History يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 04:47:53

دۇنيادىكى يۈز مەشھۇر ۋەقە

1 .مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامىنىڭ ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلىشى 2
قەدىمكى مىسىرنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلىشى. 3 خاراپپا مەدەنىيىتى. 4 ئېگېي مەدەنىيىتى. 5
(خاممۇرابى قانۇنى)نىڭ ئېلان قىلىنىشى. 6 مايا مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە
خاراپلىشىشى. 7 قەدىمكى گېرىتسىيە ئولىمپىيە مۇسابىقىسى. 8 بۇددا دىنىنىڭ بارلىققا
كىلىشى ۋە تارقىلىشى. 9 دارىئۇس ئىسلاھاتى. 10 ئافېنا دېمۇكراتىك سېياسىتنىڭ
تۇرغۇزىلىشى. 11 رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى. 12 ئىسكەندەرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ
گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى . 13 رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە يىمىرىلىشى. 14
خىرىستىئان دىنىنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە تارقىلىشى. 15 گېرمان مىللىتىنىڭ چوڭ
كۆچىشى. 16 (پوستىنئان قانۇن توپلىمى)نىڭ ئېلان قىلىنىشى. 17 .ئېككى دەريا
ۋادىسىدىكى دەسلەپكى مەدەنىيەت. 18 ياۋرۇپانىڭ (قارڭغۇ دەۋر) ئوتتۇرا ئەسىرى. 19
ئەھلى سەلىپنىڭ مەشرىققە تاجاۋۇز قىلىشى. 20 ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى.
21 ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ گۈللىنىشى. 22 فىرانسىيە_ئەنگىلىيە يۈز يىل ئۇرۇشى.
23 چۇما كىسىلىنىڭ ياۋرۇپانى ۋەيران قىلىشى. 24 ئەدەبىيات_سەنئەتنىڭ گۈللىنىش
ھەركىتى. 25 دەھشەتلىك قۇل سودىسى. 26 يەرلەرنى قوروقلاش ھەركىتى. 27 شېكسپېرنىڭ
دراما ئەسەرلىرى. 28 يېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى. 29 ياۋرۇپا دىن ئىسلاھاتى. 30
كوپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتى. 31 نيۇتوننىڭ كلاسسىك مېخانىكا ئىلمى. 32
ئوتتۇز يىللىق ئۇرۇش. 33 ئەنگىلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى. 34 ئاقارتىش ھەركىتى. 35
پېتېر ئىسلاھاتى. 36 بىرىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى. 37 ئامېرىكا مۇستەقىللىق
ئۇرۇشى. 38 فىرانسىيە چوڭ ئىنقىلابى. 39 لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ
مۇستەقىللىق ئۇرۇشى. 40 ناپولېئون ئىمپېرىيىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى. 41
ماركسىزىمنىڭ دۇنياغا كىلىشى. 42 1848_يىلىدىكى ياۋرۇپا ئىنقىلابى. 43 توكنىڭ كەشپ
قىلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى. 44 دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى. 45 ئامېرىكا
جەنۇب_شىمال ئۇرۇشى. 46 1861_يىلىدىكى روسىيە يانچىلىق تۈزىمى ئىسلاھاتى . 47
بىسماركنىڭ گېرمانىينى بىرلىككە كەلتۈرىشى. 48 مىڭجى يىللىرىدكى يىڭىلىقققا كۆچۈش.
49 پارىژ كوممۇنىسى قوزغۇلىڭى. 50 ئېككىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى. 51 تېلېفۇن
ۋە رادىئو تېخنىكىسىنىڭ دۇنياغا كىلىشى.. 52 5_ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ
بىكىتىلىشى. 53 ماشىنىڭ كەشپ قىلىنىشى. 54 ئايروپىلاننىڭ مەيدانغا كىلىشى. 55
ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئىجاد قىلىشى . 56 بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى .
57 روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى. 58 پارىژ سۈلھىي كېڭىشىنىڭ ئېچىلىشى. 59 خەلقئارالىق
ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلىشى. 60 سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلىشى. 61 گەندىنىڭ زوراۋانلىق
ئىشلەتمەي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى. 62 تېلېۋىزورنىڭ ئىجاد قىلىنىشى. 63
30_يىللارردىكى كىرزىسنىڭ پارتلىشى. 64 گېرمانىيە،ئىتالىيە،ياپونىيە فاشستلىرىنىڭ
گۈللىنىشى. 65 روزۋېلىتنىڭ يېڭى سىياسىتى. 66 ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا ئىرقي
قۇرۇتۇش ھەركىتى. 67 ئېككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى. 68 پېئارل خابور ۋەقەسى. 69 ستالىنگارد
مۇھاپىزەت ئۇرۇشى. 70 ئوتتۇرا يول ئارىلى دېڭىز ئۇرۇشى. 71 نورماندىيىدىن
قۇرۇقلارغا چىقىش. 72 يالتا يېغىنىنىڭ ئېچىلىشى. 73 ئاتۇم بومبىسىنىڭ ئىجاد
قىلىنىشى. 74 ب د ت نىڭ قۇرۇلىشى. 75 نيۇرىنبېرگ ۋە توكيۇ سوتى. 76 ئۈچىنچى
قېتىملىق پەن_تېخنىكا ئىنقىلابي. 77 ئوتتۇرا_شەرق ئۇرۇشى. 78 ترۇمىننىزم ۋە مارشال
پىلانى. 79 ئامېرىكا_روسىيەنىڭ زومىگەرلىكنى تالىشىشى. 80 ش ئا ئە ت ۋە ۋارشاۋا
شەرتنامىسىنىڭ قۇرۇلىشى. 81 ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بىېىش. 82
ياپۇنىيەنىڭ باش كۆتۈرىشى ۋە تەرەققى قىلىشى. 83 ۋېيتنام ئۇرۇشى. 84 سوۋېت
كومپارتىيىسىنىڭ 20_قۇرۇلتىيى. 85 ئۈچۈنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ گۈللىنىشى . 86 ياۋرۇپا
ئورتاق گەۋدىسىدىن ياۋرۇپا بىرلەشمىسىگىچە. 87 ئىنسانلارنىڭ ئايغا چىقىشى ۋە
ئالەملىك ئېكسپېدىتسىيە. 88 ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەركىتىنىڭ شەكىللىنىشى. 89 كۇبا
باشقۇرىلىدىغان بومبا كرزىسى. 90 سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى.
91 ئەيدېز كېسىلىنىڭ يەرشارىغا ئاپەت ئېلىپ كېلىشى. 92 ھومەينىنىڭ ئىسلام
ئىنقىلابي. 93 شەرقىي ياۋرۇپانىڭ كەسكىن ئۆزگۈرىشى. 94 گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە
كېلىشى. 95 سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى_(8.19) ۋەقەسىنىڭ باش_ئاخىرى. 96 دېڭىز
قولتۇقى ئۇرۇشى. 97 يۇگۇسلاۋىيە ئىچكى ئۇرۇشى ۋە كوسوۋۇ ئۇرۇشى. 98 كلون
تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى. 99 11_سېنتەبر ۋەقەسى. 100 ئىراق ئۇرۇشى.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 22:14:10

61- بىلەن 88-سى ئىككىسى بىر گەپمۇ ياكى ئايرىم ۋەقەمۇ؟

88- ئىتتىپاق تۈزىمەسلىك ۋەقەسى قايسى ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ؟ گەندىنىڭ ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى ئىتتىپاق تۈزىمەسلىك ۋەقەسى شۇمۇ؟ مۇشۇنى بىر چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن بولسىڭىز.

71- نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش بولسا توغرا بولارمىكىن دەيمەنغۇ!؟

96-دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى دېگىنىڭىز ئەسلى «پارس قولتۇقى ئۇرۇشى» شۇمۇ؟

يەنە، ماقالىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن بولسىڭىز!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 22:19:34

كىم دەيدۇ ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە يوق دەپ!؟ مەن بىر قاراپلا ئىككىنى بايقىدىمغۇ!@

8- بۇددا دىنى ۋەقەسىدە، گەرچە بۇددا دىنى ھىندىلار بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ دىننى تارقىتىشتا قەدىمكى ئۇيغۇرلار بەكمۇ مۇھىم رول ئوينىغان، بولۇپمۇ كۇشان ئىمپېرىيىسى ۋاقتىدا، قەدىمكى ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىنى رەسىملەشتۈرگەن ھەمدە ھەيكەللەشتۈرگەن.

98- كىلون تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىدىن شۆھرەت مۇتەللىپ بارغۇ!؟

iksak يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 06:08:44

ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى يۈز مەشھور ئىشلارنى تىزىپ باقساق بولغىدك

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 10:24:42

يۈز بېرىش تەرتىپىدە ئالدى- كەينىلىك بارمۇ ياكى؟



ئۇيغۇرلارنىڭ بىرەر ئىشى كىرەلمەپتۇ ئەپسۇس...دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك كەشپىياتچىلىرىمىز، ئالىملىرىمىزمۇ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. ئىنشائاللاھ ئۇزۇن قالماي داۋامىغا كىرىپ قالار دەپ ئۈمىدلىنىمەن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 11:16:18

21-سى بىلەن 88-سى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھىس قىلدىم. \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 00:17:15

84-ۋەقدەىكى سوۋىت كومپارتىيىسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا نىمە بوپتىكەن؟

قەغەز، مىخ مەتبەئە دىگەندەك ئالەمشۇمۇل كەشپىياتلارنىڭ كەشپ قىلىنىشى بۇ 100 نىڭ ئىچىگە كىرەلمەپتۇدە...
بەت: [1]
: دۇنيادىكى يۈز مەشھۇر ۋەقە