆۋىسى» دېگىنىمىز تۈزۈك. بىر ئاڭلىماققا تېلېفون، كومپيۇتېر، تېلېسكوپ، پىرىنتېر، فوتوگراف دېگەندەك سۆزلەر ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق مەنە ئوچۇقلۇقى بېرەلمەيدۇ. ھازىر جۇڭگودا خەنزۇ تىلىدىكى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئىشلىتىلىۋاتقان 方针، 路线 دېيىلىدىغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ھەرقانداق خەنزۇ تىللىق كىشى بىر ئاڭلاپلا چۈشىنەلەيدۇ، بۇ خەنزۇ تىلىغا نىسبەتەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك ياسالغان بىر ئاتالغۇ. مەلۇمكى، ھازىر ئۇيغۇر ئاخباراتلىرىدىمۇ مۇشۇ سۆزلەر خەنزۇ تىلىدىكى ئوقۇلۇشى بويىچە «فاڭجېن»، «لۇشيەن» دەپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىلىدا «فاڭجېن»، «لۇشيەن» دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟ خەنزۇ تىلىدا 方针 دېگەن سۆز تەرەپ، يان مەنىسىدىكى 方 دېگەن سۆز بىلەن ئىسترېلكا، يۆنىلىش مەنىسىدىكى针 دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن ئاتالغۇ. 路线 دېگەن سۆز بولسا خەنزۇ تىلىدىكى يول، تەرەپ  دېگەن مەنىدىكى 路 دېگەن سۆز بىلەن سىزىق، يول، لىنىيە دېگەن مەنىدىكى 线 دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان ئاتالغۇ. ئۇيغۇر خەلق تىلىدا «ئاقىللارنىڭ كۆرسەتكەن يولىنى چىڭ تۇت، ئاتاڭنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقما» دەيدىغان گەپ بار، «سىزغان سىزىق دېگەنلىك ـ پىرىنسىپ، كۆرسەتمە» دېگەنلىك بولىدۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ توغرا يولىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇر خەلقىمۇ پارتىيەنىڭ كۆرسەتكەن داغدام يولىدا مېڭىپ، سىزغان سىزىقىدىن چىقماي، پىرىنسىپىنى ھىمايە قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا، ھازىر ئاخباراتلىرىمىزدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان «پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىدە چىڭ تۇرايلى» دېگەن جۈملىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ «پارتىيەنىڭ يولى، كۆرسەتمىسى، سىياسىتىدە چىڭ تۇرايلى» دەپ ئالساق، بۇ ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. ھازىر يەنە بىرقىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ گەپ تېخىچىلا «پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىدە چىڭ تۇرايلى» دەپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا دېيىلىۋاتقان «فاڭجېن، لۇشيەن» لەر بولسا، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار تۇرسا، شۇ گەپنىڭ ئۆزى ئېنىق بولمىسا، ئۇ ئىپادىلەۋاتقان مەزمۇننى قانداقمۇ باشقىلارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرگۈلۈك؟ مانا مۇشۇنداق تولىمۇ يېنىكلىك بىلەن قېلىپلاشتۇرۇپ قويۇلغان ئاتالغۇلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، چۈشىنىكسىز سۆزلەرنى ئاۋۇتماقتا. بۇنداق مىساللاردىن يەنە نەچچە يۈزنى ھەتتا نەچچە مىڭنى كەلتۈرگىلى بولىدۇ. تىلىمىز ھەقىقەتەن ئۆزىدىكى ھارامشاخلارنى پۇتىۋەتمىسە بولمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى. مەن تۆۋەندە بىر قىسىم قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلارنى خەنزۇ  تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدىكىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدا دېيىلىۋاتقان ئاتالغۇلار شۇ تىلنىڭ فونېتىكىلىق ۋە لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە باب كەلگەن ئاساستا ياسالسا بولىدىكەن، بىزدە نېمە ئۈچۈن چەتتىن قوبۇل قىلىنىدۇ ياكى سۆزمۇسۆز ئۇدۇل تەرجىمە قىلىنىدۇ؟ بۇنى ياخشىراق ئويلىشىپ بېقىش لازىم.


ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغىنى        خەنزۇچىسى        ئىنگلىزچىسى

ئىستۇدېنت        大学生        student

پىرىنتېر         打印机        printer

كاتالوگ        目录        catalogue

فاكس        传真        fax

سېلسار        钳工        salsas

سىكاننىر        扫描器        scanner

ماركىتېڭ        市场营销        marketing

تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيەسى         低生育水平        low fertility

پورتمال        钱包        Wallet, purse

ئائېراتور        充气器        aerator

پويىز        火车        train

ئايروپىلان        飞机        airplane

تېلېۋىزور        电视机        television

روزېتكا        插座        socket

سىتېپېسېل        插头(插销)        plug

گېئورېزىيە        测量学        metrology

كاماندىروپكا        出差        business trip

ماشىنىست        打字员        typist

داتچېك        传感器        sensor

رېپېر        裁判员        referee

نېگاتىپ        低片        negative

زوئولوگىيە        动物学        zoology

رېلى        断电器        breaker

مېتودولوگىيە        方法论        methodology

ئىشتا ئۆلۈش ياردەم پۇلى        工亡补助金        ــــــــــــــــــــ

فورماتلاش        格式化        format

مىنېرال سۇ        矿泉水        mineral water

ساناتورىيە        疗养院        sanatorium

يۇقىرىقى ئاتالغۇلار ۋەكىللىكىدىكى مىڭلىغان ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيىتىگە ماس كەلمىگەن ئاساستا ئۇيغۇر تىلىغا مەجبۇرىي سۆرەپ كىرىلگەن، زور كۆپچىلىكى ئىنگلىز تىلى ۋە باشقا تىللارنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇلارغا ئىزاھ بەرگەندە، ئۇنىڭ ئەسلىي تىلدىكى مەنىسى چۈشەندۈرمەي ياكى خەنزۇچىسى بىلەن سېلىشتۇرماي تۇرۇپ ئۇنىڭ تىلىمىزدىكى مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ، بۇنداق ئاتالغۇلارنى ئاتالغۇشۇناسلىق دەپ ئاتىغاندىن كۆرە «قوبۇلشۇناسلىق» دەپ ئاتىغان تۈزۈكتەك قىلىدۇ. بىز زادى نېمە سەۋەبتىن شۇنچە كۆپ سۆزنى چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىمىز؟ چەت تىلدىن قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇلارنى چەت تىللاردا نېمە دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا قىلچىمۇ ئۆزلەشتۈرمەي، ئۇنى بىر تال تاۋۇشقىچە ئەينەن تەلەپپۇز قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز؟ چەت تىلغا شۇنچە سادىق بولۇشىمىز كېرەك ئىكەن-يۇ، ئۆز تىلىمىزغا نېمە ئۈچۈن سادىق بولمايمىز؟ تىلىمىزدىكى شۇنچە كۆپ تەركىبلەرگە چەت تىلىدىن مەنە ئىزلەپ ئۇنىڭ تاۋۇشلۇق ھالىتىنى مەجبۇرىي سۆرەپ كىرىمىز، چەت تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىش ھەممە تىلدا كۆرۈلىدۇ، بۇ توغرا. بىر قىسىم خەلقئارا ئاتالغۇلار ۋە سۆز تېپىشقا زادى ئىمكانىيىتى بولمايدىغان سۆزلەرگە قىسمەن يول قويساقمۇ بولىدۇ، ئەمما چەت تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىش پەخىرلىنىدىغان ئىش ئەمەسكى، بەزى ئاتالغۇلارنىڭ تەڭدىشى تىلىمىزدا بار تۇرسىمۇ يەنە تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ بىر يەرلىرىدىن قەستەن پۇتاق چىقىرىپ، ئۇنى ئىشلەتمەي چەت تىلدىكىنى سۆرەپ كىرىش ھەقىقەتەن ساددىلىق بولىدۇ. چەت تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىندىمۇ دەيلى، ئەمما بەزى سۆزلەر خاتا ئۆزلەشمەكتە، مەسىلەن، تىلىمىزدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېگەن سۆز تۇرسىمۇ يەنە ئىنگلىز تىلىدىكى student سۆزى «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئېلىپ كىرىلدى، بەزىلەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئىستۇدېنت دېيىشنى مەدەنىيلىك دەپ بىلدى ۋە شەرەپ ھېس قىلدى. ئىنگلىز تىلىدىكى student سۆزى بىلەن تىلىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېگەن سۆز مەنە جەھەتتىن ئۈستمۇئۈست چۈشمەيدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلارنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېسەك، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلارنى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېسەك بولىدىكەن؟ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلارنى نېمىشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېمەي ئىستۇدېنت دېگۈدەكمىز؟ student سۆزى بولسا ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئوقۇغۇچى» سۆزىگە ئۈستمۇئۈست چۈشىدۇ، ئىنگلىز تىلىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ student دېيىلىدۇ، بۇ سۆزنى ئۇيغۇر تىلىغا ئېلىپ كىرىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.

بىر قىسىم ئاتالغۇلارغا تەكلىپ

يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ئاتالغۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىگە ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىم قويۇش ئىمكانىيىتى بار. تۆۋەندە بىر قىسىم چەت تىلىدىن كىرگەن ۋە مۇۋاپىق ياسالمىدى، دەپ قارىغان ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئىمكانىيىتى بولغان ئاتالغۇلارنى مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتمەكچىمەن:

ئۇيغۇرچە ئىشلىتىلىۋاتقىنى        خەنزۇچىسى        تەكلىپ

دىجورنى        值班员        نۆۋەتچى

ئىمپورت        进口        كىرىلمە

ئېكسپورت         出口        چىقىلما

دىيالوگ         对话        سۆزلىشىش

رادىياتور         散热器        سوۋۇتقۇچ

تىرېنېر         教练员        مەشقاۋۇل

زوئولوگىيە        动物学        ھايۋانشۇناسلىق

كاتالوگ        目录        تىزىم

كومبايىن        收割机        ئورغۇ

بىبىلئوگرافىيە        目录学        تىزىمشۇناسلىق

پىرىنتېر         打印机        باسمىدان

فاكس        传真        ئۇچخەت

سۇلياۋ        塑料        يالتىراق

رېلى        断电器        تاقاق

پىلاستىر         胶布        چاپلاق

ئىنستىتۇت         学院        بىلىميۇرت

ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى        自动取款机        پۇلدان

سوپۇن پاراشوكى        洗衣粉        ئۇنسوپۇن

ئاپتوماتىك        自动        ئۆزلە

خەلق ئىشچىسى        民工        ئىشلەمچى

ئىجتىمائىي رايون        社区        مەھەللە

كۈن نۇرى لامپىسى        日光灯        كۈنچىراغ

كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئۈسكۈنىسى        投影仪        كۆلەڭگۈچ

تەكلىپ بېرىلگەن ئاتالغۇلارغا ئىزاھ

دىجورنى        值班员        نۆۋەتچى

دىجورنى [رۇسچە] ـ مەلۇم ئورۇندا، مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغۇچى، يەنى شۇ ۋەزىپىنى ۋاقىتلىق ئۈستىگە ئالغۇچى بولغاچقا، بۇ كىشى ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن، ۋەزىپىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ۋەزىپە ئۇنىڭغا يەنە كېلىدۇ، يەنى نۆۋەتلىشىپ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دىجورنى دېگەن بۇ سۆز ئېغىز تىلىدا ئاللىقاچان «نۆۋەتچى» دەپ ئومۇملىشىپ كەتكەن. «دىجورنى» دېگەنگە قارىغاندا «نۆۋەتچى» چۈشىنىشلىك بولىدۇ.

ئىمپورت        进口        كىرىلمە

ئىمپورت [ئىنگلىزچە] ـ بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتتىن تاۋار كىرگۈزۈش پائالىيىتى. ئىنگلىزچىدىكى Import دېگەن سۆز Im ئىچ (رەۋىش) بىلەن port يۆتكەش(ئىسىمداش)تىن ئىبارەت ئىككى مەنىلىك بۆلەكنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان ئىسىم، يەنى دۆلەت سىرتىدىن دۆلەت ئىچىگە تاۋار كىرگۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ مەنىسىنى بىلگەنىكەنمىز، ئىنگلىزچە ئاھاڭىنى ئالماي ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن پايدىلىنىپ «كىر» دېگەن پېئىلنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى «كىرىل»گە، «مە» دېگەن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىنى قوشۇپ «كېرىلمە» دېگەن ئىسىمنى ياسىساق، ئىمپورتقا قارىغاندا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولىدۇ. يەنى «دۆلىتىمىزنىڭ يىللىق ئىمپورت ئومۇمىي مىقدارى» دېگەنگە قارىغاندا، «دۆلىتىمىزنىڭ يىللىق كېرىلمە ئومۇمىي مىقدارى» دېسەك چۈشىنىشلىك بولىدۇ. قوللىنىشقىمۇ ئەپلىك، چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ.

ئېكسپورت         出口        چىقىلما

ئېكسپورت [ئىنگلىزچە] ـ چەت ئەللەرگە مال ياكى كاپىتال چىقىرىش ئىشى، يەنى «ئىمپورت»نىڭ ئەكسى. شۇڭلاشقا، ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن كۆرە ئۇيغۇرچە «چېقىلما» دېسەك، تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولىدۇ. تىل ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

دىيالوگ         对话        سۆزلىشىش

  دىيالوگ [گىرېكچە ] ـ ①ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پېرسوناژ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت.② ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پېرسوناژ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت شەكىلدە يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەر. تىلىمىزدا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سۆھبىتىنى «پاراڭلىشىش، سۆزلىشىش» دەپ ئاتايمىز. شۇڭا، چۈشىنىشلىك بولۇشى ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇنراق بولۇشى ئۈچۈن ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچە «سۆزلىشىش» دەپ ئالغىنىمىز ياخشىراق بولىدۇ.

رادىياتور         散热器        سوۋۇتقۇچ

رادىياتور [ئىنگلىزچە] ـ خەنزۇچىسىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇكى، بۇ شەيئى ئىسسىقلىق تارقاتقۇچى ئەسۋاب. ئىسسىقلىقنى تارقىتىشتىكى مەقسەت سوۋۇتۇش بولغاچقا، «سوۋۇتقۇچ» دېسەك، بىرقەدەر ئىلمىيراق بولىدۇ.

تىرېنېر         教练员        مەشقاۋۇل

تىرېنېر [لاتىنچە] ـ مەشىق قىلدۇرغۇچى. «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «سۇ بويىدا» قاتارلىق قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسىدە 教练员 دېگەن بۇ سۆز «مەشقاۋۇل» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. خۇددى ئىشىككە قارايدىغانلار قاراۋۇل دەپ ئېلىنغانغا ئوخشاش. مۇنداق ئېلىنسا «تىرېنېر» دېگەن سۆز بەرگەن مەنىنى تولۇق ئىپادىلەپلا قالماستىن، تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ۋە يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ.

زوئولوگىيە        动物学        ھايۋانشۇناسلىق

زوئولوگىيە [گىرېكچە] ـ ھايۋانلارنىڭ مورفولوگىيەسى، فىزىيولوگىيەسى، ئېكولوگىيەسى، تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، تارقىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ كونترول قىلىنىشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. تارىخنى تەتقىق قىلىدىغان پەننى «تارىخشۇناسلىق»، تىلنى تەتقىق قىلىدىغان پەننى «تىلشۇناسلىق» دېگەندەك ھايۋانلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەننىمۇ «ھايۋانشۇناسلىق» دېسەك خاتا بولمايدۇ.

كاتالوگ        目录        تىزىم

كاتالوگ [ئىنگلىزچە] ـ ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن «تىز» پېئىلىغا «ىم» ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىنى قوشۇپ «تىزىم» دېگەن ئىسىمنى ياسىساق توغرا قىلغان بولىمىز.

مەن پەقەت ئايرىم ئاتالغۇلارنىلا كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. ئەمەلىيەتتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاتالغۇلارغا تىلىمىزدىن مەخسۇس سۆز تېپىپ ئات قويغىلى بولىدۇ، مەلۇم كەسپىي پەنلەر توغرىسىدىكى ئاتالغۇلارغا كەلگەندە، شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى، يەنى شۇ كەسىپنى تەتقىق قىلغۇچى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، لېكسىكا جەھەتتە ئوبدانراق ئويلىنىپ، ئانا تىلغا مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلسا، شۇ كەسىپنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنگەن ئادەم ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىسىم قويالماي قالمايدۇ. ئۇيغۇر تىلى ھەرقانداق بىر پاساھەتلىك تىلغا قارىغاندا تېخىمۇ روشەن، تېخىمۇ ئۆتكۈر، تولىمۇ جانلىق تىل. شۇڭا، تىلىمىزنى ياخشى ئىزغا سېلىشىمىز، رولىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاتالغۇ خىزمىتىدە تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش لازىم:

1. ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ ۋە ئۆگىنىپ، سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئايرىپ، ياساش ئىمكانىيىتى بار بولغانلىكى سۆزلەرگە ئۇيغۇر تىلىدىن سۆز ياساش، يادىكارلىقلار، كىلاسسىك ئەسەرلەر، ھەرقايسى شېۋىلەرنى ياخشى تەتقىق قىلىپ سۆزلەرنى قېزىپ چىقىرىپ، بىر قىسىم ياساش قىيىن بولغان ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا ئىستېمالدىن قالغان بىر قىسىم كونا سۆزلەرنى مەنە يۈكلەش ئۇسۇلى بىلەن ئورنىغا دەسسىتىپ (人民代表大会نى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دەپ ئېلىش بۇنىڭ ياخشى ئۈلگىسى)، ھەرقايسى شېۋىلەرنىڭ ۋە قېرىنداش تىللارنىڭ لېكسىكىلىق بايلىقىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، ئىجابىي سۆزلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ ئاتالغۇ ياساش يوللىرىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك.

2. ھازىرقى زاماندىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاتالغۇلار خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدىن ھەرخىل يوللار بىلەن كىرىۋاتقان بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش يوللىرى بىلەن خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىنىڭ سۆز ياساش قائىدىسىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ ئاھاڭ تەرجىمىسى ۋە ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تەرجىمىدىن ساقلىنىپ، ئامال بار جانلىق ئۇسۇل بىلەن مەنە تەرجىمىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، يەنى تەرجىمە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتالغۇ كۆرسەتكەن شەيئىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىش كېرەك.

3. ئۇيغۇر تىلىدىكى كەسپىي ئاتالغۇلارنى توپلاش، قېزىش ۋە ئۇنىڭدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، بۇلاردىن پايدىلىنىپ ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنى ياساشتا ھۈنەر-كەسىپ ئاتالغۇلىرىدىن پايدىلىنىشىمىز لازىم.

پايدىلانمىلار:

1. مۇھەممەترېھىم سايىت: «ئۇيغۇرچە ئاتالغۇچىلىققا باشلاش»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011-يىلى نەشرى.

2. ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «ئاتالغۇشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقى»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2004-يىللىق 4-سان.

3. «خەمىت تۆمۈر ئىلمىي ماقالىلىرى»،  مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006-يىلى نەشرى.

4. 英语词汇的奥秘 / 蒋争著-修订版。-北京:中国国际广播出版社,2000.

5. ئالىم خەسەنى: «ئۇيغۇر تىلىدىكى يېڭى سۆز–ئاتالغۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسىلىشى ھەققىدە مۇلاھىزە»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2003-يىللىق 3-سان.

6. گۈلنىسا كېرەم: «ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەش ـ تەرجىمىدىكى مۇھىم ھالقا»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2009-يىللىق 9-سان.

7. ھۈسەيىنجان ئەسقەرى، مايىنۇر ئادىل: «ئانا تىلىمىز يارىلانمىسۇن»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2003-يىللىق 1-سان.

8. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (قىسقارتىلمىسى)»،  ش ئۇ ئا ر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىلى نەشرى.

ئىزاھاتلار:

① مۇھەممەترېھىم سايىت: «ئۇيغۇرچە ئاتالغۇچىلىققا باشلاش»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011-يىلى نەشرى.

② ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «ئاتالغۇشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقى»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2004-يىللىق 4-سان.



ئەسكەرتىش : بۇ يازمىنى مەن يازمىغان ، تور دا ئۇچراپ قېلىپ يوللاپ قويدۇم. ئەسلى ئاپتۇرى :ئادالەت ئابلىمىت دەپ بار ئىكەن

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 23:00:08

ئارىسلان ئابدۇللا مۇئەللىم بىر قېتىملىق دەرىستە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار توغرىلۇق سۆزلەۋېتىپ تۇرۇكلەرنىڭ ئايرۇپىلاننى ئۇچاق، ئايرىدۇرۇمنى ئۇچلاق دەيدىغىنىنى سۆزلەپ بۇ ئىككى سۆزنىڭ ياسىلىشىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن ئىدى.

ئايرۇپىلان بىلەن ئايرىدۇرۇم ھەر ئىككىلىسى ئۇچۇشقا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر بولغاچقا، تۈرۈكلەر ئاۋۋال بۇنىڭدىكى «ئۇچ» پېئىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، پىچاق سۆزىنى ياساشقا ئىشلەتكەن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە«ئاق»نى «ئۇچ» پېئىلىغا قېتىپ «ئۇچاق»(ئايرۇپىلان) سۆزىنى ياسىغان.

پىچ + اق = پىچاق

ئۇچ = اق = ئۇچاق (ئايرۇپىلان)

«يايلاق» دىگەن ئىسىمنى ياسىغۇچى قوشۇمچە «لاق» نى «ئۇچ» پېئىلىغا قوشۇپ «ئۇچلاق» (ئايرىدۇرۇم) سۆزىنى ياسىغان.

ياي + لاق = يايلاق،

ئۇچ + لاق ئۇچلاق (ئايرىدۇرۇم)

دەپ، بۇ ئۇسۇل ئۇيغۇر تىلىدىكى يېڭى سۆلەرنى ياساشتا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە، دىگەن ئىدى.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 23:26:15

18- قەۋەتتىكى qarabegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئارىسلان ئابدۇللا مۇئەللىم بىر قېتىملىق دەرىستە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار توغرىلۇق سۆزلەۋېتىپ تۇرۇكلەرنىڭ ئايرۇپىلاننى ئۇچاق، ئايرىدۇرۇمنى ئۇچلاق دەيدىغىنىنى سۆزلەپ بۇ ئىككى سۆزنىڭ ياسىلىشىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن ئىدى.

ئايرۇپىلان بىلەن ئايرىدۇرۇم ھەر ئىككىلىسى ئۇچۇشقا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر بولغاچقا، تۈرۈكلەر ئاۋۋال بۇنىڭدىكى «ئۇچ» پېئىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، پىچاق سۆزىنى ياساشقا ئىشلەتكەن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە«ئاق»نى «ئۇچ» پېئىلىغا قېتىپ «ئۇچاق»(ئايرۇپىلان) سۆزىنى ياسىغان.

پىچ + اق = پىچاق

ئۇچ = اق = ئۇچاق (ئايرۇپىلان)

«يايلاق» دىگەن ئىسىمنى ياسىغۇچى قوشۇمچە «لاق» نى «ئۇچ» پېئىلىغا قوشۇپ «ئۇچلاق» (ئايرىدۇرۇم) سۆزىنى ياسىغان.

ياي + لاق = يايلاق،

ئۇچ + لاق ئۇچلاق (ئايرىدۇرۇم)

دەپ، بۇ ئۇسۇل ئۇيغۇر تىلىدىكى يېڭى سۆلەرنى ياساشتا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە، دىگەن ئىدى.




بىز مۇشۇنداق ئىزدەنسەك، قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ مۇشۇنداق سۆز ياساش ئۇسۇللىرىدىن ئۈلگە ئالساق، تىلىمىز ھەرگىزمۇ تىلەمچىنىڭ تەمەچلىرىگە ئايلىنىپ قالماس ئىدى.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 10:24:21


irpanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

  بىز زادى نېمە سەۋەبتىن شۇنچە كۆپ سۆزنى چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىمىز؟ چەت تىلدىن قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇلارنى چەت تىللاردا نېمە دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا قىلچىمۇ ئۆزلەشتۈرمەي، ئۇنى بىر تال تاۋۇشقىچە ئەينەن تەلەپپۇز قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز؟ چەت تىلغا شۇنچە سادىق بولۇشىمىز كېرەك ئىكەن-يۇ، ئۆز تىلىمىزغا نېمە ئۈچۈن سادىق بولمايمىز؟ تىلىمىزدىكى شۇنچە كۆپ تەركىبلەرگە چەت تىلىدىن مەنە ئىزلەپ ئۇنىڭ تاۋۇشلۇق ھالىتىنى مەجبۇرىي سۆرەپ كىرىمىز، چەت تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىش ھەممە تىلدا كۆرۈلىدۇ، بۇ توغرا. بىر قىسىم خەلقئارا ئاتالغۇلار ۋە سۆز تېپىشقا زادى ئىمكانىيىتى بولمايدىغان سۆزلەرگە قىسمەن يول قويساقمۇ بولىدۇ، ئەمما چەت تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىش پەخىرلىنىدىغان ئىش ئەمەسكى، بەزى ئاتالغۇلارنىڭ تەڭدىشى تىلىمىزدا بار تۇرسىمۇ يەنە تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ بىر يەرلىرىدىن قەستەن پۇتاق چىقىرىپ، ئۇنى ئىشلەتمەي چەت تىلدىكىنى سۆرەپ كىرىش ھەقىقەتەن ساددىلىق بولىدۇ.   

مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپنى دەپسىز، مۇشۇ سۆزىڭىزنى ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتى تۆۋەن، ھە دېسە چەتچە سۆزنى سۆرەپ كىرگەك، چەتئەل تىللىرىپەرەس دوستلرىمىز بىر مۇلاھىزە قىلىپ باققان بولسا.


سىز دېگەندەك، چەتئەل تىللىرىدىن قوبۇل قىلغان سۆزلەر  چەتئەللىكلەرنىڭ قاش - كىرپىكىگە قاراپ ئەمەس،  باشقا ئىلغار مىللەتلەرنىڭ سۆز قوبۇل قىلىش ئۇسۇللىرىغا ئوخشاش، ئۆزىمىزنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلغان بولساق، بۈگۈنكىدەك نۇرغۇن ئىملا خاتالىقى كۆرۈلمىگەن بولاتتى،  \"خەلق\" سۆزىنىڭ ئادەتتىكى ئاۋامدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھەتتا دەرس تەييارلىقىدا \"خەلىق\" دەپ يېزىلىپ قىلىشى، نۇرغۇن يازمىلاردا ھەتتا مەتبۇئاتلاردا  دەرس دەپ يېزىلماي، دەرىس دەپ يېزىلىشى، بىزنىڭ مىڭ يىل بۇرۇن قوبۇل قىلغان سۆزلەردىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئاشقازىنىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ ھەزىم قىلمىغانلىقىمىزدىن باشقا سەۋەپنى ئىزدەش ئارتۇقچە. بىز سۆزلەرنى خەخنىڭ قاش-كىرپىكىگە قاراپ ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇشىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلغان بولساق، ئۇيغۇر تىلىدىكى كىرمە سۆزدىن باشقا ھىچقانداق بىر سۆزلىرىمىزدە ئىھتىياج بولمايدىغان \"ف\" ھەرىپىنى قوبۇل قىلمىغان بولاتتۇق.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 10:37:16

irpanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ئاتالغۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىگە ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىم قويۇش ئىمكانىيىتى بار. تۆۋەندە بىر قىسىم چەت تىلىدىن كىرگەن ۋە مۇۋاپىق ياسالمىدى، دەپ قارىغان ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئىمكانىيىتى بولغان ئاتالغۇلارنى مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتمەكچىمەن:

ئۇيغۇرچە ئىشلىتىلىۋاتقىنى        خەنزۇچىسى        تەكلىپ

دىجورنى        值班员        نۆۋەتچى

ئىمپورت        进口        كىرىلمە

ئېكسپورت         出口        چىقىلما

دىيالوگ         对话        سۆزلىشىش

رادىياتور         散热器        سوۋۇتقۇچ

تىرېنېر         教练员        مەشقاۋۇل

زوئولوگىيە        动物学        ھايۋانشۇناسلىق

كاتالوگ        目录        تىزىم

كومبايىن        收割机        ئورغۇ

بىبىلئوگرافىيە        目录学        تىزىمشۇناسلىق

فاكس        传真        ئۇچخەت

سۇلياۋ        塑料        يالتىراق

رېلى        断电器        تاقاق

پىلاستىر         胶布        چاپلاق

ئىنستىتۇت         学院        بىلىميۇرت

ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى        自动取款机        پۇلدان

سوپۇن پاراشوكى        洗衣粉        ئۇنسوپۇن

ئاپتوماتىك        自动        ئۆزلە

خەلق ئىشچىسى        民工        ئىشلەمچى

ئىجتىمائىي رايون        社区        مەھەللە

كۈن نۇرى لامپىسى        日光灯        كۈنچىراغ

كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئۈسكۈنىسى        投影仪        كۆلەڭگۈچ.  

يۇقۇرىدىكىلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى ماڭا ياقتى، ئەمما \"ىرىنتېر         打印机        باسمىدان\"ىڭىز ئانچە ئۇيغۇن بولماي قالدىمۇ قانداق؟


باسمادان دېگەن بۇ سۆز  بېسىپ بولغان ماتېرىياللارنى ساقلاپ قويىدىغان ئورۇننى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا باسما خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان ئۈ ئۈسكىنەنى \"باسقۇ\"، \"باسقۇر\"، \"باسقاق\" دېگەندەك ئېلىش مۇۋاپىق، تەكلىۋىڭىزدە يەنە بىر سۆزنى چۈشۈرۈپ قويۇپسىز، 扫描仪نى سايىلىگۈچ، 扫描نى سايىلەش دەپ ئالسا بولاتتى.


ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى \"ئوقۇلدار\" دەپ ئېلىش تەكلىۋىنى بەرگەن ئىدىم.


چۈنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇغان مەكتىپى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. پۇلى جىق ئادەمنى پۇلدار، ھوقۇقىي جىق ياكى ھوقۇقىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان ئادەمنى ھوقۇقدار  دەيمىزغۇ؟ شۇڭا ئوقۇغان مەكتىپى كۆپ ئادەمنى ئوقۇلدار دېسەك نېمىشقا بولمىسۇن؟







newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 11:04:09

ھەي ... قاچانغىچە ئېرىقنى چېپىپ بولۇپ، ئاندىن قايتا ئېرىق چېپىپ يۈرىيدىغان گەپكىن مۇشۇ ئاتالغۇ مەسىلىسىدە. بىر يېڭى ئاتالغۇ پەيدا بولغاندا ئۇنى قېلىپلشتۇرىدىغانلار نەدە قالىدىغاندۇ؟ \"\" \"\"

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 11:11:10

يېڭى سۆزلەرنى ياساش جەھەتتە خېلىلا مەسىلە بار. جۇمۇ. يەنە دىسە، يەنە شۇ تىل-يېزىق كومتىتىغار بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ نىمىش قىلىدىغان ئورۇندۇ زادى. يېڭى سوزلەرنى ياساش جەھەتتە تېخى مەسىلە بولسا، ۋىۋىسكىلاردا تېخى مەسىلە بولسا، ئىدارە- ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا تېخى ئۇيغۇنلىشالمايۋاتسا........

تىل-يېزىق خىزمىتىدىكى ساقلىنىۋاتقان بۇنچە كۆپ مەسىلىلەردىن قارىغاندا ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تىل يېزىق خىزمىتىگە تازا لەقۋادىن بىرسى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ.

qurwan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 13:08:12

خەلق ئىشچىسى        民工        ئىشلەمچى


مەدىكارچۇ؟


arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 15:23:41

بېداركامنىڭ ئىنكاسىغا ئەگەشتىم.

نەچچە كۈن ئاۋال مۇشۇ ئاتالغۇ مەسىلىسىنى بىرەر تېما قىلىپ يوللايمىكىن دەپ خىيال قىلغان. تەييار تېما يېزىلىپ بوپتۇ.

مەن بەك ئاددىلا خىيال قىلغان. بۇ تېمىدا تەپسىلى يېزىلىپتۇ. يازغۇچىغا ۋە يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت.

ئاتا بوۋېلىرىمىز سوغۇق پەسىلنى ياز، ئىسسىق مەزگىلنى قىش دەپ ئىشلەتكەن بولسا، بىزمۇ جەزمەن بۇ يىل يازدا ئالامەت سوغۇق بولدى جۇما، دىيىشىپ يۈرگەن بولاتتۇق. \"\"

دىمەكچى ئاتالغۇ ئۆزگەرتىۋەتسە بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇر تىل ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇپ سۆز ئىجات قىلسا، تاراتقۇلاردىمۇ شۇنداق ئىشلەتسە، تەدىرىجى ئومۇملىشىپ تىل بايلىقىمىزغا ئايلىناتتى.

ئابلەتاخۇن، نۇراخۇنلار چوڭ ئىش قىلالمىسىمۇ، بىرەر مەمۇرى بويرۇق بىلەن مۇشۇنچىلىك ئاددى ئىشنى ھەل قىلالماسمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە.

napaliyun يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:25:58

بىز   مىللەت  ئۆز تىلمىزدىن بىزارمىكىن دەيمەن ھەدىسە  خەنچە  سۆزلەرنى  قۇشۇپ  سۆزلەيمىز   سىزنىڭكى تىلغا ئالغان سۆزلىرڭىز  ئورۇنلۇق بىراق بىز ئۇيغۇر لار بۇنى قۇبۇل قىلماسمىزمىكىن دەيمەن بىزگە قانچا  تەگسە  ھاڭرايدىغان  سىلىق گەپ كە  ئۇنمايدىغان توسقاننى قىلدىغان ئورۇنلۇقنى قىلمايدىغان  ئىشمىز بار  


سىزگە دىسەم تىلفۇنۇمنىڭكى ئەرجىسىنى ئالماپتىمەن  ھاھاھا  


(تىلفۇنۇمنىڭكى تىڭشىغۇچىنى ئالماپتىمەن )

turantikin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 20:46:30

2- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

irpanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ئاتالغۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىگە ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىم قويۇش ئىمكانىيىتى بار. تۆۋەندە بىر قىسىم چەت تىلىدىن كىرگەن ۋە مۇۋاپىق ياسالمىدى، دەپ قارىغان ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئىمكانىيىتى بولغان ئاتالغۇلارنى مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتمەكچىمەن:

ئۇيغۇرچە ئىشلىتىلىۋاتقىنى        خەنزۇچىسى        تەكلىپ

دىجورنى        值班员        نۆۋەتچى

ئىمپورت        进口        كىرىلمە

ئېكسپورت         出口        چىقىلما

دىيالوگ         对话        سۆزلىشىش

رادىياتور         散热器        سوۋۇتقۇچ

تىرېنېر         教练员        مەشقاۋۇل

زوئولوگىيە        动物学        ھايۋانشۇناسلىق

كاتالوگ        目录        تىزىم

كومبايىن        收割机        ئورغۇ

بىبىلئوگرافىيە        目录学        تىزىمشۇناسلىق

فاكس        传真        ئۇچخەت

سۇلياۋ        塑料        يالتىراق

رېلى        断电器        تاقاق

پىلاستىر         胶布        چاپلاق

ئىنستىتۇت         学院        بىلىميۇرت

ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى        自动取款机        پۇلدان

سوپۇن پاراشوكى        洗衣粉        ئۇنسوپۇن

ئاپتوماتىك        自动        ئۆزلە

خەلق ئىشچىسى        民工        ئىشلەمچى

ئىجتىمائىي رايون        社区        مەھەللە

كۈن نۇرى لامپىسى        日光灯        كۈنچىراغ

كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئۈسكۈنىسى        投影仪        كۆلەڭگۈچ.  

يۇقۇرىدىكىلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى ماڭا ياقتى، ئەمما \"ىرىنتېر         打印机        باسمىدان\"ىڭىز ئانچە ئۇيغۇن بولماي قالدىمۇ قانداق؟


باسمادان دېگەن بۇ سۆز  بېسىپ بولغان ماتېرىياللارنى ساقلاپ قويىدىغان ئورۇننى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا باسما خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان ئۈ ئۈسكىنەنى \"باسقۇ\"، \"باسقۇر\"، \"باسقاق\" دېگەندەك ئېلىش مۇۋاپىق، تەكلىۋىڭىزدە يەنە بىر سۆزنى چۈشۈرۈپ قويۇپسىز، 扫描仪نى سايىلىگۈچ، 扫描نى سايىلەش دەپ ئالسا بولاتتى.


ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى \"ئوقۇلدار\" دەپ ئېلىش تەكلىۋىنى بەرگەن ئىدىم.


چۈنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇغان مەكتىپى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. پۇلى جىق ئادەمنى پۇلدار، ھوقۇقىي جىق ياكى ھوقۇقىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان ئادەمنى ھوقۇقدار  دەيمىزغۇ؟ شۇڭا ئوقۇغان مەكتىپى كۆپ ئادەمنى ئوقۇلدار دېسەك نېمىشقا بولمىسۇن؟







ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسنى تالىپ/تالىپە دەپ ئاتىساق قانداق بولار؟  




koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 09:17:21

ئىنتايىن توغرا گەپلەر!

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 09:36:29

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار ئاساسەن 1930-يىلى «تاشكەنت شەرق ھەقىقىتى نەشرىياتى» نەشر قىلغان كىتابلار ئارقىلىق رايونىمىزدا ئومۇملاشقان②. مەزكۇر كىتابلاردىكى رۇسچە ئاتالغۇلار 50-يىللاردا ئىنقىلابىيلىقنىڭ، ئىلغارلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كەڭ ئومۇملاشقان، ھەتتا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا رۇسچە ئاتالغۇلار ئومۇملاشتۇرۇلغان. 1960-يىللاردا، ئۇيغۇر تىلىدىكى رۇسچە ئاتالغۇلار خەنزۇچىغا ئالماشتۇرۇلغان ۋە 80-يىللاردا يەنە رۇسچىغا قايتۇرۇلغان. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاتالغۇلار چەت تىللاردىكى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ياكى ئۇدۇل ـ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى بويىچە ئېلىنىۋاتىدۇ. خۇددى ئىنگلىز تىلىدا COMPUTER، خەنزۇ تىلىدا 电脑، تۈركچىدە BiLGESAYAR دەپ ئاتىلىۋاتقان شەيئىنى ئىنگلىزچىدىكى ئوقۇلۇشى بويىچە «كومپيۇتېر» دەپ ئىشلىتىۋاتقىنىمىزغا ئوخشاش ياكى خەنزۇ تىلىدىكى 助听器 دېگەن ئاتالغۇنى «ئاڭلاشنى كۈچەيتىش ئەسۋابى» دېگەنگە ئوخشاش. ئىنگلىزچىدە TELEPHONE دېگەن سۆز «يىراقتىن كەلگەن ئاۋاز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەنگىلا بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىمۇ مۇشۇ مەنىنى بىلدۈرۈشى ناتايىن ھەم قەتئىي ئۇنداق مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، «تېلېفون» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ھېچقانداق لېكسىكىلىق مەنىسى يوق، «كومپيۇتېر» دېگەن سۆزمۇ ئوخشاش. بىز نېمە ئۈچۈن تۇرمۇشىمىزدا شۇنچە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرگە قەدەر چەت تىلنىڭ تاۋۇشلىرىنى سۆرەپ كىرىپ يەنە چەت تىلىدىن مەنە ئىزدەپ يۈرىمىز، چۈنكى ئاتالغۇشۇناسلىق ساھەسىدە قوبۇل قىلىش خاھىشى بەك ئېغىر. ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقىدا ئۇقۇمنىڭ لوگىكىلىق مەنىسى بىلەن شۇ ئۇقۇملارنىڭ تىلدىكى ئىپادىسى بولغان ئاتالغۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنمىغان.

____________________

بەزى ئاتالغۇلارنى خەلقئاارادا قانداق ئاتىسا، بىزنىڭ يۇمشاق ئۇيغۇر تىلىمىزمۇ شۇ پېتى تەلەپپۇز قىلالايدۇ، ھەم بىر مەزگىل شۇنداق تەلەپپۇز قىلىش جەريانىدا ئۇ ئاتالغۇنىڭ نېمەنى كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ ئېنىق ھالدا ئومۇملاشتۇرۇپ، تىل ئىستىمالىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ بىر ئەقەللىي ھادىسە، شۇڭا، ئىچكىرىدىن بىر خەنسۇ كەلسە، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر چە ئىسىم قوۇيۇپ چاقرىشىمىز كېرەك، دېگەندەكلا بىر تۇترۇقسىزلىققۇ بۇ.



ئەلۋەتتە، بەزىبىر بىزدە ئەسلىدىن بار بولغان بويۇملارنىڭ ئىسىملىرىنى ئەسلىدىكى تىلىمزى بويىچە ئاتىساق بولىۋېرىدۇ، ئەمما، بىز ئۆزىمىز ئىختىرا قىلمىغان، چەتئەللىكلەر ئىجاد قىلىپ ئىسىم قويغان ئاتالغۇلارنى قايتىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمەن دەپ يۈرۈش، تىل تەتقىقاتىدىكى ئەسلى سۆز يىلىتىزىنى ئىزدەش قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولىشى مۈمكىن.



قېنى ئويلىنىپ باقارسىلەر.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 12:04:34

ئومۇملىشىپ بولغان ۋە كىشىلەر ئىشلىتىپ كۆنۈپ كەتكەن، قېلىپلىشىپ بولغان سۆزلەر ئۈچۈن قايتا ئاتالغۇ ئىجاد قىلىش ئۈنۈمسىز يەرگە ئوغۇت سېپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. تېلېفون، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور... دېگەندەك. لېكىن بىر مەزگىل ئىشلەتكەن بەزى سۆزلەر بار: سىنئالغۇ دەپ مەسىلەن. ھازىر كامېرا بۇ سۆزنىڭ ئورنىنى ئېلىپ كېتىپ بارىدۇ.

مەسىلىنىڭ قىيىن تەرىپى بولسا، بىزنىڭ تىلىمىزدىمۇ بولمىغان، چەتئەل تىلىدىكى بەزى ئاتالغۇلارنى قانداق ئېلىپ كىرىش مەسىلىسى. بۇلارنى شۇ تىلدا ئەينەن ئېلىپ كىرسە، چۈشەنگىلى بولمايدۇ، ئۇيغۇرچە سۆز ئىجاد قىلاي دېسە، كەسپ ئىگىلىرى تىلشۇناس بولمىغاچقا، مۇۋاپىق سۆز تاپالماي قىيىنىلىپ كېتىپ بارغان. شۇڭلاشقىمۇ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇرچە ماقالە يېزىپ چىقىشى بەكلا تەس ھازىر.

كاللامغا كەلگىنىنى يېزىپ باقاي:

sector - توقۇمۇچىلىق بىر sector، ئاپتوموبىل ساھەسى بىر sector، كېمىسازلىق بىر sector

segment -

supplier - مەلۇم بىر ئىشلەپچىقىرىش ئورنى ئۈچۈن مال ئىشەپچىقىرىپ، تەمىنلەپ بەرگۈچى. مەسىلەن، apple بىر ئانا شىركەت بولسا، بۇلار ئۈچۈن توك سىمىنى ياساپ بېرىدىغان بىر supplier، ئېكرانىنى ياساپ بېرىدىغان بىر supplier، قاتتىق دېسكىنى ياساپ بېرىدىغان بىر supplier بولىدۇ.

component - پۈتۈن شەكىلدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بىر مەھسۇلاتنىڭ ھەر بىر پارچىسى

process - جەريان دېگەن سۆز ماس كەلمەيدۇ. مەسىلەن ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھەر بىر ئۆتكەل، باسقۇچ.

improvement -ياخشىلاشتۇرۇش دەمدۇق؟

.........................



ئۇنىڭدىن سىرت سۆزلۈكلەردىكى سىياسەتنىڭ تەسىرىمۇ باركەن. خۇددى «ئايردروم (رۇسچە)»نىڭ، «ئايرپورت (ئىنگىلىزچە)»گە ئالماشقىنىدەك.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:12:14

مەن مۇشۇ جۈزە دىگەن مىۋىنى ئاپلىسىن دەپ ئاتايدىغانلىغىمىزغا بەك ھەيران قالىمەن .

بۇ سوز ئىنگىلىزچىمۇ ئەمەس روسچىمۇ ئەمەس،

ئەمما نورۋىگىيەلەكلەر، ئاۋىستىرىيەلىكلەر ئاپلىسىن دەپ ئاتايدىكەن،

مەنىسى جوڭگۇنىڭ ئالىمسى apple from sina بولىدىكەن.

كىم ئىجات قىلغاندۇ دەيمىنا . قىززىق.............

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:05:15

ياۋسەنبا جىۇجىۇ ... دېيىشلىرىمىز، «بىريۈز ئوتتۇز سەككىز، توقسان توققۇز»نى بىزنىڭ ئىجات قىلمىغانلىقىمىزدىنمىدۇ؟

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:14:19

10- قەۋەتتىكى qaratughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەزى ئاتالغۇلارنى خەلقئاارادا قانداق ئاتىسا، بىزنىڭ يۇمشاق ئۇيغۇر تىلىمىزمۇ شۇ پېتى تەلەپپۇز قىلالايدۇ، ھەم بىر مەزگىل شۇنداق تەلەپپۇز قىلىش جەريانىدا ئۇ ئاتالغۇنىڭ نېمەنى كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ ئېنىق ھالدا ئومۇملاشتۇرۇپ، تىل ئىستىمالىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ بىر ئەقەللىي ھادىسە، ...

شۇنداق تەلەپپۇز قىلالىغانلىقى ھازىر تىلىمىزنىڭ زور گۇناھى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ، بەختسىزلىكىنىڭ بىر مەنبەسى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ، زور كۆپ ساندىكى ئاۋامنىڭ يېزىق تىلى بىلەن ئېغىز تىلى ئارىلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئىملاخاتالىقىدىن ھەممىمىز قاقشايمىز، ئەمما ھەممىمىز ئىملادا خاتالىقلارنى ماڭدامدا بىر سادىر قىلىۋاتمىز،  مىڭ يىلدىن بىرى دەرىس، خەلىق دەپ كىلىۋاتىمىزيۇ، \"خەلق\"، \"دەرس\" دەپ ئەسلىسىگە سادىق يازىسەن دەپ، يازدۇرالماي كىلىۋاتىمىز. ئاندىرويىد دەپ تەلەپپۇز قىلىمىزيۇ، ئاندرويد دەپ ئەسلىسىگە سادىق يازىسەن دەپ، ئۆز - ئۆزىمىزنى قىيناۋاتىمىز. \"بىز خەخنىڭكىنى ئەينەن تەلەپپۇز قىلالايمىز، شۇڭا ئەسلىسىگە سادىق يازىمىز .\" -دەپ،  ئاۋام تۇرماق، زىيالىلارمۇ بىلىپ بولالمىغان ئەخمىقانە قايىدىلەرنى چىقىرىۋالماي، خەخنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغاندا،  \"ئۆز تىلىمىزنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلغان، ئۆز تىلىمىزنىڭ قانۇنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ يازغان\" بولساق، مىڭ يىللار ئۆتسىمۇ ئاددىي ئاۋامغىلا ئەمەس، تەربىيە كۆرگەن زىيالىلارغىمۇ ئۆزلىشىپ بولالمىغان بىرمۇنچە ئەخمىقانە ئىملا قائىدىلىرى تۈزۈلۈپ يۈرمىگەن بولاتتى،  خەلىق، دەرىس، بەخىت، ئاندىرويىد، كومپىيۇتېر، پارانسىيە، تېلېپون،  پىرسەن،  دوس، پابرىكا، ئاپرىقا ..... دېگەندەك يېزىشلاردا ئىملا خاتالىقى بار دېيلمەيتى. كانادانى خەنزۇلار  كانادا  卡拿大 دېيەلەيدىغان تۇرۇپ  جانادا  加拿大 دەيدىكەن، كانادالىقلار ياكى خەلقئارادىن جانادا دېيىشنى چەكلەپ كانادا دېگۈزمەپتۇ،  خەنزۇلارمۇ جانادانى بىز ئىجات قىلمىغاندىكىن ئەسلىسىگە سادىق بولۇپ، كانادا دەيلى دېمەپتۇ، بۇنىڭلىق بىلەن بۇلار خەلقئارا  ئادەتكە ھۆرمەت قىلمىغانمۇ بولۇپ قالماپتۇ.


10- قەۋەتتىكى qaratughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىچكىرىدىن بىر خەنسۇ كەلسە، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر چە ئىسىم قوۇيۇپ چاقرىشىمىز كېرەك، دېگەندەكلا بىر تۇترۇقسىزلىققۇ بۇ.



ئەلۋەتتە، بەزىبىر بىزدە ئەسلىدىن بار بولغان بويۇملارنىڭ ئىسىملىرىنى ئەسلىدىكى تىلىمزى بويىچە ئاتىساق بولىۋېرىدۇ، ئەمما، بىز ئۆزىمىز ئىختىرا قىلمىغان، چەتئەللىكلەر ئىجاد قىلىپ ئىسىم قويغان ئاتالغۇلارنى قايتىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمەن دەپ يۈرۈش، تىل تەتقىقاتىدىكى ئەسلى سۆز يىلىتىزىنى ئىزدەش قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولىشى مۈمكىن.

قېنى ئويلىنىپ باقارسىلەر.

خەنزۇلار پولۇنى ئىجات قىلمىغان بولسىمۇ 抓饭 دەيدىكەن،  telphunنى ئىجات قىلمىغان بولسىمۇ 电话 دەيدىكەن، كومپيۇتېرنى ئىجات قىلمىغان بولسىمۇ 电脑 دەيدىكەن، ..... بەلكىم بۇنداق ھادېسە يالغۇز خەنزۇ تىلىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق تىل دەپ قارالغان ئېنگىلىز، فىرانسۇز ، ... تىللىرىدىنمۇ تالاي تېپىلىدۇ، ئۇلار ھەرقانداق نەرسىگە ئۆزىنىڭ تىل قانۇنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ سۆز قوبۇل قىلغانلىقى ياكى سۆز ياسىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تىللارنىڭ ئەبجەشلىك دەرىجىسى  بىزنىڭ تىلىمىزدەك ئېغىر ئەمەس،  بەزىلەر 微信نىڭ ئۈندىدار  دەپ ئومۇملىشىۋاتقىنىغا خىلى ئاچچىغى باركەن،  ئۇلارنىڭ  بىرقىسمىنىڭ  ئاساسى ئۇنى بىز ئىجات قىلمىغانلىقىمىزكەن. شۇڭا ئۇنى ئەينى تەلەپپۇز بويىچە ۋىيشىن دېيىشىمىز كېرەككەن،  بۇ مەنتىقە بويىچە بولغاندا يۇقۇرىدىكى خەنزۇچە سۆزلەرگە نېمە دەيمىز؟ يەنە بەزىلەرنىڭ 微信نى ئۈندىدار دېسەك بولماسلىقىدىكى ئاساسى تېخىمۇ بىمەنە بولۇپ، 微信 دېگەن سۆز مىكرو خەت دېگەن سۆز  بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مىكرو خەت دېمەي، ئۈندىدار دېگىنىمىز خاتا بولغانمىش. بىزنىڭ سۆز ياساشتىكى خاتالىقىمىز دەل خەتمۇ-خەت، سۆزمۇ-سۆز ئەينەن قوبۇل قىلغان ياكى تەرجىمە قىلغانلىقىمىزدا. ئىلگىركى قاتناش، ئالاقە ۋاستىلىرى راۋان بولمىغان زامانلاردا كىشىلەر \"سالام خەت\" ئارقىلىق ئۇچۇرلىشاتتى، بىر ئايدا ھەتتا بىر پەسىلدە ئاران ئىگىسىنىڭ قولىغا يېتىپ كىلەلەيدىغان مۇشۇنداق خەتنى ئاتا بوۋىمىز، \"يېرىم دىدار\" دەپ سۈپەتلىگەن، چۈنكى كىچىك چاغلىرىمىزدا، ئاشۇ زاماندا يىراقتىكى تۇققانلىرىمىزدىن ئاشۇنداق بىر خەتنى تاپشۇرۇپ ئالساق، يىراقتىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنى كۆرگەندەك بولىشاتتۇق،  ھىچ بولمىسا ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىدىن، كىملەرنىڭ تۇغۇپ، كىملەرنىڭ كىملەر بىلەن توي قىلىپ، قانچە بالىسى بولغانلىقى، .... دېگەنلەردىن خەۋەر تاپاتتۇق، شۇڭا يېرىم دىدار دېيىلگەن، ھازىرقى زامانىۋى دۇنيارىمىزدا 微信 ئارقىلىق بىز ئاددى خەت يىزىشىشلا ئەمەس، ئاۋاز ئارقىلىقمۇ سۆھبەتلىشەلەيمىز،  يىنىمىزدىكىلەر بىلەنلا ئەمەس، ئوكيان، قىتئە ئاتلاپ، شۇنچە يىراقتىكى كىشىلىرىمىز بىلەنمۇ دەل ۋاقتىدا سۆھبەتلىشەلەيمىز،  بىر ئادەم بىلەن ئەمەس، يەنە بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشەلەيمىز، ئۆمرىمىزدە كۆرۈپ باقىمىغان كىشىلەر بىلەن ئاۋاز ئارقىلىق ئەھۋاللىشالايمىز،  ئاۋۇ زاماندىكى سالام خەتلەر يېرىم دىدار بولالىغاييۇ، زامانىمىزدىكى بۇ \"微信\" نېمىشقا \"دىدار\" بولالمىغىدەك؟ بۇنى  ئاۋۇ خەتكە تەدبىقلاپ، تولۇق دىدار، پۈتۈن دىدار دېگىلى بولمايدۇ ئەلبەتتە، ئاۋاز ئارقىلىق بولسىمۇ ئەھۋاللىشىپ، ھەتتا بىر-بىرىمىزگە تۈرلۈك ئۇچۇر، بىلىملەرنى تارقىتىپ كىلىۋاتقان بۇ نەرسىنى \"ئۈندىدار\" دېسەك،  بۇنىڭغا ئازلىق كىلىدۇ، لىكىن بۇ مىكرو خەت دېگەن سۆزگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشىراق ئۇقۇمنى بىرەلەيدۇ ئەمەسمۇ؟

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 16:06:25

14- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى qaratughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەزى ئاتالغۇلارنى خەلقئاارادا قانداق ئاتىسا، بىزنىڭ يۇمشاق ئۇيغۇر تىلىمىزمۇ شۇ پېتى تەلەپپۇز قىلالايدۇ، ھەم بىر مەزگىل شۇنداق تەلەپپۇز قىلىش جەريانىدا ئۇ ئاتالغۇنىڭ نېمەنى كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ ئېنىق ھالدا ئومۇملاشتۇرۇپ، تىل ئىستىمالىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ بىر ئەقەللىي ھادىسە، ...

شۇنداق تەلەپپۇز قىلالىغانلىقى ھازىر تىلىمىزنىڭ زور گۇناھى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ، بەختسىزلىكىنىڭ بىر مەنبەسى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ، زور كۆپ ساندىكى ئاۋامنىڭ يېزىق تىلى بىلەن ئېغىز تىلى ئارىلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئىملاخاتالىقىدىن ھەممىمىز قاقشايمىز، ئەمما ھەممىمىز ئىملادا خاتالىقلارنى ماڭدامدا بىر سادىر قىلىۋاتمىز،  مىڭ يىلدىن بىرى دەرىس، خەلىق دەپ كىلىۋاتىمىزيۇ، \"خەلق\"، \"دەرس\" دەپ ئەسلىسىگە سادىق يازىسەن دەپ، يازدۇرالماي كىلىۋاتىمىز. ئاندىرويىد دەپ تەلەپپۇز قىلىمىزيۇ، ئاندرويد دەپ ئەسلىسىگە سادىق يازىسەن دەپ، ئۆز - ئۆزىمىزنى قىيناۋاتىمىز. \"بىز خەخنىڭكىنى ئەينەن تەلەپپۇز قىلالايمىز، شۇڭا ئەسلىسىگە سادىق يازىمىز .\" -دەپ،  ئاۋام تۇرماق، زىيالىلارمۇ بىلىپ بولالمىغان ئەخمىقانە قايىدىلەرنى چىقىرىۋالماي، خەخنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغاندا،  \"ئۆز تىلىمىزنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلغان، ئۆز تىلىمىزنىڭ قانۇنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ يازغان\" بولساق، مىڭ يىللار ئۆتسىمۇ ئاددىي ئاۋامغىلا ئەمەس، تەربىيە كۆرگەن زىيالىلارغىمۇ ئۆزلىشىپ بولالمىغان بىرمۇنچە ئەخمىقانە ئىملا قائىدىلىرى تۈزۈلۈپ يۈرمىگەن بولاتتى،  خەلىق، دەرىس، بەخىت، ئاندىرويىد، كومپىيۇتېر، پارانسىيە، تېلېپون،  پىرسەن،  دوس، پابرىكا، ئاپرىقا ..... دېگەندەك يېزىشلاردا ئىملا خاتالىقى بار دېيلمەيتى. كانادانى خەنزۇلار  كانادا  卡拿大 دېيەلەيدىغان تۇرۇپ  جانادا  加拿大 دەيدىكەن، كانادالىقلار ياكى خەلقئارادىن جانادا دېيىشنى چەكلەپ كانادا دېگۈزمەپتۇ،  خەنزۇلارمۇ جانادانى بىز ئىجات قىلمىغاندىكىن ئەسلىسىگە سادىق بولۇپ، كانادا دەيلى دېمەپتۇ، بۇنىڭلىق بىلەن بۇلار خەلقئارا  ئادەتكە ھۆرمەت قىلمىغانمۇ بولۇپ قالماپتۇ.


10- قەۋەتتىكى qaratughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىچكىرىدىن بىر خەنسۇ كەلسە، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر چە ئىسىم قوۇيۇپ چاقرىشىمىز كېرەك، دېگەندەكلا بىر تۇترۇقسىزلىققۇ بۇ.



ئەلۋەتتە، بەزىبىر بىزدە ئەسلىدىن بار بولغان بويۇملارنىڭ ئىسىملىرىنى ئەسلىدىكى تىلىمزى بويىچە ئاتىساق بولىۋېرىدۇ، ئەمما، بىز ئۆزىمىز ئىختىرا قىلمىغان، چەتئەللىكلەر ئىجاد قىلىپ ئىسىم قويغان ئاتالغۇلارنى قايتىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمەن دەپ يۈرۈش، تىل تەتقىقاتىدىكى ئەسلى سۆز يىلىتىزىنى ئىزدەش قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولىشى مۈمكىن.

قېنى ئويلىنىپ باقارسىلەر.

خەنزۇلار پولۇنى ئىجات قىلمىغان بولسىمۇ 抓饭 دەيدىكەن،  telphunنى ئىجات قىلمىغان بولسىمۇ 电话 دەيدىكەن، كومپيۇتېرنى ئىجات قىلمىغان بولسىمۇ 电脑 دەيدىكەن، ..... بەلكىم بۇنداق ھادېسە يالغۇز خەنزۇ تىلىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق تىل دەپ قارالغان ئېنگىلىز، فىرانسۇز ، ... تىللىرىدىنمۇ تالاي تېپىلىدۇ، ئۇلار ھەرقانداق نەرسىگە ئۆزىنىڭ تىل قانۇنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ سۆز قوبۇل قىلغانلىقى ياكى سۆز ياسىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تىللارنىڭ ئەبجەشلىك دەرىجىسى  بىزنىڭ تىلىمىزدەك ئېغىر ئەمەس،  بەزىلەر 微信نىڭ ئۈندىدار  دەپ ئومۇملىشىۋاتقىنىغا خىلى ئاچچىغى باركەن،  ئۇلارنىڭ  بىرقىسمىنىڭ  ئاساسى ئۇنى بىز ئىجات قىلمىغانلىقىمىزكەن. شۇڭا ئۇنى ئەينى تەلەپپۇز بويىچە ۋىيشىن دېيىشىمىز كېرەككەن،  بۇ مەنتىقە بويىچە بولغاندا يۇقۇرىدىكى خەنزۇچە سۆزلەرگە نېمە دەيمىز؟ يەنە بەزىلەرنىڭ 微信نى ئۈندىدار دېسەك بولماسلىقىدىكى ئاساسى تېخىمۇ بىمەنە بولۇپ، 微信 دېگەن سۆز مىكرو خەت دېگەن سۆز  بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مىكرو خەت دېمەي، ئۈندىدار دېگىنىمىز خاتا بولغانمىش. بىزنىڭ سۆز ياساشتىكى خاتالىقىمىز دەل خەتمۇ-خەت، سۆزمۇ-سۆز ئەينەن قوبۇل قىلغان ياكى تەرجىمە قىلغانلىقىمىزدا. ئىلگىركى قاتناش، ئالاقە ۋاستىلىرى راۋان بولمىغان زامانلاردا كىشىلەر \"سالام خەت\" ئارقىلىق ئۇچۇرلىشاتتى، بىر ئايدا ھەتتا بىر پەسىلدە ئاران ئىگىسىنىڭ قولىغا يېتىپ كىلەلەيدىغان مۇشۇنداق خەتنى ئاتا بوۋىمىز، \"يېرىم دىدار\" دەپ سۈپەتلىگەن، چۈنكى كىچىك چاغلىرىمىزدا، ئاشۇ زاماندا يىراقتىكى تۇققانلىرىمىزدىن ئاشۇنداق بىر خەتنى تاپشۇرۇپ ئالساق، يىراقتىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنى كۆرگەندەك بولىشاتتۇق،  ھىچ بولمىسا ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىدىن، كىملەرنىڭ تۇغۇپ، كىملەرنىڭ كىملەر بىلەن توي قىلىپ، قانچە بالىسى بولغانلىقى، .... دېگەنلەردىن خەۋەر تاپاتتۇق، شۇڭا يېرىم دىدار دېيىلگەن، ھازىرقى زامانىۋى دۇنيارىمىزدا 微信 ئارقىلىق بىز ئاددى خەت يىزىشىشلا ئەمەس، ئاۋاز ئارقىلىقمۇ سۆھبەتلىشەلەيمىز،  يىنىمىزدىكىلەر بىلەنلا ئەمەس، ئوكيان، قىتئە ئاتلاپ، شۇنچە يىراقتىكى كىشىلىرىمىز بىلەنمۇ دەل ۋاقتىدا سۆھبەتلىشەلەيمىز،  بىر ئادەم بىلەن ئەمەس، يەنە بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشەلەيمىز، ئۆمرىمىزدە كۆرۈپ باقىمىغان كىشىلەر بىلەن ئاۋاز ئارقىلىق ئەھۋاللىشالايمىز،  ئاۋۇ زاماندىكى سالام خەتلەر يېرىم دىدار بولالىغاييۇ، زامانىمىزدىكى بۇ \"微信\" نېمىشقا \"دىدار\" بولالمىغىدەك؟ بۇنى  ئاۋۇ خەتكە تەدبىقلاپ، تولۇق دىدار، پۈتۈن دىدار دېگىلى بولمايدۇ ئەلبەتتە، ئاۋاز ئارقىلىق بولسىمۇ ئەھۋاللىشىپ، ھەتتا بىر-بىرىمىزگە تۈرلۈك ئۇچۇر، بىلىملەرنى تارقىتىپ كىلىۋاتقان بۇ نەرسىنى \"ئۈندىدار\" دېسەك،  بۇنىڭغا ئازلىق كىلىدۇ، لىكىن بۇ مىكرو خەت دېگەن سۆزگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشىراق ئۇقۇمنى بىرەلەيدۇ ئەمەسمۇ؟



抓饭نى چوقۇم بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىز تەرجىمە قىلىپ بەرگەن دەپ ئويلايمەن. بۇنى ئۇلارغا پولو دەپ ئۆگىتىش كېرەك ئىدى. مەن بۇلار سوراپ قالسا، پولولام دەيمەن.


电话 دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر، ***چىنىڭ تىل ئالاھىلدىلىكى، ئۇزۇن بوغۇملۇق سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلالماسلىقى تۈپەيلىدىن بولغان. (بۇنى ئارتۇقچىلىق دىيىش كېرەكمۇ، كامچىلىقمۇ بىلمىدىم.) Nissan Qashqaiنىمۇ 小康 دەپ تەرجىمە قىلىۋالدى، چۈنكى قاشقائى دەپ تەلەپپۇز قىلالمىغانلىقىدىن. ھالبۇكى، Volkswagen Santana, Golf, Polo دېگەن ماشىنىلارنى 桑塔纳, 高尔夫, 破咯 دەپ ئېلىۋاتىدۇ.


لېكىن بۇلاردىن باشقىلار، سىرتتىن كىرگەن سۆزلەرنى تەرجىمە قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرچىدىمۇ ئۆز ئەينى ئېلىنغان سۆزلەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق دېگىنىم، چوقۇم سىرتتىن سۆز ئەكىرىش دېگەن گەپ ئەمەس. بەزى ئاتالغۇلار مەجبۇرى سىرتتىن كىرىدىغان گەپ.


微信 نى ئۈندىدار دېسەك، Viber ۋە Whatsapp دېگەنلەرنى نېمە دەپ تەرجىمە قىلىمىز؟


ئالمىنىڭ MacBook كومپيۇتېرىنى نېمە دەپ ئاتايمىز؟


شۇڭا تەرجىمە قىلىش جەھەتتىمۇ، خاس ئاتالغۇ بىلەن ئومۇمى ئاتالغۇنى ئايرىش كېرەك. كومپيۇتېر بىر ئومۇمى ئاتالغۇ، بۇنى ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن ئىپادە قىلىش مۇمكىن. لېكىن , MacBook, Microsoft, Linux, Facebook, Google, Santana, Golf, Audi, BMW دېگەندەك ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 20:27:32

قارىسام يەلكەن ئەپەندىم بىلەن بىدار-قۇتلان ئەپەندىمنىڭ مۇنازىرىسىدە ئازراق ئۇقۇشماسلىق باردەك قىلىدۇ. \"\"

\"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 21:24:41

16- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قارىسام يەلكەن ئەپەندىم بىلەن بىدار-قۇتلان ئەپەندىمنىڭ مۇنازىرىسىدە ئازراق ئۇقۇشماسلىق باردەك قىلىدۇ. \"\"

\"\"

شۇنداق، توغرا دېدىڭىز.


مەنمۇ ھەممە سۆزنى قارا- قويۇق تەرجىمە قىل ياكى سۆز ياسا دېمەكچى ئەمەس. سۆز ياساشتا ئەينەن تەلەپپۇز قىلالايمىز، دەپ، قوبۇل قىلغان سۆزنىڭ پونىتىكا قائىدىلىرىگىچە  ئۇيغۇر تىلىغا مەجبۇرى سۆرەپ ئەكىرىپ ئۇيغۇر تىلىدا قائىدە ئاۋۇتماستىن، تىل بىلگەنلەرنى  ئاساس قىلىۋالماي، ئاۋام خەلقنىڭ تۈمەنمىڭ يىللىق تىل ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى تەبىئىي قانۇنىيەتلەر بويىچە ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلسا، تىلىمىزدا بار بولغان ئاتالغۇلارغا ماسلاشقانلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىپ،ئىمكان بولسىلا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ ئىشلەتسەك دېمەكچىمەن.

بەت: [1] 2
: ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار ئۈستىدە مۇلاھىزە