بالا تەربىيلەشتە ھەركىمنىڭ ئۇسۇلى، كۆز قارىشى ئوخشاش بولماسلىقى مومكىن. مېنىڭ قارىشىمچە قىزلارنى تەربىيلەشتە ئىلىم- بىلىم جەھەتتە ئوغۇللاردىنمۇ كۈچلۈك بولۇشقا يىتەكلەش كېرەك، قىزلارغا خېلى ياشقىچە تاماق ئېتىشنى، كىر-قات يۇيۇشنى، ھالال- ھارامنى پەرىقلەندۈرۈشنى، چوڭلارغا مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگەتمىگەنلىك ئەمەلىيەتتە قىزلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولىدۇ. چۈنكى قىزلار ئانا بولۇپ نەۋرىمىزنى تەربىيلىمىسە بولمايدۇ. ئانا مىللەتنى تۇغۇپ تەربىيلەيدۇ دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ.
ئوغۇللارنى تەربىيلەشتە تىمىدا دېيىلگەندەك چاكار قىلىپ تەربىيلىسىمۇ بولماسمىكى، دىمەكچىمەن ئۇغۇللار ئەر بولغاندا چاكارلىقنى ھار ئالمايدىغان بولۇپ قالسا بولمايدۇ. ئوغۇللار جاپاغا چىدايدىغان بولىشى كېرەك، لىكىن ئۇنى جاپاغا چىدايدىغان، پۇل تېپىشنى بىلىدىغان قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن پوتۇلكا تەردۈرۈپ ھاردۇرۇۋەتمەي، ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشقا ياردەملەشتۈرسىمۇ، ياكى ئۆزى تۇرۇۋاتقان بىر كوچىدىكى بارلىق تىجارەتچىلەرنىڭ قىلىۋاتقان تىجارىتى، ئىلگىرىكى ھالىتى، ھازىرقى ھالىتىنى ئېنىقلاشنى تاپشۇرۇق بەرسەكمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىشنىڭ يولىنى يەنى تەدبىر بەلگىلەشنى ئۈگۈنىدۇ. ئوغۇللار پۇلىنىڭ كۆپلىكىدىن ، قىزلار پۇلنىڭ يوقلىقىدىن بۇزۇلىدۇ ، دەپتىكەن ئاتىلار . «قىزلارنى مەلىكىدەك بېقىش» دېگەننى سەل خاتا چۈشىنىۋالغان ئوخشايسىز ....
قىزلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆي ئىشلىرىغا سالماي بولمايدۇ، لېكىن قىزلارنىڭ بارلىق يوللۇق تەلەپلىرىنى تولۇق ئورۇنداش كېرەك. باشقىلار چىرايلىق كېيىنگەن بولسا، قىزىڭىزمۇ چىرايلىق كېيىنىشى، يانچۇقىدا كۆڭلى خالىغان نەرسىنى ئالغۇدەك پۇلى بولۇشى كېرەك. قىزلار باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قالسا بولمايدۇ. قىزلارنىڭ كۆز- قارنى توق چوڭ بولمىسا بولمايدۇ، ئوغۇللار ئاچ قالسىمۇ مەيلى. لېكىن ئۆي ئىشلىرى ئالدراش ۋاقتىدا، مەسىلەن، ھېيت ئايەملەردە ساڭزا سالىدىغان، ئۆيلەرنى چوڭ تازىلايدىغان ۋاقتلاردا قىزلارنى قىلچە ئايماي دېدەكتەك ئىشلىتىش، ئاتا-ئانىسىمۇ تەڭ ئىشلەپ ئۇلارغا ئۈلگە بولۇش كېرەك.
ئىشقىلىپ قىزلارنى مەلىكىدەك باققان ئاساستا، بويىغا يەتكۈچە نەچچە ئادەمگە تاماق ئېتىپ ھاجىتىدىن چىقىدىغان، ئۆينى بولۇپمۇ ئاشخانىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك. قىزلارنى ئوقۇتۇپ ھەر قانچە ئالىم قىلغان بىلەنمۇ، يەنىلا شۇ بىر ئەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدۇ.
ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلىنىپ بىرەر تال پايپاقنىمۇ يۇيالمايدىغان قىزلار ئاقىۋەتتە ئۆزى خارلىنىپ قالىدۇ. مەلىكىدەك كۆز- قارنى توق ھەمدە ئۆي ئىشلىرىغا پىشقان قىزلار مەلىكىلىكتىن ئۆرلەپ «خانىش» بولالايدۇ.
مەلىكىمۇ چوقۇم ئۆي ئىشىنى قىلالىشى كېرەك.
ئىككى گۈرجەك توپىنى ئەپلەپ ئالالمىغان ئەر باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتمەكدەك، ئىككى پايپاقنى ئەپلەپ يۇيالمىغان ئايالمۇ ئەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.
شۇڭا ئوغۇلنى ئانچە- مۇنچە جاپا تارتقۇزۇپ ئىشچان قىلىپ تەربىيىلىسەك، قىزنى ئاش- تاماقنى جايىدا قىلىپ ئۆيگە چاڭ قوندۇرمايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك.
مەلكە بولۇشنىڭ ئالدىقى شەرتى ئۆزنىڭ ھۆددسدىن ئۆزى چىقالايدىغان بولۇش كىچكىمدە چوڭ ئاپام شۇنداق دىگەن قىز بالنىڭ ئىغزى يۇمشاق ئايغى يىنىك بولسا خار بوپ قالمايدۇ دەپ قىزلارنى قازان بېشىغا پۇخـتا، ھەر خىل تاماقلارنى ېتىشكە ۇستا قىلىپ تەربىيەلەڭلەر. ۆي ىچىنى رەتلەشكە سېلىڭلار. ەمگەكنى سۆيىدىغان بولسۇن. نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بېرىپ، ىسراپخور، ياسانچۇق تەربىيەلەپ قويماڭلار. ۇ يەر -بۇ يەرلەردە قۇنۇپ قېلىشقا رۇخسەت قىلماڭلار، دۇپپاڭلااغا جىگدە سېلىپ، يالغانچى بولۇپ قالمىسۇن. ىىسلام دىنى قىزلارنى ھايالىق تەربىيەلەشتە ەڭ تۇغرا. قىزلار يۈزى تۆۋەن چوڭ بولسۇن.
، مەن ەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەلەپ قىلىدىغىنىم شۇ. قىزلىرىمىزنى ياتلىق قىلغاندىن كېيىن شۇ ېرى الدىدا ەيىپلىرى از بولسۇن. قىزىمىز كوچىدىكىلەر بىلەن ەمەس، ېرى بىلەن ياخشى ياشىشى كېرەك.
2- قەۋەتتىكى ihlimpaxahanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوغۇل بالىغا ھەممىنى تەييار قىلىپ بەرسىڭىز ،كىيىم كىچەكنى ھەددىن ئارتۇق ياخشى كىيدۈرۈپ باقسىڭىز چوڭ بولسا كىيىم كىچەككە ئامراق ،ئۆزىنىڭ چىرايىدىن پەخىرلىنىدىغان ھورۇن چىدىماس ،جاپادىن قورقىدىغان ،مەن چوڭ ئىش قىلىشقا ماس كىلىتتىم كىچىك ئىنچىكە ئىشلار بىلەن خوشۇم يوق دەيدىغان يىگىتلەردىن بولۇپ چىقىدۇ .
كەچۈرۈڭ، سىزگە قارشى گەپ قىلغۇم يوق ئېدى، لېكىن مۇشۇ مۇناسىبەت بىلەن كۆپچىلىككە ئىككى ئېغىز پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماي بولمىدى.
مېنى ئاتا-ئانام، بولۇپمۇ ئاپام دەل سىز دېگەندەك ھەممىنى تەييار قىلىپ، قىممەت كىيىم-كېچەكلەرنى كەيدۈرۈپ چوڭ قىلغان. لېكىن مەن قۇرامىمغا يېتىپ ئەر بولغاندىن كيىن، 1. سىز دېگەندەك كىيىم كىچەككە ئامراق بولمىدىم، ئەكسىچە ئېسىل كىيىملىرىمنى كەيمەي ئەڭ ئەرزان كىيىملىرىمنى كىيىپ كەمتەر ۋە ئاددى-ساددا يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولدۇم، 2.مېنى قوغلىشىدىغان قىزلار ئەزەلدىن ئۆكسۈپ قالمىسىمۇ لېكىن ئۆزۈمنىڭ چىرايىمدىنمۇ پەخىرلەنمەيمەن، ھەتتا كۈندە بىر قېتىممۇ ئەينەككە قاراپ قويۇشۇم ناتايىن، 3.ھورۇن، چىدىماس ئەمەس بەلكى تىرىشچان بولۇپ، بىر ھەپتىدە تەخمىنەن يۈز سائەت ۋاقتىم خىزمەت ياكى جىددى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتمىسە ئۆز-ئۆزۈمنى ئەيىبلەيمەن،4. جاپادىن قورىقمايمەن، ئەكسىچە ئېغىر چېنىقىش ئارقىلىق جىسمانى ۋە روھى ئىرادەمنى تاۋلاشنى ياخشى كۆرىمەن، 5.مەن چوڭ ئىش قىلىشقا ماس كىلىتتىم كىچىك ئىنچىكە ئىشلار بىلەن خوشۇم يوق دېمەيمەن، دەل ئەكسىچە مەن كىچىك ۋە ئېنچىكە ئىشلار چوڭ ئىشلارغا تەسىر قىلىدۇ دەپ قاراپ، گەرچە خېلى ئىشلارنى قىلالايدىغان ئىقتىدارىم بولسىمۇ لېكىن كۈپكۈندۈزدىمۇ بىرەر كوچا سۈپىرىدىغان ياكى ئەخلەت تېرىيدىغان كىشىگە ياردەملىشىپ بىرگە ئىشلەپ دوسىت بولۇشتىنمۇ قىلچە نومۇس قىلمايمەن. بۇنىڭ سەۋەبى:
1.كىشى قەلبىدىكى ئېتىقاد ئۇنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىدا بىرىنجى ئامىلدۇر. ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز ماددىغا، پۇلغا، مەنپەئەت ۋە ھوقۇققا... يىغىپ ئېيىتقاندا دۇنياپەرەسلىككە چوقىنىدىغان مۇھىتتا پۈچەك دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرۈۋالسا، مەيلى سىز ئۇنى قەلەندەردەك ياشاشقا مەجبۇرلاڭ، ئۇ ھامىنى قەلەندەر ھالىتىدە تۇرۇپمۇ مەئىشەتنى ئۇلۇغلايدىغان ۋە دۇنيالىق نەرسىلەرگە تىز پۈكىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ.
2. بالا ۋاقتىدىن تارتىپ ئاشكارە بولغان مېھىر-مۇھاببەت ۋە ئاكتىپلىق، يەنى تۇغما تەبىئەتمۇ ئېنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇغۇلۇشىدىن مېھىر-مۇھاببىتىدە ۋە خۇي- پەيلىدە پەرىق بولىدۇ. گەرچە كىيىنكى ئامىللار، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە سىز تىلغا ئالغان ماددى ئامىللار كىشى خارەكتىرىنىڭ يېتىلىشىغا تەسىر كۆرسەتسىمۇ، لېكىن بالىلارنىڭ تۇغمىلىقىمۇ ئېنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسلەن تۇغما ئەقلى ئىتقىدارى يۇقرى بالا ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلى خاتا تەربىيىلىنىپ ئالدامچى ياكى خىرويىن چەككۈچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن بولىسمۇ، لېكىن تۇغما ئەقلى ئىقتىدارى يېتەرسىز بالىدا مۆجىزە كۆرۈلمىسىلا پەيلاسوف ياكى ئالىم بولۇشنى كۈتەلمەيسىز. شۇڭا بەزى بالىلارغا مول ماددى شارائىت پاسسىپ تەسىر كۆرسەتسە، ئەكسىچە بەزى باللارنىڭ تەرەققىيات دائېرىسىنى ئۈنۈملۈك ئېچىش ئۈچۈن ئاتا-ئانا شۇنچە تىرىشسىمۇ يەنىلا زۆرۈر ماددى ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ بېرەلمەيدىغان بولىدۇ.
مەن يەنە قىزلارنى مەلىكىدەك تەربىيىلەش دېگەن گەپكىمۇ قوشۇلمايمەن. ئەكسىچە قىزلار ئاددى-ساددا تەربىيە ئېلىش كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئەسلىدىنلا ئوغۇللارغا قارىغاندا شۆھرەتپەرەس بولۇپ، زۆرۆرىيىتى بولمىغان يۇقىرى ماددى ئىستىمال ئۇلارنى نىسبەتەن تېخىمۇ مىشچان ۋە ھەشەمەتخور قىلىپ چوڭ قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. لېكىن مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن، ئۇلارنىڭ ساغلام قىزىقىشى ۋە تىرىشىش ئىرادىسىنى قاندۇرىدىغان ماددى ئامىللارنى كەم قىلىپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئىشلارنى قېلىپقا چۈشۈرۈۋالماي، ئىلمى ۋە كونكىرىت ئۇسۇلدا بالا تەربىيىلەش كېرەك.