adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 18:14:22

ھېيتلىق تاقا تۇقۇ پاراڭلار[كۆچۈرۈلمە]

ئەسسالام ئىزدىنىش ئەھلى ئۇزۇن بولۇپتۇ دىدارلاشمىغىلى،ئالدى بىلەن ئۇلۇغ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ھېيتىنى قۇتلۇقلايمەن.ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.ئەتتىگەندە نامازدىن قايتىپ ئۈندىدارنى ئېچىپ ئۇرۇق تۇققان، ئەل ئاغىنىلەر بىلەن بىرەرقۇر سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن دوستلار چەمبىرىكىدىكى دوستۇم <<پارول>>يوللىغان تۆۋەندىكى گەپلەرنى كۆرۈپ قاتتىق كۈلۈپ كېتىپتىمەن،مۇساپىرچىلىقتىكى كۆڭۈل غەش ئۆتكۈزگەن ھېيتتا بۇلاربىر ئاز بولسىمۇ پۇچۇق كۆڭلۈمگە كۈلكە ئاتا قىلالىدى.ئەمىسە قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ئەسلى يازمىغا كېلەي:


-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم......ھېيتىڭلار قايداراق بولاۋاتىدۇ؟.......مېنىڭچە ياخشى جۇما،ماۋۇ بەزى ئىشلارنى دىمەي بولمىدى. ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن:


1.قوي ئالدۇق،چوڭلار بىرنى مەن بىرنى،مەھەللىدى لىپمۇلىق قوي،قوي دېگەننىڭغۇ چىرايى ئوپمۇ ئوخشاش بولىدىكەن،شۇنىڭ ئۈچۈن قويغا بەلگە قويۇپ پەرقلەندۈرەيلى دېيىشىپ بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇردى........-قانداق بەلگە سالىمەن؟ دادام:-باشقىلاردىن پەرقلەنگۈدەك بولسىلا بولدى. مەن:-ئىسىم قويايما؟دادام:-توۋا ئىسىم قويۇپ چاقىرىساڭ ھە دەمتى؟ مەن:-مە~~~~~~دەيدۇ. دادام:-چوپچوڭ بوپ قالغاندا تۈزۈك گەپ قىل! مەن: كەينىدىن رەسىم تارتىۋالايما؟دادام: ھەي قاشاڭ!مۇنداق دۈمبىسىگە رەڭ بىلەن بەلگە ئۇرامسەن،ياكى ئېسىپ قويامسەن بىرنىمە قىلمامسەن!    مەن: ھە راست ھە....قوينى بۈگۈن ئالدۇق،ئۈرۈمچىدە سويىمىز،ئەتە ھېيت...دېمەك....دەرھال سومكامدىن قەلەم قەغەز ئېلىپ بىرنېمىلەرنى يازدىمدە،يىپ بىلەن قوينىڭ بوينىغا ئېسىپ قويدۇم. قوينىڭ بوينىدىكى"新AA1015دېگەن خەتنى كۆرۈپ دادامنىڭ ماڭا گەپ قىلغۇسى كەلمەي كىرىپ كەتتى...چوڭ بوپقالدى ئەمەسمۇ،ئۇسساپ قالغاندۇ.


2.بۈگۈن ھېيت نامىزىدىن يېنىپ قوي سويۇش باشلىنىپ كەتكەن ئىدى،بىزمۇ بالدۇرراق سويۇپ،تېزراق قازانغا سېلىپ،چاققانراق پشۇرۇشنى ئويلايتتۇق...توۋا،قوينى تاپالمىدۇق،بۇ قوي دېگەن ئوپمۇ ئوخشاش بىر بىرىگە،بىرنى تۇتىمىز ئەمەس،يەنە بىرنى تۇتىمىز ئەمەس...دادام تېرىكەتتى:ھەي! قېنى ئاۋۇ شىن ئا ئون ئونبەشىڭ!؟ساڭا ئېنىق بەلگە سال دېسەم! خەپ خەپ......مەن: مۇنداقمۇ يە؟ ئاخشام قوينى قانۇنسىز توختىتىپ قويغان بولساق،جاۋجىڭ سۆرەپ كەتمىگەندۇ؟. تېرىكىپ تۇرغان دادام قولىنىڭ كەينىنى شۇنداق قاتتىق سىلكىدى.....توۋا،بوي پاكار بولسىمۇ ياخشىكەن،بىرمېتىر سەكسەن دادام ئاتقان شاپىلاق بىرمېتىر ئەللىك بويۇمنىڭ ئۈستىدىن ۋىزززز قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئاخىرى قانداقلا بولمىسۇن قوينى تېپىۋالدۇق.


3.قوي سويۇش جەريانى جىددى،ئالدىراش،قانلىق بولغاچقا باشقا ئىشلار يۈز بەرمىدى،دادام ئا يەرنى تۇت دېسە تۇتتۇم،بولدى دېسە قويىۋەتتىم،پەقەت شۇ دادام پىچاقنى بەر دېسە ئۇچلۇق تەرىپىنى تەڭلەپ قويغىنىمنى،قوينى ئاسىدىغان چاغدا ئۈندىداردا گەپ قىلىمەن دەپ قولۇمدىن چۈشۈرۈۋەتكىنىمنى،قېرىننى تازىلا دېسە قېرىننى بالدۇر تېشىۋېلىپ ئېقىتىپ ماڭغىنىمنى ھېساپقا ئالمىغاندا ھېچقانچە چوڭمۇ ئىش يوق...


4.مانا قازاندا مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆرىۋېتىپ يېرىم بولۇپ قالغان شورپا قايناۋاتىدۇ...ئەمدى باشقا گەپلەرگە كېلەيلى.


5.دېسەم يەنە شۇ ھېيتلىقنىڭ ئىشى،ھەدەم ئاكاملارغا ھېيتلىق بەر دېسەم ئۈندىداردىكى ئويۇنۇمغا يۈرەك ئېۋەتىپلا قۇتۇلۇشتى...


6.قايسى كۈنى ئايالىم بازارغا چىقماقچى بولىۋىدى،ئۇنىڭغا ماڭا ھېيتلىق نەرسە ئالغاچ كەل،مەنمۇ يېڭى كىيەي دېسەم پايپاقتىن بىرجۈپ ئالغاچ كەپتۇ،ئەمدى باشقىلار يېڭى نەرسە كەيگىنىمنى بىلمەي قالمىسۇن دەپ ئاياقنىڭ تېشىغىلا كىيىۋالدىم.


7.نېمىشقىدۇ ئۆزئۆيۈمدە پەقەت گۆش يېگۈم كەلمەيدۇ،باشقىلارنىڭكىدە بولسا ھېچنىمە كۆرمىگەندەكلا قىلىپ كېتىمەن. ئەلۋەتتە، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەيمىزدە.


8.چوڭلارغا رەنجىپ:دائىم ئون سوملا بېرىسىلەر ھېيتلىقنى ،يەنە كېلىپ بىرلا ۋاراق، باشقىلارغا ئاتا ئانىسى ئون ۋاراق بېرىدىكەن دېگەنتىم روزى ھېيتتا،بۇدا دادام ماڭا بىر سوملۇقتىن ئوننى بەردى.....مەرد ئادەمدە.


9.قۇربانلىق قىلغان قوينىڭ گۆشىنى ئاتا ئانا،ئۇرۇق تۇققان،دوست بۇرادەرلەرگە ھەدىيە قىلىدىغان ئېسىل ئەنئەنىمىز بار،مەندە ئاچىچىق ئۈچەي بىلەن يۇيمىغان قېرىن بار،قايسىڭلارغا بەرسەم بولار؟


10.ھېيتنىڭ خاسىيىتى يەنىلا بارلىق خاپىلىقنى يوق قىلىپ بىر بىرىنى كەچۈرىۋېتىش،شۇڭا خوتۇن،ئاخشام مېنى مورلاپ ۋاسكىتبولنىڭ سېۋىتىدەك قىلىۋەتكەن ئىشىڭنى چوڭلارغا دېمەي بولدى.


11.ماۋۇ ئۆپكە ھېسىپ قويايلى دەپ ئايالىم ماڭا يوغان جاۋۇرغا ئۆپكىنى قانسىرىتىپ قۇيۇڭ دېگەنىدى،ئەمدى قانداق قىلارمەن...قىزغۇچ تۇرسا ئۆپكە ئوخشايدۇ دەپ،ئايالىمنىڭ يېڭى ئالغان سۇس قىزىل سومكىسىنى چىلاپ قويۇپتىمەن.


12.يەنە دەيدىغىنىم ،ماۋۇ ئۇلۇغ ھېيتتا شاراپ ئىچمەڭلار،ھېيتنىڭ بەركىتى بولمايدۇ،نەس باسىدۇ،شۇڭا دوستلار: خوشە! مانى كۆتۈرىۋېتەي.


13.ھېيتتا چوڭلارنىڭ ئۆيىنى ھېيتلاش،ئۇلارنى يوقلاش ئېسىل ئەنئەنە،شۇڭا ماۋۇ چوڭلارغا دەيدىغىنىم،ئۆيلىرىمىزگە كەلگۈچە يولدا دىققەت قىلارسىلەر.


14.ھېيت كۈنى سىرتتا ئادەم كۆپ،ماشىنا كۆپ،شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى:قاتناش قىستاڭچىلىقى بار يەردە ئامال بار لابا دېگەننى ئۆلگۈدەك بېسىڭلار.......


ئۇف.......سەل چارچاپ قاپتىمەن،كىچىككىنە ئېغىنىۋالاي.           پارول.



adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 02:35:56

16- قەۋەتتىكى jewlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئادىلگاڭ، باركەنلا....


تاققا تۇققالار ئېسىل چىقىپتۇغۇ ، كۈلمەي دىسەممۇ كۈلۈنۈپ كېتىۋاتىدۇ \"\" \"\"




ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام جەۋلانباي ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى رەھمەت\"\"




qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 18:39:08

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بىرگە بولسۇن. قىززىق گەپلەركەن. \"\"

ئىزدىنىشتىكى ھەممەيلەننىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن.  بۈگۈن «مىنىڭ» قەدرىم تازا ئۆتكەندۇ ھە باللا.   {:92:}    كۈندە سويۇۋەرگەندىن كىيىن بۈگۈن بىر ئارام ئالاي دەپ نامازدىن يېنىپلا ئۆينىڭ قۇربانلىقىنى سويىۋىتىپ، تىلفۇننى تاقاپ گۆش پىشۇرۋاتسام قوشنام كىرىپتۇ قوينى سويۇپ بەسە دەپ. چىقماي دىسەم تېخى. چىقىپ سويغىلىۋاتسام ئەل ئاغىنە تونۇش بىلىشلەر ئولىشىۋالدى. ياق دەي دىسە تېخى سەت تۇرغان. شۇنداق قىلىپ سويمايمە دەپ تۇرۇپ ئەسىرگىچە 18 نى سويۇپتىمەن.

  30 كىلودىن ئارتۇق گۆش چىقىدىغان بىر قوچقارنى سائەتكە قاراپ تۇرۇپ 6 مىنۇت 40 سىكىنۇتتا پاكىز سويۇپ گۆشىنى تەييار قىلىپ بەرسەم ھەممىسى ئاغزىنى ئېچىپ قالدى. \"\"   بۇ 12_قويتى. ھارغىنىمنىڭ، تولاۋەرگەننىڭ ئاچچىغىدا غەزەپ تىز سويۋىتىپتىمەن.  \"\"

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 19:06:52

ئەتىگەن تېخى دوستلار چەمبىرىكىدە كۆرگەنتىم ،،،،،،،،،،،،،بەك قىززىقكەن

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 19:39:56

بۇگۇن دادام بىلەن شەھەردىكى توققانلارنىڭ ئۆيىگە ھىيتلىغان ئىدۇق ،شالىي ۋاڭغا دادامنىڭ ئاغىنىلىرى مەسۇمكام بىلەن سۇنۇركاممۇ چىقىۋالغان ئىدى ،شەھەرگە كىرىپ كوچىدا چارلاپ يۇرگەن بىرىۋنىكنى كورۇپ دادام :ۋۇي سۇنۇر مۇنۇ تانكىنى كوردۇڭمۇ گازارمىغا مىڭىپتۇدە دىگەنتى ،سۇنۇركام ۋۇي بۇ تانكا ئەمەستۇ بىرىۋنىك دەيدىغاندۇ دىسە مەسۇمكام ھىلىقى ئاۋئاماتكا دىگىنى مۇشۇمۇ يا ،،دەيدۇ،،، \"\"

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 20:20:47

بۇگۇنكى ھىيت يولدا ئۆتۇپ كەتتىدە، ئەتىگەندە 7:30 ناماز باشلايدىكە دىسە

تاس قاپتىمەن دەل ئۇلگۇرۇپ بارغىلى،

بارغاندىكىن بالدۇرراق باراي .ئون مىنۇت جەينامازدا ئولتۇرغانغا توڭلاپ كەتمەسمەن،

دەپ بالدۇر بارغىنىمغا، سالاتقا ئاران ئۇلگۇرۇپتىمەن، ئەسلى ئورۇنلاشتۇرۇشتا 7:30 دە تۇگۇتۇشكەن ئەمەسمۇ،

خاتا ئۇقىۋاپتىمەن.

ھوي نىمە دەپ يۇرىمەن ،ما ھەبىسسڭلارغا سالام قىلماي.

قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ،

نامازنى تىچ ئامان ئوقىۋىلىشلىما !

لىكىن ئا قاسساپنىڭ قەدىرى بەك ئۆتەلدى جىما!!!!

دادامنىڭ چەكچىيىپ تۇرۇپ « غازنىڭ قانىتىدەك ئاغىنىلىرىڭنىڭ ئارسىدا

قاسساپتىن يوققو ھەقىچان»

دىيىشىگە - بار دادا بار ،

دەپ يۇرۇپ ئىككى سائەت قاسساپقا پۇت تۇتۇشۇپ بىرىپ ئاران ئەكىلىپتىمەن .

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 21:24:44

ھەنىم بولسا باچكا يوللىغان سىنغا قاراپ تىزلام ئۈگىنىۋالدىمدە

شۇنىڭ بىلەن قوينى سويۇپ كەتتىم ئۆزۈم ھاردۇقۇم چىقتى رەھمەت باچكا

سىلەرمۇ ئۆزۈڭلار سويغانسىلەر باللار ھىچ بولمىسا بىسمىللا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ پىچاق سۈرگەنسىلەر

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 22:21:01

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! \"

ماۋۇ ئەتىگەندە ئېۋۇ قاسساپنى تۆت قوي سوياپ بولغۇچە شاگىرتىدەك كەينىدە يۈرۈپ ئاران سويدۇرۇۋالدىم دە قوينى. بېشىنى ئۆزۈم كەستىم جۇما لېكىن



مانا ھازىر داستىخانغا دۆۋىلەپ قويدۇق، ھەقاسسلىرىنى ئېغىز تەگسۇن دەپ؟

Estami يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 01:18:18

قاسساپ نېمە تېز سويسىز قويىنى ، ھۈنۈرڭىزنى ئۆگەنسەم بولغۇدەك .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 14:05:30

دادامنىڭ چەكچىيىپ تۇرۇپ « غازنىڭ قانىتىدەك ئاغىنىلىرىڭنىڭ ئارسىدا

قاسساپتىن يوققو ھەقىچان»

دىيىشىگە - بار دادا بار ،

دەپ يۇرۇپ ئىككى سائەت قاسساپقا پۇت تۇتۇشۇپ بىرىپ ئاران ئەكىلىپتىمەن





قىزىقارلىق كەن ما ئىنكاس

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 14:15:12

Yorungkax1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 17:54:08

ۈندىدار خەۋىرى:

. جىددى ‏ئۇختۇرۇش!ھازىرمەركىزى خەلىق تىلىۋىزىيە ‏ئىستانسى 2.قانىلداجىددى خەۋەر تارقالدى بۇگۇندىن باشلاپ ‏ئۆردەك .غاز.تۇخا .گۇشى يىمەڭلار ۋە ھەرقانداق تىگى پاكىزە بولمىغان گۆشنى يىمەڭلار (بۇلۇپمۇ ‏ئىچكىردىن ‏ئاچققان ھەرقانداق گۆش ۋە تۇخا ‏ئۆردەك غاز قوي ‏ئۆچكە دىگەندەك )‏ئۆزۇڭلار ‏ئىشەنجە قىلغاندىن باشقا چۇنكى بۇگۇن لياۋنىڭ دىن خاڭجۇ غا يۆتكىگەن5570دانە ‏ئۆي قۇشى [‏ئەيدىز]ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان خاڭجۇ شەھرى بۇگۇن جىددى ھالەتكە ‏wئۆتكەنلىك ‏‏ئۇقتۇرشىنى چىقاردى ..... تارقىتىپ قۇيۇڭلار 紧急通知:刚刚中央二套电视新闻己播出、暂时别吃、鸡肉、鸭肉或肉制品,因辽宁到杭州5570头家禽感染了艾滋病。杭州刚开完紧急会议。请尽量多通知亲朋好友!!!收到请转 !!越快转越好! 谢谢 ⋯10.14

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 18:51:53

10- قەۋەتتىكى Yorungkax1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۈندىدار خەۋىرى:

. جىددى ‏ئۇختۇرۇش!ھازىرمەركىزى خەلىق تىلىۋىزىيە ‏ئىستانسى 2.قانىلداجىددى خەۋەر تارقالدى بۇگۇندىن باشلاپ ‏ئۆردەك .غاز.تۇخا .گۇشى يىمەڭلار ۋە ھەرقانداق تىگى پاكىزە بولمىغان گۆشنى يىمەڭلار (بۇلۇپمۇ ‏ئىچكىردىن ‏ئاچققان ھەرقانداق گۆش ۋە تۇخا ‏ئۆردەك غاز قوي ‏ئۆچكە دىگەندەك )‏ئۆزۇڭلار ‏ئىشەنجە قىلغاندىن باشقا چۇنكى بۇگۇن لياۋنىڭ دىن خاڭجۇ غا يۆتكىگەن5570دانە ‏ئۆي قۇشى [‏ئەيدىز]ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان خاڭجۇ شەھرى بۇگۇن جىددى ھالەتكە ‏wئۆتكەنلىك ‏‏ئۇقتۇرشىنى چىقاردى ..... تارقىتىپ قۇيۇڭلار 紧急通知:刚刚中央二套电视新闻己播出、暂时别吃、鸡肉、鸭肉或肉制品,因辽宁到杭州5570头家禽感染了艾滋病。杭州刚开完紧急会议。请尽量多通知亲朋好友!!!收到请转 !!越快转越好! 谢谢 ⋯10.14

بۇمۇ ھېيتلىق تاقا تۇقىمىكەن يا ؟ئۆي قۇشلىرىنى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپتۇ دېگەن گەپنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلىشىم بوپتۇ ماۋۇ ،  شۇنچە تەشۋىقاتلار تۇرسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ  ئاشقازان كىسلاتاسىدا ئۆلىدىغانلىقىنى  ، يېمەكلىكتىن يۇقمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ كۆپلىكىگە ھەيرانمەن

RaZiL17 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 20:16:06

10- قەۋەتتىكى Yorungkax1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۈندىدار خەۋىرى:

. جىددى ‏ئۇختۇرۇش!ھازىرمەركىزى خەلىق تىلىۋىزىيە ‏ئىستانسى 2.قانىلداجىددى خەۋەر تارقالدى بۇگۇندىن باشلاپ ‏ئۆردەك .غاز.تۇخا .گۇشى يىمەڭلار ۋە ھەرقانداق تىگى پاكىزە بولمىغان گۆشنى يىمەڭلار (بۇلۇپمۇ ‏ئىچكىردىن ‏ئاچققان ھەرقانداق گۆش ۋە تۇخا ‏ئۆردەك غاز قوي ‏ئۆچكە دىگەندەك )‏ئۆزۇڭلار ‏ئىشەنجە قىلغاندىن باشقا چۇنكى بۇگۇن لياۋنىڭ دىن خاڭجۇ غا يۆتكىگەن5570دانە ‏ئۆي قۇشى [‏ئەيدىز]ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان خاڭجۇ شەھرى بۇگۇن جىددى ھالەتكە ‏wئۆتكەنلىك ‏‏ئۇقتۇرشىنى چىقاردى ..... تارقىتىپ قۇيۇڭلار 紧急通知:刚刚中央二套电视新闻己播出、暂时别吃、鸡肉、鸭肉或肉制品,因辽宁到杭州5570头家禽感染了艾滋病。杭州刚开完紧急会议。请尽量多通知亲朋好友!!!收到请转 !!越快转越好! 谢谢 ⋯10.14

  مانا يۇمۇر دىگەن ..خە خە ..بۇ قۇشلار ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ سالدىمۇ يا ؟ ياكى يامان ئىش قىلىپ قويدىمۇ ..ۋاي شور پىشانىلەر \"\"

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 20:30:48

ئىككى كۈندىن بىرى چەمبىرەكتە مودا بولغان گەپلەرنىڭ ھەممىسى ماۋۇ تىمىغا يىغىلىپ قاپتۇ. قىنى ما لۈكچەكلەر، كىرسەڭلا ماۋۇ تىمىنى قىزىتىشمايمىزمۇ.  {:92:}  

@tadubeg

@GoodLuck

@pinhan

@yuksel

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 14:53:53

قوينى بۇندان جاپادا سۇيۇپ باقماپتىكەنمەن نەچچە يىلدىن بىر تاغىلىرىم ياردەملىشىپ سۇيۇشۇپ بىرەتتى لىكىن بۇ يىل ئۈزۈم سۇياي دىگەنگىمۇ تويدۇم .

باشنى كىسىپ بۇلۇپ راسا بىر پۈۋلەپ دۇمباقتەك قىلىۋەتكەندىن كىيىن تېرىسىنى ئاجىرىتىمەن دەپ تاس قالدىم بىر چىرايلىق تېرىنى غەلۋىردەك قىلىۋەتكىلى 8-9 دەك يەردىن تۈشۈك ئېچىۋەتتىمغۇ دەيمەن . يامان يىرى ئىچىنى ئېلىش بولدى پىچاقنى ئايىماي سېلىپ قېرىننى يېرىپ قۇيۇپ تاس قالدىم قېرىننى قوينىڭ قارنىغىلا تۆككىلى ھېلمۇ بەك چوڭ يېرىلماپتۇ دەرھال ئىنىمنى چاقىرىپ قېرىننىڭ پىچاق تەككەن يىرىنى چىڭ تۇتقۇزىۋېىپ ئۈچۈينى سۇغۇرۇپ قېرىننى پەم بىلەن ئاجىرىتىۋالدىم . سائەتكە قارىسام ساپساق 2 سائەتتە ئاران سويۇپ بوپتىمەن .

لىكىن سويۇپ بۇلۇپ ئۈزۈمچە خوش بوپقالدىم \"\"

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 21:15:29

مەن بەش يىل بۇرۇن 10 مىنۇتتا بىر قوي سويۇپ بولغانغا يۈز كوي ئۇتتۇرۇۋەتكەن. ماۋۇ قاسساپ تېخىمۇ ۋەھشىكەن.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:13:01

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئادىلگاڭ، باركەنلا....

تاققا تۇققالار ئېسىل چىقىپتۇغۇ ، كۈلمەي دىسەممۇ كۈلۈنۈپ كېتىۋاتىدۇ  {:92:}  \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:23:05

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ھەممىڭلارنىڭ ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .

بۇ پارول پاناقنى مۇنبەرگە ئەكىرىپ بولالمىدۇق،بىرەر تېمىغا يۇمۇرلىرىنى يوللاپ قوياي.
بەت: [1]
: ھېيتلىق تاقا تۇقۇ پاراڭلار[كۆچۈرۈلمە]