History يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 04:41:44

تارىختىكى بۈگۈن10-ئاينىڭ 18-كۈنى

  بۈگۈن دۇنيا ئەنئەنىۋى داۋالاش ۋە دورا كۈنى. 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، 42
دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ۋەكىللەر بېيجىڭدا ئېچىلغان داۋالاش ۋە دورىگەرلىك
يىغىنىدا، ھەر يىلى 18-ئۆكتەبىرنى دۇنيا ئەنئەنىۋى داۋالاش ۋە دورا كۈنى قىلىپ
بېكىتكەن ھەمدە بۇ كۈننى «بېيجىڭ خىتابنامىسى» غا كىرگۈزگەن. بۇ كۈن-خىمىيىلىك
دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرىنىڭ، دورىدىن زەھەرلىنىش كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىيىشى،
بىئوخىمىيىلىك دورىلارنىڭ تەننەرخىنىڭ قىممەت بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ
كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ كەڭ تەبىئەت قوينىغا قايتىپ، تەبىئىي دورا
ماتېرىياللار، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلىشىنى
مەقسەت قىلغان. 1992-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، 112 يىلدىن بۇيان ئۇيقۇدا ياتقان
كولومبىيە كاكاگۇئار يانار تېغى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك پارتلىدى. كۆپ مىقداردا
ئېقىپ چىققان ماگما ئاز دېگەندە 10 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى، 20 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ
يوقاپ كېتىشىنى، 100 نەچچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
تەھلىلچىلەرنىڭ دېيىشىچە، يانار تاغنىڭ پارتلىشى شۇ يىلى 17-18-ئۆكتەبىردىكى يەر
تەۋرەش بىلەن مۇناسىۋەت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 1989-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى،
ئامېرىكا ئىككى قېتىم قويۇپ بېرىشنى كېچىكتۈرگەن «ئاتلانتىس» ناملىق ئالەم
ئايروپىلانى سائەت 12دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە قويۇپ بېرىلگەن. بۇ ئالەم
ئايروپىلانىنىڭ ۋەزىپىسى يۇپىتىردىكى «گالېلىي» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ يەرشارى
ئوربىتىسىغا كىرگەن-كىرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئىكەن. 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى،
ئافرىقا ئۆتكەن ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق قۇرغاقچىلىق ۋە ئاچارچىلىققا
يولۇققان. ئافرىقىدىكى 34 دۆلەتتە قۇرغاقچىلىق، 24 دۆلەتتە ئاچارچىلىق بولغان،
150مىليوندىن 185 مىليونغىچە ئادەم ئاچارچىلىقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. ئاز دېگەندە
10مىليون ئادەم يۇرتىدىن ئايرىلىپ، تەرەپ-تەرەپلەرگە ئوزۇق ئىزدەپ كەتكەن.
1945-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، نيۇرنبېرگ فاشىست گېرمانىيىگە قاراتقان 1-سوتنى
باشلىغان. نيۇرنبېرگ سوتى-1945-1946-يىللىرى خەلقئارا ھەربىي سوتى گېرمانىينىڭ
نيۇرنبېرگ شەھىرىدە فاشىست گېرمانىينىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى سوتلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەيىبلەش مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: 1.تىنچلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتى: خەلقئارالىق
شەرتنامە ۋە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوغداش؛ 2.
ئىنسانپەرۋەرلىككە قارشى تۇرۇش جىنايىتى: ئىرقىي يوقىتىش، ئۆلتۈرۈش، قوغلاپ چىقىرىش
جىنايىتى؛ 3.ئۇرۇش جىنايىتى: ئۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش. 1931-يىلى 10-ئاينىڭ
18-كۈنى، ئامېرىكىلىق داڭلىق كەشپىياتچى، كارخانىچى توماس ئېدىسون 84 يېشىدا ۋاپات
بولغان. ئۇ 1847-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئوخايو شتاتىدا تۇغۇلغان. دۇنيا خەلقىگە
چىراغ، پاتېفون، كىنو قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق كەشپىياتنى تەقدىم قىلغان بۇ ئۇلۇغ
كەشپىياتچى سەھەر سائەت ئۈچتىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يېڭى جېرسى شتاتىدىكى ئۆيىدە
ئۇيقۇدا بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 22:35:42

بايا ئۈندىداردىكى بىر سالوندىن كەلگەن ئۇچۇردا دېيىلىشىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مول ھوسۇللۇق پەخىرلىك شائىرى، ئۇستاز ئەدىب ئوسمانجان ساۋۇت بۈگۈن ۋاپات بوپتۇ. مەرھۇمنىڭ نامىزى ئەتە ئۈرۈمچىدىكى بەيتۇل. مەئمۇردا چۈشۈرۈلىدىكەن. ئۈرۈمچىدىكى قېرىنداشلار، ئىمكانىيىتىڭلار يار بەرسىلا مەرھۇمنىڭ نامىزىغا بېرىپ سەمىمى، پاك دۇئالىرىڭلارنى قىلىپ قويۇڭلار. ئۇلۇغ ئاللاھتىن مەرھۇمغا جەننەت ئىنئامى تىلەيمەن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 11:13:39

Historyنىڭ تېمىسىدىن نەقىل


...بۇ كۈن-خىمىيىلىك دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرىنىڭ، دورىدىن زەھەرلىنىش كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىيىشى، بىئوخىمىيىلىك دورىلارنىڭ تەننەرخىنىڭ قىممەت بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ...



چۇخەيدىن ياسالغان دورىلارنىمۇ چەكلەپ بولسىمۇ چوڭ گەپ.




بەت: [1]
: تارىختىكى بۈگۈن10-ئاينىڭ 18-كۈنى