bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 20:39:23

NASA: 2032-يىلى يەر شارىغا يېقىنلىشىدىغان ئاستېرويد بىز ئۈچۈن خەتەرلىكمۇ؟

NASA: 2032-يىلى يەر شارىغا يېقىنلىشىدىغان ئاستېرويد بىز ئۈچۈن خەتەرلىكمۇ؟




بىلىمخۇمار

2013-10-20




ئالدى بىلەن بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!  مەن يېقىندا 2 ھەپتىلىك سەپەرگە چىقىپ كەتكەچكە، يازمىلىرىممۇ بىر ئاز توختاپ قالدى. قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.




تۈنۈگۈن، يەنى 2013-يىلى 19-ئوكتەبىر كۈنى، ئامېرىكا تېلېۋىزورلىرىدا ئىنگلىزچە «2013 TV135» دەپ نام بېرىلگەن بىر ئاستېرويد (كائىنات ئۇچار تېشى) نىڭ بۇ يىل 16-سىنتەبىر كۈنى يەر شارىغا 6.7 مىليون كىلومېتىر كېلىدىغان يېرىدىن ئۆتكەنلىكى، ھەمدە ئۇنىڭ 2032-يىلى يەر شارىغا يەنە بىر قېتىم يېقىنلىشىدىغانلىقى، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يەر شارىغا تەھدىت سېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى خەۋەر قىلىندى.  مەن ئۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ ئاستېرويدنىڭ بىزگە زادى قانچىلىك تەھدىت بولىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن تورلاردىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ باقتىم.  نەتىجىدە مۇنداق ئۇچۇرغا ئېرىشتىم:  ناسا رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىشتىن قورقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.  گەرچە ئۇ ئاستېرويد يەر شارىغا يېقىنلىشىدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يەر شارى بىلەن سوقۇشۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن كىچىك ئىكەن.  




بۇ ئاستېرويدنى ئۇكرائىنا مۇتەخەسسىسلىرى 8-ئۆكتەبىر كۈنى بىر يەر يۈزىدىكى تېلېسكوپ ئارقىلىق بايقىغان.  ئۇنىڭ دىيامېتىرى 410 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇ يەر شارى بىلەن سوقۇشىدىكەن، ھازىرغىچە ياسالغان ئەڭ كۈچلۈك يادرو بومبىسىدىن 50 ھەسسە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلالايدىكەن.




ھازىرچە بۇ ئاستېرويد 2032-يىلى 26-ئاۋغۇست كۈنى يەر شارىغا قايتا يېقىنلاشقاندىكى تەپسېلىي ئەھۋاللار ئانچە ئېنىق بولمىسىمۇ،ناسا مەركىزى  JPL  گە جايلاشقان ناسا نىڭ يەر شارىغا يېقىن ئالەم جىسىملىرىنى كۈزىتىش مەركىزىدىكى خادىملارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئاستېرويدنىڭ يەر شارى بىلەن سوقۇشۇش ئېھتىماللىقى 63000 (63 مىڭ) دە بىر، ياكى ئۇنىڭ يەر شارى بىلەن سوقۇشماسلىق ئېھتىماللىقى 99.998 پىرسەنت ئىكەن.




پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

http://www.space.com/23260-asteroid-2013-tv135-flyby-nasa.html

http://www.telegraph.co.uk/science/space/10388090/Asteroid-could-collide-with-Earth-in-2032-say-Ukrainian-astronomers.html

http://www.csmonitor.com/Science/2013/1018/Asteroid-2032-Will-2013-TV135-crash-into-Earth-in-2032-Probably-not




سىن ھۆججىتى:

http://www.space.com/23257-1300-foot-wide-asteroid-2013-tv135-s-near-earth-flyby-orbit-animation.html




رەسىم (بىر ئارتىس قىياس بىلەن سىزغان):

http://www.csmonitor.com/var/ezflow_site/storage/images/media/content/2012/0702-asteroid-threat-global-action-plan/13027978-1-eng-US/0702-asteroid-threat-global-action-plan_full_380.jpg




1-resim

anayurtum يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 09:02:09

\"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\"  {:107:}   {:107:}

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 10:30:40

ھەنىم بولسا باركەنسىز، شۈكرى.. سىزنىڭمۇ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن..



قانچىلىك يېقىنلىشار، ئاي بىلەن سۈنئىي ھەمراھلارغا تەسىر قىلماسلىقى كېرەك.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 10:33:58





كەلسە ئاتۇم بومبىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋىتەمىز

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 19:14:43

.... ئۇنىڭ يەر شارى بىلەن سوقۇشۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن كىچىك ئىكەن .



كىچىك بولسىمۇ ئىھتىماللىقتا نەزەردىن ساقىت بولمىغۇدەك جۇمۇ !
بەت: [1]
: NASA: 2032-يىلى يەر شارىغا يېقىنلىشىدىغان ئاستېرويد بىز ئۈچۈن خەتەرلىكمۇ؟