irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 11:38:24

ئۇيغۇر تىلىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ شەكلى، ھەرىكەت– قىلىقلىرى، ئېكولوگىيەسىگە دائىر

قەيسەر مەمتىمىن تېكىن، ئىدرىس باقى ئەھمەد، ماھىبەر ئېزىز، ئاتاۋۇللا تۇرسۇن





تىل بىر خىل ئىجتىمائىي ئالاقە قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغان بەلگىلەر سىستېمىسى، مىللەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى، مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى، مۇھىم ۋاسىتىچىسى. تىل مەدەنىيەت بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ، تىل بولمىسا مەدەنىيەتمۇ بولمايدۇ. چۈنكى مەدەنىيەت تىلنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى، تىل مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ۋە ئالاھىدە بىر تەركىبى قىسمى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئەينىكى. تىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، تىلدىكى نۇرغۇن تەرەپلەردە مەدەنىيەت ئامىللىرى بولىدۇ. تىلدا مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى ۋە ياشاش ئادەتلىرى ساقلانغاندىن باشقا، تىل شۇ مىللەتنىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتى، ھاياتقا بولغان قاراشلىرى، مىللىي پىسخىكىسى، دۇنيا قارشى، قىممەت قارشى، گۈزەللىك قارشى، تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن مەدەنىيەت تىلغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل تەسىر ئالدى بىلەن سۆزلۈكتە ئالاھىدە ئىپادىلىنىدۇ. تىلنىڭ قورۇلۇش ماتېرىيالى بولغان سۆزلۈك مەدەنىيەتنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان ئىنكاسى كەڭ دائىرىلىك، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ تېز بولىدۇ. دېمەك، تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۆزئارا تايىنىش، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش موناسىۋىتىدۇر.

ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۈگۈنكى مۇكەممەل ئەدەبىي تىل ھالىتىگە كەلگەن. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر تىلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، مىللەتكە ئورتاق بولغان تەپەككۇر شەكلى قاتارلىقلارنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدا ماقال-تەمسىل، ئىدىيوم، ھېكمەتلىك سۆزلەر ناھايىتى مول، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا ئۈزۈكسىز توپلىغان بىلىمى ۋە تەجرىبىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. توراقلىق ئىبارىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئالاھىدە تارىخىي شارائىت ۋە رىۋايەتلەر ئاساس بولغانلىقتىن، ئۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى، جۈملىدىن تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتىنى، ياشاپ تۇرۇۋاتقان جۇغراپىيەلىك مۇھىتىنى، دىنىي ئېتىقادىنى ھەمدە پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

ھايۋاناتلار بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتى ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن، شۇڭلاشقا ھەر قايسى تىللاردا ھايۋاناتلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان سۆزلەر بار. مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ھەر قايسى تىللاردا ھايۋانات سۆزلىرى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىنگلىز ۋە ئۇيغۇر ھەر ئىككى مىللەت ئىتنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق ئىتنىڭ ئىككى مىللەت تىلىدا ئىپادىلىگەن مەدەنىيەت مەنىسى ئوخشىمايدۇ. ئىنگلىز تىلىدا ئىشچان ئادەملەرنى «ئىتقا ئوخشاش ئىشلەيدۇ» دەپ تەرىپلەيدۇ. بالىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىنى «تەلەيلىك ئىت» دەپ ئاتايدۇ. لېكىن ئۇيغۇر تىلىدا ئىت سەلبىي مەنىگە ئىگە بولۇپ، تىلىمىزدا «ئىت مىجەز، ئىتتەك يۈزىدە تۈكى بار» (يۈزسىز، مەيدانسىز)، «ئاق ئىت، قارا ئىت ھەممىسى بىر ئىت» دەيدىغان جۈملىلەر بار. ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر بالىسىنى «ئىت» دەپ ئەركىلەتمەيدۇ، ياكى ئۆزىگە ئانچە تونۇش بولمىغان «ئەجدىھا، كىنگورۇ» قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ نامى بىلەن ئەركىلەتمەيدۇ. بىز بالىلىرىمىزنى «بوتىلىقىم، تايچىقىم، قوزام» دەپ ئۆزىمىز كۆپ ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان، تورمۇشىمىزدا ناھايىتى كېرەكلىك بولغان ھايۋانلارنىڭ نامى بىلەن ئەركىلىتىمىز.

ئۇيغۇرلار ئەسلىي يايلاق قوۋمى بولغاچقا، مال–چارۋىلارنىڭ نامىنى ھازىرقى چارۋىچى مىللەتلەردىن قالسىلا بىر قەدەر ئىنچىكە ئاتىيالايدۇ. مەسىلەن، ئات، ئايغىر، بايتال، تاي؛ كالا، بۇقا، ئىنەك، تورپاق، غۇنىجىن، موزاي؛ ئوغلاق، قوزا؛ چۈجە، باچكا... دېگەندەك. ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن مۇددەت چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان مىللەت بولغاچقا، ھايۋانلارغا قارىتا كۈچلۈك سېزىمچانلىق ۋە ئىنچىكە كۆزىتىش، پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان. مەسىلەن، ئات ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلىگەچكە «ئەر قانىتى ئات» دېگەن ماقال بىلەن تەرىپلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار «ئات»نى ناھايىتى ئىنچىكە پەرقلەندۈرگەن. بىر ياشقا توشمىغان يىلقا «ياباغۇ»، بىر ياشلىق يىلقا «قۇلان»، ئىككى ياشلىق يىلقا «تايچاق، تاي»، ئۈچ ياشلىق يىلقا «غونان»، ئۈچ ياشلىق چىشى يىلقا «بىيە»، تۆت ياشلىق ئەركەك يىلقا «دۆنەنچىن»، تۆت ياشلىق بايتال «دۆنەنچىنبىيە»، يېتىلگەن ئەركەك يىلقا «ئايغىر»، يېتىلگەن چىشى يىلقا «بىيە»، پىچىۋېتىلگەن يىلقا «ئات» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاتلارنى رەڭگىگە ئاساسەن «كۈرەڭ ئات، بوز ئات، سۈر ئات، ئاق بوز ئات، تورۇق ئات، چىلان تورۇق ئات، قارا تورۇق ئات» دەپ ئىنچىكە ئايرىغاندىن باشقا، ئاتلارنىڭ ھەرىكەتلىرىمۇ ناھايىتى ئىنچىكە كۆزىتىلىپ، ئايرىم سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن: ئاستا قەدەم بىلەن مېڭىش «ئاياڭدىماق»، سىلىق مېڭىش «پايپاڭدىماق»، سوكۇلداپ مېڭىش «بۇلاڭلىماق»، ئۇششاق قەدەم بىلەن يۈگۈرۈش «بۈلكۈرمەك»، مىسىلداپ مېڭىش «كىتىڭلىماق» دەپ ئېلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا يىلقىنىڭ ئوخشىمىغان كىشنىشى، يىلقا جابدۇقلىرى، يىلقىچىنىڭ يىلقىلارنى چاقىرىشى، يىلقىنىڭ باشقا ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئالاھىدە بەلگىلىگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەن. يىلقىلا ئەمەس باشقا كالا، قوي، تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭمۇ شۇنداق. بۇ سۆزلەردە روشەن بولغان يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ساقلىنىپ قالغان.

ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىدىيوملار روشەن مىللىيلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى سىڭدۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىبىر تارىخىي ۋەقەلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ھەر قايسى دەۋرلەردە ئېتىقاد قىلغان دىنلىرى ۋە ئۇلاردىن شەكىللەنگەن تۈرلۈك ئەقىدە-قاراشلىرى، مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋىتى، يەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى، جۇغراپىيەلىك مۇھىتى قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت ئامىللىرى سىڭگەن. مەسىلەن: «ئاق تاغلىق–قارا تاغلىق بولۇشۇپ كەتمەك»، «تەيپۈنەمنىڭ زامانىدا»، «ئاپپاق خوجىنىڭ ئۇمىچى» دېگەن ئىدىيوملار بەزىبىر تارىخىي ۋەقەلەردىن ئۇچۇر بەرسە»، «تىزگىن سالماق»، «ئىندەككە كەلتۈرمەك» دېگەن ئىدىيوملار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

ئىدىيوملار بىلەن ئادەت سۆزلىرىنىڭ قىسقىچە پەرقى:

ئىدىيوملارنىڭ مەزمۇنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە، قۇرۇلمىسى تۇراقلىق بولۇپ، خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، پەقەت زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئاز-تولا ئۆزگىرىدۇ، ئادەت سۆزلىرى ئىدىيوملارغا قارىغاندا مەنىسى سەل تار، قۇرۇلمىسى تۇراقسىز بولۇپ، تەرەققىياتقا بېقىپ ئۆزگىرىشى چوڭراق بولىدۇ.

1. ئۆي ھايۋانلىرىغا دائىر ئىدىيوملار

ئاتنىڭ قاشقىسىدەك (ناھايىتى ئېنىق، ھەممىگە ئايان)، ئات ئورۇق، يول يىراق (كۈچ ئاز، ۋەزىپە ئېغىر)، ئات ئېلىپ قالماق، ئات كۆتۈرمەك، ئاتىقى چىقماق (ياخشى ياكى يامان نام ئېلىپ قېلىش)، ئاتتەك سەزگۈر (ھوشيار، سېزىمچان)، ئاغزىنى كېلەردەك ئېچىپ (ئېغىزىنى كالچايتىپ يوغان ئېچىش)، ئاغزىڭغا ئىنەك تەپكەنمۇ-ئاغزىڭ يوقمىدى؟ (نېمىشقا زۇۋان سۈرمىگەن)، ئاققۇدەك پاك، ئارىدىن مۈشۈك ئۆتمەك (ئارىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈش، ئوتتۇرىدا دۈشمەن پەيدا بولماق)، ئالا كۈچۈكى كەلمەك (تۇرۇپلا خۇيلىنىپ قالماق)، ئالا كۈچۈكى كەتمەك-يېنىش (ئاچچىقى قايتماق)، ئالە قاقىرەڭنى (تۇتە ئەتىۋارلىقىڭنى، بۇ يەردىكى ‹قاقىرەڭ› بولسا قۇش ‹قاقىر–لەيلەك›نىڭ ئىسمىدۇر)، ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە (باشقۇرغۇچىنىڭ ئىشلىگۈچىدىن كۆپلىكىنى كۆرسىتىدۇ)، ئەتىيازلىقى توخۇ تويماس (سېرىقتال مەزگىلدە جانلىقلار تويالمايدۇ)، ئەنجان پاختىكىدەك (قىشتا كېتىپ يازدا كېلىدىغان)، بەز مارىغان مۈشۈكتەك (تەمە قىلغاندەك)، بەز يېگەن مۈشۈكتەك (ئىپادە بىلدۈرمەي تۇرۇۋېلىش)، بۇقىدەك كۈچلۈك، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش، كاۋاپمۇ، زىخمۇ كۆيمەسلىك (بىر ۋاقىتتا ئىككى ئىشتىن پايدا ئالماق)، بىر موزايغا ئىككى باش (غەلىتە، ئاجايىپ، غەيرىي ئىش)، پاختەكتەك خوتۇنىدىن قورقىدىغان، پاختىكى ئوڭدا ئۇچماق (تەلىيى ئوڭدىن كەلمەك)، پاختەكنى يۇڭدىماي يېيىش (ئىشنى ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە قىلالماسلىق)، بۇقىنى چىمداپ ئۆلتۈرىدىغان، بۇغراپ قالغان (رەسىدە بولۇپ ئۆزىنى تۇتالمىغان)، پۇت ئاتماق (پۇتىنى سوزۇپ تەپمەك، چوڭلارغا گەپ ياندۇرماق)، پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالماق (ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن چوڭ نەرسىنى زىيانغا ئۇچراتماق)، پىتنىڭ ئۈچىيىگە ھېسىپ قۇيىدىغان (ئۆتە پىخسىق)، پىچاق سۈرمەك (بوغۇزلىماق)، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك (جايدا تۇرالماسلىق)، تۇمۇچۇقتەك قىز (چىرايلىق ھەم يېقىملىق)، تەلەي قۇشى قونماق (تەلىيى ئوڭ، تەلىيى ئۈستۈن)، توخۇدەك چاچماق، توخۇ پوقى (مۇتتەھەم، كۆكەمە)، توخۇ يۈرەك– توخۇدەك قورقۇنچاق، توخۇ پوقىدەك مەينەت–چاپلاشقاق، توخۇ پوق يېمەستە (قاق سەھەردە)، توخۇ قونداققا چىقماستا (گۇگۇم چۈشمەستە)، توشقاندەك يۈرەكسىز، ئۆپكىسى يوق، يۈرىكى پوك-پوك (قورقۇنچاق)، توشقان تېرىسىدەك چىدامسىز، توشقىنىنى ئوۋلاش (ئۆز ئىشىنى قىلىش)، تۇتىقۇشتەك دورامچى (قارىغۇلارچە باشقىلارنى دوراش، مۇستەقىل قارشى يوق)، توخۇ كۆز (كۆزى كىچىك، پىخسىق)، توخۇ سۈتى (كەم ئۇچرايدىغان)، توخۇ سۈتىدىن باشقا (لازىملىقلارنىڭ ھەممىسى)، توخۇنى تاخ، مۈشۈكنى پەش دېمەسلىك (ھەممىگە پەرۋاسىزلىق-ئېرەنسىزلىك قىلىش، بىنەزەر)، توخۇ بىلگىنىنى چىللايدۇ (بىلگەننى سۆزلەش جائىز)، توخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەك (يوق يەردىن ئىش تاپماق)، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق (كۈچى يەتمەس دۈشمىنىگە ئۇرۇنۇپ بىكار ھالاك بولماق)، توخۇ جىرىم غاجىغاندەك، ئېشەك ئۆگزە تاتىلىغاندەك، تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە تەگكەندەك (قاملاشمىغان، ئورۇنسىز، پەقەت ماسلاشمىغان، ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلار يۈز بەرگەندەك)، توخۇ كۆزلۈك قىلماق (كۆزى كىچىكلىك قىلماق)، توشقان تېرىسى ئۈچ كۈن چىدار (جىددىي ئەھۋالدىمۇ چىداملىق بولۇش لازىملىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ)؛ توشقان تېزەكلىمەيدىغان (ئادەم ئايىغى باسمىغان)، تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك (تاسادىپىي، قوپال)، تۆگە تايلاق قىلماق (گەدىنىگە مىندۈرمەك)، تۆگە تايلاق بولماق (گەدىنىگە مىنمەك)، تۆگە كۆردۈڭمۇ، يوق (ھېچنېمە كۆرمىگەندەك بولۇۋېلىش)، تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە تەگكەندە (ئەمەلگە ئاشمايدىغان ياكى ئېھتىمالى تۆۋەن بولۇش)، تۆگىچىلەپ سىيمەك، تۆگىدەك كەينىگە سىيمەك (ۋەدىسىدىن يېنىۋالماق)، تۆگە قانچە، يېغىرى شۇنچە (تاپاۋىتىگە يارىشا سەرپىياتى بولىدۇ)، تۆگىنى چۆچەكتە سۇغۇرغاندەك (زور ئېھتىياجنى كىچىككىنە نەرسە بىلەن قاندۇرۇش تەس ھەم نامۇۋاپىق)، تۆگىدەك كېلەڭسىز، ياۋاش ھەم چىدامچان، تۆگىنى ئۇسسۇلغا سالماق (كاجلارنى دەيدەيگە سالماق)، تۈگمەنچىنىڭ توخۇسىدەك (ھەيدىسىمۇ كەتمەيدىغان)، تۈلكە مىجەز (قۇۋ، ھىيلىگەر)، تۆمۈر خوراز (باشقىلارغا نەپ بەرمەيدىغان)، داغال–قوڭۇر ئۆچكىدەك قوپال ھەم چىرتىڭ (كەپسىز)، قويدەك بۈكەرەپ (قورسىقى كۆپۈپ) قېلىش (قويدەك تويغىنىنى بىلمەي جىق يەۋېلىپ سىڭدۈرەلمەي قىينىلىش)، قويدەك ياۋاش، قوزىدەك ئوماق، قوي كۆزلۈك، قۇيغان ئۆپكىدەك (سېمىز ھەم ئاق)، قېچىردەك جاھىل، قۇشقاچتەك ۋىچىرلاش، قۇرۇق ئەمچەكتەك (يوقىلاڭ ۋەدە)، چۈجە خورازدەك ئۇرۇشقاق، چۈجىنى كۈزدە ساناش (ئىشنىڭ نەتىجىسىنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرۈش)، چىشلەيدىغان ئىت چىشىنى كۆرسەتمەيدۇ (دۈشمەن ئالدىنئالا بېشارەت بەرمەيدۇ)، كانا-سالجىدەك يېپىشىۋېلىش، كالىدەك يېيىش (كۆپ يېيىش)، كالا ھەلەپ يېگەندەك (ئىلغىماي كۆپ يېيىش)، كالىدەك پۇشۇلداش، كالىدەك گۆشىيىپ تۇرۇش (زۇۋان سۈرمەي كۆزىنى چەكچەيتىپ تۇرماق)، كالا كۆز (يوغان كۆز)، كالىنىڭ پىشماس يېرى (كالىنىڭ ئېمى)، كالىدەك گومۇش، كاككۇك بىلەن زەينەپتەك ئاشىق-مەشۇق، كەربالانىڭ ئىتىدەك سوكۇلداش، كەكلىك قاش (كەكلىكنىڭكىدەك قىسقا ھەم ئەگمەچ قاش)، كەندىر يېگەن خورازدەك (ۋارقىراپ ياكى ھۈرپىيىپ ھەيۋە قىلىش)، كۆنچىنىڭ كۈچۈكىدەك (سۇڭدىشىپلا يۈرۈش)، لالما ئىتتەك يۈرمەك (ھەريەرنى كېزىپ يۈرمەك)، موزاي قوزۇققا چوڭلۇق قىلار (ئۆزگىلەرنى ياراتمايدىغانلارنىڭ مەنمەنلىك، تەكەببۇرلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ)، موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە (ئۆزىنى چاغلىمايدىغانلارنىڭ لاپچى ۋە تەجرىبىسىزلىكىنى ئىپادىلەيدۇ)، موللىمۈشۈك (بەك ياۋاش)، مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ (ھېچنېمىگە يارىمايدۇ، ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ)، مۈشۈكتەك پاكىز ھەم سەۋرچان، مۈشۈكتەك مىياڭلاش (ئېنىق گەپ قىلماي يىغلامسىراش)، مۈشۈك بالىسىنى يېگەندەك (ھېچ ئىش بولمىغاندەك)، مۈشۈك پىياز يېگەندەك (قىلمايدىغان ئىشنى قىلىپ قويۇش)، مۈشۈكنى پەش، توخۇنى تاخ دېيەلمەسلىك (قۇلچىلىق ھالىتى)، خوراز-مېكىيىنىنى ئايرىماق (ياخشى-يامىنىنى بىلمەك)، خۇيىنى بىلمىگەن ئاتنىڭ يېنىغا بارما (بولمىسا زەخمە يەپ سالىدىغان گەپ، بۇنى تەمسىل دېيىشكىمۇ بولىدۇ)، سوقۇشقاق خوراز سەمرىمەس (ئىچى تار ئادەملەر ئۆزى بىلەنمۇ تولا ئۇرۇشۇپ چېھرىگە ئەت قونمايدۇ)، سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك، (شۈمشىيىپ–تىترەپ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالماق)، شاتۇتتەك دورامچۇق، غۇنىجىن ئازابى (قاتتىق ئازاب)، قارلىغاچتەك ئويناق (شوخ)، كەپتەر دان چوقۇماستا، توخۇ قونداقتىن چۈشمەستە (سەھەردە، قاق پودا، تاڭ يورۇماستىنلا)، قېچىر سايغا چىقماق (تازا قىزىماق)؛ قاغا تۇخۇمى يېگەنمۇ(قاغا توخۇنىڭ تۇخۇمىنى ئەتىگەندە قۇياش يۆنىلىشىگە قاراپ كۆمۈپ قويۇپ چۈشتىن كېيىن قۇياش يۆنىلىشىگە قاراپ تاپالمايدىغان قىلىقىغا قاراپ ئېيتىلغان ئىدىيوم بولۇپ، نېمانداق ئۇنتۇغاق بولۇپ قالدىڭ دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)، قېچىر–ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا ساتار–غېجەك چالماق (سىغمايدىغان يەرگە گەپ قىلىش)، قېرى كالىغا پىچاق ياققاندەك (ئارزۇ قىلغىنىغا ئېرىشكەندەك)، كەپتىرى-پاختىكى ئوڭدا ئۇچماق (ئىشى تەتۈر كەلمەك)، كۆزىنى مۈشۈكتەك يۇمۇۋالماق (خىرامان بولۇۋالماق)، كۈرسۈككە كىرمەك (قانجۇقنىڭ جۈپلىشىش مەزگىلىگە كىرىشى، شەھۋىتى ئۇرغۇغان)، كۈرۈكى تۇتماق (ئۆي قۇشلىرىنىڭ كۈيلىشى؛ خۇيى تۇتماق)، ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك (پەقەت جايىدا بولمىغان)، ئورۇق ئات (ئارانلا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان)، ئوغلاقتەك شوخ-نايناق، ئوتتەك قىزغىن ھەم يېقىملىق، ئۇۋا ئىزدىگەن توخۇدەك (جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلمەك)، ئۆردىكىنى ئۇ يان، غېزىنى-غاز بۇيان قىلماق (ئىشنى ئۈزۈل-كېسىل بىرتەرەپ قىلماق)، ئۆزى ھارام، كۈچى ھالال (تېنى كېرەكسىز بولسىمۇ كۈچى مۇھىم)، ۋىتۋالاق (بۆدۈنە)نىڭ تۇخۇمىنى يېگەندەك (توختىماي ۋالاقلاش)، ئېشەككە مۈڭگۈز چىقماق (غەلىتە ئىش بولماق)، ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا راۋاب-ساتار چالماق (چۈشەنمەيدىغان، مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلماق)، ئېشەك ھاڭرىغان، داپ داراڭلىغان يەردە يۈرمەك (خالىغان يەردە لاغايلاپ يۈرمەك)؛ ئېشىكى بەش تەڭگە، توقۇمى ئون تەڭگە (ئېرىشكەن نەرسىنىڭ قىممىتىدىن سەرپ بولغان نەرسىنىڭ قىممىتى ئېشىپ كەتمەك)، ئېشىكى تۆت چىشلىق بولماق (ئىشى ئوڭدىن كەلمەك)، ئېشىكىنى بېقىپ، تېزىكىنى تەرمەك (ئۆزىگە لايىق ئىش قىلماق)، ئېشەكتەك بىر قېتىم پۇتى سېپىلغان تۆشۈككە دەسسىمەسلىك، ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا غېجەك چالغاندەك، ئېشەكمۇ ﻳﺎﺗﺎﺭ ﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﯩﺪﺍ ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﭗ ئاندىن ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ، ئېشەكتەك شەھۋانىي، ئېشەكتەك ئىشلەش (مىننەت-تامەسىز ئىشلەش)، ئېشەكنىڭ بېشىنى تۇتمىغان (ئىش كۆرمىگەن)، ئېشىكى يوق موللامنىڭ قۇلىقى تىنچ (مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارتۇقچە ئارىلىشىش كىشىگە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرىدۇ)، ئېغىل قىلىۋەتمەك (بەك مەينەت قىلىۋەتمەك)، ئىمامى ئەخپەشنىڭ ئۆچكىسى (ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پىكرى يوق)، ئىت بولۇپ كېتەي (ئىتتەك خار بولساممۇ مەيلى، قەسەمنى بۈلدۈرىدۇ)، ئىت پوق يېمەستە (ئەتىگەن ئەمدى ئورنىدىن تۇرغان چاغدا)، ئىتنىڭ ئاغزىغا پىل چىشى چىقماق (قەتئىي ئەمەلگە ئاشمايدىغان)، ئىتنىڭ بالىسى (ئادەم ئەمەس، ھايۋان)، ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرمەك (ئاچ-توق ھايات كەچۈرمەك)، ئىت يالىقىنى يالىماق (ئىتتەك خار بولماق)، ئىت يۈز (كىشىگە قىلچە يۈز-خاتىرە قىلمايدىغان)، ئىت يىلىدىن ئېشەك يىلىغىچە (ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت)، ئىت ئۆلۈمىدە ئۆلمەك (بەك خار بولۇپ ئۆلمەك)، ئىت-مۈشۈكى بولماق، ئىت-ئېشەك بولۇش (سۆزىدىن چىقماسلىق، قۇلى بولۇش)، ئىت سۆڭەك يېيىشتىن بۇرۇن كۆتى بىلەن كېڭىشەر (ئىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئوبدان ئويلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكە سالىدۇ)، ئىت، مۈشۈكمۇ پوقىنى كۆمۈپ قويىدۇ ياكى كۆرسەتمەيدۇ، ئىتتەك جېدەلچى، ئىتتەك مىجەزى ئىتتىك، ئىتتەك تالىشىش، ئىتتەك ۋاپادار، ئىت ۋاپا، خوتۇن جاپا (بەزىدە ئىتنىڭ ۋاپادارلىقىنىڭ خېلىلا يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ)، ئىتنىڭ قۇرۇتىدەك (مىغ-مىغ)، ئىچ-ئىچىدىن (چىن يۈرەكتىن)، ئىتتىن قورققان گاداي بولماس (قىيىنچىلىقتىن قاچقان كىشى غالب بولالمايدۇ)، ئىت كاللىسى تەخسىدە توختىماس (پەس ئادەملەر ئەتىۋارلىغاننى بىلمەيدۇ)، ئىككى قوچقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينىماس (ئۈستۈنلۈك تالىشىپ پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەسلىك)، ئىچىنى مۈشۈك تاتىلىماق (كۆڭۈل ئازابىغا قالماق)، ھاڭگا ئېشەكتەك تېپىپ قويۇپلا بېقىلىشى بىلەن كارى بولماسلىق، ياتقان يىلاننىڭ بېشىغا ئۇرما (ئالاقىسى يوق ئىشلارغا ئارىلىشىشنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ)، ياتقان ئۆكۈزگە يەم يوق (بىكار تەلەپكە ھېچكىم نەپ بەرمەيدۇ)، ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەس (ئوبدان كىشى باشقىلارغا بىھۇدە مالاللىق يەتكۈزمەيدۇ)، يۇڭدالغان توخۇدەك (ھەممىدىن مەھرۇم بولماق)، يېتىم ئوغلاق (يېتىم-يېسىر، ئىگە-چاقىسىز).

2. ياۋايى ھايۋانلارغا ئائىت ئىدىيوملار

ئاچ بۆرىدەك تىكىلىپ قارىماق (بىراۋغا يامان نىيەتتە كۆز سالماق)، ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلىماق (خام خىيال قىلماق)، ئاشقا چىۋىن چۈشمەك (ھەل بولاي دېگەن ئىش بوزۇلۇش، توسالغۇ پەيدا بولماق)، ئاشتىن چىۋىن چىقتى (ئىشتىن يوچۇق ياكى چاتاق چىقتى)، ئەركەك چىۋىن قونمىغان (ناپاك يولدا ماڭمىغان، ياتلىق قىلىنمىغان)، ئەنقانىڭ تۇخۇمى (كەمدىنكەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك نەرسە)، ئەۋرەز پاقىسى (ئاچكۆز، تويماس)، جاپادىن قېچىپ راھەتكە يېپىشىدىغان)، باشقا پىت چۈشمەك (ئەندىشىگە پاتماق)، بۇلبۇلدەك خۇش ئاۋاز، بۇغا تىنچىقى (تىنچىق ئىسسىق)، بۈركۈتتەك باتۇر، بۈرگىدەك سەكرەش (ئاچچىق ياكى خىجىلچىلىقتىن تۇرالماي قېلىش)، بېلىق كۆزى (لىپمۇلىق)، بەئەينى رودىپاينىڭ ئۆزى (قۇتۇلغىلى بولمايدىغان توخۇ پوقى بىرنېمە)، بۆرىدەك ئەپ-ئىناق، بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى، بىر ئۇۋىنىڭ كۈچۈكلىرى (ئەسكى ئىشتا ھەمشىرىكلەر)، پاقا تەشكەن سويمىدەك (تىكىلىپ قاراش)، پاشىنى پىل قىلماق (مۇرەككەپ، سىرلىق قىلىپ كۆرسەتمەك)، پاقىسىغا قېنىش، پاقا ئالمايدىغان سار (ئىقتىدارسىز، پالاكەت)، پەنجە قويماق (قۇشلارنىڭ تاپىنى بىلەن ئۇرۇپ يېقىتىشى)، پەرۋانە بولماق (ئەتراپىدا كۆيۈمچانلىق كۆرسەتمەك؛ مەپتۇن بولماق)، پوكىنىغا باسماق (خەقنىڭ، كوللېكتىپنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماق)، پىلدەك قاۋۇل، پىت ئۈچەي (ئىچى تار)، پىت كۆز (كۆزى كىچىك، قىزغانچۇق)، توڭگۇز-تورپاق ئويناش (مالىماتاڭ قىلماق)، توڭگۇزنىڭ تۈكىنى يۇلماق (بېخىل ئادەملەردىن نەپ ئۈندۈرمەك)، تورغاي چۇچۇلىماستا (تاڭ يورۇماستا)، تۈلكە مىجەز–قېرى تۈلكە، تۈلكىدەك قۇۋ-مەككار، قاقباش، ھىيلىگەر، داستىخان چىۋىنى (ئاچكۆز، ئۆيمۇئۆي ئارىلاپ قورساق تويغۇزىدىغان بىكار تەلەپ)، رو چىۋىندەك يېپىشقاق (چاپلاشقاق، ئەگەشكەك ئادەم ياكى ھايۋان)، دۆلەت قۇشى قونماق (بايلىق، ھوقۇق ياكى بەخت-ھالاۋەت يار بولماق)، سېغىزخاندەك خەۋەرچى، سېغىزخاندىن ساق (سەزگۈر، ھوشيار)، شاتۇتىدەك ئاغزى بوش–تىلى ئۇزۇن (ئىچىدە گەپ ياتمايدىغان)، شاخسانىغۇچتەك تۇرالغۇسى يوق–تۇترۇقسىز، شۇڭقاردەك قەھرىمان، شىردەك ھۇرۇن، شىر يۈرەك، جان ئاچچىقىدىكى يىلان بەك چاقىدۇ (ئارمانىغا تولۇق يېتەلمىگەنلىكتىن ئاچچىقىدا بەك چېقىۋېلىش)، چاشقاندەك ئوغرى، چاشقاندەك تېپىرلاش، چاشقان بۇرۇت (ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن بۇرۇت)، چاشقان تۆشۈكى-ئۇۋىسى ساراي بولماق(قاتتىق قورقۇپ كىرىدىغان جاي تاپالماي قېلىش)، چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىغان (ئۆتۈپ كەتكەن بېخىل)، چۈمۈلىنىڭ جېنىنى ئاغرىتمايدىغان (رەھىمدىل، كۆڭۈلچەك)، چوشقىدەك مەينەت، چۈمۈلىدەك يىغماق، چۆمۈلىدەك ئاجىز، چىلبۆرىدەك ئاچ–يىرتقۇچ، خۇدايىم بىلىپ ئېشەككە مۈڭگۈز، پاقىغا قۇيرۇق بەرمىگەن (ھەر نەرسىگە كېرەكلىكلا نەرسىنىڭ ئاتا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ)، قاغا تۇخۇمى يېگەندەك (ئۇنتۇغاق بولۇش)، قاغىپۇتى (قىيسىق، سەت، قاملاشمىغان)، قاغا پوق يېمەستە، قارچىغا كۆز (قارچىغىنىڭ كۆزىگە ئوخشاش ئۆتكۈر ھەم چىرايلىق كۆز)، قاپلاندەك چەبدەس (ناھايىتى چاققان)، قاغىدەك گەپ توشۇغۇچى، قۇرغۇيۇڭ بولاي، پاختىكىڭ بولاي (يېلىنىپ ۋەدە بېرىش)، قۇشقاچ تىللىرى چىقماق (ۋىچىرلاپ توختىماي سۆزلىمەك)؛ قۇشقاچ گۆشىمۇ گۆش (ھەرقانچە كىچىك نەرسىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قىممىتى، رولى بار)، كۆكپىت باسماق (ئەبگالىشىپ كەتمەك)، لاچىندەك ئۇچقۇر، گۆرىدىن توڭگۇز بولۇپ قوپقاي (قارغىش سۆزى)، لاي سۇدىن بېلىق تۇتماق (قالايمىقان ھالەتتىن پايدىلىنىپ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش)، مايمۇن ئويناتماق (ھىيلە بىلەن ئاداشتۇرماق)، مايمۇندەك قىزىقچى، تەقلىدچى، مۇلۇندەك قاراش (كۆزىگە سىنچىلاپ قاراش، ئوغرىدەك يەر تېگىدىن قاراش)، ساردەك ھۈنىرى يوق، ھۆپۈپكە تورپاق ساتماق (قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولماق، يوق نەرسىگە پۇل تۆلىمەك)، ئۆيىگە چاشقان كىرسە يامانلاپ چىقىدۇ (ئىنتايىن نامرات)، ئىچىدە توڭگۇز قاترايدىغان (ئىچىدە زەھەر قاينايدىغان، قىتىغۇر)، ئىشتىنىغا پىت تاشلىماق (ئىختىلاپ تۇغدۇرماق)، ھاشارەتتەك يەيدىكەن (تېز يېيىشكە قارىتىلىدۇ)، ھەسەل ھەرىسىدەك ئىشچان، ھۆپۈپتەك تاز، ئۇۋىسى بۇزۇلغان ھەرىدەك-چۈمۈلىدەك (ئالاقزادە بولۇپ ھەر تەرەپكە پىترىماق)، ھېسىپى كۆپ–ئۇزۇن (نەيرىڭى تولا، ئىشى جىق، دىمىقما–دىلىنى ئۇقتۇرمايدىغان)، ياچىۋەكتەك تەييارتاپ، يولۋاستەك كۈچلۈك، يىلاندەك تولغىنىش، يىلان جان ئاچچىقىدا بەك چاقىدۇ (ئۆزى ئېرىشەلمىگەنگە باشقىلارمۇ ئىگە بولمىسۇن دەپ زەھەرخەندىلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ).

3. ھايۋاناتلارغا دائىر ئادەت سۆزلىرى

خاراكتېرى، مەنىسى جەھەتتىن تىلەك، تەكەللۇپ، ئالقىش، قەسەم، قارغىش، كىنايە-تەنە، سۈپەت، بەلگىلىك بىر مەنىگە ھەمدە كۈچلۈك ئىستىلىستىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە (ئوخشىتىش، سېلىشتۇرۇش...)، ئاغزاكىيلىق پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، شەكىل جەھەتتىن بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ، نۇتۇقتا دائىم ئىشلىتىش ئادىتىگە ئايلانغان فىرازىيولوگىيەلىك بىرىكمىلەر ئادەت (ئەنئەنە) سۆزلىرى دېيىلىدۇ. ئۇ ئېيتماقچى بولغان ھەر تۈرلۈك ئوي- پىكىر روشەن ۋە دەل، ئوبرازلىق ۋە تەسىرلىك ئىپادىلەشتىكى مۇھىم تىل ۋاسىتىلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندىكىلىرى ھايۋاناتلار مەنىسىدىكى ئۇيغۇرچە بىيولوگىيەلىك ئادەت سۆزلىرىدىن ئىبارەت.

ئاق بېلىق (تېنى ئۇزۇنچاق، تەن سىرتىدا يېپىشقاق سويۇقلۇقى بار، دۈمبە تەرىپى كۈلرەڭ، قورسىقى ئاق، تۇمشۇقى كانايسىمان، قۇيرۇقى ياپىلاق، قاسرىقى كىچىك ياكى يوشۇرۇن، بېشى ئۇچلۇق، 15–16 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تاتلىق سۇدا ياشايدۇ)، باش توخۇ (سۈبھىدە تۇنجى چىللىغان توخۇ)، بالا تاشلاش (بوغاز ھايۋانلار ھامىلىسىنىڭ بالدۇر چۈشۈپ كېتىشى)، بوتا كۆز (بوتىلاقنىڭ كۆزىگە ئوخشاش نۇرلۇق كۆز)، پالكۆز (چوڭ ھەم پارقىرايدىغان پۇلتايما كۆز)، پىچماق، ئاختا قىلىۋەتمەك (جىنسىي بېزىنى ئېلىۋەتمەك)، تاراقان-تاراكان (سۈۋەرەكنىڭ بىر تۈرى)، تاشىرقىماق (تۇيىقى ئۇپراپ قاماپ ئاقسىماق)، تاختىمۈشۈك (چاشقان قىسمىقى)، تاشتۈلەك (بۈركۈت، لاچىنلارنىڭ ئىككى قېتىم تۆللىگەنلىرى)، تامىقى ئېشىپ قالماق (بوغۇزغا بولغان تەشنالىقى كۈچىيىپ كېتىپ، بەرسىمۇ يېيەلمەس بولۇپ قېلىش)، تاماقباغ (يۈگەن ۋە نوختىنىڭ تامغاق بويلىغان بېغى)، تاناسىل (جىنسىي)، تاۋار (ئۇلاغنىڭ بېشىغا باغلاپ، تۇمشۇقىنى كىرگۈزىدىغان بوغۇز خالتىسى)، تەشكۈچى قۇرۇتلار (ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇز، كۈيە، قاناتسىز كۈيە، مىتە قاتارلىقلار)، توققۇزتونلۇق (قات-قات قېرىن، شىردان)، توسۇن ئات (شاش ئات)، تۇتىيا (قىممەت نەرسە)، تۇزاق قۇرماق (دامىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلەتمەك)، تۇغيان (ھاياجان)، تۆگىتاز (دارازا)، تۆمۈر تىرناق-پەنجە (ئەزگۈچى قول-تاپان)، تۈكباش (پاخپاقباش)، جالغاي (توخۇنىڭ قانىتىنىڭ گەۋدىسىگە تۇتىشىدىغان ئۈگىسى)، جاغالماي (سار ئائىلىسىگە كىرىدىغان قۇش، چوققىسى بىلەن بويۇنىنىڭ كېيىنكى قىسمى سېرىق ئېقىش، دۈمبە، بەل، قۇيرۇق، پەيلىرى قوڭۇر سېرىق، قورساق ۋە قۇيرۇق قىسىملىرى ئاچ سېرىق ياكى ئاقۇش قوڭۇر بولۇپ، ئاق سىزىقچىلار بولىدۇ)، جوغدا (ھايۋاناتلارنىڭ كوكۇلىسى)، جوغداي (تۆگىنىڭ بوينى ۋە تىزىدىكى ئۇزۇن مويلار)، جوغدىيەك (مېكىياننىڭ پۆپۈكى)، جون-جۆن (ھايۋانلارنىڭ ئىنچىكە بېلىنىڭ ئۈستى قىسمى)، چارپاي (چارۋا، ھايۋان)، چاڭگال (پەنجە، ئىسكەنجە)، چاڭقاغا (توڭقاغا)، چوڭ قېرىن (كۆشەيدىغان ھايۋانلارنىڭ بىرىنچى ھەم چوڭ ئاشقازىنى)، چورتان (تېنى سىلىندىرسىمان، ئېغىزى يوغان ۋە چىشلىرى ئۆتكۈر، تاتلىق سۇ يىرتقۇچ بېلىقى)، چۇلۇق (پىشىپ ئېزىلىپ كەتمەك)، چېۋە (قۇڭىنىڭ يېرىقى)، چىۋى–چۈۋى (بۇقىنىڭ جىنسىي ئەزاسى)، چۈيىسى (بۇقا، قوچقار، ئارقار قاتارلىقلارنىڭ زەكىرى)، چېقىر كۆز (زەڭگەر كۆز)، چىچاڭ (ھايۋانلارنىڭ قۇڭىنىڭ ئەتراپى)، دالۋاي (ئوۋ قۇشلىرىنى چاقىرىشقا ئىشلىتىدىغان گۆش)، دەندان، دۆندۆن، داڭداڭ (كالىنىڭ قوۋۇرغىسى)، دەندان (پىل چىشى)، دەلدەڭ-دەرە قۇلاق (يوغان قۇلاق)، دورداي كالپۇك (قېلىن ھەم ساڭگىلاپ تۇرىدىغان كالپۇك)، دوغداق قۇيرۇق (دۈمبىسىدە لىغىلداپ تۇرىدىغان قۇيرۇق)، دوكۇر، دۆكۈرەك (خوراز، قىرغاۋۇللارنىڭ ھوشۇقىغا ئۇدۇل كېلىدىغان مۈڭگۈزسىمان ئۆسۈكچە)، دونداق (پاكار، دىقماق ھەم سېمىز)، روچىۋىن (ساغۇچ، قاناتلىرى پارقىرايدىغان، جۇغى چوڭ بىر خىل چىۋىن)، رودۇپاي (رىۋايەتلەردىكى پۇتى ئۈچەيسىمان، كىشىلەرگە ھاپاش بولۇۋالسا ئاجراتقىلى بولمايدىغان سۆڭەكسىز مەخلۇق)، زاڭاق (ئېڭەك)، ساڭقا (قۇش مايىقى)، ساڭقار (سار)، ساڭقىماق (تېزەكلىمەك، ماياقلاش)، سالۋارىماق (چۇۋۇلۇپ پاخپايماق)، سەيناق (بۇزۇلغان پىلە غوزىسى، كېرەكسىز مەشۇت)، سوكسوك (سىلكىپ قوپال ماڭىدىغان)، سوختا بېلىق (سىلىندىرسىمان-يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان بېلىق)، سەركىسىز پادا (باش-پاناھسىز، يېتەكچىسىز)، سۈۋە (قوي، ئۆچكە، كالا قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يېتىم قوۋۇرغىسى)، قېقىنۇس، قەقنۇس (چۆچەكلەردىكى يوغان قارا قۇش)، قۇيۇمچاق (توققۇز كۆز)، قىلدەك ئىنچىكە، كاكىلىماق (مېكىياننىڭ تۇخۇم تۇغۇشى)، كەمچەت (دېڭىز قامىسى ياكى ئۇنىڭ تېرىسى)، كوماك (چىشى كەم)، كىتە (ياغلىق ئۈچەي)، كىرىگەت (دىيافراگما - كۆكرەك-قورساق ئايرىش پەردىسى)، گېزەندە (ئادەم ۋە ھايۋانلارنى چاقىدىغان، زەھەرلەيدىغان جانلىقلار، ياۋۇز دۈشمەن)، گالنىڭ «بوسۇغىسى» (يۇتقۇلۇقنى كۆرسىتىدۇ)، مادار (دۈمبىسى قوڭۇر، پۇتلىرىدا تۈكى بولغان بىر خىل تاپقۇش)، مال-مېكەت (مالۋاران)، مورلىماق (تاتىلىماق)، مۆڭگەك (خوتەنچە، موزايبېشى مەنىسىدە)، مۈڭگۈز چىقتىمۇ؟ نىمتە (سويۇلغان مالنىڭ بوي يارتىسى)، نىمجان (يېرىم جان)، ئۇزۇن تۇمشۇق يەر قازار (تۇمشۇقى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن چاشقانسىماق سۈت ئەمگۈچى ھايۋان)، ئۆركەشلىك كالا (گەجگىسىدە دولقۇنسىمان لوكىسى بار)، ئېيىقسىمان بۇلغۇن، ياغاق تېرە (ئەت قونمىغان، ئورۇق)، يەر كالپۇك (دورداي كالپۇك)، يۇنۇس بېلىقى (دېلفىن)، يېلىن (سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ ئەمچىكى)، يېلىن سالماق (يېلىنى تولماق).

پايدىلانمىلار:

1. ش ئۇ ئا ر تىل-يېزىق كومىتېتى لۇغەت بۆلۈمى تۈزگەن: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1996-يىل 3-ئاي، 1-نەشرى.

2. ئابلىز ئەمەت تۈزگەن: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۇراقلىق ئىبارىلەر ئىزاھلىق لۇغىتى»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2005-4-ئاي، 1-نەشرى.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 16:03:12

ئەجرىڭىزگە رەھمەت .ياشاپكېتىڭ .بىزلەرنىڭ تىل تەتقىقاتىمىز بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ دىلى پاك ،ئۆمرى ئۇزۇن ،تىنى ساق ،تىلى پۈتۈن بولغاي.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 23:41:08

ئەختەم ئۆمەرنىڭ بىر پوۋسىتىدە (پوۋىسىتنىڭ ئىسمى ‹‹ئاھ، رەھىمسىز دەريا›› بولۇشى مومكىن) ‹‹ ..... ئىشەك ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھى ھەم خۇتۇنى ئىدى›› دەپ بىر ئابزاس بولىدىغان.

مۇشۇنداق ئىددىيۇملار توغرىسىدا ئابدۇسىمەت مامۇتلار قانداق قارايدىغاندۇ؟!
بەت: [1]
: ئۇيغۇر تىلىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ شەكلى، ھەرىكەت– قىلىقلىرى، ئېكولوگىيەسىگە دائىر