ئابىد ئىسمائىلنىڭ « تۆتىنچى قەۋەتتە بۇلۇت » مەرسىيەسى توغرىسىدا
ئابىد ئىسمائىلنىڭ « تۆتىنچى قەۋەتتە بۇلۇت » مەرسىيەسى توغرىسىدا
شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ
ئاپتۇردىن: ئابىد ئىسمايىل سۈرىيىنىڭ لەزىقىيە ۋىلايىتى جەبلە ناھىيىسىگە قاراشلىق نېنە كەنتىدە 1963 - يىل تۇغۇلغان. دەمەشق ئۇنۋېرستېتى ئېنگلىز تىل - ئەدەبىياتى فاكولتېتىدا ئوقۇغان. ھازىر مەزكۇر ئۇنۋېرستېتنىڭ ئامېرىكا شېئىرىيىتى لېكتورى. نيويورك ئۇنۋېرستېتىدا شېئىرىيەت پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئەرەب يېڭى شېئىرىيىتىدە بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە شائىر. ئۇنىڭ شېئىرلىرى چاچما شەكىلدە يېزىلغان بولۇپ، تۇراق ۋە قاپىيىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ھازىرقا قەدەر 5 پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلدۇردى، ئۇلار: « زاۋال تاپقۇچىنىڭ جاھانكەزدىلىكى »، « باشقا بىر سىرلىق ئوردىغا قاراپ »، « بورانغا گەپ قىلمايمەن »، « قۇم پەيتى » ۋە « ئالۋۇننىڭ يالتىرىشى » قاتارلىقلار. ئۇ شائىر بولۇپلا قالماي، ھەم ئەدەبىي تەرجىمان ۋە تەنقىدچى.
ئابىد ئىسمايىلنىڭ « تۆتىنچى قەۋەتتە بولۇت » دېگەن مەرسىيەسى تىل مۇناسىۋەتلىرى، كەيپىيات، پىسىخىك ماكان ۋە زامان، سۆزلەرنىڭ ئاۋاز تۈسى، مەنە بىلەن مەنىسىزلىكنىڭ تىلدىكى توقۇنىشى، تېكىستنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھاسىل قىلغان ئاھاڭدارلىق، تىل بىلەن مۇزىكىنىڭ گارمۇنىيەلىك مۇناسىۋىتى، شېئىرى جۈملىلەرنى ھاسىل قىلغان سۆزلەرنىڭ بىر بىرىگە بولغان خىرىسى ۋە بۇ خىرىستىن كېلىپ چىققان ئۇيۇملۇق، لىرىكىدىن ئېپىكىغا ئۆتۈشتىكى درامماتىك توقۇنۇشلار جەھەتتىن بىزگە يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلماي قالمايدۇ. مەن بىزدىكى مەرسىيەچىلىكنىڭ پەقەت سەۋەب نەتىجىلىك مۇناسىۋەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەنلىكتىن سىرت، تىلدىكى قاتمۇ- قات نامراتچىلىق ۋە ئاۋازسىزلىقنى تۈگىتەلمىگەن تەقدىردىمۇ، مەلۇم جەھەتتىن ئويلىنىشىمىزغا، تەپەككۇر قىلىشىمىزغا مۇھىمى تۇيغۇنى خاتىرلەش بىلەن تىل مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا شۇنچىكى تۇتۇرۇق بولار، دېگەن نىيەتتە مەزكۇر مەرسىيەگە بولغان قاراشلىرىمنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەخسىتىدە دىققىتىڭلارغا سۇندۇم. باشقىلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ يەنىمۇ قانات يېيىشىنى ئۈمىد قىلىپ، مەزكۇر مەرسىيەنى تولۇق تېكىستى بىلەن تاپشۇردۇم. بىزدە يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان تىل ئۇستىلىرىنىڭ، ئۆزىدە گەرچە كونا بولسىمۇ مۇئەييەن تەجرىبە توپلىغان ئۇستازلارنىڭ ۋە چاغداش ئەدىبلەرنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلىرى بولسا، دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن.
تۆتىنچى قەۋەتتە بۇلۇت
ئابىد ئىسمايىل
(ئاداققى سېكونتتىكى ئاممار ئاممارغا)
سېنى ئۈستىدە ماڭسۇن دەپ ئالدىڭغا يايغۇدەك نە ئاسمىنىم بار
ھەم نە دەريايىم ئۇندا روھىڭنى ئەركىن قويىۋەتكۈدەك
ئۇيقۇڭغا يامغۇر تۆككۈدەك نە بۇلۇتۇم ھەم...
ئاسما ئوكۇلنىڭ جىمجىتلىقىدا
ھەم ھاياتىڭنىڭ يېنىدىكى دوخۇرنىڭ كاسكىلىقىدا
ئاقلىققا ئاتالغانسەن
كارىدورنىڭ ئۇيقۇڭنى ياسىمەندىكى ئۇزۇن يەرلىكىگە
كۆتىرىپ ئاپىرىشى
ھەم جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ سۈكۈتىڭدىكى بىر توپ كېپىنەكلەرنى
تۇتىۋېلىشى كېرەكمىدى؟
ئەسلىمىلەرنىڭ قۇرۇپ كەتكەن دەريا
(جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدە ئاستا قۇرۇيدۇ)غا بېرىشى
ھەم مەڭگۈلۈكنىڭ بېشىڭنىڭ ئۈستىگە قوڭغۇراقلىرىنى ئېسىپ قويۇشى كېرەكمىدى؟
ئۇپۇقنىڭ قوللىرىڭغا قونىشى
ھەم قۇياشنىڭ ئاسما ئوكۇلنىڭ ئىچىگە كىرىپ
بىلىكىڭنىڭ چۆرىسىدە داكىدەك ئاقىرىپ كېتىشى كېرەكمىدى؟
ئامبۇلاتورىيىدە بۇلاقنىڭ
ھەم ئىشىكىڭنىڭ تۈۋىدە ھەقىقەتنىڭ ئۈگدەپ قېلىشى
ھەم بىزنىڭ سايەڭنىڭ ئەتراپىدىكى نەرسىلەردەك ئۈگدەپ قېلىشىمىز كېرەكمىدى؟
ئەي، ئاقلىقنىڭ دوستى
بىز بىرلىكتە قارىلىققا ماڭغۇچىلارمىز
يۇلتۇزلارنى ئۆلۈمىگە
بالىلىقنى بىھۇدىلىكىگە
شېئىرلارنى قۇيۇلمىلاردىكى ئۇزۇن ئۇيقۇسىغا ھەيدەپ بارىمىز
گويا ھايات
تاۋكاغا ئېتىلغان ھوشۇققا ئوخشاش
ھەم ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان مەنزىرىگە ئوخشاش
قىسقىدەك
ھايات خۇددى قان تەكشۈرۈش قەغىزىدەك سېرىق ھالدا
دوختۇرنىڭ ئوپېراتسىيە پىچىقىغا قونىدۇ
ھەممىسى (ھاياتنىڭ) مېڭىدىكى ھوشسىزلاندۇرغۇچ ئوكۇلدەك پەرۋاز قىلىدۇ
بۇ ئاقلىق ئاچچىق دەملەنگەن چايغا يۈزلەنگۈسى
بۇ سۆزلەر ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان سۈكۈتكە يۈزلەنگۈسى
پەلەمپەينىڭ قېشىدا چېچىلغان كۈندۈز
ئاغرىق توختىتىش دورىسى بىلەن تېلىفوننىڭ جىرىڭلىشى ئارىسىدا تەنھالىق
بۇزۇلۇپ قالغان سۆزلەش ئاپپاراتى
تۈگەشكە ئاز قالغان ئوكسىگېن ئاپپاراتى
ئۈمىدسىز قالغان ھايات ئاپپاراتى
ئارىمىزدىكى يېرىم قاراش
ھاياتنى ئوتتۇرىسىدىن ئىككىگە بۆلەر:
يېرىمى ــ تۆتىنچى قەۋەتتىكى سەكراتقا چۈشكەن بىھۇدىلىكنىڭ
يەنە بىر يېرىمى ــ بىھۇدىلىكتىن ئىككى مېتىر يىراقتا ياتقان بالىلىقنىڭ
تېزدۇر قۇدۇقىڭنىڭ گىرۋىكىدىن ئەكس سادانىڭ يوقىلىشى
تېزدۇر يوقىلىشنىڭ يوقىلىشى...
تېزدۇر ۋاقىتنىڭ دەپتىرىدىكى تېز دەملىرىڭ
تېزدۇر نۆلگە قاراپ ساراڭلارچە يۈگۈرگەن سائەت
بۇ ــ ئاقلىقنىڭ ساراڭلىقى
سۇ ئاق
جان ئاق
ئېگىلىشكە ئاتالغان ئۈمىد ئاق
ئاقمۇ ئاق
سۈكۈتىڭنىڭ ئەتراپىدىكى كېچىمۇ ئاق
ئاقتۇر كۈتۈش
تەسەللىنىڭ رەڭگىمۇ ئاق
ئاقتۇر دېرىزىنىڭ قانىتىغا قىز قېرىنداشتەك ھالسىز تاشلانغان ئاشۇ چىڭقىچۈش
دوختۇرنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان ئۇپۇقمۇ ئاق ئاق
ئاقلىق ياستۇقىڭدۇر
ئۆتكۈنچى بىر دولقۇن ئۈستىدە
ئەسلىمىلەر بىلەن بىللە لەيلىگەن
تۇز تەرىپىگە قاراپ
دېڭىز بىلەن بىللە شامالدەك سوققان ئەسلىمىلىرىڭ
ھەم توختاپ قالغان لىفتتىكى
ئاقساق ناسىلكىدا
چۈشىۋاتقان ناخشاڭ
ئەبەدىيلىك كارىدوردا يۈرمەكتە
ھەم ئاكا - ئۇكىلار كېچىنى يىغا بىلەن بۆلۈشمەكتە
ئاچا - سىڭىللار ئەكس سادا بىلەن دوستلاشماقتا
ئاغىنىلەر بىر دۈمچەك ئەسۋاپنىڭ ئۈستىدە پىچىرلاشماقتا
ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ كىيىملىرىگە قارىغۇ چىڭقىچۈش ياماشماقتا
ئىشىكىڭنىڭ تۈۋىدە يېتىم سەھەر يىغلىماقتا
ھەمدە ماۋۇ كېچە بىر مىنۇتلۇق ئويغاقلىقىڭنى تۇتىۋالغانچە
كۈندۈزگە يېتىشىۋالماقتا
بۇ يەردە بىر پاكلىق ئىشتىياق بىلەن تاشماقتا
ھەمدە ئۆز پاكلىقىغا يىغلىماقتا
ئېگىزدۇر قەبرەڭ
ئېگىزدۇر مۈرىلەردە كۆتىرىلگەن غايىبلىقىڭ
ئېگىزدۇر يۇلتۇزلىرىڭ
ھەم ئاسمىنىڭ ئېگىزدۇر
قەبرىدىن قاچقان چۈشلىرىڭ ئېگىزدۇر
ھەم قۇياشىڭ ئېگىزدۇر
شامالنىڭ نېگىزىدىن كەلگەنسەن
سۇ ئانىمىزنىڭ ئەللەيلەشلىرىدىن
بىر مەيىن شامالنىڭ تىترەككە ئېگىلىشىدىن
بىر دەريانىڭ بويىدىكى قاراڭغۇلۇقتىن
بىر پالتىنىڭ تۈۋىدىكى دەرەختىن
يىغلاۋاتقان ھېچنېمىدىن
شامالدىن شامالنىڭ قارارگاھىغا
« ئەلمۇۋاسەت دوختۇرخانىسى »نىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدىن
يەتتىنچى ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن بۇلۇتقا
سېنىڭ بىلەن مېنىڭ ئارامدىكى يېرىم قاراشتىن
قاراڭغۇلىشىۋاتقان پەلەمپەيدىن ئالدىراش چۈشىۋاتقان يېرىم زۇلمەتكە
سېنىڭ يۈرەكتە سولىشىۋاتقان كۈندۈزىڭ
سېنىڭ ئاداققى كۈنپېتىشىغا ئالدىراۋاتقان كۈندۈزىڭ
سېنىڭ خۇددى ئون بىر پىلانېتتەك يىغلاۋاتقان كۈندۈزىڭ
سېنىڭ مەكتەپكە بارىدىغان يولدا سۇنۇپ كەتكەن كۈندۈزىڭ
سېنىڭ قۇرۇپ كەتكەن دەرياغا يالغۇز كېتىۋاتقان كۈندۈزىڭ
سېنىڭ كۈندۈزىڭ!
...قاپقارا كۈندۈز... قاپقارا... ئاناڭنىڭ كۆڭلىكىدەك
« تۆتىنچى قەۋەتتە بۇلۇت »نى ئۇقۇش ئېھتىماللىققا تويۇنغان تۈرلۈك قىياسلاردا بولىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. بىز بۇ شېئىردىن دەسلەپكى قەدەمدە كۆنۈپ قالغان شېئىر ئۇقۇش قائىدىمىزگە ماس كەلمەيدىغان مەرسىيەنى ئوقۇغاندەك بولدۇق. بىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز بىلەن ئابىد ئىسمايىلنىڭ كۈزىتىش ئۇسۇلىدا يەنە كېلىپ شېئىر تەپەككۇرىدا زور پەرقلەرنىڭ بارلىقى ئايان بولدى. شېئىرنىڭ لىرىك بايانىدا شۇ بىر سېزىم ئايانكى، بۇ بىر مەرسىيە! ئەمما، بۇ مەرسىيە بىزنىڭ ئۇيغۇرچە تەپەككۇرغا تويۇنغان مەرسىيىلەردىن تامامەن باشقىچە! بۇنداق بولىشىدا سۈرىيەلىكلەرنىڭ مەدەنىەيت قاتلىمى بىلەن بىزنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىمىزدىكى پەرقلەر بولسا كېرەك؟! شائىر بۇ يەردە ماكان نوقتىسىدىن « تۆتىنچى قەۋەت »نى تاللىغان. ئېھتىمال بۇ ماكان جەھەتتىكى تۇقۇش ئەمەستۇر يا شۇنداقتۇر! نېمىلا بولمىسۇن، بۇ بىزنى مۇقىم ئورۇن بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بىزنىڭ ھەيرانلىقىمىز شۇ يەردىكى، شائىردىكى تۇيۇلما!
سېنى ئۈستىدە ماڭسۇن دەپ ئالدىڭغا يايغۇدەك نە ئاسمىنىم بار
ھەم نە دەريايىم ئۇندا روھىڭنى ئەركىن قويىۋەتكۈدەك
ئۇيقۇڭغا يامغۇر تۆككۈدەك نە بۇلۇتۇم ھەم...
مەن ئۆزۈمنىڭ شېئىر ئۇقۇش ئادىتى بۇيىچە ئەڭ ئەۋەل « بار » دېگەن پېئىلغا دىققەت قىلدىم. بۇ پېئىل ئۈچ مىسرانى بىر بىرىگە باغلاپ تۇرۇشتەك ئېنىرگىيىگە ئىگە قىلىنغان. بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىزدىمۇ « سەن كېلىدىغان بولساڭ، يولۇڭغا پايانداز سالاي، دېگىنىمچە قىلساڭ چۇقۇم يۇلتۇزنى تارتۇق قىلىمەن....» دېگەندەك ئادەت سۆزلىرى بار. ئەمما، بۇ شېئىردا شائىر تامامەن باشقىچە ئىپادىلىگەن. بىز مىسال ئالغان بىرىنچى مىسرانى پارچىلىساق« ئاسمان بىلەن يېيىش »، « ئاسماننىڭ ئۈستىدە مېڭىش » تىن ئىبارەت بىشارەتلەر ئاۋازىنى تىڭشايمىز. بۇ ئاۋاز يەنە ئۆز نۆۋىتىدە شېئىرنىڭ تىلدا خاتىرلىنىشتىن ئىبارەت ماددىي دەستىلىكىنى يەنە تىلدىن پايدىلىنىپ روھى ئالەمدە جۇلالىتىدۇ. مانا بۇ بىز دەۋاتقان تۇيغۇنى خاتىرلەش! بىز بۇ مىسرا ھاسىل قىلغان كەيپىياتقا ئىچكىرلىسەك، روھنىڭ روھقا پىچىرلىشىنى تىڭشايمىز. بۇ يەردىكى ئىككى روھ ــ بىرسى شائىر روھى بولسا، يەنە بىرى، شېئىر بېغىشلانغان ئوبيېكىتنىڭ روھى. قارىغاندا شائىر ئۆز روھىدىن چىقىپ كەتكەندەك قىلىدۇ!
« ئۇيقۇڭغا يامغۇر تۆككۈدەك نە بۇلۇتۇم ھەم... » دېگەن مىسرادىكى « ئۇيقۇغا يامغۇر تۆكۈش » دېگەن بىشارەت بىز چۆچۈپ كەتكۈدەك مەنىدىكى غۇۋالىق ئەمەس. مەن بۇ بىشارەتنى بىزنىڭ تۇراقلىق ئىبارىمىزدىكى ئىدىئۇمغا تەققەسلىدىم. تىل مۇھىتىدىن قارىغاندىمۇ، شائىر سەكراتتىكى بىرسىنىڭ ئەۋەلىدىكى سىزىمىغا قايتىشىغا بولغان دوستانە ئۈمىدىنى ئىپادىلىگەندەك... ئومۇمەن شېئىرنىڭ بۇ باشلانمىسىدىن بىز شېئىرنىڭ ھەقىقەتەن ئاممار ئاممارغا بېغىشلانغانلىقىنى ھېس قىلماي قالمايمىز!؟
ئاسما ئوكۇلنىڭ جىمجىتلىقىدا
ھەم ھاياتىڭنىڭ يېنىدىكى دوختۇرنىڭ كاسكىلىقىدا
ئاقلىققا ئاتالغانسەن
بۇ مىسرالاردا بىزنىڭ يۇقارقى پىكىرىمىز تولۇق دەلىلىنى تاپقاندەك قىلىدۇ. « ئاسما ئۇكۇل بىلەن جىمجىتلىق »نىڭ مۇناسىۋىتىدىن بىزگە كېلىش خەۋىپى ئېنىق بولغان ئۆلۈم ئاشكارىلىنىدۇ. بىز « ھاياتىڭنىڭ يېنىدىكى » دېگەن بۇ تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسىدىن بىر تۈرلۈك چىڭقىلىش ھېس قىلىمىز. « دوختۇرنىڭ كاسكىلىقىدا ئاقلىققا ئاتالغانسەن » دېگەن تولۇقلىمىدا بىز پىكىر يۇچۇقى تاپماي قالمايمىز؟ « ئاقلىق » سۆزى بىزنى ئېنىق بولغان پىكىر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ!
كارىدورنىڭ ئۇيقۇڭنى ياسىمەندىكى ئۇزۇن يەرلىكىگە
كۆتىرىپ ئاپىرىشى
ھەم جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ سۈكۈتىڭدىكى بىر توپ كېپىنەكلەرنى
تۇتىۋېلىشى كېرەكمىدى؟
بۇ يەردە تۇيغۇ نىمە دەيدۇ؟بىز شېئىردىن ئەمەس ، شېئىر بىزدىن تۇيغۇغا ئۇقۇلغان ئەقىلنى تەلەپ قىلدىمۇ قانداق؟ بۇ يەردە « كارىدور »دىن ئىبارەت ئېنىقلىغۇچى تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كەتكەن ئىسىمنىڭ پايانىغا سىڭىپ كەتكەن بىز يۇشۇرۇنلۇق بار. بىز بۇ يۇشۇرۇنلۇقنى « ئۇيقۇ » بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ؛ يەنە « ئۇيقۇ » بىلەن « ياسىمەن »، « ياسىمەن » بىلەن « يەرلىك » ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشلاردىن يۇشۇرۇن بىر ئۇچۇر قۇبۇل قىلىمىز. شائىر بۇ يەردە ئۆزىدىكى ئازابنى سىتىلئىستىكىغا مۇراجات قىلىش ئارقىلىق ناھايىتى ئوڭۇشلۇڭ خاتىرلىگەن. پىكىرنى ئاشكارىلىغاندا، مەرسىيە ئوبيېكتى « مەن »نىڭ ئۇيقۇسىنى ياسىمەندىكى ئۇزۇن يەرلىككە كۆتۈرۈپ ماڭغۇچى دەل ئاممار ئاممارنىڭ مېھنىتى ھەم « كارىدور »غا لىق تولغان ئازابلانغۇچىلارنىڭ ئازابى! بۇ يەردىكى سەنئەتلىك ئالامەت شۇكى، « كارىدور » ئۇقۇمى ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ئازابىنى ئىپادىلەش! « كارىدور »نىڭ ئادەملىك سالاھىيەتنى بىزگە يوشۇرۇن ئۇقتۇرۇشى بىز تولا زىكرى قىلغان ئادەملىشىش ئەمەسمۇ؟ تەھلىلنىڭ بۇ باسقۇچىدا ئەيچىڭنىڭ « ئاينى ئاي دېمەيمۇ ئىپادىلىگىلى بولىدۇ » دېگەن قارىشىنى دەلىلگە ئالىمىز.بىز يەنە ئىچكىرلىسەك « ئۇيقۇ » سۆزى ئېۋفىمىزىمدەك قىلىدۇ. ئېۋفىمىزىم بۇ يەردە شائىرنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەتنى سېھىرلىگەن. « سۈكۈتىڭدىكى بىر توپ كېپىنەكلەرنى » دېگەن ئىشارە ئۈستىدە ئارتۇق پىكىر يۈرگۈزمەيمىز. سەۋەبى، « كېپىنەك »تىن ئىبارەت بۇ ئىسىم شېئىرى مۇھىتىدا نەچچە تۈرلۈك قىياسنى مەنە تاشقىنىغا يۇشۇرۇپ، سىمۇۋۇللاشقان. « تىلدىكى ئىلاستىكىلىق » دېگەن ئاتالغۇنى ئۆز مىسالى بىلەن شۇنداق قۇبۇل قىلساق بولىدۇ.
ئۇپۇقنىڭ قوللىرىڭغا قونىشى
ھەم قۇياشنىڭ ئاسما ئوكۇلنىڭ ئىچىگە كىرىپ
بىلىكىڭنىڭ چۆرىسىدە داكىدەك ئاقىرىپ كېتىشى كېرەكمىدى؟
بىز مەزكۇر ئۈچ مىسرادىن ئاممار ئاممار كىم؟ دېگەن سۇئالغا جاۋاب تاپتۇق. مىسرالارنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا تەزكىرە چىڭدالغان. بۇ تەزكىرە ئامار ئاممارنىڭ تەزكىرىسى ! « ئۇپۇق » بىلەن « قول »نىڭ مۇناسىۋىتىدە « قونۇش » دېگەن بولۇشلۇق پېئىل مەۋجۇت. بۇ پېئىلنىڭ بولۇشلۇقى ئۈچۈنچى مىسرادىكى رىتورىك سۇئالدا ئايان بولىدۇ. بىز يەنە پېرىسلىساق، « قۇياش » بىلەن « ئاسما ئۇكۇل »نىڭ ئايلىنىشىنى ھېس قىلىمىز. شائىر بۇ يەردە بىر مۆجىزە ياراتقان. بۇ مۆجىزىدە ئاممار ئاممار تامامەن مەجەزلاشقان! بىز « ئۇپۇق » بىلەن « قۇياش »نى مۇناسىۋەتلەشتۈرسەك، ئاممار ئاممارنىڭ مەنىۋى تەرى بىزنىڭ كۆرۈش ئەينىكىمىزگە ئايلىنىدۇ. بۇ « ئەينەك »تە بىز ئىزدەۋاتقان تەرجىمىھال بار. بۇ تەرجىمىھالنى قېنى كىم قانداق ئۇقۇپ باقىدۇ؟
شېئىر توغرىسىدا تۈرلۈك قاراشلارنىڭ بولىشى نورمال ئەھۋال. بىرلا ھەقىقەت ئايانكى، ھەر بىر شائىرنىڭ شېئىر ماھىيەت ئۈستىدىكى تەۋرەنمەس قارىشى! بىز بۇرۇن بۇ مەسىلە ئۈستىدە « قارىغۇ »لارچە قۇربان بېرىشلەرنى قۇبۇل قىلدۇق. ئەسلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېئىر توپنىڭ ئەمەس، سۇبيېكىتنىڭ تۇيغۇ خاتىرىسى! بۇ بىزدە ئۇزۇن مۇددەتلىك كوللىكتىپ قىممەت قارىشى ۋە دەۋر ئاۋازى بولغانلىق سەۋەبلىك، بىز روھى قاتلامنىڭ باياندا ئەمەس، ئىپادىدىكى تاشقىنى بولغان سەنئەتنى ھەقىقەتەن بۇرمىلانغان ھالەتتە ئىستىمال قىلدۇق. كۈنسىرى ئۆزگىرىۋاتقان قىممەت قارىشىنىڭ كۈچلۈك كەلكۈنىدە غۇۋالىق زەرەتلىگەن يورۇقلۇقنى كۆرۈشكە ئىمكانىيەت ھازىرلىدۇق. سەنئەت تەۋەلىكى توپتىن يەككەلىككە قاراپ يۈزلەنگەن بۇ « سەنئەت رېئاللىقى » بىزدىن يەنىلا سۈزۈك تۇيغۇ تەلەپ قىلماقتا! بىز دىققىتىمىزنى ئاغدۇرىۋاتقان « ئابىد ئىسمايىل شېئىريىتى » قانداقتۇر « سۈرىيە شېئىريىتى » ئەمەس، سۈرىيە شېئىريىتىنىڭ نۇرلۇق بىر شولىسى! بىز بۇ « شولا »دىن سۈرىيەنى ئەمەس، يەنىلا ئابىد ئىسمايىلنى كۆرىمىز!
ئامبۇلاتورىيىدە بۇلاقنىڭ
ھەم ئىشىكىڭنىڭ تۈۋىدە ھەقىقەتنىڭ ئۈگدەپ قېلىشى
ھەم بىزنىڭ سايەڭنىڭ ئەتراپىدىكى نەرسىلەردەك ئۈگدەپ قېلىشىمىز كېرەكمىدى؟
بىز سۇئالغا يۇشۇرۇنغان جاۋابتىن ئابىد ئىسمايىلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق! بۇ ئاۋازدا ھەسرەت بىلەن مۇھەببەت بىر بىرىگە سىڭىپ كەتكەن. بىز ئابىد ئىسمايىلنىڭ تۇيغۇسىغا يانداشقىنىمىزدا، تۇيغۇنى قانداق ئۇقۇش ھەققىدە بىر شېئىريەت دەرسى ئاڭلىدۇق. مېنىڭچە تۇيغۇنى قانداق ئۇقۇش، تۇيغۇنى ئۇقۇغۇچىنىڭ تېشىدىكى ئاۋازنى ئەمەس، ئىچىدىكى ئاۋازنى ئاڭلاش سەنئىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك! بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان « سەنئەت » ئۇقۇمى چۇقۇمكى، سەنئەتكارنىڭ سەنئەت ساپاسى بىلەن مەدەنىيەت جۇغلانمىسىنى زۆرۈر شەرت قىلىدۇ. بىز بۇ قاراشنى ھەقىقەتەن سەنئەتكاردىكى سەنئەتلىك پەزىلەتنىڭ بىر تەرىپى، دەپ قارىغىنىمىزدا، ئۇيغۇر شېئىريىتنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا مۇنتىزىم سەنئەت قارىشى بولمىغان « مول-ھۇسۇل »لۇق نۇرغۇنلىغان « شائىر »لارنىڭ تۇيغۇ ساتقىنلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز! بۇ قارىشىمىزنىڭ دەللى يەنىلا ئابىد ئىسمايىلدا. قاراڭ: « ئامبۇلاتۇريىدە بۇلاقنىڭ » دېگەن مىسرادىكى « ئامبۇلاتۇرىيە » دېگەن ئاتالغۇ بىلەن « بۇلاق » ئۇقۇم نوقتىسىدىن قارىغاندا، مۇناسىۋەتلەشكۈچى ئۇقۇملار ئەمەس. ئەمما، شائىر 2-، 3- مىسرالاردىكى لىرىك ۋەقە ئارقىلىق بۇ ئىككى ئۇقۇمنى « ھايات »تىن ئىبارەت بىر تۇتاشتۇرغۇچىدا ئاجرالماس بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان! بۇ « بۇلاق » ئەسلىدە شۇقەدەر پونتانلىق بولسىمۇ، ئامبۇلاتۇريىدە « ئۈگدەش »كە يۈزلەنگەن. بىز كۆپ ھاللاردا باغلانما تەسەۋۇرنى ئۆزىمىزدىن يەنە كېلىپ، بارلىق پائالىيىتىمىزنىڭ كۆرنۈش مەنبەسى بولغان تۇيغۇمىزدىن يىراق ھالەتتە مۇلاھىزە قىلدۇق! ئەمەلىيەتتە سۈرەت ھېسابلانغان كۈللى شەيئى ئەسلى مەنبەسىنى ئوربىتا قىلغان ھالەتتە بىرى يەنە بىرىنىڭ تېرىكى! مەسىلى بۇ « تېرەك »نى قانداق ھېس قىلىشتا!...بىز بىشارەت ئىزدەش سەپىرىمىزنى ھېس قىلساق، ئابىد ئىسمايىل بىشارەت تاللاش سەپىرىنى ئاشكارىلىدى! « ئىزدەش » بىلەن « تاللاش »نىڭ مۇناسىۋىتىدىن بىزنڭ شېئىريىتمىز بىلەن « ئابىد ئىسمايىل شېئىريىتى »نىڭ پەرقىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز!...« ئىشىكنىڭ تۈۋىدە ئۈگدىگەن ھەقىقەت » بىلەن « نەرسە » دېگەن بۇ تىل بالاغىتى شېئىردىكى كەيپىياتتا ئېرىپ سۇغا ئايلانغان. بۇ تىل ئۆزىكىدە شائىر « ئۇ »نىڭ ئاخىرقى دەقىقىدىكى ھاياتىنىڭ داۋاملىشىشىغا بولغان تەلپۈنىشىنى قۇرۇق ھاياجاندا ئەمەس، يۈكسەكلىككە كۆتىرىلگەن ئىماگدا ئىپادە قىلغان!
ئەي، ئاقلىقنىڭ دوستى
بىز بىرلىكتە قارىلىققا ماڭغۇچىلارمىز
يۇلتۇزلارنى ئۆلۈمىگە
بالىلىقنى بىھۇدىلىكىگە
شېئىرلارنى قۇيۇلمىلاردىكى ئۇزۇن ئۇيقۇسىغا ھەيدەپ بارىمىز
بىز ئېسىمىزگە چېچەكلىگەن ئىماگلاردىن ھېچنېمىگە ئېرىشكەنلىكىمىز ھەققىدە ئارتۇقچە ۋايىم يېيىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەسىلە ئىزدەش، مەسىلىدىن ھالقىشنىڭ بىھۇدىلىكىگە ياندىشىش يەنىلا بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئاۋارىچىلىق. يەنە كېلىپ تەپەككۇرنىڭ ئۈنۈملۈك بوشلۇقىدىكى تۇنۇش دېيىلمىدىن كۆرە، تەپەككۇرنىڭ ئۈنۈمسىز بوشلۇقىدىكى تۇيۇلمىغان دېيىلمىگە مۇسادىر بولىشىمىزنىڭ ئۆزى « ئاقلىقتىن قارىلىققا يۈرۈش قىلىش »ىمىزنىڭ ھازىرلانغان ئىمكانىيىتى! بىز بۇ ئىمكانىيەتنى ھازىرلىغاندىلا پىسخىك ماكاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ماكانسىزلىقتىن ئىبارەت ئولتىرىقىمىزغا ئېرىشىمىز. بىز بۇ « ئېرىشىلمە »گە ئېرىشكىنىمىزدىلا، « ئۆلۈمىگە مېڭىۋاتقان يۇلتۇزلارنى، بىھۇدىلىكىدە ياشناۋاتقان بالىلىقنى، ئۇيقۇنىڭ جەۋھىرىدىكى شېئىرلار »نى ئۇچرىتىمىز. بۇ لەھزىدىكى بىزنىڭ ئوقۇرمەنلىك كىملىكىمىز شېئىرنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان شائىرلىق كىملىكىمىزدۇر! بىزدە شېئىرى لېنىيەگە بولغان « ساداقەت »تە مەسىلىنىڭ بارلىقىنى تېخىچە ئېتىراپ قىلمىغان بولمىساقمۇ، شۇنداق لېنىيەلىك شېئىرنى ئوقۇشتا نېمىگە ئاساسلانغانلىقىمىز ھېلى ھەم غۇۋا...بىز سىتاتىغا ئالغان يۇقۇرىدىكى مىسرالاردا لېنىيە ياراتقۇچى ئەمەس، مەۋجۇت( تۇيغۇسىدىكى) لېنىيەنى خاتىرلىگۈچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان.شېئىرى قۇرۇلمىدىكى سۆزلەر ئۆز مەنىسىنى ئۆزىدىن ئەمەس، قارشىسىدكى سۆزلەردىن تولۇقلىغان. بۇ يەردە شائىر مەقسەتنى يوققا چىقارغان. سېزىم جەھەتتىن ۋاستە مەۋجۇت ئەمەس! شائىر تىل قاتلىمىغا غالىپلاردەك بۆسۈپ كىرىش بىلەن بىرگە قايتىپ چىقارىدا سالماقلىقنى ئۆز سۈپىتى قىلغان. دېمەك ، ئابىد ئىسمايىل روھى ھالەت جەھەتتە بىز زېكرى قىلىپ كۆنۈككەن « شېئىر ھىسسىياتنىڭ مەھسۇلى » دېگەن كونىچە تەپەككۇرنىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلىغان! قاراڭ :
ئەي، ئاقلىقنىڭ دوستى
بىز بىرلىكتە قارىلىققا ماڭغۇچىلارمىز
بۇيەردە بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى « ئاق » بىلەن ""« قارا »دىن ئىبارەت قارمۇقارشىلىققا ئېگە قىلىنغان رەڭ ئۇقۇمى تارتىدۇ. ئېيتىمىزكى، قارمۇ قارشى رەڭ ئۇقۇمى ئەسلىي مەنىدە شېئىر ئۈچۈن ھىچقانداق سېزىم ھاسىل قىلالمىغان. بىز بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئۇدۇل مەنىسىنى ئەمەس، دەل شۇ سۆزگە يۇشۇرۇنغان كۆچمە مەنىنى يەنى تىلنىڭ ئۆزىدىن يىراقلاپ كەتكەن ، شېئىرى مۇھىتتا ھاسىل قىلغان سىمۇۋۇللۇق مەنىدە ئاممار ئاممارنى ئۇچرىتىمىز. بىز يەنە تىل توغرىسىدا تۈرلۈك قىياسلارنى قىلغىنىمىزدا، ئاممار ئاممار تەنھا ئەمەس. ئۇ ئۆلۈمىگە ئېرىشىش ئالدىدىكى بىر ئۆلۈم. ئابىد ئىسمايىل ۋەكىللىگىدىكى ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن ئۇنىڭ ئەسلىمىسىگە چۆكۈپ كەتكەنلەر ئۆلۈمنى ئىزدەشنىڭ زۆرۈريىتىدە تەشۋىشكە تامغان ھايات ئۆلۈملەر! شېئىرخۇمارلارغا ئايانكى، « ئەي، ئاقلىقنىڭ دوستى » دېگەن بۇ مىسرادا ئاممار ئاممارنىڭ ھاياتى شائىر ئوتۇپىيىسىدە يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىنغان! چۈنكى، ئۇ « ئاقلىقىنى ئامان- ئېسەن قىيامىتىگە تەل » قىلىۋالغان. بىز بۇ تەلقىندە، شائىردىكى ئىنسانىي سەمىمىيەت بىلەن بۇ سەمىيەتنىڭ ساھىبى بولغان ئاممار ئاممارنىڭ كىملىكىنى تۇيغۇمىزدا تولۇق كۆرۈشكە ئىمكانىيەتلىكمىز! بىز پىكىرنى يەنە بىر قاتلام چۇڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن « بىز بىرلىكتە قارىلىققا ماڭغۇچىلارمىز » دېگەن مىسرادىكى « قارىلىققا » دېگەن سۆزنىڭ قاتلىمىغا تەۋەككۈل قىلىمىز! « قارىلىققا » يوشۇرۇنغان « يول » سۆزى بارچىگە ئايان! مەنە شۇ يەرگە يوشۇرۇنغانكى، « قارا » ئاتالمىسى « بۈيۈك » دېگەن مەنىنى ئۆزىگە تەۋەلەپ، ئۆلۈمنىڭ مۇقەددەسلىكى يورۇتۇلغان! مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاقلىق بىلەن قارىلىقنىڭ كۆرىشىدە ھامان قارىلىقنىڭ غالىبلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. بىز بۇ يولنى « بۈيۈك يول » بولىشى پەرىزىمىزگە يېقىن ، دەپ قارىساق، بۇ مىسرا مەنە جەھەتتىن كېڭىيىشچانلىققا ئىگە ئىلاستىكىلىقنى ھاسىل قىلغان. بۇ مىسرا پايانىدا بىرلىك مەۋجۇت ئەمەس. تامامەن بىر توپنىڭ يۈكسەكلىككە بولغان سەپىرى بار. بۇ يەردە شائىر « بۇ سەپەر »گە ئاممار ئاممارنىمۇ قوشىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ سەپىرى قەيەرگە؟ ئۇلار ئاقلىقتىن ھالقىغان قارىلىق ئىچىدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن مەنە ئاتا قىلماقچى بولغان بىر توپ مەنە ئىزدىگۈچىلەر!
يۇلتۇزلارنى ئۆلۈمىگە
بالىلىقنى بىھۇدىلىكىگە
شېئىرلارنى قۇيۇلمىلاردىكى ئۇزۇن ئۇيقۇسىغا ھەيدەپ بارىمىز
قارىماققا رېئاللىق بىلەن خام خىيال بىر گەۋدىگە ئايلانغاندەك قىلىدۇ. بۇ مىسرالاردىكى رومانتىك سېزىم بىزنى ئىنسان تەپەككۇرىدىن ھالقىغان مەۋجۇتلۇق بىلەن چەكلىك دائىرىدىكى (يارىلىش بىلەن يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتىدە) ئىنسان تۈركىمىنىڭ ئوتوپىيىسىنى بىشارەتلەيدۇ. بۇ يەردىكى مىتافىزىكا شائىرنىڭ مەنە يوشۇرغان زىمىنى! « ھەيدەپ بارىمىز » دېگەن قوشما پېئىل « يۇلتۇز بىلەن ئۇنىڭ ئۆلۈمى » ، « بالىلىق بىلەن ئۇنىڭ بىھۇدىلىكى » ، « شېئىر بىلەن ئۇنىڭ قۇيۇلمىلاردىكى ئۇزۇن ئۇيقۇسى » توغرىسىدا باغلانما تەسەۋۇر ئېلىپ بېرىشىمىزنى ئۇقتۇرىدۇ! ئوخشىمىغان مەنە قاتلىمىغا ئىگە قىلىنغان ئۈچ مىسرادىكى مىتافىزىكىلىق ئوتوپىيە ھەرىكەتنىڭ ئورۇنلىنىش نوقتىسىدىن قارىغاندا مەجھۇل ئەمەس، بەلكى، ئاممار ئاممار تەرىپىدىن ئورۇنلانغان ئۆزلۈك! ئاممار ئامماردىكى « يۇمۇلغان كۆز » پەقەت ئاممار ئامماردىكى يۇمۇش ئەمەس، ئۇنىڭغا تەۋە بولغان پۈتكۈل كائىناتنىڭ يۇمۇلىشى...! ئۇنىڭ كائىناتىدا ھەممە ھەممىگە يۇمۇلغان، بۇ يۇمۇلۇش ئىچىدە ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يۇلتۇزى بار! بالىلىقتا ئۆتكەن بىھۇدىلىكمۇ كۆزىنى يۇمغان ۋاقىتنىڭ سىرتىدا ئەمەس! بۇ يەردە بىز بىر مىسىلىنى داۋاملىق تەپەككۇر قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئۇقتۇرىمىز، ئۇ بولسىمۇ ، ئىنسان ئىجادىيىتى بولغان « قۇيۇلما » بىلەن ئىلاھى مەۋجۇتلۇق بولغان شېئىرنىڭ « ئۇزۇن ئۇيقۇدىكى » بىر بىرىنى شەرتلىشىشى... بىز شېئىرنىڭ بىر تۈرلۈك تۇيۇش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ (شېئىرنىڭ) تۇيۇلمىدىكى ئورنىغا قاراپ، تەدرىجى يوقىلىۋاتقان پەرقنى ھېس قىلىمىز. ئىنساننىڭ شېئىرغا بولغان ئاشىنالىقى ئەسلىي مەنبەدىن قارىغاندا، شېئىرى رېتىم ئارقىلىق تەڭرى ئىزدەش سەپىرى! شېئىرنى قۇيۇلمىغا ھەيدەپ بېرىش ماھىيەتتىن ئىنساننىڭ تۇيغۇ خاتىرلىشىدىن ئىبارەت بۈيۈك يارىتىشى!
گويا ھايات
تاۋكاغا ئېتىلغان ھوشۇققا ئوخشاش
ھەم ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان مەنزىرىگە ئوخشاش
قىسقىدەك
« قىسقىدەك » دېگەن بىر سكزلۈك شېئىرى جۈملىگە باغلانغان يۇقارقى ئۈچ شېئىرى جۈملىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىچكىرلەپ دىققەت قىلغىنىمىزدا، تىل سېھىرگەرى ئابىد ئىسمايىل شېئىرغا پەلسەپەنى ئارتىپ قويغاندەك قىلىدۇ. مېنىڭچە بولغاندا بۇ خىل « ئارتىپ » قويۇش شۇ ۋاقىتتىكى مۇسىبەت ئاتا قىلغان سۈكۈتتىكى كەيپىيات تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولىشى مۇمكىن؟ بىز ئالدىنقى ئىككى مىسرانىڭ شېئىردىكى ئورنىنى بېكىتكىنىمىزدە، ئارتۇقچە، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغاندا، ئۈچۈنچى مىسرا بىلەن تۆتىنچى مىسرانىڭ رېتىمىدىنلا ئەمەس، مەنە جەھەتتىنمۇ ئاچ قالىدۇ. ھاياتنىڭ تاۋكاغا تاشلانغان ھۇشۇققا ئوخشىتىلىشىدا بىر يوشۇرۇنلۇق بار، ئۇ بولسىمۇ ھۇشۇقنى تاشلىغۇچى! بۇ يەردىكى ھۇشۇقنى تاشلىغۇچى كىم؟ ئۇتۇرغۇچى بىلەن ئۇتىۋالغۇچى كىم؟ دېگەن بۇ سۇئاللار بىزنى بىز ئارتۇقچە دەپ قارىغان مىسرالارغا قايتا قارىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىز پىكىرنى كونكېرىتلاشتۇرساق، ھايات توغرىسىدىكى قارىشىنى بىر شائىر سۈپىتىدە ئىپادە قىلغاندىن كۆرە، بىر پەيلاسۇپ سالاھىيىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلىكى تۇنۇپ يېتىلگەن. شۇنى تەكىتلەيمىزكى، پەلسىپىۋى پىكىر شېئىرى مەنىنىڭ بىر يۈزى!
ھەم ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان مەنزىرىگە ئوخشاش
قىسقىدەك
بۇ ئىككى مىسرادا شائىر قانداقتۇر ئادەم بىلەن تەبىئەت ياكى ئادەم بىلەن شەيئى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئەمەس، شەيئى بىلەن شەيئى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تايىنىپ ھاياتتىن ئىبارەت ئابىستىراكىت ئۇقۇمنى كونكېرىتلاشتۇرغان. بىزنىڭ كۆرۈش ئەينىكىمىزدە، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان مەنزىرەنىڭ ئىچىدىكى ئاممار ئاممار زاھىر بولىدۇ. شېئىردىكى بۇ ئىككى مىسرادا شائىر شېئىردىن چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن. بۇ ئىككى مىسرادىكى « كېتىۋاتقان » دېگەن پېئىل ئىككى ئورۇندا بىزگە ئۇقتۇرغان ھەرىكەتتىكى ئاۋازى تامامەن ئوخشاش ئەمەس! دېمەك بۇيەردە مۇزىكا بار، مۇزىكىنىڭ بىزگە قالدۇرغان مەڭگۈلۈك ھەرىكەتتىكى كەيپىيات بار! شائىر بۇ يەردە بۇ « ھەرىكەت »نى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن سىغداپ كىرگۈزگەن. سەۋەبى، ئاممار ئاممار ھەرىكەتسىز...! دېمەك، ھەرىكەت ئىچىدىكى ھەرىكەتسىزلىك شائىردىكى سەمىمىيەت ھەم مۇھەببەت!
بۇ ئاقلىق ئاچچىق دەملەنگەن چايغا يۈزلەنگۈسى
بۇ سۆزلەر ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان سۈكۈتكە يۈزلەنگۈسى
بىز تىرىلىشتىن ئىلگىركى تىرىلىشنى شېئىردىن ئۇقۇدۇق. ھەرىكەتكە يۈزلەنگەن ئىككى ئىسىم ــ « بۇ ئاقلىق » بىلەن « بۇ سۆزلەر » كۆرسىتىش ئالماش بولغان « بۇ »دا ، بىزنى تۇيغۇ راۋاجىدا يەنى شائىرنىڭ قەلبىدىكى لەرزىسىدە خاتىرلەش تەلەپ قىلغان سيۇژىتنى بىزگە سۆزلەيدۇ. بىز « يۈزلەنگۈسى » دېگەن ئىمكانىيەت پېئىلى بىلەن« بۇ »دىن ئىبارەت كۆرسىتىش ئالماشنىڭ ئېھتىياجى بولمىش تولۇقلاش بىلەن تولۇقلىنىشنىڭ مۇنەسىۋىتىدە ئەبەدىي كىسىشمەيدىغان ئىككى پاراللىل لىنىيەنى ئۇچرىتىمىز. بىز « ئاقلىق » بىلەن « سۆزلەر »نىڭ « يۈزلىنىش » لېنىيەسىنى بايقىغىنىمىزدا، « ئاقلىق » سۆزىنىڭ سىمۇۋۇللۇق قاتلىمىنى تەكشۈرۈشكە تۇتىنىمىز. ئاچچىق چايغا يۈزلەنمەكچى بولغان ئاقلىق قانداق ئاقلىق؟ شۈبھىسىزكى، بۇ ئاممار ئاممارنىڭ ئاچچىق رېئالىققا تولغان ھايات كارتىنىسى ــ سۈزۈك روھى بولسا ؛ يەنە بىر مەنىدىن تۆتىنچى قەۋەتتە ئاچچىققا تولغان رېئاللىقتىن ھالقىغان قىيماسلىق روھى ئەمەس دېيەلمەيمىز ! قارىغاندا، شائىر ئىدىيە سەپىرى قىلمىغان. پەقەت بىر لەھزىلىك ھاياتنىڭ كەلمىشىدىن كەتمىشىگە بولغان رېئاللىقنىڭ ئىككى يۈزىنى بىر بىرىگە كىرىشتۈرگەن. ئىككىنچى مىسرادىكى « سۆزلەر » بىلەن « سۈكۈت »نىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بىزنى ئوخشاشلا ئوخشىمىغان قىياسقا ئېلىپ بارىدۇ. سۆز بىلەن سۈكۈتنىڭ مۇناسىۋىتىدە شائىر كەسكىن پوزىتسىيە تۇتمىغان. دەل شائىردىكى بۇ « پوزىتسىيە » شېئىرغا ئېھتىماللىق تەقدىم قىلغان. بىز شائىردىكى « پوزىتسىيە » مەسىلىسىدىن شېئىر بىلەن خاتىرلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆتمۈشىمىزگە ئوخشىمىغان يېڭىچە تەپەككۇردا قۇبۇل قىلىمىز. بۇ نوقتىنى ئاللىبۇرۇن تۇيۇپ يەتكەن ئابىد ئىسمائىل « پوزىتسىيە »دىن خالىي بولالىغان.
پەلەمپەينىڭ قېشىدا چېچىلغان كۈندۈز
ئاغرىق توختىتىش دورىسى بىلەن تېلىفوننىڭ جىرىڭلىشى ئارىسىدا تەنھالىق
بۇزۇلۇپ قالغان سۆزلەش ئاپپاراتى
تۈگەشكە ئاز قالغان ئوكسىگېن ئاپپاراتى
ئۈمىدسىز قالغان ھايات ئاپپاراتى
« پەلەمپەينىڭ قېشىدا چېچىلغان كۈندۈز » مەرسىيەدە كۈيلىنىۋاتقان ئاممار ئامارنىڭ ئۆتكۈنچى لەھزىسى، ئۇنىڭ ئەبەدلىكتىن ھالقىغان ئەبەدسىز لەھزىسىچۇ؟ دەل ئۇنىڭ « تەنھالىقى »! شائىر ماكان نوقتىسىدىن « پەلەمپەي »نىڭ ئۆزىنى ئەمەس، ئەتراپىنى تاللىغان. شائىردىكى بۇ تاللاش قانداقتۇر شېئىر ئۈچۈن ياكى ئاممار ئاممارنىڭ ئاخىرلاشقان كۈندۈزى ئۈچۈن بولماستىن، شېئىرى ئىمكانىيەت ئۈچۈن. نىمىشقا شۇنداق دەيمىز؟ بىزنىڭ بۇنداق دىيەلىشىمىزگە ئىككىنچى مىسرادىكى « تەنھالىق » سۆزى پىكىر يوچۇقى تەمىن ئېتىدۇ. « ئاغرىق توقتىتىش دورىسى بىلەن تېلىفۇننىڭ جىرىڭلىشى ئارىسىدا » پەقەت « تەنھالىق »لا بار. بۇ تەنھالىق ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن تەنھالىق بىلەن تەنھالىققا يۈزلەنگەن ئۆلۈم ! شائىردىكى بۇ مۇرەككەپ تۇيغۇ دەل شائىر تەۋە رېئاللىق بىلەن شائىرنىڭ تۇيغۇسىدىكى رېئاللىقنىڭ كېسىشىشىدىن ئۈنگەن! بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، شائىر رېئاللىققا تاۋە ھەم تەۋە ئەمەس...!شائىرنىڭ قايسىسىغا تەۋە بولىشى بىزدىكى تەپەككۇر بىلەن تۇيغۇدىكى پەرقنى« دەسمايە » قىلىدۇ! كېيىنكى ئۈچ مىسرا ئالدىنقى ئىككى مىسرانىڭ تولۇقلىمىسىدۇر!...
ئارىمىزدىكى يېرىم قاراش
ھاياتنى ئوتتۇرىسىدىن ئىككىگە بۆلەر:
يېرىمى ــ تۆتىنچى قەۋەتتىكى سەكراتقا چۈشكەن بىھۇدىلىكنىڭ
يەنە بىر يېرىمى ــ بىھۇدىلىكتىن ئىككى مېتىر يىراقتا ياتقان بالىلىقنىڭ
ھايات بىلەن ئۆلۈم تۆتىنچى قەۋەتتە ئاممار ئاممارنى مەركەز قىلىپ كىسىشكەن. بىز بۇ ھۆكۈمنى قانداق كەلتۈرۈپ چىقاردۇق؟ ئۈچۈنچى جۈملىدىكى « بىھۇدىلىك »تىن ئىبارەت ياسالما ئىسىم ئىگىلىك كېلىشتە تۈرلىنىپ، بۇ ھەرىكەت ( ھايات بىلەن ئۆلۈم )نىڭ ئاممار ئامماردا باشلىنىپ، يەنە ئاممار ئامماردا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىشارەتلىگەن. بىز تۆتىنچى جۈملىدىكى ياسالما ئىسىم « بىھۇدىلىك »نىڭ چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەنلىكىگە قاراپمۇ يۇقارقى قاراشنى مەلۇم دەرىجىدە مۇقىملاشتۇرىمىز. بىزگە نىسپەتەن ھېس قىلىنىدىغان، ئەمما، چىش يىرىپ بىر نېمە دېيىش قىيىن بولغان مەسىلە شۇنىڭدىن ئېبارەتكى، سەكراتقا چۈشكەن بىھۇدىلىك بىلەن بالىلىقتىن ئىككى مېتىر يىراقلىقتا ياتقان بىھۇدىلىكنىڭ بىر پۈتۈن قاراش ھاسىل قىلىشى! شېئىرى تېكىستكە ئىنچىكىلەيدىغان بولساق، تەپەككۇرىمىز شۇنچىكى يورۇق نوقتىغا ئېرىشىدۇ. بىز ئۈچۈنچى جۈملىگە قارىتا، تۆتىنچى قەۋەتتە سەكراتقا چۈشكەن بىھۇدىلىك كىم دېگەن سۇئالغا، ئاممار ئاممار دەپ جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە، تۆتىنچى جۈملىگە قارىتا، بالىلىقتىن ئىككى مېتىر يىراقلىقتىكى بىھۇدىلىكچۇ دېگەن سۇئالغا ئېرىشىمىز. بۇ سۇئالغا بېرىدىغان جاۋابىمىز يەنىلا ئاممار ئاممار بولىدۇ. ئەمما، « بىھۇدىلىك » دېگەن بۇ ياسالما ئىسىم ئىككى جۈملىدە ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپىدە كەلگەن.ئۈچۈنچى جۈملىدە ئېنىقلىغۇچىلىق ۋەزىپىنى ئۆتىگەن بولسا، تۆتىنچى جۈملىدە ھالەتلىك ۋەزىپىنى ئۆتىگەن. بىز بۇ ئىككى جۈملىنىڭ چۇڭقۇرىدا يالتىرىغان ئىككى كۆرنۈش يەنى سەكراتتىكى ئاممار بىلەن بالىلىقتىكى ئاممار ئاممارنى كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۇ ( ئاممار ئاممار )نىڭ ئاخىرلىشىۋاتقان دۇنياسىغا قارىتا قىيالماسلىقتىن ئىبارەت روھى ئېقىننى ئۇچرىتىمىز. بىرىنچى جۈملىدىكى « ئارىمىزدىكى » دېگەن ياسالما ئىسىم بىزنىڭ يۇقارقى پىكىرىمىزنى قۇۋەتلەيدۇ.
بۇ ــ ئاقلىقنىڭ ساراڭلىقى
سۇ ئاق
جان ئاق
ئېگىلىشكە ئاتالغان ئۈمىد ئاق
ئاقمۇ ئاق
سۈكۈتىڭنىڭ ئەتراپىدىكى كېچىمۇ ئاق
ئاقتۇر كۈتۈش
تەسەللىنىڭ رەڭگىمۇ ئاق
ئاقتۇر دېرىزىنىڭ قانىتىغا قىز قېرىنداشتەك ھالسىز تاشلانغان ئاشۇ چىڭقىچۈش
دوختۇرنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان ئۇپۇقمۇ ئاق ئاق
شېئىرنىڭ بۇ بۆلىكىدە « ئاق »نىڭ 12يۈزى بار. شائىر تۇيغۇ خاتىرىسىگە ماسلاشقان ھالدا، كۆرۈش سەزگۈسىدىكى كۆرۈلمىلەرنى بىر كۆرگۈچى سۈپىتىدە ئەمەس، بىر بايان قىلغۇچى سالاھىيەتتە ھەر بىر « يۈز »نى بىر قاتلامغا ئىگە قىلغان. شائىر تۇيغۇسىدىن شۇ بىر رېئاللىق ئايانكى، ھەممە « ئاق »! « بۇــ ئاقلىقنىڭ ساراڭلىقى » دەيدۇ شائىر ئۆلۈم بىلەن ھايات توقۇنۇشى ئەۋجىگە چىققان تۆتىنچى قەۋەتتە. بىزگە نىسپەتەن تىل مۇناسىۋىتىنىڭ قۇدرىتى شۇ يەردىكى، شائىر « ئاقلىق » بىلەن « ساراڭلىق »تىن ئىبارەت مەنە ۋە ئىنتۇناتسىيە جەھەتتىن قەتئى بىر بىرىگە يېقىن كەلمەيدىغان ئىككى سۆزنى جىبسىلاشتۇرۇپ، سۈكۈتتىن ئىبارەت ئومۇمىي كەيپىياتنى ئۆزگىچە بايان قىلىش ياكى خاتىرلەش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشكەن. تىلنىڭ سىغدىلىش بىلەن ئەركىنلىكنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سېغىنىشىنى بىر ئوتوپىيەگە ئايلاندۇرغان. بىز يەنىمۇ پېرىسلىساق، كونتېكىستتە « بۇ »دىن ئىبارەت كۆرسىتىش ئالماشنىڭ قارشى تەرىپىنى « ئاقلىقتىكى ئۆلۈم »نىڭ شائىر تۇيغۇسىدىكى بىر « ئېزىقىش » ئىكەنلىكى دەپ قىياس قىلىمىز. شائىر نىمە ئۈچۈن شۇنداق ئىپادىلەيدۇ؟ ئۆلۈم چىن مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەي باغلىغان ھەقىقەت! ئەپسۇسلىنارلىق رېئاللىق شۇكى، بۇ« مەي باغلىغان ھەقىقەت » ئازغان. شائىر بۇيەردە « پوزىتسىيە »دىن يىراق. بۇ دەل شائىردىكى شائىرلىق كامالەت! قاراڭ، ئاقلىققا تولغان تۆتىنچى قەۋەتتىكى ئاپئاق كۆرنۈشتە ئۆلۈم ئىسسىق ھارارىتى بىلەن مەرسىيە ئوبيېكتى ــ ئاممار ئاممارنى ئىلكىگە ئېلىپ بولغان. ئۆزگەرتىشكە مۇمكىن بولمايدىغان بۇ رېئاللىق ھىچ كىمدىن « پوزىتسىيە » تەلەپ قىلمايدۇ. ھەم « پوزىتسىيە »نىڭمۇ ھاجىتى قالمىغان. يەنە كېلىپ « بۇ كۆرنۈش ئەۋجى » ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا. شائىر بىر خاتىرلىگۈچى سۈپىتىدە، شۇ دەقىقىدىكى ئاممار ئاممارغا بولغان دوستلۇق ھېسسىياتىنى پەقەت « ساراڭلىقى » دېگەن سۆز بىلەن ئىپەدىلەشكە قالدۇرۇلغان ئىمكانىيەتتىن پايدىلانغان. دېمىسىمۇ شائىرنىڭ قەلبىدە « ئۆلۈم » بىر قېتىم « ساراڭلىقى »غا ئەگەشكەن!
سۇ ئاق
جان ئاق
ئېگىلىشكە ئاتالغان ئۈمىد ئاق
« سۇ »دىن ئىبارەت رەڭ تاللاش « ھۇقۇقى »غا ئىگە كونكېرىت ئۇقۇم بىلەن « جان »دىن ئىبارەت ئابىستىراكىتنى ئۇقۇمنىڭ « ئاق »تىن ئىبارەت سۈپەتكە ئىگە قىلىنىشى ئاممار ئاممارنىڭ « ئاق »لىقتىكى ھاياتىنى روشەنلەشتۈرىدۇ. شائىر بۇ يەردە شېئىرنى مەنىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرمىغان. يارالمىش ھەققىدىكى ئايىغى چىقماس ئىزاھاتمۇ مەۋجۇت ئەمەس. نېمە ئۈچۈن « سۇ » بىلەن « جان » « ئاق » دەپ سۈپەتلىنىدۇ؟ شائىرنىڭ تەسەۋۇرىدا « ئاپئاق » بىر ھايات بار. ھاياتنىڭ بىر يۈزىدە مۇساپىسىنى تاماملاپ بولغان (فانىيدىكى) ئاممار ئاممار، يەنە بىر يۈزىدە مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئابىد ئىسمايىل بىر بۇلاقتىن بۇلدۇقلاپ چىققان « ئاپئاق سۇ »! ھايات بىلەن ماماتنىڭ تالىشىدىغىنى ئوخشاشلا جان! تالىشىش ئۇبيېكتى بولغان « جان » ئاق دەپ سۈپەتلىنىشىدە، ئۆلۈمنىڭ « قارا »لىقى. ئاق بىلەن قارانىڭ كۆرىشىدە گەرچە، « قارا » تەنتەنە قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، يەنىلا « قارا »دىن بىغۇبارلىقى بىلەن كۆتىرىلگەن « ئاق » ئەسلى مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈيۈكلىكىگە تويۇنغان. شۇنى ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىز كېرەككى، ھەممە « جان » ئاق ئەمەس! جان ئاق بولىشى ئۈچۈن ھايات ئاپئاق نۇرغا تولغان بولىشى كېرەك! « ئېگىلىشكە ئاتالغان ئۈمىد ئاق » بۇ مىسرادىكى « ئاق »تىن ئىبارەت ئىسىم باقىي بوسۇغۇسىدىكى ئاممار ئاممارغا بولغان بىر ئىزگۈ تىلەك! « ئېگىلىش »تىن ئىبارەت ھەرىكەت سۈپىتى بىزنىڭ مەيلى ئاپتۇرلۇق كىملىك بولسۇن ۋە مەيلى ئوقۇرمەنلىك كىملىكىمىز بولسۇن ئاممار ئاممارغا بولغان بارچىنىڭ ھۆرمىتىدۇر!
ئاقتۇر دېرىزىنىڭ قانىتىغا قىز قېرىنداشتەك ھالسىز تاشلانغان ئاشۇ چىڭقىچۈش
دوختۇرنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان ئۇپۇقمۇ ئاق ئاق
شائىرنىڭ ئاقلىققا تولغان تۇيغۇسىدا ھەممە « ئاق »قا ئايلانغان. ئەمما، بىزگە شائىر خاتىرلەپ بەرگەن ئىماگ « دېرىزە قانىتى » ، « چىڭقىچۈش »، « ئاق خالاتلىق ئۇپۇق » تىن ئىبارەت. « ھالسىز »دىن ئىبارەت بۇ سۈپەت مۇسىبەتكە تولغان ئەتراپنىڭ ئۈن-تىنسىزلىك ئىچىدىكى « پەرياد »ىنى ئىشارە قىلغان. مۇھىت بىلەن تۇيغۇ تەڭ نىسبەتلىك مۇناسىۋەت ھاسىل قىلىپ، رېئاللىقنى رېئاللىققا قايتۇرغان. بۇنداق « قايتۇرۇش » شائىردىن يەنە نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدىغاندۇ؟ بىزگە تۇنۇش بولغان ناتۇنۇش مىتافورا « چىڭقىچۈش » بىزنىڭ يۇقۇرىدىكى پىكىرىمىزنىڭ دەلىلى!
تۇز تەرىپىگە قاراپ
دېڭىز بىلەن بىللە شامالدەك سوققان ئەسلىمىلىرىڭ
ھەم توختاپ قالغان لىفتتىكى
ئاقساق ناسىلكىدا
چۈشىۋاتقان ناخشاڭ
لىرىكا بىلەن ئېپىكىنىڭ توختاۋسىز ھالدا بىر بىرىگە سەكرىشى ياكى ئۆتۈشمىلىك ھاسىل قىلىشىدا بىزنى بىر درامماتىك توقۇنۇش كۈتۈپ تۇرىدۇ. دراماتىك توقۇنۇشنىڭ مەركىزىدە ئاممار ئاممار، ئابىد ئىسمايىل ۋە بىز ( ئوقۇرمەن ) بار. درامماتىك توقۇنۇشنىڭ سيۇژىت مەركىزىدە « توختاپ قالغان لېفىت »، « دېڭىز بىلەن بىللە شامالدەك سوققان ئەسلىمە »، « ئاقساق ناسىلكا »، « چۈشىۋاتقان ناخشا » بار. يۆلىنىشى ناھايىتى ئېنىق، تۇز تەرەپكە يۈرۈپ كېتىۋاتقان. بىزنى ھەيران قالدۇرغان شېئىرى رېئاللىق ئەسلىمەنىڭ تەۋەلىكى بىلەن ناخشىنىڭ تەۋەلىكى! ئەسلىمەنى سۈرگۈچىمۇ، ناخشىنى ئورۇنلىغۇچىمۇ ئاممار ئاممار. ئۇرۇن دېڭىز بىلەن توختاپ قالغان لېفىت. بۇ ئورۇنلاردا چۈشىۋاتقان ناخشا بىلەن ئەسلىمە قانداق ئورۇنلىنىۋاتىدۇ، دېگەن لىرىك مۇلاھىزە بىزنى « ۋەقە »گە قاتناشقۇچىلىق كىملىك بىلەن نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېگەن سۇئالغا جاۋاب ئىزدىگۈچى كىملىكىگە ئىگە قوش كىملىكنى بىزگە ئاتا قىلغان. « دېڭىز بىلەن بىللە شامالدەك سوقىۋاتقان ئەسلىمە »نىڭ كىم تەرىپىدىن ئورۇنلىنىۋاتقانلىقىمۇ بىزگە ئايان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شائىرنىڭ تۇيغۇسىدا يۈز بېرىۋاتقان روھىي غەليان. شائىر بۇ روھىي غەلياندا ئاممار ئاممار بىلەن بىر پاراللىل نوقتىدا. شائىرنىڭ تۇيغۇسىنىڭ ئەبەدلىكنىڭ جان سۈيىنى سۈمۈرگەن ئاممار ئاممار ھەم كۈرۈمدىن، ھەم ئۆلۈمدىن ھالقىغان بىر مەۋجۇدىيەت. ئۇ( ئاممار ئاممار )نىڭ چۈشىۋاتقان ناخشىسىدا ھاياتمۇ يوق، ماماتمۇ يوق. ئەمما، ناخشا بار! بۇ ناخشا مەڭگۈ تولمايدىغان، تەدرىجى تولۇشقا يۈزلەنگەن بولۇم ياكى جەۋھەردۇر! بۇ بولۇم ياكى قۇپقۇرۇق جەۋھەرگە ھەممە تولماقنى ئىستەيدۇ.
ئەبەدىيلىك كارىدوردا يۈرمەكتە
ھەم ئاكا - ئۇكىلار كېچىنى يىغا بىلەن بۆلۈشمەكتە
ئاچا - سىڭىللار ئەكس سادا بىلەن دوستلاشماقتا
ئاغىنىلەر بىر دۈمچەك ئەسۋاپنىڭ ئۈستىدە پىچىرلاشماقتا
بۇ يەردە ھەممە سۆزلىيەلەيدىغان، ھەممە ئاڭلىيالايدىغان ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بىر تىلى بار. بۇ تىل دەل سۆز! سۆزنىڭ كۈچلۈك نۇرى ئارقىلىق تۇيغۇمىزدا كۆرىۋاتقىنىمىز كېچىنى يىغىسى ئارقىلىق بۆلىشىۋاتقان ئاكا- ئۇكىلار، ئەكىس سادا بىلەن دوستلىشىۋاتقان ئاچا- سىڭىللار، بىر دۈمچەك ئەسۋابنىڭ ئۈستىدە پىچىرلىشىۋاتقان ئاغىنىلەر. بۇ ئۈچ كەسمە كۆرنۈشلۈك ۋەقە بىزنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان تىل قاراڭغۇلىقىغا ئېلىپ بارىدۇ. « ئەبەدىيلىك كارىدۇردا يۈرمەكتە » دەپ خاتىرە يېزىۋاتقان ئابىد ئىسمايىل بۆلىنىۋاتقان كېچە بىلەن ئاچا- سىڭىللار دوستلىشىۋاتقان سادانى تىڭشايدۇ. تىڭشىغىنىنى تىڭشىتىش ئۈچۈن بىر پۈتكۈچىگە ئايلىنىدۇ. بىزنى تېخىمۇ ئويلاندۇرىدىغىنى بۇ پۈتۈك ھەر كىمنىڭ ئۆزىدىن باشلىنىپ، ئۆزىدە ئاخىرلىشىدۇ. كىم ئۆزىگە قانچىلىك دەرىجىدە سۆزلەيدۇ، بۇ شۇ كىمنىڭ كاسكىلىقىغا ئەمەس، سۆزگە بولغان مۇھەببىتىگە باغلىق! بۇ ئەبەدىيلىك كىم؟ ئاممار ئاممار. نېمىشقا ئەبەدىيلىككە ئىگە بولىدۇ؟ ئۇ ئەسىدىنلا بىر ئەبەدىيلىك. ئەبەدىيلىك ھەم يارىتىلمايدۇ، ھەم يوقالمايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئەبەدىيلىك! ئەمما، بۇ ئەبەدىيلىك كارىدۇردا! كارىدۇر ئەبەدىيلىككە تولغان دېگەندىن كۆرە، ئەبەدىيلىك ئۇشبۇ لەھزىدە كارىدۇرغا تولغان دېگىنىمىز مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ. بۇ « تولۇش » تولمايدىغان تولۇشتۇر!
ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ كىيىملىرىگە قارىغۇ چىڭقىچۈش ياماشماقتا
ئىشىكىڭنىڭ تۈۋىدە يېتىم سەھەر يىغلىماقتا
ھەمدە ماۋۇ كېچە بىر مىنۇتلۇق ئويغاقلىقىڭنى تۇتىۋالغانچە
كۈندۈزگە يېتىشىۋالماقتا
تۇيغۇغا ئولتراقلاشقان قاپقارا ئوردىدا سۆزلەۋاتقان ھېچنېمە ھېچنېمە تىلى ــ تىل مۇناسىۋەتلىرىدە پۈتكۈچىنى، پۈتۈلمىلەرنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەنلەرنى ھېچكىمگە ئايلاندۇرغان. ھېچكىملەشكەن پۈتۈكچى بىلەن ھېچكىملەشكەن ئوقۇرمەننىڭ ئورنى ھېچيەردۇر. بىز يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ئاساستا سۆزلىگۈچى، خاتىرلىگۈچى ( پۈتۈكچى )، ئوقۇرمەننىڭ تۇيغۇغا ئولتىراقلاشقان قاپقارا ئوردىدىكى ۋاقتىنى ھېچقاچان دېگىنىمىزدە، سۆزسىزكى، شېئىرى جۈملىلەرگە يۈكلىنىدىغان بارلىق قىممەتلەردىن قۇرۇقدىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىمىز. بىز مەزكۇر شېئىرى جۈملىلەرگە مەنە يۈكلەشتىن ئىبارەت بۇيرىكراتلىقنى كەسكىن رەت قىلغىنىمىزدا، « قارىغۇ چىڭقىچۈش »نىڭ ھېچقاچانلىقىنى تۇيۇش كىملىكىگە ئېرىشكەن بولىمىز. « ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ » مەنزىلى ئۈستىدە مۇلاھىزىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ شەكسىزكى، ھېچيەرگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى جەزم قىلىمىز. « قارىغۇ چىڭقىچۈش ياماشقان » ۋاقىت ھېچقاچاندۇر! بۇ دەرىجىدىكى ھېچلىشىشلەر « ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ كىيىملىرىگە قارىغۇ چىڭقىچۈش ياماشماقتا » دېگەن شېئىرى جۈملىگە ھېچقانداق پەلسىپىۋى، شېئىرى مەنە يۈكلىمەيدۇ. بىز مەزكۇر شېئىرى جۈملىنى ئەنە شۇنداق قۇرۇقداش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشكىنىمىزدە، سۆزدىن قوپۇرۇلغان ئوردا ــ قۇپقۇرۇق جەۋھەر مۇنداقچە ئېيتقاندا، بولۇمغا يېتىپ بارىمىز. بىز يېتىپ بارغان بولۇمدا ھەممە ھېچنېمەدۇر! ئابىستىراكتسىيىلەشكەن ئورنىمىزدا بارچىمىز(سۆزلىگۈچى، خاتىرلىگۈچى ۋە تىڭشىغۇچى ) جەۋھەرگە تولغۇچىلاردۇرمىز! ئەمما، جەۋھەر تولمايدۇ، بىز قانچە تولساق، شۇنچە قۇرۇقدىلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇ جەۋھەر! « ئىشىكىڭنىڭ تۈۋىدە يېتىم سەھەر يىغلىماقتا » دېگەن شېئىرى جۈملىدە ئورۇنلىنىۋاتقان ھەرىكەت( يىتىم سەھەرنىڭ يىغلىشى ) ئۇبيېكتى جەھەتتىن شامالنىڭ ئۆزى ئارقىلىق ئورۇنلانغاندىن ئىبارەت ئۆزلۈك دەرىجىنى كۆرسەتكەندەك قىلسىمۇ، ھەرىكەت بىلەن ئۆزلۈك، ئۆزگىچىلىكنىڭ تىل قۇرۇلمىسىدىكى مۇناسىۋىتىگە دىققەت قىلغىنىمىزدا، مۇنداق پارچىلىنىشلار كېلىپ چىقىدۇ. ئىشىك يىتىم، سەھەر يىتىم، يىغا يىتىم. بۇ ئۈچ يىتىم مەزكۇر شېئىرى جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ كونتېكست بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىنچىكە كۈزەتكىنىمىزدە، بىزنىڭ تىل ئىستىمالىمىزدىكى « تەنھا » دېگەن سۈپەتكە يېقىنلىشىدۇ. بۇ « تەنھا »لىقنىڭ ئىچى ۋە تېشى ئىشىكنىڭ تەنھالىقى، سەھەرنىڭ تەنھالىقى ۋە يىغىنىڭ تەنھالىقى بلەن تولۇشتا ئاممار ئاممارنىڭ تەنھا سەپىرىنى تۇيغۇمىزغا پىچىرلايدۇ. ئۇنداقتا ئىشىك كىمنىڭ، سەھەر كىمنىڭ، دېگەن سۇئالغا يەنىلا مېتاپىزىكىلىق خاھىش بۇيىچە ئامار ئاممارنىڭ دەيمىز. ئاممار ئاممارغا تەۋە بارچە يىتىم ياكى تەنھالىقىدا ئۆلۈم ئويغىنىشىدىن تىرىلگەن ھاياتلىققا يۈرۈپ كەتكەن. بۇ نوقتىدىن ئاممار ئاممارنىڭ ئىشىكى، ئاممار ئاممارنىڭ سەھىرى ئەبەدسىزلىككە سوزۇلغان تەنھا ھازىداردۇر! يەنە شۇنى ئىزاھلايمىزكى، ئاممارنىڭ ئىشىكى بىلەن ئاممارنىڭ سەھىرى ئاممار ئامماردىن ئىبارەت كىملىككە ئېرىشكەن ئىشىك ھەم سەھەردۇر. ھەرگىز ئۆزگىنىڭ ئىشىكى ھەم سەھىرى ئەمەس! پىكىرنىڭ بۇ يۆلىنىشىدە ئاممار ئاممار، ئابىد ئىسمايىل، ئوقۇرمەنلەر قاتلىمى ئىنسانلىق كىملىكىدىن ھالقىغان ھېچكىملەردۇر! بىز بۇ قارىشىمىزنى « ھەمدە ماۋۇ كېچە بىر مىنۇتلۇق ئويغاقلىقىڭنى تۇتىۋالغانچە كۈندۈزگە يېتىشىۋالماقتا » دېگەن شېئىرى جۈملىدىكى « كېچە » تەرىپىدىن ئورۇنلانغان ھەرىكەتتىن ھېس قىلىمىز. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پاسىلسىزلىقى بىزگە نىسپەتەن ھەممىنىڭ ئوي زۇلمىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشارە قىلىدۇ. ئوي زۇلمىتىدە كۇكۇم-تالقان بولغان دەرىجىلىك پەرق كۈللى شەيئىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. دېمەك، ھەممىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ھەممە، ھەممىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ھەممىدە. ھەممە ھەممىگە نىسپەتەن ھەم ئۆزلۈك، ھەم ئۆزگىچىلىك! مانا بۇ بىز يېتىشكە تېگىشلىك بولغان مېتاپىزىكىلىق ئويدۇر! بىز بۇ ئوينىڭ مۇشۇنداق ھەم يورۇق، ھەم قاراڭغۇ تەرىپىنى تەرەپسىزلىك نوقتىسىدا ھېس قىلمايدىكەنمىز « قارىغۇ چىڭقىچۈش » بىلەن « كۈندۈزگە يېتىشىۋالغان كېچە »نىڭ تىل مۇناسىۋىتى ھاسىل قىلغانلىقىنى تۇيالمايمىز.
ئېگىزدۇر قەبرەڭ
ئېگىزدۇر مۈرىلەردە كۆتىرىلگەن غايىبلىقىڭ
ئېگىزدۇر يۇلتۇزلىرىڭ
ھەم ئاسمىنىڭ ئېگىزدۇر
قەبرىدىن قاچقان چۈشلىرىڭ ئېگىزدۇر
ھەم قۇياشىڭ ئېگىزدۇر
تۇيغۇ زۇلمىتىنىڭ چۇڭقۇرلىقىغا ئۆرلەۋاتقان « قەبرە، غايىبلىق، يۇلتۇزلار، ئاسمان، چۈشلەر، قۇياش » دولقۇن ئۇرىۋاتقان ئىماگ كەلكۈنىدۇر. بىزنى ئازابلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك تاجىدا بىئارام قىلىدىغىنى دەل ئىماگلارنىڭ قارشى تەرىپى. ناۋادا ئىماگلارنىڭ قارشى تەرىپى خىيال بولىدىغان بولسا، ئىماگلار خام خىيالدۇر؛ ناۋادا ئىماگلارنىڭ قارشى تەرىپى ھەقىقەت( گەرچە ئۇ ‹ ھەقىقەت › يوق بولسىمۇ) دەپ ئاتىلىدىغان بولسا، ئىماگلار سەپسەتەدۇر؛ ناۋادا ئىماگلارنىڭ قارشى تەرىپى رېئاللىق دەپ قارىلىدىغان بولسا، ئىماگلار چۈشتۇر؛ ناۋادا ئىماگلارنىڭ قارشى تەرىپى يورۇقلۇق دەپ قارىلىدىغان بولسا، ئىماگلار زۇلمەتتۇر؛ ناۋادا ئىماگلارنىڭ قارشى تەرىپى ئۆرلەش دېيىلىدىغان بولسا، ئىماگلار چۆكۈشتۇر! بىز شەرتلىك جۈملىلەردىكى ئىككى قۇتۇبنى مۇنداق تەۋەلەيمىز.
ئىماگنىڭ قارشى تەرىپى ئىماگلىق تەرەپ
خىيال خام خىيال
ھەقىقەت سەپسەتە
رېئاللىق چۈش
يورۇقلۇق زۇلمەت
ئۆرلەش چۆكۈش
بۇ ئىككى قۇتۇب شۈبھىسىزكى، يېڭى ئاپتۇر بىلەن كونا ئاپتۇرنى، يېڭى ئوقۇرمەن بىلەن كونا ئوقۇرمەننى ئايرىيدىغان پاسىل. ئىماگنىڭ قارشى تەرىپىگە يانداشقانلار ئېنىقكى، ئەسەرگە يۈك ئارتقۇچىلار، ئىماگنىڭ تەۋەلىكىگە يانداشقۇچىلار يەنە بىر قۇتۇبنىڭ ئەكسىچە ئەسەرنى مەنىدىن ئازاد قىلغۇچىلار. ئەسەرگە مەنە يۈكلىگۈچىلەرنىڭ يولى يورۇق، سېزىمسىز، ئىزىغا سەكرىگەن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇرمەنلىك ھوقۇقىنى ئۆز مۇئەسسەسىسىگە ئايلاندۇرىۋالغان مەنىچىلىك يولى. بۇ يولدا مېڭىۋاتقانلارنىڭ تاپشۇرۇلمىلىرى مەلۇم دەرىجىدە تراگىدىيەنىڭ تاشقى پوستىنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، كۈزىتىش دائىرىسىنىڭ تارلىقى تۈپەيلى شەيئىلەرنىڭ تاشقى پوستىدا تۇرۇپ قالغان، ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئەسەرنى مەنىدىن ئازاد قىلغۇچىلارنىڭ يولى بولسا زۇلمەتلىك، تۇيۇشچان، ئۆزىنى ھەر ھامان يېڭىلاپ تۇرىدىغان، ئوقۇرمەنگە ئاپتۇرلۇق سالاھىيەت ئاتا قىلىدىغان ، شەيئىنىڭ تاشقى پوستىدا ئەمەس، جەۋھىرىگە تولغۇچىلاردۇر. ئۇلار ئۆزىنىڭ مېڭىۋاتقان يولىنىڭ ھامان خەتەرلىك، شۈبھىلىك، ئازغۇنلۇق ئۆلۈم ھەم گۈللىرى بىلەن تولغان، بارسا كەلمەس يول ئىكەنلىكىنى تۇيالىغان. شۇڭا ئۇلار شەيئىنى كۆرمەيدۇ، شەيئى ئۇلارنى كۆرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۆزى تېشىغا ئىتىلىپ، ئىچىگە ئېچىلغان. بۇ نوقتىدىن ئۇلار ئىچىنىڭ ئىچىگە يۈرگۈچىلەردۇر. ئۇلارنىڭ سەپىرى ئىچىدە. ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغىنى ئۇلارنىڭ سەپىرىنىڭ يا باشلىنىشى، يا ئاخىرلىشىشى يوق. ئۇلار گەپنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، سۆزگە يېتىپ بارغۇچىلاردۇر! بىز يۇقارقى ئىزاھلار ئاساسىدا مەزكۇر بۆلەككە سىنچىلىغىنىمىزدا، ھەر بىر « ئىگىز »نىڭ قارشى تەرىپىدىكى « پەس »نى كۆرمەي قالمايمىز. بىز تەپەككۇرىمىزنى يەنىمۇ چۇڭقۇرلىغان ئاساستا تەپەككۇرسىزلىققا يۈزلەندۈرگىنىمىزدە « ئېگىزدۇر قەبرەڭ ئېگىزدۇر مۈرىلەردە كۆتىرىلگەن غايىبلىقىڭ قەبرىدىن قاچقان چۈشلىرىڭ ئېگىزدۇر » دېگەن شېئىرى جۈملىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسىغا ياكى مەزكۇر شېئىرى جۈملىلەردىكى جەۋھەر قۇپقۇرۇقلىقىغا قارىتا تولغۇچىلىق كىملىكنى ھازىرلىغان بولىمىز. يەنە كېلىپ مەنە يۈكلەشتىن ئىبارەت ئارتۇق ئەمگەكنى ئازاد قىلغان بولىمىز.
شامالنىڭ نېگىزىدىن كەلگەنسەن
سۇ ئانىمىزنىڭ ئەللەيلەشلىرىدىن
بىر مەيىن شامالنىڭ تىترەككە ئېگىلىشىدىن
بىر دەريانىڭ بويىدىكى قاراڭغۇلۇقتىن
بىر پالتىنىڭ تۈۋىدىكى دەرەختىن
يىغلاۋاتقان ھېچنېمىدىن
شېئىر داۋاملىشىۋاتىدۇ، بىزمۇ داۋاملىشىۋاتىمىز. داۋاملىشىشنىڭ قاپقارا توزانىدا قاتتىق بىر تولغاق بىزنى قايتا بىر قېتىم لايىھەگە مۇنداقچە ئېيتقاندا، ياراتمىش بىلەن يارالمىش توغرىسىدىكى ئەپسانىگە مېۋىلەشكە چېچەك تۈزىۋاتقان ئىدى. شۇنىسى ئايانكى، لايىھەدىن كېيىن مېۋىمۇ، چېچەكمۇ تۇزۇيدۇ. ئۇنداقتا ئېشىپ قالىدىغىنىچۇ؟ يەنىلا يىغلاۋاتقان ھېچنېمە! ئاممار ئاممارنىڭ كەلمىشى ئىنسان تۈركىمىنىڭ كەلمىشى. اللاھنىڭ تۇپراققا پۈۋدىگەن روھىدا ياكى نۇرىدا ھەزرىتى ئادەممۇ بار، ئاممار ئاممارمۇ بار، ھەم بىزمۇ بار؛ اللاھنىڭ تۇپراققا پۈۋدىگەن روھىدا ياكى نۇرىدا ئۆتمۈشمۇ بار، ھازىرمۇ بار، كېلەچەكمۇ بار؛ اللاھنىڭ تۇپراققا پۈۋدىگەن روھىدا ياكى نۇرىدا يورۇقلۇقمۇ بار، زۇلمەتمۇ بار؛ ئاللاھنىڭ تۇپراققا پۈۋدىگەن روھىدا ياكى نۇرىدا ئىمانمۇ بار، گۇمانمۇ بار؛ ئۇنداقتا تۇپراققا پۈۋدەلگەن پۈۋدەنمىدە يوق بولغىنىچۇ؟ دەل ئۆزى! شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئۇ ( اللاھ ) ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىنى سۆز يەتمەس، ئەقىل يەتمەس چەكسىز زۇلمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى، اللاھ تۇپراققا روھىنى ياكى نۇرىنى پۈۋدىگەن-يۇ، زۇلمىتىنى ياكى قاراڭغۇ تەرىپىنى ۋە ياكى يېشىلمەس سىرىنى پۈۋدىمىگەن. بۇ نوقتىدا شۇنى جەزملشتۈرىمىزكى، شائىرلارنىڭ تىلنىڭ يورۇق تەرىپىدىن قاراڭغۇ تەرىپىگە ئۆتۈشىدە اللاھنىڭ جامالىغا يېتىپ بېرىش ئەمەس، دەل قوشۇلۇپ كېتىشنى مۇددىئا قىلغان. شۇڭا شائىرلاردا ئىمانمۇ بار، گۇمانمۇ بار. ئىمان مۇتلەق ئىشەنچتە ئۆزىنى ئاخىرلاشتۇرسا، گۇمان ئىماندىن ھالقىغان ھالدا قۇشۇلۇپ كېتىش، بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كېتىش، نۇرنىڭ ياكى روھنىڭ يورۇق تەرىپىدىن ھالقىپ، قاراڭغۇ تەرىپىدە سىرلار يوشۇرۇنغان تۇرالغۇغا يېتىپ بېرىشتىكى قۇربانلىقنى ئىما قىلىدۇ. بۇ قۇربانلىق دەل شائىرلاردىكى ئىسيانكارلىق!
« شامالنىڭ نېگىزىدىن كەلگەنسەن » دەپ خاتىرلەيدۇ پۈتۈكچى خاتىرىسىگە. ئۇنداقتا شامالنىڭ نېگىزى نەدە؟ ئېيتىمىزكى، شامالنىڭ نېگىزى ھېچنېمىدە، شامالنىڭ نېگىزى ھېچنېمە ئولتىراقلاشقان قاراڭغۇلۇقتا! نېگىزنىڭ شۇ قاراڭغۇلۇقتا بولىشى يورۇقلۇقنىڭ نىسپىي، قاراڭغۇلۇقنىڭ مۇتلەق بولىشىنى ئىشارە قىلغان. شامالنىڭ نېگىزىنىڭ قاراڭغۇلۇقتا بولىشى يارالمىشنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن كېلىپ، قاراڭغۇلۇققا قايتىدىغانلىقىنى قانۇنىيەتلەشتۈرگەن. چۈنكى، بىز اللاھتىن كەلگەن، اللاھقا قايتىمىز. بىزنىڭ بۇ مەنزىلىمىز تۇپراققا پۈۋدەلگەن پۈۋدەنمىدە ئايانلاشقان. پۈتۈكچى يەنە « سۇ ئانىمىزنىڭ ئەللەيلەشلىرىدىن » دېگەن شېئىرى جۈملىنى خاتىرلىگەندە، قاراڭغۇلىقنى بۇلدۇقلىۋاتقان سۇ مەنبەلىرى تۇيغۇمىزغا ئولتىراقلاشقان بولىدۇ. بىز بۇ مەنبەنى « زۇلمەتتىكى ھاياتلىق بۇلىقى » دېگەن ئاتالمىغا تۇراقلاشتۇرىمىز. بىزنىڭ بۇنداق ئولتىراقلاشتۇرىشىمىزدا، ئىنساندىن ئىبارەت جەريان زۇلمەتتىن كېلىپ، زۇلمەتكە قايتىدىغان قانۇنىيەتنى نەزەرگە ئالىمىز. چۈنكى، كۈللى شەيئى ئەسلىگە قايتقۇچىدۇر! ئوتتىن يارالغان شەيتاننىڭ يەنە ئوتقا قايتىشى يەنى مەھشەر ئوتىغا بەنت قىلىنىشى بۇ پىكىرىمىزنىڭ دەلىلىدۇر. سۇ مەنبەلىرى ئۈستىدە ئەنە شۇنداق قىياسلارنى داۋاملاشتۇرغىنىمىزدا « بىر مەيىن شامالنىڭ تىترەككە ئېگىلىشىدىن بىر دەريانىڭ بويىدىكى قاراڭغۇلۇقتىن » دېگەن شېئىرى جۈملىلەر بىزنىڭ يۇقارقى قاراشلىرىمىزنى قۇۋەتلەيدۇ. پۈتۈكچىنىڭ « بىر پالتىنىڭ تۈۋىدىكى دەرەختىن » دېگەن شېئىرى جۈملىسى ئىسلام رىۋايىتىدىكى ئىخلاس دەرىخى بىلەن پاراسەت دەرىخىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. ئىخلاس دەرىخى اللاھقا بولغان سەجدىنى ئىشارە قىلسا، پاراسەت دەرىخى ئەقىلنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، گۇماننى ئەسلەتمەي قالمايدۇ. بىز « پالتا »دىن ئىبارەت ئىماگنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، مەزكۇر شېئىر جۈملىدىكى ھەل قىلىنمايدىغان تراگىدىيە بىزنىڭ شۇنداق ئويلاردا بولىشىمىزغا پىكىر يوچۇقى ھازىرلىغان بولىدۇ. بىز شۇ پىكىر يوچۇقىغا ئاساسەن تۈرلۈك ئېھتىماللىق تۈسىدىكى قاراشلىرىمىز ئارقىلىق مۇنازىرىخان بولساق، يېڭى ئوقۇرمەنلىك كىملىكىمىز بىلەن شېئىرنى داۋاملاشتۇرغۇچى، شېئىرى جۈملىلەردىكى « شامالنىڭ نېگىزى، سۇ ئانا، تېترەككە ئىگىلگەن شامال، دەريا بۇيىدىكى قاراڭغۇلىق، پالتا تۈۋىدىكى دەرەخ، يىغلاۋاتقان ھېچنېمە » قاتارلىق ئىمەگلاردىكى تولمايدىغان بوشلۇققا تولغۇچى بولىمىز. بىزدىكى بۇ تولغۇچىلىق كىملىك بىزدىن ئىسيانكارلىق روھ تەلەپ قىلىدۇ. ناۋادا بىز گۇمانغا قارىتا ئىمكانىيەت ھازىرلىيالمىساق « يىغلاۋاتقان ھېچنېمىدىن » دېگەن شېئىر جۈملىدىكى مەنىسىزلىككە ئولتىراقلاشقان مەنىنى تۇيۇشتىن مەھرۇم قالىمىز.
شامالدىن شامالنىڭ قارارگاھىغا
« ئەلمۇۋاسەت دوختۇرخانىسى »نىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدىن
يەتتىنچى ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن بۇلۇتقا
سېنىڭ بىلەن مېنىڭ ئارامدىكى يېرىم قاراشتىن
قاراڭغۇلىشىۋاتقان پەلەمپەيدىن ئالدىراش چۈشىۋاتقان يېرىم زۇلمەتكە
ناۋادا مېتاپىزىكىغا رۇخسەت قىلىنسا مەزكۇر بۆلەكتىكى بىر قىسىم شېئىرى جۈملىلەرنى مۇنداق ئوقۇيمىز. « يەتتىنچى ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن بۇلۇتقا » دېگەن شېئىرى جۈملىدە ئاسماننىڭ يەتتىنچىسى بىلەن ئۇنىڭدىكى ئۇچۇپ يۈرگەن بۇلۇت ھەرىكەتنىڭ داۋام ئېتىۋاتقانلىقى بىلەن بىزنى ئويلار دۇنياسىغا غەرق قىلىدۇ. ئويلار دۇنياسىغا چۆككىنىمىزدە، بىزنى ئۆز ئىلكىدە قۇرۇقدىماقچى بولغان سۇئال بۇلۇتنىڭ كىمنىڭ بۇلۇتى ئىكەنلىكى بىلەن يەتتىنچى ئاسماندىن ئۆزگە ئاسمانلاردىكى بارلىق بىلەن يوقلۇقنىڭ دېئالىكتىكىسى. ئۇچۇپ يۈرگەن بۇلۇت كىمنىڭ؟ شۈبھىسىزكى، بۇ بۇلۇت ئاممار ئاممارنىڭ! نېمىشقا شۇنداق دىيمىز؟ بۇلۇت كۆپلۈكتە ئەمەس، بىرلىكتە كەلگەن. بۇلۇتنىڭ بىرلىكتە كېلىشنىڭ پەلسىپىۋى مەنىسى نېمە؟ ئاممار ئاممار ھېچقانداق مىقدارنى قۇبۇل قىلمايدىغان تەنھا بىرلىك! ئۇنىڭ بۇلۇتى ئاسماننىڭ يەتتىنچىسىدە نېمە قىلىدۇ؟ ئاممار ئاممارنىڭ ھېچكىملىكتىن ھېچنېمىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز بىشارىتى بىلەن جاكارلايدۇ. بۇنداق جاكارلاشنىڭ پەلسىپىۋى مەنىسى نېمە؟ مەلۇم دەرىجىدىكى ئىسلام رىۋايىتىگە ئاساسلانغاندا، ئاسمانلارنىڭ ئۆگزىسى بولغان يەتتىنچى ئاسمان تەپەككۇرسىزلىقى بىلەن تولغان ھېچنېمەنىڭ ئولتىرىقى! ئەپسانىلەردىكى ئالتۇن كۇرس شۇ يەردە. ئاسمانلارنىڭ قالدىسىچۇ؟ يەتتىنچى ئاسمانغا يېتىشتىكى پەلەمپەيدۇر! يۈكسەكلىك نوقتىسىدىن قارىغاندا، يەتتىنچى ئاسمان بىزنىڭ نىشانىمىزدۇر!
« سېنىڭ بىلەن مېنىڭ ئارامدىكى يېرىم قاراشتىن قاراڭغۇلىشىۋاتقان پەلەمپەيدىن ئالدىراش چۈشىۋاتقان يېرىم زۇلمەتكە » بۇ شېئىرى جۈملىلەردە قاراشمۇ يېرىم، زۇلمەتمۇ يېرىم. يېرىمدىن ئىبارەت مىقدار بىزنى تۇيغۇ تىلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ تۇيغۇ تىلى كىمنىڭ؟ ئېنىقكى، تۇيغۇنىڭ! بۇ يەردە سۆزلەۋاتقىنى تۇيغۇ، تۇنجى ئاڭلىغۇچى ھەم تۇنجى خاتىرلىگۈچى ئابىد ئىسمايىل. « سېنىڭ بىلەن مېنىڭ »دىكى ئىككى ئىگىلىك ئالماش ئاممار ئاممار بىلەن ئابىد ئىسمايىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئۈنسىز دېئالوگىدا ساقلىنىپ قالغىنى يېرىم قاراش. ئۇنداقتا قاراشنىڭ يەنە بىر يېرىمىچۇ؟ ئۇ بىزدە يەنى بىزنىڭ ئوقۇرمەنلىك كىملىكىمىزدە. بۇنى قانداق داۋاملاشتۇرىمىز؟ « ئالدىراش چۈشىۋاتقان يېرىم زۇلمەت »نىڭ يەنە بىر يېرىمىغا بىزگە تەۋە بولغان تامامىي يورۇقلۇقنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە داۋام ئېتىمىز. شۇنداق قىلغىنىمىزدىلا « قاراڭغۇلىشىۋاتقان پەلەمپەي » بىزنىڭ تۇيغۇمىزدا لەرزىسىگە ئېرىشىدۇ. قاراڭغۇلىشىۋاتقان پەلەمپەينىڭ لەرزىسىدىن بىز « يېرىم قاراش بىلەن يېرىم زۇلمەت »نىڭ يەنە بىر يېرىمىنىڭ باشقا جايدا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىمىز. بىزنىڭ بۇ « جەزملەشتۈرىشىمىز » قانداقتۇر ئويلار دۇنياسىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىمىزنى ئەمەس، ئويلار دۇنياسىغا قارىتا تاشلىغان تۇنجى قەدىمىمىز بولغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. شۇنىڭدىن بىز شېئىرنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ بىزنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىمىزنى تۇيالايمىز. بۇنداق داۋاملىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان شېئىر ئۆزىدە شېئىرلىق ئىممۇنىت ھازىرلىيالمىغان گەپلەر دۆۋىسىدۇر!
سېنىڭ يۈرەكتە سولىشىۋاتقان كۈندۈزىڭ
سېنىڭ ئاداققى كۈنپېتىشىغا ئالدىراۋاتقان كۈندۈزىڭ
سېنىڭ خۇددى ئون بىر پىلانېتتەك يىغلاۋاتقان كۈندۈزىڭ
سېنىڭ مەكتەپكە بارىدىغان يولدا سۇنۇپ كەتكەن كۈندۈزىڭ
سېنىڭ قۇرۇپ كەتكەن دەرياغا يالغۇز كېتىۋاتقان كۈندۈزىڭ
سېنىڭ كۈندۈزىڭ!
...قاپقارا كۈندۈز... قاپقارا... ئاناڭنىڭ كۆڭلىكىدەك
« كۈندۈز »دىن ئىبارەت ئىماگ « ھايات » دېگەن مەنىنى ئىپادە قىلىشىدا مېتافوراغا ئايلانغان. ھەر بىر شېئىرى جۈملىدە ئوخشىمىغان مەنىدە كەلگەن. شائىر تۇيغۇن خاتىرلىگۈچى كىملىكىدە ئاممار ئاممارنىڭ ھاياتىنى بارى- يوقى يەتتە مىسرادا تۇيغۇسىدىن تۇيغۇمىزغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ مەزكۇر بۆلەكنىڭ تاشقى قاتلىمى. ئەمدى مەزكۇر بۆلەكنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا چۇڭقۇرلىساق، « ئۆتكۈزۈپ بېرىش » بىلەن « ئۆتكۈزۈپ ئېلىش »تىن ئىبارەت تۇيغۇ ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۇنچىلىك ئاسانغا توقتىمايدىغانلىقىنى تۇيماي قالمايمىز. يۈرەكتە سولىشىۋاتقان كۈندۈز قانداق كۈندۈز؟ كۈندۈزنى سولاشتۇرىۋاتقان يۈرەك قانداق يۈرەك؟ ئاممار ئامماردىن ئىبارەت بىر ھايات ئۆزىنىڭ يورۇق تەرىپىدىن يىراقلاپ، ئەبەدتىن ئەبەدسىزلىككىچە سوزۇلغان زۇلمىتىگە ياكى « قۇرۇپ كەتكەن دەريا »غا يېيىلىۋاتقان قاپقارا كېچە ــ ئۆلۈمىگە ئۇلىشىۋاتقان كارتىنا ئۆپكىمىزنى قەھرىتانلىق نەشتىرى بىلەن قاقىدۇ. بىزنىڭ قېقىلىۋاتقان ئۆپكىمىز ئىنسانىيلىقنىڭ بىر يۈزى. بىز « ئىنسانىيلىقنىڭ بۇ يۈزى »دىن يىراقلىشىدىغان بولساق، « ئاداققى كۈن پېتىشقا ئالدىراۋاتقان كۈندۈز »نىڭ ھېچكىملىكتىن ھالقىپ ھېچنېمەگە ئايلىنىۋاتقان قۇپقۇرۇق جەۋھەرنى ھېس قىلىمىز. بىزدىكى بۇ تۇيۇلما « مەكتەپكە ماڭىدىغان يولدا سۇنۇپ كەتكەن كۈندۈز »نى چېلىقتۇرغىنىدا، ئۆلۈمدىن بۇرۇنقى ئۆلۈم بىلەن ھاياتتىن كېيىنكى ھاياتنىڭ ۋەزنىنى ئۆتكۈنچى مۇلاھىزىگە تاپشۇرماي قالمايدۇ. سەمىمىيەت نوقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، پۈتكۈچى ئەبىد ئىسمايىل تۇيغۇ بىلەن تىلغا بولغان سەمىمىيىتىدە تىل مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ يىراق بۇرجىدا ئەۋەلقى ئۆزىنى ئۇچراتقاندەك قىلىدۇ.
شېئىر ئۇپۇقى بىزگە كۈلۈمسىرىدى، دېگەندىن كۆرە، شېئىرنىڭ زۇلمىتى بىزگە تۇيۇلۇشقا باشلىدى دېگىنىمىز، نۆۋەتتىكى شېئىرى ئەمەلىيىتىمىزگە شۇنچىكى يېقىن قاراش بولىشى مۇمكىن. بىز ئابىد ئىسمايىلنىڭ مەزكۇر مەرسىيەسىنى ئوقۇۋاتقىنىمىزدا، تۇيغۇ بىلەن شېئىرنىڭ، تۇيغۇ بىلەن تۇنجى ئوقۇرمەننىڭ، تۇيغۇ بىلەن كېيىنكى ئوقۇرمەننىڭ قانداق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا دىققەت قىلماي قالمىدۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىقرار قىلىدۇكى، بىز شېئىر دەپ ئوقۇۋاتقان ناخشا شېئىر ئەمەس ئىدى. بىز شېئىر ئەمەس دەپ، « گۇناھ »قا پاتتۇرغان خاتىرىلەر شېئىرغا يېقىنلىشىۋاتقان تۇيغۇلارنىڭ سۇس ياكى يېرىم سۇس كۆلەڭگىسى ئىدى. ئۇنداقتا بىزگە كېرىكى قايسى؟ مەسىلىنى مۇشۇ يۆلىنىشتە ئانالىزغا تاپشۇرۇدىغان بولساق، بىزنىڭ شېئىر بىلەن بولغان مۇساپىمىز تېخى يىراقلاۋاتقانلىقىنى، كۆز يەتكۈسىز يېقىنلىقتىكى شېئرنى تۇيالمايۋاتقانلىقىمىزنى ھېچ بولمىغاندا، ھازىرچە ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن. قالدى مۇلاھىزە شېئىر ھەققىدە كونا ياكى يېڭى شائىرلىق كىملىكىدە ئويلىنىۋاتقانلارغا قالدۇرۇلدى!
menbe:yazghuchilar munbiri
ما تېمىنى ھەزىم قىلىشقا سەۋىيەم ئاز كىلىپ قالدى. ھېچنىمەئىزىم دەپ بىر گەپ بولىۋاتقان، بۇ تېمىمۇ شۇنىڭغا تەۋەمۇ يا؟ بۇ تېمىنى بىر نەچچە قېتىم ئوقۇدۇم... يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسى ھەقىقەتەن نوچىكەن، سۆزلەرنى بىر خىل ئەركىن ئوينىتىپ قويۇپتىكى ماڭا شېئىرنىڭ نىمە ئىپادىلىمەكچى بولغانلىقى ئېنىق بولمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىگى ۋە بايلىقىنى ھىس قىلدۇرۇشى يېتەرلىك بولدى.يازغۇچى شۇنداق بولغاندا بۇنى بىۋاستە ئەرەپ تىلىدىغان تەرجىمە قىلغانمۇ؟ تىل بايلىقى كەملەر چاچما شېئىر يازىدۇ، ( تەرجىمانمۇ شۇنداق) ناخشىچىدىن تارتىپ شائىر ۋە تەرجىمانغىچە توختىماي تارتىپ چىقىپ قاقشايدىغانلارنى تىلى تۈزۈك تەرەققى قىلمىغان دەمدۇق؟ بۇنداقلارنى ئابدۇسەمەت مامۇت دىيىش كېرەك. ئىزدىنىشنىڭ يېڭى مودا سۆزى بارلىققا كەلدى:
ئابدۇسەمەت مامۇت

