شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ۋاپات بولدى
خەلىقىمىزنىڭ پەخىرلىك قەلەمكەش پەرزەنتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ كۆيۈمچان پەرۋىشكارى، ئاتاقلىق شائىر، ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان، پىشقان ئەدەبىي مۇھەررىر، ئوسمانجان ساۋۇت 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى بەختكە قارشى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.
ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ تەرجىمھالى:
ئاتاقلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1945-يىلى ماناس ناھيىسدە تۇغۇلغان. 1966-يىلى شنجاڭ ئۇنىۋىرستېتىنىڭ تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.1981-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە بېيجىڭدىكى لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىرلىك خىزمەتلىرىدە بولغان.
مەرھۇم شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1961-يىلى تۇنجى شېئىرىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ، ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن شېئىرلارنى ۋە تەرجىمە شېئىرلىرىنى يورۇقلۇققا چىقارغاندىن سىرت «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» ، «تاڭ لىرىكىلىرى»،تەڭرىتاغ شاماللىرى» ، «تۈن تىۋىشلىرى»، «تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش»، «گۈللەر سۆزلەيدۇ»قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.
ئۇنىڭ «ياڭرا ئەجەم»، «ۋەتىنىم سۈت بەرگەن ھالال ۋە ئاپئاق»، «يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا»، «توزان قەسىدىسى » قاتارلىق شېئىرلرى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 1-دەرىجىلىك موكاپاتقا ئىرىشكەن.
ئۇ تالانتلىق شائىرلا بولۇپ قالماي يەنە ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ئىدى. 1979- يىلى قۇرمانغالى ئوسمانوۋنىڭ قازاق تىلىدىكى «ئۇنىڭ ئوڭى ۋە چۈشى» ناملىق داستانىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك شائىر- يازغۇچىلارنىڭ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئىگىدارى پابلو نىرودا قاتارلىقلارنىڭ «يۈرەك»، «سۆيگۈ»، «ئادەم» دېگەندەك شېئىرلىرىنى، «مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت»، «كۈلگۈلۈكمۇ، يىغلىغۇلۇقمۇ؟» دېگەن رومانلىرىنى، «ئاھ، ياراتقان ئىگەم»، «ساھىبجامال ئالۋاستى»، «رەنا قىز كۆلى»، «قىزىل شالداما» دېگەن پوۋېستلىرى، داستانلىرى، ھېكايىلىرى، ئىلمىي ماقالىلىرىنى ھەمدە «يۇغۇرلار كەلمەكتە غەربىي جەنۇبتىن» دېگەن داستانىنى ۋە «رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار» دېگەن تارىخىي كىتابلارنى، «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» نى تەرجىمە قىلغان ئىدى.
« ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» قالۇ ئىننا لىللاھى ۋەئىننە ئەلەيھى راجىئۇن.
ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.
ئەڭ ئاخىرقى پاساھەتلىك تىل ئۇستازى ئىدى رەمەتلىك. ماڭا «قىيامەتتىكى ئوۋچىنىڭ نالە-زارى»، «قىزىل شالداما» دېگەن تەرجىمىلىرىدىكى يۇقۇرى بەدىئىلىك بەكمۇ يارايتتى. تىلىمىز بەك شالغۇتلىشىپ كەتتى، تەرجىمىگە بېقىنىۋېرىپ بەكلا قېلىپلىشىپ كەتتى، بۇنىڭغا راستلا ئامال بولمىسا كېرەك، لېكىن ئوسمانجان ساۋۇتتەك ئۇستازلىرىمىز بىر- بىرلەپ كېتىپ قالمىغان بولسا ئۇزۇنغىچە تىركىشىپ بەرداشلىق بېرەلەيتتۇق ياكى يول تاپالايتتۇق. ئەلۋېدا ئۇستاز،بارغاچ تۇرۇڭ، بىزمۇ ئاخىر بارىمىز... ھەممىمىز ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىمىز...
اللە ئاخىرەتلىكىنى ئاسان قىلغاي، ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن! توزان قەسىدىسى دىگەن شىئىرنى ياقتۇراتتىم.
رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن، ئامىن! رەھمەتلىكنىڭ توزان قەسىدىسى دىگەن ئەسىرىنى تولۇقسىزدا ئوقۇغان ئىدۇق...
ياتقان يىرى جەننەت بولغاي!!! ھايات نېمىدىگەن قسقا ھە ؟! بىز زادى نېمىلەرنى قىلىۋاتىمىز ؟!!!
ساناقلىق شائىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى . ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي . ئەتتىگەن ئىزدىنىشنى ئېچىپ بۇ خەۋەرنى كۆرۈشۈمنى بىلسەم ئىدىم، ئاچماس ئىكەنمەن. رەھمەتلىكنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكەتتى. ئاخىرەتلىكى خەيرىلىك بولغاي.
ئاللاھ!!! زىيالىي- ئالىملىرىمىز بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كەتكىلى تۇردى دېسە، ئەمدى شۇلاردەكلەرنىڭ چىقىشىغا قانچىلىك زامان كېتەر... ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن.
ئۇلۇغ ئەللاھ بىزنىڭ ۋە ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈۋەتكەي، ئامىن.
مەن بۇ شائىرنىڭ شېئىرىنى كۆپ ئوقۇمىغان. ئەمما قايسىدۇر بىر شېئىر توپلىمىدا ئېتىقاد ھەققىدىكى بىر شېئىرىنى ئوقۇپ قېلىپ، ماڭا بەك ياراپ كەتكەچكە، ‹‹ئېتىقاد›› دەپ ماۋزۇنى قوشۇمچە قىلىپ، بەرقىي مۇنبىرىگە يوللىغىنىم ئېسىمدە. ئىننا لىللاھى ۋەئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!
ئاللاھ مەرھۇمغا ياخشىلىق نىسىپ قىلغاي!
ھىس قىلدۇقمىكىن، بارغانسىرى چوڭلار كېتىپ بۇ جاھان بىزگە قېلىۋاتىدۇ.... ھەي... ھايات.......... قەلبىمدىكى ياش،تالانتلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ۋاپاتىدىن تولىمۇ قايغۇردۇم. ئۇنىڭ ساپ.لىرىك،رەڭدار شېئىرلىرىنى ئويلىسام ھە دېگەندىلا ئۇنىڭ يوقلۇقى كۆڭلۇمنى ئەندىشىگە سالماقتا. ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بۇ تەشۋىش يەنىمۇ ئۇلغۇيۇپ بېرىشى مۇمكىن.(ئىننا لىلاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئون) ئاللاھىم سىزياتقان تۇپراقنى ئازادە قىلسۇن.ئۆز رەھمىتى بىلەن گۈزەل جەننەتلىرىدىن ئورۇن بەرسۇن!(ئامىن!) رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي !
رەھمەتلىكنىڭ شېئىرى ئەسەرلىرى قولىدا بار تورداشلار ، بولسا ئاشۇ شېئىرلارنى مۇنبەريۈزىگە چىقارغان بولساڭلار ياخشى بولاتتىكەن ! رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن، ئامىن!
بۇ پىشقەدەملەر بىر-بىرلەپ كەتكىلى تۇردى ..................... ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسىلىكىدە مەرھۇمنىڭ شىئىرىلىرى كۆپ ئۇچرايتى، توزان قەسىدىسىمۇ مۇشۇ ئادەمنىڭ شىئىرغۇ دەيمەن، قالۇ ئىننا لىللاھى ۋەئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!
بارلىق جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىلاردۇر. توزان قەسىدىسى ناملىق شېئىرنى ئوقۇپتىكەنمەن.
بىز ھەممىمىز ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىلارمىز، ھازىدارلارغا سەبىر ۋە ساۋاب تىلەيمەن. قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستىڭنى ،
توزىمىسۇن يۇرتتىن كەلگەن توزانلار .
...
تىلغا ھەقىقەتەن باي شائىر ئىدى ، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتىن ئورۇن بەرگەي! مەرھۇمغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز . ئۇيغۇر شېئىرىيەت ئاسمىدىن بىر يۇلتۇز ئاقتى ...
بەت:
[1]
2