بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى ياخشى بىر ناخشا
بۇ ناخشا ماڭا ئوبدانلا ياراپ قالدى شۇڭىلاشقا سىلەرگىمۇ تەۋسىيە قىلىشىم
ناخشىدىكى ئىككەيلەن تۇرپانلىق ئەما ناخشىچى ئىبراھىم قۇربان بىلەن يەنە شۇ مۆتىۋەر ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ناخشا تېكىستىنى مۇمنبىرىمىزدىكى Axunjan (ئاشۇنجان) يازغان
ئىبراھىم قۇرباننىڭ كونا كۈلدۈرگىلىرىدىن بىرنى كەلتۈرەي
ناخشىنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئېيتىپتۇ جۇما... ناخشا ئاڭلاش زادى خوش ياقماس بوپ كېتىپتىكەن ماۋۇ ناخشىنى ئاخىرىغا چىققۇچە ئاڭلىيالىدىمغۇ لېكىن
ماۋۇ يۇمۇرمۇ خېلى كەپ قوياتتىكەن بىراق باشلىنىشىلا چىقىدىكەن، ئەمدى تېخى قۇلاقنىڭ گېپى چىقىۋىدى توختاپ قالدىغۇ ئازادبېكنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ناخشىسى بولىدىغان يەنە بىر ئەما كىشى بىلەن بىرگە ئوقۇيدىغان، نەچچە ئاڭلىغىنىمنى بىلمەيمەن.
ئابدۇللا ئاكىمىز بىلەن ئىبراھىمجاننىڭ بۇ ناخشىسىمۇ بەك ئېسىل چىقىپتۇ. ئىبراھىمجان نەقمەيداندا ئابدۇللا ئاكىمىزنى دوراپ قويغان بولسا تېخىمۇ پەيزى بولار ئىكەن. كۇتپەر ئۆزىنى دوراپ قوياتتى-دە! {:92:} خوتەندە قۇربان ھىيىت سەنئەت كىچىلىكىدە musicfan پەيزى بىرناخشا ئوقۇدى، 钢琴 بىلەن. سىنغا ئىلىپ قويغان بولساڭلار چىقىرىپ قويۇڭلارچۇ؟
3- قەۋەتتىكى begtashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خوتەندە قۇربان ھىيىت سەنئەت كىچىلىكىدە musicfan پەيزى بىرناخشا ئوقۇدى، 钢琴 بىلەن.
بىزمۇ ھوزۇر ئالىلى ئەزىزلەر ئەزىزجانئاكىمىزنىڭ ئېسىل كۈيىدىن! ھاراق سورىنىدا گەپ ساتىدىغان نىمىلەرنى ماختىغۇچىلىكى يوق .
ئەمەلىيەتتە قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ھەقىقى ياخشى نۇمۇر دىيىشكە توغرا كەلسە ، شىرئەلى ئەلتىكىن ،ئابدۇقادىرجان ، مەۋلانجان قاتارلىق ئەل سۆيگەن ئەلنى سۆيگەن ناخشىچىلېرىمىزنىڭ ئوقىغان مۇقامى ھەقىقى خەلىقنىڭ يۈرەك مۇڭىنى ئىپادە قىلغان دىسەك توغرا بولىدۇ . رىياسەتچىنىڭ ناخشىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن دىگەن سۆزلېرى بىلەن ئۇلار ئوقىغان مۇقامنى بىرلەشتۈرۈپ ئاڭلايدىغان بولساق ،مۇقامغا دەۋرىمىز روھىنى قانداق مۇجەسسەم قىلغانلىقىنى ھەمدە مۇقامنى خەلقنىڭ يۈرەك مۇڭى ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلدۇرغانلىقىنى ماختاش بىلەن تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز . فىلىم يوللاشنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن مەزكۇر ناخشىنىڭ ئۆزىنى يوللىيالماي قالدىم . بەلكىم تورداشلار مۇ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردى . ئەگەر كۆرمىگەن تورداشلار بولسا بىرەر قېتىم كۆرۈپ ئاڭلاپ قويىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن .(مەنمۇ يىغلاپ تاشلىدىم ) مۇقام مۇقام دەپ توۋلاپ ،مۇقامنىڭ دەردىدە ئوت_كاۋاپ بولۇپ كۆيۈپ، مۇقامنىڭ گېپى چىقسا يىغلاپ ئۈنى پۈتۈپ قالغانلارنىڭ مۇقامنى تولۇق ئاڭلاپ باققىنىنى كۆرمىدىم، شۇڭا جانغا چۇشلۇق گەپ قىلساق دەيمەن.
باشقىلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشنى قاچان ئۆگىنەرمىز ئابدۇللاكامنىڭ ئاۋازى نىمدىگەن پىشقان، بەك يېقىملىق ھەقىقەتەن. بۇ قېتىمقى ھىيىت خېلى بەلەن بولدى. كېچىلكلەرمۇ يامان ئەمەس. خوتەننىڭمۇ بەلەن چىقىپتۇ، ھېلىقى ياراشتۇرۇش تېمىسىدىكى ئېتوتىمۇ شۇندا يارىدى.
ھېيتلاشلارمۇ كۆپ بولدى...
ھەركىم نىمىنى ياخشى كۆرسە مەيلىدە. كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى
ئاز بىر قىسىم ناخشىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ روزى ھېيتلىق ۋە قۇربانلىق ھېيتلىق سەنئەت كچىلىكلىرى يىلدىن يىلغا ناچار...
ئېتى ئۇلۇغ سۇپىرىسى قۇرۇق بولۇپ قالدى..
بۇنىڭدىن ئۈرۈمچى تېلىۋزىىيە ئىستانسىنىڭكىنى ياخشى كۆردۈم. ئىتوتلىرىمۇ ياخشى.
ھەجەپ زېرىكتىم ئاشۇ ئابدۇرېھىم دىگەندىن ئەمما. كۆزۈمگە نىمە كۆرىنەر... دەيمەن........... رېھىم قان ...
ھەقىقەتەن بەك يېقىملىق كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى بۇ ەەپنى تولا دەپ كەتتۇق . يەنە دېسەك يەنە شۇ گەپ ..... سەنئەتنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت كىشىگە ئىستىتىك زوق بېرىشلا خالاس . سەنئەت ئادەم تەربىيلەيدۇ دىگۈچىلەر بۇ ئالەمدىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز مەخلۇقلاردۇر . ئائىلە بىلەن مەكتەپتىن ئالالمىغان تەربىيىنى سەنئەتتىن ئالىدۇ دىگۈچىلەر بىر بولسا پەرزەنتىنى تەربىيلەشتەك مەسئۇلىيەتنى ئۆزگىلەرگە ئىتتىرىپ قويغۇچىلاردۇر يەنە بىر بولسا مەكتەپ ۋە ئائىلىسىدىن يىتەرلىك تەربىيە ئالالماي كىرەكسىز بولۇپ ، داشقالغا ئايلىنىپ بولغاندا بارلىق بەخىتسىزلىكىنى ئۆزىدىن كۆرمەي سەنئەتكە دۆڭگىگۈچىلەردۇر .
مۇقام خەلق ، ناخشىسى ، ئاممىباپ ناخشا ، رەپ ، روك ، جەز ھەققىدە گەپ قىلساق ، شەخسەن ئۆزەم مۇقام ۋە خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقنىڭ قىممەتلىك مەدەنى مىراسلىرى ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ ، بىر قانچىدىن باشقا خەلق ناخشىلىرى ۋە مۇقاملارنى ئاڭلاشنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن . قىسقىسى ئىستىتىك زوق ئالالمايمەن . ھەم شۇنداقلا خەلق ناخشىلىرى ۋە مۇقاملارنى ئاڭلايدىغانلارنى نىمىشقا مەن بىلەن ئوخشاش تۈردىكى ناخشىلارنى ئاڭلىمايسەن دىمەيمەن . بەلكىم ئۇلار خەلق ناخشىلىرى ۋە مۇقاملاردىن ياخشىراق ئىستىتىك زوق ئالالايدىغانلاردۇر . شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارنىڭمۇ مېنىڭ قانداقراق ناخشا ئاڭلىشىمغا ئارلىشىپ كېتىشى ھاجەتسىز دەپ قارايمەن ھەم ئارلىشىشنى خالىمايمەن .
ھاراق سورىنىنىڭ گېپى چىقىپ قاپتۇ ، ھاراق سورۇنى دېسەك دىيارىمىزنىڭ ئۆزى ھازىرنىڭ ئۆزىدە چوڭ بىر ھاراق سورۇنىدۇر . شۇڭا نارازىلىقىمىز بولسا بۇ يەردە ئولۇغ قۇرۇق گەپلەرنى قىلىپ ھاراق ساتتى دەپ تورغا چىقىپ نالە پەريات قىلغۇچە ئاشۇ ھاراق ساتقۇچىلار بىلەن مۇڭدىشىپ باقساق بولىدۇ . ھاراق ئىشلەپچىقىرۋاتقان زاۋۇتنىڭ *** خوجاينىغا گەپ قىلىش تۈگۈل ، ختاينى كۆرسە ئەۋلىيانى كۆرگەندەك قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ ئىشتىنىنى ھۆلدەپ قۇيۇدىغانلار ، ھاراق سورۇنىدا ئولتۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرغا گۈر گۈر گەپ قىلالايدىغىنى قىززىقتە . ئۆزىنى تەربىيەلەممەۋاتقانلاردىن تەربىيە كۈتۈش ئەخمەقلىق.
15- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سەنئەتنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت كىشىگە ئىستىتىك زوق بېرىشلا خالاس . سەنئەت ئادەم تەربىيلەيدۇ دىگۈچىلەر بۇ ئالەمدىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز مەخلۇقلاردۇر .
مۇشۇ گەپنى بەك تولا دەپ كەتتىڭىز،ئۆتكەندىمۇ غىتمەك ئابلاجاننىڭ تېمىسىدا دېگەنتىڭىز،ھە دەپ قويسا،دەۋېرىدىكەنسىز.تەربىيلەش كۈچىنى ھېس قىلالمىغان بولسىڭىز،ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.تەربىيلەش كۈچى بولمىسا مىلىيونلىغان سەنئەتكارلار سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن دېمەي ئېشەك باقسا بولاتتى.\"گېپىمگە ئارىلاشما\"دەيدىكەنسىز،ئۆزىڭىز خەقنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىكەنسىز \"مەخلۇق\"ئۇ بۇ دەيدىغان نېمە ھەققىڭىز بار سىزنىڭ؟ سىزگە گەپ تېپىپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقى ماڭا ئايان،ئىلمىي مۇنازىرە قىلىمەن دېسىڭىز،مەخلۇق پەخلۇق دېگەن بىمەنە قاراشلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇۋېلىڭ.
ما گەپلەرگىمۇ دەيدىغان گېپىڭىز تەييار ھەقىچان.ئالدىراپ سالدىراپ ئاچچىقنى يامان قىلىپ،ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن،\"گېپىمدە بىر تەرەپلىمە قاراش بارمۇ-يوق،گېپىم ئىلمىي پاراڭمۇ ياكى شەخسىي ھېسىياتىممۇ دەپ ئوبدانراق ئويلىنىپ باقارسىز.ھە دەپ بەرسە،سىزدىن ئۆتە ئالىم يوقتەك گەپ قىلىۋېرىدىكەنسىز.شەخسەن مەن \" مۇقامدىن تەسىرلىنەلمىگەن ئادەمنى نورمال دېگۈم كەلمەيدۇ\"دەپ ئويلايمەن،بىراق بۇ مېنىڭ شەخسىي ھېسىياتىم،ئىلمىي پاراڭ دېگىلى بولمايدۇ.شۇڭا ئىچىمدە بىلىپ،خەققە بۇ قارىشىمنى تاڭمايمەن ھەم مۇنازىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا تاشلىمايمەن.چۈنكى شۇ گەپنى قىلسام،يەنە بىر پاتماڭ ئىلمىيسىز غاتا-غۇتاڭ پاراڭلىرىڭىز تەييار.
مۇنبەرنى يا ئىلمىي پاراڭ قىلىدىغان يەر قىلايلى،شەخسىي ھېسىياتنى سۆزلەپ زىددىيەتلىشىدىغان ئىش بولسا،تالادا يۈز كۆرۈشۈپ قان بولۇشايلى.
مېنىڭ شەخسيىتىڭىزگە تەگكۈم يوق،بىراق مۇنبەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزى چۈشەنمىگەن ساھە ئۈستىدە بولۇپمۇ سەنئەت ئۈستىدە ھە دېسە ھېسىياتىنى يورغىلىتىپ،مېنىڭ راست دەيدىغان،باشقىنىڭ گېپىنى ئويلاپ باقمايدىغان ئومۇمىي خاھىش ئىچىمنى بەك پۇشۇردى يېقىندىن بۇيان.خۇددى \"قايسى تېمىنى يازسام بولار\"دەپ تېما يازغۇدەك ھالغا كەپ قالدى ئادەم.
8- قەۋەتتىكى espressoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئابدۇللاكامنىڭ ئاۋازى نىمدىگەن پىشقان، بەك يېقىملىق ھەقىقەتەن.
ھاياجانلىنىش ئېغىر. چاتاق چىقمىسۇن يەنە. قايسى تېمىغا قارىسام سىزنىڭ ئابدۇللاكامنى ماختاۋاتقان ئىنكاسىڭىز
18- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
8- قەۋەتتىكى espressoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئابدۇللاكامنىڭ ئاۋازى نىمدىگەن پىشقان، بەك يېقىملىق ھەقىقەتەن.
ھاياجانلىنىش ئېغىر. چاتاق چىقمىسۇن يەنە. قايسى تېمىغا قارىسام سىزنىڭ ئابدۇللاكامنى ماختاۋاتقان ئىنكاسىڭىز
قېرينداشلىق مېھرى كۈچلۈك ئوخشايدۇ.