uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 16:04:26

2013-يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كىچىلكى

قېرىنداشلارغا ھېيتلىق سالام!


ھەممەيلەنىڭ خىزمەت .ئۆگىنىش ئىشلىرىغا بەرىكەتلەر بولغاي~


خاتىرە دەپتىرىمدە يىغىپ قويغان بىرقىسىم ياقتۇرغان ئەسەلەر باتى، دوستلارغا سۇنغۇم كەلدى. ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۈدىدارنىڭ مۆمۈنتازىدىن كەلگەن(moments wechat مۇشۇنداق دەپ ئاتاپ كۆنۈپ قاپتىمەن،مۆمۈنتاز پاراڭلىرى ). كۆپ قىسىمئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى نامەلوم بولغاچقا مەنبە ئەسكەرتىمىدى.


********


مېھرلىك نىدالار ناغرا
چالىدۇ ،


چۈشۈمدىن كېلىدۇ
سۇنايلار ئۈنى


ئېسىمدە بىر چاغلار
ئەتە ھېيت دىسە


كۆزلەردە ئۇيقۇ يوق
ئىدى شۇ تۈنى.


تۇراتتۇق ئەتسى
خورازدىن بۇرۇن ،


باشلايتى جان دادام
مومام ئۆيىگە
.


بىردۆۋە توپىغا قوناق
چاچاتتۇق ،


شەبنەملەر قوناتتى
ئانام كۆزىگە
.


ئاق قوچقار سوياتتۇق
بىسمىللا بىلەن ،


مەن بىر جۈپ پۇتىنى
تۇتۇپ بېرەتتىم
.


ھاممىلار تاغىلار
يوقلاپ كېلەتتى ،


قوللاردىن ئالدىراش
پۇللار تېرەتتىم
.


تۆت يىل يات ئەلدە سەرسانمەن
مانا ،





























ھېيت بولغان ئۆيۈڭنى
سېغىندىم ئانا


*************************


مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا ،ئەتە ھېيىت دىسە كىچىچە
كۆزدە ئۇيقۇ يوق، يېڭى كىيىملەرنى قايتا قايتا كىيىپ باقاتتۇق، ئەتتىگەندە نامازغا
ماڭغان ۋاقىتتا يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ يولغا سالاتتىڭىز ، نامازدىن يېنىپ ئۆيگە
كىرگەندە ئۆيدە مەززىلىك تاماقنىڭ ھىدى كىلەتتى ، قېرىنداشلارنىڭ جەم بولىشىنى
كۈتۈپ تاقىتىمىز تاق بولاتتى،شۇ ۋاقىتلاردا بىزگە ھېيىت بولاتتىكەن ، ئەمما
مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا، ئەل مەھەلىدە دوستلار بىر بىرىمىزگە ھېيىتلىق
يىغقان پۇللىرىمىزنى كۆز كۆز قىلىپ قانداق خەجلەشنى پىلانلاپ بولاتتۇق ، قۇربانلىق
سويۇلغان ھامان كاۋاپ قىلىشاتتۇق،مەھەللىدە ھەممە ئۆيگە دىگۈدەك كىرىپ
بولاتتۇق،شۇنداق خوشال كەيپىياتتا ھەممىنى ئۇنتۇپ قالاتتۇقيۇ لىكىن ھېيىت بازىرىنى
ئۇنتۇلمايتتۇق،بىزگە شۇ ۋاقىتلاردا ھېيىت بولاتتىكىن،ئەمما مۇساپىرغا ھېيىت
بولمايدىكەن ئانا، ئۆيگە تىزغان نەرسىلەرنى ئوغۇرلۇقچە يەۋېلىپ قېنى دىسە كۆرمىدىم
دەيتتۇق،ئەمما چاندۇرۇپ كۈلۈپ سالاتتۇق، ساڭزا سالسىڭىز قەستەن سۇندۇرۇپ قويۇپ
سۇنۇخكەن دەپ يەۋالاتتۇق،ئۇرۇغ تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالساق ھەممە جاينى
قالايمىقان قىلىپ ئۆينى بېشىمىزغا كىيەتتۇق،ئاندىن قاتتىقراق گەپ ئاڭلىغاندا
توختاپ قېيدىغىلى تۇراتتۇق،بىزگە شۇ ۋاقىتلاردا ھېيىت بولاتتىكەن،ئامما مۇساپىرغا
ھېيىت بولمايدىكەن ئانا، ھەر قېتىم ھېيىت كەلگەندە كۆز ياشلىرىڭىز ئارلاش سالىمىڭ
ھەم دۇئايىڭ كىلىدۇ،سىزگە تەسەللىي بىرەلەيمەنۇ ئامما ئۆزۈمگە تەسەللىي ئىزلەپ
تاپالماي قالىمەن،ئۆيدە گۆش سالدىم كىلىپ يەۋەلغىن دەپ چاخچاق ئارلاش قىلغان
سۆزلىرىڭىزگە پەقەت مەن ئۈچۈن سىز قوشۇپ يەڭ دىيىشتىن باشقا ياخشىراق سۆز
تاپالمايمەن،ئۆيدە بولغان بولسام ھە ،ھەي ئىسىت دەپ لىۋىمنى چىشلەپ قالغان
چاغلىرىمدا پەقەت ئەتراپىمدىكى ياتسىرىغان مۇھىتتىن تەسەللىي ئىزلەيمەن،مىنى
يايراتقىنى ئاشۇ توپىلىق كوچاڭكەنتۇق،شۇنچە كەڭرى بىر شەھەردىن يايرىغۇدەك بىر جاي
تاپالماي قالدىم،ۋەتەنسىزلىكتىن ئارتۇق غېرىپلىق يوقكەن،قېرىنداشسىز،ئەل مەھەلىسىز،ئەڭ
مۇھىمى ئاشۇ توپىلىق كوچىڭىزسىز مەن مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا،ئەتكەن
لەغمىنىڭىزنى،نىمە تاماق ئىتىمەن دىگىنىڭىزدە مەيلىڭىز دىسەم ئوغۇل بالا دىگەن
دىتى يوق بولسا ،ئۆزىگە چۇشلۇق كۆز قارىشى بولمىسا بولمايدۇ دەپ مىنى چوقۇم
تاماققا ئىسىم قويغىلى سالغان ۋاقىتلىرىڭىزنى سېغىندىم ئانا،ئاشۇ ۋاقىتلارسىز ماڭا
ھېيىت بولمايدىكەن، دوستلار بىلەن شوخلۇق قىلىپ مەھەلىنى بېشىمىزغا كىيىپ يۈرسەك
بىرى كىلىپ توسىمايدىغان ،بىز بىلەن بىللە ئويناپ كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالىدىغان
مەھەلىدىكى چوڭ دادىلارنىڭ يانچۇقىدىن ئازغىنە كەمپۈتلەرنى ئېلىپ بىزنى خۇشال
قىلىشلىرى، ھېيىت پەتىسى دەپ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ بولۇشلىرىمىز،ئاشۇ ۋاقىتلاردا ماڭا
ھېيىت بوپتىكىن ،ھازىر ماڭا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا، تۇنجى ئۆيدىن ئايرىلغاندا
ئەمدى ئۇچىدىغان بولدۇم دەپتىكەنمەن ، ئەمەلىيەتتە خاتالىشىپتىمەن ، مىنى ئۇچۇرىدىغىنى
مۇساپىر شەھرى ئەمەسكەن،ئۆيدىن ئايرىلغاندا ئەمدى نىمە قىلسام باشقۇرىدىغان ئادەم
يوققۇ دەپتىكەنمەن ، ئەمەلىيەتتە مەن ئەركىن ئەمەسكەنمەن ، مىنى ئۇچۇرغىنى شۇ
توپىلىق كوچاڭكەن،مىنى ئەركىن قىلىدىغىنى شۇ سەھريى قىيامەت ئىكەن ، ئەمدىلىكتە
مۇساپىرلىققا تۇتقۇن بولۇپ شۇ توپىلىق كوچاڭنى سېغىنىۋاتىمەن ، ماڭا شۇ
ۋاقىتلاردىن باشلاپ ھېيىت ئاخىرلىشىپتۇ، ماڭا ئەمدى ھېيىت بولمايدىكەن ئانا، تاكى
مۇساپىرلىقنىڭ تۇتقۇنلىقىدىن قۇتۇلمىغۇچە ، تاكى ئاشۇ توپىلىق كوچاڭغا يالاڭ ئاياغ
دەسسىمىگۈچە ،تاكى ئاشۇ ۋاقىتلارغىچە ماڭا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا، چۈنكى مەن بىر
مۇساپىرمەن ،ياتسىرىغان ،غېرىپسىنغان ،تېشىدا ھېيىت ئىچىدە بولسا ماتەم تۇتقان
مۇساپىرمەن ، دۇئايىڭىزغا يىغا ۋە سېغىنىش ئارلاشتۇرغان ، ئۆيدە قالغان كىيىملەر
بىلەن كۆڭلىڭىزنى ئاۋۇندۇرۇشقا ئۇرۇندۇرغان غېرىپ مۇساپىرمەن ، يېڭى دوستلىرىدىن
ئۆزىگە خۇشاللىق ھەم تەسەللىي ئىزلەيدىغان مۇساپىرمەن، يېغىپلا تۇرسا مىھىر
يامغۇرى، يۈرىكى كىىمنىڭ ئاڭا چىلاشماس، ئىنسانىي سۆيگۈدە ئىنساننى سۆيسەك، قايسى
بىر يۈرەك ئىشىكنى ئاچماس، سۆيگۈدۇر زىننەت سۆيگۈدۇر سۇبات، مىھىر مۇھاببەت
ئىنسانغا قانات، ماڭا ئەمدى ھېيىت بولىدۇ ئانا،چۈنكى مەن دوستلىرىمدىن مىھىر
كۆردۈم، مىھىر بەردىم،ئاللاھ بەندىسىنى كۆزدىن ئايرىسا ھاسىدىن
ئايرىمايدىكەن،مۇساپىر قىلغان ئاللاھ سەپەرداشلىرىمنى،ئۇلارنىڭ مىھرىنى ماڭا ھەراھ
قىلدى . الحمد الله
!





***********



كونۋېرىتقا پاتسام گەر
ئانا


ئويچان گۆدەك



كونۋېرىتقا پاتسام گەر
ئانا،


خەت ئورنىغا ئۆزۈم
باراتتىم
.


ئوچاقلارغا قالىساڭ
شادا،


ئۆزۈم بىرىپ كۆتەك
ياراتتىم،



شاڭخەيلەردىن تەبئىي
گاز ئىلىپ،


شادا ئورنىغا گازنى
قالايىتتىم
.


ئايىغىڭغا بىشىمنى
قويسام،


دەم ئالساڭچۇ بەكمۇ
خالايىتتىم
.



قۇرئان ئوقۇپ دۇئا
قىلساڭ سەن،


ئەسسالام دەپ ئۆيگە
كىرەتتىم
.


ئۆستەڭلەردىن توشىساڭ
لاي سۇ،


زەم زەم ئىلىپ ساڭا
بىرەتتىم
.



چىدىمايسەن تۇخۇم
يىيىشكە،


ئۆزۈم بىرىپ پاقلان
سوياتتىم
.


بوزەك قىلسا زالىملار
سېنى،


مۇشتۇم بىلەن راسا
قوياتتىم
.



كۈندە ھاشار،مەجلىس بەك
تولا،


بارسام ئەگەر ئۆزۈم
ئاچاتتىم
.


بىر قولۇمدا قانۇننى
ئىلىپ،


زالىملارغا گەندە
ئاتاتتىم
.



سانىسا خەق تاشنى
قولىدا،


ئىنتىگىرالدا قۇمنى
سانايمەن
.


ھوقۇق تۇتسا تۇتسۇن
يولىدا،


بولمىسا مەن بىرىپ
ئالايمەن
.



دىففىرىسىنئال ئۆگەندىم
بۈگۈن،


يىشىلمەكتە كاللامدا
تۈگۈن،


تاش سانىسا مەن قۇم
سانايمەن،


زالىملارنى قىلىمەن
سۈرگۈن
.



( ئىچكىردە ئالىي
مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىرئوقۇغۇچىنىڭ قەلىب ساداسى
)

















































































ئاپتورى:ئويچان گۆدەك
   مەنبە:ئۆز قەلىمىم
.



**********************************************************************


**********************************************************************


**********************************************************************



قىزىق- قىزىق پاراڭلارنى سالايلى مۇنداق ھېيت دېگەندە





بۇرۇن
بىر قوي باقىىدىغان ئادەم بار ئىكەن. بىر كۈنى بىر كاستىيوم كەيگەن بىرەيلەن
كىلىپ- قويلىرىڭنى نىمە بىلەن بېقىۋاتىسەن؟دىسە.ھېلىقى ئادەم: ـ
ئاشقان ـ تاشقاننى بىرىپ بېقىۋاتىمەن دەپتۇ.   ھېلىقى ئادەم:- مەن
سەھىيە ئىدارىسىدىن. قويلارنى بۇنداق خورلىسىڭىز بولمايدۇ. دەرھال 10000 يۈەن
جەرىمانە تۈلەڭ ـ دەپ جەرىمانە ئېلىپ كىتىپتۇ.يەنە بىر قانچە كۈندىن كىيىن
يەنە بىر ئادەم كىلىپ. قويلىرىڭنى نىمە بىرىپ بېقىۋاتىسە ـ دەپ سوراپتۇ.
ھېلىقى ئادەم ـ مەن قويلارغا ئادەمگىيا، بۇغا مۈڭگۈزى قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن
بېقىۋاتىمەن ـ دىسە ئۇ ئادەم ـ مەن يىتىم ـ يىسىرلارنى قۇتقۇزۇش ئورنىدىن . سەن
قويلارنى بۇنداق قىممەت باھالىق نەرسىلەر بىلەن باقساڭ بولمايدۇ، دەپ يەنە 10000
يۈەن جەرىمانە ئاپتۇ.شۇنداق قىلىپ يەنە بىر قانچە كۈندىن كىيىن يەنە بىر ئادەم
كەپتۇ. ئۇ ئادەم يەنە قويلارغا نىمە بىرىپ بېقىۋاتىسە؟ دىسسە. ئۇ ئادەم مەن
قويلارغا ھەركۈنى 10 يۈەن بىرىمەن. كۆڭلى نىمىنى تارتسا شۇنى ئېلىپ يەيدۇ دىگىدەك








******************************




بىز خەنزۇچە سەۋىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ،بەزىبىر تۇرمۇش
سۆزلىرى تەرىپىدىن قايماقتۇرۇلغان ھەم نۇمۇر تارتقۇزۇپ
قويغان……شۇنداقمۇ         
ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىمۇ ئاسان ئەمەس،ئەگەر مۇشۇنداق ئىمتىھان
بولسىدى،تىل ئۆگەنگۈچىلەرنى تازا قېينايتتۇق تە……         
باشلىدۇق……         
پارول   


   
1.          مەمەت
ھەي
ھەسەن،ماڭا ماۋۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى دەپ بەر         
ھەسەن
ماڭەۋا،ئۆزەڭ
ئۆگەنسەڭ بولمامدۇ          مەمەت
ئاغزىڭنى
يۇمۇپ،تېز مانىڭ جاۋابىنى دەپ بەر         
سوئال
ھەسەن
جاۋاپ بېرەمدۇ ياكى ئاغزىنى يۇمۇپ
تۇرامدۇ؟      



2.          سەمەت
ھەي
نۇرى،مايەرگە كىلە،ماڭا ياردەم قىل         
نۇرى
ۋاي
ئالدىراش ماڭدىم ھازىر          سەمەت
ۋاي
ئىشىڭنى قىلە،تېز كەل بولە……         
سوئال
سەمەت
نۇرىنى ئۆز ئىشىنى قىل دىمەكچىمۇ ياكى ياردەم قىل دىمەكچىمۇ؟         


3.         
ئا
ۋاي
ئاداش،ھالىڭ پەسقۇ ،نىم بولدۇڭ؟         
ب
ۋاي،سەن
سورىما،مەن ئېيتماي          سوئال
دەردىنى
زادى دەمدۇ دىمەمدۇ؟      


4.          ئەلىۋاھ
ۋاھ،ماۋۇ كىينىشىڭىزدىن رەڭلىك شاتۇتقا ئوخشاپ قاپسىز……ھاھا         
پەرى
ۋاي
چىشىمغا تەگمەڭە……          سوئال
ئەلى
گەپ قىلىپ تۇردىمۇ ياكى قولى بىلەن پەرىنىڭ چىشىنى تۇتتىمۇ؟      


5.          ھاشىمئىدىش،نىم
قىۋاتىسلەر؟          ئۆمەر
ياتقىلى
قوپقان          سوئال
ئۆمەر
ياتامدۇ ياكى قوپامدۇ؟      


6.          “مەن قاچان
چوڭ بولىمەن،يايرىم بىلەن تەڭ
بولىمەن……”          سوئال
يۇقىرىدىكى
جۈملىدە ئۇيغۇر ئوغۇللىرىنىڭ يېشىنىڭ چوڭ بولۇش سۈرئىتى قىزلارنىڭكىدىن تېز بولىدۇ
دىگەن گەپمۇ؟         


7.-مىنڭىچە سەندەك ئادەم ساراڭ
قىلىدىغان ساراڭلار،ئادەمنى ساراڭ قىلمىۋەتمىسە،باشقا ئادەمنى ساراڭ قىلمايدىغان
ساراڭلار،ئادەمنى ساراڭ
قىلالمايدۇ……          سوئال
زادى
كىم ساراڭ؟      


8.          تاشپولاتكىتابىمنى
كۆرگەن يېرىڭ بارمۇ؟          نەبى
كىم
كۆرۈپتۇ كىتابىڭنى……          سوئال
كىم تاشپولاتنىڭ كىتابىنى راست كۆرگەنمىدۇ؟         


9.         
ئەر
تېز
كېلىپ ماڭا ماۋۇ ئۈستەلنى تۇتۇشۇپ
بېرە……          ئايال
ۋاي
ھازىر قولۇم بىكار ئەمەس
          ئەرماڭەۋا،تېز
كىلە
         
سوئال
ئەر
ئايالنى ماڭ دىمەكچىمۇ كەل دىمەكچىمۇ؟         


10.          -ۋاي ۋۇي
،ماۋۇ كىچىك بالىلار مىڭەمنى يەپ كەتتىغۇ……كىتىشە مىڭىشە
         
سوئال
كىچىك
بالىلارئايالنىڭمىڭىسىنى يەۋاتامدۇ ياكى……؟         


11.          ئابەك
مۇزلاپ كەتتىم ،ۋۇ
          بئىسسىق
چاي ئىچ،سوغۇقنى ھەيدەيدۇ          ئا
ئەجەپ
ئىسسپ كەتتىما،پاھ پاھ          ب
ئىسسىق
چاي ئىچ،ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ         
سوئال
ئىسسق
چاي زادى نىمە ئىش قىلىدۇ؟      




























12.          بالا
ئەتە ئوقۇش باشلايتتى،شۇڭا كىتاپلىرىمنى تاشلاپ بېرە          دادائەكىلە كىتاپلىرىڭنى،بىر تاشلاپ بېرەي         
سوئال
دادا كىتاپلارنى بىر يەرگە تاشلىۋىتەمدۇ ياكى……؟      



13.          باغ ئىچىدە ئولتۇرسام
،بىرقىز كېلىپ ياندىدى         
قىزغا قولۇم تەڭلىسەم،بۇ پەيلىڭدىن يان
دىدى          ئەگەر مىنى
ياقتۇرساڭ،بولغىن ياراملىق ئوغۇل         
ئەل ۋەتەننىڭ ئىشقىدا گۈلخان بولۇپ يان
دىدى          سوئال
يان دىگەن سۆزنىڭ نەچچە مەنىسى بار؟         


14.          بالائاپا ،لەغمەن يىگۈم يوق،كەمپۈت يەيمەن         
ئاپا
پوق يە،يىگىنە تامىقڭىنى ئاز گەپ قىلىپ         
سوئال
بالا زادى نىمە يەيدۇ؟      



15.          ئايال
ماۋۇ كىيىملەرنى سىلۋىتىڭە،بەك مەينەت ئىكەن         
ئەر
بىر سالىمەن مانى،سالمايمەن!!          سوئالئەر زادى سالامدۇ سالمامدۇ؟         


16.          بالادادا،قازانغا ئوتنى ياقايمۇ؟         
دادا
ياق         
سوئال
دادىسى قوشۇلدىمۇ قوشۇلمىدىمۇ؟         


17.          بالائاكا،مىنىڭ چاپىنىمنى كۆردۈڭمۇ؟ تاپالمىدىمغۇ؟         
ئاكا
ئاشۇ يەردە تۇرمامدۇ،ھېلى بارسام چاپاننى كۆزۈڭگە تىقىۋىتىمەن          سوئالچاپان ئىنىسىنىڭ كۆزىگە پاتامدۇ؟         


18.          ئائاخشام نەگە باردىڭ؟         
ب
كىنوغا بارغان،ئايال ئەرتىس سەت چىرايلىق ئىكەن         
سوئال
ئايال ئەرتىس سەتمۇ چىرايلىقمۇ؟         


19.          بۇ يىل ھۆل يىغىن بەك
كۆپ بولغاچقا ،پاختىچى دېھقانلارنىڭ پاختىلىرى نەم تارتىپ پاختىلىشىپ
كەتتى.          سوئال
پاختا كۆپىيىپ كەتتىمۇ ياكى زىيان بولدىمۇ؟      



20.          ماۋۇ پارولنىڭ ما يازغان
بىرنىمىسىنى چۈشەندىڭلارمۇ؟         
چۈشەندۇق
!!         
سوئال
راست چۈشەندىڭلارمۇ ياكى……         
ئۇف……ئەمدى بۇ بەدىئي ياكى ئەدەبىي ئەسەر ئەمەس،ئىچ پۇشقىمنى چىقىرىش ئۈچۈن يازغان،مىنىڭ
ئىچ پۇشىقىم چىقىدۇ،سىلەرنىڭ ئىچىڭلار پۇشۇدۇ شۇ……         
ئەگەر ياخشى ئەسەر،ياخشى مەزمۇن ئوقاي دىسەڭلات،كىتابخانىلارغا كىرىڭلار      



پارولمەنۇ پارولمەن         


ھېچنىمىنى بىلمەيمەن      


ئۇنى
بۇنى سورىساڭ      


گەپ
قىمايمەن،دىممەيمەن





*****************************














يايرىم
كېتىمەن دەيدۇ

   مەن كەتكىلى قويمايمەن

يوللىرىغا سىم تارتىپ

توكقا ئۇلاپ قويىمەن


*


جاھان
تۇتسا نادانلار، تۆرگە چىقار ساراڭلار ،

كاۋا پەسكە ساڭگىلاپ ئىگىز ئۈسەر باراڭلار

    سۇ تۇشىغان خار بۇلۇر،كۇزا چاققان ئەتىۋار ،

ھەقىقەتنىڭ بىلىنى ئېگەرغەيۋەت پاراڭلار


**


قىيىن
ئىش يوق ئالەمدە،

دادىسى باي ئادەمگە



********


پۇرسەت
كۈتۈپ تورغانلارغا ئەمەس٬ باشلىقنىڭ بالىلىرىغا مەنسۈپ. ئالىم بولۇپ جاھاننىڭ
جاپاسىنى تارتقۇچە ساراڭ بۇلۇپ جاھانغا جاپا سال


**************************


بالا:
دادا،دادا مۇئەللىم ئىشەكنى تەسۋىرلەپ ماقالە يېزىپ كىلىڭلار دىدى.


دادا: يازغىن بالام ئاسانغۇ      


   بالا: لىكىن دادا ھازىر شەھەرلەرگە ئىشەك كىرگىلى قويمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن
ھازىرغىچە ئىشەكنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام قاندا يازىمەن
.         


دادا: ۋوي راس ئەمدى قاندا
قىساڭ بولا         


بالا: دادا ئامال تاپتىم
. قارا سەن ماڭا مەنمۇ تۇنۇيدىغان ، سەنمۇ تۇنۇيدىغان ، ھەممىز بىلىدىغان ئىشەككە ئوخشايدىغان
، ئۇنى كۆرسە ھەممە ئادەم ئىشەك كۆرگەندەك بولىدىغان ، سېسىغ نامى پۇر كەتكەن
بىرەر نەسە مىسال ئەپ بەرگىنە شۇنىلام يازاي
.         


دادا: بىلدىم بىلدىم
دىلنار ئابدۇللانى يازساڭ بۇلىدىكەن بالام .         


بالا: توغرا رەھمەت دادا. لىكىن مۇئەللىم ھازىرقى دەۋىر ئەكىس ئەتسۇن دىگەنتى..         


دادا: ئۇندا بوسا ئۇنىڭ قىزىنى يازە بالام
..-         


*********************


بىرساقچى
تۇيۇقسىزلا دوختۇر بوپ قاپتۇ،بىر دوختۇر تۇيۇقسىزلا ساقچى بوپ قاپتۇ
فانتازىيە دەپ تۇرايلى،بىر كۈندىلا ئىككىسىنىڭ كەسپى ئاشۇنداق ئۆزگىرىپ قاپتۇ،بىراق كەسپىي مىجەز
يەنە شۇپپىتى،ئۇلاريىڭى خىزمتىنى باشلاپتۇ
          دوختۇرئەسلىدىكى ئىش سوراقچى ساقچى):          -گەپ قىلەراستڭنى ئېيت گۇي،نەرىڭ ئاغرىيدۇ،قانداق بىئارام بولىۋاتىسەن،ھەممىنى تاپشۇر         
-ھە،شۇ ئاخشام بالىلار سىرتتا تاماق يىگەن،كەچتە ئۆيگە قايتقاندا،قورسىقىم مۇجۇپ ئاغرىپ،ئىچىم
سۈرۈپ،ھالىم بوشاپلا كەتتى……         
-يەنىچۇ،تولۇق دە
         
-ئاندىن بەك ياندۇرۇپ
كەتتىم……          -نىمىلەرنى
ياندۇردۇڭ،ھە
!!تاماقمۇ ياكى قان ئارىلاشمۇ……مانداق
ئىنىق ،ئىنىق دىمەمسەن-بولە تېز
          -شۇ……شۇ ……تاماقلا
بار شۇ……          -كۆرگەنلىرىڭنى ئىنق
دە……راستىڭنى ئېيتساڭ ئۇكۇل سالمايمىز ،بولمىسا ،سەن گۇينى بالنىستقا
سولاپ،چىڭمىيسۇ بىلەن ئاللا توۋاڭنى كۆرسىتىۋىتمەن
          -دوختۇر،كۆرگەنلىرىمنىڭ
ھەممىسى شۇ……راستمىي          -ھىڭ،سەن
كىسىلىڭنى يوشۇرۋاتىسەن،خەپ،مىنى ئامالى يوق دىمە،كىلىڭلار
ھاي سېسىتىرا ماياققا كېلىڭ،ماۋۇ كىسىلىنى تاشۇرمايۋاتىدۇ،بۇنى ئېپ چىقىپ
رىنتىگىنغا سېلىپ،قېنىنى تەكشۈرۈپ،سى تى غا تىقىڭلار،كىسىلىنىڭ ئاشكارلانمىغىنى
مەن بىر كۆرەي،شۇ ۋاقىتتا يەنە تىنىۋالغىنىڭنى كۆرەيلى،يۇۋاش بول
!!          -ماڭا ئۇۋۋال بولدى……         
سېستىرالار كىسەلنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى……         
ساقچى
ئەسلىدىكى دوختۇرسوراق باشلىدى         
-قېنى ئولتۇرۇڭ،قېنى ھودۇقماڭ،ئىسمىڭىز نىمە؟
         
-xxxc          -يىشىڭىز؟         
-30ياش          -ھە……قېنى نىم
بولغانتى؟          -ئاغىنەم بىلەن
دىيىشىپ قالغان……قارىسام پىچاق كۆتۈرەپ كەلدى……شىۇنىڭ بىلەن مانا ئەمسە دەپ
قولىدىن تارتىۋىلىپ،تىقىپلا ۋەتتىم         
-ھە……ياخشى،شۇ ۋاقىتتا دوستىڭىزدا قانداق ئالامەتلەر
بولغان……          -قاندا
بولىتى،ئاغزىنى بۇزۇپ
كۆزلىرى قىزىرىپ،تىللىرىنى ساڭگىلىتىپ،ئېتىلىپ كەلدى شۇ……         
-شۇ مەزگىلدە،يەنە باشقا ئۇسۇللارنى قوللاندىڭىزمۇ         
-نىمە ئامال قوللىناتتىم،قاچتىم
شۇ……          -پايدىسى
بولغانمۇ          -بوممىدى،ئۇ گۇي
مەندىن تېز يۈگۈرىدىكەن……         
-بۇنىڭدىن بۇرۇن ،مۇشۇ ۋەقەلەر
بولغانمۇ؟          -بۇرۇن
مۇشتلىشاتتىم،تىقاتتىم
شۇ……          -ھە……ئۇنداق بولسا
كونا مىجەز قوزغىلىپتىدۇدە……مانداقىلايلى،ئەھۋالىڭىزنى بىرەر قۇر بىلدىم……بۇ
ئەھۋال ئېغىرراق ئىكەن،ۋاقتىدا سەۋەپ قىلمىساق بولمىغۇدەك،ھېلىمۇ ئۈلگىرىمىز،سىزگە
ئاۋۋال بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرەيلى،شۇ جەرياندا سىزنى ئەتراپلىق كۆزەتمىسەك
بولمايدۇ،ئەھۋالىڭىز سەل ياخشى بولغاندا،سىزنى تەپتىشقا يۆتكەيمىز،ئۇلار تەكشۈرۈپ
ئىنىقلىغاندىن كىيىن،سىزگە بەلكىم ئون يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسى بېرىدۇ،ھە
بولامدۇ،ئەگەر بۇلار پايدا قىلماي قالسا،ئاندىن سىزنى ئىتىپلا ۋەتسەكمۇ
ئۈلگۈرىمىز،ماقۇل مۇ؟ ئۆيدىكىلەربىلەن ياخشى دىيىشىپ كىلىڭ ھە……ماقۇل شۇنداق
بولسۇن،         
كىيىنكىسى……          ئۇف……ئەسلى
ئاخىرى بار ئىدى،ما ئۆيدە ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بېرىپ قالدى،شۇڭا
……     

*******************************





جىڭ
خۇتەنچە يۇمۇر!!! بىي كۈنى لوپنىڭ ھاڭگىيدىن توختىقۇناخۇن ۋە توخنىيزاخۇن
ئىسىملىك ئىككى ئەدەم بىلەك دولەتكە چىكەتمەكچى
بۇلاپ مېڭىپ چگراغا كىلىپ شۇندا,,,قالىسا بىر مۇنچە كالاڭ شەپكۇلۇك ساقچىلا قالاپ تۇرىتمىش
شۇنىڭ ۋىلەن بۇلنىڭ كىنىشكىسى بومىغاندىكىن قاندا قىلساق بۇلىرا
ئەمدە ما ئاداشلا مىيەدە قالاپ تۇغۇچەئاخسۇغا چىقىپ پاختا تىرىپ جېننى باقسا بومايىتقانمىتۇ مۇنا,,,قاندا ئۈتەمىزا بىز ئەمدى مىيەدىن دەپ,بېشى
قېتىپ تۇسا,,,توختىىقۇناخۇننىڭ كاللىسقا بىي
ئەقىل كىپ ھاي ھاي توخنىيزاخۇن
قالاڭلا
ئاداش ئا يەدە بىي مۇنچە كالا ئوتلىغىل تۇرۇپتۇ,ئاشۇنڭدىن ئشىككىنى ئۆلتۈرۇپ ھاما سۇياپ تىرىسكە
يۆگىنەپ
ئۈتەپ كىتىلە ماخما دىىشىگە,توخنىيزاخۇن قۇپاپ ئۇندا قىلساق بۇلاما ئاداش,دىسە توختىقۇناخۇن
قۇپاپ بۇتۇ بۇتۇ
ئاداش,ئۇلا بىزنى كالا چاغۋا دەپ قاتۇ ئوتلىغان بۇلاپ ئۈتەپ كىتىتمىزيا ئەينا قالا,دسە
توخنىيزاخۇنمۇ راس زادى
ئاداش ئايىندا قىللە ئايىندا قىللە بۇلاڭلا ئەمسە دەپ,ئشىككى كالنى ئۆلتۈرۈپ تىرىسنى كىيىپ ئوتلىغاندا بۇلاپ مېڭىپ چىگرىغا يېقنلاشقاندا,قوقاپ كەتكەن توخنيزاخۇن ھوي ھوي
توختىقۇناخۇن توختىقۇناخۇن
ئالدىرماي ماڭىلە قالاڭلا قالاڭلا ئالدىمىزدا بىي كالاڭ شەپكۈلۈك ساقچى بىزگە مۇندۇ,,,,قالىغىل تۇدى
دىسە, توختىقۇناخۇن قۇپاپ
ئا,,,,,,ي توخنىيزاخۇن ھىيىتتىگ ھىيىتتىگ ماڭىلە سللە ئۇندا دىگىنىڭلا ۋىلەن
قالاڭلا
ئاقىمىزدىن بۇقا كەگۈلتۇدى ئەينا دىيىتمش !!!!!!!!!!


******************


بىر
چۈمۈلە بىر پىلغا ئاشىق بوپقاپتۇ ، كۈندە ئاپىسىغا پىلنى ئالىمەن دەپلام يۈردىكەن
ئاپىسنىڭ نەسىھەتلىرىنىمۇ ئاڭلىمايدىكەن. بىر كۈنى مەن سۆيگۈنۈم بىلەن كۈرۈشۈپ
كىلىمەن دەپ سەھەردە يولغا چىقىپ ئۆمىلە-ئۆمىلە پىشىم بىلەن پىلنىڭ ئىشىكىگە كىلىپ
ۋاقرايدىكەندە ، ھوي رۇقۇيە-ھوي رۇقۇيە پىلنىڭ ئاپىسى چىقىپ قىزىمنى چاقىرۋاتقان
كىمۇ؟ دەپ قارىسا ھىچنىمە يوق بىر ۋاختا ئالدىدا كىچچىككىنە بىر چۈمۈلە ھەدە
رۇقۇيە يوقما دىگىدەك ، يوق تۇققانلارنىڭكىگە كەتكەن نىمە ئىشىڭ بار ؟، باشقا
ئىشمۇ يوق شۇ قىزىڭىز كەپقالسا قارا ئوروق بىر بالا ئىزدەپ كەپتىكەن دەپ قويىڭە


************








ئەڭ ئاخىردا بۇ يىلىقى ھېيتىلىق سەنئەت كىچىلكى ھوزۇرىڭىزلەردە:





چىقمىسا:


http://v.youku.com/v_show/id_XNjIxNTk3MDcy.html




uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 16:26:45

ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيەسى قۇربان ھىيت كېچىلىكى














http://v.youku.com/v_show/id_XNjIyMDY2ODEy.html

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 16:40:59

ماۋۇ ئۇماق قىزنىڭ ناخشىسنى ئاڭلاپ بېقىڭلار


elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 18:50:29

ئىلى تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ قۇربان ھىيتلىق سەنئەت كىچىلىكىنى توردىن كۆرگىلى بۇلارمۇ؟

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 20:59:57



خەتنى ئوقۇغىلى بولمىدىغۇ؟

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 00:25:31

\"\"

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 09:21:56

قېرىنداشلارغا ھېيتلىق سالام!



ھەممەيلەنىڭ خىزمەت .ئۆگىنىش ئىشلىرىغا بەرىكەتلەر بولغاي~



خاتىرە دەپتىرىمدە يىغىپ قويغان بىرقىسىم ياقتۇرغان ئەسەلەر باتى، دوستلارغا سۇنغۇم كەلدى. ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۈدىدارنىڭ مۆمۈنتازىدىن كەلگەن(moments wechat مۇشۇنداق دەپ ئاتاپ كۆنۈپ قاپتىمەن،مۆمۈنتاز پاراڭلىرى ). كۆپ قىسىم ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى نامەلوم بولغاچقا مەنبە ئەسكەرتىمىدى.



********



مېھرلىك نىدالار ناغرا چالىدۇ ،

چۈشۈمدىن كېلىدۇ سۇنايلار ئۈنى

ئېسىمدە بىر چاغلار ئەتە ھېيت دىسە

كۆزلەردە ئۇيقۇ يوق ئىدى شۇ تۈنى.

تۇراتتۇق ئەتسى خورازدىن بۇرۇن ،

باشلايتى جان دادام مومام ئۆيىگە .

بىردۆۋە توپىغا قوناق چاچاتتۇق ،

شەبنەملەر قوناتتى ئانام كۆزىگە .

ئاق قوچقار سوياتتۇق بىسمىللا بىلەن ،

مەن بىر جۈپ پۇتىنى تۇتۇپ بېرەتتىم .

ھاممىلار تاغىلار يوقلاپ كېلەتتى ،

قوللاردىن ئالدىراش پۇللار تېرەتتىم .

تۆت يىل يات ئەلدە سەرسانمەن مانا ،

ھېيت بولغان ئۆيۈڭنى سېغىندىم ئانا

*************************



مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا ،ئەتە ھېيىت دىسە كىچىچە كۆزدە ئۇيقۇ يوق، يېڭى كىيىملەرنى قايتا قايتا كىيىپ باقاتتۇق، ئەتتىگەندە نامازغا ماڭغان ۋاقىتتا يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ يولغا سالاتتىڭىز ، نامازدىن يېنىپ ئۆيگە كىرگەندە ئۆيدە مەززىلىك تاماقنىڭ ھىدى كىلەتتى ، قېرىنداشلارنىڭ جەم بولىشىنى كۈتۈپ تاقىتىمىز تاق بولاتتى،شۇ ۋاقىتلاردا بىزگە ھېيىت بولاتتىكەن ، ئەمما مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا، ئەل مەھەلىدە دوستلار بىر بىرىمىزگە ھېيىتلىق يىغقان پۇللىرىمىزنى كۆز كۆز قىلىپ قانداق خەجلەشنى پىلانلاپ بولاتتۇق ، قۇربانلىق سويۇلغان ھامان كاۋاپ قىلىشاتتۇق،مەھەللىدە ھەممە ئۆيگە دىگۈدەك كىرىپ بولاتتۇق،شۇنداق خوشال كەيپىياتتا ھەممىنى ئۇنتۇپ قالاتتۇقيۇ لىكىن ھېيىت بازىرىنى ئۇنتۇلمايتتۇق،بىزگە شۇ ۋاقىتلاردا ھېيىت بولاتتىكىن،ئەمما مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا، ئۆيگە تىزغان نەرسىلەرنى ئوغۇرلۇقچە يەۋېلىپ قېنى دىسە كۆرمىدىم دەيتتۇق،ئەمما چاندۇرۇپ كۈلۈپ سالاتتۇق، ساڭزا سالسىڭىز قەستەن سۇندۇرۇپ قويۇپ سۇنۇخكەن دەپ يەۋالاتتۇق،ئۇرۇغ تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالساق ھەممە جاينى قالايمىقان قىلىپ ئۆينى بېشىمىزغا كىيەتتۇق،ئاندىن قاتتىقراق گەپ ئاڭلىغاندا توختاپ قېيدىغىلى تۇراتتۇق،بىزگە شۇ ۋاقىتلاردا ھېيىت بولاتتىكەن،ئامما مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا، ھەر قېتىم ھېيىت كەلگەندە كۆز ياشلىرىڭىز ئارلاش سالىمىڭ ھەم دۇئايىڭ كىلىدۇ،سىزگە تەسەللىي بىرەلەيمەنۇ ئامما ئۆزۈمگە تەسەللىي ئىزلەپ تاپالماي قالىمەن،ئۆيدە گۆش سالدىم كىلىپ يەۋەلغىن دەپ چاخچاق ئارلاش قىلغان سۆزلىرىڭىزگە پەقەت مەن ئۈچۈن سىز قوشۇپ يەڭ دىيىشتىن باشقا ياخشىراق سۆز تاپالمايمەن،ئۆيدە بولغان بولسام ھە ،ھەي ئىسىت دەپ لىۋىمنى چىشلەپ قالغان چاغلىرىمدا پەقەت ئەتراپىمدىكى ياتسىرىغان مۇھىتتىن تەسەللىي ئىزلەيمەن،مىنى يايراتقىنى ئاشۇ توپىلىق كوچاڭكەنتۇق،شۇنچە كەڭرى بىر شەھەردىن يايرىغۇدەك بىر جاي تاپالماي قالدىم،ۋەتەنسىزلىكتىن ئارتۇق غېرىپلىق يوقكەن،قېرىنداشسىز،ئەل مەھەلىسىز،ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ توپىلىق كوچىڭىزسىز مەن مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا،ئەتكەن لەغمىنىڭىزنى،نىمە تاماق ئىتىمەن دىگىنىڭىزدە مەيلىڭىز دىسەم ئوغۇل بالا دىگەن دىتى يوق بولسا ،ئۆزىگە چۇشلۇق كۆز قارىشى بولمىسا بولمايدۇ دەپ مىنى چوقۇم تاماققا ئىسىم قويغىلى سالغان ۋاقىتلىرىڭىزنى سېغىندىم ئانا،ئاشۇ ۋاقىتلارسىز ماڭا ھېيىت بولمايدىكەن، دوستلار بىلەن شوخلۇق قىلىپ مەھەلىنى بېشىمىزغا كىيىپ يۈرسەك بىرى كىلىپ توسىمايدىغان ،بىز بىلەن بىللە ئويناپ كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالىدىغان مەھەلىدىكى چوڭ دادىلارنىڭ يانچۇقىدىن ئازغىنە كەمپۈتلەرنى ئېلىپ بىزنى خۇشال قىلىشلىرى، ھېيىت پەتىسى دەپ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ بولۇشلىرىمىز،ئاشۇ ۋاقىتلاردا ماڭا ھېيىت بوپتىكىن ،ھازىر ماڭا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا، تۇنجى ئۆيدىن ئايرىلغاندا ئەمدى ئۇچىدىغان بولدۇم دەپتىكەنمەن ، ئەمەلىيەتتە خاتالىشىپتىمەن ، مىنى ئۇچۇرىدىغىنى مۇساپىر شەھرى ئەمەسكەن،ئۆيدىن ئايرىلغاندا ئەمدى نىمە قىلسام باشقۇرىدىغان ئادەم يوققۇ دەپتىكەنمەن ، ئەمەلىيەتتە مەن ئەركىن ئەمەسكەنمەن ، مىنى ئۇچۇرغىنى شۇ توپىلىق كوچاڭكەن،مىنى ئەركىن قىلىدىغىنى شۇ سەھريى قىيامەت ئىكەن ، ئەمدىلىكتە مۇساپىرلىققا تۇتقۇن بولۇپ شۇ توپىلىق كوچاڭنى سېغىنىۋاتىمەن ، ماڭا شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ھېيىت ئاخىرلىشىپتۇ، ماڭا ئەمدى ھېيىت بولمايدىكەن ئانا، تاكى مۇساپىرلىقنىڭ تۇتقۇنلىقىدىن قۇتۇلمىغۇچە ، تاكى ئاشۇ توپىلىق كوچاڭغا يالاڭ ئاياغ دەسسىمىگۈچە ،تاكى ئاشۇ ۋاقىتلارغىچە ماڭا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا، چۈنكى مەن بىر مۇساپىرمەن ،ياتسىرىغان ،غېرىپسىنغان ،تېشىدا ھېيىت ئىچىدە بولسا ماتەم تۇتقان مۇساپىرمەن ، دۇئايىڭىزغا يىغا ۋە سېغىنىش ئارلاشتۇرغان ، ئۆيدە قالغان كىيىملەر بىلەن كۆڭلىڭىزنى ئاۋۇندۇرۇشقا ئۇرۇندۇرغان غېرىپ مۇساپىرمەن ، يېڭى دوستلىرىدىن ئۆزىگە خۇشاللىق ھەم تەسەللىي ئىزلەيدىغان مۇساپىرمەن، يېغىپلا تۇرسا مىھىر يامغۇرى، يۈرىكى كىىمنىڭ ئاڭا چىلاشماس، ئىنسانىي سۆيگۈدە ئىنساننى سۆيسەك، قايسى بىر يۈرەك ئىشىكنى ئاچماس، سۆيگۈدۇر زىننەت سۆيگۈدۇر سۇبات، مىھىر مۇھاببەت ئىنسانغا قانات، ماڭا ئەمدى ھېيىت بولىدۇ ئانا،چۈنكى مەن دوستلىرىمدىن مىھىر كۆردۈم، مىھىر بەردىم،ئاللاھ بەندىسىنى كۆزدىن ئايرىسا ھاسىدىن ئايرىمايدىكەن،مۇساپىر قىلغان ئاللاھ سەپەرداشلىرىمنى،ئۇلارنىڭ مىھرىنى ماڭا ھەراھ قىلدى . الحمد الله !







***********



كونۋېرىتقا پاتسام گەر ئانا

ئويچان گۆدەك



كونۋېرىتقا پاتسام گەر ئانا،

خەت ئورنىغا ئۆزۈم باراتتىم.

ئوچاقلارغا قالىساڭ شادا،

ئۆزۈم بىرىپ كۆتەك ياراتتىم،



شاڭخەيلەردىن تەبئىي گاز ئىلىپ،

شادا ئورنىغا گازنى قالايىتتىم.

ئايىغىڭغا بىشىمنى قويسام،

دەم ئالساڭچۇ بەكمۇ خالايىتتىم.



قۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلساڭ سەن،

ئەسسالام دەپ ئۆيگە كىرەتتىم.

ئۆستەڭلەردىن توشىساڭ لاي سۇ،

زەم زەم ئىلىپ ساڭا بىرەتتىم.



چىدىمايسەن تۇخۇم يىيىشكە،

ئۆزۈم بىرىپ پاقلان سوياتتىم.

بوزەك قىلسا زالىملار سېنى،

مۇشتۇم بىلەن راسا قوياتتىم.



كۈندە ھاشار،مەجلىس بەك تولا،

بارسام ئەگەر ئۆزۈم ئاچاتتىم.

بىر قولۇمدا قانۇننى ئىلىپ،

زالىملارغا گەندە ئاتاتتىم .



سانىسا خەق تاشنى قولىدا،

ئىنتىگىرالدا قۇمنى سانايمەن.

ھوقۇق تۇتسا تۇتسۇن يولىدا،

بولمىسا مەن بىرىپ ئالايمەن.



دىففىرىسىنئال ئۆگەندىم بۈگۈن،

يىشىلمەكتە كاللامدا تۈگۈن،

تاش سانىسا مەن قۇم سانايمەن،

زالىملارنى قىلىمەن سۈرگۈن.



( ئىچكىردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قەلىب ساداسى)

ئاپتورى:ئويچان گۆدەك   مەنبە:ئۆز قەلىمىم.

**********************************************************************



قىزىق- قىزىق پاراڭلارنى سالايلى مۇنداق ھېيت دېگەندە



بۇرۇن بىر قوي باقىىدىغان ئادەم بار ئىكەن. بىر كۈنى بىر كاستىيوم كەيگەن بىرەيلەن كىلىپ- قويلىرىڭنى نىمە بىلەن بېقىۋاتىسەن؟ دىسە. ھېلىقى ئادەم: ـ ئاشقان ـ تاشقاننى بىرىپ بېقىۋاتىمەن دەپتۇ.ھېلىقى ئادەم:- مەن سەھىيە ئىدارىسىدىن. قويلارنى بۇنداق خورلىسىڭىز بولمايدۇ. دەرھال 10000 يۈەن جەرىمانە تۈلەڭ ـ دەپ جەرىمانە ئېلىپ كىتىپتۇ. يەنە بىر قانچە كۈندىن كىيىن يەنە بىر ئادەم كىلىپ. قويلىرىڭنى نىمە بىرىپ بېقىۋاتىسە ـ دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى ئادەم ـ مەن قويلارغا ئادەمگىيا، بۇغا مۈڭگۈزى قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بېقىۋاتىمەن ـ دىسە ئۇ ئادەم ـ مەن يىتىم ـ يىسىرلارنى قۇتقۇزۇش ئورنىدىن . سەن قويلارنى بۇنداق قىممەت باھالىق نەرسىلەر بىلەن باقساڭ بولمايدۇ، دەپ يەنە 10000 يۈەن جەرىمانە ئاپتۇ.شۇنداق قىلىپ يەنە بىر قانچە كۈندىن كىيىن يەنە بىر ئادەم كەپتۇ. ئۇ ئادەم يەنە قويلارغا نىمە بىرىپ بېقىۋاتىسە؟ دىسسە. ئۇ ئادەم مەن قويلارغا ھەركۈنى 10 يۈەن بىرىمەن. كۆڭلى نىمىنى تارتسا شۇنى ئېلىپ يەيدۇ دىگىدەك

******************************



بىز خەنزۇچە سەۋىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ،بەزىبىر تۇرمۇش سۆزلىرى تەرىپىدىن قايماقتۇرۇلغان ھەم نۇمۇر تارتقۇزۇپ قويغان……شۇنداقمۇ   ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىمۇ ئاسان ئەمەس،ئەگەر مۇشۇنداق ئىمتىھان بولسىدى،تىل ئۆگەنگۈچىلەرنى تازا قېينايتتۇق تە……   باشلىدۇق……   پارول   



   1.   مەمەت:ھەي ھەسەن،ماڭا ماۋۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى دەپ بەر   

ھەسەن:ماڭەۋا،ئۆزەڭ ئۆگەنسەڭ بولمامدۇ   

مەمەت:ئاغزىڭنى يۇمۇپ،تېز مانىڭ جاۋابىنى دەپ بەر   

سوئال:ھەسەن جاۋاپ بېرەمدۇ ياكى ئاغزىنى يۇمۇپ تۇرامدۇ؟   



2.   سەمەت:ھەي نۇرى،مايەرگە كىلە،ماڭا ياردەم قىل   نۇرى:ۋاي ئالدىراش ماڭدىم ھازىر   سەمەت:ۋاي ئىشىڭنى قىلە،تېز كەل بولە……   سوئال:سەمەت نۇرىنى ئۆز ئىشىنى قىل دىمەكچىمۇ ياكى ياردەم قىل دىمەكچىمۇ؟   



3.   ئا:ۋاي ئاداش،ھالىڭ پەسقۇ ،نىم بولدۇڭ؟

   ب:ۋاي،سەن سورىما،مەن ئېيتماي   

سوئال:دەردىنى زادى دەمدۇ دىمەمدۇ؟   



4.   ئەلى:ۋاھ ۋاھ،ماۋۇ كىينىشىڭىزدىن رەڭلىك شاتۇتقا ئوخشاپ قاپسىز……ھاھا   

پەرى:ۋاي چىشىمغا تەگمەڭە……   

سوئال:ئەلى گەپ قىلىپ تۇردىمۇ ياكى قولى بىلەن پەرىنىڭ چىشىنى تۇتتىمۇ؟   



5.   ھاشىم:ئىدىش،نىم قىۋاتىسلەر؟   ئۆمەر:ياتقىلى قوپقان   سوئال:ئۆمەر ياتامدۇ ياكى قوپامدۇ؟   



6.   “مەن قاچان چوڭ بولىمەن،يايرىم بىلەن تەڭ بولىمەن……”   

سوئال:يۇقىرىدىكى جۈملىدە ئۇيغۇر ئوغۇللىرىنىڭ يېشىنىڭ چوڭ بولۇش سۈرئىتى قىزلارنىڭكىدىن تېز بولىدۇ دىگەن گەپمۇ؟   



7.-مىنڭىچە سەندەك ئادەم ساراڭ قىلىدىغان ساراڭلار،ئادەمنى ساراڭ قىلمىۋەتمىسە،باشقا ئادەمنى ساراڭ قىلمايدىغان ساراڭلار،ئادەمنى ساراڭ قىلالمايدۇ……   سوئال:زادى كىم ساراڭ؟   



8.   تاشپولات:كىتابىمنى كۆرگەن يېرىڭ بارمۇ؟   

   نەبى:كىم كۆرۈپتۇ كىتابىڭنى……   سوئال: كىم تاشپولاتنىڭ كىتابىنى راست كۆرگەنمىدۇ؟   



9.   ئەر:تېز كېلىپ ماڭا ماۋۇ ئۈستەلنى تۇتۇشۇپ بېرە……

   ئايال:ۋاي ھازىر قولۇم بىكار ئەمەس!   ئەر:ماڭەۋا،تېز كىلە!   

سوئال:ئەر ئايالنى ماڭ دىمەكچىمۇ كەل دىمەكچىمۇ؟   



10.   -ۋاي ۋۇي ،ماۋۇ كىچىك بالىلار مىڭەمنى يەپ كەتتىغۇ……كىتىشە مىڭىشە!   سوئال:كىچىك بالىلارئايالنىڭ مىڭىسىنى يەۋاتامدۇ ياكى……؟   



11.ئا:بەك مۇزلاپ كەتتىم ،ۋۇ~

   ب:ئىسسىق چاي ئىچ،سوغۇقنى ھەيدەيدۇ   

ئا:ئەجەپ ئىسسپ كەتتىما،پاھ پاھ   

ب:ئىسسىق چاي ئىچ،ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ   

سوئال:ئىسسق چاي زادى نىمە ئىش قىلىدۇ؟   



12.بالا:ئەتە ئوقۇش باشلايتتى،شۇڭا كىتاپلىرىمنى تاشلاپ بېرە!

دادا:ئەكىلە كىتاپلىرىڭنى،بىر تاشلاپ بېرەي

سوئال:دادا كىتاپلارنى بىر يەرگە تاشلىۋىتەمدۇ ياكى……؟   



13.باغ ئىچىدە ئولتۇرسام ،بىرقىز كېلىپ ياندىدى

    قىزغا قولۇم تەڭلىسەم،بۇ پەيلىڭدىن يان دىدى

   ئەگەر مىنى ياقتۇرساڭ،بولغىن ياراملىق ئوغۇل

   ئەل ۋەتەننىڭ ئىشقىدا گۈلخان بولۇپ يان دىدى

    سوئال:يان دىگەن سۆزنىڭ نەچچە مەنىسى بار؟   



14.   بالا:ئاپا ،لەغمەن يىگۈم يوق،كەمپۈت يەيمەن

ئاپا:پوق يە،يىگىنە تامىقڭىنى ئاز گەپ قىلىپ

سوئال:بالا زادى نىمە يەيدۇ؟   



15.   ئايال:ماۋۇ كىيىملەرنى سىلۋىتىڭە،بەك مەينەت ئىكەن

ئەر:بىر سالىمەن مانى،سالمايمەن

سوئال:ئەر زادى سالامدۇ سالمامدۇ؟   



16.   بالا:دادا،قازانغا ئوتنى ياقايمۇ؟

دادا:ياق

سوئال:دادىسى قوشۇلدىمۇ قوشۇلمىدىمۇ؟   



17.بالا:ئاكا،مىنىڭ چاپىنىمنى كۆردۈڭمۇ؟ تاپالمىدىمغۇ؟

    ئاكا:ئاشۇ يەردە تۇرمامدۇ،ھېلى بارسام چاپاننى كۆزۈڭگە تىقىۋىتىمەن

سوئال:چاپان ئىنىسىنىڭ كۆزىگە پاتامدۇ؟   



18.   ئا:ئاخشام نەگە باردىڭ؟

ب:كىنوغا بارغان،ئايال ئەرتىس سەت چىرايلىق ئىكەن

سوئال:ئايال ئەرتىس سەتمۇ چىرايلىقمۇ؟   



19.   بۇ يىل ھۆل يىغىن بەك كۆپ بولغاچقا ،پاختىچى دېھقانلارنىڭ پاختىلىرى نەم تارتىپ پاختىلىشىپ كەتتى.

      سوئال:پاختا كۆپىيىپ كەتتىمۇ ياكى زىيان بولدىمۇ؟   



20.   ماۋۇ پارولنىڭ ما يازغان بىرنىمىسىنى چۈشەندىڭلارمۇ؟

چۈشەندۇق

سوئال:راست چۈشەندىڭلارمۇ ياكى……   ئۇف……ئەمدى بۇ بەدىئي ياكى ئەدەبىي ئەسەر ئەمەس،ئىچ پۇشقىمنى چىقىرىش ئۈچۈن يازغان،مىنىڭ ئىچ پۇشىقىم چىقىدۇ،سىلەرنىڭ ئىچىڭلار پۇشۇدۇ شۇ……   ئەگەر ياخشى ئەسەر،ياخشى مەزمۇن ئوقاي دىسەڭلات،كىتابخانىلارغا كىرىڭلار   



پارولمەنۇ پارولمەن   



ھېچنىمىنى بىلمەيمەن   



ئۇنى بۇنى سورىساڭ   



گەپ قىمايمەن،دىممەيمەن







*****************************

يايرىم كېتىمەن دەيدۇ

‏مەن كەتكىلى قويمايمەن

‏يوللىرىغا سىم تارتىپ

‏توكقا ئۇلاپ قويىمەن



*



جاھان تۇتسا نادانلار، تۆرگە چىقار ساراڭلار ،

‏كاۋا پەسكە ساڭگىلاپ ئىگىز ئۈسەر باراڭلار

‏سۇ تۇشىغان خار بۇلۇر،كۇزا چاققان ئەتىۋار ،

‏ھەقىقەتنىڭ بىلىنى ئېگەرغەيۋەت پاراڭلار



**



قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،

دادىسى باي ئادەمگە

********



پۇرسەت كۈتۈپ تورغانلارغا ئەمەس٬ باشلىقنىڭ بالىلىرىغا مەنسۈپ. ئالىم بولۇپ جاھاننىڭ جاپاسىنى تارتقۇچە ساراڭ بۇلۇپ جاھانغا جاپا سال



**************************



بالا: دادا،دادا مۇئەللىم ئىشەكنى تەسۋىرلەپ ماقالە يېزىپ كىلىڭلار دىدى.



‏دادا: يازغىن بالام ئاسانغۇ   



‏بالا: لىكىن دادا ھازىر شەھەرلەرگە ئىشەك كىرگىلى قويمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھازىرغىچە ئىشەكنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام قاندا يازىمەن .   



‏دادا: ۋوي راس ئەمدى قاندا قىساڭ بولا   



‏بالا: دادا ئامال تاپتىم . قارا سەن ماڭا مەنمۇ تۇنۇيدىغان ، سەنمۇ تۇنۇيدىغان ، ھەممىز بىلىدىغان ئىشەككە ئوخشايدىغان ، ئۇنى كۆرسە ھەممە ئادەم ئىشەك كۆرگەندەك بولىدىغان ، سېسىغ نامى پۇر كەتكەن بىرەر نەسە مىسال ئەپ بەرگىنە شۇنىلام يازاي .   ‏



دادا: بىلدىم بىلدىمدىلنار ئابدۇللانى يازساڭ بۇلىدىكەن بالام .   



‏بالا: توغرا رەھمەت دادا. لىكىن مۇئەللىم ھازىرقى دەۋىر ئەكىس ئەتسۇن دىگەنتى..   



‏دادا: ئۇندا بوسا ئۇنىڭ قىزىنى يازە بالام ..-   



*********************



بىرساقچى تۇيۇقسىزلا دوختۇر بوپ قاپتۇ،بىر دوختۇر تۇيۇقسىزلا ساقچى بوپ قاپتۇ(فانتازىيە دەپ تۇرايلى)،بىر كۈندىلا ئىككىسىنىڭ كەسپى ئاشۇنداق ئۆزگىرىپ قاپتۇ،بىراق كەسپىي مىجەز يەنە شۇپپىتى،ئۇلاريىڭى خىزمتىنى باشلاپتۇ:   دوختۇر(ئەسلىدىكى ئىش سوراقچى ساقچى):   -گەپ قىلە!راستڭنى ئېيت گۇي،نەرىڭ ئاغرىيدۇ،قانداق بىئارام بولىۋاتىسەن،ھەممىنى تاپشۇر   -ھە،شۇ ئاخشام بالىلار سىرتتا تاماق يىگەن،كەچتە ئۆيگە قايتقاندا،قورسىقىم مۇجۇپ ئاغرىپ،ئىچىم سۈرۈپ،ھالىم بوشاپلا كەتتى……   -يەنىچۇ،تولۇق دە!   -ئاندىن بەك ياندۇرۇپ كەتتىم……   -نىمىلەرنى ياندۇردۇڭ،ھە!!تاماقمۇ ياكى قان ئارىلاشمۇ……مانداق ئىنىق ،ئىنىق دىمەمسەن-بولە تېز!   -شۇ……شۇ ……تاماقلا بار شۇ……   -كۆرگەنلىرىڭنى ئىنق دە……راستىڭنى ئېيتساڭ ئۇكۇل سالمايمىز ،بولمىسا ،سەن گۇينى بالنىستقا سولاپ،چىڭمىيسۇ بىلەن ئاللا توۋاڭنى كۆرسىتىۋىتمەن!   -دوختۇر،كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى شۇ……راستمىي   -ھىڭ،سەن كىسىلىڭنى يوشۇرۋاتىسەن،خەپ،مىنى ئامالى يوق دىمە،كىلىڭلار!ھاي سېسىتىرا ماياققا كېلىڭ،ماۋۇ كىسىلىنى تاشۇرمايۋاتىدۇ،بۇنى ئېپ چىقىپ رىنتىگىنغا سېلىپ،قېنىنى تەكشۈرۈپ،سى تى غا تىقىڭلار،كىسىلىنىڭ ئاشكارلانمىغىنى مەن بىر كۆرەي،شۇ ۋاقىتتا يەنە تىنىۋالغىنىڭنى كۆرەيلى،يۇۋاش بول!!   -ماڭا ئۇۋۋال بولدى……   سېستىرالار كىسەلنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى……   ساقچى (ئەسلىدىكى دوختۇر)سوراق باشلىدى   -قېنى ئولتۇرۇڭ،قېنى ھودۇقماڭ،ئىسمىڭىز نىمە؟   -xxxc   -يىشىڭىز؟   -30ياش   -ھە……قېنى نىم بولغانتى؟   -ئاغىنەم بىلەن دىيىشىپ قالغان……قارىسام پىچاق كۆتۈرەپ كەلدى……شىۇنىڭ بىلەن مانا ئەمسە دەپ قولىدىن تارتىۋىلىپ،تىقىپلا ۋەتتىم   -ھە……ياخشى،شۇ ۋاقىتتا دوستىڭىزدا قانداق ئالامەتلەر بولغان……   -قاندا بولىتى،ئاغزىنى بۇزۇپ,كۆزلىرى قىزىرىپ،تىللىرىنى ساڭگىلىتىپ،ئېتىلىپ كەلدى شۇ……   -شۇ مەزگىلدە،يەنە باشقا ئۇسۇللارنى قوللاندىڭىزمۇ   -نىمە ئامال قوللىناتتىم،قاچتىم شۇ……   -پايدىسى بولغانمۇ   -بوممىدى،ئۇ گۇي مەندىن تېز يۈگۈرىدىكەن……   -بۇنىڭدىن بۇرۇن ،مۇشۇ ۋەقەلەر بولغانمۇ؟   -بۇرۇن مۇشتلىشاتتىم،تىقاتتىم شۇ……   -ھە……ئۇنداق بولسا كونا مىجەز قوزغىلىپتىدۇدە……مانداقىلايلى،ئەھۋالىڭىزنى بىرەر قۇر بىلدىم……بۇ ئەھۋال ئېغىرراق ئىكەن،ۋاقتىدا سەۋەپ قىلمىساق بولمىغۇدەك،ھېلىمۇ ئۈلگىرىمىز،سىزگە ئاۋۋال بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرەيلى،شۇ جەرياندا سىزنى ئەتراپلىق كۆزەتمىسەك بولمايدۇ،ئەھۋالىڭىز سەل ياخشى بولغاندا،سىزنى تەپتىشقا يۆتكەيمىز،ئۇلار تەكشۈرۈپ ئىنىقلىغاندىن كىيىن،سىزگە بەلكىم ئون يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسى بېرىدۇ،ھە بولامدۇ،ئەگەر بۇلار پايدا قىلماي قالسا،ئاندىن سىزنى ئىتىپلا ۋەتسەكمۇ ئۈلگۈرىمىز،ماقۇل مۇ؟ ئۆيدىكىلەربىلەن ياخشى دىيىشىپ كىلىڭ ھە……ماقۇل شۇنداق بولسۇن،   كىيىنكىسى……   ئۇف……ئەسلى ئاخىرى بار ئىدى،ما ئۆيدە ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بېرىپ قالدى،شۇڭا……  



*******************************

جىڭ خۇتەنچە يۇمۇر!!! بىي كۈنى لوپنىڭ ھاڭگىيدىن توختىقۇناخۇن ۋە توخنىيزاخۇن ‏ئىسىملىك ‏ئىككى ‏ئەدەم بىلەك دولەتكە چىكەتمەكچى بۇلاپ مېڭىپ چگراغا كىلىپ شۇندا,,,قالىسا بىر مۇنچە كالاڭ شەپكۇلۇك ساقچىلا قالاپ تۇرىتمىش شۇنىڭ ۋىلەن بۇلنىڭ كىنىشكىسى بومىغاندىكىن قاندا قىلساق بۇلىرا ‏ئەمدە ما ‏ئاداشلا مىيەدە قالاپ تۇغۇچە‏ئاخسۇغا چىقىپ پاختا تىر‏ىپ جېننى باقسا بومايىتقانمىتۇ مۇنا,,,قاندا ‏ئۈتەمىزا بىز ‏ئەمدى مىيەدىن دەپ,بېشى قېتىپ تۇسا,,,توختىىقۇناخۇننىڭ كاللىسقا بىي ‏ئەقىل كىپ ھاي ھاي توخنىيزاخۇن قالاڭلا ‏ئاداش ‏ئا يەدە بىي مۇنچە كالا ‏ئوتلىغىل تۇرۇپتۇ,ئاشۇنڭدىن ‏ئشىككىنى ‏ئۆلتۈرۇپ ھاما سۇياپ تىرىسكە يۆگىنەپ ‏ئۈتەپ كىتىلە ماخما دىىشىگە,توخنىيزاخۇن قۇپاپ ‏ئۇندا قىلساق بۇلاما ‏ئاداش,دىسە توختىقۇناخۇن قۇپاپ بۇتۇ بۇتۇ‏ ‏ئاداش,‏ئۇلا بىزنى كالا چاغۋا دەپ قاتۇ ‏ئوتلىغان بۇلاپ ‏ئۈتەپ كىتىتمىزيا ‏ئەينا قالا,دسە توخنىيزاخۇنمۇ راس زادى ‏ئاداش ‏ئايىندا قىللە ‏ئايىندا قىللە بۇلاڭلا ‏ئەمسە دەپ,ئشىككى كالنى ‏ئۆلتۈرۈپ تىرىسنى كىيىپ ‏ئوتلىغاندا بۇلاپ مېڭىپ چىگرىغا يېقنلاشقاندا,قوقاپ كەتكەن توخنيزاخۇن ھوي ھوي توختىقۇناخۇن توختىقۇناخۇن ‏ئالدىرماي ماڭىلە ‏قالاڭلا ‏قالاڭلا ‏ئالدىمىزدا بىي كالاڭ شەپكۈلۈك ساقچى بىزگە ‏مۇندۇ,,,,قالىغىل تۇدى دىسە, توختىقۇناخۇن قۇپاپ ‏ئا,,,,,,ي توخنىيزاخۇن ھىيىتتىگ ھىيىتتىگ ماڭىلە سللە ‏ئۇندا دىگىنىڭلا ۋىلەن قالاڭلا ‏ئاقىمىزدىن بۇقا كەگۈلتۇدى ‏ئەينا دىيىتمش !!!!!!!!!!

******************

بىر چۈمۈلە بىر پىلغا ئاشىق بوپقاپتۇ ، كۈندە ئاپىسىغا پىلنى ئالىمەن دەپلام يۈردىكەن ئاپىسنىڭ نەسىھەتلىرىنىمۇ ئاڭلىمايدىكەن. بىر كۈنى مەن سۆيگۈنۈم بىلەن كۈرۈشۈپ كىلىمەن دەپ سەھەردە يولغا چىقىپ ئۆمىلە-ئۆمىلە پىشىم بىلەن پىلنىڭ ئىشىكىگە كىلىپ ۋاقرايدىكەندە ، ھوي رۇقۇيە-ھوي رۇقۇيە پىلنىڭ ئاپىسى چىقىپ قىزىمنى چاقىرۋاتقان كىمۇ؟ دەپ قارىسا ھىچنىمە يوق بىر ۋاختا ئالدىدا كىچچىككىنە بىر چۈمۈلە ھەدە رۇقۇيە يوقما دىگىدەك ، يوق تۇققانلارنىڭكىگە كەتكەن نىمە ئىشىڭ بار ؟، باشقا ئىشمۇ يوق شۇ قىزىڭىز كەپقالسا قارا ئوروق بىر بالا ئىزدەپ كەپتىكەن دەپ قويىڭە.

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 10:35:28

Muzakkar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 21:24:38

ھېيىتمۇ ئاتا-ئانا بار ۋاقىتتا تاتلىق بۇلىدۇ...... \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 11:12:31

2- قەۋەتتىكى uquhuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ ئۇماق قىزنىڭ ناخشىسنى ئاڭلاپ بېقىڭلار






كىمنىڭ ئۇماق قىزى بۇ، سىننى ئوبدان ئىشلەپتۇ.. كېلەر قېتىم سىنغا ئالغاندا، قىزچاق ئۇدۇل ياكى ئېگىز قارىسۇن، يەرگە قارىۋالمىسۇن.

qurwan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 23:43:53

- نەگە ماڭىدڭلار؟

- ھېيت نامىزى ئوقىغىلى.

- مەسچىت بۇياقتا قالدىغۇ؟

- بىز مەكتەپتە ئوقۇيمىز.{:136:}

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 08:39:50

يۇمۇرلار بوپ قويىدىكەن.

qurwan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 12:17:29

8- قەۋەتتىكى Muzakkarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھېيىتمۇ ئاتا-ئانا بار ۋاقىتتا تاتلىق بۇلىدۇ...... \"\"

شۇنداقكەن، بىزدەك يېتىملار ھېيتتا خۇشال يۈرەلمەيدىكەنمىز.
بەت: [1]
: 2013-يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كىچىلكى