تاشپولات: قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەسسالام ئەلايكۇم ئىزدىنىش تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار،قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! سىزلەرنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك، خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىللە ئىلىم-پەندە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن! ئىزدىنىش تورىنى خەلقىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل توربەتلەردىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەممىمىز بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى! مەن ىزدىنىش تورى بىلەن باغداش تور بېتىگە كىرگەندىن بېرى كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمدىن ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. قېرىنداشلىرىمنىڭ سوئاللىرىغا ئوز ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ بىراق كەلگەن خەتلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن بەزى قېرىنداشلىرىمغا جاۋاب خەت قايتۇرالمىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن بۆلىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز مەندىن بېرە جاۋاب خەت تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولسىڭىز ئېغىر كۆرمەي ماڭا خەت يازغانلىق توغرىلىق قايتا خەت ئەۋەتىپ قويۇشۇڭلارنى ئومۇت قىلىمەن!
ھۆرمەت بىلەن تاشپولات روزى
بۇ رەسىم لوس ئانجىلىستىكى ئۆيىمىزدە تارتىلغان. ساڭزىلارغا مەرھەمەت!
داسقىنىڭىزنى ساڭزىنى سالغان خانئاچىمىزنىڭ قولىغا دەرت تەگمىسۇن. يات ئەلدە ساڭزىنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم، سىلەر بارجايدا قۇربانلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟
قۇربانلىق قىلىش ئىشىنى قىلىش جەريانىڭلارنى بىلگۈم بارتى. ( مالال قىلىدىغان بولدۇم)
قۇربان ھېيتقا مۇبارەك بولسۇن. ئامىرىكىدىمۇ داستىخان مۇشۇ يەرگە ئوخشاش تىزىلىپتۇ،بەركەت ياغسۇن تاشپولاتكا سىزنىڭمۇ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! تاشپولاتكا سىزنىڭ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، ئالتۇن بويىڭىز ئامان بولسۇن! قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن تاشپولات ئاكا ! ئىزدىنىش تورىغا قەدەم تەشرىپ قىلغاندىن بويان تولىمۇ ئېسىل تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز ، ھارمىغايسىز بىرگە بولسۇن ئاكا،،ھىيتلاردا قايماقلىق ئەتكەنچايلارنى تازا سىغىندىغانسىلەر ھى،،ئامىرىكىنىڭ كالا سۇتىدىن قىلغان ئەتكەن چاي يەنىلا توققۇستارنىڭ كالا سۇتىدىن ئەتكەن چايغا ئوخشىماس ھە،،

بۇگۇن سۇرئەت چىقمايدىغۇ تاڭ . . . ئۆزىڭىزدىن بولسۇن!
(ھازىر ئۆيدە ئۆزى ساڭزا سالىدىغانلار راستلا ئازلاپ كەتتى) بارلىق ئەزىزلەرنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن! ھەر نەپسىڭلارغا ئالەمچە بەرىكەتلەر تىلەيمەن! ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بىرگە بولسۇن!
ھېيتىمىزغا مۇبارەك بولسۇن! تاشپولاتكام ۋە بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
تاشپۇلات روزى ئاكىمىز قاتارىدىكى ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلارغا قۇربان ھېيتلىق سالام! ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن
تاشپولاتكا ئامىرىكىدا تىرىك قوي تاپالمىغانسىلەر ھەقچان

2- قەۋەتتىكى tawlan7نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يات ئەلدە ساڭزىنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم، سىلەر بارجايدا قۇربانلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟
قۇربانلىق قىلىش ئىشىنى قىلىش جەريانىڭلارنى بىلگۈم بارتى. ( مالال قىلىدىغان بولدۇم)
Tawlan7 ئۇكام، مەن تۇرغان يەردىن ماشىنا بىلەن 25 كىلومېتىر يول باسسام قوي باقىدىغان چارۋىچىلىق رايونىغا بارغىلى بولىدۇ. شۇ يەرگە بېرىپ قوينى ئوزىمىز تاللاپ سويۇۋالىمىز. قوينىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ خەلق پۇلىغا 600 سومدىن 1200 سومغىچە بولىدۇ.
7- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىرگە بولسۇن ئاكا،،ھىيتلاردا قايماقلىق ئەتكەنچايلارنى تازا سىغىندىغانسىلەر ھى،،ئامىرىكىنىڭ كالا سۇتىدىن قىلغان ئەتكەن چاي يەنىلا توققۇستارنىڭ كالا سۇتىدىن ئەتكەن چايغا ئوخشىماس ھە،،![]()
ئەتكەن چاي توققۇستارانىڭكىگە يەتمەيدۇ ئەلۋەتتە. بىراق بۇ يەرنىڭ سۈتلىرى ھەم قايماقلىرى خېلى سەرخىل. چوڭلار كەلسە بەك ماختايدۇ. لوس ئانژلىستە ئەتىگىنى 5 ئاپقۇر ئەتكەنچاي ئىچىدىغان ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ بار تېخى.

14- قەۋەتتىكى uchkur1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن
تاشپولاتكا ئامىرىكىدا تىرىك قوي تاپالمىغانسىلەر ھەقچان![]()
مەن تۇرغان يەردىن ماشىنا بىلەن 25 كىلومېتىر يول باسسام قوي باقىدىغان
چارۋىچىلىق رايونىغا بارغىلى بولىدۇ. شۇ يەرگە بېرىپ قوينى ئوزىمىز تاللاپ
سويۇۋالىمىز. قوينىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ خەلق پۇلىغا 600 سومدىن 1200
سومغىچە بولىدۇ.
بەت:
[1]
2