birikki يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 20:06:55

بوۋاسىر(گىمىروي)توغرۇلۇق ياردەم سورايمەن‹جىددى›

ئەسسالام ئىزدىنىش ئەھلى،ئالدى بىلەن قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.ھەمملەنگە سالامەتچىلىك،تىچ ئامانلىق يار بولسۇن.


گەپنى ئۇدۇل دەي.پېقىر بىر ئاينىڭ ياغى سەل دەرت تارتىپ قالدى.شۇ چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كىلىدۇ.(تەرتتىن كىيىن قان كىلىدۇ).مىقداركۆپ ھەم تۇربىدىن چۈشكەن تېزلىك بىلەن.


شۇ سەۋەپ دوختۇرغا كۆرۈندۈم.دوختۇر ئىچ گخمىروي ،مەقەت يېرىلىش دەپ دورا بەردى.پايدىسى چوڭ بولمىدى.جوڭگو تىبابىتىنىڭ قاينىتىدىغان دورىسىنىمۇ ئىچتىم،ئەھۋالدا ئۆزگۈرۈش يوق.ھازىر ئەمدى ئوپىرىتسىە قىلىش تەييرلىقىغا چۈشتۈم ئەمما ئوپىرىتسىيەنى قىلغۇزغۇم يوققايتا قوزغلىش ئېھتىمالى بار ھەم يىلتىزىدىن ساقايماسمۇ دەپ.ئارلىقتا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭمۇ دورىسىنى يىگەن.ئۇستا تىۋپ ياكى ياخشى دورا تاپالمىدىممۇ ھېچقانداق پايدىسىنى كۆرمۇدۇم.ئەمما يەنىلام ئەڭ چوڭ ئۇمۇدۇم ئۆزىمىزنىڭ تىبابىتىدە.


كۆپچىلىكنىڭ بەلكىم مۇشۇ ھەقتە تەجرىبىرىلى بولسا قىرىنداشلىق يۈزىسىدىن يەتكۈزسا دىگەن ئۈمىدتە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.بولسا زىيان ھەم پايدا قىلىدىن نەرسىلەرنى كونكرت يېزىپ باقسا.ھەم ئوپىراتسىيەسىز ساقىيىېھتىمالى بارمۇ يوق مۇشۇنىڭغا بىر چۈشەنچەڭلارنى سۆزلەپ بەرسەڭلار.


ئاللا رەھمەت قىلسۇن،ئالدىن رەھمەت ئېيتىمەن.


(خانىم قىزلارغا ئالدىن كەچۈرۈم،ئەمما بۇ كىسەل جىنس ئايرىمايدىغان كىسەلكەن،ئايرىم سورىسىچۇ دەپ بىئارام بولغان خانىم قىزلادىن سەمىمىي ھالدا كەچۈرۈم سورايمەن)

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 20:52:03

تادۇبەگ بىر نېمە دېسە بولغۇدەك...

yerimnan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 22:18:13

1、绝招治痔疮无一例复发



   A、 配方及用法:



  儿茶5克、黄莲5克、冰片0.5克(以上三味中药店有售),再买西药扑尔敏1片、强地松1片,把这些中药、西药放在一起研成末,用金霉素眼药膏调匀备用。在每次大便后,用淡盐水清洗患处,再涂上药膏。一般连用3-7天,内外痔都可治好。提供方子的好心人讲:在用药期间一定不能多吃辣椒、喝酒、生冷食物莫食!切记!



   据说,此方子出奇的好,曾经大便带血如女人来月经的,两天就止住了!说来神奇、只有让患者亲身去验证吧!



   B、配方及用法:全虫(蝎子)6克,天虫(僵蚕)6克,生鸡蛋15个。全虫、天虫瓦上焙黄,研成粉末,将鸡蛋破一小孔,每个装入药未的十五分之一,搅匀,封好蒸熟,每晚睡前空腹吃一个药鸡蛋,连用15个为一个疗程。







  此方简单易掌握,无痛苦,疗效卓著,无任何副作用。此方治愈痔疮患者300多例,均无一例复发或无效。







  平常多喝水,经常食用:野生全松,“野生松叶、松皮研磨泡水多喝”。

ئۇنۇمى بار يوقلىقىنى بىلمەيمەن ،كىيۇ-كيۇ بوشلۇقۇمغا يىغىپ قويغانلار ئىچىدىن تېپىپ چىقتىم.مەزمۇندىغۇ ئۇزۇل -كىسل دىگەندەك گەپلەر يۈرىدۈ- بولمىسا!

karquga يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 23:18:21

بۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:



1- قەتئىي بازاردىن قورۇلغان تاماق يېمەڭ. ئۆيدە ئىشلىتىۋاتقان ياغنى دەرھال ئالماشتۇرۇڭ، تۇڭلۇق ياغنى(بولۇپمۇ قەشقەر باھارى يېغىنى)ئىشلەتمەڭ. ئىمكان بار ئۆزىڭىز ياغ تارتىدىغان يەرگە بېرىپ ،كۆز ئالدىڭىزدا ياغ تارىتقۇزۇپ ئىشلىتىڭ.

2. لوخوڭمىسۇ نىڭ ياخشىسىدىن كۆنىگە ئىككى تالدىن ئىچىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا گەرمانىيىنىڭ بۇۋاسىر دورىسىنى ئۇدا 14كۈن يەڭ(دورىخانلاردا سېتىلىدۇ،گىرمانىيە ھامبورىگدا ئىشلەنگەن).

3.تامىقىڭىزدا سامساق كەم بولمىسۇن.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 06:13:25

ئۈرۈمچى 3 - كۆۋرۈكتىكى تېۋىپ ئەخمەتجان ئىسمائىلغا كۆرۈنۈپ باقسىڭىز.

tamqa1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 10:23:37

ئوپراتسىيە قىلپلا قۇتۇلۇڭ بۇ كىسەلدىن ، مەنمۇ يىقىندا ئوپراتسىيە قىلىپ قۇتۇلدۇم ، ئەمما كىسەلنىڭ شەكلى سىزنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ ، دوختۇرغا باسىلا زادى ئوپراتسىيە قىلمىزلا دەيدىكەن ، دورىنىڭ گىپىنى چىقارسا تىللاپ ، كايىپ كىتىدىكەن

ئوپراتسىيە قىلىپ بولۇپ تاماققا دىققەت قىلسىلا بولدۇ دەيدۇ . دورا يەيمەن دەپ يۈرسىڭىز ۋاقىت ئۇزراپ كىتىدۇ ، ئۆزىڭىز قىينىلىپ قالسىز . ( يوۋۋۋۋۋۋۋ ئىگىسى ئۆزى ساقلىسۇن مانداق كىسەلدىن 1 ئاي كۆمىگەننى كۆردۈم )

qurwan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 10:39:16

تاھارەت ئېلىشنى ئۆگۈنۈڭ، كۈندە بەشۋاخ يۇيۇپ بېرىڭ.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 16:53:52

ئۇپىراسسىيە قىلسا قانچە ئاي ياتاسىز؟  {:136:}

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 20:58:26

ئىچىگە قاراپ كېڭەيمىگەنلا بولسا داۋاسى تەس ئەمەس، بىزنىڭ يۇرتتا مەخسۇس مۇشۇ خىل كىسەلنى ھۆددىگە ئېلىپ داۋالايدىغان بىر يولداش بار، تەپسىلاتىنى ئۈندىداردا دەپ بىرەي



قوشقاندا گىمىروي دەپ قۇشۇڭ جۇمۇ  {:92:}

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 21:00:23

ئىچىگە قاراپ كېڭەيمىگەنلا بولسا داۋاسى تەس ئەمەس، بىزنىڭ يۇرتتا مەخسۇس مۇشۇ خىل كىسەلنى ھۆددىگە ئېلىپ داۋالايدىغان بىر يولداش بار، تەپسىلاتىنى ئۈندىداردا دەپ بىرەي

314344538



قوشقاندا گىمىروي دەپ قۇشۇڭ جۇمۇ  {:92:}

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 23:34:34

سىزگە بىر ئاددى رېتسىپنى يەتكۈزەي سىناپ كۆرۈڭ: يۇلغۇن چېچىكىنى قۇرۇتۇپ قاينىتىپ مەقئەتنى ھورداپ بېرىڭ،سۇ سوۋىغاندىن كېيىن مەقئەتنى شۇ سۇ بىلەن چايقاپ يۇيۇپ بېرىڭ. بىر نەچچە قېتىم شۇنداق قىلىپ بەرسىڭىز خۇدايىم بۇيرىسا سەللىمازا ساقىيىپ كېتىسىز.

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:02:20

مۇمكىن بولسا ئاۋۇ خەنچىنى تەرجىمە قىپقويساڭلا بوپتىكەن،مەندىمۇ بايقالدى بۇ مەرەز،لىكىن ھازىرغىچە ھىچقانداق ئالاماتى كۆرۈلمىدى،داۋالىنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىرى بولسا يوللاپ تۇرساڭلا

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 13:26:05

نەچچە كۈنلەردىن بېرى تورغا چىقالماي جاۋاب قايتۇرۇپ بولالمىدىم،بۇ تېمىنى بۇرۇن تەييارلىغان،پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى.

بۇۋاسىر كۆتەن ئۈچەينىڭ سوڭغا تۇتاشقان ئاخىرقى قىسمىدا پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، سوڭنىڭ ئىچكى شىللىك پەردىسىدە پەيدا بولىدىغىنى ئىچكى بۇۋاسىر؛ سىرتقى قىسمىدا پەيدا بولىدىغىنى سىرتقى بۇۋاسىر دەپ ئاتىلىدۇ. كىلاسسىك كىتابلاردا بۇۋاسىر ھەققىدە مۇنداق بايانلار بېرىلگەن: مەقئەتنىڭ ئەتراپىدا مۇنچاق گۆشلەر پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئەگەر مۇنچاق گۆشلەردىن قان ياكى زەرداپ سۇ كەلسە قانلىق بۇۋاسىر، قان كەلمىسە يەللىك بۇۋاسىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇۋاسىر مۇنچاق گۆشلىرى قانداق نەرسىگە ئوخشىسا شۇ نەرسىنىڭ نامىغا ئاساسەن بۇۋاسىرغا نام بېرىلىدۇ. مەسىلى: خورما دەرىخىسىمان بولسا نەقلى؛ ئۈزۈمسىمان بولسا ئىننەب ؛ ئەنجۈرسىمان بولسا تىينى؛ سۆگەلسىمان بولسا سەلولى، خورما مېۋىسى شەكلىدە بولسا تەمرى، ئۈجمىسىمان بولسا تۇسى دېگەندەكلەرگە ئوخشاش. بۇ كېسەل قۇيۇلۇپ قالغان بۇزۇق قاندىن بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا سەپرا خىلىتىدىنمۇ بولۇشى مۇمكىن. دىمەك بۇۋاسىردا كۆيۈشۈش،ئاغرىش، ئېچىشىش سېزىمىنىڭ بولۇشى سەپرا ئارىلاشقان قاندىن بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى، سانجىلىش ئېغىرلىقنىڭ كۆپ بولۇشى ،قادىلىپ ئاغرىش، ئېچىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئاز بولۇشى قۇيۇق قان خىلىتىدىن بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.



مەجۈنى ئىتتىرىفىل مۇقەل، قۇرسى مۇقەل، ھەببى مۇقەل، بۇۋاسىر مەجۈنى ، ئىتتىرىفىل كەبىر قاتارلىقلار بۇ كېسەلنىڭ مەخسۇس دورىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.

بۇۋاسىرغا سىرتتىن ئىشلىتىدىغان بەزى دورىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى:

1.قەمبىل 5گرام، گۈل يېغى 50گرام، گۈليېغىنى قىزىتىپ قەمبىلنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ ۋە كۈندە بىر ۋاق بۇۋاسىر دانچىسىنى مايلاپ بېرىدۇ.



2. تۆگە لوكىسىنىڭ يېغى50گرام، كالايىلىكى 25گرام، كۇچۇلا يېغى ، كىرپە يېغى 15گرامدىن، چايانيېغى 10گرام، ئېيىق يېغى 5گرام،ماي پىنتسىلىن 10گرام، ئاق مۇم 30 گرام، ۋازلىن 100گرام ، مەلھىمى داخىلىيۇن 20 گرام، يەل سىفلىس تالقىنى 15گرام .

تەييارلىنىشى: دورىلارنى مىقدارى بويىچە ئېلىپ،ئىرىتىپ ، ئۈستىگە يەل سىفلىس تالقىنىنى سېلىپ،ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. كۈندە بىر قېتىم مايلايدۇ.



3. ئۇچقۇن پاقا 2دانە، سۆرۈنجان،چايان 9گرام، دانىكار 6گرام، قۇغۇشۇن ئۇپىسى 8گرام، قوينىڭ بۆرەك يېغى 250گرام، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،بۆرەك يېغىنى ئېرىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.



4.موزا 30گرام، زەرچىۋە ، پىلپىل، 25گرام، زەنجىۋىل، ئاقمۇچ، كۆپۈكى دەريا 20گرام، كاۋاۋىچىن، كىرپە تالقىنى 18گرام، قارىمۇچ، كات ھىندى، ئۇچقۇن پاقا، 15گرامدىن، بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ تەييارلاپ، چايلىق قىلىپ ئىچىدۇ ۋە قاينىتىپ سۈيىدە بۇۋاسىرنى يۇيۇپ بېرىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 13:34:45

ئەگەر قان توختىمىغان بولسا ئانار گۈلقەنتى،ئەنجىباھارشەربىتى،قۇرسى كەھرىۋا قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىپ،قان توختىغاندىن كېيىن باشقا دورىلارنى ئىشلەتسىڭىز  بولىدۇ ياكى، كەھرىبا ، بىخ مارجانچۈشكەن قۇرسى مۇقەل ئىستىمال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ .

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 14:23:42

«ئەل ئىچى رېتسىپلىرى»شاپگىراف باسما،1981-يىلى كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا بېسىلغان،قەيەردە بېسىلغانلىقى نامەلۇم،ساقلانغان ئۇرۇن :مەن.شۇ كىتاپتا ئەيتىپلەركى :ئەگەردە كىشى تاھارەتتتىن قان كەلسە ياكى چوڭ تاھارەت قان ئارلاش كەلسە توخۇنىڭ مېيى بىلەن يەرلىك ئۇرۇننى ئەتىگەن-كەچتە كۈندە ئىككى قېتىمدىن مايلىغاي ھەم بۇنى ئۇداھ ئۈچ يەتتە=21كۈن دەۋاملاشتۇرغاي،سەللىمازا شىپالىق تاپىدۇ دەپتۇ.سىناپ باقارسىز.توخۇ دىگەن تولا نىمە بولغاندىكىن.......

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 17:09:10

داۋانچى،سىلىدىكى  كىتابنى بىر كۆرۈپ باقسام بوپتىكەن.

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 21:18:09

گېمروينىڭ ياخشى دورىسى پىچاق.لېكىن ئوپراتسىيە قىلغۇزۇپ ساقايغاندىن كېيىن يەنىلا بەزى يامان ئادەتلىرىڭىزنى مەسلەن ئۇزۇن ئولتۇرىدىغان،ئاچچىق تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان ئادەتلىرىڭىز ئۆزگەرمىسە،ياكى يەنىلا تولا قەۋزىيەت بولسىڭىز يانا قوزغىلىدۇ.قاناپ كېتىۋاتقان بولسا يەنىلا ئوپراتسىيە قىلىدۇرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.گېمرويغا قارىتا ئىشلىتىدىغان دورا نۇرغۇن.لېكىن كۆپۈنچىسى سىزنىڭكىدەك قاناۋاتقان باسقۇچقا كېلىپ قالغانلارنىڭ ئىشلىتىشى مۇۋاپىق ئەمەس.مەيلى قايسى خىل دورا بولسۇن مەسلىڭىزنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلالمايدۇ.بەلكىم قان توختاپ قالار،بەلكىم ئاغرىق بېسىقىپ قالار.لېىكىن گېمروي شۇ پېتىلا تۇرىدۇ،سەل-پەل كىچىكلەپ قالار،لېكىن غايىپ بولۇپ كەتمەيدۇ.شۇڭا تەۋسىيەرىم ئوپراتسىيە قىلغۇزۇڭ،ئاندىن يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتىڭ.

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 18:03:49

16- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

داۋانچى،سىلىدىكى كىتابنى بىر كۆرۈپ باقسام بوپتىكەن.

قازاقىستان يازغۇچىسى كامال ھىسامىدىنوف يازغان مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى دىگەن كىتاپتا داۋانچىنىڭ دىگەن گەپلىرى يېزىلغان ئىكەن،بولسا كىتاپخانىدىن ئىزلەپ كۆرۈپ بېقىڭ،بۇ كىتاپتا نۇرغۇنلىغان ئەل ئىچىدىكى رېتسىپلار يېزىلغان ئىكەن،پايدىلىنىش قىممىتى يوقىرى ئىكەن.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 20:58:11

@yerimnan ئىنكاسىڭىزنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم .

بوۋاسىرنى داۋالاشتىكى قالتىس چارە بىردەك قايتا قوزغالمايدۇ



1-رېتىسىپ: دورا تەييارلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

كات ھىندى ( كاتېخۇ كاھىندى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) 5 گرام، جۇڭگو پىستىسى 5 گرام، بورنېئول 0.5 گرام ( يۇقارقىلار جۇڭگو تىبابەت دوختۇرخانىلىرىدا سېتىلىدۇ)، يەنە غەربچە دورا خلورفېنىرامىن، چىئاڭدىسوڭ ( بۇنىڭ ئۇيغۇرچە نېمە دېيىلىدىغىنىنى بىلمىدىم) سېتىۋېلىپ، بۇلارنى ئارلاشتۇرۇپ ئېزىپ تالقان قىلىپ، كۆز دورىسى ئائۇرېئومىتسىن مەلھىمى بىلەن تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ. ھەر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سۇسراق تەڭشەلگەن تۇز سۈيى بىلەن يەرلىك ئورۇننى پاكىز يۇيۇپ، يۇقارقى تەڭشەلگەن مەلھەمنى چاپىدۇ. ئادەتتە ئۇدا ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ئىشلەتكەندە، ئىچكى تاشقى بوۋاسىرنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. رېتىسىپنى تەمىنلىگەن ياخشى نىيەتلىك كىشىنىڭ ئېيتىشىچە: دورىنى ئىشلىتىۋاتقان مەزگىلدە مۇچ قاتارلىق ئاچچىق نەرسىلەرنى قەتئىي يېمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىق كېرەك.

ئېيتىلىشىچە، بۇ رېتىسىپ ھەيران قالغۇدەك ياخشى ئىكەن. ئىلگىرى چوڭ تەرىتىدىن ئاياللار ھەيز كۆرگەندەك قان كېلىدىغانلار، ئىككى كۈندىلا توختاپ كېتىپتۇ. ئاڭلىماققىغۇ ئاجايىپكەن، بىمارلار ئۆزۈڭلار دەلىللەپ بېقىڭلار.

2- رېتىسىپ:

دورا تەييارلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

چايان ( سېرىقئېشەكمۇ دېيىلىدۇ) 6 گرام، قاتقان پىلە قۇرتى 6 گرام، خام تۇخۇم 15 دانە. چايان، قاتقان پىلە قۇرتىنى قۇرۇتۇپ، ئېزىپ تالقان قىلىپ، توخۇمدىن كىچىك تۆشۈك ئېچىپ، ھەربىرىگە دورىنىڭ ئون بەشتىن بىرىنى قاچىلاپ، تەكشى قوچۇپ، تۆشۈكنى ئېتىپ، دۈملەپ پۇشۇرۇپ، ھەركۈنى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر تال دورىلىق تۇخۇمنى ئاچ قورساق يەيدۇ، ئۇدا 15 كۈن ئىشلىتىش بىر داۋالاش باسقۇچى بولىدۇ.

بۇ ئۇسۇل ئاددى ئاسان تەييارلىغىلى بولىدۇ. ئاغرىق ئازابى يوق، داۋالاش ئۈنۈمى روشەن، ھېچقانداق قوشۇمچە تەسىرى يوق. بۇ رېتىسىپ ئارقىلىق داۋالىنىپ ساقايغان بىمارلار 300 قېتىمدىن ئارتۇق، ھېچقايسىسىدا قايتا قوزغىلىش ياكى ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەن ئىش بولمىغان.

ئادەتتە سۇنى كۆپ ئىچىش، چۈەنسوڭ ( ئۇيغۇرچە نېمە دەيدىغىنىنى بىلمىدىم، قارىغاي، ئارچا، ئاقشاكال«كۈمۈش ئۆرۈك،گىنكو دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ»،قىزىل شەمشاد، شەمشاد قاتارلىق ئۆمرى مىڭ يىلدىن ئارتۇق بولغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قوۋزىقى ۋە يوپۇرمىقىدىن ئايرىپ ئېلىنغان ئاكتىپ ماددا) نى دائىم ئىستىمال قىلىپ بېرىش ، ياۋا قارىغاينىڭ يوپۇرمىقى، قارىغاينىڭ قوۋزىقىنى ئېزىپ چاي دەملەپ كۆپ ئىچىپ بېرىش .



yerimnan نىڭ ئىنكاسىنىڭ تەرجىمىسى، ھەرقانداق قانونىي جاۋابكارلىقنى ئۈستۈمگە ئالمايمەن ھەم ئالالمايمەن. \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 08:56:28

ئۇ كىتاپنى ئوقۇغان.
بەت: [1] 2
: بوۋاسىر(گىمىروي)توغرۇلۇق ياردەم سورايمەن‹جىددى›