mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 05:46:14

يورۇقلۇق سۈرئىتىدىن يۇقىرى سۈرئەت بايقالسىلا ئېينىشتىيىن نەزەرىيسى ئاغدۇرىلامد

يورۇقلۇق سۈرئىتىدىن يۇقىرى سۈرئەت بايقالسىلا ئېينىشتىيىن نەزەرىيسى ئاغدۇرىلامدۇ؟


mayor



نۇرغۇن كىشىلەر يورۇقلۇق سۈرئىتىدىن يۇقىرى سۈرئەت بايقالسىلا ئېينىشتىيىننىڭ تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى ئاغدۇرۇلدى دەپ بىلىشىدۇ. ئۇنداقتا يورۇقلۇق سۈرئىتىدىن يۇقىرى سۈرئەت بايقالسىلا ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيسى ئاغدۇرىلامدۇ؟ جاۋابى شۇكى «ياق»!


بىر قىسىم كىشىلەر نىسپىيلىك نەزەرىيسىنى چۈشەنمەسلىك، بىلمەسلىك سەۋەبىدىن شۇنداقلا كىۋانتلىق چىرمىشىۋېلىش ھادىسى ۋە يورۇقلۇق سۈرئىتىنى چۈشەنمەسلىك تۈپەيلى يورۇقلۇق سۈرئىتىدىن يۇقىرى سۈرئەت بايقالغىنىنى ئاڭلاپلا قالسا ئېينىشتىيىننىڭ تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيسىنى خاتا ياكى ئاغدۇرۇلدى دەپ بىلىشىدۇ. كاشكى ئېينىشتىن «يورۇقلۇق تېزلىكى ئەڭ چوڭ تېزلىك» دېگەن بولسا ئىدى ئاللىمۇ قاچان ئاغدۇرۇلغان بولاتتى، ئەمما ئېينىشتىيىن ئۇنداق دېمىگەن. ئۇنداقتا ئېينىشتىيىن زادى نېمە دېگەن؟ ئېينىشتىيىن تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيسىدە «ھەرقانداق بىر جىسىمنىڭ ھەركەت تېزلىكى يورۇقلۇقنىڭ ۋاكۇئۇمدىكى تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ» دەپ ئېنىق ئېيتىدۇ. بۇ يەردىكى «يورۇقلۇقنىڭ ۋاكۇئۇمدىكى تېزلىكى» تەخمىنەن 300مىڭ كىلومېتىر تەقسىم سېكونتلۇق تېزلىك بولۇپ ۋاكۇئۇم بولمىغان ھالەتتە يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى بۇ تېزلىكتىن تۆۋەن بولىدۇ. مەسىلەن سېزىي ئاتوم ھورى مۇھىتىكى يورۇقلۇق تېزلىكى 1000 كىلومېتىر تەقسىم سېكونت دىنمۇ تۆۋەن بولىدۇ.


خوش، يۇقارقى بىلىملەرنى بىلىۋالغاندىن كېيىن ئەمدى يورۇقلۇقتىن ئېشىپ كېتىلگەن تەجرىبىلەرگە قايتا كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى. بۇنداق تەجرىبىلەر ئىچىدە ھەممىدىن داڭلىقى «دوكتۇر ۋاڭلىجۈننىڭ لازىر نۇرى تەجرىبىسى» بىلەن «شىۋىتسارىيەنىڭ كىۋانت چىرمىشىۋېلىش» تەجرىبىسى.


1) دوكتۇر ۋاڭلىجۈننىڭ تەجرىبىسى ۋە مۇشۇ تۈردىكى تەجرىبىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى بۇ تەجرىبىلەر ۋاكۇئۇمدا ئېلىپ بېرىلغان ئەمەس. دوكتۇر ۋاڭلىجۈننىڭ تەجرىبىسى سېزىي ئاتوم ھورى مۇھىتىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە بولۇپ، سېزىي ئاتوم ھورى مۇھىتىدا يورۇقلۇق تېزلىكى ۋاكۇئۇمدىكى تېزلىكتىن 300 دىن ئارتۇق ھەسسە تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا بۇ مۇھىتتا يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتىش تامامەن مۇمكىن. ئەمما ھەرقانچە ئېشىپ كەتسىمۇ يورۇقلۇقنىڭ ۋاكۇئۇمدىكى تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتەلمىدى. شۇڭا دوكتۇر ۋاڭلىجۈن ئالايىتەن مەزكۇر تەجرىبىنىڭ ئېينىشتىيىننىڭ ئېيتقىنى بىلەن زىت كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


2) شىۋىتسارىيەدىكى تەجرىبە كىۋانتلىق چىرمىشىۋېلىش تەجرىبىسى بولۇپ، كىۋانتلىق چىرمىشىۋېلىش ھادىسىسىنى چۈشەنمەيدىغانلار ياكى ئىزدىنىپ باقمىغان كىشىلەر بۇ يەردىكى يۇقىرى تېزلىكنى ئىككىلەمچى ئاتومنىڭ ھەركەت تېزلىكى دەپ بىلىدۇ. ئەشۇ خەۋەرگە دېققەت بىلەن قارايدىغان بولسا ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ ئېنىقتىن ئېنىق بىرى satigny بىرى jussy دىن ئىبارەت ئارلىقى 18 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىككى يېزىغا جىمجىت قويۇلغان ئىككى دانە ئىككىلەمچى ئاتوملىرى ئارىسىدىكى سىگنالنىڭ تېزلىكىنى سۆزلەۋاتىدۇ. دېققەت ، زەرىچىلەر ھەركەت قىلمايدۇ بەلكى جايىلىرىدا جىم تۇرۇشۇپ بىربىرى بىلەن چىرمىشىدىغان ھالەت پەيدا قىلىدۇ. چىرمىشىدىغان ھالەتنى بىربىرىگە ئالىملار سىگنال بىلەن يەتكۈزىلىدۇ دەپ قاراپ بۇ يەردىكى سىگنالنىڭ تېزلىكىنى ئىنتايىن يۇقىرى تېزلىكتە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىدۇ. خوش، ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزدا مەيلى يانفون مەيلى نۇر بولسۇن بارلىق سىگنالنى فوتۇن ۋە فوتۇنغا ئوخشاش ئاساسىي زەرىچە دەپ قارايمىز. ئىككىلەمچى ئاتوم زەرىچىسى فوتۇندىنمۇ كىچىك بولغان ئاساسىي زەرىچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مۇشۇنداق كىچىك زەرىچىلەر ئارىسىدىكى سىگنالنى توشۇيدىغان تېخىمۇ كىچىك زەرىچە ھازىرقى زامان فىزىكىسىغا خىلاپ. شۇڭا بۇ سىگنال ھالا بۈگۈنگە قەدەر سىر بولۇپ كىۋانت فىزىكىسىنىڭ جەلىپكارلىقىنى نامايەن قىلماقتا! دەل مۇشۇ سەۋەبلىك ھەرقانداق سىگنالنى ماددا دەپ قارايدىغان ئېينىشتىيىنمۇ بۇ خىل كىرىشىۋېلىش ئېففىكتىنى «ئەرۋاھلاردەك كۈچ» دەپ مەسخىرە قىلىپ قەتئىي ئىنكار قىلىپ كەلگەن. ئېنىقكى بۇ يەردىكى مەسىلە زەرىچىدە ئەمەس بەلكى ئىككى زەرىچە ئارىسىدىكى تەسىردە ! شۇڭا بۇ ئەھۋالمۇ ئېينىشتىيىننىڭ «ھەرقانداق جىسىم ھەركەت تېزلىكى يورۇقلۇقنىڭ ۋاكۇئۇمدىكى تېزلىكىدىن ئاشالمايدۇ» دەپ ئېيتقان سۆزىگە زىت كەلمەيدۇ!



شۇڭا ئۆگەنمەي،تەتقىق قىلماي،كۆزدىن كەچۈرمەي تۇرۇپ دوستلارنىڭ ئاساسسىزلارچە ئېينىشتىيىن ئاغدۇرۇلدى ياكى خاتا ... دېگەن ھۆكۈملەرنى ئالدىراپ چىقارماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن!



ھۆرمەت بىلەن ماھىرجان تاھىر


2013 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى


qurwan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 08:58:22

يورۇقلۇق سۈرئىتىدىن يۇقىرى سۈرئەت، ۋاقىت ھالقىش، ماكاندىن ھالقىش دېگەن تەسەۋۋۇرنى كۆرسىتىدۇ دەپ چۈشىنىمەن.

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 09:03:49

ۋاڭلىجۈن تۈرمىدە تۇرسا ... \"\" \"\" \"\" ئىسمى ئوخشايدىكەن ھە

mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 17:07:40

2- قەۋەتتىكى bahwan0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋاڭلىجۈن تۈرمىدە تۇرسا ... \"\" \"\" \"\" ئىسمى ئوخشايدىكەن ھە

مەنمۇ تۇنجى قېتىم بۇ تەجرىبىنى ئاڭلىغىنىمدا، ۋاڭلىجۈننى تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللۇنۇپ قويدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن\"\"

atarut يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 10:19:37

mahirjanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

شۇڭا ئۆگەنمەي،تەتقىق قىلماي،كۆزدىن كەچۈرمەي تۇرۇپ دوستلارنىڭ ئاساسسىزلارچە ئېينىشتىيىن ئاغدۇرۇلدى ياكى خاتا ... دېگەن ھۆكۈملەرنى ئالدىراپ چىقارماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن!







بىرەرسى شۇنداق دىگەنمىتى؟

asad يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 12:14:18

ھاياجان جەمىيىتىدەبىرەر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ نەتىجە چىقىرىمەن دەپ جاپا تارتقۇچە،ئېينىشتىيىن،نيوتۇن،ئېدىسۇن يەنە كىملەرنى ئاغدۇرۇپلا نام چىقىرىش بەك ئاسان يول.

مازارغا چالما ئېتىپ نام چىقىرىشنىڭ ۋارىيانتى.

   

بۇ گەپنى مۇنداقلا دەپ قويدۇم.ئۆزىگە ئېلىۋالغۇچىلار بولسا كەچۈرۈم سورايمەن.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 00:38:21

تېما خاتا، يورۇقلۇق سۈرئىتى دېگەن ئۇقۇم يوق، «يورۇقلۇق تېزلىكى» دىيىش كىرەك!


mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 11:55:01

6- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېما خاتا، يورۇقلۇق سۈرئىتى دېگەن ئۇقۇم يوق، «يورۇقلۇق تېزلىكى» دىيىش كىرەك!




speed سۆزىنىڭ ئۇيغۇر سوفىت چوڭ لۇغىتىكىدىكى مەنىسى «تېزلىك، سۈرئەت، تېزلەتمەك، ئىتتىكلەتمەك، تېز چاپماق، تېز ئۆتمەك» دېگەنلەر ئىكەن. خوش، نېمە ئۈچۈن يورۇقلۇق سۈرئىتى دېگەن ئاتالغۇ خاتا بولۇپ قالدى؟ چۈشەنچە بەرسىڭىز.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:56:01

سىز بىر ئىشنى باشقىلاردىن ئىتتىك قىلسىڭىز سىزنىڭ ئىش قىلىش سۈرئىتىڭىز باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى؛ ئەگەر سىزنىڭ ماشىنىڭىز باشقىلارنىڭكىدىن ئىتتىك ماڭسا سىزنىڭ ماشىنىڭىزنىڭ تېزلىكى باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى.

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 18:36:48

مەن مۇنداق چۈشەندىم.نۇر تىزلىكى سىكوتنتىغا 300مىڭ كىلومىتىردىن ئاستىلىسا (تۈۋەن بۇلسا)،يەنە 250مىڭ كىلومىتىر بولسا ،يەنە سىكونتىغا260مىڭ كىلومىتىر ھەركەتلىنەلەيدىغان جىسىم بار بولسا ،ئېينىشتىينىڭ نەزىريەسى ئاغدۇرۇلمايدۇ.ئەگەر 301 مىڭ كىلومىتىر ھەركەتلىنىدىغان جسىم بار بولسا ئاغدۇرىلىدۇ،شۇنداقمۇ؟؟؟؟؟؟؟كىلىشى ئېنىق بولمىغان ماتىرياللاردىن كائىناتتا نۇر تىزلىكىدە ھەركەت قىلدىغان پىلانىتلار بايقالدى دەپتۇ.يالغان گەپمۇ بۇ؟

mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 19:39:38

8- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىز بىر ئىشنى باشقىلاردىن ئىتتىك قىلسىڭىز سىزنىڭ ئىش قىلىش سۈرئىتىڭىز باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى؛ ئەگەر سىزنىڭ ماشىنىڭىز باشقىلارنىڭكىدىن ئىتتىك ماڭسا سىزنىڭ ماشىنىڭىزنىڭ تېزلىكى باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى.

مەن يەنىلا چۈشىنەلمىدىم... سىز دېمەكچى گىرامماتىكىلىق خاتالىق دېمەكچىمۇ ياكى قېلىپلاشقان ئاتالغۇنى كۆزدە تۇتقىنىڭىزمۇ؟ ئەگەر قېلىپلاشقان ئاتالغۇ «يورۇقلۇق تېزلىكى» بولسا چوقۇم ئۆلچەمگە رىئايە قىلىپ ئەينەن شۇنداق ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا تەپسىلىي چۈشەنچە بەرسىڭىز. مەن سەل گاڭگىراپ قالدىم.

mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 19:42:44

9- قەۋەتتىكى talmasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن مۇنداق چۈشەندىم.نۇر تىزلىكى سىكوتنتىغا 300مىڭ كىلومىتىردىن ئاستىلىسا (تۈۋەن بۇلسا)،يەنە 250مىڭ كىلومىتىر بولسا ،يەنە سىكونتىغا260مىڭ كىلومىتىر ھەركەتلىنەلەيدىغان جىسىم بار بولسا ،ئېينىشتىينىڭ نەزىريەسى ئاغدۇرۇلمايدۇ.ئەگەر 301 مىڭ كىلومىتىر ھەركەتلىنىدىغان جسىم بار بولسا ئاغدۇرىلىدۇ،شۇنداقمۇ؟؟؟؟؟؟؟كىلىشى ئېنىق بولمىغان ماتىرياللاردىن كائىناتتا نۇر تىزلىكىدە ھەركەت قىلدىغان پىلانىتلار بايقالدى دەپتۇ.يالغان گەپمۇ بۇ؟

دەل شۇنداق! يورۇقلۇق سۈرئىتى كېمەيگەن ۋاقىتتىلا ئاندىن ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكىلى بولىدۇ. مەن نۇر تېزلىكىدە ھەركەت قىلىدىغان پلانىتا دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. ئەسكەرتىش:ئالەمنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى يۇلتۇزلار تۈركىمىنىڭ ھەركەت تېزلىكى ئەمەس ۋە قىزىلغا مايىللىشى دوپلېر ئېففىكتىمۇ ئەمەس.
بەت: [1]
: يورۇقلۇق سۈرئىتىدىن يۇقىرى سۈرئەت بايقالسىلا ئېينىشتىيىن نەزەرىيسى ئاغدۇرىلامد